You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئاي يورۇقىدا ئېتىلغان ئوق

ئاي يورۇقىدا ئېتىلغان ئوق

ئاي يورۇقىدا ئېتىلغان ئوق

(ھەبىبۇللا ئابلىمىت)

سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى غۇلجىغا بېسىپ كىرىش بىلەن تەڭ ئەسلىدىلا قالايمىقانچىلىق، جەڭگە – جېدەل، بېسىلغۇسىز ماجىرالارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغان بۇ گۈزەل شەھەر تېخىمۇ ۋەيرانچىلىققا مۇپتىلا بولغان بولۇپ، ئەل – جامائەتنىڭ بىدىلجەملىكىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋەتكەن ئىدى. بۇرۇن تۇڭگانلارنى ئۆيلىرىدە مەجبۇرى قوندۇرغان ئاھالىلەر ئەمدىلىكتە شۇ تۇڭگانلارنىڭ بالاسىغا قىلىپ، ئاختۇرۇپ كىرگەن رۇس ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشقا ئۇچراۋاتاتتى. بولۇپمۇ غۇلجىغا بېسىپ كىرگەن رۇس ئەسكەرلىرى ئىچىدىكى چۆچەك تەرەپتىن كېلىپ قوشۇلغان ئاق ئورۇسلار غۇلجا خەلقىگە ئېغىر بالايى ئاپەتلەرنى، نۇرغۇن مۇسىبەتلەرنى كەلتۇرىۋاتقان ئىدى. بۇ ئاق ئورۇسلار قاچىسىدىكىنى تۈگەتمەي تۇرۇپلا قازاندىكىنى دەم تارتىمەن دەيدىغان ئاچ كۆزلەردىن بولغاچقا، نۆۋەتتىكى ئۇرۇش مالىماتاڭچىلىقىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر پۇرسەت دەپ بىلىپ، كۆزىگە سەللا چىرايلىق كۆرۈنگەن قورۇنىڭ ئىچىگە ئۇسسۇپ كىرىپ، «بۇ ئۆيدە يوشۇرۇنغان تۇڭگان بار ئىكەن» دەپ، ئۆينى ئاختۇرۇپ ئوڭتەي – توڭتەي قىلىۋېتىپ باراتتى ۋە ئاختۇرۇش جەريانىدا قولىغا ئېلىنغىدەك بىر نەرسە چىقسىلا ھەرخىل باھانە سەۋەبلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئېلىپ چىقىپ كېتەتتى.

مۇبادا سەللا قارشىلىق قىلغۇچىلار بولسا ھېچ ئاياپ ئولتۇرمايلا تەڭلەپ تۇرغان مىلتىقىنى تەپكىسى بىر بېسىپ شۇ يەردىلا قارشىلىق قىلغۇچىنىڭ جېنىنى ئالاتتى. ئۇلاردا خۇدا قورقۇنچىسى يوق بولۇپ، ئاخىرەت – پاخىرەت، جەھەننەم – پەھەننەم دېگەن ئەقىدىلەرگە ئىشەنمەيتتى، نە گۇناھ، نە ئىچ ئاغرىتىش ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايتتى. ئەس – خىيالى قانداق قىلىپ مال – دۇنياغا ئېرىشىشتىلا بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەرقانداق رەزىللىكنى ئۆزىنىڭ دېگەن – ئەتكەنلىرى بويىچە ھېچ ئويلاپ ئولتۇرمايلا قىلىۋاتاتتى. ئەنە شۇنداق قاباھەتلىك كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەسئۇت ئەپەندى ئۆيىگە بېكىنىپ ئائىلىسى بىلەن بىرگە خاتىرجەمسىزلىك ئىچىدە ئولتۇرغان ئىدى. ئىگەكىم ئۇ، باشقىلاردىن بەكرەك ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كېلەتتى. مەسئۇت ئەپەندى تا تۈركىيەدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن بۇيان غۇلجىدىكى رۇس كونسولۇسىنىڭ كۆزىدە دۈشمەن ھېسابلىنىپ كېلىۋاتقان بىردىن بىر تۈرك مىللەتچىسى ئىدى.  شۇ ۋەجىدىن رۇسلار بۇ قېتىم قولغا كەلگەن پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئۇنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدىكىچىلىكلا بىر ئىش ئىدى. گەرچە مەسئۇت ئەپەندىنىڭ يېقىن تاتار دوستى ئابدۇراخمان ئەپەندى نەچچە قېتىم ئۇنىڭغا بىرلىكتە قەشقەر تەرەپكە قېچىپ كېتىشنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇ بالاۋاقىسىدىن ئايرىلىشقا قىياماي، تا بۈگۈنگىچە يۇرتىن ئايرىلىش ئىشنى ئارقىغا سۆرەپ كەلگەن ئىدى.

