مەسئۇت ئەپەندى (3)
ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت
ئاۋغۇست ئايلىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرى دېھقانلارنىڭ قوللىرى ئازراق بوشىغان چاغلىرى ئىدى. بۇغدايلار ئورۇلۇپ، خامانلار تېپىلىپ، ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرىدىغان بۇغداي دانچىلىرى
مىشكاپ – مىشكاپلارغا قاچىلىنىپ بولۇنغان ئىدى. ساپسېرىق باشاق بىلەن تولغان ئېتىزلاردىن توختىماي ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان:
ئومىنى تولا ئورۇپ،
بىلىكىڭ تالدىمۇ يارىم.
ئاز كۈن ئويناق ئايرىلدۇق،
يۈرەكىڭ قاندىمۇ يارىم.
ئايدىڭدا ئورىغان ئورما،
ئۇنچە بىلەن باغ ئالدى.
ئاز كۈن ئويناپ ئايرىلدۇق،
يۈرەكلەردە داغ قالدى.
ئورما ناخشىلىرىنىڭ ئاۋازىمۇ پەسىيىپ قالغان ئىدى. دەريا بويىدىن كەلمەي سۇ ئۈزۈپ ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ سانىمۇ ساناقسىز ئىدى. مانا بۈگۈن ئاشۇ يېرىم يالىغاچ بالىلارنىڭ قاتارىدا مەسئۇت، نۇرتاي ۋە زەيناۋىددىنلارمۇ بار ئىدى. بۇلار دەريا لېۋىدىكى يارنىڭ ئەڭ ئۈستىگە چىقىپ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىگە قاراپ ئولتۇرۇشاتتى. نۇرتاينىڭ بىلەكلىرى، مۈرىلىرى پىژغىرىم ئاپتاپتا كۆيۈپ تازا ئىشلىتىۋەتكەن تۇچ جاۋۇردەك يالتىراپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ كىچىك تۇرۇپلا ئەمگەككە پىشقان بەدىنى تاشتەك چىڭ كۆرۈنەتتى.
غۇلاچ تاشلاپ سۇ ئۈزگەندە بىلەكلىرىنىڭ مۇسكۇللىرى تۇخۇمدەك پۇلتىيىپ چىقاتتى. ئالدىغا ئۆركەش ياساپ كېلىۋاتقان سۇلار خۇددى سوقا ئاغدۇرغان يەردەك ئۆرۈلۈپ – ئۆرۈلۈپ دولقۇن ياساپ، ئۇنىڭ سۇنىڭ تېشىغا كۆتۈرلۈپ چىققان كۆكرىكىگە كېلىپ ئۇرۇلاتتى. مانا ھازىر ئۇ مۇشۇ ئېگىز دۆڭلۈكتىن تۆۋەنگە سەكرەش ئۈچۈن مەسئۇتقا جاسارەت بېرىپ – ئاداش بۇ يەردىن تۆۋەنگە قارىساڭ بېشىڭ قايغاندەك قىلغان بىلەن، كۆزۈڭنى يۇمۇپ تۆۋەنگە بىرلا ئاتساڭ، كۆزۈڭنى ئېچىپ بولغىچە دەريانىڭ ئاستىغا شۇڭغۇپ بولىسەن، ئاندىن ئۇنىڭ تەكتىدىن يۇقىرىغا چىقىشنىڭ قانچىلىك ھۇزۇر ئىكەنلىكىنى مەن دېمىسەممۇ ئۆزۈڭ بىلىسەنغۇ، سۇغا باش چۆكۈرۈشتە زەيناۋىددىنكامدىن ئۈستىغۇ سەن. قېنى ئاپتاپقا قاقلىنىپ ئولتۇرۇۋەرمەي ئۆزىمىزنى دەرياغا ئاتايلى.
