You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » قارىقۇش

قارىقۇش

قارىقۇش

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئانا نىگاھىنى ئايخان ئانا مەكتىپى جايلاشقان خالتا كوچىدىن يۆتكەپ، نۇرتاي ھاجىم تۇغۇلۇپ ئۆسكەن قورا بار تەرەپكە قاراتتى. قورانىڭ كۆك رەڭلىك چوڭ ئىككى قاناتلىق دەرۋازىسى يىراقتىن گۇڭگا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. دەل مۇشۇ چاغدا قاياقتىندۇر قاغىنىڭ ئۇنلۇك قاق ئېتىشىدىن چىققان ئاۋازدىنمۇ دەھشەت بىر ۋەھشى ئاۋاز ئاڭلاندى-دە، ئانا -بالا ھەر ئىككىلىسىنىڭ يۈرەكلىرى قارتتىدە قىلىپ، تەنلىرى جۇغۇلداپ، قاتتىق چۆچۈپ كەتتى ۋە ھەر ئىككىلىسى دەرھال باشلىرىنى ئاۋاز بار تەرەپكە بۇرىدى ۋە بۇ يېقىمسىز ئاۋازنىڭ نۇرتاي ھاجىمنىڭ ئۆيى بار تەرەپكە سوزۇلغان يولنىڭ ياقىسىدىكى بىر تۈپ قېرى قارياغاچنىڭ شاخلىرىغا قونۇۋالغان بىر توپ قارىقۇشلارنىڭ ئاراسىدىن بىرسىنىڭ ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۇردى. ئارىدىن دەم ئۆتمەيلا بىر توپ قارىقۇشنىڭ ھەممىسى دېگۇدەك قاققىلداپ ئادەمنىڭ قۇلاق-مېڭىسىنى يەۋەتكۇدەك ئاۋازلارنى چىقىرىپ، قاغا پوق يېمەستە كوچىنى دەھشەتكە سېلىشقا باشلىدى، بەش – ئالتىسى بىردىنلا قاناتلىرىنى قېقىپ، تۇتۇق ھاۋادا پەس ئۇچۇشقا باشلىدى. ئۇلار قاغىنىڭكىدەك پاقىراق قارا قاناتلىرىدىن، شامالدا بىر-بىرىگە سۈركىلىپ ئۇچۇپ يۈرگەن غازاڭلاردەك غىرىسلىغان ئاۋازلار چىقىرىۋاتقان ئىدى، ئېغىزىدىن بولسا، گېلىغا بەلغەم تۇرۇپ قالغان بەڭگىنىڭ گېلىنى قىرىپ قاق ئەتكىنىدەك ئاۋازلار چىقىۋاتاتتى.

قارىياغاچنىڭ شاخلىرى سىلكىنىپ، بىرنەچچە تال چۈرۈك تاللىرى قارس-قۇرس قىلىپ سۇنۇپ، يەرگە چۈشتى، قارىياغاچ دەرىخىنىڭ ئۈستىدىكى قارلار گويا توپان بالاسى بولغاندەك ھەر تەرەپكە توزۇپ، ئەتراپ بىردىنلا قار ئۇچقۇنلىرىغا پۈركۈنۈپ كەتتى. نۇرتاي ھاجىمنىڭ دەرۋازىسى كۆرۈنۈپ تۇرغان تەرەپ بولسا ئاق تۇمانلار بىلەن قاپلىنىپ، كۆرۈلمەس ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى. ئانا ۋە بالىنىڭ كۆزلىرىگە بىردىنلا ئەتراپ جىنلارنىڭ سايى كۆرۈنۈۋاتقاندەك قوقۇنچلۇق كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئانا دەرھال ھوشۇنى يىغقاندەك بولۇپ، ئوغلىنى يېتىلىگەن پېتى قاراڭغۇدا تىمىسقىلاپ بۇ يەردىن ئاران دېگۇدەك يىراقلاشتى. ئانا ئىچىدە «ھوي، شۇملۇقنى چىللايدىغان قارغىش تەگكۈر جۇۋاينىمەكلەر! ھەجەپمۇ قورقۇتىۋەتتى كىشىنى» دەپ غۇدۇڭشىدى. ئۇلار ئەمدى نۇرتاي ھاجىمنىڭ ئۆيىنىڭ قارشى تەرىپىگە قاراپ تېز-تېز ماڭدى. بالىنىڭ كىچىك ۋۇجۇدىنىمۇ بىر خىل غايىبانە قورقۇنچ جۇغلىۋالغان ئىدى، بالا ئانىسىدىن بەكرەك ئالدىراپ ئۇششاق قەدەملرىنى تېزلەتتى، ئۇلار ئازراقراق مانغاندىن كېيىن دەرھال سول تەرەپتىكى قاغا پۇتىدەك قىڭغىر-قىيسىق كەتكەن تار كوچىغا قايرىلىپ، يولىنى بۇرۇنقى سۈرەت بويىچە داۋام قىلدى. ئەنە شۇ قېرى قارىياغاچقنىڭ شاخلىرىنى ماكان قىلغان «قارىقۇش» لار بولسا ئەزەلدىن تارتىپ بۇ يۇرتتا يوق قۇش تۈرلىرىدىن ئىدى.

