You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسئۇت ئەپەندى (17)

مەسئۇت ئەپەندى (17)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئەنۋەر پاشانىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئىچى شۇنچىلىك كەڭ، ئۈستى شۇنچىلىك ئېگىز بولۇپ، بەجايىكى پادىشاھلارنىڭ سارايلىرىدەك شۇنچىلىك بەھەيۋەت كۆرۈنەتتى. تورۇستا، ۋېنىتسىيە ئەينىكىدىن نەپىس ئىشلەنگەن چىراغ ساڭگىلاپ تۇراتتى. شۇنچىلىك ئىنچىكىلىك بىلەن توقۇلغان تۈركمەن گىلىمى يەرگە دەلمۇدەل قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، ئادەم ھەربىر قەدەم باسقاندا پۇت گىلەمگە پېتىپ كېتەتتى. مەسئۇت سابىرى بىلەن ئابدۇراخمان شاھىدىنى بۇ ساراينىڭ ئوتتۇرىسىغا تىزىلغان بىر تال قىزىل گۈلدەك تۇرغان ئەنۋەر پاشا يېقىملىق تەبەسسۇم بىلەن قارشى ئالدى ۋە ئۇزۇندىن بۇيان كۆرۈشمىگەن قېرىنداشلاردەك قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.

ئۇنىڭ ئورۇقراق جۇغىغا شىپپىدە كەلگەن ئوسمانلى ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىرى كىيىدىغان ماچ رەڭ سارجىدىن تىكىلگەن ھەربىي كىيىم، مەيدىلىرىگە قادالغان ئوردىنلار، مۈرىسىدىكى پاگونلارنىڭ جۇلالىنىپ تۇرىدىغان ئالتۇن رەڭلىك چۇچۇلىرى، بېشىغا كىيىۋالغان يۇمشاق قارا قوزىنىڭ تېرىسىدىن تىكىلگەن ھەربىيچە تۇماق قاتارلىقلار بۇ باش قومانداننى تېخىمۇ مەردانە، تېخىمۇ جەسۇر قىلىپ كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئەنۋەر پاشا 34 ياشلارغا تاقاپ قالغان شۇنچىلىك روھلۇق كىشى ئىدى. ئۇنىڭدىكى بۇ روھ قويۇق قارا قاشلىرىنىڭ ئاستىدىكى دۈگىلەك بۇلاقتەك تىنىق كۆزلىرىدە بالقىپ تۇراتتى. تۈپتۈز ئېگىز بۇرۇنىنىڭ ئاستىدا كۈچەپ تارتىلغان يادەك ئەگمە، قۇندۇزدەك قاپقارا قويۇق بۇرۇتلىرى ئۇنىڭ قەھرىمان بىر تۈرك ئەسكەر، پاراسەتلىك بىر تۈرك قوماندان ئىكەنلىكىنى كىشىنىڭ ئەقلىگە سېلىپ تۇراتتى. گەپ قىلغاندا يالتىراپ تۇرىدىغان مەزمۇت چىشلىرى بەئەينى ئۇنچە – مەرۋايىتتەك ئاپئاق ئىدى. بۇغداي ئۆڭ چىرايلىق يۈزىدىن دائىم نۇر يىغىپ تۇراتتى.

ئۇلار بىردەم شۇنداق سەمىمىي، شۇنداق دوستانە، شۇنداق قىزغىن ئۆزئارا ھال – ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن، ئەنۋەر پاشا ئاۋازىغا تەمكىن تۇس بېرىپ بۇنداق دېدى: «ئىككىڭلارنى نۆۋەتتىكى جىددىي پەيتتە ئالدىمغا چاقىرتىشىمدىكى مەقسىتىم، سىلەرگە تاپشۇرىدىغان جىددىي بىر ۋەزىپە ئۈچۈندۇر. ‹تەشكىلاتى – ماھسۇسا› دىكى ئىستىخباراتچىلىرىمىزدىن سەلىم سامى، ئادىل ھېكمەت، ھۈسەيىن ئەمرۇللاھ قاتارلىق بەش كىشى سىلەرنىڭ ئارقىڭلاردىن تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئىككىڭلار ئۇلاردىن بىر ھەپتە بۇرۇن يولغا چىقىسىلەر. ئۇلار ئارقاڭلاردىن مېڭىپ قاشغەر دىيارىغا يېتىپ بارغاندا، ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋاتىسىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئافغانىستانغا كېتىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىسىلەر، ئەلۋەتتە ئاتۇشتىكى ئەخمەت كامالمۇ بۇ ئۇلۇغ ۋەزىپە ئۈچۈن سىلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ بەش مەخسۇس خادىمنىڭ ئافغانىستانغا يولغا چىقىشىغا ياردەمدە بولىدۇ. ھەممىڭلار بىرلىكتە ھەرىكەت قىلساڭلار ھەل بولمايدىغان مەسىلە يوق، ئىشلىرىڭلارنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىنى تىلەيمەن.»

