You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسئۇت ئەپەندى (20)

مەسئۇت ئەپەندى (20)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئۇلار ئاتلىرىنى ھويلىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە سېلىنغان ئېغىلغا ئەكىرىپ باغلاشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقاندا، قانداقتۇ بىر تونۇش ئاۋاز مەسئۇت سابىرىنىڭ قۇلىغا كېلىپ ئاڭلانغاندەك قىلدى. ئۇ ئېغىلدىن چىقىپ، ئۇدۇل دەرۋازا تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىغان ئىدى، ئۇنىڭ ئالدىدا بىر ئادەمنىڭ كۈلۈپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. بۇ ئادەم خۇددى ئىككى كىشىنىڭ بىرى ئىككى پۇتىدىن، يەنە بىرى ئىككى قولىدىن تۇتۇپ سوزۇۋەتكەندەك شۇنچىلىك ئۇزۇن ھەم شۇنچىلىك ئىنچىكە ئىدى. بېشىغا ئۆڭۈپ، كونىراپ، جىيەكلىرى تىتىلىپ ھېچ ھالى قالمىغان مانچېستېر دوپپا كىيگەن، ئۇچىسىغا كونا خادانى چاپان، تىزلىرىغا يوغان ياماق چۈشكەن ئىشتان كىيگەن، قوڭالتاق پۇتىغا ماكچىيىپ كەتكەن كەشە سېپىۋالغان، ياداپ قوۋۇزلىرى چىقىپ قالغان بۇ ئادەم دەل نۇرتاينىڭ ئۆزى ئىدى.

مەسئۇت سابىرى نۇرتاينى تونۇغان ھامان كاللىسىدا «ۋال» قىلىپ چاققان چاقماقتەك بالىلىق چاغلىرى ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئېسىدىن نۇرتاينىڭ  مۇسكۇللىرى پۇلتىيىپ چىققان ۋە كۈن نۇرىدا تاۋلىنىپ ۋال – ۋۇل پارقىراپ تۇرغان ئىككى بىلىكىنى بۈركۈتنىڭ مەزمۇت قانىتىدەك كىرىپ تۇرۇپ، ئۆزىنى  ئېگىز يادىن دەرياغا ئاتقان چاغلىرىدىكى جەسۇر قىياپىتى لەپپىدە كەچتى – دە، ھازىرقى تۇرقىغا قاراپ كاللىسىنى بىر سالقىن تۇمان ئورۇۋالغاندەك، بېشىغا بىر چېلەك مۇزدەك سۇ قۇيۇلغاندەك بولۇپ كەتتى.

مەسئۇت سابىرى ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنىڭغا قۇچاق ئېچىپ ئالدىغا باردى، نۇرتايمۇ ئۇزۇن، ئورۇق قولىنى سەل ھېيىققاندەك يېيىپ ئۇنىڭغا قاراپ كەلدى، ئىككى دوست چىڭڭىدە قۇچاقلىشىپ شۇنچىلىك سەمىمىي كۆرۈشتى. مەسئۇت سابىرى بولسا ئۆز دوستىنى باشتىن بويىغا بىر قاراپ چىققاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن كۆز ئالدىدا تۇرغان ئادەمنىڭ دەل نۇرتاي ئىكەنلىكىگە ئىشەندى. بۇ ئادەم نۇرتاينىڭ ئۆزى بولسىمۇ ئەمما، مەسئۇت سابىرىنىڭ خاتىرىسىدىكى نۇرتاي ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ دومىلاق يۈزى ياغاقلىشىپ قالغان، كۈن نۇرىدا كۆيۈپ ۋال – ۋۇل پارقىراپ تۇرىدىغان يۈزلىرىنى ساقال باسقان، چىرايى تاتىرىپ سارغىيىپ كەتكەن ۋە نۇرلۇق كۆزلىرى بولسا ئولتۇرۇشۇپ، نۇرلىرى ئۆچكەن چىراغدەك خىرەلىشىپ قالغان، كۆز ئۇۋىلىرىنىڭ چۆرىسىگە مەزگىلسىز ئۇششاق قورۇقلار چۈشكەن بولۇپ، خۇددى زەي باسقان تاۋۇزلۇقنىڭ كەپىسىدە كېچە – كۈندۈز يېتىپ قوپۇپ، ئەتىدىن كەچكىچە يالاڭ ئاياق تاۋۇزلۇققا سۇ تۇتۇپ يۇرۇيدىغان دېھقاننىڭ دەل ئۆزىگىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.

