You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسئۇت ئەپەندى (14)

مەسئۇت ئەپەندى (14)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بۈگۈن ئەدىرنەنىڭ ئاسمىنىدا پارچە – پارچە قارا بۇلۇتلار خۇددى قارا دېڭىزدىكى بېلىقچىلارنىڭ كېمىلىرىدەك لەيلەپ يۈرەتتى، ھاۋا سوغۇق بولۇپ، بۇلغارىيە تاغلىرىدىن كەلگەن سوغۇق شامال ئادەمنىڭ يۈزىگە زەھەرلىك يىڭنىدەك سانجىلاتتى. ئەدىرنەدىن يولغا چىققان ئىككى پەيتون ۋە بىر يۈك قاچىلانغان ئىككى ئاتلىق دىشلو ھارۋا شەھەر مەركىزىدىن 10 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بۇلغارىيە چېگرىلىرىغا تۇتىشىدىغان يېزىغا پېشىن نامىزى ئۆتكەن چاغدا، ھېچقانداق دەبدەبە قىلماستىنلا يېتىپ كەلگەن ئىدى. يېزا كوچىلىرى پۈتۈنلەي پاتقاق ئىدى. بۇنداق يول ئاتقا ئازاب بولسىمۇ، پەيتوندىكىلەرگە راھەت ئىدى، ئۇلار يول بويى پاراڭلىشىپ، يېزىغا كەلگىنىنىمۇ تۇيمايلا قالغان ئىدى. ئاتلار بولسا ھېرىپ، تەرلەپ ھەتتا قۇلاق ئاستىلىرىغىچە تەرگە چۈمۈلۈپ كەتكەن ئىدى. بۇ ئەقىللىك جانىۋارلار ساغرىسىغا كۈكۈيۈندەك نەشتەرلىك قامچىنىڭ تېگىشىدىن ئېھتىيات قىلىپ، ھارغىنىغا قارىماي يوچۇن يېزا يوللىرىدا باش ئوينىتىپ، قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ، ھېچ تۇياقلىرىنى ئاستىلاتماي، ئەتراپقا پاتقاقلارنى چاچراتقان پېتى ئۇدۇل كۆي مۇختار (يېزا باشلىقى) نىڭ ئىشخانىسى ئالدىغا كېلىپ توختىدى.

ۋالىي بەگنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئىككى تۈرك ئەسكىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەخمەت كامال ۋە تۈركىستانلىق زىيارەتچىلەر بۇلغار ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا ۋەيران بولغان يېزىدىكى دېھقانلىرىدىن ھال سوراي ئۈچۈن بۇ يېزىغا ئامان – ئېسەن يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار پەيتوندىن چۈشۈپلا ئادەمنىڭ ئەقلى ئىشەنمىگۈدەك مەنزىللەر بىلەن يۈزلەشكەن ئىدى. ئەتراپتىكى دېھقان ئۆيلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، خەلقنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كۆيۈپ چۇچۇلا بولۇپ كەتكەن ئۆيلەرنىڭ پارچە – پۇرات كېسەكلىرىدىن تىزىپ قوپارغان تۆت تامنىڭ ئۈستىگە، ئۇچلىرى كۆيۈپ كۆسەيدەك بولۇپ قالغان لىم ياغاچلارنى قويۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىنى شاھ – شۇمبا، مەنگەن ۋە قۇرۇق چۆپلەر بىلەن يېپىپ، شامالدىن دالدا بولغىدەك يەرلەرنى راسلىۋېلىشقان ئىدى. بۇنداق ئىشىكى يوق گەمىگە ئوخشايدىغان ئەسكى تامنىڭ ئىچىدە بەش – ئالتە ئادەم خۇددى ئېغىلدا ياتقان ھايۋانلاردا ھايات كەچۈرۈۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن خۇددى روھى چىقىپ كەتكەن ئادەملەردەك بىر قورقۇنچ ۋەھىمىسى يىغىپ تۇراتتى. چۈنكى بۇلغار ئەسكەرلىرى بۇ يېزىلارغا باستۇرۇپ كىرگەندە «قىساس ئالىمىز» دەپ جار سېلىپ، كوچىدا ئۇچرىغانلا ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، كىچىك بالا ھەتتا بۆشۈكتىكى بوۋاقلاردىن تارتىپ ھەممىسىنىڭ بوينىغا قىلىش ئۇرۇپ، قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان ئىدى. ئۆي – ماكانلىرىغا ئوت قويۇپ، بۇ يەردىكى تۈركلەرنى سۈرۈپ – توقاي قىلىپ، يېزىلارنى بوشىتىشقا مەجبۇرلىغان ئىدى.