«تەشكىلاتى – ماھسۇسا» بولسا، ئوسمانلى ئارمىيەسىنىڭ دۈشمەن تۇپراقلىرىدىكى ھەرىكەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش، ئۇ يەرلەردىكى دۈشمەن كۈچى ۋە جۇغراپىيەلىك يەر شارائىتىنى ئىگىلەش ھەمدە مۇھىم ھەربىي ئاخباراتلارغا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە يەنە شۇ يەرلەردىكى يەرلىك خەلقلەرنى قوراللاندۇرۇپ ئىنقىلاب قوزغاشنى مەقسەت قىلىپ،

«بىرلىك ۋە تەرەققىيات» تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بولغان تەلەت پاشا ۋە ئەنۋەر پاشالار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىستىخبارات تەشكىلاتى ئىدى. بۇ تەشكىلات 1914- يىلى 5- ئاۋغۇستتىن باشلاپ رەسمىي ھەربىي نازارەتنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ئۆتكەن بولۇپ، ئەنۋەر پاشانىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشى ئاستىدا ئىدى. بۇ قېتىم ئەنۋەر پاشانىڭ مەسئۇت سابىرى بىلەن ئابدۇراخمان شاھىدىنى ئۆز ھۇزۇرىغا چاقىرىشىدىكى سەۋەبلەردىن بىرى بولسا، ئوسمانلىنىڭ ئافغانىستان رايونلىرىغا ئەۋەتىدىغان ئىستىخبارات خادىملىرىنى قاشغەر ئارقىلىق ئافغانىستانغا يولغا سېلىش ئۈچۈن بۇ تۈركىستانلىق ئەڭ ئىشەنچلىك ئىككى ياشنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجى چۈشكەنلىكىدىن ئىدى. چۈنكى بۇ ئىككى ياش « بىرلىك ۋە تەرەققىيات » تەشكىلاتى يېتىشتۈرگەن ئەڭ قابىلىيەتلىك، ئەڭ ئىشەنچلىك خادىملاردىن ئىدى. بۇنداق مەخپىي ھەرىكەتنى نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىشەنچلىك ياشلاردىن باشقا بىرلىرىگە ئىشىنىشكە ئەسلا بولمايتتى. مانا ھازىر ئەنۋەر پاشانىڭ ئالدىدا مەسئۇت سابىرى بىلەن ئابدۇراخمان شاھىدى بۇ ۋەزىپىنى جان دىلى بىلەن ئورۇنلاشقا ۋەدە بەردى. ئۇلار ئوسمانلى ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى بولغان بىر گېنېرالنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇپ، بۇنداق بىر ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىدىن پەخىرلەندى.

