You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » «مۇز تۇتقان دەريا» ناملىق رومانىم ھەققىدە ئىككى كەلىمە

«مۇز تۇتقان دەريا» ناملىق رومانىم ھەققىدە ئىككى كەلىمە

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

«مۇز تۇتقان دەريا» ناملىق رومانىمدا قەلەمگە ئېلىنغان ۋەقەلىك پۈتۈنلەي توقۇلما بولۇپ، مەزكۇر روماندىكى باش قەھرىمان ياش خانىم بىلەن بالا ۋە بوۋاي قاتارلىق پېرسۇناژلارنىڭ ھەممىسى بەدىئىي ئوبرازلاردۇر. روماننىڭ ۋەقەلىكى ياش خانىمنىڭ 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى يەنى چاغاننىڭ 1-كۈنى تاڭ سەھەردە 5-6 ياشلاردىكى ئوغلىنى ئېلىپ تىۋىش چىقارماي ئۆيدىن چىقىشى، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا قېچىشى بىلەن باشلىنىپ تاكى قاتناشقا بارغىچە بولغان يولدا بېسىپ ئۆتكەن مەھەللىلەردە تارىختا ياشىغان ۋە بۈگۈنكى دەۋردە ياشىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەرخىللىرىنىڭ تىراگېدىيە بىلەن نەتىجىلەنگەن ھايات ھېكايىلىرىنى ئەسلەش ۋە ئۇلار ئۈستىدىن ئەقلىي خۇلاسسە چىرىشى بىلەن راۋاجلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ياش خانىم بىگۇناھ تۇتقۇن قىلىنغان يولدىشىنىڭ لاگېردىن چىقارغان مەكتۇبىنى قايتا ئەسكە ئېلىشى بىلەن ئەركىنلىككە قاراپ قېچىش ئىرادىسى تېخىمۇ يۇكسىلىپ قاتناشقا يېتىپ كېلىدۇ. قاتناشتا ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، دىلمۇك تاغلىرى ئېتەكلىرىگە جايلاشقان چېگرا رايوندىكى بىر يېزىدا تەنھا ياشاۋاتقان بوۋىسىنىڭ ئۆيىگە يېتىپ بارىدۇ.

مانا مۇشۇ جەرياندا مۇز تۇتقان دەريا ئۈستىدىن ئۆتىدۇ ۋە يېزىدىكى بوۋىسىنىڭ ياردىمۇ بىلەن تاغ باغرىغا يېتىپ كېلىپ، ئوغلى بىلەن دىلمۇك تاغلىرىدن ھالقىپ قازاغىستان تەرەپكە ئۆتۇپ كېتىدۇ ۋە يەنە بىر قېتىم مۇزتۇتقان دەريادىن ئۆتۇپ ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ. ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە گېرمانىيەگە ساق-سالامەت يېتىپ كېلىدۇ. روماننىڭ ۋەقەلىكى پەقەت 24 سائەت ئىچىدىكى ياش خانىمنىڭ ئوي – پىكىرلىرى، يولدا كۆرگەنلىرى ۋە سەپەر جەريانىدىكى مۇشەقەتلىك كەچۇرمىشلىرىدىن تەشكىل تاپقان. مانا مۇشۇ بىر سوتكا ئىچىدىكى باش قەھرىماننىڭ ئوي- پىكىرلىرى ۋە ئېڭىنىڭ ئېقىشلىرى ئاساسىدا يېزىلغان «مۇز تۇتقان دەريا» ناملىق رومان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەسىردىن ھالقىغان تىراگېدىيەسىنى ناھايىتى گۈزەل ئەدەبىي تىلنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ بۈگۈننىڭ رېئاللىقى بىلەن كەچمىشنىڭ چىنلىقىنى ئۆزئارا بىرلەشتۇرۇپ ئىپادىلەپ بەرگەن.

روماننى قولىغا ئېلىپ ئوقۇغان كىتابخان باشتا روماننىڭ ناھايىتى رومانتىك باشلانغانلىقىنى ھېس قىلسىمۇ، ئوقۇغانسېرى ئەسلى روماننىڭ بۇيۇك بىر تىراگېدىيە تۇسىنى ئالغان مودېرنىزم بىلەن رېئالىزم ئۆزئارا بىرلەشتۇرۇلگەن ئۆزگۈچە ئۇسلۇبتا يېزىلغان رومان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماي قالمايدۇ ۋە ئېڭىدا تىراگېدىيەلىك ئويغۇنۇش پەيدا بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى پاجىئەسى ئۈستىدىن قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

مەن شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى، مەزكۇر روماننى بىر يازغۇچىغا خاس نەزەر ۋە مەسئۇلىيەت بىلەن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر كۈزىتىپ ۋە مۇناسىۋەتلىك تارىخلارنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئېرىشكەن بىلىملىرىمنى تەسەۋۋۇرۇمدا قايتا جانلاندۇرۇپ، سەنئەتكارغا خاس بىر ئەدەبىي تىل بىلەن يېزىپ چىقتىم. روماندىكى ۋەقەلىكلەر، مونولوگلار، ئاڭنىڭ ئېقىشى ۋە تەبىئەت مەنزىرلىرى، ھايۋاناتلار تەسۋىرلىرى بىر- بىرلىرىگە گېرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئوقۇرمەن نوقۇل ھالدا رومان ۋەقەلىكىگىلا تىكىلىپ قالماي، بەلكى يەنە ئىستېتىك زوق ئېلىشنىمۇ قولدىن بەرمەيدۇ. كىتاپخانىلار يەنە روماندىكى ھەربىر جۈملە ۋە ھەربىر بەتلەرنى ئوقۇغىنىدا روماندىكى ۋەقەلىك بىلەن رېئال دۇنيادىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق بىر يوچۇقنىڭ يوقلىقىنى تونۇپ يېتىپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يەكلەنگەن بىر دۇنيادا ئۆزىگە مەنسۇپ بولمىغان بىر ھاياتنى ياشاۋقاتقانلىقىنى ھېس قىلماي قالمايدۇ.