دەل بۈگۈنكى كۈنگە يېتىپ كەلگەندىمۇ ئۆزىنىڭ جېنىنى قىلچىمۇ ئويلىماي، ئائىلىسىنىڭ يېنىدا ئىدى. ھەتتا ئۇ شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە رۇس كونسولۇسىغا يېقىنراق كېلىدىغان توغراكۆۋرۈكتە ئولتۇرىدىغان ئاكىسى زەيناۋىددىندىن ئەنسىرەپ ئولتۇراتتى. ئۇلارغا ئالەمھادىس بىر ئىش بولۇپ قالارمۇ دەپ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك سوقۇۋاتقان ئىدى. دەرۋەقە شەھەرنىڭ ئىچىدە ئېتىلىۋاتقان ئوق ئاۋازلىرى شۇ تەرەپتىن كېلىۋاتاتتى. ئاخىرى ئۇنىڭ تاقىتى قالمىدى، دەرھال تاپانچىسىغا ئوقنى بەتلەپ، بېلىگە قىستۇردى – دە، ئايالىنىڭ سەۋر قىلىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ دېيىشىگە باقماي ئۆيدىن پىرام چىقىپ، ئاكىسىنىڭ مەھەللىسى تەرەپكە قاراپ يورۇپ كەتتى. يولدا ئىنس-جىن يوق ئىدى، ھۆددەس ئاندا – ساندا ئېتىلىۋاتقان ئوق ئاۋازلىرىغا قوشۇلغان ئاپئاق قار بىلەن پۈركەنگەن يولنىڭ ياقىسىدىكى ئاق تېرەكلەرنىڭ شاخلىرىغا قونۇۋالغان قاغىلارنىڭ ئەنسىزلىك بىلەن قاققىلدىغان ئاۋازلىرىدىن باشقا بىر ئاۋاز يوق ئىدى. يولنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى قورۇلارنىڭ دەرۋازىلىرى بىلەن يولغا قارايدىغانلا دېرىزىلەرنىڭ قاپقاقلىرى يىممىدە يېپىقلىق تۇراتتى. ئۇ، يول بويى نېمىلەرنى ئويلىدى، نېمىلەرنى كۆردى ۋە قانداق قەدەم ئېلىپ، قايسى تەرەپكە بۇرۇلغىنىمۇ بىلمەي، ئاكىسىنىڭ ئىككى قانىتى ھاڭغىرقاي ئوچۇق تۇرغان دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كېلىپ داڭ قېتىم تۇرۇپلا قالدى. پۈتۈن ئەزايى – بەدىنى تىترەپ، قورۇنىڭ ئىچىگە كىرىشكە جاسارىتى قالمىغان ئىدى. ھالبۇكى، كۆڭلى ئۇنىڭغا قورۇنىڭ ئىچىدە قانداق قىسمەتلەرنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىدىن ئاللىقاچان بېشارەت بېرىپ بولغان ئىدى. ئۇ دەرۋازا ئالدىدا تۇرۇپ كۈچ – غەيرىتىنىڭ ئاخىرقى قالدۇقلىرىنىڭمۇ خوراپ تۈگەپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىدى بولغاي، پۈتۈن ئوي – پىكىرىنى يىغدى ۋە تەسەۋۋۇرىغا بىردىنلا مەنتىقە قوشۇلدى – دە، ئۇدۇل قورۇنىڭ ئىچىگە يۇگرەپلا كىردى ۋە ئالدى كۈنگەيگە قارىتىپ سېلىنغان قاتار پېشايۋانلىق ئۆيلەر بار تەرەپكە بۇرۇلۇپ قارىدى.

