مەسئۇت ئەپەندى (13)
ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت
جامەنىڭ ئىچى شۇنچىلىك يورۇق بولۇپ، ئۈستىدىكى دېرىزىلىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ قىيپاش سوزۇلۇپ چۈشكەن قۇياشنىڭ رەڭگارەڭ نۇر سىزىقچىلىرى كىشىنىڭ قەلبىدە ئاجايىپ ھاياجانلىق تۇيغۇ پەيدا قىلاتتى. تاملاردىكى ھەرخىل رەڭلىك مەرمەر چاقچۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھۆسنى خەت بىلەن نەقىشلەنگەن ئايەتلەر كىشىگە مەنىۋى قۇۋۋەت بېرىپلا قالماستىن يەنە ئادەمگە كارامەت ئېستېتىك زوق ئاتا قىلاتتى. ۋالىينىڭ يول باشلىشى بىلەن مېھمانلار جامەنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى بوش ئورۇنغا كېلىپ قاتار ئولتۇردى ۋە ئىمامنىڭ خۇتبە ۋەزىگە قۇلاق سالدى. مىنبەردە ۋەز ئېيتىۋاتقان ئىمامنىڭ ئاۋازى جامەنىڭ ئىچىنى لەرزىگە سېلىۋېتىپ باراتتى. ئىمام ئۇرغۇ بىلەن ھۇجۇرات سۈرىسىنىڭ 10- ئايىتىنى ئوقۇدى: « ‹مۆمىنلەر ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر. قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار، رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار› مانا بۇ ئاللاھنىڭ ئەمرىدۇر، مانا بۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىدۇر، مانا بۇ ئاللاھنىڭ دىنىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇھەققەق بىرلىشىشنى، ئىتتىپاقلىشىشنى ئەمىر قىلىۋاتقاندا، بىزنىڭ ئىتتىپاقلاشمىغانلىقىمىز خەيرىلىكمۇ؟ ئايرىم – ئايرىم پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ، پارچە – پارچە بولۇپ كېتىش بىز ئۈچۈن خەيرلىكمۇ؟ ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويۇن ئېگىپ، بىرلىشىش، ئىتتىپاقلىشىش بىز ئۈچۈن خەيرلىك ۋە مەنپەئەتلىكتۇر. بىز مۆمىنلەر قاچانكى بىرلەشكەندە، ئىتتىپاق بولۇپ بىر سەپتە تۇرغاندا كۈچلەندۇق، دۇنياغا ھاكىم بولدۇق، ھەممىمىز ئەزىز بولۇپ، باياشاتلىق ئىچىدە شاد – خۇرام ياشىدۇق، بۈگۈنكىدەك پارچىلىنىپ، بۆلۈنۈپ كەتكەندە بېشىمىزغا كەلمىگەن بالالار قالمايۋاتىدۇ. ئۆتمۈشتە ئەزىز ياشىغان بۇ خەلق دۈشمەننىڭ تەھدىتى ئالدىدا ئاجىز كېلىپ قىلىۋاتىدۇ. ئوسمانلى تۇپراقلىرى پارچە – پارچىگە بۆلۈنۈپ، ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى يوقىتىۋاتىدۇ. ئوسمانلى خەلقى ئۆزىنىڭ تارىختا ئۆتكەن ئەجدادلىرىغا يۈز كېلەلىشى ئۈچۈن بىرلىشىشى، ئىتتىپاقلىشىشى لازىم. مۆھتەرەم ئەزىز مۆمىنلەر! ھازىر بىرلىك ۋاقتى، ئىتتىپاق بولىدىغان ۋاقىت، بىر – بىرىمىزگە سۆيگۈ – مۇھەببەت بىلەن قۇچاق ئاچىدىغان ۋاقىت! بىر-بىرىمىزگە شۇنچىلىك چىڭ باغلانساق، چوقۇم يەنە ئۆز سەلتەنىتىمىزنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز. بىرلىكىمىزنى، ئىتتىپاقلىقىمىزنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ زەھەرلىك ئويۇنلىرىغا ئالدانمايلى، پىتنە – پاساتنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىپ بىزنى پارچىلاپ يوق قىلىشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ قىلتاقلىرىغا چۈشمەيلى. ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاخىرىقى ئۈمىدى يەنىلا دۆلەتى ئالىييەسىدۇر.»* (ئوسمان ئىمپېراتورلۇقىنى دېمەكچى)
جۈمە نامىزىدىن كېيىن، تۈركىستانلىق زىيارەتچىلەر ۋالىينىڭ يول باشلىشى بىلەن ئازراقلا پىيادە مېڭىپ، ئەدىرنەنىڭ مەشھۇر دەريالىرىدىن بىرى بولغان مەرىچ دەريا ساھىلىگە يېتىپ كەلگەن ئىدى. دەريا ساھىلىدا بۈگۈن» جۈمە بازىرى» قۇرۇلغان بولۇپ، دەريا ياقىسىنى بويلاپ سوزۇلغان بۇ يايما بازار ھەقىقەتەن قىزىپ كەتكەن ئىدى. بۇ قايناپ -تاشقىنلىققا تولغان بازاردا قانچە كۆپ خېرىدار بولغىنىدەك، شۇنچە كۆپ مال ساتقۇچىلارمۇ بار ئىدى. ۋالىينىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن ئۇلار قورساقلىرىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن بازارنى تۈزۈك ئايلانمايلا، ئۇدۇل دەريا ياقىسىدا ئېچىلغان كاتتا بىر رېستورانغا كىردى. رېستوران ھەقىقەتەن ئېسىل زىننەتلەنگەن ئىدى، بولۇپمۇ پاكىز كىيىنگەن كۈتكۈچىلەر ئۇلارنى شۇنچىلىك قىزغىن قارشى ئالدى ۋە ئەڭ يۇقىرىدىكى ئاپئاق داستىخان بىلەن بېزەلگەن ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان شىرەگە تەكلىپ قىلدى. مېھمانلار ئۆز جايلىرىغا جايلىشىۋالغاندىن كېيىن، ۋالىي بەگ سۆز ئېچىپ – ئەدىرنەگە زىيارەتكە كەلگەن ھەرقانداق ئادەم ئۈچ ئىشنى چوقۇم قىلىشى كېرەك، ئەگەر بۇ ئۈچ ئىشنى قىلمىغان كىشى ئەدىرنەگە كەلگەن ھېسابلانمايدۇ. بۇنىڭ بىرىنى بىز سەلىمىيە جامەسىدە جۈمە نامىزىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئورۇنلىدۇق. ئىككىنچى ئىشنى يېرىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن مانا ھازىر بۇ يەردە ئولتۇرۇپتىمىز، ئۈچىنچى ئىشنى تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن، سەيلە -ساياھەت قىلىش ئارقىلىق ئورۇنلايمىز،- دېدى. بۇ گەپلەر قۇلاق سېلىپ ئولتۇرغانلار ئارىسىدىن بۇرۇتلىرى ئەمدىلا خەت تارتقان، يۈزى غۇلجىنىڭ ئاق ئالمىسىدەك شۇنچىلىك سۈزۈك، تېرىلىرى قىزلارنىڭ تېرىلىرىدەك شۇنچىلىك يۇمران سابىت مۇساباي، دۇپ – دۈگىلەك كۆزلىرىگە قادىۋالغان كۆز ئەينىكىنى ئوق قولى بىلەن سەل تۈزەشتۈرۈپ تۇرۇپ – ۋالىبەگ، بۇ رېستورانغا ئاتايىتەن باشلاپ كەلگىنىڭىزنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى چۈشەندۇق. سىز بىزگە ئەدىرنەنىڭ ئەڭ مەشھۇر «ئەندىرنە جىگەر تاۋا كاۋاپى»نى يېگۈزمەكچى ئىكەنسىزدە. ھەقىقەتەن