ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى ئەنقەرەدە غەلبىلىك ئاخىرلاشتى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەنقەرەدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىككى ھەپتىلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 25-ئىيۇل كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.
مەزكۇر كۇرس 10-ئىيۇلدىن 26-ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كۇرسقا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 34 ئۇيغۇر ياش قاتناشتى. ئۇلار، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، كانادا، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، فىنلاندىيە، شىۋىتسارىيە، تۈركىيە، ئۆزبېكستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زىللاندىيە قاتارلىق 14 دۆلەتتىن تەكلىپ قىلىندى. بۇلارغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇزۇن مۇددەت ئانا تىل ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان 7 نەپەر ئوقۇتقۇچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر دەرس بەرگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى بىلەن تەربىيەلەندى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەنقەرەدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 10-ئىيۇل ئاخشام رەسمىي باشلاندى.
10-ئىيۇل ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى ھەپتىلىك كۇرسنىڭ دەرس پروگراممىلىرىنى ئۇزۇن ۋاقىت مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈپ چىقتۇق. بۇنىڭدا بىزنىڭ ئۈمىدىمىز ياشلارنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگىنىشى، ئۇيغۇر سەنئىتىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا تونۇشhشىدۇر. بۇ كۇرستا سازەندىلىرىمىز مۇزىكىلارنى ئۆگىتىدۇ، بىزنىڭ تونۇلغان سەنئەتچىلىرىمىز ئۇسسۇللارنى ئۆگىتىدۇ. بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىككى ھەپتە بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇ ئىككى ھەپتىلىك كۇرسنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى چىڭ كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن.»
ئارقىدىن مەزكۇر كۇرسنىڭ ئېچىلىشىدا ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات بۆلۈمى دىرېكتورى سكوت ۋوردېن (Scott Worden) ئەپەندى مەزكۇر كۇرسنىڭ ئېچلىشىدا سۆز قىلىپ، بۇ كۇرسنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش ۋە مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر جامائىتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتى ئامېرىكا دۆلەي مەجلىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان پارتىيەسىز بىر ئورگان. ئاساسلىقى تىنچلىقنى قوغداشقا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن سىياسەت تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىپ ھۆكۈمەتلەرگە تەۋسىيە-تەكلىپلەرنى سۇنۇش. بىزنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئىشخانىمىز بار، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە يوق. لېكىن ئۇ دۆلەتلەردە بىز بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان تەشكىلاتلار مەۋجۇت. بۇ كۇرس بۈگۈن ئاخىرلاشقان يىغىننىڭ داۋامى. ياشلارنى تەربىيەلەش كۇرسى يېڭىلىق تۈسى ئالغان بىر پائالىيەت. بۇ ياشلارنىڭ ئۆزئارا تونۇشۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر جامائىتىنى بەرپا قىلىشتا ناھايىتى مۈھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».
ئىككى ھەپتىلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئاساسلىقى ئۇيغۇر تىلى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈردى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى قەھرىمانلىرى، شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى ھەققىدە خېلى چوڭقۇر مەلۇمات ئالدى. كۇرس جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار يەنە تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە تۈرك مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىپ، ئەنقەرەدە مىللەت كۈتۈپخانىسى، جۇمھۇررەئىسى سارىيى، ئەنقەرە قەلئەسى، ئاناتولىيە موزىيى، ھامامئۆنۇ ئۇيغۇر ئۆيى، تارىخ موزىيى ۋە كوجاتەپە جامىسى قاتارلىق تارىخى يەرلەرنى زىيارەت قىلدى.
قىسقىغىنە ئىككى ھەپتىلىك تەربىيەلەش كۇرسى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تىزلا غەلبىلىك ئاخىرلاشتى، كۇرسنىڭ يېپىلىش قىسمىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت مارشى بىلەن باشلاندى. كېيىن مەزكۇر كۇرسنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى رىشات ئابباس ئەپەندىنىڭ يېپىلىش نۇتقىنى ئوقۇپ بەردى. دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى يېپىلىش نوتىقى مەكتۇپىدا مۇنداق دېدى:
«بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەنقەرەدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 10-ئىيۇل كەچتە رەسمىي باشلانغانىدى. مانا بۈگۈن 25-ئىيۇل ئىككى ھەپتىلىك ئوقۇتۇش ئاخىرلىشىپ، بۇ كۇرسنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىنى قىلىۋاتىمىز.