ئۆز زامانىسىدا سەلتەنەت سۇرۇپ، جاھاننى سورىغان ئوسمان ئوپېراتورلۇقىنىڭ سۇلتانلىرى ياشىغان ۋە خەلقى باياشاتلىق ئىچىدە زاكات بېرىدىغان ئادەم تاپالماي بېشى قاتىدىغان بۇ سائادەت شەھىرىنىڭ ئاھالىسى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بۇلغارلارنىڭ تالان – تاراج قىلىشىغا ئۇچراپ، نى – نى پاراكەندىچىلىكلەر، نى – نى دىشۋارچىلىقلار بېشىغا كېلىپ، كۆرمىگەن كۈننى كۆرگەن ئىدى. بۇ يېزا ھازىر بەئەينى يالجىپ كۆيۈپ ئۆچكەن گۈلخاننىڭ تۈتۈنلىرىدەك، جىمجىت پىنھانلىق ئىلكىدە قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەبىئەتنىڭ رەھىمسىز پەسلى ئەتراپتىكى دەل – دەرەخ ۋە ئېتىزلارنىڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋېتىپ، ئۇلارنى قىپيالىڭاچ قىلىپ قويغان ئىدى. شاختىن – شاخقا قونۇپ ئۇچۇپ يۈرىيدىغان قۇشلارمۇ ئۈركۈپ ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتكەن بولغاچقا، يالىڭاچ دەرەخلەردىكى ئۇۋىلىرى بەئەينى چۇۋۇلۇپ مازلىرى چىقىپ كەتكەن ئەسكى پاختىلىق چاپاننىڭ پېشىدەك ساڭگىلاپ تۇراتتى. يىراقتا كۆرۈنۈپ تۇرغان ئېگىز تاغلار ۋە كەڭ دالا سۈرلۈك، سۆرۈن تۇس ئالغان بولۇپ، كىشىنىڭ قەلبىدە ئەندىشە پەيدا قىلاتتى.

شەھەردىن كەلگەن زىيارەتچىلەرنى كۆي مۇختارى ئىشىك ئالدىدا كۈتۈۋالدى ۋە بىردەمدىلا ئەتراپنى ئۇياق – بۇياقتىن بىردىن ئىككىدىن كەلگەن دېھقانلار، ئۇششاق بالىلار ۋە ئىككى بېقىنى ئۇستىخىنىغا چاپلىشىپ كىرىپ كەتكەن ۋە قورساقلىرى بىلەن قۇيرۇقلىرى لايغا مىلەنگەن ئىتلار ئورىۋالدى. ئاھالىنىڭ ۋەيرانە ھالىنى كۆرگەن، مەسئۇت سابىرى بىلەن ئەخمەت كامال ھارۋىلاردىكى ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، مۇختار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئولتۇرمايلا، ئالدىغا تەلپۈنۈپ كەلگەن يېزا ئاھالىسىنىڭ قوللىرىغا خالتا – خالتا بويىچە تۇتقۇزۇپ قويدى. ئوبۇلھەسەن ھاجى مۇساباي – بىزدە «ئاچ يېتىم – يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلىغانلار بەختكە ئېرىشىدۇ» دېگەن گەپ بار. بىزنى بۇ يەرلەرگە يولغا سالغان ۋە ئىچىمىزگە قېرىنداشلىق سۆيگۈسىنىڭ ئۇرۇقىنى چاچقان ئاللاھ ئىگەمگە شۈكۈرلەر بولسۇن!،- دەپ ھەميانىدىكى بارلىق پۇلىنى چىقىرىپ، ئۈست – بېشى جۇل – جۇل بولۇپ كەتكەن بالىلارنىڭ قاپقارا قوللىرىغا تۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى شۇنچىلىك خوش قىلىۋەتتى. پۈتۈن يېزا ئاھالىسى خۇددى بايرام تەنتەنىسىگە چۆمگەندەك بولۇپ، كۆزلىرىدە كىچىككىنە بولسىمۇ ئۈمىدنىڭ ئۇچقۇنلىرى پەيدا بولغان ئىدى. ئۇلار ئاخىرىدا مۇختارنىڭ ئىشخانىسىغا كېرىپ، چاي ئىچكەچ ئەھۋال ئىگىلىدى. مۇختار بۇلغارلارنىڭ قىلغان زۇلۇملىرىنى ئاڭلاتتى.

