You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » بىۋەتەن

بىۋەتەن

بىۋەتەن

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

مەن كىم؟ بىۋەتەن، غەملىك سايىمەن،

دىۋانە كۆڭلۈمدە ئارام يوق ھامان.

مەن گويا كۆزيەتمەس يۈكسەك قىيادىن،

ئۆزىنى تۆۋەنگە تاشلىغان قىيان.

«فائۇست» دىن

پاراخوت ئەڭ ئاخىرىقى گۈدۈكنى بېرىپ، بومباي پورتىدىن ئاستا-ئاستا قوزغالدى، پاراخوتنىڭ يوغان تۇرخۇنىدىن تولغۇنۇپ چىقىۋاتقان ئىس – تۈتەك ئاستا-ئاستا كۆك ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، پورتنىڭ ئۈستىدە بىر دەم لەيلەپ يۇرگەندىن كېيىن تامامەن تارقىلىپ كەتتى. پاراخوتنىڭ ئارقىسىدىن ۋە يان تەرىپىدىن كۆتۈرۈلگەن دېڭىز دولقۇنلىرى ئۈستىدكى ئاپاق كۆپۈكلەر كېتىۋاتقان پاروخوتنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ، يەنە غايىب بولۇپ كېتىپ باراتتى، پاراخوت ئالدىدا سوزۇلۇپ ياتقان پايانسىز دېڭىز بوشلۇقىغا ئىشكىرلەپ كىرگەنسېرى، ھاۋا بوشلۇقىدىكى دېڭىز چايكىلارمۇ بارا – بارا شالاڭلاپ ئاخىرى ئاۋازلىرىمۇ تىنىچلاندى. پەقەت پاراخوتنىڭ ئاستىدىن چىقىۋاتقان دېڭىز سۈيىنىڭ بۇژغۇنلىرىنىڭ شاقىرغان ئاۋازى بولسا، دېڭىزنىڭ سەلكىن شامىلىنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى بىلەن قوشۇلۇپ مەسئۇت ئەپەندىنىڭ قۇلىغىغا سوقۇلماقتا ئىدى. پاراخوتنىڭ ئاستىدىن كۆتۈرۈلگەن دولقۇنلار ئاستا – ئاستا ئەتراپقا يېيىيىلىپ تىنىمسىز ئۇششاق دولقۇنلارغا ئايلىنىپ، قۇياشنىڭ نۇرى بىلەن قوشۇلغاندىن كېيىن، گويا كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان مەرۋايىتلارغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنمەكتە ئىدى. ئەنە شۇ ئۈزلۈكسىز كۆتۈرۈلىۋاتقان دولقۇنلار بولسا پايانسىز يايلاقتا بولۇق ئۆسكەن ئوت – چۆپلەرنىڭ تاغ شامىلىدا لەرزان لىڭشىشلىرىنى ئەسكە سالاتتى.