ئۇلار ئادەتتە بىز «قارىقۇش» دەپ ئاتاپ كەلگەن پەي تۈكلىرى قارا كېلىدىغان چۆل بۈركۈتىدىن خېلىلا كېچىك، ئۆزۈ قاپقارا، قاناتلىرى قاغىنىڭكىدەك پاقىراق، ئەمما ئاۋازى قاغىنىڭكىدىنمۇ كۈچلۈك ۋە يېقىمسىز ئىدى. ئۇلار ھاۋادا قالىغاچتەك ئۇياقتىن-بۇياققا تېز ھەرىكەت قىلىپ ئۇچۇدىغان، پۈتمەس – تۈگىمەس ئېنىرگىيەگە ئىگە بىر خىل قۇش تۈرلىدىن ئىدى. ئون يىلنىڭ ئالدىدا غۇلجىدا «چېكەتكە كۆپۇيۇپ كەتتى» دېگەن باھانە بىلەن، چېكەتلىلەرنى يوقۇتۇشنىڭ ئەپچىل چارىسى سۈپىتىدە بۇ «قارىقۇش» لاردىن 500 دانەسىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئەكىلىپ، غۇلجا شەھەرىنىڭ غەرىپىدىكى خەنبىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كوپىراتسىيەسىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىگە قويۇۋەتكەن ئىدى. ئەينى چاغدا بۇ قۇشلار يالغۇز چېكەتكىنىلا يەپ قالماي بەلكى يەنە بۇلبۇلنىڭ ئۇۋىسىدىكى تۇخۇملارنى چىقىپ ئىچىشكە باشلىغان. كېيىن بۇ قىلىقسىزلىقى ئادەتكە ئايلىنىپ يالغۇز تۇخۇمنىلا چىقىپ ئىچىپ قالماي، بەلكى يەنە تۇخۇم باسۇرۇپ ياتقان كۈرۈك بۇلبۇل ئانىلىرىغا دەھشەتلىك ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئۇۋىسىدىن سۈرۈپ توقاي قىلىپ، پوكىنىغا باسۇرۇپ ياتقان يىقىدىنلا تۇخۇمنىڭ شاكىلىنى چوقۇپ يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىشقا ئاز قالغان تۈكسىز بالىلىرىنى چوقۇلاپ يېيىشنى ئۆزىگە ئادەتكە ئايلاندۇرۋالغان ئىدى.

قارىقۇشلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ۋەھشىلىكىنى بىر خىل مەنىلىك ئويۇن قاتارىدا كۆرگەندەك قىلىپ، ھەر قېتىم بۇلبۇلنىڭ ئۇۋىلىرىنى توزۇتۇۋەتكەن چاغدا، شۇنچىلىك ھاياجانغا چۈشۈپ قاق ئېتىپ سايراپ كەتىشىدىغان بولغان. بۇ قۇشلارنىڭ ئەڭ يامان يېرى شۇنچىلىك تېز كۆپۈيىدىغانلىقى بولۇپ، بىر نەچچە يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتنىڭ ئىچىدە غۇلجا شەھەرىنىڭ ھەممە مەھەلىلىرىگە، باغلىرىغا ، دەريا بويلىرىغا ھەتتا شەھەردىن ھالقىپ يېزا-قىشلاقلارغىچە شۇنچىلىك تېز رەۋىشتە تارقىلىپ كەتكەن. بۇنداق دەھشەتلىك تېز تارقىلىقشا ھېچكىممۇ ئامال قىلالمىغان. گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلغاندا بۇ قارىقۇشنىڭ كۆپىيىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار كۆز يۇمغان. قارىقۇشنىڭ ھەممە تەرەپكە تارقىلىپ كېتىشىغۇ بىر نۆرى، بىراق كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال دېگەندەك بۇلبۇل ۋە باشقا پايدىلىق ھاشارەتلەرگە تۇركۇم-تۇركۇملەپ زىيان سېلىۋاتقانلىقى غۇلجا خەلقىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان چوڭ مەسىللەردىن بىرى ئايلانغانلىقى ئىدى. ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە غۇلجىدا سايرايدىغان بۇلبۇلنىڭ نەسلى قۇرۇشقا باشلىغان ئىدى.

گويا «قارىقۇش» خىتاي ئۆلكىلىرىدىن غۇلجىغا بۇلبۇلنىڭ نەسلىنى قۇرۇتىۋېتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ چىققانمۇ قانداق ۋە ياكى غۇلجىغا چىققاندا بۇلبۇلنىڭ يېقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلاپ، بىر چىمدىم يۈرىكىگە رەشك ئوتى تۇتاشقانمۇ قانداق، ئىشقىلىپ بىرىنچى بولۇپ بۇلبۇلنى كۆزدىن يوقۇتۇشنىڭ پېيىگە چۈشكەن ئىدى. غۇلجا خەلقى ئۇنىڭدەك ئاچكۆز، ئۇنىڭدەك ۋەھشى، ئۇنىڭدەك تەرسا بىر قۇشنىڭ ئەلمىساقتىن ھازىرغىچە كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. قارىقۇش غۇلجىنىڭ سۈپسۈزۈك ئاسمىنى، قىزىلگۈلنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدىغان باغلىرىنى، مول-ھوسۇللۇق ئېتىزلىرىنى، ساپ ھاۋالىق دەريا بويلىرىنى ئۆزىنىڭ دەڭلىڭ ئۇچىدىغان، ياشايدىغان ماكانى قىلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆزىگە دۈشمەن دەپ چاغلىغان بۇلبۇلنىڭ ئۇۋىسى بار يەرنى بىلىۋالغان زامان، ئۇدۇل ئۇچۇپ بېرىپ، پۈتۈن ئاۋزى بىلەن چىقىراپ كەلىپ، توزىتىۋېتىپ باراتتى. ھەتتا تىكەنلىك جىغانلارنىڭ ئارىسىغا ئۇۋا سالغان بەزى بىر زىرەك بۇلبۇللارنىڭ نىڭ تۇخۇملىرىنىمۇ، بىر ئاماللارنى قىلىپ تېپىپ، چىقىپ ئىچىۋاتقان ئىدى. ئۇ شۇنچىلىك جاھىل بىر قۇش ئىدىكى، ئۆزىنىڭ مۇددۇ’ئاسىغا يەتمىگىچە بولدى قىلمايتتى، ھەم شۇنچىلىك تەرسا ئىدىكى، ھەتتا تەرسالىقى تۇتقاندا ئۇششاق بالىلارغا ۋە قورادا ئىش قىلىۋاتقان ئاياللارغىمۇ ئېتىلىدىغان خۇيى بار ئىدى.