دەرۋەقە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى  ۋەيران بولغان يېزا بىلەن پەرىشانلىق ئىچىدە قالغان دېھقانلارنىڭ ھالى مۇختارنىڭ ئاڭلاتقىنىدىنمۇ بەتەررەكىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا پۇرسەت كەلسە تۈركلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ھەرقانداق رەزىللىكنى قىلىدىغانلىقى، ئاتا – ئانىسىز قالغان يېتىملارنىڭ كۆزلىرىدىكى قورقۇنچ، ئۈركۈشلىرىدىن روشەن بىلىنىپ تۇراتتى. ئوبۇلھەسەن ھاجى بولسا مۇختارغا قانداق قىيىنچىلىقلار بولسا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىگە تەسەللىي، يارىلىرىغا مەلھەم بولدى. زىيارەتچىلەر مۇختەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن چۈشلۈك تاماقلىرىنى يېگەندىن كېيىن، يەنە يېزىنى باشتىن بويىغا بىر ئايلىنىپ، ئۆز ھەسرەتلىرىنى كۆڭۈللىرىگە كۆمۈپ، لاي – پاتقاققا مىلەنگەن ئوڭغۇل – دوڭغۇل يوللارنى بويلاپ، ۋەھىمە باسقان ئەتراپقا ئىزتىراپ بىلەن قاراپ ئەدىرنەگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. يول بويى مەسئۇت  قاراڭغۇ قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەن ئادەمدەك، جىمىپلا كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ مېڭىسىنىڭ ئىچى خۇنى ئۆچكەن ئادەملەر بىلەن ۋەيران بولغان شەيئىلەرنىڭ ئوبرازلىرى بىلەن تولغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىچى زەقۇم يەۋالغان ئادەمنىڭكىدەك ئېچىشىپ، ئەقلىدىن بۇنداق ئوي – پىكىرلەر كەچتى: «كۆڭلىگە چوڭ ئىشلارنى قىلىشنى پۈككەن ئادەم، بارلىق ئەسكى ۋە ياخشى ئىشلارنى نەزەردىن ساقىت قىلماي، پەرق ئېتىش تۇيغۇسىنى ھەر زامان يۈكسەك تۇتۇشى لازىم ۋە مەسىلىلەرنى تونۇشتا، ھەل قىلىشتا قېشىغا بېرىپ يېقىندىن دىققەت قىلىش كېرەك ئىكەن. يەرنىڭ ئوي – چوڭقۇرىنى بىلىش ئۈچۈن، يۇرت كېزىش كېرەك ئىكەن، ئەل – ئاۋامنىڭ ئەھۋالنى ئېنىق بىلىش ئۈچۈن ئەل – ئاۋام بىلەن يۈزلىشىش كېرەك ئىكەن.

