مەسئۇت ئەپەندى (4)
ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت
سابىر ئائىلىسى يېقىنقى يىللاردىن بېرى دېھقانچىلىقتىن ھالقىپ، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ يايلاقتىكى چارۋىلىرى كۆپىيىپ، شەھەردىكى تىجارىتى ئوبدانلا روناق تېپىپ، يايلاقلاردا توپ – توپ يىلقىلىرى، پادىلىرى بار بولغان بايلاردىن بولۇپ قالغان ئىدى. شەھەردە بولسا مەسئۇتنىڭ چوڭ ئاكىسى ئەختەمنىڭ تېرە تىجارىتى ياخشى راۋاجلانغان بولۇپ، كىشىلەر ھازىر ئۇنى «ئەختەمباي» دەپ چاقىرىشاتتى. سابىر 1897- يىلنىڭ ئاۋغۇست ئايلىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا يايلاققا چىقىپ، يىلقا ۋە پادىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈش بىلەن ئاۋارە ئىدى. شۇڭا ئۇ يايلاققا چىقىشتىن ئاۋۋال ئوغلى مەسئۇتنىڭ شەھەردىكى ئوقۇش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىشى ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ، مەسئۇتنىڭ ئوقۇشىغا ھەر دائىم كۆڭۈل بۆلۈشنى ئەسلا ئېسىدىن چىقارمايتتى.
مانا ھازىر سابىرنىڭ ئەڭ يېقىن ئاغىنىسى، سەپدىشى توختى ھارۋىكەش (بەزىلەر «توختى توكۇر» دەپمۇ ئاتايتتى) مەسئۇتنى ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ، شەھەرگە قاراپ مېڭىشقا تۇتۇنغان ئىدى. ئىشىك ئالدىدا ئوغلىنى ئۇزۇتۇپ قاراپ تۇرغان ئايسىخان، مۇشۇ كەمگىچە يېنىدىن ھېچ ئايرىمىغان كەنجىتايىدىن ئايرىلىپ قالغىنىغا كۆڭلى شۇنچىلىك يېرىم بولۇپ، ئوغلىغا ئاق يول تىلەپ، كۆزلىرىنى نەمدەۋاتقان ياشلارنى توختىماي سۈرتەتتى. بۇ ھاياتتا ئانىلارنىڭ بالىلار ئۈچۈن تۆكىدىغان ياشلىرى ھېچبىر زامان تۈگەپ قالغان ئەمەس، مانا شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ئايسىخان چوڭ ئوغلىنى ئۇزاتقاندا قانداق ياش تۆككەن بولسا، كەنجى ئوغلى ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭدىن بەتەر ياش تۆكۈۋاتقان ئىدى. كەنجىتاي ئوغلىدىن ئايرىلغان ئانا، ئات ھارۋىسىدىن تورلاشقان كۆزلىرىنى ئۈزمەي، تاكى مەھەللىنىڭ ئازادە، چىرايلىق، سالقىن، گۈللەرنىڭ خۇشبۇي ھىدى قاپلىغان كوچىلىرىدىن چىقىپ سولغا قايرىلغۇچە ئارقىسىدىن قاراپ تۇردى.
ھارۋا مەھەللە كوچىسىدىن قايرىلىپ پاكار- پاكار سوقما تاملارنىڭ يېنىدىكى ھارۋىلارنىڭ چاقلىرى پېتىپ كاتاڭ بولۇپ كەتكەن تار يولدا ئىككى يۈز قەدەمچە ماڭغاندىن كېيىن، توختى ھارۋىكەش ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى ئوڭ تەرەپكە تارتىپ، ھارۋىسىنى تار بىر يولغا سالدى، ئۇدۇلدا ھارۋىنىڭ ئىككى چاقى ئارانلا پاتىدىغان، بادرا ياغاچلارنىڭ ئۈستىگە مەڭگەن سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېغىز توپىدىن ئېتىلغان سامانلىق لاينى سېلىپ ياسىغان، كۆۋرۈك كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئات بۇ كۆۋرۈككە كەلگەندە، ئۆزىنى دەڭسەپ، ئاۋايلاپ ماڭدى ۋە كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپلا چوڭ بىر تۇپىلىق يولغا چىقىپ سولغا قايرىلدى، بۇ چاغدا توختى ھارۋىكەش ئۇزۇن قامچىسىنى ھاۋادا لەيلىتىپ تۇرۇپ، بىرلا سىلكىۋىدى، قامچىسىدىن «قاس» قىلغان ئاۋاز چىقتى، بۇنىڭ بىلەن تەڭ، ئات ئىككى قۇلىقىنى مىدىرلىتىپ قويۇپ، ئىتتىك يۇرغىلاپ مېڭىپ كەتتى.