ئەدىرنەگە كەلگەن ئادەم جىگەر كاۋاپنى يېمەي كەتسە، ئارماندا قالىدۇ. مەن گەرچە ئىستانبۇلدا كۆپ يېگەن بولساممۇ،ئەدىرنەنىڭ ئۆزىگە كېلىپ يېيىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدىم. مانا بۈگۈن ئەدىرنەنىڭ ئۆزىدە بۇنداق تائامغا، مۇشۇ ئەزىز قېرىنداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە بىر شىرەنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ئېغىز تېگىشنىڭ ئۆزى مەن ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت ۋە ئاجايىپ مەنىۋىيەتكە ئىگە ئەھمىيەتلىك بىر ئىش. ۋالىي جانابلىرىنىڭ بىزگە بۇ پۇرسەتنى سۇنغانلىقىغا تەشەككۈرلەر،- دېدى. شۇ ئارىلىقتا كۈتكۈچى يىگىت پەتنۇسقا تىزىلغان كىچىك شېشە ئىستاكانلارغا قويۇلغان، چىلان رەڭگىدە دەملەنگەن چايلارنى ئەكەلدى. مېھمانلار چايلىرىنى ئېلىپ، ئىچىگە ئۆز ئىختىيارى بويىچە چاقماق قەنتلەرنى سېلىپ، ئەتىرگۈل ياپراقلىرىدەك كىچىك بالا قوشۇقتا ئىلەشتۈرگەچ، ۋالىينىڭ «ئەدىرنە جىگەر تاۋا كاۋاپى» ھەققىدىكى پاراڭلىرىغا قۇلاق سالدى. ۋالىي بەگ ھەقىقەتەن بىر نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈشكە كەلگەندە تالانتى بار ئادەم ئىدى، بەلكى بۇ تالانت ئۇزۇن يىللىق سىياسىي تەجرىبىدىن كەلگەن بولسا كېرەك، ئەيتاۋۇر ھەرقانداق بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان نەرسىنى چۈشەندۈرسە، شۇنچىلىك زىر-زەررىچىلىرىگە قەدەر چۈشەندۈرەتتىكى، ئۇ نەرسە ئاڭلىغۇچىنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنچىلىك روشەن رەۋىشتە زاھىر بولۇپ جانلىناتتى ۋە ھەركىم بولسا، ئۇ نەرسىنى كۆرۈشكە ئالدىرايتتى. ئۇ، يەنە يېيىشكە ئەرزىيدىغان ئالاھىدە تائاملارنىمۇ شۇنچىلىك ياخشى چۈشەندۈرەتتى. ئۇنىڭ بۇ تالانتى مۇشۇ رېستوراندىكى جىگەر تاۋا كاۋىپىنى پىشۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ ھەربىر ئىش ھالقىلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن چۈشەندۈرۈۋاتقانلىقىدىن مانا مەن دەپلا بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ چۈشەندۈرگەنسېرى مېھمانلارنىڭ نەپسى تاقىلداپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى. دېمىسىمۇ ئۇلار سەپەردىن كېلىپلا ئاغزىغا قورساقلىرىنى ئەستەرلىۋالغۇدەك بىرە گىياھ سالمىغان ئىدى. شۇڭا ئۆزلىرىنى چايغا زورلاپ، ۋالىي بەگنىڭ ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتىۋاتقان جىگەر تاۋا كاۋىپىنىڭ قانداق پىشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئاڭلاۋاتاتتى. ئەمما مەسئۇت سابىرىنىڭ نەپسى بەكرەك تاقىلداپ كەتكەنمۇ قانداق، پات – پات تاماق ئەكىلىدىغان تەرەپكە قاراپ – قاراپ قوياتتى. ۋالىي بەگ بولسا توختىماي سۆزلەۋاتاتتى: «جىگەر كاۋىپىنى پىشۇرۇشتا مەنمۇ، مۇشۇ رېستورانىنىڭ ئۇستىلىرىدىن قېلىشمايمەن. ئەمەلىيەتتە جىگەر كاۋىپىنى پىشۇرۇش ئۇنچىلىكمۇ تەس بىر ئىش ئەمەس. باشتا كالا جىگىرىنى ئادەم بېشىغا قاراپ توغرىلاپ ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ زەرى( ئۈستىدىكى نېپىز بىر قەۋەت شىلىمشىق پەردىسى)نى ئېلىۋېتىمىز، ئاندىن ياپراق شەكىلدە توغرايمىز. ياپراق شەكىلدە توغرالغان دانا جىگىرىنى بىر قاچىغا سېلىپ، تاكى قانلىرى پاكىز چىقىپ كەتكەنگە قەدەر سوغۇق سۇدا چايقايمىز. ئاندىن ئۇنىڭ سۇلىرىنى ساقىتىۋەتكەندىن كېيىن، تۇز تەمى تېتىغۇدەك قىلىپ تۇزنى تەكشى سېپىپ، ئاستا ئېلىشتۇرۇپ، تۇزغا ئوبدان مىلەيمىز. ئاندىن ئۈستىگە ئۇن سېپىپ تۇرۇپ، تەكشى مىلەيمىز. ئاندىن كېيىن ئوچاققا ئوتنى يېقىپ، تاۋىغا بىر كىشىلىك سۇ ماينى قويۇپ، ئازراق قىزىتىمىز، ئاندىن ئۇنغا مىلەنگەن جىگەرنى ئېلىپ، كاللەك خېمىردەك بولۇپ قالغان ئۇنلارنى قېقىپ چۈشۈرۈۋېتىپ، ئۇنلار ئۈستىگە تەكشى يېپىشقان ھالەتتىكى جىگەرنى تاۋىدىكى مايغا سېلىپ پىشۇرىمىز. پىشۇرغاندا ھەرگىز ھەممىسىنى بىراقلا تاۋىغا سالمايمىز، ھەربىر كىشىلىكنى بىر قېتىمدىن پىشۇرۇپ ئالىمىز، تاۋىدا سۇزۇلۇپ قالغان مايغا قىش مەزگىللىرىدە بولسا، قۇرۇتۇلغان ئىككى- ئۈچتال قىزىل مۇچنى سېلىپ قىزارتىمىز، يازدا بولسا، نورمال قىزىل مۇچ ۋە ياكى كۆك مۇچلارنى سېلىپ قىزارتىپ ئالىمىز. بىر تەخسە جىگەر تاۋا كاۋىپىنىڭ يېنىغا، قىزارتىلغان مۇچلارنى چىرايلىق تىزىپ قويىمىز ۋە يەنە يانداپ نېپىز توغرالغان پىياز ۋە باشقا سالاتلارنى قويساق بولىدۇ. مۇشۇنداق پىشۇرۇلغان جىگەرنىڭ سىرتى كۇرۇس-كۇرۇس ھالەتتە، ئىچى يۇمشاق بولۇپ پىشىدۇ، تەمى شۇنچىلىك لەززەتلىك بولىدۇ. مانا بۇ مەشھۇر «ئەدىرنە جىگەر تاۋا كاۋاپى»نىڭ پىشۇر رېتسىپى،- دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىغا، كۈتكۈچى يىگىت، يوغان – يوغان يالپاق ئاق چىنە تەخسىلەرنىڭ ئىچىدە، خۇددى ماي بوياق رەسىمدەك كۆرۈنۈپ تۇرغان ئەدىرنە جىگەر تاۋا كاۋىپىنى ئەكېلىپ، ھەربىر مېھماننىڭ ئالدىغا ئەدەپ بىلەن قويۇشقا باشلىدى. كاۋاپنىڭ كۆرۈنۈشى ھەقىقەتەن گۈزەل ئىدى، خۇددى خوتەننىڭ تونۇر كاۋاپلىرىدەك ھەربىر ياپراق جىگەرنىڭ چۆرىلىرى ئازراق سارغىيىپ، ئازراق قورۇلۇپ پىشقان ئىدى، يەنە شۇنداق بىر سەپ سالسىڭىز خۇددى غۇلجىنىڭ سۈرلىگەن گۆشلىرىگىمۇ سەل ئوخشاپ قالاتتى. جىگەر تاۋا كاۋىپىنىڭ بىر چېتىگە ئاق قەلەمچە قىلىپ توغرالغان پىياز قويۇلغان ئىدى، يەنە بىر چېتىگە خۇددى ۋالىي بەگ دېگەندەك مايدا ئازراق پىشۇرۇلغان، پوستلىرى كەھرىۋادەك ۋال-ۋۇل پارقىراپ تۇرىدىغان قۇرۇق قىزىل-مۇچلار چىرايلىق تىزىلغان ئىدى، ئۇنىڭ يېنىغا كىچىك سىركايېدىنمۇ كىچىك بىر چىنە قاچا قويۇلغان بولۇپ، ئىچىدە