دەرۋەقە، ئۇ تۇغۇلۇشتىنلا دېھقان بولۇپ تۇغۇلغان ئىدى. دېھقان دېگەن شۇنچىلىك تېز قىرىپ كېتىدىغان ۋە ھاياتنىڭ ھېچ خۇۋلۇقىنى كۆرمەي خۇددى بۇ ئەلەمدە ھېچ ياشىمىغان ئادەمدەك ئۇ ئالەمگە جىمجىت كۆچۈپ كېتىدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى مەن يېزىپ يۈرمىسەممۇ ھەممە كىتابخانىلار ئوبدان بىلىدۇ ھەقاچان. لېكىن رومان بولغاندىكىن ئازراق قىستۇرما بايان قىلىپ ئۆتۈپ كەتسەم، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى كۆرمىگەن چەتئەلدە تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئەۋلادلىرىمىزغا ئازراق پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس. ئەمدى گېپىمىزگە كەلسەك مەسئۇت سابىرى ئۇنىڭ بىلەن قايتا قول تۇتۇشۇپ كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭ قوللىرىنىڭ قوپال ۋە تېرىلىرىنىڭ خۇددى ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى تولا تارتقان ھارۋىكەشنىڭ قوللىرىدەك بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. نۇرتاي بىلەن دىدارلىشىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر بەخت ئىدى. ئەمما، نۇرتايدىكى بۇنداق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ئۇنى بىر ئاز بىئارام قىلدى ھەمدە كۆڭلى سەل يېرىم بولغاندەك بولدى ۋە كۆڭلىدىن ۋاللىدە قىلىپ گيوتېنىڭ مۇنۇ بېيىتلىرى كەچتى.

قايتۇرۇپ بەر سەنمۇ ئاشۇ ياشلىقنى،

ھاياتقا تۇنجى تاپ باسقان چېغىمنى.

قايتۇرۇپ بەر ماڭا ئوتلۇق بېيىتلار،

كۈيلەرگە پەيۋەستە جانۇ جىسمىمنى.

دەل شۇ چاغدا نۇرتاي ئېغىل تەرەپتىن ئۆزىگە قاراپ ئۇدۇل كەلگەن ئابدۇراخمان شاھىدى بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، مەسئۇت سابىرىغا بۇرۇلۇپ قارىدى ۋە يانچۇقىدىن بىر باغلام ئاچقۇچلارنى چىقىرىپ تۇرۇپ – ئەگەر ئۆزىڭىز ئۆسۈپ چوڭ بولغان ئۆيلەرنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز، مانا بۇ ئاچقۇچلار. ئاكىڭىز زەيناۋىددىن شەھەرگە كۆچۈپ كېتىشنىڭ ئالدىدا، بۇ قورۇغا مېنى قاراپ قويۇشنى تاپىلاپ، بۇ ئاچقۇچلارنى بېرىپ قويۇپ كەتكەن ئىدى. قورۇنىڭ ھالى مانا بۇ، ئۆزىڭىز كۆرۈپ تۇرۇپسىز. قولۇمدىن كەلگىچە مۇشۇنچىلىك قاراپ قويدۇم. بىز دېھقان ھەق دېگەننىڭ ئىشى چېچىمىزدىن تولا ھەق. ياز بولدىمۇ قولىمىز ئىشتىن بوشىمايدۇ. ئېتىز- ئېرىقنىڭ ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ، بۇ قورۇغىمۇ تۈزۈكرەك قارالمىدىم. قاراڭ ئەتراپقا، ھەممە يەرنى ياۋا ئوت – چۆپلەرنىڭ بېسىپ كەتكەنلىكىنى،- دەپ خۇددى دادىسىنىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان بالىدەك بېشىنى تۆۋەنگە سېلىپ تۇردى. نۇرتاينىڭ گەپلىرى،  ئۆزىنى سىزلەشلىرى ۋە ئۇنىڭ تەققى- تۇرقى مەسئۇت سابىرىنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ پەرىشان قىلدى بولغاي، ئۇ ئوشۇق- تۆشۈك گەپ قىلمايلا، نۇرتاينىڭ قولىدىكى ئاچقۇچلارنى ئېلىپ، ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇ پېشايۋاننىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئۇدۇلدىكى ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ قۇلۇپىنى ئېچىشى بىلەن تەڭ، ھاۋا بىردىنلا ئۆزگىرىپ، ئاسمان گۈمبىزى كۆمتۈرۈلۈپ چۈشۈپ كېتىدىغاندەك گۇلدۇر- قاراس قىلغان ئاۋازلار چىقىپ، ۋال – ۋۇل قىلىپ چاقماقلار چېقىلىپ، پۈتۈن ئاسماننى زەرەتلەنگەن قارا بۇلۇتلار قاپلاپ كەتتى.

ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇشتۇمتۇت ھەممە نەرسە قارىداپ كەتتى. شۇ دەمدە بۇ ۋاقىتسىز چۈشكەن قاراڭغۇلۇققا پاكار- پاكار ئۇچقان قارلىغاچلارنىڭ تەنتەنىسى بەخش ئېتىپ تۇراتتى. مەسئۇت سابىرىنىڭ كۈچەپ ئىتتىرىشى بىلەن تەڭ ئىشىك كەڭ ئېچىلدى، ئۇ بوسۇغىدىن ئاتلاپ ئۆينىڭ ئىچىگە كىردى،  ئۆينىڭ ھاۋاسى بۇزۇق ۋە تالادىن بەتتەر قاراڭغۇ ئىدى. ئارقىسىدىن ئابدۇراخمان شاھىدى بىلەن  بىرگە كىرگەن نۇرتاي دەرھال ئۆينىڭ دېرىزىلىرىنى ئېچىۋەتتى. بىردەمدىلا ئۆينىڭ ھاۋاسى ياخشىلىنىپ، ئىچىدىكى نەرسىلەر گۇڭگا كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئۇلارغا سۇۋاقلىرى ئۈركۈپ كەتكەن تۆت تام سۇكۇنات ئىچىدە قاراپ تۇراتتى. ئۆينىڭ ئىچى سۈپۈرۈپ تاشلىغاندەك يالىڭاچلىنىپ قالغان بولۇپ، نە بورا، نە كىگىز، نە ئىشكاپ، نە ساندۇق، نە يوتقان – كۆرپە، نە كونا، نە بۇزۇلغان ھېچ بىرنەرسە يوق ئىدى. ھەتتا ئوچاق بېشىدا قاچا – قومۇچلارنىڭ سۇنۇقىمۇ كۆرۈلمەيتتى. ئۆينىڭ تۇرىسىدا قاچانلاردۇر ئۇۋا سالغان ئۆي قارلىغاچلىرىنىڭ چۆۋۇلۇپ كەتكەن چاڭگىلىرىنىڭ قالدۇقلىرى ساڭگىلاپ تۇراتتى. مانا بۇ ئۆي ئەينى چاغلاردا مەسئۇت سابىرى ئاتا – ئانىسى بىلەن، ئاكا – ھەدىلىرى بىلەن ئولاش -چۇلاش ئولتۇرۇپ تاماق يېگەن ئاشخانا ئۆي ئىدى.