بۇ يوللار ماڭلىيىدا ئاپاق قاشقىسى بار، توق كەرشىنىۋاي ئارغىماق ئۈچۈن، شۇنچىلىك تونۇش ئىدى. چۈنكى ئۇ توختى ھارۋىكەش بىلەن بۇ يوللاردا تالاي قېتىم ماڭغان ئىدى. شۇ ۋەجىدىن بۇ يوللارنىڭ ئۇجۇر- بۇجۇرىنى ئۆز ئىگىسىنى تونۇغاندەك تونۇيتتى ۋە ئۆز ساھىبىنىڭ بۇ يوللارنى بىلگىنىدەك شۇنچىلىك ئېنىق بىلەتتى، ھەتتا قەيەردە توختاپ دەم ئالىدىغانلىقىمۇ ئۇنىڭغا ياد بولۇپ كەتكەن ئىدى. شۇڭا توختى ھارۋىكەش ھارۋىنى پۈتۈنلەي ئېتىغا تاپشۇرۇپ، ئۆزى خاتىرجەم ھارۋىكەش ناخشىسىنى بولۇشىغا توۋلاپ، ئۇخلىغۇسى كەلگەندە ئۇخلاپ خاتىرجەم يول يۈرەتتى. ئۇ ئوتتۇرا بوي، دۇغىلاقراق كەلگەن، ئورا كۆز كىشى ئىدى. قاڭشارلىق ئۇچلۇق بۇرۇنى بولسا، ئىككى ئۇچى ئاسمانغا قاراپ تۇرىدىغان يايدەك ئەگمە بۇرۇتىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ساقىپ چۈشكەن بولۇپ، خۇددى ئېتىلىش ئالدىدا تۇرغان ئوقيا ئوقىغىلا ئوخشايتتى. نېپىز لەۋلىرىنىڭ ئارىسىدىكى كۆكۈش سارغىيىپ كەتكەن چىشلىرىدىن ئۇنىڭ ناسۋال چېكىدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. مانا ھازىرنىڭ ئۆزىدە يەكتىكىنىڭ ئۈستىدىن باغلىۋالغان پوتىسىغا قىستۇرۇۋالغان ناسۋال قاپىقىنىڭ بوينى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
توختى ھارۋىكەش پىيادە يول يۈرگەندە ئوڭ پۇتىنى ئاقساپ ماڭاتتى. شۇڭا لەقەم قويۇشقا خۇشتار ئىلىلىقلار ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ئولتۇرماي ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا لەقىمىنى قوشۇپ «توختى توكۇر» دەپ ئاتايتتى. ئەمما توختى ھارۋىكەشكە ئادەمنى كەمسىتىدىغان بۇ لەقەم ھار كېلىشنىڭ ئورنىغا، ئەكسىچە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بەخش ئېتەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ لەقەم توختى ھارۋىكەشكە ئانچە سىڭىپ كەتمىدى بولغاي، زور كۆپچىلىك دېھقانلار يەنىلا ئۇنى «توختى ھارۋىكەش» دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق تاپقان ئىدى. ئۇ دائىم بېشىدىكى مالخىيىنى ياساپ تۇرۇپ ئوڭ تەرەپكىرەك قىيسايتىپ كىيەتتى. بەلكى ئۇ، بۇ ئاق جىيەكلىك مالىخاينى ئۆزىگە ئەڭ يارىشىدىغان باش كىيىم دەپ قارىسا كېرەك. ئۇنىڭ تەققى – تۇرقىدىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، ئۇنىڭ ئۇزۇن قاش – كىرپىكلىرىگە يازدا دائىم بىر قەۋەت ئاق چاڭ – توزان قونۇقلۇقلا تۇراتتى، قىشتا بولسا بۇ قاش – كىرپىكلەرنى ئاپاق قىروۋ باغلاپ كېتەتتى.