يۈزى يالتىراپ تۇرىدىغان قىپقىزىل پەمىدۇر(شوخلا) قىيامى بار ئىدى. جىگەر كاۋىپى، پىياز ۋە قىزىل مۇچلارنىڭ ئۈستىنىڭ ئۇيەر-بۇيەرلىرىگە ئاشكۆكى ياپراقلىرى خۇددى زىننەت بۇيۇمىدەك تىزىلغان ئىدى. ھەربىر كىشىلىك تائام خۇددى يېيىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۆرگەزمىگە قويۇلغان رەسىمدەك شۇنچىلىك چىرايلىق جۇلالىنىپ تۇراتتى. ئوبۇلھەسەن ھاجىنىڭ قورسىقى ئېچىپ، ئاشقازىنى چاپلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، نېمىشقىدۇر، ئالدىدىكى ئاشۇ تائامغا قول تەگكۈزۈشكە كۆزى قىيمىغاندەك قىلىپ، بىردەم جىم ئولتۇرۇپ كەتتى. چۈنكى تائامغا چاتال (ئارا) سالغان ھامان ئاشۇ گۈزەل كۆرۈنۈشىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىگە كۆڭلى ئۇنىمايۋاتقاندەك قىلاتتى. دەرۋەقە، ئادەم پەقەت تاماقنىڭ تەمىدىنلا زوق ئالمايدۇ، بەلكى يەنە ئۇنىڭ گۈزەل كۆرۈنۈشىدىنمۇ ئاجايىپ مەنىۋى زوق ئالالايدۇ. ھەتتا بەزىدە مۇشۇنداق گۈزەل پىشۇرۇپ، تەخسىگە چىرايلىق تىزىپ ئەكەلگەن تاماققا قاراپ ئالغان ئېستېتىك زوق، ئادەمگە تاماقنىڭ تەمىدىن بەتەر لەززەت ئاتا قىلىدۇ. دەل مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە جاھان كەزگەن، سورۇن كۆرگەن ئوبۇلھۇسەن ھاجى تاماقنىڭ تەمىدىن بەتەررەك، سۈرەتتەك چىرايلىق كۆرۈنۈشى بېغىشلاۋاتقان مەنىۋى زوققا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئوبۇلھەسەن ھاجىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى خۇددى گيوتېنىڭ:«تاماق دېگەن ئالدى بىلەن كۆزنى خۇشال قىلىشى، ئاندىن ئاشقازاننى» دېگەن سۆزىگە تولىمۇ تەققاس كەلگەن ئىدى.
مېھمانلار تاماقنى تازا ئىشتىھا بىلەن مەنزە قىلىپ يېگەندىن كېيىن، كۆپۈكلىرى ئۆرلەپ، قاچىدىن تېشىپ كېتەي دەپ قالغان تۈرك قەھۋەسىنى ئېچىشىپ، ھاردۇق ئالغاچ مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇۋاتقان چاغدا، ۋالىي بەگنىڭ سىرتتىكى خاس مۇھاپىزەتچىسى كېرىپ، ۋالىينىڭ قۇلىقىغا بىرنېمىلەرنى پىچىرلىدى. بۇنىڭ بىلەن ۋالىي سەل جىددىيلەشكەندەك بولدى – دە، ئۆزىنىڭ جىددىي ئىشىنىڭ چىقىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ، مېھمانلاردىن ئۆزۈر تىلىدى ۋە مېھمانلارنى ئەخمەت كامالغا تاپشۇرۇپ، ئەتە كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە كۈتكۈچىلەرگە مېھمانلارنى ياخشى كۈتۈشنى تاپىلاشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئاندىن يەنە بىر قېتىم ئۆزرىخاھلىق ئېيتىپ، تېزلا رېستوراندىن چىقىپ كەتتى. مېھمانلارمۇ رېستوراندا ئوزۇق ئولتۇرمايلا، مەرىچ دەرياسىنىڭ ساھىلىنى ۋە ھەيۋەتلىك مەرىچ كۆۋرۈكىنى تاماشا قىلىش ئۈچۈن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ سىرتقا چىقتى.