دەل مۇشۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆزىنىڭ نېمىلەرنى كۆرگەنلىكىنى دېيىشكە ئادەمنىڭ ئېغىزى بارمايتتى، دەي دېسەڭ تىلىڭ كۆيەتتى. دەرۋەقە، پېشايۋاننىڭ ئۈستىدىكى مەنزىرە ئادەمنى شۇركەندۇرىدىغان قانلىق بىر مەنزىرە بولۇپ، كۆرگەن ھەركىمنىڭ يۈرىكىنى پارە – پارە قىلىۋېتەتتى. مەسئۇت ئەپەندى ناھايىتى قورقۇپ كېتىپ، ھاپىلا – شاپىلا پېشايۋانغا ئېتىلىپ چىقتى ۋە قان ئىچىدە قاتار ياتقان تۆت مېيىتقا بىر – بىرلەپ قارىدى. ئۇلارنىڭ چىرايى تاتارغان، جاۋىغايلىرىدىن ئاققان قانلار سىيرىلىپ ئېڭەك ۋە بويۇنلىرىنى قىزىل رەڭگە بويىۋەتكەن ئىدى، ھەممىسىنىڭ مەيدىلىرى ئېتىلغان ئوقنىڭ زەربىسىدە تىتىلىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ، جايىدا يۇكۇنۇپ ئۆلتۈرۈپ تۇرۇپ، ھەر قانداق باغرى تاش ئادەمنىمۇ تەسىرلەندۈرگۈدەك ئاۋاز بىلەن ھۆڭرەپ – ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. يۈرىكىنى كۆيدۈرۈپ تۇرغان ئازاب ئۇنىڭ گېلىنى بوغۇۋالغان بولۇپ، ئالدىراپ – ئالدىراپ قىلىۋاتقان قەسەملەر ۋە چۈشىنىكسىز سۆزلەر لەۋلىرىدىن دانە – دانە بولۇپ چىقىۋاتاتتى. ئوڭدىسىغا سوزۇلۇپ ياتقان زەيناۋىددىننىڭ مۇزدەك يۈزلىرىنى، چۇۋۇلغان چاچلىرىنى، يۇمۇلغان كۆزلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ يۇم – يۇم يىغلاپ كەتتتى. ئۇ ئاكىسىنى باغرىغا بېسىپ، ھەسرەت بىلەن ئاۋازىنى بولۇشىغا قويۋېتىپ يىغلاپ تۇرۇپ ۋاقىرايتتى، نالە قىلىۋاتاتتى، ئاكىسىنىڭ ھەمىشە كۈلۈمسىرەپلا تۇرىدىغان كۆزلىرىدىكى شادلىق، يۈزىدىكى مېھرىۋانلىق مەڭگۈلۈك ئۆچكەن ئىدى. ئوڭ يېنىدا ئوغلى رىشات، نېرىسىدا ئايالى ۋە سول يېنىدا شۇلارنىڭ ئۆيىدە ۋاقىتلىق پاناھلىنىپ تۇرغان  زەينەپخان ئاتلىق خانىمنىڭ جانسىز بەدىنى سوزۇلۇپ ياتاتتى.

