You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئەنقەرەدە خىتاي ئىشخالىيىتىنىڭ 74- يىلىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئەنقەرەدە خىتاي ئىشخالىيىتىنىڭ 74- يىلىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2023-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەنقەرەدىكى تۈركىيە كادىرلار ئويۇشمىسىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئويۇشتۇرۇشىدا «خىتاي ئىشخالىيىتىنىڭ 74- يىلىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىنغا ئەنقەرەدىكى كۆپ ساندا سىياسىئونلار، ئاكادېمىكلار، ژۇرنالىستلار ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرى قاتناشتى. يىغىندىن بۇرۇن مېھمانلارغا ئۇيغۇر مىللىي تامىقى پولۇ تارتىلدى. يىغىنغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باش كاتىبى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىن تۈركىيە ئىستىقلال مارشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن يىغىنىنى تەشكىللىگەن تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ قىسقا ئېچىلىش نۇتقىدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال جەريانى، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە چەتئەللەردىكى خىتايغا قارشى كۆرەشلەر باش تېما قىلىنغان لىكسىيە قىسمى باشلاندى.

لىكسىيە قىسمىدا، ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوتسېنىت دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىش جەريانىنى ئاڭلاتتى. ئو سۆزىدە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ۋە ماددىي ياردىمى بىلەن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 74 يىل ئىلگىرى 1949-يىلى 26-سېنتەبىردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرقىدىكى قۇمۇل ئۆلكىسىدىن شەرقىي تۈركىستانغا كىرگەنلىكىنى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىشغالىيەتتىكى ھەمكارلىقى نەتىجسىىدە خىتاي كومىنىست ئارمىيەسى 1955-يىلى 30-سېنتەبىر شەرقىي تۈركىستاننى تولۇق ئىشغال قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە يىغىنا قاتناشقۇچىلارغا  ئىشغالىيەتتىن ئىلگىرىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىشخالىيىتىگە قارشى كۈرەشلىرى ھەققىدە دوكلات بەردى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى رەئىس ۋەكىلى پروفېسسور ئەركىن ئەمەت ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ ئاسمىلاتسىيە ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قىسقى ۋەزىيىتىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن، تۈركىيە ۋە تۈركىيە دۇنياسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە خىتايغا قارشى نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقى ھەققىدە تەكلىپ ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىن بېرى خىتايغا قارشى قىلىۋاتقان كۈرەشلىرى نەتىجىسىدە، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە تۈركىيەدە كۆپلىگەن كىشىلەر خېلى مەلۇماتلىق ئىكەنلىكىنى، ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ نىشاننى تۈركىيەدىكىگە ئوخشاش تۈرك دۇنياسىدىكى باشقا قېرىنداش دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈركىيەدىكىدەك بىر مۇھىت يارىتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر ئۇلار بۇ مەسلىگە جىددى قارىمىسا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىككىنچى ئەندۇلۇسقا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئاخىرىدا، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى دىرېكتورى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ دىئاسپورادىكى خىتايغا قارشى كۈرەشلىرىنى ئاڭلاتتى. ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ب د ت دە، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە، مالايسىيا ۋە ھىندىنوزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە خىتايغا قارشى ئىنتايىن كۈچلۈك لوبىچىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بۇنىڭ تىپىك مىسالى سۈپىتىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئۆزىنىڭ دوكىلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زىيانكەشلىكىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى، كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرى پارلامېنتلىرىنىڭمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇغانلىقىنى بايان قىلدى.

يىغىن ئاخىرىدا ئاڭلىغۇچىلار دوكلات سۇنغۇچى تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن كۆپلىگەن سوئاللارنى سورىدى، ئاخىرىدا يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ خاتىرە رەسىمگە چۈشىشى بىلەن يىغىن غەلبىلىك ئاياغلاشتى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top