يازىچە ئېتىزدا، خاماندا ئاپتاپنىڭ دەستىدىن قاق بولۇپ كەتكىنىمزمۇ يېتەر. زەيناۋىددىنكا ئۆزۈڭ، ئۇكاڭغا بىر نېمە دېگىنە،- دېدى. زەيناۋىددىنچە بولغاندا ئۇكىسىنىڭ سەكرىگىنىدىن سەكرىمگىنى ياخشى ئىدى. چۈنكى ئۇ ئۇكىسىنى ئۆزىدىن بەتتەر ياخشى كۆرەتتى. ئالىمادىس بىرە ئىش چىقىپ قىلىشتىن ئەنسىرەيتتى. شۇڭا ئۇ – ئۆزىنىڭ سەكرىگۈسى بولمىسا زورلاپ نېمە قىلىمىز. ئۇ بىزنىڭ سەكرىگىنىمىزنى كۆرمەكچى ھەقاچان. بىز بۇ يەردىن سەكرەپ ئارالغا ئۈزۈپ ئۆتۈپ بولغىچە، مەسئۇتمۇ تۆۋەندىكى تار سازلىقتىن ئۇياققا بىزدىن بالدۇر ئۈزۈپ ئۆتۈپ بولىدۇغۇ. بەرىبىر ئۇياققا ئۆتىدىغان ئىش بولغاندىن كېيىن قەيەردىن ئۆتسە ئوخشاش ئەمەسمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ، سۇنىڭ تىلىنى بىزدەك تازا ئوبدان بىلىپ كەتمەيدۇ، – دەپ دەريادا لەپەڭلەپ ئېقىپ كېتىۋاتقان ساللارنى قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ – قاراڭلار سال كېلىۋاتىدۇ!،- دەپ ۋارقىرىدى. قارام، باتۇر سالچىلار ئالدىدا داۋاندەك كۆتۈرۈلگەن ئۆركەشلەرگە زەربە بىلەن ھەم ئېغىر ھەم ئۇزۇن پالاقلارنى ئۇرۇپ ھەيۋەت بىلەن كېتىۋاتاتتى.
يارنىڭ ئۈستىدە ئوڭ قولىنى سايىۋەن قىلىپ قاراپ تۇرغان مەسئۇتنىڭ سالچىنىڭ جەسۇرلۇقىغا بولغان ھۆرمىتى ھەسسىلەپ ئېشىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى جاسارەتكە تولۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆزىگە سالچىلارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى شۇنچىلىك ئەپچىل، شۇنچىلىك رىتىملىق كۆرۈنۈپ كېتىۋاتاتتى ھەمدە ئۆزىنى تاغ چوققىسىدىن تۆۋەندىكى ھەيۋەتلىك ئېقىنلارغا قاراپ تۇرغان سالچىلاردەك ھېس قىلدى. شۇڭا نۇرتاي بىلەن ئاكىسىنىڭ قۇشقاچلاردەك چۇرۇقلىشىپ قىلغان سۆزلىرى قۇلىقىغا كىرمىگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئەس-خىيالى توپان بالىسىدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقان نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىدەك ھەيۋەت بىلەن دەريانىڭ ئىتتىك ئېقىشىنى بويلاپ، ھەربىر ئۆركەشكە ئۆتكۈر تۇمشۇقلىرىنى سوقۇپ، كېتىۋاتقان ئادەمنىڭ غولىچى يەتمەيدىغان يەتتە-سەككىز قارىغاي ياغاچنى
بىر- بىرىگە چېتىشىدىن ھاسىل بولغان ساللاردا قالغان ئىدى. ئۇ ئىچىدە «ئىنسانلار نېمە دېگەن ئەقىللىك ھە!، ھەرقانداق بىر ناچار شارائىت ئاستىدىمۇ، ئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىگە ۋە كۈچلۈك ئىرادىسىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئەپچىل چارىسىنى ئويلاپ تاپالايدۇ» دەپ ئويلىدى. سالچىلارنىڭ سال ئۈستىدىكى ئاشۇ جەسۇر سىيماسى ئۇنىڭ سەبى قەلبىنىڭ تېرەن جايىدىن ئورۇن ئالدى ۋە ئۇلارغا بولغان مۇھەببىتى شەكىلسىز يىپلار بىلەن دەريا ئۈستىدىكى لەھەڭدەك ئۈزۈپ كېتىۋاتقان سالغا باغلانغان ئىدى. مەسئۇتنىڭ كىشىگە ئىلھام بېرىدىغان خىياللىرىنى نۇرتاينىڭ ۋاقىرىغان ئاۋازى بۇزۇۋەتتى.
