مەسئۇت ئەپەندى (19)
ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت
3-باپ. «يۇرتۇم»
بۇ يۇرت سېنىڭ، سېنىڭ گۈلزارىڭ،
بارچە يۇرتتىن گۈزەل زىيادە.
ئەي مەلىكەم، سۆي بۇ دىيارنى،
تەنھا بىلگىن پۈتۈن ئالەمدە.
«فائۇست» دىن ئېلىندى.
مەسئۇت سابىرى ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ ئون يىلدىن كېيىن، چەكسىز كەتكەن چۆللەردىن ۋە مۇز چوققىلىرى كۆككە تاقاشقان قارلىق تاغلاردىن ئۆتۈپ، غەمكىن شەھەر- يېزىلارنى كېزىپ، مىڭبىر مۇشەققەت چېكىپ مانا ئەمدى ئۆز يۇرتىنىڭ بوسۇغىسىغا لەپپىدە يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ئىچىدە:«يۇرتۇمنىڭ ماي ئايلىرى نەقەدەر گۈزەل ھە! مەن سېنىڭ ياپيېشىل كۆكىرىپ تۇرىدىغان دىيارلىرىڭنى سېغىندىم، شېرىن – شەربەت مېۋىلەر بىلەن تولغان باغ – باراۋانلىرىڭنى سېغىندىم، ئۆركەشلەپ مەۋج ئۇرۇپ ئاقىدىغان دەريالىرىڭنى سېغىندىم، سۈپسۈزۈك سۇلار بۇلدۇقلاپ ئىتىلىپ چىقىدىغان بۇلاقلىرىڭنى سېغىندىم، باغرى سۇر -سۇر يىلقىلار، توپ – توپ قوي – كالىلار بىلەن تولغان تاغلىرىڭنى سېغىندىم، كۈلكە – چاقچاق، ساز ناۋاسى بىلەن قىزىيدىغان ئوتتۇز ئوغۇل مەشرەپلىرىڭنى سېغىندىم، ئەل – يۇرت، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – يارەنلەرنى سېغىندىم، ئىشقىلىپ سەندە بار بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سېغىندىم!» دەپ خىتاب قىلدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پايانسىز سوزۇلۇپ ياتقان ياپيېشىل دالا، تاغ شاماللىرىدا يەڭگىل دولقۇنلاپ تۇراتتى. ئىككى يېنى ئەمدىلا ئېچىلغان كاككۇك گۈللىرى بىلەن بېزەلگەن تۇپىلىق يول ئۇدۇل ئارۇز يېزىسىغا تۇتىشاتتى. ئۇلار مۇشۇ مەنزىلگە يېتىپ كېلىش ئۈچۈن بىر ئايدىن ئوشۇق يول يۈرگەن بولغاچقا ھارغىنلىقتىن ھېچبىر ماجالى قالمىغان ئىدى. ئۇلار ئىستانبۇلدىن يولغا چىقىپ قاشغەر دىيارىغا كېلىپ، ئەنۋەر پاشا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولۇپلا، ئالدىراپ – تېنەپ ئۆز يۇرتىغا قاراپ ئاتلانغان ئىدى.
مانا ئەمدى خۇددى بىر قوزا يۈزلەرچە قوينىڭ ئارىسىدىن ئۆز ئانىسىنى تونۇپ، ئايىقىغا قانداق يۈگۈرۈپ بارغان بولسا، مەسئۇت سابىرىمۇ يىراقتىكى گۈپباراقسان دەرەخلەر ئارىسىغا مۆكۈنگەن، ئارۇزنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ قوينىغا ئۆزىنى شۇنداق ئاتقان ئىدى. ئۇ، بىر- بىرلىرىنى شۇ قەدەر يىراقلاشتۇرۇۋەتكەن تەقدىر ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، يۇرتىنىڭ دىدارىغا تەلمۈرۈپ قارىدى. ئۇزۇن يول يۈرۈپ ئورۇقلاپ بىقىنلىرى ئىچىگە كىرىپ كەتكەن تورۇق ئېتىنى دېۋىتىپ، چاپتۇرۇشقا ئۇرۇندى، ئەمما ھارغىن ئات چېپىشنىڭ ئورنىغا، مەسئۇت سابىرىنىڭ يۈرىكىدەك تېپىرلاپ، ئاندىن يورغىلاپ مېڭىشنى تاللىدى. بۇنىڭغىمۇ شۈكرى قىلغان مەسئۇت سابىرى ئاتنىڭ ئىزەنگىسىنى تارتىپ – تارتىپ تۇرۇپ، يېزىنىڭ مەھەللىسىگە باشلىدى. ئۇلار مەھەللىگە يېقىنلاشقانسېرى گۈپباراقسان باغلاردىن كېلىۋاتقان ئۆرۈك ۋە شاپتۇل چېچەكلىرىنىڭ دىلنى بىھوش قىلىدىغان قويۇق پۇراقلىرى دىماغلىرىغا كېلىپ ئۇرۇلۇشقا باشلىدى. ئەمما، ھاۋا بارغانسېرى تۇتۇلۇپ، شاقىراپ ياغىدىغان يامغۇردىن بېشارەت بېرىپ تۇراتتى.
