You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مۇز تۇتقان دەريا (1)

مۇز تۇتقان دەريا (1)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

1

تاڭ قۇياشى ئالەمنى يورۇتۇشقا باشلىغان چاغدا، قازاغىستاننىڭ ئالماتا شەھەرىدىن تۈنۈگۈن كەچتە ئۇچقان ئايروپىلان ئالتە سائەتلىك ئۇچۇش مۇساپىسىنى تاماملاپ، گېرمانىيىنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا يېتىپ كەلگەن ئىدى . دېرىزىدىن تۆۋەنگە نىگاھىنى ئاغدۇرغان بىر جۈپ كۈل رەڭ كۆزنىڭ  ئالدىدا شەرقتىن غەرب تامام ئېقىۋاتقان مايىن دەرياسى ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ۋە ئەركىن ئېقىۋاتقان ئىدى . گويا ئۇشبۇ زېمىندا ئېقىشقا مۇيەسسەر بولغان دەسلەپكى كۈندىن باشلاپ ، شۇنداق ئەركىن ، شۇنداق شوخ ، شۇنداق يېقىملىق ، شۇنداق تازا ، شۇنداق شېئىردەك ھېسسىياتلىق ۋە شۇنداق بەھەيۋەت تىنىمسىز ئېقىشقا ۋەدە قىلغاندەك ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى بەجايىكى سامادىكى پەرىلەرنىڭ چاچلىرىدىن يېشىلىپ يەر يۈزىگە چۈشكەن ماۋى لىنتىندەك يەڭگىل تولغۇنۇپ تۇراتتى . بىر لەھزە بېقىشتىن كېيىن ، سۇ سۈزۈلگەندەك كۆڭلى بىردىنلا روشەنلىشىپ قالغان ياش خانىم ، خوشاللىق يۈگۈرگەن يۈزىنى ئوغلى تەرەپكە قاراتتى ۋە بېقىنىغا بېشىنى يۆلەپ ، ئۇخلاۋاتقان بەش ياشلاردىكى ئوغلىنىڭ تۈندەك قارا چاچلىرىنى سۈتتەك ئاپئاق قوللىرى بىلەن مېھرىلىك سېلىدى. بالىنىڭ يۇمۇلغان كۆزلىرىنى قويۇق ، ئۇزۇن كىرپىكلىرى يېپىپ تۇراتتى ، نەشپۇت چېچىكىدىن ئەندىز ئالغان ئاپاق يۈزىدە بىر خىل خاتىرجەملىكنىڭ زەررىچىلىرى يالتىرايتى ، يەڭگىل تىنىقىدىن يېڭىلا ئۈزۈلگەن ئەتىرگۈلنىڭ ھىدى كېلىۋاتقان ئىدى . بالىنى بالدەك تاتلىق ئۇيقۇ ئۆز قوينىغا ئالغان بولۇپ ، ئۇيقۇلۇق بۇ ھالى تولىمۇ يېقىملىق ئىدى  . بالىنىڭ قانداق بەختلىك چۈشلەرنىڭ ئىچىدە ئۈزۈپ يۈرگەنلىكى چىرايىدىكى تەبەسسۇمدىن بىلىنىپ تۇراتتى . ئالۇچىدەك لەۋلىرى ۋە چىرايلىق بۇرۇننى بىلەن قاشلىرى بولسا ، بۇ گۈدەك بالىنىڭ چۆچەكلەردىكى پەرى قىزلارنى ئۆزۈگە مەپتۇن ئەيلەيدىغان تەڭدىشى يوق چىرايلىق يىگىتلەردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەت بېرىۋاتقانىدى . باشقا ئىشلارغۇ بىر نۆرى ، ئىككى ئايدىن بىرى بىرىنجى قېتىم ئوغلىنىڭ بۇنداق خاتىرجەم ئۇخلىغانلىقىنى كۆرگەن ياش خانىم ئۆزىنى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئانىلار قاتارىدىن چاغلاپ ، خاتىرجەملىكنىڭ قوينىغا ئۆز ئېختىيارى بىلەن كىرىشكە مەجبۇر بولىۋاتقانىدى . يەنە شۇنداقتىمۇ «نەرسىنى كۆرگەندە ئىگىسى ئېسىڭگە كېلىدۇ» دېگەندەك ، ئېرىنى سېغىنىپ ، ئويغا تولغان كۆزلىرىنى يەنە دېرىزىگە تىكتى ۋە دەرياغا باقتى ، شۇ دەمدە باشلىرىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ ، جانلىرىنى ئالقىنىغا ئېلىپ ئۆيدىن چىققان ئەنە شۇ تاڭ سەھەر بىلەن مۇز تۇتقان دەريادىن كەچكەن 24 سائەتلىك ئۆز ئۆمرىدىكى ئەڭ خەتەرلىك، ئەڭ مۇشەقەتلىك ۋە تەۋەككۈلچىلىككە ئەسىر بولغان سەپەر يادىدىن مائىن دەرياسىنىڭ ئېقىشىنى بويلاپ ئاستا – ئاستا كېچىشكە باشلىدى :