بۇ ھالەت ئۇنىڭ دائىم يول ئۈستىدىلا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قەدىمكىلەر «ھارۋىكەش ئاۋارىكەش» دەپ بىكارغا ئېيتمىغاندە! ۋە ئۇ «توختى ھارۋىكەش» دەپ ئاتالغاندە! نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ مۇشۇ يېزىدىكى ناخشىنى ئەڭ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان ھەتتا ئېغىزىدا تەمبۇر چېلىپ چاڭ چىقىرىۋېتىدىغان ۋە ئېيتقان ناخشىسى بىلەن ھارۋىسىدا ئولتۇرغانلارنى مۇڭغا چۆكتۈرۈپ مەستخۇش قىلىۋېتىدىغان ھارۋىكەشلەردىن ئىدى. ئەمما يېشى چوڭىيىپ قالغاچقىمىكىنتاڭ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى قامچىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئېغىزىدا تەمبۇرنى تازا ياخشى چالالمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر نەچچە چىشى چۈشۈپ كەتكەن بولغاچقا تەمبۇرنى چېلىپ مەرغۇلىغا كەلگەندە چىشلىرىنىڭ كاۋاك يەرلىرىدىن يەل قېچىپ، كۈي بۇزۇلۇپ كېتەتتى. شۇڭا ھازىر ناخشىنىڭ ئاخىرىنى «تەمبۇر» سىز چۈشۈرەتتى. ئۇنىڭ ئېيتقان ناخشىلىرى شۇنچىلىك ياڭراق ئىدىكى، ئېتىنىڭ بېشى مەھەللىگە كىرمەي تۇرۇپ، ناخشىسىنىڭ ئاۋازى يىراقلاردىن ئاڭلىنىپ بولاتتى. ئۇ دائىم «بىزنىڭ ئېيتقان ھەر بىر ناخشىمىز بىر داستان، بىر رومان، بىر تارىخىي دەۋرنىڭ سۈرىتى» دەپ پو ئاتاتتى. دېمىسىمۇ ئىلى خەلق ناخشا تېكىستلىرىنىڭ مەزمۇنى ناھايىتىمۇ مول ئىدى. ھەربىر مەتىن ھەقىقىي ئىلى دېھقانلىرىنىڭ ئەلەملىك سەرگۈزەشتىلىرىنى، ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بالايى – ئاپەتلەرنى، زوراۋان ھۆكۈمرانلارنىڭ زالىملىقىنى، ۋىسالىغا يېتەلمىگەن ئاشىق – مەشۇقلارنىڭ كۆز ياشلىرىنى، قەھرىمان ئوغۇل – قىزلارنىڭ قەھرى – غەزەپلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ياۋ ئالدىدىكى باتۇرلۇقلىرىنى روشەن ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئىسيانكار روھلىرىنى نامايان قىلاتتى.
مانا ھازىر توختى ھارۋىكەشنىڭ ئات ھارۋىسى غۇلجىغا ئۇدۇل ئاپىرىدىغان «بۆلۇكەي» دەپ ئاتىلىدىغان غوللارنىڭ بىرىدە كېتىۋاتاتتى. بۇ ھارۋا تا غۇلجا شەھىرىگە بارغىچە يولنىڭ ئىككى چېتىدىكى نۇرغۇن يېزا – كەنتلەرنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ ئۆتەتتى. دەرۋەقە، ماڭىدىغان يول خېلىلا ئۇزۇن ئىدى. توختى ھارۋىكەش ئىتىنىڭ ئىتتىك كېتىۋاتقىنىدىن زوقلىنىپ، ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا مەسئۇتقا قاراپ قويدى. مەسئۇت ھارۋىنىڭ ئوڭ يان تاختىيىغا جەينىكىنى قويغان پېتى، ئېڭىكىنى يۆلەپ، ھارۋا چاقلىرىنىڭ قالدۇرغان توپا ئىزلىرىغا قاراپ خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇراتتى. مانا بۇ تۇپىلىق يول ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسىدا تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان يولنىڭ مۇقەددىمىسى ئىدى. ئۇ، بۇ يولغا ئۆزىنىڭ يالغۇز چىققانلىقىدىن كۆڭلى بەكمۇ يېرىم ئىدى. گەرچە شەھەردە چوڭ ئاكىسى ئۇنىڭ يولىغا قاراپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇ يېزىدىن بۇنداق يالغۇز ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايۋاتاتتى. بولۇپمۇ ئۆزىدىن ئىككى ياش چوڭ، ئۆزى بىلەن دائىم بىرگە ئوينايدىغان، پۈتۈن ئىشلىرىغا ياردەم قىلىدىغان ۋە يەنە قانداقتۇ بىر نەرسىلەرنى تالىشىپ كۈندە جېدەللىشىدىغان، بۇنداق جېدەللەردە ئۇنىڭغا دائىم يول قويىدىغان، نېمە تالاشسا شۇنى بېرىدىغان ئاكىسى زەيناۋىددىن بىلەن خوشلىشالمىغانلىقىدىن كۆڭلى شۇنچىكى غەش ئىدى.