بۇ چاغدا نۇرتاي يارنىڭ ئۇچۇرمىسىدا ئىككى قولىنى بۈركۈتنىڭ مەزمۇت قانىتىدەك كىرىپ، بار كۈچى بىلەن ۋارقىراپ، ئۆزىنى دەرياغا ئېتىشقا تەرەددۇت قىلىۋاتاتتى. بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغان مەسئۇت نۇرتايغا قارىشى بىلەن تەڭ، خۇددى قىيا ئۇچۇرمىسىغا ئۇۋا سالغان بۈركۈتنىڭ، ئۇۋىسىدىن ئۇچۇپ چىققىنىدەك تېز سۈرئەت بىلەن دەريا يۈزىگە قاراپ ئۇچتى ۋە دەريا قەھرىگە بېلىقئالغۇچتەك كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ چۈشكەن يېرىدىن خۇددى ئەجدىھانىڭ قاسرىقىدەك قات-قات دولقۇنلار پەيدا بولۇپ، ئەتراپقا تەكشى يېيىلدى، بىردەمدىن كېيىن ئۇ دەريانىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ئوتتۇرىغا يېقىنراق يېرىدىن شۇڭغۇپ چىقىپ، يار ئۈستىدىكى مەسئۇت بىلەن زەيناۋىددىنغا سۇ دەسسەپ تۇرۇپ قول ئىشارىتى قىلىپ، ئۆز غەلىبىسىنى تەنتەنە قىلدى.
ھايت – ھۇيت دېگۈچە يۈز بەرگەن بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن مەسئۇتتا بىر خىل ھاياجان پەيدا بولدى – دە، دەرھال يارنىڭ لېۋىگە كەلدى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئاكىسى كېلىپ يېنىدا تۇردى ۋە – كېلە ئىككىمىز تەڭلا ئاتايلى، قورقما، مەن يېنىڭدا، بىرلا قېتىم ئېتىۋالساڭ ھەرگىز قورقمايدىغان بولۇپ كېتىسەن، سەن سۇ ئۈزۈشنى ياخشى بىلگەندىكىن قورقىشىڭنىڭ ھاجى يوق،- دەپ تۇرۇشىغا مەسئۇت ئۆزىنى تۆۋەنگە پۇتچىلاپ ئاتتى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن زەيناۋىددىنمۇ ئۆزىنى تاشلىدى. مەسئۇت سۇنىڭ قەھرىدە ئىككى پۇتى بىلەن سۇنى تېپىپ يۇقىرىغا لەيلەپ چىقتى، ئەمدى ئۇ ئۆزىنى توختىتىۋالغان ئىدى. مەيلى سەن ئۆزۈڭنى يۇقىرىدىن تۆۋەندىكى دەرياغا ئات ۋە ياكى تۆۋەندىن يۇقىرىدىكى قىيا تاغلارغا ياماش ھەممىسىگە جاسارەت بىلەن ئىرادە كېتىدۇ. بۇنداق بىر جاسارەت ۋە ئىرادە مەسئۇتنىڭ ئاشۇ ئورۇق بەدىنىڭ ئىچىدىكى ئالمىدەك يۈرىكىدە بار ئىدى. بۈگۈن ئەنە شۇ جاسارەت بىلەن ئىرادىنىڭ بارلىقىنى ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئاكىسى بىلەن ئادىشىنىڭ ئالدىدا ئىسپاتلىغان ئىدى. ئۇ سۇ يۈزىدە چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋالغاندىن كېيىن، ئاكىسى بىلەن نۇرتاينى ئىزدىدى.
نۇرتاي ئاپتاپتا كۆيۈپ سەندەلدەك قارىداپ كەتكەن كۆكرىكىنى ئالدىدا كۆتۈرۈلۈۋاتقان دولقۇنلارغا ئۇرۇپ تۇرۇپ، خۇددى سۇنىڭ ئىچىدە مېڭىپ كېتىۋاتقاندەك، دەريانىڭ قاپ بېلىدىن كەسىپ ئۈزۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ۋە ئاكىسىنىڭ سۇنىڭ ئېقىشىنى بويلاپ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ ئۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئاندىن ئۇ ئارالدىكى توقايلىق تەرەپكە قارىدى، لېكىن كۈننىڭ نۇرى ئۇنىڭ كۆزىنى چىقىپ كېتىۋاتقاچقا ھېچنېمىنى كۆرەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاكىسى بىلەن بىرگە توقايلىق تەرەپنى نىشان قىلىپ دەريانىڭ ئۇ ياقىسىغا ئۆتۈش ئۈچۈن ئۈزۈشكە باشلىدى. مۇزدەك تاغ سۈيى مۇنداق ئاتەشتەك ئىسسىقتا ئادەمگە ئالامەت راھەت بەخش ئېتەتتى. ھەقىقەتەن ئىلى دەريا سۈيىدە راھەت بار، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭدا بۇ ھاياتنىڭ قىممىتى بار .يىراقلاردىكى ئاقباش تاغلاردىن سىيرىلىپ چۈشۈپ، تار جىرالاردىن ئېقىپ كەلگەن بۇ ئەزىم دەريا ئەسىرلەردىن بۇيان مانا مۇشۇنداق توختىماي ئېقىپ، ئىلى بوستانلىقىنى ئۆز قىنى بىلەن سۇغۇرۇپ ياشارتىپ، خۇددى بۇ زېمىننىڭ سۈت ئانىسىدەك ئېمىتىپ كەلدى.