ئاسماندا خىتاي رەسساملىرى يۇڭ قەلەم بىلەن سىزغان رەسىملەردىكىدەك غۇژمەك – غۇژمەك قارا بۇلۇتلار ئۇياقتىن – بۇياققا ئۈزۈپ يۈرەتتى. بېشىنى يەرگە ئېگىپ كېتىۋاتقان ھارغىن ئاتلارمۇ قانداقتۇ بىر شەپىنى سېزىۋاتقاندەك، تۇيۇقسىزلا ھوشيارلىشىپ بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ مەھەللىگە كىرىپ كەلدى. سالقىن مەھەللە شامىلى مۇڭلۇق گۆكۈرمەكتە، يولنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى كېسىلمەي قالغان شالاڭ دەرەخلەرنىڭ يېشىل ياپراقلىرى شىلدىرلىماقتا، ئوڭ تەرەپتە ئېقىۋاتقان سۈپسۈزۈك ئېرىق سۈيىنىڭ شار- شار قىلغان ئاۋازى مەھەللىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئاۋاز بولغاچقا، ئۆزىنى كۆز- كۆز قىلىپ ئىتتىك ئاقماقتا. بەجايىكى بۇ مەھەللە ھېچقانداق ھاياتلىقنىڭ بەلگىسى يوق چۆل – جەزىرىدەك جىمجىتلىققا چۆكۈپ، سۈكۈنات ئىچىدە ياتقان ئىدى. بالىلىق چاغلىرىدا ئۇنىڭ شېرىن خىياللىرىنى ۋە ئارزۇ- ئۈمىدلىرىنى قوزغاپ تۇرىدىغان دەرەخلەرنىڭ سايىسى كۆرۈنمەيتتى. چۈنكى ئاشۇ سالقىن سايىلەرنى تاشلاپ تۇرىدىغان كوچىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى دەرەخلەرنىڭ زور كۆپى كېسىۋېتىلگەن ئىدى. ئەنە مەسئۇت سابىرىنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن قورۇسىنىڭ دەرۋازىسى كۆرۈندى. ئەنە شۇ ئىشىكنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئېسىدىن ھېچ چىقارماي ساقلاپ كەلگەن ھويلىسى بار ئىدى.
مەسئۇت سابىرى خۇددى ئۇزۇن يىللار كۆرۈشمىگەن لەيلىنىڭ قۇچىقىغا ئىنتىزارلىق بىلەن ئۆزىنى ئاتقان مەجنۇندەك، تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان قورۇسىنىڭ دەرۋازىسىغا ئالدىغا كېلىپ ئىتتىك ئاتتىن چۈشتى. مۇشۇ دەقىقىلەردە ئۇنىڭ ياداڭغۇ ھارغىن چىرايى نېرىدىكى غەمكىن يالغۇز بىر تۈپ ئاق تېرەكنىڭ قوۋزىقىدەك شۇنچىلىك تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. قورۇنىڭ ئالدىدا بۇرۇنقىدەك دەرەخلەر يوق ئىدى، پەقەت ئۇلارنىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە كېسىۋېتىلگەندىن كېيىنكى كۆتەكلىرىلا تۇراتتى. كۆتەكلەردىن بىخ ئۇرۇپ چىققان مۇخلار ۋە يانلىرىدىن ئۈنۈپ چىققان كىچىك – كىچىك يۇمران شۇڭلار ئۇلارغا تەلپۈنۈپ بوينىنى قىسىپ تۇرغان بالىلاردەك، يەڭگىل لىڭشىۋاتاتتى. ئۇ تۇغۇلغان ئۆينىڭ ئۆگزىسىدە قۇرۇپ سارغىيىپ كەتكەن ئوت – چۆپلەرنىڭ شاھلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يېڭى ئۈنۈپ چىققان ياپيېشىل ئوت – چۆپلەرنىڭ يۇمران غوللىرى سىلكىنىپ تۇراتتى. مەسئۇت سابىرى قۇلۇپسىز دەرۋازىنى ئاستا ئىتتىرىش بىلەن تەڭ، «غىچ!»قىلغان ئاۋاز چىقىرىپلا، بىر قانىتى ئېچىلىپ كەتتى. دەرۋازا ئالدىدا ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى باغلىغۇدەك بىر نەرسە ئۇلارنىڭ كۆزىگە چېلىقمىغاچمىكىنتاڭ ئاتالىرى بىلەنلا تەڭلا ھويلىغا كىرگەن ئىدى.