مەسئۇت ئەپەندى چەكسىز دېڭىزغا قاراپ، بىر تەرەپتىن ھەقىقىي ئەركىنلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنى مۇشۇ دېڭىزدىكى تەنھا بېلىقتەك چاغلاپ، غېرىبسىنىپ قالغان ئىدى. دەرۋەقە، كىشىگە دېڭىز – ئوكيان قۇرۇقلۇققا قارىغاندا تېخىمۇ يۈكسەك ئەركىنلىكنى ھېس قىلدۇرىدۇ. دېڭىزنىڭ ئۈستىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئىماراتلەر يوق، ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغان تاغ تېزمىلىرى يوق، ئاستى ۋە ئۈستى ئوشاشلا كۆپكۆك بىپايان بوشلۇق. شۇ ۋەجىدىن دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان ھەركىم ئۆزىنى شۇنچىلىك ئەركىن ھېس قىلىدۇ، ئۈستىدە كۆك ئاسمان، ئاستىدا كۆك دېڭىزدىن باشقا نەرسە بولمىغاچقا، ھەركىم ئوشۇقچە روھى بېسىملاردىن ۋاقتىنچە خالى بولىدۇ. ئەمما مەسئۇت ئەپەندىنىڭ چېھرىدە ئەنە شۇنداق روھى كەيپىياتنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيتتى. پاراخوت قۇرۇقلۇقتىن يېراقلىشىپ دېڭىزنىڭ ئىچىگە قاراپ ئىلگىرلىگەنسېرى ئۆزىنىڭ ۋەتېنىدىن ۋە ئائىلىسىدىن شۇنچە يېراقلىشىپ كېتىۋاتقانلىغىنى ھېس قىلىپ، ئۈستىدىكى يۈك بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقاندەك بىلىندى. شاڭخەيگە بېرىش ئۈچۈن چۈشكەن بۇ پاراخوت ئۇنىڭ نەزىرىدە «كۈلپەت دېڭىزىدىن ئۆتكۈچى شەپقەت كېمىسى» ئەمەس، بەلكى  يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى تەڭداشسىز باتۇر قەھرىمان ئانتانىڭ پۇتىنى زېمىدىن ئايرىۋەتكەن گراكىلىستەك تۇيۇلۇپ كېتىۋاتقان ئىدى. ئۇ، ئۆزىنى گويا ئانتاغا ئوخشۇتۇپمۇ قالغان ئىدى. ئانتا تەڭداشسىز قەھرىمان بولسىمۇ، ھالبۇكى ئۇنىڭ بىر ئاجىزلىقى بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ ئۆزۈ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يۇرتىنىڭ ئانا زېمىنىدىن پۇتىنى ئۈزگەن ھامان، ئۇنىڭدىكى جىمى كۈچ – قۇدرەت بىردىنلا غايىب بولۇپ كېتەتتى. مانا بۇ ئاجىزلىقنى ئۆزىنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى گراكىلىس بىلىپ قىلىپ، بىر قېتىملىق جەڭدە ئۇنى بەلدىن ئېلىپلا ئايىقىنى يەردىن ئۈزۈۋالغان. بۇنىڭ بىلەن ئانتانىڭ پۇتىنى زېمىنغا تەگكۈزمەي، بوشلۇقتا كۆتۈرۈپ تۇرۇپ بوغۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

دېمەك مەسئۇت ئەپەندى شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ئۆز ئانا يۇرتىدىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن پۇتىنى ئۈزۈپ، دېڭىزغا يېقىن رايونلارغا بېرىپ، مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن سىياسىي كۈرەش قىلماقچى بولۇپ، يولغا چىققان ئىدى. ئەپسۇس ئانتانىڭ ھېكايىسىنى ئەسلىگىنىدە تەشۋىشتىن خالىي بولالمايۋاتاتتى. نېمىلا دېگەن بىلەن مەسئۇت ئەپەندى ئۈچۈن بۇنىڭدىن باشقا بىر تاللاشمۇ قالمىغان ئىدى. ۋەتەندىكى قورۇللىق ئىنقىلابلارنىڭ تىراگېدىيەلىك ئاقىۋىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىدى، نۇرغۇن بەدەل تۆلەندى، نۇرغۇن قان ئاقتى، نۇرغۇن باھادىر ئەزىمەتلەر شېھىت بولدى. ئەمما لېكىن ھېچبىر نەتىجە قولغا كەلمىدى. مەسئۇت ئەپەندى ئەمدى ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ ئارىسىدا قىسىلىپ قالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قورۇللىق ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى تېچلىق يولى ئارقىلىق ئالىي مۇختارىيەتكە بولسىمۇ ئېرىشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ سەپەرگە ئاتلانغان ئىدى. ئۇ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۈمىد ئىزەدەىشكە تىرىشىۋاتقان، مىللەت ۋە ۋەتەننىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن يېڭى بىر چىقىش يولى تېپىشقا ئاتلانغان يولۇچى ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنقىلابلىرىنى قانلىق باستۇرغان شېڭ شىسەينىڭ ئۈستىدىن نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە ئەرز سۇنۇش ئارقىلىق سوۋېت كوممۇنىسلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەسىرىنى ئاجىسلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، سىياسىي ۋە ئىدىئولوگىيىلىك كۈرەش قىلىش ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە ۋەتەننىڭ ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىنى تاللىغان ئىدى. بۇ يولدا ئۇنىڭ ئۈمىدى زور ئىدى. چۈنكى دۈشمىنى شېڭ شىسەي بولسۇن، ياكى سوۋېت ئىتتىپاقى بولسۇن ھازىر جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىگىمۇ دۈشمەن ئىدى. «دۈشمىنىمنىڭ دۈشمىنى، مېنىڭ دوستۇم» دېگەن ھېكمەت بويىچە، نەنجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئىتتىپاق تۇزەشنى ۋاقتىنچە مەنتىقكە ئۇيغۇن دەپ قارىغان ئىدى.

ئۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ پەقەت قورال كۈچى بىلەنلا ھەل بولىدىغان بىر مەسىلە ئەمەسلىكىنى، ئۆزى شاھىت بولغان ئىنقىلابلاردا شېھىت بولغان ئون مىڭلىغان ياش يىگىتلەرنىڭ ئاققان قانلىرىنىڭ نەتىجىسىز قالغانلىقى ئارقىلىق تونۇپ يەتكەن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، نۆۋەتتىكى ئەڭ ئاقىللانە يول، «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش» دېگەن قاراشقا كەلگەن ئىدى.  مانا بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تاللىشى ۋە ئۈمىدى ئىدى. ھاياتنىڭ ئۆزۈ بىر تاللاشتىن ئىبارەت بولۇپ، ھەرۋاقىت بىر تاللاش يولى مەۋجۇت. ئاساسى مەسىلە قانداق يولنى تالاشتا. ئىگەكىم ھاياتقا ئۈمىدكە تولغان كۆز بىلەن قاراپ، يېڭى بىر يولنى تاللىسا، ھاياتمۇ تەسىرلەندۇرىدىغان مۆجۈزىلەرنى يول ئۈستىگە چىقىرىدۇ. مۇبادا بۇ ھايات مۆجۈزىلەرنى كۆرسەتمىسە، ئەڭ بولمىغاندا باسقان يوللاردا كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن يول كۆرسەتكۈچى تەجرىبە – ساۋاقلارنىڭ ئىزلىرى قالغان بولىدۇ. ئەلەددامام يۈرەكتە ئۈمىد يۇلتۇزى چاقناپ تۇرىدىغانلا بولسا، مەنزىلگە ئاپرىدىغان يولنى ھامان كەشىپ قىلغىنى بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئىنسان روھىنى تىرىلدۇرىدىغان يەنىلا  ئۈمىد.

مەگەر كىشى بۇ دۇنيادىكى كۆڭۈلسىزلىكلەردىن، جاپالاردىن، ئەلەملەردىن ۋە قۇللۇقتىن، ئاسارەتتىن ھېچ قۇتۇلالمايدىغاندەك بىر تۇيغۇغا ئەسىر بولۇپ، ھەربىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان چاغدا، بۇ ھاياتقا قاقشاپ، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتمىسە، رېياللىققا ئەقىل كۆزى بىلەن باقمىسا، ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقنى سادىر قىلغان بولىدۇ. مەسئۇت ئەپەندى بولسا، كۆڭلىگە گۈزەل ئارزۇ – ئارمالارنى پۈكۈپ، ئۈمىدىنى يۈكسەك تۇتىشقا غەيرەت كۆرسەتمەكتە ئىدى. ئۇ ئىچىدە:«چوقۇم بىر كۈنى ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتىدىغان مۆجۈزە يۇز بىرىدۇ. بۇنىڭدەك مۆجۈزىلەرنىڭ يۇز بېرىشىگە چوقۇم چىن دېلىمىز بىلەن ئىشىشىمىز كېرەك. بۇ ھەرگىز تەسادىبىلىق بولماستىن، ئەسلىدە يىتتۈرۈپ قويغان نەرسىلىرىمىزنىڭ قايتا قولۇمىزغا كېلىشىدۇر. ھەرقانچە بولسىمۇ پېشانىمىزگە پۈتۈلگەن بۇ قۇللۇق مەڭگۈلۈك ئەمەستۇر!» دەپ ئويلىغان ئىدى. دەرۋەقە، مەسئۇت ئەپەدنى ئويلىغاندەك بۇ ھايات ئىنساننىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرى، ئۈمىدلىرى بىلەن زىننەتلەنگەن. ئۇلۇغ ئاللاھ ھەركىمنىڭ ھايات يولىغا چەك قويمىغىچە ئىنساننىڭ بارلىق ئەقىل – پاراسىتى سەۋر بىلەن ئۈمىد يولىنى بويلاپ نىشانغا قاراپ يول ئالغان بولىدۇ!