باي-گاداي، ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىماي ھەممىسىگە ئۆزىدىن بىر ئۆلۈش تەقدىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ باغ – باراۋان، ئېتىز-دالالىرىنى ياپ-يېشىل ياشارتتى. بۇ سۇغا ئەمگەكچان ئىلى دېھقانلىرىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى، يىگىت – قىزلىرىنىڭ شېرىن مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن. بۇ دەريا ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تالاي-تالاي قېتىم ئېلىپ بارغان قانلىق كۈرەشلىرىگە شاھىت بولغان، تۈمەنلىگەن نامرات -يوقسۇللارنىڭ ھەسرەت-نادامەتلىرىگە قۇلاق سالغان، مىڭلىغان ئاشىق – مەشۇقلارنىڭ ھىجران كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەن، پايانسىز بۇ زېمىننى باغرىغا باسقان ئۇلۇغ ئانا. بۇ ئۇلۇغ ئانىنىڭ ئۈزلۈكسىز سوققان يۈرىكى مەڭگۈ ھەرىكەتتىن توختىمىغاي! مانا ھازىر مەسئۇت بۇ ئانا دەريانىڭ قوينىغا باش چۆكۈرۈپ ئۈزۈۋاتاتتى. ئۇنىڭ دەريا تەكتىدىكى ئۈزۈشلىرى ۋە ئاغزىدىن بالقوشۇقتەك سۇ شارچىلارنى ئۈزۈلدۈرمەي چىقىرىشلىرى بولسا، بەئەينى ئاغزىدىن دەم يېرىلىپ، دەم پەيدا بولىدىغان كۆپۈكچىلەرنى ئارقا – ئارقىدىن چىقىرىپ، دېڭىز تېگىدە ئۆسىدىغان قىزىل، قىزغۇچ، سېرىق ۋە يېشىل رەڭدىكى چۆپلەرنىڭ ياپراقلىرىنى بويلاپ ئۈزۈپ يۈرگەن رەڭدار بېلىقلارنى ئەسلىتەتتى.
ئۇ ئەمدى سۇنىڭ تەكتىدە كۆزىنى ئاچتى، دەريانىڭ ئاستىدىكى ئېقىن ئۇنىڭ كۆزىگە ھەر خىل كۆرۈندى. گەرچە دەريا يۈزىدە ئوخشاش كۆرۈنىدىغان دەريا ئېقىنى ئۇنىڭ كۆزىگە نۇرغۇنلىغان ئېقىنلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەندەك، بۇ ئېقىنلارنىڭ بەزىلىرى تېز، بەزلىرى ئاستا، ھەتتا بەزى يەرلەردە سۇ توختاپ قايناپ ياساپ پىرقىراۋاتقاندەك كۆرۈندى. ھازىر ئۇ، سۇ يۈزىدە زايىر بولغان ھەقىقەتلەردىن باشقا يەنە سۇ تەكتىدە باشقا بىر ھەقىقەتنىڭ بارلىقىنى بايقىدى. دېمەككى ھەر كۆرۈنگەن نەرسە، ئەسلىدە كۆرۈنگىنىدىن پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ تەكتىگە چوڭقۇر شۇڭغىغاندەكلا ئاندىن ئۇنىڭ ھەققى كۆرۈنۈشىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدى. ئۇ سۇ يۈزىگە چىقىپ نەپەس ئېلىۋالغاندىن كېيىن يەنە ئۈزۈشنى داۋاملاشتۇردى. بەزىدە كۈچلۈك دولقۇنلار ئۇنىڭ نازۇك گەۋدىسىنىڭ ئالدىغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، يۈز-كۆزىگە مۇزدەك ئۇرۇلۇپ، ئۇنى خېلىلا گاڭگىرىتىپ قوياتتى. لېكىن ئۇ بۇ دەريادىن مۇشۇ ياشقا كەلگىچە نۇرغۇن قېتىملاپ ئۇياققا ئۈزۈپ ئۆتكەن بولغاچقا يەنىلا ئۆزىدە ئىشەنچ بار ئىدى.ئۇ كۆكسىنى تولدۇرۇپ چوڭقۇر-چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ ئۈزۈشنى داۋام قىلىپ ئاخىرى توقايلىق تەرەپكە ئۈزۈپ ئۆتتى.
دەريانىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى بۇ ئارال ئىرماش – چىرماش بولۇپ كەتكەن جىغانلار، تاللار، يېكەنلەر ۋە تىۋىلغىلار بىلەن پۈركەنگەن توقايلىق ئىدى. بۇ پىنھان ماكاندا ياۋا ئۆردەك، كەكلىك، قارا قۇشقاچ، بېلىقئالغۇچ قاتارلىق ھەرخىل قۇشلار ۋە ياۋا توشقان ھەتتا يىلان قاتارلىق ھايۋانلار بەكمۇ كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قوزغىلىپ ھاۋاغا قاراپ ئۇچسا، بەزىلىرى سۈزۈلۈپ كېلىپ قوناتتى، يەنە بەزىلىرى ئارالدىكى كىچىك كىچىك ئېقىنلاردا ئۈزسە، بەزىلىرى بۇلاقلاردىكى سۈپسۈزۈك سۇلارنى ئىچەتتى. بۇ يەر بەجايىكى ئېرەم باغنىڭ بىر بولۇڭىغىلا ئوخشايتتى. بولۇپمۇ توقايلىقلاردىن ياۋا ئۆردەكنىڭ تۇخۇمىنى تاپماق بەك ئاسان ئىدى. ئەمما يىغقان تۇخۇملارنى دەريانىڭ ئۇ ياقىغا ئۆتكۈزۈش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس ئىدى. چۈنكى تۇخۇملارنى سېلىپ ئۇياققا ئۆتكۈزۈشكە كېرەكلىك بولغان خالتىدەك نەرسە ئۇلاردا يوقتى. ئۇلار ھەر قېتىم مۇشۇنداق مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە «بۇدا قېتىم خالتا ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇمايلى » دەيتتىيۇ، لېكىن ھەر قېتىم ئۇنتۇپ قىلىپ، بۇ ياققا قۇرۇق قول ئۈزۈپ ئۆتەتتى. ئەمما نۇرتاينىڭ بۇنىڭغىمۇ ئامالى بار ئىدى. ئۇ كۈچلۈك قوللىرى بىلەن تىۋىلغا ۋە جىغان تاللىرىنى سۇندۇرۇپ – سۇندۇرۇپ ئەكېلىپ، بىر باغلام قىلغاندىن كېيىن، ئارىسىغا خۇددى ئۆردەك ئۇۋا ياسىغاندەك يېكەن بىلەن ئۇۋا ياساپ، يىغقان تۇخۇملىرىنى ئۇۋىغا ئاۋايلاپ سېلىپ، ئاندىن تال چىۋىقلىرى بىلەن باغلاپ دەريادىن ئۇياققا ئۆتكۈزەتتى.