دەرۋەقە، ھاياتتا ئادەمنى بەزى جايلاردىكى ئىشلار خۇشال قىلىدۇ، بەزىلىرى بولسا مەستخۇش. ۋەھالەنكى، بەزى جايلاردىكى تىراگېدىيەلەر تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولۇپ، ھەقىقەتەن كىشىنىڭ يۈرىكىنى لەختە قىلىدۇ. ئىنسان بۇنداق جايلارنى كۆرگەندە ھەرگىز كۆزىنى يۇمۇۋالماسلىقى كېرەك، تېخى ئەڭ ياخشىسى كۆڭۈل كۆزىنى ئېچىش كېرەك. چۈنكى ئۇ جايلار مۇشۇ يەر شارىنىڭ بىر پارچىسى، ئۇ يەرلەردە ياشىغان ئىنسانلارنىڭ ھاياتى  مۇشۇ ئالەمدىكى ئىنسانلار ھاياتنىڭ بىر قىسمى، ئاشۇ دەرد – ئەلەمنى تارتقۇچىلار ھەربىرىمىزنىڭ بىر پارچىسى. ئۇ جايلارنى كۆرگەندە كۆرمەسكە سېلىش، ئۇ يەردىكى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك، ئۆزىنىڭ كۆزىنى ئۆزى كور دەپ تونۇغانلىققا، قەلبىگە قۇلۇپ سالغانلىققا، ئوي – پىكىرى ۋە ئەركىن تەپەككۇر ئىقتىدارىغا ئۆز قولى بىلەن سىرتماق سالغانلىققا باراۋەر! ئادەم قانچە كۆپ جاينى كۆرسە شۇنچە نەزەر دائىرىسى كېڭىيىدۇ، قانچە ياخشى ۋە ياماننى كۆرسە شۇنچە پەرق ئېتىش ئۇپۇقى روشەنلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى ئىنسانلار ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلىدۇ. ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ھەرگىز بۇ ئەلەمگە، ئۇ ئەلەمدىن تاسادىپىي كېلىپ قالغان نەرسە ئەمەس. ئىنسان ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئۆز ئىدىيەسىدە ئۆزىگە خاس قىممەت يارىتىپ بەزىدە ياخشىلىق قىلسا بەزىدە ئەسكىلىك قىلىدۇ; ھەتتا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارىدۇ. بۇلغارلار بولسا، مۇشۇ يېزىدا نەچچە يۈز يىللاردىن بېرى ياشاپ كەلگەن تۈركلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنى ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك دەپ پەردازلاپ، ئۆزلىرى قىلغان ۋەھشىيلىكلەرگە ئۆزىگە خاس قىممەت ئاتا قىلىپ پەخىرلىنىدۇ.

بىز رەزىللىك دەپ، قارىغان نەرسىلەر ئۇلار ئۈچۈن پەزىلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دېمەك ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى چىقىش قىلغان ئاساستا نەرسىلەرگە نام ۋە قىممەت ئاتا قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆز ۋەتەنپەرۋەرلىكىمىزنىڭ قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، دۇنيانىڭ قايسى بىر يېرىدە بولايلى تۈرك مىللىتىنىڭ ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىدىغان قىممەت قاراشنى تۇرغۇزۇشىمىز لازىم. بىز قوشنىلىرىمىزنى ئوبدان چۈشەنگەن چاغلىرىمىزدىلا، ئۆزىمىزنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىز ۋە ئۆز تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكىمىزگە، مىللەتنىڭ ئېسەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا تايىنىدىغان پىرىنسىپلىرىمىزنى تونۇپ يېتەلەيمىز. بۈگۈن بىزگە ئەڭ كېرەكلىك پىرىنسىپلارنىڭ بىرى بىرلىك، ئىتتىپاقلىق. پۈتۈن دۇنيا تۈركلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى. بىز ئەنە شۇ پىرىنسىپلارغا تايىنىپ تۇرۇپ، ئۆز- ئۆزىمىزنى ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە كۈچلەندۈرۈش ئارقىلىقلا بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز ۋە باشقىلاردىن ھالقىپ ئۆتەلەيمىز. ئالدى بىلەن بىر – بىرىمىزگە ساداقەتمەن بولۇشىمىز، خەۋپ-خەتەرگە ۋە قۇربان بېرىشكە تەييار تۇرۇشىمز لازىم. ‹ئەجدادلىرىمىز زامانى بىرنىڭ زارى بىر› دەپ بىكارغا ئېيتمىغان ئىكەن».