مەسئۇت ئەپەندى كۆزىنى دېڭىز يۈزىدىن ئۈزۈپ ئېلىپ، يۇرقۇرغا تىكتى، بۇلۇتسىز كۆك ئاسمان بەئەينى دېڭىز يۈزىدەك سۈزۈك ئىدى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ چىرايىدىكى غەم بۇلۇتلىرى تاراپ، كۆڭلىدكى كىرلەر يۇيۇلۇپ كەتكەن ئىدى. پەلەكتە پارقىراپ تۇرغان قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرىدا جىلۋىنىپ تۇرغان يۈزى گويا شېخىدا مەي باغلاپ پىشقان تېكەس تاغلىرىدىكى بۆلجۇرگەندەك پارقىراپ تۇراتتى. تاغدىكى بۆلجۇرگەنلەر ھەرگىز ئالدىراپ مېۋە بەرمەيدۇ، بەلكى تەدرىجىي ھالدا ۋايىغا يېتىدۇ. ئاۋۋال يېشىل ئاندىن تاشقى كۆرۈنۈشىدە ئاستا – ئاستا ئۆزگىرىش بولۇپ ساپىقى تۇتىدۇ؛ ئۇنىڭدىن كېيىن چېچەكلەيدۇ ۋە يۇمران تاللىرىدا ئۆزلىرىنى تاماشا قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن ئالدىرىماي تۆكىلىشكە باشلايدۇ، ئاخىرى ئاستا – ئاستا يالپۇز رەڭلىك بۆلجۈرگەن يېتىشىشكە باشلايدۇ. بۇ چاغدا شاخلىرىدىكى ياپراقلار زەيتۇن مېيىدا مايلاپ قويغاندەك پارقىراپ، سېلىقلىشىپ كېتىدۇ. مەسئۇت ئەپەندىمۇ ئىنقىلاب يولىدا ئەنە شۇ تاغ بۆلجۇرگەنلىرىدەك ئاستا – ئاستا پېشىۋاتقان ئىدى. ئۇنىڭ كاللىسىدىكى يۇنان ئەپسانىسىدىكى ئانتانىڭ ئوبرازى بارا – بارا خۇنۇكلەشتى، ئۇلۇغۋار مەخسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ۋاز كەچمەسلىككە ئانت ئىچتى ۋە بۇ مەخسەتلەرگە يېتىش ئۈچۈن دەس تۇرىدىغان يېڭى بىر زېمىن كۆز ئالدىدا روشەن رەۋىشتە نامايان بولۇشقا باشلغان ئىدى.

دېڭىزلار بۇژقۇندىن يۈزىگە تور تارتىپ،

ۋەزمىن قىيالارنى يۇيار دەممۇ دەم.

قىيا، دېڭىزلارنى يەلكىگە ئارتىپ،

ئېلىپ بارماقتىدۇر قۇدرەتلىك ئالەم.

«فائۇست» دىن.

«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top