مانا بۇ گۇناھسىزلارنىڭ بىھۇدە ئۆلۈمى مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئىچ – باغرىنى ئۆرتەۋىتىپ باراتتى، ئۇنىڭ  ئىككى كۆزىدىن بەئەينى يامغۇردەك توختىماي ياش قويۇلماقتا ئىدى، پۈتۈن ۋۇجۇدى ھەتتا روھى ئاشۇ ئاققان كۆز ياشلارغا قوشۇلۇپ قاردەك ئېرىپ كېتىپ باراتتى. يەنە بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇنىڭ مېڭىسىدا مۇشۇ ئۆلۈمگە سەۋەبچى بولغان رۇسلارقاغا قارشى تېخىمۇ دەھشەتلىك بىر بوران چىقىشقا باشلىدى. ئەسلىدىلا ئۆچ بولغان رۇسلارغا نىسبەتەن ئىنتىقام تۇيغۇسى ھەسسىلەپ ئاشماقتا ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئوي – پىكىرلىر شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە خۇددى كۈز شامىلى ئۈچۈرتۇپ كەتكەن غازاڭلاردەك پىقىراپ، مېڭىسىدە چۆرگۈلەپ يۈرەتتى. ۋاھالەنكى، ئۆزۈ چارىسىز ئىدى، بۇ قورقۇنچلۇق رېئاللىق ئۇنى تولىمۇ بىچارە، تولىمۇ ئاجىز ۋە ئەنە شۇنداق چارىسىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى. ئۇ بىر پەس ئەنە شۇنداق ئىزتىراپ ۋە ئىنتىقام پىكىرلىرى ئىچىدە يىغلاپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئېسىگە دەرھال كەلدى ۋە مۇزلاپ كەتكەن مېيىتلارنى بىر – بىرلەپ ئۆينىڭ ئىچىگە كۆتۈرۈپ ئەكىردى. ئۆينىڭ ئىچى ئاختۇرۇلغانلىقتىن پۈتۈنلەي ئوڭتەي – توڭتەي بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۆيدىكى جاۋاھىرات ۋە باشقا پۇلغا يارغۇدەك ھەممە نەرسە بۇلاپ كېتىلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئەقلىدىن ئۆتمەيدىغان كۆز ئالدىدىكى قانلىق تىراگېدىيەنىڭ زەربىسىدىن ئۆرە تۇرغۇدەك ماجالى قالمايۋاتاتتى. ئىگەكىم ئۇنىڭ يۈرىكى بارغانسېرى قانلىق سادا بىلەن، ئىنتىقام بىلەن، چۇقان بىلەن تولماقتا ئىدى. ئۇ ئەمدى شىكەستىلەنگەن بۇ يۈرەكنى ئۆزىنى ئۆزى بەزلەيدىغان ئۈمىدلەر بىلەن تولدۇرۇشتىن بەزگەن ئىدى.

مەسئۇت ئەپەندىنىڭ بېشىغا كەلگەن قانلىق پاجىئە يۈز بەرگەن چاغدا، يۈسۈپ ھاجى دېگەن تۇڭگاننىڭ ئۈچ دەرۋازدىكى ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرگەن ئاق ئورۇسلار، ئۆيدىكى بارلىق مال – بىساتلىرىنى بۇلاپ ئالغاننى ئاز دەپ، چوڭ – كىچىك بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ جەمى ئون ئۈچ جاننى ئۆيگە سولاپ، ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوقلا  ئوت قويۇپ، ئۆي بىلەن قوشۇپ بىراقلا كۆيدۇرۋەتكەن ئىدى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قانلىق پاجىئەلەرھەر مەھەلىدە يۈز بەرگەن ئىدى. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مەسئۇت ئەپەندىنى ئەنسىزچىلىككە سېلىپ كېلىۋاتقان يامان ئويلىرى مۇشۇنداق ئۇلۇغ رامىزان ئايلىرىنىڭ ھەر بىر كۈنىدە رېاللىقتا يۈز بېرىپ، غۇلجا خەلقىنىڭ بېشىغا قورقۇنچلۇق بالا – قازالار تۆپە – تۆپىلەپ كەلمەكتە ئىدى.

بۈگۈن تۈنۈگۈنكى قانلىق ۋەقەدىن كېيىن رۇسلار خىلە تىنجىپ، جاھان غىلۋەتلىشىپ قالغان ئىدى. كوچا – كويلاردا قاتراپ يۈرگەن رۇس ئەسكەرلىرى بىر ئاز پەس كويغا چۈشتىمۇ قانداق كوچىلاردا ئۇلارنىڭ سايىسى كۆرۈلمەتتى. ئەمما پېشىن نامازىدا بەيتۇللا مەسچىتىنىڭ قورۇسىغا پاتمىغان جامائەت تۆت كوچىغا لىقمۇ – لىق تولۇپ كەتكەن ئىدى. ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن مەسچىت قورۇسىدىن چىقىۋاتقان جامائەتنىڭ مۇرىسىدە سالدەك لەيلەپ كەتىۋاتقان قاتار – قاتار ئون نەچچە تاۋۇت تۇپراق بېشىنىڭ يولىنى تۇتقان ئىدى. تۇپراق بېشىغا قاراپ كېتىۋاتقان ئادەملەرنىڭ سانى ساناقسىز ئىدى، تاۋۇت ئالدىدا يىغا زارە قىلىپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قارا كۆزلىرىدىن ئاققان ياشلار زېمىنتان قىشنىڭ ئوغۇدەك ئاچچىق سوغۇقىدىنمۇ بەتەر ئاچچىق ئىدى، غۇربەت باسقان چوڭ كوچىلاردا قىيقاس – سۈرەن كۆتۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ يۈرىكىنى ئەزمەكتە ئىدى، بولۇپمۇ مەسئۇت ئەپەندىنىڭ كۆزلىرىدىن ئاققان ئاچچىق ياخشنىڭ دەستىدىن كۆزلىرى قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچىچە مەرھۇم زەيناۋىددىننىڭ قورۇسىدىن شام – چىراغلار تاڭ ئاتقۇچە ئۆچمىگەن بولۇپ، ۋاقىتسىز ئايرىلغان قوۋم – قېرىنداشلىرنىڭ دەرد – ئەلىمىگە، ئاييىغى ئۈزۈلمەيدىغان كەلدى – كەتتى تەزىيەچىلەرنى كۈتىدىغان ئىش قوشۇلۇپ، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئالدىراشچىلىق ئىچىدە بىر كېچە كىرپىك قاقمىغان ئىدى.