سۆھبەت ئارىسىدا ئەنۋەر پاشا بۇ تۈركىستانلىق پىدائىيلارغا نۇرغۇن نەسىھەتلەردە بولدى ۋە ئۆز تەلەپ – پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە دۆلەتى ئالىييە بوھران ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنداق رەھىمسىز بوھراندىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى تۇرانچىلىقتۇر. پۈتۈن دۇنيا تۈركلىرى ئىتتىپاقلىشىپ، تاجاۋۇزچىلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئوسمانلى تۇپراقلىرىنى ساقلاپ قىلىش ۋە تۈركىستان تۇپراقلىرىنى دۈشمەننىڭ قولىدىن ئۈزۈل – كېسىل ئازاد قىلىش مەقسەت ۋە نىشانىمىزدۇر. ھازىر بۇ تۇپراقلاردىكى تۈركلەر تېخى بىرلىك، ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكىنى يوق. ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ روھىدا مەنسۇپلۇق، باغلىقلىق ۋە ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي باراۋەرلىك تۇيغۇسى بولىدۇ. مىللەتنىڭ روھىدىكى ئۇشبۇ تۇيغۇنى باستۇرۇش ياكى يوق دەپ قاراشنىڭ ئۆزى تامامەن خاتادۇر. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى مەۋجۇتلا بولىدىكەن چوقۇم بىرلىك، ئىتتىپاقلىق بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزئارا دۈشمەنلىكلەرمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئىكەن ئىنسانلار ئۆزى مەنسۇپ بولغان مىللەتكە ۋە تومۇرىدا ئېقىۋاتقان قانغا ئائىت بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. مانا بۇ ئارزۇ بولسا مىللىي ئاڭنى، مىللىي روھنى پەيدا قىلىدىغان يېگانە زەررىچىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر مىللەتكە ئائىت بولغان ھەربىر شەخس شۇ مىللەتكە ئائىت بولغان قىممەت قاراش بىلەن يېتىلىدۇ ۋە شۇ مىللەتكە ئائىت بولغان روھقا ئىگە بولۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىنمىسا ئىنسان ئۆزىدە ئەسلىدىلا بار بولغان ئائىتلىق كۈچى ياتلارغا ئائىت بولۇپ كېتىپ، ئۆزىدىكى مىللىي روھتىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

شۇ ۋەجىدىن ھەربىر مىللەت ئۆزىگە تەۋە بولغان ئاۋامغا ئىگە چىقىشى كېرەك. بۇنىڭ يولى ئالدى بىلەن سىلەردەك ئايدىڭ كىشىلەرنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدا كەڭ كۆلەملىك ئويغىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ۋە ئاخىرىدا قوراللىق مۇجادىلە ئارقىلىق ئەركىنلىككە، ھۆرلۈككە ئېرىشىپ، مۇستەقىل تۈركىستاننى دۇنياغا كەلتۈرۈشتۇر. پۈتۈن تۈرك مىللىتى تۇرانچىلىق ئىدىيەسىگە ئائىت بولۇپ، بۇ ئىدېئولوگىيەنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا بىرلىشىشى، ئىتتىپاقلىشىشى لازىم. مەيلى كىم نېمە دېسە دېسۇن تۇرانچىلىق پۈتۈن تۈرك خەلقى ئۈچۈن نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ تەقەززاسىدۇر. تۇرانچىلىق پەقەت ۋە پەقەتلا ئۆزىگە ئائىت بولغانغا ئائىت بولماقتۇر. تۇرانچىلىق يەنە باشقىلارنى ئەيىبلەشتىن بەتەررەك، باشقىلارنى چۈشىنىشكە كۈچ سەرپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ئۆزىمىزنىڭ قولىدىكى مەۋجۇت ئىمكانلار ئاساسىدا تۈرك مىللىتىنى قانداق قوغداپ، قانداق تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىمىزنىڭ ئەڭ قىسقا يولىنى تېپىپ چىقىشقا ئىنتىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈرك مىللەتچىلىكى تۈرك خەلقىنىڭ بىرلىكى، ئىستىقلالى ۋە ئىستىقبالىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىدىيەدۇر. تۈرك مىللەتچىلىكى ھەرگىز ئېرىقچىلىق ئەمەس، ھەرگىز ئېتنىك جەھەتتىن پەرقلىنىدىغان خەلقلەرگە دۈشمەنلىك قىلىش ئەمەس، ھەمدە ئىسلام ئۈممەتچىلىكىنى ۋە ياكى غەرب مەدەنىيىتىنى ئىنكار قىلىدىغان ئىدېئولوگىيەمۇ ئەمەس.