ھە راست تېخى ئۆزى كىچىكىدىنلا بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، ھەتتا مەڭگۈ ئايرىلماسلىققا ۋەدە بېرىشكەن جان دوستى نۇرتايمۇ بۈگۈن ئەتىگەندە كوچىغا چىقمىغان ئىدى. بۇ ئىككىسىنىڭ ئۆزىنى ئۇزۇتۇپ قويمىغانلىقىغا كۆڭلى شۇنچىلىك رەنجىدە بولۇپ، ئىچىدە:«باشقىسىغۇ بىر نۇرى، زەيناۋىددىن ئاكام بىلەن نۇرتاينىڭ كەلمىگىنىنى قارىمامدىغان» دەپ ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ، ھەسرەت چېكىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ھارۋا چاقىنىڭ توختىماي پىقىراشلىرىغا قاراپ تۇرغان كۆزلىرىدىن تەشۋىش ۋە قايغۇ-ھەسرەت ئەكس ئېتىۋاتتى. ئۇنىڭ بۇ ئەلەملىرىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان ئەلەم ئىدى. دېمىسىمۇ مەسئۇت ئۆزى ئويلىغاندەك، باشقىسىغۇ بىر نۆرى، ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىلغاننى ئاز دەپ، كىچىكىدىن تارتىپ بىللە چوڭ بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ خۇي – پەيلىنى بىلىشىپ بولغان قېرىندىشى ۋە دوستلىرىدىن، شۇنىڭدەك كىندىك قىنى تۆكۈلگەن يېزىسىدىن تۇيۇقسىزلا ئايرىلىش ھەقىقەتەن مەن – مەن دېگەن ئوغۇل بالىغا دەرۋەقە تەس كېلەتتى.
مەسئۇت ئەلەم بىلەن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئارقىسىدا قىلىۋاتقان يېزىسىغا قارىدى. يېزىنىڭ ئۆيلىرى قويۇق ئاق تېرەكلەر ئارىسىدا كۆمۈلۈپ قالغاچقا، خۇددى ئاسماندىن يەرگە چۈشكەن بىر پارچە بۇلۇتقا ئوخشاش لەيلەپ تۇرغاندەك كۆرۈنۈۋاتاتتى. چىمەنلەرگە پۈركەنگەن ئارۇز، گۈزەل يېزىلارنىڭ مالائىكىسى، ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى يېزىلارنىڭ نەمۇنىسى ئىدى. ئۇ خۇددى گۈل قىسقان ھۆسنىنى سۇنۇپ ياتقان جاناننىڭ ئۆزى ئىدى. دېمەك ئارۇز يېزىسىنىڭ بارلىق گۈزەللىكلىرى مۇشۇ ئانا يۇرت تەبىئىتىنىڭ تېپىلغۇسىز ئىنئامى، تەڭرىنىڭ بىز ئۇيغۇرلارغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرى ئىدى. مەسئۇت ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي، كۆز چاناقلىرىدا مەرۋايىت تىزغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەلەمگە تولغان كۆزلىرىنى بولۇق ئۆسكەن ئوت – چۆپلەرنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنغان تۇرغايدەك يوشۇرماقچى بولۇپ، بېشىنى بۇراپ ئۇدۇلغا قارىدى، ئاندىن ئىككى قولىنى تۆگۈلگەن تىزىنىڭ ئۈستىگە گىرەلەشتۈرۈپ قويۇپ، پارقىراپ تۇرغان پېشانىسىنى قولنىڭ ئۈستىگە قويدى. قۇياش نۇرىدا بېشىدىكى يېشىل دۇخاۋىدىن تىكىلگەن يىپيېڭى مانچېستېر دوپپا بولسا، يۇلتۇز زەررىچىلىرىنى چېچىۋەتكەندەك يالتىراپ تۇراتتى. ئۇ شۇ ھالەتتە ئۇيان ئويلاپ – بۇيان ئويلاپ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن، ئىچىنى نېمىدۇر بىر نەرسە تاتىلىغاندەك بولدى. ئاندىن چىگىش خىياللار بىلەن بەند بولۇپ كەتكەن بېشىنى ئاستا كۆتۈرۈپ يولغا قارىدى. ئالدىدى ئىككى يانلىرى چىغىرتماقلار، تىۋىلغىلار ۋە ھەرخىل ياۋا گۈللەر بىلەن ئورالغان توپا يول، خۇددى ئوت – چۆپلەر ئارىسىدا يەر بېغىرلاپ كېتىۋاتقان يىلانغىلا ئوخشاش كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كۆزى بىردىنلا يولنىڭ ياقىسىدا تۇرغان ئىككى كىچىك چېكىتكە چۈشتى.