شۇ دەمدە ئۇنىڭ ھەممە يىرى كېسەل چېقىۋەتكەن ئادەمنىڭكىدەك ئاغرىپ، چەمدەس قەدەم تاشلاپ مېڭىشقا ماجالى قالماي، كۆزلىرى تورلىشىپ، ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە ئەلەڭ – سەلەڭ بولۇپ كۆرۈنىۋاتقاندەك بولۇپ، ئۆرە تۇرغۇدەك ھالى قالماي قالغان ئىدى. بىراق ئۇنىڭ قەلبىدە رۇسلارغا بولغان ئىنتىقام ئوتى يالجىپ ئۇلغۇيىۋاتقان بولغاچقا، قانداقتۇر غايىب بىر كۈچنىڭ ياردىمى بىلەن تۇپراق بېشىغا تۇتاشقا يولدا قەدەم ئېلىپ كېتىۋاتاتتى. زەراتكالىقنىڭ يولىدا مېيىتنى ئۇزىتىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان ئادەملەر گوياكى ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ئىلى دەرياسىدەك داۋالغۇپ، ئوڭغۇل – دوڭغۇل يوللاردا ھەسرەتلىك قەدەم تاشلاپ كېتىۋاتاتتى. نەچچە مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ باش ئۈستىدە لەپەڭلەپ كېتىۋاتقان تاۋۇتلار، چەكسىز دېڭىز ئىچىدە ئۈزۈپ كېتىۋاتقان لەھەڭدەك بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر شۇڭغۇپ يۇقىرىغا ئۆرلەپ كېتىۋاتقان ئىدى. پۈتۈن شەھەرنى مۇسىبەت قاپلىغان بولۇپ، ئەلەمنىڭ ئۈستىگە ئەلەم كېلىپ قونۇپ، تەكرارلاپ كېلىۋاتقان خار – زارلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىدىن ئەگىپ كېتەلمەي قالغان ئىدى. بۇنىڭدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇشقا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قۇدرىتى يەتمەيۋاتىدۇ. ئەمما لېكىن بىر نەرسە كۆكتىكى قۇياشتەك روشەن ئىدى،  ئۇ بولسىمۇ، سورۇقچىلىق باشقا كېلىۋاتقان مۇشۇنداق كۈنلەردە پۈتۈن بىر مىللەت بىرلىك – باراۋەرلىك ئىچىدە بولمايدىغان بولسا، ئەبەدىي قۇللۇقتىن، مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلالمايدىغانلىقتىن ئىبارەت ھەقىقەت.