ئالدى بىلەن، مەن پۈتۈن زېھنى ۋە كۈچى بىلەن بۇ ئىككى ھەپتە كۇرسانتلارغا دەرس ئۆتۈپ بەرگەن بارلىق پېشقەدەم ۋە تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. جاپا چەكتىڭلار. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ئىككى ھەپتە جەريانىدا ھەممە دەرس ۋە پائالىيەتلەرگە تولۇق قاتنىشىپ، تەشكىلىي تۈزۈمگە بويسۇنۇپ، ئۈنۈملۈك نەتىجە ھاسىل قىلغان بارلىق ئوقۇغۇچىلارغىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقان مۇشۇنداق جىددىي بىر پەيتتە، دىياسپورادا ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولالماس بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىدۇر. سىلەر ياشلار بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ۋە ئىزباسارلىرىمىز. شۇڭا بىز بۇ پىروگراممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن سىلەردەك ئىلغار ياشلار ۋەكىللىرىنى تاللاپ، بۇ يەردە يالغۇز ئۇيغۇر تىلىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، سەنئىتى، تارىخى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كىملىكىنى تونۇتۇش، سىلەرنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرۇش ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى ھەمكارلىققا يول ئېچىشنى مەقسەت قىلدۇق.
ئىشىنىمەنكى، بۇ ئىككى ھەپتىلىك پائالىيەت ئارقىلىق سىلەرمۇ كۆپ نەتىجىلەرگە ئېرىشتىڭلار. سىلەرنىڭ قايتقاندىن كېيىن، ئۆز يۇرتۇڭلاردىكى ئانا تىل مەكتەپلىرى ۋە ئەتراپىڭلاردىكى ياشلارغا بۇ ئىككى ھەپتە جەريانىدا ئۆگەنگەنلىرىڭلار توغرىسىدا دوكلات بېرىشىڭلارنى ۋە ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش ياشلارنى تەشكىللەپ، بىرلىكتە ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخىنى ئۆگىنىش مۇھىتى ھازىرلىشىڭلارنى ۋە ئۇيغۇر كىملىكىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇشۇڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن».
كېيىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى ئابدۇلخەمىد قاراخان ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنى قۇرۇلۇش تارىخى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
ئارقىدىن 14 دۆلەتتىن ئەنقەرەگە كېلىپ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيەلەش كۇرسىغا ئىشتىراك قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلدى. كۆكبۆرى سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن كامىلجان ئابدۇلكەرىموف ئۆز تۇيغۇلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ، بۇ كۇرسنىڭ ئېچىلىشىغا ئەمگەك سىڭدۈرگەن بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى دىلنۇر ئابدۇرېھىم خانىمغا ئوقۇغۇچىلار نامىدىن سوۋغات تەقدىم قىلدى.
ئارقىدىن ئوقۇتقۇچىلارغا ۋاكالىتەن كانادادىن كەلگەن ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى دىلنۇر ئابدۇرەھىم ۋە باشقا ئوقۇتقۇچىلار سۆز قىلدى. دىلنۇر خانىم مۇنداق دېدى: «بىز كۇرسنىڭ ئاخىرىدا ئۆگەنگەن ناخشىمىزنىڭ ئاخىرقى مىسراسىدا، ئوخشاش نىيەتلىكلەر يولدا ئۇچرىشىدۇ دېگەن بىر مىسرا بار ئىدى. مۇشۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىمىز قەلبىمىزدىكى، ئانا تىلىمىز، مەدەنىيىتىمىز، ۋەتىنىمىزگە بولغان مېھرى-مۇھەببىتىمىز بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىپ بۇ يەردە جەم بولۇپ ئولتۇرۇپتۇق. بىز 15 كۈن بىرگە ئىشلىگەن ئوقۇتقۇچى دوستلىرىمدىنمۇ شۇنچە سۆيۈندۈم. بۇنداق كىشىلەر بىلەن بىرگە ئىشلەش ئىنسانلارغا مەدەت بېرىدىكەن. بۇ يەرگە جەم بولغان بىر-بىرىدىن زېرەك، ئەقىللىق ئوقۇغۇچىلارنى كۆرۈپ، ياشلارغا، مىللىتىمنىڭ كېلەچەكىگە بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ كۈچەيدى. مەن چەتئەلدە ياشاپ تۇرۇپ ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، تىلىنى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداپ قالغان ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن ئىككى ھەپتە بىرگە بولۇشۇم ماڭا كۈچ-مەدەت بولدى».
ئىستانبۇلدىن كەلگەن مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى گۈلزادە تەڭرىتاغلى يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقان 34 نەپەر ياش ئۆزلىرى تەييارلىغان ئۇيغۇر مىللىي ناخشا-ئۇسسۇللىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى ۋە باشقا رەھبەرلەر كۇرس ئەھلىگە دىپلوملىرىنى تارقىتىپ بەردى.
ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، جۈملىدىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر كۇرس «ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقاندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ.
ئىلاۋە: مەزكۇر خەۋەر ر ف ئا ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدىن پايىدىلىنىپ تەييارلاندى.