ئەخمەت كامال باشچىلىقىدىكى تۈركىستانلىقلار ئەدىرنەدىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ساق – سالامەت ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلگەن ئىدى. ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئەخمەت كامال، ئوبۇلھەسەن ھاجى مۇساباي بىلەن مەسئۇت سابىرىنى تەلەت پاشانىڭ ھۇزۇرىغا باشلاپ باردى. تەلەت پاشا 40 ياشلارغا كىرىپ قالغان، بەقۇۋۋەت، ئېگىز بويلۇق، كەڭ غۇللۇق، ئوسمانلى پاشالىرىدىن بەتەررەك سالاپەتكە ئىگە، ئاپئاق دۈگىلەك يۈزى پارقىراپ تۇرىدىغان كىشى ئىدى. بېشىغا كىيىۋالغان ئوسمانلى تۈركلىرىنىڭ قىزىل دوپپىسىمۇ باشقىلارغا قارىغاندا ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئوبدان ياراشقان بولغاچقا، ئۇنى تېخىمۇ زىبا قىلىۋەتكەن ئىدى. قارا قاشلىرىنىڭ ئاستىدىكى دۈگىلەك قارا كۆزلىرىنىڭ نۇرلۇق كۆز قارىچىغىسىنىڭ ئۆتكۈرلۈكىدىنمۇ قانداق، توختىماي ئۇياق – بۇياققا شۇنچىلىك ئىشتىن ھەرىكەت قىلاتتى. ئوچۇق يۈزىگە خۇيمۇ ياراشتۇرۇپ قويۇۋالغان بۇرۇتى بولسا، ئېگىز بۇرۇنىنىڭ ئۇچلۇق ئۇچىنى سىممېترىك قىلىپ تۇرۇپ ئىككى ياققا ئايرىلغان بولۇپ، خۇددى قارلىغاچنىڭ مايلىق قانىتىغا ئوخشاش پارقىراپ تۇراتتى. دەرۋەقە، ئىتتىك گەپ قىلغاندا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۇچلۇق بۇرۇتى كىشىگە خۇددى لەرزان ئۇچۇۋاتقان قارلىغاچلىرىنىڭ قانىتىنى ئەسلىتەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىنتاڭ مەسئۇت سابىرى دائىم تەلەت پاشانىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاندا بۇرۇتىنىڭ ئۇچىنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىپ، پات – پات قاراپ قويىدىغان چاغلىرىمۇ يوق ئەمەس ئىدى.

مانا بۈگۈنمۇ ئۇ، تەلەت پاشا بىلەن ئوبۇلھەسەن ھاجى مۇساباينىڭ پاراڭلىرىغا تازا دىققەت قىلماي، ئاشۇ ئارۇزنىڭ ئۆي قارلىغاچلىرىنى ئەسلىتىدىغان تەلەت پاشانىڭ بۇرۇتىغا كۆزىنىڭ قىرىدا قاراپ – قاراپ قويۇپ، ئۆز يۇرتىنى ئەسكە ئالغانمۇ قانداق، جىمجىت ئولتۇرۇپ كەتكەن ئىدى. دەل مۇشۇ دەقىقىلەردە تەلەت پاشا ئوچۇق قىلىپ بۇنداق دېدى:«ئوبۇلھەسەن بەگ، ئەدىرنە زىيارىتى ئارقىلىق، تۈرك دۈشمەنلىرىنىڭ بىزنى يوقىتىش ئۈچۈن پەيتى كەلسە قانداق رەھىمسىزلىك قىلىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆردىڭىز. دەرھەقىقەت نۆۋەتتە قۇتۇلۇشىمىزنىڭ يېگانە يولى پۈتۈن دۇنيا تۈركلىرى بىرلىشىپ دۈشمەنلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. نۆۋەتتە مەيلى چىننىڭ ئىشغالىيەتى ئاستىدىكى تۈركىستان تۇپراقلىرى بولسۇن، مەيلى رۇسىيەنىڭ ئىشغالىيەتى ئاستىدىكى تۈركىستان تۇپراقلىرى بولسۇن، ھەممىسى ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا ئېزىلىۋاتىدۇ. بىز بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇتۇلۇش يولىنى تېپىشىمىز كېرەك. ئارىمىزدىكى يوللار قانچە ئۇزۇن بولسا بولسۇن، كۆڭۈللىرىمىز يېقىن بولسىلا، بۇ ئۇزۇن يوللارنىڭ كارى چاغلىق. تۈركىستان خەلقىگە يول كۆرسىتىش ۋە قاراڭغۇ يوللارنى ئايدىڭلىتىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىدىغان ياردەمنى ئايىمايدىغانلىقىمىز توغرىسىدا ۋەدە قىلىمەن. ئايدىڭلىشىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى مائارىپ بىلەن باشلىنىدۇ. شۇڭا سىلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرىڭلارنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئادەم ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق. يەنى سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلار جۈملىدىن بىزنىڭ ئاتا يۇرتىمىز تۈركىستاندىكى قاشغەر دىيارىغا بىر مۇئەللىم ئەۋەتمەكچى بولدۇق، بىزنىڭ بۇ تەكلىپىمىزگە قانداق قارايسىزكىن؟» تۇيۇقسىزلا ئېيتىلغان بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ئوبۇلھەسەن ھاجى مۇساباي خۇشاللىقىدىن بىر نېمە دېيەلمەي، بىر لەھزە جىم بولۇپ كەتتى، ئەمما ساقاللىق يۈزىدىكى قارا بىر جۈپ كۆزى چاقناپ كەتكەن ئىدى.