دەريا سۈيى ھەقىقەتەن سۈپسۈزۈك ۋە شۇنچىلىك تىنچ ئېقىۋاتاتتى. ساھىلىدا ئادەملەرمۇ خىلىلا ئازىيىپ، يايمىچىلار نەرسە – كېرەكلىرىنى يېغىشقا باشلىغان بولۇپ، كوچا – رەستىلەردە ئادەم ئازىيىپ، ئەتراپتىكى شاۋقۇن – سۈرەنلەر پەسىيىپ قالغان ئىدى. پەقەت دەريا ساھىلىنى تاماشا قىلىپ كۆۋرۈك تەرەپكە كېتىۋاتقان ۋە ئۇياقتىن كېلىۋاتقان سۆلەتلىك كىيىنگەن ئازغىنە ئادەملەر ئۇياقتىن – بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرۇشاتتى. مەسئۇت سابىرىلارمۇ ئەتراپتىكى مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلغاچ بىر دەسسەپ، ئىككى دەسسەپ مەرىچ كۆۋرۈكىگە يېقىنلاپ كەلدى. مەرمەر تاشلاردىن ياي شەكىلدە ياسالغان ئەگمە كۆۋرۈك خۇددى مەرىچ دەرياسىنىڭ سۈزۈك بوينىغا ئېسىلغان بىر تىزىق ئۇنچە-مارجاندەك شۇنچىلىك يالتىراپ تۇراتتى. دەريانىڭ سۈزۈك يۈزىدە، يىراقتىن كۆرۈنۈپ تۇرغان سەلىمىيە جامەسىنىڭ كۆككە سانجىلغان ئېگىز مۇنارلىرىنىڭ ئەكسى لىغىرلاپ تۇرغان ھالىتى، كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇراتتى. دېمەك بۇ دەريا سەلىمىيە جامەسى ئۆزىنىڭ ئەكسىنى كۆرۈپ، ماختىنىدىغان ئەينىكىنىڭ دەل ئۆزى ئىدى.
مېھمانلارنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ كېتىۋاتقان ئەخمەت كامال قەدىمىنى ئاستىلاتتى ۋە ئارقىسىدىكىلەرنىڭ يېتىشىپ كېلىشى بىلەن تەڭ سۆز ئالدى – بۇ كۆۋرۈكنى «مەرىچ كۆۋرۈكى» دەپ ئاتايدۇ. كۆرۈۋاتقىنىڭلاردەك بۇ كۆۋرۈكنى ئاشۇ 13 تال تۈۋرۈك كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئارىلىرىدا 12 ئاركا بار. بۇ ئېرىقلارنىڭ ھەممىسىدە تۆت پەسىل بويى لىقمۇلىق سۇ ئېقىپ تۇرىدۇ. كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 263 مېتىر، كەڭلىكى 7 مېتىر كېلىدۇ. بۇ كۆۋرۈك سۇلتان ئابدۇلمەجىد زامانىدا يەنى 1842- يىلى قۇرۇلۇش باشلىنىپ 1847-يىلى پۈتكەن. بۇ شەھەرنىڭ ھەربىر يېرىدە ئوسمانلى مەدەنىيىتىنىڭ ئىزنالىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شەھەردىكى تۇنجا ۋە مەرىچ دەريالىرى ئۈستىگە سېلىنغان مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاش كۆۋرۈكلەردىن 10 دانىسى بار. بۇ كۆۋرۈكلەر بىر- بىرىدىن قېلىشمايدىغان دەرىجىدە گۈزەل، بىر- بىرىدىن قېلىشمايدىغان دەرىجىدە كۆركەم. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەرمەر تاشلاردىن ياسالغان تاش ئەگمە كۆۋرۈكلەر بولۇپ، بۇ ئوسمانلى بىناكارلىقىنىڭ مۆجىزىلىرىدىن بىرى بولغان كۆۋرۈك ئىنشائاتى ھۈنەر- سەنئەت تېخنىكىسىنىڭ نەمۇنىلىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇلار خۇددى ئىككى دەريا بوينىغا قادالغان كەھرىۋا مارجانلاردەك جۇلالىنىپ، دەريا يۈزىدىكى يالتىراپ تۇرغان ئەكس بىلەن تېخىمۇ بەھەيۋەت كۆرۈنۈپ، ھەرقانداق ئادەمنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەربىر كۆۋرۈكنىڭ ئۆزىگە خاس ھېكايىلىرى بار. مەسىلەن: قانۇن سۇلتان سۇلايمان زامانىدا مىمار سىنان تۇنجا دەرياسىنىڭ ئۈستىگە سالغان «قانۇنى كۆۋرۈكى» نى ئېلىپ ئېيتساق، بۇ كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە ھۈررەم سۇلتان كۈنلەپ، ھەپتىلەپ ۋە ئايلاپ قانۇنى سۇلتان سۇلايماننىڭ ئۇرۇش سەپەرلىرىدىن ساق-سالامەت قايتىپ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۆتكەن ئىكەن. دەرۋەقە «قانۇنى كۆۋرۈكى»نىڭ ھەربىر تاشلىرىغا ھۈررەم سۇلتاننىڭ ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرى سىڭگەن. بەلكى تا بۈگۈنگىچە تالاي – تالاي ھۈررەم سۇلتاندەك ۋاپادار مەشۇقلارنىڭ تالغىن كۆزلىرىدىن ئاققان ھىجران ياش تامچىلىرى كۆۋرۈكنىڭ مەرمەر تاشتىن ياسالغان سالاسۇنلىرىدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ، تىنىمسىز ئېقىۋاتقان مەرىچ دەرياسىغا قوشۇلۇپ، ئاخىرى بېرىپ بىپايان ئەگە دېڭىزىغا قوشۇلۇپ كەتكەندۇ ھە! يەنە بىر مەشھۇر كۆۋرۈك بولسا «فاتىخ» كۆۋرۈكىدۇر. بۇ كۆۋرۈك ئىستانبۇلنى پەتھ قىلىش ئۈچۈن سېلىنغان كۆۋرۈك بولۇپ، ئوسمانلى ئەسكەرلىرى تۇنجا دەرياسىنىڭ ئۈستىگە 1452- يىللىرى سالغان. يەنى فاتىخ سۇلتان مەھمەد ئىستانبۇلنى پەتھى قىلىش ئۇرۇشلىرىدا بۇ كۆۋرۈك ناھايىتى مۇھىم تارىخىي ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان ئىكەن. بۇ كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدىن تۈمەنلىگەن ئوسمانلى ئەسكەرلىرى ئۆتۈپ، ئىستانبۇلنى پەتھ قىلىش ئۈچۈن ئاتلانغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ گۈزەل دەريالار، تاش كۆۋرۈكلەر ۋە جامەلەر بىلەن بېزەلگەن بۇ شەھەر «دەر – ئى سائادەت» يەنى بەخت قوۋۇقى دەپ ئاتالغان ئىكەن، – دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى ۋە زەيتۇن مېيىدا مايلىۋالغاندەك پارقىراپ تۇرىدىغان قويۇق قاپقارا بۇرۇتىنى ئوڭ قولى بىلەن ئاستا سىلاپ قويۇپ، مېھمانلارنى كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىگە باشلاپ ماڭدى.
