ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىدىكى بەش خىل سىنارىيە

ئاپتور: جامىس لەندېل
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئا. سەردار زاغئوغلى
ئۇرۇشلاردا جەريان ئۆزگىرىپ قالىدىغان پەيتلەر بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ۋلادمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدا يۈز بەردى.
دەسلەپتە، روسىيەنىڭ تېز ھەرىكىتىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غەلبىنى قولغا كەلتۈرىشىدىن ئەنسىرىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەھۋال باشقىچە بولۇپ چىقتى. ئۇكرائىنانىڭ ئۈنۈملۈك قارشىلىقى نەتىجىسىدە روسىيە قىسىملىرى كىيېۋ ئەتراپىدىن چېكىنىپ چىقتى. ئەمدى بولسا، روسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرق تەرىپىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ھەربىي كۈچىنى بۇ رايونغا يىغماقتا.
خوش ئۇنداقتا، 100 نەچچە كۈندىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان بۇ ئۇرۇشنىڭ ئالدىدا قانداق ئېھتىماللار بار؟
بىرلىكتە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان 5 خىل سىنارىيەنى تەھلىل قىلىپ چىقتۇق.
1) ئۇپرىتىش ئۇرۇشى
ئۇرۇش نەچچە ئاي ھەتتا نەچچە يىل داۋاملىشىشى مۇمكىن. نەتىجىدە روسىيە ۋە ئۇكرائىنا قوشۇنلىرى بىر – بىرىنىڭ كۈچىنى خورىتىۋېرىدۇ. بەزىدە بىر تەرەپ ئىلگىرلىسە، يەنە بەزىدە قارشى تەرەپ پايدا ئېلىشى مۇمكىن. ھەر ئىككى تەرەپ ۋاز كېچىشنى خالىمايدۇ. روسىيە پرېزىدىنتى پۇتىن، غەرب دۆلەتلرىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن بىزار بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي كرىزىسكە ۋە خىتاي تەھدىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئستىراتېگىيىلىك سەۋرچانلىق كۆرسىتىشى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن، غەرب دۆلەتلىرى ھارماي – تالماي ئۇكرائىنانى قورال – ياراق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇرۇشتا يېرىم تۇراقلىق ئالدىنقى سەپ شەكىللىنىدۇ. ئۇرۇش بارا – بارا ”مەڭگۈ داۋاملىشىش ئېھتىمالى بولغان“ مۇزلاپ كەتكەن بىر توقۇنۇشقا ئايلىنىدۇ. ئاۋىستىرالىيەلىك سابىق گېنېرال ۋە ھەربىي مۇتەخەسسىس مىك رىيان مۇنداق دەيدۇ: ”ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قىسقا مۇددەتتە ئىستىراتېگىيىلىك چوڭ بىر غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشى ناتايىن“.
2) پۇتىننىڭ ئۇرۇش توختىتىشى
ياكى پۇتىن بىر تەرەپلىمە ئۇرۇش توختىتىش ئارقىلىق دۇنيانى ھەيران قالدۇرسىچۇ؟ ئۇ بۇ خىل ھەرىكەت ئارقىلىق ھازىرغىچە ئېرىشكەن زېمىنلىرىنى غەلىبە مېۋىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن.
ئۇ “ ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت“نىڭ مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، “ دونباستىكى روسىيە قوللىشىدىكى بۆلگۈنچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئەمەلگە ئاشتى ۋە قىرىم بىلەن قۇرۇقلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى“ دېيىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئەخلاقىي ئەۋزەللىككە ئېرىشىپ، ئۇكرائىناغا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشى مۇمكىن.
(Chatham House) جەمئىيىتىدىن روسىيە مۇتەخەسسىسى كەير گىلېس مۇنداق دەيدۇ: “ بۇ، روسىيە ھەرۋاقىت يولغا قويالايدىغان تاكتىكا. ئەگەر روسىيە ياۋروپانىڭ ئۇكرائىناغا بېسىم ئىشلىتىپ توقۇنۇشنى توختىتىشىنى ۋە تارتقۇزۇپ قويغان زېمىنلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى روسىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا مەجبۇرلىسا، بۇ ئېھتىمال ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن“.
روسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن زېرىكىپ ، ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىشىنى ساقلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
بۇ خىل قىياسلار ھازىرقى ئەھۋالدا پارىژ، بېرلىن ۋە رىم قاتارلىق شەھەرلەردە مۇنداق ئەكىس سادالارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن: ”ئۇرۇشنى ئۇزارتىشنىڭ ئورنى يوق، يەرشارى خارەكتېرلىك ئىقتىسادى قىيىنچىلىقنى تۈگىتىش كېرەك، ئۇرۇش توختىتىش بېسىمى قىلىنىش كېرەك“. يەنە بىر تەرەپتىن ، ئامېرىكا ، ئەنگىلىيە ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر بۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ. بۇ دۆلەتلەر ئۇكرائىنانىڭ كەلگۈسى ۋە خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش ئۈچۈن، روسىيەنىڭ تاجاۋۇزى چوقۇم مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلىشىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. شۇڭا، روسىيەنىڭ بىر تەرەپلىمە ئۇرۇش توختىتىشى ئۇرۇشقا دائىر گەپ – سۆزلەرنى ئۆزگەرتىسمۇ، توقۇنۇشنى ئاياغلاشتۇرالماسلىقى مۇمكىن.