دېمەك بەزىدە ئەڭ ئۇلۇغ پىكىرلەر مۇشۇنداق ئاددىي ئىشلاردىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. پەقەت مەقسەت ۋە نىشان ئېنىق بولسىلا قىلىدىغان ئىش ۋە ئامال چوقۇم تېپىلىدۇ. لېكىن بۇ ئىشنىڭ خېلى ئاۋارىچىلىكى بار ئىش ئىدى. بىرە دۆۋە جىغان يىغىش ئۈچۈن بەزىدە بالىلارنىڭ بەدەنلىرى سىزىلىپ، تىتىلىپ كېتەتتى. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ياۋا ئۆردەك تۇخۇمى يىغىمەن دەپ ئولتۇرماي، يۇمشاقراق بىر يەرنى تېپىپ سوزۇلۇپ يېتىپ، كەكلىك، ياۋا ئۆردەكلەرنىڭ يېقىملىق سايراشنى ئاڭلاشنىڭ ئۆزى، كىشىگە ئالەمچە زوق بېرەتتى. شۇڭا مەسئۇت ياۋا ئۆردەكنىڭ تۇخۇمىنى يىغىشقا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيتتى. ئۇ ھەر قېتىم دەريانىڭ بۇ تەرىپىگە ئۆتكەندە، شەرقتىن غەربكە قاراپ سوزۇلۇپ ئېقىۋاتقان دەريانىڭ تىنىمسىز دولقۇنلىرىغا، توقايلىقتىكى يېكەنلەر بىلەن جىغان تاللىرىنىڭ تاغ شامىلىدا ئېغاڭشىشلىرىغا، ھەرخىل قۇشلارنىڭ سايراشلىرىغا كۆڭلىنى ئاغدۇرۇپ، بۇ ئارالنىڭ گۈزەللىكىنىڭ پەيزىنى سۈرەتتى.
مانا ھازىرمۇ ئۇ، ئاستا – ئاستا يەڭگىل ئاۋاز چىقىرىپ تۇرغان سۈپ سۈزۈك كىچىك بۇلاقنىڭ يېنىدىكى مامۇقتەك يۇمشاق ياپيېشىل چىملارنىڭ ئۈستىدە ئوڭدىسىغا يېتىۋېلىپ، كۆك يۈزىدە ئاپاق ئۈزۈپ يۈرگەن بۇلۇتنىڭ ھەرخىل سۈرەتلىرىنى تاماشا قىلىۋاتاتتى. قاتار – قاتار تىزىلىپ، ئۇنلىرىنى ياڭرىتىپ، رىتىملىق قانات قېقىپ ئۇچۇۋاتقان تۇرنىلارغا زوقلىنىپ قاراۋاتاتتى. توقايلىقتىن ئۆز جۈپتىنى چاقىرىۋاتقان كەكلىكنىڭ خۇددى قاقاقلاپ كۈلگەندەك ئاۋازىغا، قارا قۇشقاچلارنىڭ ئەركە قىزنىڭ ئۈنىدەك يېقىملىق سايراشلىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئاللىقانداقتۇر خىياللارنىڭ تېگىگە باش چۆكۈرۈپ كەتكەن ئىدى. دەريا سۈيى ۋە بۇلاقلارنىڭ يۈزىدىن كەلگەن سەلكىن شامال ئۇنىڭ يالتىراق قارا چاچلىرىنى تارايتتى، سېلىق، پارقىراپ تۇرغان يۇمران تېرىسىنى سىلايتتى. پۈتۈن ۋۇجۇدىدا پەيدەك يۇمشاق ھېس-تۇيغۇ چايقىلاتتى. كۆزلىرىدە بەخت ۋە شاد – خوراملىقنىڭ جۇشقۇسى ئەكس ئېتىۋاتقان ئىدى.
ئەمدى ئوي ۋە ھۇزۇر بىلەن يېتىشنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ ئەتراپنى مۇزدەك سۇكۇنات بېسىشقا باشلىدى. قۇياشمۇ ئاستا – ئاستا دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا شۇڭغۇپ، دەريا يۈزگە قىپقىزىل پەرەڭ يوپۇق يېپىشقا باشلىغان ئىدى. سالقىن ھەم يېقىملىق كېچىلىك شامالدا توقايلىقتىكى يېكەنلەرنىڭ قەغەزدەك ياپراقلىرى ۋە ئىنچىكە شاخلىرى تەۋرىنىپ تۇراتتى، تىۋىلغىلارنىڭ ئىنچىكە تاللىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ چىرايلىق كېچە ئىدى. بىراق كەچ كىرگەنسېرى ھاۋادىكى نەملىك ئېشىپ، دەريانىڭ سۈيى ئۆرلەپ، ئەتراپتا ئۇچۇپ يۈرگەن قانخور پاشىلار ئاسماندىن چۈشكەندەكلا كۆپىيىپ كەتتى.