ئەمدى مېھمانلار كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ بەھۇزۇر ئەتراپنى تاماشا قىلىشقا باشلىدى. ھەقىقەتەن ئەتراپتىكى مەنزىرە شۇنچىلىك كۆركەم ئىدى. دەريانىڭ ئىككى لېۋىدىكى قاتار- قاتار كەتكەن سۆگەتلەرنىڭ يوپۇرماقسىز تاللىرى سۇغا چىلىشىپ تۇراتتى. ئەگەر باھار بولسا ئىدى ئەلۋەتتە بۇ مەنزىرە ھازىرقىدىنمۇ باشقىچە گۈزەل كۆرۈنگەن بولاتتى، ھېلىھەممۇ قۇياشنىڭ ئاستا – ئاستا ئولتۇرۇشى بىلەن، دەريا يۈزى باشقىچە پارقىراشقا باشلىغان ئىدى. ئەخمەت كامال ئۇلارنى كۆۋرۈكنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىكى مەرمەر تاشتىن ياسالغان راۋاقنىڭ يېنىغا باشلاپ كەلدى ۋە راۋاقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ – بۇ راۋاق مەخسۇس ئوسمانلى سۇلتانلىرى ئۈچۈن ياسالغان راۋاق بولۇپ، سۇلتانلار ئەينى يىللاردا مۇشۇ راۋاقتا تۇرۇپ، مەرىچ دەرياسىنىڭ ئۈستىگە پېتىۋاتقان قۇياشنى سەيلە – تاماشا قىلاتتىكەن. قېنى ئەزىز مېھمانلار كۈن ئولتۇرۇۋاتىدۇ بىزمۇ شۇ سۇلتانلاردەك قۇياشنىڭ ئولتۇرۇشىنى تاماشا قىلىپ باقمايمىزمۇ،- دەپ ئوبۇلھەسەن ھاجى مۇساباينى يېنىغا چاقىردى ۋە مەسئۇت سابىرى بىلەن سابىت مۇسابايمۇ راۋاقنىڭ ئىچىگە كىرىپ، غەرب تەرەپكە قاراپ، قۇياشنىڭ ئولتۇرۇشىنى تاماشا قىلىشقا باشلىدى. ھەقىقەتەن پادىشاھلار تاماشا قىلىشقا ئەرزىگۈدەك مۇھتەشەم بىر مەنزىرە ئۇلارنىڭ ئالدىدا نامايان بولۇپ تۇراتتى. تىپتىنچ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىنىڭ ئۇششاق دولقۇنلىرى تەكشى قىزىرىپ، خۇددى ئالتۇن بېلىقنىڭ يالتىراق قاسراقلىرىدەك جىمىرلاۋاتاتتى. قۇياش بولسا، دەريانىڭ ئىككى ياقىسىدا يىراقتىن كۆرۈنۈپ تۇرغان يوپۇرماقسىز سۆگەت شاھلىرىنىڭ ئارىسىدا خۇددى ساقىپ ئېقىۋاتقان يانار تاغ ۋولقانلىرىدەك دەريا يۈزىگە چۈشۈۋاتاتتى. دەريا بولسا، كەھرىۋادەك قىزىرىپ، سۆگەت شاخلىرىنىڭ شولىسى بىلەن قوشۇلۇپ لەرزان ئېقىپ، بەجايىكى، خوتەن قىزلىرىنىڭ چېۋەر قولىدا توقۇلغان تېگى ئاق، گۈلى قىزىل، قىزىل ئەتلەستىن تىكىلگەن كۆڭلەكنى كىيىپ ياتقان ساھىبجامال مەلىكىلەرگە ئوخشاش سۇنايلىنىپ ياتاتتى. كەچ كىرگەنسېرى دەريا يۈزىنىڭ ئالدى تەرىپى قاپقارا قارىداپ، ئارقا تەرىپى بولسا قىپقىزىل قاندەك قىزىرىپ كەتتى، قۇياش بولسا، بارغانسېرى تۆۋەنلەپ، يىراقتىن كۆرۈنۈپ تۇرغان سۆگەتلىك ئارىسىدا خۇددى ئەجدىھانىڭ ئاغزىغا كىرىپ كېتىۋاتقان ئوتشارىدەك بىردىنلا يوقاپ كەتتى. ئەتراپ گۇگۇملىشىپ، كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدىكى ئادەملەر ئىككى ياققا تاراشقا باشلىغان ئىدى. ئەخمەت كامالنىڭ يول باشلىشى بىلەن مەسئۇت سابىرى، ئوبۇلھەسەن ھاجى مۇساباي ۋە سابىت مۇسابايلار ئاستا ھارغىن قەدەملىرى بىلەن بىر دەسسەپ، ئىككى دەسسەپ مېھمانخانىغا يۈرۈپ كەتتى.
(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)