ھارۋا يانداپ يېقىنلاشقانسېرى ئەسلىدە ئۇ ئىككى چېكىتنىڭ ئاكىسى زەيناۋىددىن بىلەن نۇرتاي ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىندى.مەسئۇت دەرھال ھارۋىدىن ئىرغىپ چۈشۈپ، يول ياقىسىدىكى كاككۇك گۈللىرىنىڭ كۆكۈش ئۇزۇن غوللىرىنى دەسسەپ، ئاتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئۇلارغا قاراپ چاپتى. يول ئۈستىدە ھارۋىنىڭ كېلىشى ساقلاپ، ئىسسىق ئاپتاپتا تەرلەپ پىشىپ تۇرغان زەيناۋىددىن ئىككى قولتۇقىغا ئىككى قوغۇننى قىسقان پېتى تۇراتتى. نۇرتاي بولسا، سۆگەت چىۋىقىدىن توقۇلغان سېۋەتنىڭ تۇتقۇچىغا كۆسەيدەك قارىداپ كەتكەن بىلىگىنى كىرگۈزۈپ، سېۋەتنى قورسىقىغا تىرىگەن پېتى تۇراتتى. مەسئۇت يۈگۈرۈپ قۇچاق ئېچىپ كەلگەن پېتى، ئىككىسىگە تەڭلا ئېسىلىپ قۇچاقلاپ كۆرۈشتى. ئۇنىڭ خۇشاللىقى يۈزىگىچە تېپىپ چىقىپ، قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ، سەھەردە ئېچىلغان قىزىل گۈلدەك چىرايلىق بولۇپ كەتكەن ئىدى، ھاياجاندىن كۆزىدىن ئاققان ئىككى تامچە ياش ياپراقتەك يۈزىدە شەبنەمدەك تىترەپ تۇراتتى. دېمەك ھاياتنىڭ قىممىتىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس نۇقتىسى، مۇشۇنداق قېرىنداشلار ۋە ۋاپادار دوستلارنىڭ ھېچقانداق بىر مەنپەئەتنىڭ تاماسىدا بولماي، ئىچىدىن چىققان بىر مېھرى – مۇھەببەت ۋە سېغىنىش ئوتى بىلەن چىڭ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىدىغان دەقىقىلەردۇر. دېمەك ئادەم بالىسى بۇ دۇنيادا ئەنە شۇنداق گۈزەل دەقىقىلەر ئۈچۈن ياشىسا كېرەك؟!. مەسئۇت ھاياجاندىن كۆزىگە كەلگەن ياشلىرىنى يوشۇرۇپ تۇرۇپ:
– مەن تېخى سىلەرنى«مەن بىلەن خوشلاشمايلا دەريا بويىغا كېتىپ قاپتۇدە» دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. ئەسلىدە سىلەر مېنى يولدا ساقلاپ تۇرۇپتىكەنسىلەردە،- دەپ ئاكىسىغا قاراپ، چاندۇرماي قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن يۈزىنى سۈرتتى. زەيناۋىددىن قولتۇقىدىكى ساپسېرىق سارغايغان پوستىلىرىغا چاك كەتكەن ئىككى قوغۇننى ئۇكىسىغا ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ – ئالە مۇنۇ قوغۇنلارنى، يولدا يەپ ماڭارسىلەر. مەن ئەتىگەندىلا ھېلىقى بىزنىڭ يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، قوغۇن تېرىغان ھامۇتاخۇن قەشقەرلىقنىڭ قوغۇنلۇقىغا بېرىپ «ھامۇتاخۇنكا، ئۇكام شەگە كىرەتتى، شۇڭا يولدا يەيدىغانغا ئىككى تال قوغۇن ئۈزۈپ بەرسىلە» دەپ بىر ياماق تەڭلىسەم، پۇلنىمۇ ئالماي، تاللاپ تۇرۇپ ئىككى قوغۇننى قولتۇقۇمغا قىستۇرۇپ قويدى. ئۇ ئادەم قەشقەرلىك بولغىنى بىلەن ئاجايىپ مەرد ئادەمكە ئەمەسمۇ، ياخشىلىقىنى بىلمەي يۈرۈپتۇق، – دەپ، يېنىدا سېۋەتكە لىق تولدۇرۇپ تىزىلغان ئالمىنى تۇتۇپ قوللىرى تېيىلىپ كەتكەن نۇرتايغا قاراپ كۈلۈپ قويدى. مەسئۇت ئاكىسىنىڭ قولتۇقىدىكى قوغۇننىڭ بىرىنى ئېلىپ ھارۋىغا سالدى، ئارقىسىدىن ئاكىسىمۇ قولتۇقىدىكى يەنە بىر قوغۇننى ئىككى قولىنىڭ ئالىقىنىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ، ھارۋىغا ئاۋايلاپ سالغاچ، ھارۋىدىن چۈشمەي بالىلارنىڭ گەپ – سۆزلىرىگە، ئىش – ھەرىكەتلىرىگە سەپ سېلىپ ئولتۇرغان توختى ھارۋىكەشكە قاراپ، ئوڭ كۆزىنى قىسىپ قويدى.