ئوقۇرمەنلەردە يەنە روماندىكى ئەنە شۇ تەسىرلىك ۋە بەدىئىي قۇۋۋەتكە تولغان جۈملىلەر تولغان كىتاب بەتلىرىنى قۇياشنىڭ نۇرىغا تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقى ياشاۋاتقان يەكلەنگەن دۇنيانى تېخىمۇ روشەن رەۋىشتە كۆرۈش ئىستىكى تۇغۇلىدۇ ۋە روماندىكى ھەسرەت – نادامەتكە تولغان جۈملىلەرگە بارماقلىرى تەككەن چاغدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رېئاللىقى بىلەن ئاپتورنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى ھەسرەت – نادامەت بىلەن غەزەپلىرىنىڭ ھېچقانداق بىر توسالغۇغا ئۇچرىماي ئەركىن رەۋىشتە كىتاب بەتلىرىگە تۆكۈلگەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ.

دەرۋەقە، مەن ئۇشبۇ روماننى يېزىقچىلىق ئۈستۈلۈمنىڭ يېنىدا سۈكۈنات ئىچىدە ئولتۇرۇپ يېزىشنىڭ ئورنىغا غەزەپ بىلەن، چوقان بىلەن يېزىشنى تاللىدىم ۋە خەلقىمنىڭ رېئاللىقى بىلەن ئۆزۈمنىڭ رېئاللىقىنى قوشۇپ تۇرۇپ يازدىم؛ ھەمدە يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي جەمئىيىتىنىڭ ئادەتلىرىگە بويۇن ئېگىپ تۇرۇپ يازدىم ۋە ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ ئىناۋېتىنى ۋە ئۆزىگە خاس رولىنى قۇربان قىلماي تۇرۇپ، سىياسىي قىممەت، مەنىۋىي قىممەت ۋە ئىستېتىكى قىممەت يارىتىشنى ئۆزۈمگە ئالىي غايە قىلىپ تۇرۇپ روماننى يېزىپ پۈتۈردۈم. گەرچە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئىستېتىك قىممەت يارىتىشنى ئۆزىگە ئالىي غايە قىلسىمۇ، رېئال ۋەزيىتىمىزنى نەزەرگە ئېلىپ سىياسى قىممەت ۋە مەنىۋىي قىممەت يارىتىش رولىنى ساقلاپ قىلىشنى يەنىلا ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ.

بۈيۈك يازغۇچى جورج ئورۋېل «سەنئەتنىڭ سىياسى بىلەن ئالاقىسى بولماسلىقى كېرەك دېگەن قاراشنىڭ ئۆزى بىر سىياسى قاراشتۇر» دەپ ئېيتقىنىدەك، مەنمۇ رومانلىرىمدا خەلقىمنىڭ بېشىغا كەلگەن كۇلپەتلەرنى سىياسىي خاھىشىم بىلەن يۇغۇرۇپ تۇرۇپ، سەنئەتتىكى قابىليىتىمنى ئەڭ يۇكسەك دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشتىم. گەرچە مۇستەققىل دۆلەتلەردە تىنچ مۇھىتتا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ يازغۇچىلىرى، ئۆز رومانلىرىدا نوقۇل ھالدا سەنئەتتىكى غايىسىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ رومان يازغىنى بىلەن، بىزدەك مۇستەملىكە ئاستىدا ياشاۋاتقان بولۇپمۇ ئەدەبىياتىمىز، تىلىمىز، يېزىقىمىز ۋە بىزنى بىز قىلغان بارلىق نەرسىلىرىمىز يوقۇلۇشقا يۈزلىنىۋاتقان بىر مىللەتنىڭ رومانچىلىرى ھەرگىزمۇ سەنئەتنى ئاساس قىلىپ يەنى ئىستېتىك قىممەتنىلا قوغلۇشۇپ رومان يېزىشى مۇمكىن ئەمەس.

بىزدەك مىللەتنىڭ رومانچلىرىنىڭ تەپەككۇرى ئۆزىگە خاس بولغان تەپەككۇر ئۇسلۇبىغا ئىگە بولۇپ يەنى ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت ۋە بېشىدىن ئۆتكۇزگەن سەرگۇزەشتىلىرى شۇ رومانچىنىڭ ئوبرازلىق تەپەككۇرىغا تەسىر قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ۋە ئۆزىنىڭ مىللىتى ئالدىدا بىر كىشلىك مەسئۇلىيىتى بولغانلىقى سەۋەبىدىن سىياسى خاھىشسىز نوقۇل سەنئەت ئەسىرىنى ئوتتۇرغا چىقىرىشى رېئاللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. دېمەككى بىزدەك مىللەتلەرنىڭ رومانچىلىرىنىڭ رومان يېزىشتىكى مۇددىئاسى بىلەن تىنچ دۆلەردە تىنچ مۇھىتتا ئەركىن ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ رومانچىلىرىنىڭ رومان يېزىش مۇددىئاسى ئوتتۇرىسىدا پەرق بولىدۇ. مەن شۇنداق قارايمەنكى، ئۇشبۇ روماننى ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەر سىياسىي خاھىشلارنى قۇربان قىلىۋەتمەي تۇرۇپمۇ، روماندىن يۇكسەك دەرىجىدە ئىستېتىك زوق ئالالايدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top