مەسئۇت ئەپەندى (16)
ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت
ئەخمەت كامال زىيا گۆكئالپ بىلەن بولغان سۆھبەتتىمۇ خۇددى تەلەت پاشا بىلەن بولغان سۆھبەتتىكىگە ئوخشاش نۇرغۇن نەسىھەتلەرنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىنىڭ ئاتلانغان يولىنىڭ قانچىلىك مۇقەددەس بىر يول ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆپ گەپ قىلماي پۈتۈنلەي زىيا گۆكئالپنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى ۋە ئاخىرىدا قۇچاقلىشىپ خوشلاشقاندىن كېيىن، سەپەر تەييارلىقلىرىنى قىلىش ئۈچۈن ئالدىراپلا ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ يولغا چىقىدىغان كۈنگە قەدەر بارلىق تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈپ بولغان ئىدى. يول زامان ۋە ماكانغا باغلىق جەريان بولغانلىقى ئۈچۈن، دەل ۋاقتىدا يولغا چىقىدىغان پورتقا يېتىپ كەلگەن ئىدى. پورتتا مەسئۇت سابىرى بىلەن سابىت مۇساباي كۈتۈپ تۇرغان ئىدى. ئەخمەت كامال، ئوبۇلھەسەن ھاجى مۇساباي قاتارلىق تۈركىستانلىق يولۇچىلار چىققان رۇسىيەنىڭ ناھايىتىمۇ يوغان بىر يولۇچىلار پاراخوتىغا چىققان ئىدى.
بۇ پاراخوت ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا پورتىغا قاراپ يولغا چىققان يولۇچىلار پاراخوتى ئىدى. ئەخمەت كامال بۇ پاراخوت بىلەن ئۇكرائىنا قۇرۇقلۇقىغا چىققاندىن كېيىن، داۋاملىق مېڭىپ ئۇكرائىنانىڭ ھاركور شەھىرى ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ سامارا ئوبلاستىغا يېتىپ بېرىپ، بۇ يەردىن ئورېنبۇرگقا كېلىپ ئاندىن تاشكەنت، قوقان، مەرغىلان، ئەندىجان قاتارلىق جايلارنى بېسىپ ئۆتۈپ ئوشقا كېلىپ، ئەركەشتام ئارقىلىق قاشغەرگە يېتىپ بارماقچى ئىدى. ئۇ، ئەنە شۇ پاراخوت بىلەن دېڭىزدا مېڭىپ، ئاندىن قۇرۇقلۇقتا پويىز ۋە ئات ھارۋىسى قاتارلىق قاتناش قوراللىرى بىلەن يول يۈرۈپ ئەندىجانغا يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئەخمەت كامال يولچىلىق جەريانىدا، رۇسلارنىڭ ئاياقلىرى ئاستىدا ئېزىلگەن تۈركىستان تۇپراقلىرىنى ۋە ئۇ يەرلەردىكى خەلقلەرنىڭ نامراتلىق ئىچىدە قالغان خانى – ۋەيران ھاياتلىرىنى كۆرۈپ ئىچلىرى سىيرىلىپ كەتكەن ئىدى. ئوبۇلھەسەن ھاجى مۇساباي ئەندىجاندا ئەخمەت كامال بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن چوڭ بىر زىياپەتنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. ئەمما، بۇ زىياپەت ناھايىتى مەخپىي ھالدا ئېلىپ بېرىلدى. چۈنكى، ئەندىجاننىڭ ھەر تەرىپى رۇسلارنىڭ پايلاقچىلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار ئەندىجاندىكى قاشغەر سارىيىغا چۈشكەن بولغاچقا، زىياپەتمۇ مۇشۇ سارايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.