بۇ چاغدا نۇرتاي قولىدىكى قىزىل گۈلدەك قىپقىزىل قىزىرىپ پىشقان قىزىل ئالما سېلىنغان سېۋەتنى مەسئۇتقا تەڭلەپ تۇرۇپ – ئالا مۇنۇ بېغىمىزنىڭ ئالمىسىنى. مەن بۈگۈن سەھەردىلا ئالمىلارنى شاختىن بىر تالدىن بىر تالدىن ئۈزۈپ، سېۋەتكە تىزىپ، سېنى شەھەرگە ئالغاچ كەتسۇن دەپ ئەكەلدىم، شەھەرلىكلەر ھەقىچان بۇنداق ئالمىلارنى يەپ باقمىغان، سەن ئۇلارغا «بىزنىڭ يېزىدا بۇنداق رەڭدار قالتىس ئالمىلارمۇ بار» دەپ بىر كۆرسىتىپ قوي،- دېدى ۋە قولىدىكى سېۋەتنى مەسئۇتقا خۇددى بىر دەستە گۈلنى سۇنغاندەك سۇندى. ئالمىلار سېۋەتكە شۇنچىلىك پەم بىلەن تىزىلغانكى، مەسئۇت قولىغا ئالغان بىر سېۋەت ئالما خۇددى بىر دەستە قىزىل گۈلدەك چىرايلىق بولۇپ، ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ يېغىنى يەيتتى. ئالمىلارنىڭ ئاستىغا سالغان ياپيېشىل چۆپلەرنىڭ سېۋەتنىڭ ئۈستىدىكى پاكىز قىرلىرىدىن چىقىپ تۇرغان پۇپۇكلىرى خۇددى تېخى ئېچىلمىغان غۇنچىلاردەك شۇنچىلىك گۈزەل كۆرۈنۈپ تۇراتتى، چۆپلەرنىڭ غوللىرىدىن چىققان ياپراقلار قىزىل گۈلنىڭ كىچىك يوپۇرمالىرىدەك لەرزان تىتترەۋاتاتتى.
مەسئۇتنىڭ ئۇ ئىككىسىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايۋاتاتتى. ئامال بار ئۇلار بىلەن بۇ يول ئۈستىدىكى خىلۋەت ماكاندا بىر دەم بولسىمۇ بىللە تۇرۇۋالغۇسى بار ئىدى. ئەمما ۋاقىت دېگەن ساقلاپ تۇرمايدۇدە، ئالدىدا يەنە بەش ئالتە سائەت ماڭىدىغان ئۇزۇن يول سوزۇلۇپ ياتاتتى. شۇڭا توختى ھارۋىكەش ئۇلارنى ئالدىرىتىپ – ھە مەسئۇت بولدى، ئەمدى ھارۋىغا چىق، نېمانداق قىز بالىدەك نازلىنىپ تۇرىسەن. كەچ كىرىپ كەتكىچە شەھەرگە كىرىۋالمىساق بولمايدۇ،- دەپ ئۇنى ھارۋىغا چىقىشقا ئىشارەت قىلدى. ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان مەسئۇت نائىلاج ھارۋىغا چىقىپ، ئۇلارغا قول سېلىپ خوشلاشتى. مەسئۇت ھارۋىغا چىقىش بىلەن تەڭ توختى ھارۋىكەش ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى بىر سىلكىگەن ئىدى، ئات بىر ئىرغىپلا يولغا راۋان بولدى. توختى ھارۋىكەش ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ – ھە يىگىتلەر ئەمدى يول ئۈستىدە تۇرۇۋەرمەي، ئۇدۇل مەھەللىگە كېتىڭلار، بولمىسا بېشىڭلاردىن ئاپتاپ ئۆتۈپ كېتىدۇ،- دەپ توۋلىدى. زەيناۋىددىن بىلەن نۇرتاي ھارۋىنىڭ ئارقىسىدىن قوللىرىنى پۇلاڭلاتتى، شۇ ئارىدا نۇرتاي،- مەسئۇت بىزنى ئۇنتۇپ قالما! ئارۇزغا چوقۇم قايتىپ كەل!،- دەپ بار كۈچى توۋلاپ، تۇپىلىق يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىپ، ھارۋىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ چاپتى.
