You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئەخمەتجان ئەپەندى گېزىتخانىدا

ئەخمەتجان ئەپەندى گېزىتخانىدا

ئەخمەتجان ئەپەندى گېزىتخانىدا

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

1946- يىلى 9- ئايدىن باشلاپ  «تىنچلىق بېتىمى «بۇزۇلغانغا قەدەر ئۈرۈمچىدە ئىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن «ئويغان» ناملىق گېزىت نەشر قىلىنغان ئىدى. بۇ گېزىتنى ئۈرۈمچى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمال ۋە جەنۇبىدىكى ئىنقىلابىي زىيالىيلار قىزغىن قارشى ئالغان ئىدى. گېزىتنىڭ ھەجىمى سەككىز كەسلەملىك تۆت بەت چوڭلۇقىدا بولۇپ، مىخ مەتبەئەدە بېسىلغان ئىدى. گېزىتنىڭ مەسئۇلى ئابلەت مەخسۇم، پولات ئالىم ئىدى. مۇھەررىرلىرى يۈسۈپ سەئىدى، شۈكۈر يالقىن، تۇرسۇن بۇرھانلەر ئىدى. بۇ گېزىت ئاساسەن خەلقچىللىق سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىدىغان ۋە خەلقنى ئويغىتىدىغان ۋە شۇنىڭدەك ئەينى چاغدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان تەشۋىقات قورۇلى بولغان ئىدى، ئۇشبۇ گېزىتتە يەنە نۇرغۇنلىغان ئەدەبىي ئەسەر ۋە شېئىرلارمى ئېلان قىلىناتتى. ئەينى چاغدا «ئويغان» گېزىتىنىڭ 1- سانىغا «ئويغانما» ناملىق شېئىر بېسىلغان بولۇپ، بۇ شېئىىرنى مۇشۇ گېزىتنىڭ مەھەررىرلىرىدىن بىرى بولغان شۈكۈر يالقىن يازغان ئىدى.

شېئىر كىنايە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق گومىنداڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا غەپلەتتە ياتقان خەلقنى ئويغۇتۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. شېىر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئوقۇرمەنلەر ئىچىدە زور تەسىر قوزغىغان ئىدى، ھەتتا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇ ئاتايىتەن گېزىتخانىغا كېلىپ، گېزىت مەسئۇللىرىغا «شېىر يازسا، مۇشۇنداق يازسا، ساپ ئىجابىي جەھەتتىن يېزىۋەرمەي، مۇشۇنداق سەلبىي جەھەتتىنمۇ يېزىش كېرەك» دېگەن ئىدى. ئۇ يەنە شۈكۈر يالقىننىڭ ئالدىغا كېلىپ قىزغىن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۇنى تەبرىكلەپ: «شېئىرىڭىزنى ئوقۇدۇم، بەك ياخشى يېزىپسىز، بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت ھاياتىڭىزدا تېخىمۇ ئېسىل ئەسەرلەرنى روياپقا چىرىشىڭىزغا ئىشىنىمەن. ھەرقانداق شائىر ۋە يازغۇچىنىڭ ئۈستىگە شۇ ئۆزى مەنسۇپ بولغان مىللەتنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن، مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن، تەرەققىياتى ۋە ئىستىقبالى ئۈچۈن مۇقەددەس تارىخىي ۋەزىپىلەر يۈكلەنگەن بولىدۇ. ئەنە شۇ مۇقەددەس تارىخىي ۋەزىپىلەرنى ئارتقۇرغان شائىر ۋە يازغۇچىلار مىللىتىمىزنىڭ پىداكار جەڭچىلىرىدۇر. چۈنكى بىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى كۈرىشىمىز سىياسەت بىلەن، قەلەم بىلەن بولىدۇ!» دېگەن.

بۇ شېئىرنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

ئويغانما

ئەزىز خەلقىم كۆتۈرمە باش، ھامان ئويغانما – ئۇخلاۋەر،

بېشىڭ يارسۇن ئېتىلغان تاش، ھامان ئويغانما  -ئۇخلاۋەر،

ساڭا بولسۇن جاھالەت ئاش، ھامان ئويغانما – ئۇخلاۋەر،

غەرەز ئۇقماس بولۇپ بەڭباش، ئويغانما – ئۇخلاۋەر.

* * *

جاھان سىمدىن چىراغ ياقسا، ئۇيالما سەن زىغىر ياغ ياق،

جاھان كۆكتە ئۇچۇپ يۈرسە، ئېشەك ھەيدە يالاڭئاياغ،

كىمكى ئالدىسا ئالدان، ئىشەن كۆمۈر دېسە ئاپئاق،

يېسە ھالۋانى ھاكىملار، يېگىن سەنلا تاياق – توقماق،

كۈنۈڭ ئۆتسۇن شۇڭا ئوخشاش، ھامان ئويغانما – ئۇخلاۋەر.

* * *

ئىلىم – پەن، مەرىپەتتىن قاچ، بالادىن قاچقىنىڭدەك قاچ،

ئىشىكنى چىڭ ياپ ئىرپانغا، ئىشانغا دەرۋازاڭنى ئاچ،

مائارىپتىن بۇلاپ تاپقاننى ۋەخپە قىل، مازارغا چاچ،

غوجام بول، تۆرە بول ئەرلەر، ئايال بولساڭ بۈۋىم – قۇشناچ،

جىمى پەسلىككە سەن ماسلاش، ھامان ئويغانما – ئۇخلاۋەر.

* * *

بولۇپ تۇرساڭمۇ بىر مىللەت ۋە بىرلام تەڭرىگە بەندە،

قېرىنداشلار سوقۇش-مۇشلاش ، ئىناقلىق بولمىسۇن سەندە،

بولۇپ ئوت-يەم رەقىملەرگە ۋە يا قىغ ئورنى دەپسەندە،

قىرىل-ئۆل، جان-جىگەر دوستلار، نەسىلنى ئەيلە شەرمەندە،

بىرىڭ قىلغىن ئۈنىڭنى پاش، ھامان ئويغانما – ئۇخلاۋەر.

* * *

ئەدەپ-ئەخلاق نېمە ھاجەت، يامان ياقلارغا يول باشلا،

ئۆزۈڭدىن  كۈلدۈرۈپ ياتنى، قاياشىڭ كۆزىنى ياشلا،

شىلىپ دوست تېرىسىنى سەن، ئۇنى دۈشمەن ئۈچۈن ئاشلا،

ئالاجىم ئاتاڭ يۇرتىغا ئوت  قوي، ئۇنى كۆيدۈرۈپ تاشلا،

رەزىللىكتە چېكىدىن ئاش، ھامان ئويغانما – ئۇخلاۋەر.

* * *

جاھان «ئويغان» دېسە، تەنھا ئۆزۈم «ئويغانما» دەپ تۇردۇم،

شېرىن خورەك تۈگەرمۇ دەپ، تۈمەن مىڭ غەمنى يەپ تۇردۇم،

شۇ ۋەسۋەسە بىرلە ئەللەيلەپ، داۋام سوسكامنى سەپ تۇردۇم،

چۈشەنگەي سۆزنى خەلقىم دەپ، تۆشەك ئالدىغا كەپتۇردۇم،

ھامان بولساڭ قاپاقباش سەن، ئەبەد ئويغانما-ئۇخلاۋەر.

* * *

«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top