ئەخمەت كامال تا يارىم كېچىگىچە سورۇن ئەھلى بىلەن قىزغىن سۆھبەتتە بولدى ۋە تۈركىستاننىڭ ئېسىل ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇزۇن بىر يولچىلىقتىن كېيىنكى بۇ زىياپەت ئەخمەت كامالنىڭ ھاردۇقلىرىنى چىقىرىپ، كۆڭلىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ قىلىشىغا ۋەسىلە بولغان ئىدى. ئەخمەت كامال ئەتىسى بىر كۈن دەم ئالغاندىن كېيىن، يېرىم كېچىدە يولغا چىقىپ ئاخىرى تاغلىق رايون ئوشقا يېتىپ كەلدى. ئوشتا بىر ئاتۇشلۇق كىشىنىڭ ئۆيدە ئۈچ كۈن تۇرۇپ، كەم – كۇسىلارنى تولۇقلاپ، ئات – ئۇلاغلارنى راسلىۋالغاندىن كېيىن، تۆتىنچى كۈنى سەھەردە قادىر بەگ دېگەن كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا ماخمۇتخان، ئەزىزھاجى قاتارلىق يولۇچىلار بىلەن بىرگە قاشغەرگە قاراپ يولغا چىقىپ، ئېگىز مۇزلۇق، قارلىق، تۇمانلىق تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ تۆتىنچى كۈنى ئەركەشتام چېگرا ئېغىزىغا يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئەخمەت كامال چېگرا ئېغىزىدىن ساق – سالامەت ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ يەردە ھېچ تۇرماستىن ئۇدۇل ساپ ھاۋالىق، ئەمبەر پۇراقلىق، كۆك ئاسمىنىدا قۇياشى پارقىراپ تۇرىدىغان قاشغەر دىيارىغا قەدەم باسقان ئىدى. دېمەك ئىستانبۇلدىن قاشغەرگىچە بولغان بۇ ئۇزۇن مۇساپىنى يىگىرمە يەتتە كۈندە بېسىپ 1914- يىلى 3- ئاينىڭ 14- كۈنى ئاتۇش ئارقىلىق قاشغەرگە ساق – سالامەت يېتىپ باردى. ئۇ، يول بويى ئەندىجاندىكى ئولتۇرۇشتا ئۆگىنىۋالغان مۇنۇ ناخشىنى ئېيتىپ ماڭغان ئىدى:
شۇ كۆرۈنگەن تاغلار ئاسكار تاغىدۇر،
ئايىغىمدا تىللا، كىشەن سېلىغلىقتۇر.
ئايىپ ئەيلەمە مەن زارى ھەيرانى،
يۈرەگىمدە تۈركىيەنىڭ داغىدۇر.
مەسئۇت سابىرى ئەخمەت كامالنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن ئىستانبۇلنىڭ قايناق ھاياتىغا قېتىلىپ، ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى تۇيمايلا قالغان ئىدى. ئۇ،ئاشۇ قېتىمقى ئەدىرنەگە بولغان زىيارىتىدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ئاناتولىيە قىسمىغىمۇ زىيارەت قىلىشنى ئويلاپ، كونيا، ئانتالىيا ۋە قەيسەرى قاتارلىق شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولدى. ئۇ جايلاردا تۈركلەردىن باشقا يەنە باشقا مىللەتلەرنى كۆردى ۋە ئۇ مىللەتلەرنىڭ ياخشى- ياماننى ئايرىش ئۆلچەملىرىنى چۈشىنىپ يېتىپ، بۇنداق قارارلارغا كەلدى: «دېمەك بۇ دۇنيادا ھەر مىللەت ئۆزىگە خاس قىممەت ئۆلچىمى بىلەن ياشايدۇ، ھەر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس دۇنيا قارىشى بار. بىر مىللەت ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مەۋجۇت بولماقچى بولىدىكەن، ئۇ باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىق ھالدا، ئۆزىگە خاس قىممەت ئۆلچىمىگە، ئۆزىگە خاس ۋەتەن ۋە مىللەت قارىشىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇنداق بىر ئىدېئولوگىيەنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىشنى مائارىپتىن باشلاش كېرەك. كۈچلۈك مائارىپ پىرىنسىپلىرى بولغان مىللەت، ھېچبىر زامان غولىمايدۇ. ئۇنداق ئىكەن، بىز ئالدى بىلەن ئۆز مائارىپىمىزنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزۇشىمىز لازىم.«
ۋاقىت ھەقىقەتەن ئاددىيلا ئېقىپ كېتىدىغان دەريا ئەمەس، يەنە ئۇ سائىتىڭىزنىڭ مىنۇت ۋە سائەتلىرىنى كۆرسەتكۈچى سىزىقچىلىرىنى توختاۋسىز چېكىپ ھەرىكەت قىلىدىغان ستېرىلكىسىمۇ ئەمەس. ۋاقىت يەنە ئۇزاقنىڭ، يېقىننىڭ، كەچمىشنىڭ ۋە كېلەچەكنىڭ قىممىتىنىلا ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بىرلىكىمۇ ئەمەس. ئەسلىدە ۋاقىت ھەرقانداق مەۋجۇداتنى چوڭايتىدىغان، كىچىكلىتىدىغان ۋە ئۆلتۈرىدىغان ھەمدە ھەرقانداق دەۋرنى ئۆتمۈشكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋرنى باشلاپ كېلىدىغان ماكان ئىچىدىكى جەريان. ھازىرقى ۋاقىت بولسا، ئۆتۈۋاتقان ۋە مۇتلەق كېلىدىغان زامان دېڭىزىنىڭ بىر تامچىسى. كىم بىر تامچىنىڭ قەدرىنى بىلسە، چەكسىز دېڭىزدا قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. بىكارلىق ۋاقىت يوق، ھەربىر دەقىقىنىڭ ئۆز قىممىتى بار. كىم بۇ قىممەت ئىچىدە قىممەت ياراتسا، ئۇنىڭ قىممىتىگە باھا پىچكىنى بولمايدۇ. دەرۋەقە ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى بىلگەن ئادەم ھەسسىلەپ قىممەت ياراتقۇچى دانىشمەندۇر. شۇڭا ۋاقىت ئۆز قىممىتىنى بىلىدىغان، ئۆزى ھەققىدە رول ئالدىغان قەھرىمانلارنى يارىتىدۇ. ۋاقىتنىڭ ھەققى قىممىتى، قىممىتىنى بىلگەن نەرسىنىڭ روھىغا مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىت ئۆز قىممىتىنى بىلگەنگە ئاشىق. مەسئۇت سابىرى ئەنە شۇ ئۆزىگە ئاشىق بولغان ۋاقىتنى دەرھەقىقەت قەدىرلىدى.