ئادەم دېگەننىڭ مۇشۇنداق پەخىرلەندۈرىدىغان دوستىنىڭ بولۇشى، مۇشۇنداق بەختىيارلىق تۇيغۇسىغا چۆمۈلدۈرىدىغان كۆيۈمچان قېرىندىشىنىڭ بولۇشى مەسئۇتتەك بىر شاكىچىك يولچى ئۈچۈن، نېمە دېگەن زور مەنىۋى كۈچ قۇۋۋەت ھە! ئاكىسىنىڭ چىرايدىكى ئۇنىڭغا بولغان خەيرخاھلىق، نۇرتاينىڭ ئۇنىڭغا بولغان دوستلۇق مېھرى مەسئۇتتا ھەقىقەتەن ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى قالدۇرغان ئىدى. ھارۋا بارغانسېرى ئىتتىكلەپ، چاقىدىن چىققان تاراقشىغان ئاۋاز بىلەن ئارقىسىدىن پۇرقۇراپ چىيقان توپا – چاق، نۇرتاينىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى بېسىپ، ئۇنى پۈتۈنلەي توپا بىلەن كۆمۈۋەتكەن ئىدى. مەسئۇت ئارقىدىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان توپا – چاڭلارنىڭ ئىچىدىن ئاكىسى بىلەن نۇرتاينى ئىزدەپ ئۇزۇنغىچە قاراپ تۇردى. ئەمما ھارۋا چاقى ئالدىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەنسېرى ئۇلارنىڭ كىچىك گەۋدىسى توپا – چاڭ بىلەن پۈتۈنلەي كۆمۈلۈپ كەتتى ۋە مەسئۇتنىڭ كۆزىنىڭ ئالدىغا قويۇق بىر چاڭ پەردىسى تارتىلغان ئىدى. مانا بۇ پەردە مەسئۇت بىلەن ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئارۇز يېزىسىنى ۋە ئەڭ يېقىن ئادىشى نۇرتاي بىلەن ئاكىسى زەيناۋىددىن ئايرىۋەتكەن ئىدى.
مەسئۇت ئارقىسىدا كىچىك بىر چېكەتكىدەك كۆرۈنۈپ تۇرغان يۇرتىغا قاراپ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ئادەمدەك جىم ئولتۇراتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ قەلبى گوياكى كەچكى شەپەقنىڭ نۇرىدا قىزارغان كۆلدەك تىپتىنچ ئىدى. ئۈنچىدەك چىشلىرىنى يېپىپ تۇرغان جىلتىدەك نېپىز لەۋلىرى شەپىسىز شامالدا يىپەكتەك شىۋىرلاۋاتقان نېلۇپەر گۈللىرىنىڭ ياپراقلىرىدەك مىدىرلاۋاتاتتى. توختى ھارۋىكەش بولسا، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن، جىمجىت سۈكۈناتنى بۇزۇپ سۆز ئاچتى – مەسئۇت شەھەرگە كىرىدىغان بۇ يول بەك ئۇزۇن، ھېلىتىنلا مۈگدەپ ئولتۇرماي، ئوغۇل بالىدەك تىك ئولتۇر. بىزدە «توپا تامنى زەي يەيدۇ، ئوغۇل بالىنى غەم» دېگەن گەپ بار، ھېلىتىنلا غەمگە پېتىپ قىزىل ئالمىدەك يۈرىكىڭنى لەختە – لەختە قىلماي، قىزىق پاراڭلىرىڭ بولسا قىل، ناخشىلىرىڭ بولسا ئېيت. بۆلۇكەينىڭ غوللىرىدا ناخشا ئېيتىپ ماڭمىساڭ يول ئاۋۇمايدۇ، ھەتتا مۇنۇ ماڭلىيىدا بۇلۇتتەك قاشقىسا بارتورۇق ئاتمۇ ياخشى ماڭماي، مۈگدەپ قالىدۇ. شۇڭا بۇ يوللاردا بولۇشىغا ناخشا توۋلاپ ماڭىدىغان گەپ، قېنى ئۇنداق بولسا باشتا مەن باشلاپ بېرەي،- دەپ ھارۋىكەش ناخشىسىنى باشلىۋەتتى.
ئېتىمنى قامچىلاپ ئۆتتۈم،
بۆلۈكەي غولى بىلەن.
ئوينىساڭ تۈزۈك ئوينا،
ھەر ئىشنىڭ يولى بىلەن.