مەسئۇت ئەپەندى ئاكىسى زەيناۋىددىن قاتارلىق قوۋم – قىرىنداشلىرىنىڭ نەزىر – چىراقلىرىنى قائىدە – يوسۇن بويىچە ئادا قىلىپ، يىراق – يېقىندىن كەلگەن – كەتكەن مېھمانلارنىڭ خېرىدارلىقىنى قىلىپ ۋە خەير – ساخاۋەت قاتارلىق ۋەھاكازا ئىشلارنىڭ ھەنىۋاسىغا تەڭ كۆڭۈل بۆلۈپ، روزا ھېيت بىلەن بىرگە مۇسىبەت ئىچىدىكى كۆڭۈلسىز كۈنلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، فېۋرال ئايلىرىغا ئۇلىشىپ قالغانلىقىنى روھىي تۇيمايلا قالغان ئىدى. مانا ھازىر ئۇ ئادىتى بويىچە بەيتۇللاھ مەسچىتىدە خۇپتەن نامازىنى ئوقۇدى ۋە نامازدىن كېيىن دوست يارەنلىرى بىلەن مەدرىسنىڭ كۇتۇپخانىسىدا بىردەم -يېرىمدە ھەم سۆھبەتتە بولدى ۋە ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىنى ئاڭقىرغاندىن كېيىن، ھەر كىم ئۆز ئۆيىنىڭ يولىنى تۇتۇشتى. مەسئۇت ئەپەندى ئۆزۈ يالغۇز چوڭ يولنى بويلاپ ئۆيىگە قاراپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ شۇ تەرىقىدە يول يورۇپ بېدە بازىرىغا يېقىنلاپ كەلگەندە، قانداقتۇ ئارقىسىدىن بىر كۆلەڭگۈنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىغىنى سېزىپ قالدى. ئۇ، دەرھال ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، بېلىدىكى تاپانچىسىنى قولىغا ئېلىپ ھازىرلىق قىلىپ قويدى. ئاكىسى قاتارلىق تۆت قېرىندىشىنىڭ رەھىمسىزلىك بىلەن قەتلى قىلىنىشىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىدە قانداقتۇر بىر سۇيىقەست بۇلۇتلىرىنىڭ ئەگىپ يۇرىۋاتقانلىغىدىن دەرگۇمان بولۇپ يۇرەتتى. شۇ ۋەجىدىن تاپانچىسىنى يېنىدىن ھېچ ئايرىماي ھەتتا مەسچىتكىمۇ تاپانچىنى بېلىگە قىستۇرۇپ بارىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. نۆۋەتتە ئۇنىڭ دۈشمېنى خىتايدىن بەتەررەك رۇسلار ئىدى، ھەمدە رۇسلارمۇ ئۇنى ئۆزىنىڭ غۇلجىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك رەقىبى دەپ قارايتتى، شۇ ۋەجىدىن ئۇ، ھەر زامان ھوشيار يۇرەتتى.

شۇ دەمنىڭ ئۆزىدە، تەشۋىش بىلەن  بىردەم تام ياقىلاپ ماڭدى – دە، ئاندىن تېزلىكتە يولنى كېسىپ ئۆتۈپ، يول ياقىسىدكى دەرەخلەر ئارىسىغا كىردى ۋە چوڭ بىر تۈپ ئاق تېرەكنى ئۆزىگە دالدا قىلىپ تۇرۇپ، ئارقىسىدىن ئىز بېسىپ كېلىۋاتقان شەپىنى كۈزەتتى. بىراق ھېچقانداق بىر گۇمالىق نەرسە كۆرۈنمەيتتى، ھەممە يەر گۆرجىستان جىم – جىتلىقىغا چۆككەن ئىدى. ھازىر ئاينىڭ مۇبارەك يۈزىنى بىر پارچا قارا بۇلۇت تورىۋالغان بولغاچقا يوللارنىڭ ئاست – ئۈستىنى ۋە تۆت ئەتراپىنى قاراڭغۇ پەردە ئۆرتكەن ئىدى. خۇددى بۇ قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ روھى ھالىتىگىلا ئوخشايتتى. يۈرىكى نېمىشقىدىندۇر شۇنچىلىك ئىشتىك كۆكرەك قەپىزىگە سوقۇلىۋاتاتتى. ئەتراپتا ئۆزىدىن باشقان ئىنس – جىن يوق ئىدى. ئۇنىڭ قۇلۇقىغا  ئىشتىك ئېلىۋاتقان نەپىسىنىڭ ئاۋازىدىن باشقا بىر ئاۋاز ئاڭلانمايۋاتاتتى. خۇددى تۇن نىسبىدە قاراڭغۇ ئۆينىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا ھەمدە داق يەردە يېتىپ كۆرگەن بىر قاباھەتلىك چۈشتەك ئەتراپ شۇنچۇلىك ۋەھىمىلىك كۆرۈنمەكتە ئىدى. ئەتراپتىكى مەنزىرە بۇ شەھەردە ئىنسانلار ياشىماي بەلكى كۆلەڭگۈلەر ياشايدىغان پىنھان دۇنياغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا ئىدى. ئۇ ئۆزىنى شۇ كاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى كۆرۈنمەس كۆڭلەڭگۈلەر ئاراسىدا ياشاۋاتقان تەك بىر ئىنساندەك ۋە تەنھالىقى ئىچىدە يوقاپ كېتىۋاتقان تەك بىر روھتەك ھېس قىلىپ قىلىۋاتقان ئىدى. ئۇ، ئەمدى دەرەخلىقدىكى قارنى كېچىپ  ئازراق ماڭغاندىن كېيىن، تام ياقىسىغا چىقىپ ئۇدۇل ماڭدىن ۋە قەدەمدە بىر، يولنىڭ ئۇ تەرىپىنى كۆزىتىپ تۇردى. گەرچە قاراڭغۇلۇقتا كۆزى بىرەر نەرسىنى ئىلغا قىلالمىغان بولسىمۇ، قۇلىقىنى بورىنىڭ قۇلىقىدەك دىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ، ئەتراپتىكى شەپىلەرنى تىڭشاشقا غەيرەت قىلىۋاتقان ئىدى.