بۇ پاشىلار كىچىك، ئاجىز بولۇشىغا باقماي، ئۆلۈمنى پىسەنتىگە ئالماي، زەربىدارلىق بىلەن مەسئۇتقا ھۇجۇم قىلىپ، ئارامىنى قويمايۋاتاتتى. بەلكى ئۇنىڭ قىنى باشقىلارنىڭكىدىن تاتلىقمىكىنتاڭ، پۈتۈن پاشىلار پۇرسەتنى پەملەپ ئولتۇرماي ئوقتەك ئۇچۇپ كېلەتتى، ھېچ ئىككىلىنىپ يۈرمەيتتى، تىڭ تىڭلاپ باقىدىغان ئىشنىمۇ قىلمايتتى – دە، ئۇدۇل كېلىپ قالايمىقان ئېتىلغان ئوقتەك، شىددەت بىلەن يىڭنىگە ئوخشايدىغان نەشتىرىنى مەسئۇتنىڭ ئۇيەر – بۇ يېرىگە سانجىيتتى. پاشىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا چىدىمىغان مەسئۇت ئىچىدە «دېمەك بۇ ئالەمدە مۇتلەق راھەت جاي يوقكەندە، مۇشۇنداق جەننەتتەك راھەت يەردىمۇ، ئەڭ بولمىغاندا مۇشۇ راھەتلىكنى بۇزىدىغان مۇشۇنداق كىچىك پاشىلار بار. مەن ھاقارەتلەشلەر ئىچىدە پاشىلارنى ئەڭ ئۆچ كۆرىمەن. ئۇنىڭ چىقىشىغۇ بىر نورى، ھەممىدىن يامان يېرى ئادەمنىڭ ئەتراپىدا غىڭ-غىڭ قىلىپ تىنماي غىڭشىپ، كىشىنىڭ دىققىتىنى بۇزۇپ، بىر ئىش قىلدۇرمايدىغان يېرى مېنى بەكمۇ جىلە قىلىدۇ. ۋادەرىخا، جەننەتتىمۇ پاشا بارمىدۇ؟».
ھازىر ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن مەسئۇت ئورۇنىدىن تۇرۇپ، ئۇياققا ئۈزۈپ ئۆتۈشكە تۇتۇندى. نۇرتايمۇ ئۆزىنىڭ يىغقان تۇخۇملىرىنى تەييارلاپ، جىغان باغلىرىنىڭ ئارىسىغا جايلاشتۇرۇپ بولغان ئىدى. زەيناۋىددىن خۇددى نۇرتايدەك ياۋا ئۆردەكنىڭ تۇخۇمىنى يىغىپ، بىر باغ چىغاننىڭ ئارىسىغا جايلاشتۇرۇپ ھەممىنى تەق قىلغان ئىدى. ھازىر ھاۋانىڭ ئىسسىق تەپتى پۈتۈنلەي يېنىپ، خىلىلا سالقىن بولۇپ قالغان ئىدى. دەريانىڭ تۆۋىنى قىپقىزىل قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، قۇياش دەل دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا پىتىشقا باشلاپ، جۈرئەتكار قاراڭغۇلۇق بۇ ۋادىگە تەھدىت ياغدۇرۇشقا باشلاۋاتاتتى.
مانا بالىلارنىڭ ئۈچىلىسى سۇغا ئۆزىنى ئاتتى، نۇرتاي ھەممىنىڭ ئالدىدا بىر باغلام جىغاننى بىر قولىدا سۆرەپ، يەنە بىر قولى بىلەن ئۈزۈپ، قىپقىزىل شەپەقتە لالە بەرگىلىرىدەك قىزارغان ئۆركەشلەرنى يېرىپ ئۇياققا ئۈزۈپ ئۆتتى، ئارقىدىنلا مەسئۇت، ئاخىرىدا زەيناۋىددىن ئۈزۈپ ئۆتۈپ، يارغا يامىشىپ چىقتى ۋە تىقىپ قويغان يەرلىرىدىن كىيىملىرىنى ئېلىپ كىيىشتى. ئۈچىلىشىنىڭ گەۋدىسى مىڭ پاتمان يۈك ئارتىلغاندەك ئېغىرلىشىپ، پۇتلىرى مامۇققا دەسسىگەندەك بوشىشىپ كەتكەن ئىدى. ئىلاجسىزلىقتىن بىر چامداپ، ئىككى چامداپ دېگەندەك ئاستا ھارغىن قەدەملىرىنى تاشلاپ، ئاچ قورساق ئۆيلىرىگە راۋان بولدى.
(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى. داۋامى بار)