مانا ئەمدى دوستى ئەخمەت كامالنىڭ قاشغەرگە مۇئەللىملىك قىلىش ئۈچۈن كەتكىنىگىمۇ بىر يىل بولۇپ قالغان ئىدى. مەسئۇت سابىرى بىلەن ئابدۇراخمان شاھىدىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئوقۇشىمۇ پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىستانبۇلنىڭ ۋەزىيىتى كۈندىن كۈنگە يامانلىشىپ، پۇقرالار ئۇرۇش ۋەھىمىسىنىڭ ئىچىدە قالغان ئىدى. ئوسمانلى رەسمىي 1- دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئىدى. بۇ ئۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى ئوسمانلى ئۈچۈن ئۇنچىلىك پارلاق نەتىجىلەرنى ئەكەلمەيدىغانلىقىنى كۈندىلىك ئۇرۇش خەۋەرلىرىدىن بىلىۋالغىلى بولاتتى. مۇشۇ كۈنلەردە توپ ساراينىڭ ئۈستىدە يامغۇرلۇق قارا بۇلۇتلار ھېچ يوقالمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. فوسفور بوغۇزىنىڭ كۆپ – كۆك يۈزىمۇ قاپقارا قارىداپ، دولقۇنلار بوغۇز قىرغاقلىرىغا ئۇرۇلۇپ، كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئەندىشىگە سالاتتى. مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە ئۇلار نېمە قىلىشىنى بىلمەي تۇرغاندا «بىرلىك ۋە تەرەققىيات» تەشكىلاتى ئۇلارنىڭ تۈركىستانغا قايتىپ كېتىشى لازىملىقىنى ئۇختۇردى ۋە قايتىش ئالدىدا ئوسمانلى ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى ھەربىي نازىر ئەنۋەر پاشا بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ لازىملىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. ئۇلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىدىغان زاماننىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇقۇپ، ئىچ – ئىچىدىن سۆيۈندى. دېمىسىمۇ ئۆز يۇرتىدىن يىراق يەرلەردە يۈرۈش ئۇلار ئۈچۈن بارغانسېرى ئېغىر تۇيۇلۇۋاتاتتى.
ياشلىرىنىڭ چوڭىيىشىغا، بىلىمىنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ ۋەتىنىگە بېرىپ ئۆز خەلقىگە خىزمەت قىلىش ئىستىكى كۈندىن – كۈنگە ئېشىۋاتقان بىر چاغدا، بۇنداق خەۋەرنى ئاڭلاش ئۇلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق ئىش ئىدى. بولۇپمۇ ئەخمەت كامال قاشغەرگە قاراپ يولغا چىققاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ۋەتەننىڭ ئوتى باشقىچە يېنىشقا باشلىغان ئىدى. شۇڭا ئۇلار ئۇشبۇ خەۋەرنى ئالغان ھامان قايتىش تەييارلىقلىرىنى باشلىۋەتتى ۋە ئەنۋەر پاشا بىلەن كۆرۈشۈش بەلگىلەنگەن كۈندە، مەسئۇت سابىرى بىلەن ئابدۇراخمان شاھىدى ھەربىي نازارەتنىڭ ھەيۋەتلىك بىناسىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلگەن ئىدى. بىنا يىراقتىن ئاجايىپ ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. ئەينى يىللاردا ئوسمانلى شاھزادىلىرى تۇرغان بۇ ساراي، بۈگۈنكى كۈندە ئوسمانلى ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي نازارەت بىناسى قىلىنغان ئىدى. ئۇلار نازارەتنىڭ ئىچىگە كىرىپ، كۈندىلىك ئىشلارغا مەسئۇل ھەربىي كاتىپنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن، ئەنۋەر پاشانىڭ ھۇزۇرىغا كىردى.
(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)