شۇ پەيتتە ئوبۇلھەسەن ھاجى مۇساباي راستتىنلا كىچىك بالىلاردەك خۇشال بولۇپ كەتكەن بولۇپ، لەۋلىرىدە پەخىرلىك كۈلكىسىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ بۇنداق دېدى: «مېنىڭ بۇ قېتىمقى قۇتلۇق سەپىرىمدە، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بىزگە پەرز قىلغان ئىبادەتلىرىدىن بىرى بولغان ھەج تاۋاپىنى ئادا قىلغاندىن باشقا يەنە تا دۇنيانىڭ يەنە بىر ئۇچى بولغان قاشغەر دىيارىدىن كېلىپ، دۇنيانىڭ يەنە بىر ئۇچى ھېسابلىنىدىغان ئەدىرنە شەھىرىدە زىيارەتتە بوپتىمەن. بۇ سەپەرلەر ئارقىلىق ئاجايىپ ئېسىل تەسىراتلارغا ۋە تۇرمۇش تەجرىبىلىرىگە ئىگە بولدۇم. مانا ئەمدى سىزنىڭ ئەزىزانە قاشغەرگە مۇئەللىم ئەۋەتىش قارارىڭىزنى ئاڭلاپ، ئالەمچە خوش بولدۇم. بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىمنىڭ ئەڭ چوڭ نەتىجىلىرى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ھازىر ئاڭلىغان بۇ خوش خەۋەر، يېقىندىن بۇيان مەن ئاڭلىغان ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ خۇشاللىق خەۋەرلەرنىڭ بىرىدۇر. سېلىنىڭ بۇ ئىلتىپاتلىرىغا بىز ھەشقاللا دېمەي، نېمە دەيتتۇق دەيدىلا. مەن ئۆزۈم ۋە تۈركىستان خەلقى نامىدىن سىلىگە جۈملىدىن ئوسمانلى دۆلەتى ئالىييەگە تەشەككۈر ۋە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن! ھەممىڭلارغا مىڭ مەرتىۋە تەشەككۈر!». ئوبۇلھەسەن ھاجى مۇساباينىڭ ناھايىتىمۇ ھاياجان ئىلكىدە كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ ئېيتقان مىننەتدارلىق سۆزلىرىنى ئاڭلىغان تەلەت پاشا تەسىرلەنگەن ھالدا، بۇنداق قىلىشنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن تارىخىي بىر بۇرچ ئىكەنلىكىنى، ئەسلىدە بۇرۇندىلا تۈركىستانغا دۆلەتى ئالىييەنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، ھازىر بولسا بەك كەچ قالغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ قولىدىن كېلىشىچە تۈركىستاننىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ يەنە بۇنداق دېدى:

« ئۈمىدىم شۇكى بىز ئەۋەتكەن بۇ مۇئەللىم تۈركىستانغا ۋە تۈركىستان خەلقىگە قولىدىن كېلىدىغان ياردەمنى قىلىدۇ. تەشكىلاتىمىزدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلساقلا ئۇزۇنغا بارماي كۆڭۈللىرىمىزگە پۈككەن ياخشى ئىشلار ۋە تىلەكلىرىمىزنى تەجەللى ئېتىدۇ. شۇنى ئونۇتماسلىقىمىز لازىمكى، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى تۈركلەر كۆڭلىمىزنى ئۈمىد بىلەن تولدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىقىمىزنى مۇستەھكەملىسەك بۇ ئۇلۇغ مىللەت ھامان بىر كۈنى پۈتۈن دۇنيادا قۇياشتەك پارلايدۇ ۋە بۇ قۇياشنىڭ نۇرىدا قاراڭغۇ روجەكلەر جەزمەن يورۇيدۇ. تۈرك بىرلىكىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى بىلەن زۇلۇم ئىچىدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز مۇتلەق ئازاد بولىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ، ئەنە شۇ كۈنلەرنى كۆرۈش ئارزۇيىمىزغا يەتكۈزگەي. شۇ چاغلاردا سىز بىلەن بىز شۇنداق بەختىيار كۈنلەرگە مۇشەررەپ بولىمىز ۋە مۇراد – مەقسەتلىرىمىزنىڭ ۋىسالىغا يەتكەنلىكىمىزدىن شادلىنىمىز. بۈگۈنكى تۈركلەرنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ جەۋر- جاپا، زۇلۇملارنى ۋە ۋايدادلارنى ئۇلۇغ ئاللاھ بىزگە قايتا كۆرسەتمىسۇن، ئاتا دىياردىكى  قېرىنداشلىرىمىزغا بىزدىن سالام ئېيتىڭلار، يولۇڭلار ئوچۇق بولسۇن!» تەلەت پاشا يەنە ئۆز سۆزىنىڭ ئارىسىدا قاشغەرگە ئەۋەتىلىدىغان مۇئەللىمنىڭ ئىشلىرىغا ياردەمدە بولۇشنى قايتا – قايتا ئۆتۈندى.

بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئوبۇلھەسەن ھاجى مۇساباينىڭ تەبەسسۇم باسقان يۈزىدىكى كۈلۈمسىرەشتىن لەۋلىرى پارقىراپ كەتتى ۋە تەۋرەنمەس بىر ئىشەنچ بىلەن، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى، پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن قاشغەرگە بارىدىغان مۇئەللىمنىڭ ئىشلىرىغا ياردەم بولىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيەدە قىلىشقا تېگىشلىك سودا ئىشلىرى بارلىقى سەۋەبىدىن قاشغەرگە بارمايدىغانلىقىنى، لېكىن مەكتۇپ يېزىپ ئىككى ئاكىسىغا خەۋەر قىلىدىغانلىقىنى ۋە بارغان مۇئەللىمنى ئىككى ئاكىسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى ھەمدە مۇشۇ ئالدىمىزدىكى دۈشەنبە يەنى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۆزى ۋە ھەجدىن قايتقان تۈركىستانلىقلارنىڭ يولغا چىقىدىغانلىقىنى، ئەگەر مۇمكىن بولسا ئاشۇ مۇئەللىمنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىرگە يولغا چىقسا كۆپ ئىشلارنىڭ قولايلىق بولىدىغانلىقىنى، تەمكىن تەبىئىيىتىنى ساقلىغان ھالدا بىر- بىرلەپ، ئالدىرىماي چۈشەندۈردى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان تەلەت پاشا ناھايىتى مەمنۇن بولدى ۋە بارىدىغان كىشىنىڭ دەل مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ئەخمەت كامال ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ئوبۇلھەسەن ھاجى مۇساباي بىلەن مەسئۇت سابىرى ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ھاياجانلىنىپ كەتتى. بولۇپمۇ مەسئۇت سابىرى ھاياجىنىدىن تۇيۇقسىزلا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، يېنىدا خىيال بىلەن ئولتۇرغان ئەخمەت كامالنى قۇچاقلاپ تەنتەنە قىلدى، شۇ ئارىلىقتا تۇيۇقسىز قىلىنغان بۇ ھەرىكەتتىن ئۈركۈپ كەتكەن ئەخمەت كامالنىڭ بېشىدىكى قىزىل دوپپىسى يەرگە چۈشۈپ كەتكىنى تاسلا قالدى. مەگەر ئەخمەت كامال سەل چاققانلىق قىلمىغان بولسا، دوپپا يەرگە چۈشۈپ دومىلاپ، ھەممىسىنىڭ قاھ ئېتىپ تازا بىر كۈلۈۋېلىشىغا ۋەسىلە بولغان بولاتتى.

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top