ئۇ ئاستا مېڭىپ ئوچاق بېشىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە قولى بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىنى سىلىدى. ئۇنىڭ قولىغا تەگكىنى ئۆز ۋاقتىدا ئاپىسىنىڭ قوللىرى تەگكەن ئىزلار ئەمەس، بەلكى نېپىز بىر قەۋەت چاڭ – توزانلاردىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ كۆزىگە ئىختىيارسىز ياش كەلدى، مانا بۇ ئوچاقنى ئانىسى ئۆز قولى بىلەن لاي ئېتىپ، خام كېسەكلەر بىلەن سالغان، ئەتراپىنى ئۆز قولى بىلەن سۇۋاپ، ئاپاق ئاقارتقان ئىدى، مۇشۇ ئوچاق بېشىدا تۇرۇپ يەتتە بالىغا ئاش ئەتكەن، تاماقلارنى قاچا – قاچىغا ئۇسۇپ بولۇپ» مەسئۇت! زەيناۋىددىن! بالىلىرىم تاماق پىشتى، يەۋېلىڭلار» دەپ چاقىرغان ئىدى. ھازىر ئانىسىنىڭ ئەنە شۇ زىل ئاۋازلىرى قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلىغاندەك بولدى.  بۇ چاغدا، ئۇنىڭ ھەرىكەتسىز يۈزلىرىنى بويلاپ ئاققان مونچاقتەك ياشلارنى كۆرگەن ئابدۇراخمان شاھىدى ئاغىنىسىگە نېمە دەپ تەسەللى بېرىشىنى بىلەلمەي يېنىدا داڭ قېتىم تۇراتتى. ئۇ ئەمدى ئاغىنىسىنىڭ دەردىگە قانداق يېتىشنى، شىكەستىلەنگەن يۈرىكىگە قانداق دەرمان تېپىشنى بىلمەي، ئۆزىنىڭمۇ كۆڭلى بۇزۇلۇپ، ئۆينىڭ تورۇسىغا قارىۋالغان ئىدى.  دېمىسىمۇ ئاتا – بوۋىلىرىدىن تارتىپ ئۇزاق يىللاردىن بېرى بىرلىكتە ياشاپ كەلگەن كونا ئۆي – جايلار مانا ھازىر ئىنس – جىن ياشىمايدىغان پىنھان ماكانغا ئايلىنىپ قالغان تۇرسا، ئۆكۈنمەي تۇرالامدۇ دەيسىز؟!. ھازىر پەقەت، مەسئۇت سابىرىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ماكان ۋە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن زاماننىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە، ئالدىدا نۇرتايلار تۇراتتى.

بەئەينى تۈگمەن تېشىدەك ئۈزلۈكسىز پىرقىراپ كېتىۋاتقان بۇ ۋاقىت، ھەممە كىشىنى ئۈگۈتتەك ئىزىپ، ئۈگۈتۈپ يوق قىلىۋېتىپ باراتتى. ۋاقىتنىڭ تۈگمەن تېشى يالغۇز بەدەننىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئىنساننىڭ روھىنىمۇ ئىزىۋاتاتتى. دېمەك ھەممە مەۋجۇدات ئىزىلىپ يوق بولۇپ كېتىدىغان بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. بىزدىن ئارقىمىزدا قالىدىغىنى پەقەت قىلغان ياخشىلىقىمىز ۋە يامانلىقلىرىمىزدىن  پۈتۈلگەن بىر يۈرۈش خاتىرىلەرلا ئىدى. مەسئۇت سابىرىنىڭ ئاتا – ئانىسىمۇ ئەنە شۇ رەھىمسىز ۋاقىتنىڭ تۈگمەن تاشلىرىدا ئىزىلىپ، تۇپراققا ئايلىنىپ بولغان ئىدى. ئۇلاردىن قالغىنى ئەل – يۇرتقا قىلغان ياخشى ئىش- ئىزلار بىلەن ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن قەلبىگە ئېسىل ئارزۇ – ئارمانلارنى پۈككەن ئوغلى مەسئۇت ئىدى. ئەنە نۇرتايمۇ شۇ رەھىمسىز ۋاقىتنىڭ تۈگمەن تاشلىرىدا ھەممىدىن بەكرەك يانجىلىپ كەتكەندەك قىلاتتى. تەققىي- تۇرقىنىڭ ھالى شۇنى شۇنچىلىك روشەن رەۋىشتە كۆرسىتىپ تۇرۇۋاتاتتى.

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top