مەسئۇت سابىرى ھويلىغا كىرىپلا ئەتراپقا چاقماقتەك ئىتتىك كۆز تاشلاپ چىقتى. ئەمما، ھويلىدا ئىنس – جىن يوق ئىدى. قويلارنىڭ مەرەشلىرى، كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى، قۇشلارنىڭ ئۈزۈلمەي سايراشلىرىمۇ ئاڭلانمايتتى. پەقەت قولىدا چۇلۋۇرىنى تۇتۇپ تۇرغان ئاتنىڭ كىشنىشىلا بۇ سۈكۈناتنى بۇزۇۋەتكەن ئىدى. بۇرۇنقى رەتلىك ئۈزۈم باراڭلىرىنىڭ ئورنىدا، تاللىرى قالايمىقان ئارتىلغان ۋە باراڭنىڭ ئەگىر – بۇگۇر بادرا ياغاچلىرىغا رەتسىز باغلانغان تاللار تۇراتتى. قاتار – قاتار كەتكەن بەش ئېغىزلىق پېشايۋانلىق ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرىگە يوغان قۇلۇپلار سېلىنغان بولۇپ، پېشايۋاننىڭ تۈۋرۈكلىرىدىكى ياۋا كەپتەر ۋە قارلىغاچلارنىڭ قېتىپ كەتكەن چىقىرىندىلىرى، بۇ ئۆيلەردە ئۇزۇندىن بۇيان ئادەم ئولتۇرمىغانلىقتىن بېشارەت بېرىپ تۇراتتى. بۇرۇنقى گۈزەل ھويلىنىڭ خاتىرىلىرىدىن ھېچقانداق بىر ئەسەر قالمىغان ئىدى. بۇ قورۇ ئۇنىڭ بۇرۇن تۇغۇلغان قورۇسىغا ھېچ ئوخشىمايلا قالغان بولۇپ، ئاجايىپ بىر سىياققا كىرىپ قالغان ئىدى. بالىلىق چاغلىرىدا ئېسىدە قالغان ئەسلىمىلەر شۇنچە گۈزەل، شۇنچە قەدىرلىك بولسا كېرەك، بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن مەسئۇت سابىرىنىڭ چىرايى ئاشۇ ئۈستىدىكى ئاسماندەك بارغانسېرى تۇتۇلۇپ كەتتى. دېمىسىمۇ بۇرۇن ئاجايىپ گۈزەل خاتىرىلەرنى قالدۇرغان بىر جاينى كۆرگەندە، ئاشۇ بۇرۇنقى گۈزەللىكنى كۆرەلمىسە، كىشىنىڭ روھى ھەقىقەتەن چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇرۇن بۇ ھويلىنى گۈزەللەشتۈرۈپ تۇرغان نەرسىلەر يالغۇز تەبىئەتنىڭ ئەسلى گۈزەللىكىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئاشۇ تەبىئىي گۈزەللىككە تېخىمۇ گۈزەل تۈسلەرنى قوشقان ئادەملەرنىڭ مېھنەت تەرى ۋە شۇ تەبىئەتنى مەڭگۈلۈك ياشنىتىشقا خاتىرىلەر قاتقان شۇ يەردىكى قەدىردانلاردۇر.
ۋەھالەنكى، ھازىر ئەنە شۇ قەدىردان ئەزىزلەر بۇ يەردە يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىدىغان ئانىسى ئايسىخان بىلەن دادىسى سابىر بۇ ئالەمدىن كۆچۈپ كەتكەن ئىدى، قامچىسىنى ئوينىتىپ «قاس!» چىقىرىپ، ھارۋىكەش ناخشىسىنى بولۇشىغا توۋلاپ مەھەللىنىڭ سۈكۈناتىغا شادلىق قوشىدىغان توختى ھارۋىكەش يوق ئىدى. مەسئۇت سابىرىنىڭ كۆڭلىگە ئىلىمنىڭ چىرىغىنى ياغقان، دىلىغا «ئەلىف»نىڭ خاسىيىتىنى سېلىپ، ئوقۇش بىلەن يېزىشنى ئۆگەتكەن ئابدۇراخمان موللام ھازىر يوق ئىدى. ئورما چاغلىرىدا ئورما ناخشىسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىپ، پۈتۈن دېھقانلارنىڭ ھاردۇقلىرىنى تاغ شاماللىرىغا قوشۇپ ئۇچۇرۇۋېتىدىغان تۇرغانتاي ئاكا يوق ئىدى. يەنە كىم – كىملەر بۇ دۇنيادىن ئۈن- تىنسىز كۆچۈپ كەتكەن ئىدى. ئەنە شۇلار بىلەن بۇ يېزىدىكى نۇرغۇن ھېكايىلەر كۆمۈلۈپ كەتكەن ئىدى. دېمەك بىر يەرنىڭ گۈزەللىكى شۇ يەرنىڭ ئىنسانلىرى بىلەن گۈزەل! شۇ يەردىكى ئادالەت، ئەركىنلىك، مېھرى – مۇھەببەت بىلەن گۈزەل!
(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)