بىر كۈنى ئانا قوراسىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا ئەپلىك قىلىپ قويۇۋالغان كىچىك تونۇرىغا نان يىقىۋاتقاندا، قاياقتىندۇر ئۇچۇپ كەلگەن بىر قارىقۇش دەھشەتلىك ئېتىلىپ كېلىپ، ئانىنىڭ تونۇردىن ئەمدىلا قومۇرغان كىچىك مايلىق توقۇچىنى چوقۇلاپ قاچقان ئىدى، دەل مۇشۇ چاغدا ئانا تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ زەربىدىن شۇنچىلىك قورقۇپ، تونۇر بېشىدا غال-غال تىترەپ، قولىدىكى يەڭلىكى تونۇرنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. شۇندىن بۇيان قاچاندۇر بۇ قۇشنى كۆرسە ۋە ياكى ئاۋازىنى ئاڭلىسا تەنلىرى سۈركىنىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. گەرچە قارىقۇشنىڭ چوڭلۇقى بۇلبۇلنىڭ، قارغۇجىنىڭ چوڭلۇقىدەك بولسىمۇ، ئەمما لېكىن گېلىنى قىرىپ چىقارغان ئاۋازى شۇنچىلىك يۇقۇرى ئىدى. تەرسالىقى تۇتقان ۋاقىتلىرىدا چىقارغان ئاۋازى ھەتتا خىتايلار چاغانلىق سوقۇم قىلىش ئۈچۈن قايناۋاتقان يوغان داش قازانغا تېرىك بېسىپ، مەقىتىگە قىززىتىلغان پولات زىقنى تىقىپ سويۇۋاتقان چوشقىنىڭ چىقىرغان ئاۋازىدىن قىلىشمايتتى. شۇ ۋەجىدىنمۇ قارىقۇشنىڭ چىقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھەرقانداق ئادەم يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك قورقۇپ كېتتەتتى. ئانا ۋە بالا ھازىر ئەنە شۇنداق قورقۇنچ ئىچىدە قالغان ئىدى. ئانا كېتىۋېتىپ نۇرتاي ھاجىمنىڭ تەغدىرىدىن سەل ئەنسىرەپ قالدى. ھەقىقەتەن ئانىنىڭ ئەنسىرەشلىك ھەقلىق چىقتى. ئالتە ئايدىن كېيىن نۇرتاي ھاجىم خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، 18 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. كاشكى ئانىنىڭ ئەسرەشلىرى ھەقلىق چىقمىغان بولسا ئىدى.

بۇرۇن شېڭ شىسەي يارىم كېچىدە قانداق قىلىپ ئۇيغۇر مەرىپەتچىلەرنى، يازغۇچىلارنى، باي-سودىگەرلەرنى، زىيالىلارنى تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمىگە تاشلىغان بولسا، ھازىر شى جىپىڭ دەل شۇنداق قىلىۋاتقان ئىدى. ئۇزاق ئۆتمۇشلەردە يۈز بەرگەن ئەنە شۇ قاباھەتلىك قىرغىنچىلىقلار، ئانىنىڭ ھازىر كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىدى. روھىنى غەم-قايغۇ باسقان ئانىنىڭ يۈزىدە غەزەپ بىلەن ۋەھىمىلىك ئالامەت قېتىپ قالغاندەك بولۇپ، چىرايى بىردىنلا تۇرۇلدى ۋە ئوغلىغا قارىدى، بالىنىڭ ئۇزۇن كىرپىكلىرىنى قىروۋ باغلاپ كەتكەن ئىدى. ئانىنىڭ بىردىنلا ئوغلىغا ئامراقلىقى كېلىپ، قولى بىلەن ئوغلىنىڭ كۆزلىرىنى سۈرتتى. بالىنىڭ قوۋۇزلىرى مۇزلاپ كەتكەن ئىدى. ئانا ئىككى قولى بىلەن بالىنىڭ سۈتتىن چىققان بالاقوشۇقتەك ئاق يۈزلىرىنى سېلاپ -سېلاپ قويدى. بالا ئانىسىغا قاراپ شۇنچىلىك تاتلىق كۈلدى، بۇ كۈلكە جەننەتىكى پەرىلەرنىڭ يۈزىدىكى تەبەسۇممدىنمۇ يېقىملىق ئىدى.

«مۇزتۇتقان دەريا» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top