شۇ ئارىلىقتا قانداقتۇر بىرسىنىڭ ئالغان قەدەمىنىڭ يەڭگىل  ئاۋازىنى سەزگەندەك بولدى ۋە دەرھال يەنە دەرەخلىك ئىچىگە كىرىپ، ئارقىسىنى، يولنى ۋە يولنىڭ ئۇ تەرىپىنى كۈزەتتى. ئۇنىڭ يۈرىگىنىڭ سوقۇشى تېخىمۇ  تېزلىشىشقا باشلىدى، ئەمما ئۇ قانداق ئىش يۈز بېرىشتىن قەتئىي نەزەر ئۆزىنى تۇتىۋېلىشقا تىرىشىۋاتاتتى، گۇمانلىرىنى ئىشەنچىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ، مەنتىقىي تەپەككۇرىنى ئىشقا سېلىپ، تاپانچىسىنىڭ بىخەتەرلىك قۇلىپىنى ئاچتى ۋە ئوقىنى بەتلەپ تۆت ئەتراپىغا يەنە بىر قېتىم كۆز ئاتتى. كوچا ياقىسىدىكى ئۆيلەرنىڭ دېرىزىلىرى ئادەتتىكى كۈنلەرگە مۇناسىپ ھالدا يورۇق  بولماستىن، تەتۈرىسچە پۈتۈن ئۆيلەرنىڭ دېرىزىلىرى قاپ – قاراڭگۇ ئىدى. بىرمۇ ئۆينىڭ چىرىغى يېنىقلىق ئەمەس ئىدى. بۇنى ئاز دەپ ئاينىڭ يۈزىنى توسۇۋالغان يوغان بۇلۇتنىڭ قاراڭغۇ كۆلەڭگۈسى يولنى قاپقاراڭغۇلۇققا چۆمكۇۋەتكەن ئىدى. ئۇ دەرەخزارلىققا ئىچكىرلەپ كىرىپ، قاراڭغۇلۇقنىڭ پانالىقىدا قىمىر قىلماي بىردەم تۇردى. بۇ جەرياندا قانداق قىلىشىنىمۇ ئويلاپ قويدى. ئەمدى ئاي يوتقاننىڭ ئىچىدىن بېشىنى چىقارغان بالىدەك بۇلۇتلار ئارىسىدىن سۈزۈلۈپ چىقىپ، يولنىڭ قارشى تەرىپىنى يورۇتتى. مانا شۇ چاغدا مەسئۇت ئەپەندىنىڭ پىشەنىسىدىن سوغۇق تەر چىقىپ، چىشلىرى بىربىرىگە كىرىشىپ جالاقلاپ كەتتى. ئۇ قارا كۆلەڭگۈنى كۆرگەن ئىدى ۋە بۇ كۆلەڭگۈنىڭ راستتىنلا ئۆزىنى قەستلەش ئۈچۈن ئارقىسىغا چۈشكەن جاللات ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۇردى. ھەقىقەتەن كۆلەڭگۈنىڭ قولىدىكى تاپانچا ئاينىڭ كۈمۈشرەڭ نۇرىدا يالتىراپ تۇراتتى، ئەمما چۆكۈرۈپ كىيىۋالغان قۇلاقچىسى بىلەن پەلتوسىنىڭ ئۆرە قىلىۋالغان ياقىسى يۈزىنى توراپ تۇرغانلىقىنى ئۈچۈن تونۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