3) ئۇرۇش مەيدانىدا تەڭلىشىپ قېلىش ۋە سۆھبەتلىشىش
ئۇكرائىنا بىلەن روسىيە ئالدىنقى سەپتە تېخىمۇ كۆپ ھەربىي مەنپەئەتكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن سۆھبەت باشلىيالامدۇ؟
ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ قوشۇنلىرى چارچاپ ، ئادەم كۈچى ۋە ئوق-دورا مەسىلىسىدە كاشىلا كۆرۈلىدۇ. ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەل تېخىمۇ كۆپ توقۇنۇشنى توغرا كۆرۈشتە قىينىلىدۇ. روسىيەنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي زىيىنى بەرداشلىق بېرىش دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىدۇ. ئۇكرائىنا خەلقىمۇ ئۇرۇشتىن زېرىكىپ ، غەلبە قىلىش ئېھتىمالى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تالاپەتكە ئۇچراشنى خالىمايدۇ. غەربنىڭ ھەربىي ياردىمىنىڭ داۋاملىشىدىغان ياكى داۋاملاشمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلمىگەن ئۇكرائىنانىڭ سىياسىي رەھبەرلىرى سۆھبەتنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى دەپ ئويلىشى مۇمكىن. نەتىجىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن دۆلىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ ”سۆھبەت ئۈستىلىدە ئۇكرائىنانى ئىمكانقەدەر كۈچلۈك قىلىش“ ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. ئەمما، ئۇرۇشتا تەڭلىشىپ قېلىش ئەھۋالىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە نەچچە ئاي كېتىشى مۇمكىن شۇنداقلا، سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىمۇ ئۇنداق ئاسان ئەمەس. بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئۇكرائىنانىڭ روسىيەگە ئىشەنمەسلىكىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ مەڭگۈلۈك بولىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك بولمايدۇ.
4) ئۇكرائىنانىڭ غەلبىسى
ئۇكرائىنا بارلىق قىيىنچىلىقلارغا قارىماي غەلبىگە ئوخشايدىغان بىرەر نەرسىگە ئېرىشەلەمدۇ؟ ئۇكرائىنا كۈچلىرى رۇسىيە ئەسكەرلىرىنى تاجاۋۇزدىن بۇرۇنقى چېگراغا قايتۇرالامدۇ؟
ئۇكرائىنا پرېزىدىنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بۇ ھەپتە گوللاندىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا «ئۇكرائىنا بۇ ئۇرۇشتا چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ» دېدى. روسىيە دونباسنى قولغا چۈشۈرەلمەي، تېخىمۇ كۆپ تالاپەتكە ئۇچرىشى مۇمكىنمۇ؟ غەربنىڭ جازاسى روسىيە ئارمىيىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇكرائىنا بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى ئىشلىتىپ قايتۇرما زەربىگە ئۆتىشى ۋە روسىيەنىڭ تەمىنەش لىنىيىسى قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان رايونلارنى قايتۇرۋېلىشى مۇمكىن. شۇنداقلا، ئۇكرائىنا ئارمىيسى مۇداپىئە ئورنىدىن ھۇجۇم ئورنىغا ئۆتۈشى مۇمكىن.
بۇ خىل ئەھۋال سىياسەتچىلەرنى ھېلىتتىن قورقۇتقىدەك دەرىجىدە رېئاللىققا يېقىن. ئۇلارنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان سوئال بولسا: ئەگەر پۇتىن مەغلۇبىيەتكە دۇچ كېلىپ قالسا، ئەسەبىيلىشىپ ئۇكرائىنىدا خىمىيىلىك ياكى يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتەمدۇ؟
تارىخچى نىل فېرگۇسون: ”پۇتىننىڭ يادرو قورال تاللىشى بار تۇرۇپ، ئادەتتىكى ئۇرۇش مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلىشى ناتايىن“ دېگەنىدى.
5) روسىيەنىڭ غەلبىسى
ئۇنداقتا، روسىيەنىڭ غەلبە قىلىش ئېھتىمالى بارمۇ؟
غەرب ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، روسىيە ئۇرۇشنىڭ بېشىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا قارىماي ، پايتەخت كىيېۋنى ئىشغال قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئۇكرائىنانى قەتئىي بويسۇندۇرۇشنى خالايدۇ. بىر ئەمەلدار مۇنداق دەيدۇ: “ بۇ چوڭ نىشانلارنىڭ تېخى ئۆزگەرگىنى يوق“.
ئەگەر روسىيە دونباستا غەلبە قىلسا، ئۇ يەردىكى قوشۇنلىرىنى باشقا تەرەپلەردە ئىشلىتىشى ۋە كىييېۋنى قايتىدىن نىشانغا ئېلىشى مۇمكىن. روسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سان جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى ئۇكرائىنا ئارمىيىسىگە داۋاملىق تالاپەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. زېلېنسكىي ھەر كۈنى 100 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈۋاتقانلىقىنى ۋە 500 ئەسكەرنىڭ بولسا يارىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. بۇ ئەھۋالدا ئۇكرائىنا خەلقى قارشىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلار ۋە خالىمايدىغانلار دەپ ئىككىگە بۆلۈنىشى مۇمكىن. بەزى دۆلەتلەرمۇ ئۇكرائىنانى قوللاشتىن زېرىكىشى مۇمكىن.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر ئۇلار روسىيەنىڭ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۋاتقانلىقىنى كۆرسە، بېرىدىغان ياردەملىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن.
ماڭا غەربلىك بىر دېپلومات، غەربنىڭ روسىيەگە ئاگاھلاندۇرۇش سۈپىتىدە تىنچ ئوكياندا بىر يادرو قورال سىنىقى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانىدى.
بۇ ئۇرۇشنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە تېخىچە ئېنىق بىر مەلۇمات يوق.