ئەكسىچە ئۆزئارا ياردەملىشىش ئاساستا پەقەت تۈرك مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداش، ئاسارەت ئاستىدىكى تۈرك خەلقىنى ئازاد قىلىنىش مەقسەت ۋە نىشان قىلغان، نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ تەقەززاسى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئىدېئولوگىيەدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىدېئولوگىيەنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا ئوخشاش تىلغا، ئوخشاش كۈلتۈرگە، ئوخشاش دىنغا، ئوخشاش جۇغراپىيەگە ئائىت بولغان پۈتۈن تۈرك مىللىتىنى بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ئاساستا كۈرەش قىلىشقا چاقىرىمىز. سىلەر ئۆز ۋەتىنىڭلارغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن مۇشۇ غايە ئۈچۈن تۆۋەندىن باشلاپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىڭلارنى، مەكتەپ ئېچىپ بالىلارنى يېڭى مائارىپ بىلەن تەربىيەلەش بىلەن بىرگە يەنە ئەسكىرى تەلىم تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، ۋاقىت شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە تۈرك مىللىتىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن قوراللىق ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشىڭلارغا چاقىرىق قىلىمەن. تارىختىن بۇيان تۈرك ئەسكەرلىرىدىن شانلىق، تۈرك ئەسكەرلىرىدىن پىداكار ھېچ ئەسكەر بولۇپ باققان ئەمەس. سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئىشەنسەڭلارلا سىلەرگە ئەگەشكۈچىلەر يولۇڭلاردا جانلىرىنى پىدا قىلىدۇ. مەن سىلەرنىڭ ئازادلىقىڭلار ئۈچۈن، كېرەكلىك بولغان ھەرقانداق ياردەمنى ئايىمايمەن. ھازىر پەقەت ئەسىر ئىچىدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بىزگە قالغان يېگانە يول جەڭگاھتا جەڭ قىلىپ، ھەممىمىز بىرلىكتە ئەسلى ھەققىمىزنى، ھۆرلۈكىمىزنى قايتۇرۇپ ئېلىش ۋە بۇلارنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي بىرلىك ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ئاداققىچە كۈرەش قىلىشتۇر.

بۇ قېتىم ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۆلۈمگە پەرۋا قىلماي بۇ ئەزىز جاننى دوغا تىكسەك ھەم بىزنىڭ، ھەم بۇندىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ھۆر ۋە بەختىيار ھاياتتا ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلغان بولىمىز. ئەگەر يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغان ھەممىمىز قۇتۇلۇش ئۈچۈن مۇجادىلىگە ئاتلانمىساق ۋە يەنە سەۋر قىلىپ ئۇتتۇرۇپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تەييارلىق قىلمىساق قىيامەتكىچە ئاسارەت زەنجىرىدىن قۇتۇلالمايمىز. بىزنىڭ تۈركچىلىك ئىدېئالىغا ناھايىتىمۇ چوڭ قەرزىمىز بار، چۈنكى بىزگە ھاياتلىق ئاتا قىلىۋاتقان تومۇرىمىزدىكى قان تۈركنىڭ قېنى، سوقۇۋاتقان يۈرەك تۈركنىڭ يۈرىكى! مۇشۇ تومۇرىمىزدىكى ئىسسىق قاننىڭ ھەققى ئۈچۈن، توختاۋسىز سوقۇۋاتقان يۈرەكنىڭ ھەققى ئۈچۈن، قەلبىمىزنى يورۇتۇپ تۇرغان ئىمانىمىزنىڭ ھەققى ئۈچۈن، بىز بىزدىن باشقا بىرسى بولماستىن، ھەققى بىز بولساقلا كۇپايە! بىز بولساق تۈرك، تۈركنىڭ ۋەتەنى تۇراندۇر! مەن تۇران يۇرتلىرىغا سىلەرنى ئىزدەپ بارىمەن. قېرىنداشلىرىم چوقۇم يېنىڭلارغا ئىزدەپ بارىمەن. راست قېرىنداشلىرىم! شۇ چاغدا يوقۇتۇپ قويغانلىرىمنى باشقىچە نەزىرىم بىلەن ئىزدەيمەن، سىغىنغانلىرىمنى مېھرى-مۇھەببەت بىلەن قۇچاقلاپ سۆيىمەن!».

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top