ئانا تىل بىلمەيدىغان بىرمۇ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈر قالمىسۇن!
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن ئېچىلغان توردىكى ئانا تىل كۇرسلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ، مۇمكىن بولسا يۈز تۇرانە، بولمىسا توردا ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزنى ئانا تىل كۇرسلىرىغا تىزىملىتايلى. پەقەت بولمىسا ئاتا-ئانىلار ئائىلەدە بالىلىرىمىزغا ئۇيغۇرچە ئۆگىتەيلى! ئۇيغۇر بالىلار ئۇيغۇرنىڭ كەلگۈسىدۇر.
«ئانا تىل بىلمەيدىغان بىرمۇ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈر قالمىسۇن!» شۇئارى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئانا تىل كومىتېتى، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئانا تىلىنى ئۆگىنىشكە ئېھتىياجى بولغان ئۇيغۇر ياش–ئۆسمۈرلەرنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇيغۇرچە ئوقۇش، يېزىش ۋە سۆزلەشنى ئاساس قىلغان ئانا تىل تور دەرسى كۇرسلىرى ئېچىشنى قارار قىلغان ئىدى.
2023-يىلى 06-ئاينىڭ 24-كۈنى ئانا تىل تور دەرسلىرىمىز تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلاردىن سۈبھىنۇر ئۆمەرجان، ئابىدە ئابباس ۋە سەردار زاغئوغلىنىڭ يېتەكچىلىكىدە رەسمىي باشلاندى.
تۇنجى قېتىملىق ئانا تىل تور دەرىسلىرىمىز قىرغىزىستاندىكى ئانا تىل ئۆگىنىشكە ئېھتىياجلىق بولغان 7 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا 7-14 ياشلىقلار گۇرۇپپىسى، 14-22 ياشلىقلار گۇرۇپپىسى ۋە 22-30 ياشلىقلار گۇرۇپپىلىرى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ يېشى ۋە سەۋىيەسىگە ماس ھالدا ئانا تىل ساۋات چىقىرىش سىنىپى ۋە تىل-ئەدەبىيات سىنىپلىرى ئېچىلدى. كۇرسلىرىمىزدا يەنە مەخسۇس ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىش ۋە ئاڭلاپ چۈشىنىش دەرسلىكلىرى بار.
ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئانا تىل كومىتېتى دەرسلىك تۈزۈش گۇرۇپپىسى ئەزالىرى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ تەھرىرلەنگەن مەخسۇس ساۋات چىقىرىش ۋە تىل-ئەدەبىيات كىتابلىرىنى دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈش، ئانا تىلغا مۇناسىۋەتلىك سىنلارنى كۆرۈش، ئاڭلاش، سۆزلەش ۋە يېزىش، ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ئويۇنلىرىنى ئويناش قاتارلىق ئۆزگىچە مىتودلار ئارقىلىق تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا ئانا تىل ئۆگىنىش سەپىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
نۆۋەتتە ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كۆپلىگەن ياش-ئۆسمۈرلىرىمىز يۇقىرى قىزغىنلىق بىلەن ئانا تىل دەرسلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئانا تىل تور دەرسى ئۇقتۇرۇشى
تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن ئوقۇڭ: https://www.akademiye.org/ug/?p=168025