* * * * *
كۈندە كۆرمىدىم يارنى،
كۈنىدە كۆرەرمەن دەپ.
ئۈمىد ئۈزمىدىم ياردىن،
ئۆلمىسەم سۆيەرمەن دەپ.
ئۇ بۇ ناخشىنى ھەقىقەتەن ھارۋىكەشلەرگە خاس بىر ساپ ئاۋاز بىلەن شۇنچىلىك تەبىئىي ئېيتقان ئىدى. ئارقىسىغا ئۇلاپلا «ۋادەرىخا »نى باشلىدى.
ۋادەرىخا دەردى بىلەن،
مەن ئادا بولدۇم نىتەي.
زەرۇ گۆھەردەك يىتتۈردۈم،
تاپمىدىم ئەمدى نىتەي.
* * * * *
بارمىغاچقا، يانمىغاچقا،
يېگانە دەيدۇ يارمىنى.
بېشىدا پەرۋانە بولسام،
مەستانە دەيدۇ يارمىنى.
ئىلى خەلق ناخشىلىرىغا ئەلمىساقتىن بۇيان مۇشۇ گۈزەل زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىپ كەلگەن ئىلى خەلقىنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرى، مۇھەببەت – نەپرىتى، ئىجتىمائىي تۇرمۇش شەكلى، ئېستېتىك قاراشلىرى ۋە سىياسىي كۈرەشلىرى، جۈملىدىن بىر پۈتۈن تارىختا بېشىدىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتىلىرى مۇجەسسەملەنگەن. ئىلى خەلقى تارىختىن بۇيان تالاي مۇشەققەتلىك ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، تالاي تارىخى ۋەقەلەرگە شاھىت بولۇپ ۋە تالاي قېتىم ياۋغا قارشى كۈرەشلەرگە قاتناشقان بولغاچقا ئەجدادلىرىمىزنىڭ پاجىئەلىك سەرگۈزەشتىلىرىنى، مۇھەببىتىنى، باتۇرلۇقىنى، جەڭگىۋارلىقىنى، ئېستېتىك قاراشلىرىنى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مەزمۇنلار ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ تېكىستلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بولۇپمۇ يۈرۈشلەشكەن ناخشىلاردا ئەنە شۇنداق تېماتىك مەزمۇنلار قويۇق ئەكس ئېتىلگەن بولۇپ، بۇنداق ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بايان ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ مەتىنلىرىدە كۆپرەك سالماقنى ئىگىلىگەن. خەلق ناخشىلىرىنى بىر – بىرىگە چېتىپ بىر يۈرۈش قىلىپ ئېيتىش ۋە ھەربىر يۈرۈش ناخشىلارنىڭ ئاخىرىنى مەرغۇللار بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ ئېيتىش ئۇسۇلى يەنە بىر جەھەتتىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەرلەردىن بىرى بولغان ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئىلى خەلق ناخشىلىرىدا ئۆز ئورنىنى روشەن نامايان قىلغانلىقىنىڭ يارقىن ئىپادىسىدۇر.
ئىلى خەلق ناخشىلىرى شۇنچىلىك يېقىملىق، شۇنچىلىك مۇڭلۇق، شۇنچىلىك جەڭگىۋار، شۇنچىلىك جاراڭلىق ۋە تېرەن مەنالىق مەتىنلىرى بىلەن بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى خەزىنىسى ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ گۈزەل كۈيلىرىنى ئەسىرلەردىن بېرى ياڭرىتىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شىكەستىلەنگەن قەلبىگە مەلھەم بولۇپ كەلمەكتە ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئېگىلمەس – سۇنماس مىللىي روھىنى پۈتۈن جاھانغا نامايان قىلىپ، تارىخقا ئەگىشىپ بارغانسېرى مۇكەممەللىشىپ بارماقتا. مانا ھازىر ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىۋاتقان توختى ھارۋىكەشنىڭ تەققى – تۇرقىدىن، گەپ – سۆزلىرىدىن، ئېيتقان ناخشىلىرىدىن ۋە ئېتىغا ھېچ قامچا تەگكۈزمەي ھارۋىسىنى سېلىق ھەيدەشلىرىدىن، بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقلار ئۆتكەن، تالاي تارىخىي ۋەقەلەرگە ۋە كۈرەشلەرگە شاھىت بولغان بىر تارىخنىڭ گۇۋاھچىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش ئانچە قىيىن بولمىسا كېرەك. بۇ يول تېخى ئۇزۇن قېنى ئۆز ئاغزىدىن نى – نى پاراڭلارنى ئاڭلايمىزغۇ تېخى.
(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)