مەسئۇت ئەپەندى «يا سۇبھان ئاللاھ!» دەۋەتتىدە، ئاباياتتىن بېرى ئەقلىدىن ئۆتكۈزگەن پەرەزلىرىنىڭ توغرىلىقىغا يۈزدە – يۈز ئىشەنچ ھاسىل قىلدى. ئىنىڭياغى، ھېچ ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلا قولىدىكى تاپانچىسى بىلەن كۆلەڭگۈنى قارغا ئالدى. خىلىمۇ ياخشى تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ ئاي نۇرى ئۇ تەرەپنى يورۇتقىنى بىلەن، ئۆزۈ تۇرغان يەر قاراڭغۇ ئىدى، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن قاتىل قانداق قىلىشىنى بىلمەي ئارقىسىدىن شەپە چىقارماي مۇشۇ يەرگىچە ئەگىشىپ كەلگەن ئىدى. مەسئۇت ئەپەندى ئۈچۈن بۇ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت ئىدى، ئەگەر قورقۇپ ئالدىغا ئازراق ماڭسىلا دەرەخلىك ئاخىرلىشىپ، كۈرە دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى تۈپ – تۈز ۋە كەڭ ئوچۇقچىلىققا چىقىپ قىلىپ، ئوۋ ئوۋلايمەن دەپ ئولتۇرۇپ، يىرتقۇچ ھايۋانغا يەم بولىدىغان تىراگېدىيە يۈز بېرەتتى. ئۇ ئەمدى ئۆزىنى رۇسلاپ تۇرۇپ، كۆلەڭگۈنى نىشانغا ئېلىش ئۈچۈن ئىككى پۇتى قارغا پېتىپ تۇرغان يەرنى سەل ئەپسىز كۆردى بولغاي، بىردىنلا قورقماس يۈگەنسىز باتۇرلۇقىغا تەسلىم بولۇپ، ئۆزۈ مۆكۈنۈپ تۇرغان دەرەخزارلىقتىن تۇز يەرگە ئېتىلىپ چىقتى.

شۇ تاپدا ئۇ، نە باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قىلىشىنى، نە كوچىدا كېتىۋاتقان بىرەر يوللۇچىنىڭ ۋارقىراپ تاشلىشىنى، نە پۈتۈن شەھەردە ئەنسىزچىلىك پەيدا بولۇشىنى خىيالىغا كەلتۈرمىدى. ئۇنىڭ ھازىرقى ھېسسىياتى بولسا، ئاشۇ ئۆزىگە سۇيىقەست قىلماقچى بولغان خائىن ۋە ياكى  رۇس جاللاتىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ جېنىنى تېنىدىن جۇدا قىلىشلا ئىدى. شۇ ۋەجىدىن ئۇ ھېچ ئويلىشىپ ئولتۇرمايلا چاقماق تېزلىكى بىلەن كۆلەڭگۈنىڭ سول كۆكرىكىنى مولجارغا ئېلىپ، قولىدىكى تاپانچىسىنىڭ تەپكىسىنى ئارقا – ئارقىدىن باستى ۋە «پاڭ-پۇڭ» قىلغان ئىككى  پاي ئوقنىڭ ئاۋاز بىلەن تەڭ ھېلىقى قارا كۆلەڭگۈ يەرگە بىر باغلاپ قۇرۇق چۆپتەك پىلاڭگىدە چۈشتى. پەلەكتە ئېسىلىپ تۇرغان ئاينىڭ گرېمسەم يورۇقى ئاستىدا ئېتىلغان ئىككى پاي ئوق مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ھاياتىنى ئاست – ئۈستۈن قىلىۋەتكەن ئىدى. ئەركىنلىك ۋە ئىنتىقام ئۈچۈن ياڭرىغان ئىككى پاي ئوقنىڭ ساداسى ئۇنىڭ ئۆمۈر مۇساپىسىدە چوڭ بىر بۇرۇلۇشنىڭ بولۇشىغا تۇركە بولغان ئىدى. ئۇ ئەمدى پىداكار مەرىپەتچى، بىلىملىك دوختۇر بولۇشتىن خالقىپ، ماھىر سىياسەتچى ۋە جەڭگىۋار بىر ئىنقىلابچى بولۇش يولىغا قاراپ ئاتلانغان ئىدى.

«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top