2

  قىشنىڭ ئۇزۇن تۈنلىرى ئاخىرلاشمىغان بولغاچقا مەھەللە قاپقاراڭغۇ كېچىنىڭ چاڭگىلىدىن تېخى قۇتۇلۇپ چىقمىغان ئىدى ، يىراقلاردىن ئاڭلىنىۋاتقان ئېتىلداق(پوجاڭزا)نىڭ «پاڭ – پۇڭ» قىلغان ئاۋازى ئاندا-ساندا ئاڭلىنىپ تۇراتتى . سەھەردە سايرايدىغان شانلىق غورازلارنىڭ ئاۋازى بىلەن كېچە جىمجىتلىقىغا ئارام بەرمەيدىغان مەھەلە ئىتلىرىنىڭ قاۋۇغان ئاۋازلىرىمۇ  يوق ئىدى . ئۈستىگە ئاپاق قاردىن يېپىنچا ئارتىۋالغان ئاقتېرەكلەر بىلەن تار كوچىلار جىمجىت ئۇيقۇغا پاتقان ئىدى . بۈگۈن دەل 2018- يىلى 16- فېۋرال بولۇپ ، خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋىي دېھقانلار كالېندارى بويىچە ھېسابلىغاندا يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى ، تېخىمۇ ئىنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ئىت يىلىنىڭ بىرىنچى كۈنىنىڭ قاق سەھەر ۋاقتى ئىدى . ئۇشبۇ كۈن خىتايلارنىڭ بايرام كۈنى بولغانلىقى ئۈچۈن كېچىچە ئېتىلداق ئېتىپ بەزمىگەن بەزى خىتايلارنىڭ تاڭ يورۇش ئالدىدىمۇ بىردىن – ئىككىدىن ئېتىۋاتقان ئېتىلداقلىرىنىڭ ئاۋازىلىرى يىراقلاردىن بۇ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللىنىڭ تاڭ ئېتىش ئالدىدىكى سۈكىناتىنى بۇزماقتا ئىدى .

ياش خانىم بىلەن بالا ئۆز قورۇسى ئىچىدىمۇ قانداقتۇ بىرلىرىگە شەپە تۇيدۇرۇپ قويۇشتىن خەۋپسىرىگەندەك ، ئاخشام ياغقان مامۇختەك يۇمشاق قارلارنىڭ ئۈستىگە پۇتلىرىنىڭ ئۇچىدا بىر دەسسەپ – ئىككى دەسسەپ دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كەلدى.  بالىنىڭ ئانىسى يەنى ياش خانىم قولىدىكى سەپەر سومكىسىنى ، قارنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ، دەرۋازىنى ئىچىدىن تاقايدىغان قاغا تۇمشۇقلۇق ئىلغۇچنى يۇقۇرغا كۆتۈرۈپ ئاچقاندىن كېيىن ، ئورۇنسىز ئاۋاز چىقىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆمۈر ئىلغۇچنى ئاستا – ئاستا تۆۋەنگە قارىتىپ قويدى . يەنە شۇنداقتىمۇ«تىرىڭ» قىلغان يەڭگىل تاۋۇش چىقىپ ، ئانا – بالىنىڭ تىنىقىدىن باشقا ئاۋاز ئاڭلانمايۋاتقان قورانىڭ جىمجىتلىقىقا تاۋۇش قوشقانىدى . دەل مۇشۇ چاغدا بالىنىڭ كۆزلىرى ئىختىيارسىز چەكچىيىپ كەتتى ۋە كۈمۈش بالاقوشۇقنىڭ سېپىدەك ئوڭ بىگىز بارمىقىنى نېپىز لەۋلىرىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ ، ئانسىنى دەرۋازىنى تاۋۇشسىز ئىچىشقا ئاگاھلاندۇردى . ئاندىن دەرھال ئۆزىنى رۇسلاپ ، ئىككى قولى بىلەن ئۆشنە سومكىسىنىڭ ئىككى بېغىنى تۇزەشتۇردى – دە ، ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، نوتىدەك قوللىرى بىلەن دەرۋازىنىڭ بىر قانىتىنى پەم بىلەن ئازراق ئالدىغا تارتى ۋە گويا تۇخۇمنىڭ شاكىلىنى يېرىپ ، تۇمشۇقىنى ئەمدىلا ئەركىن دۇنياغا قارىتىپ چىقارغان چۈجىلەردەك دەرۋازىنىڭ  يوچۇقىدىن ماۋى رەڭلىك يۇڭ يىپتىن توقۇلغان دوپپا كىيگەن بېشىنى سىرتقا چىقاردى . بالىنىڭ يۈرىكى  تۈلكىدىن قىچىپ ئۇۋۇسىغا ئاران يېتىشكەن توشقاننىڭ يۈرىكىدەك «دۈپ – دۈپ» قىلىپ سوقىۋاتقان ئىدى . بالا يۈزىنى گويا ئاشۇ قاچقۇن توشقاندەك ئۇياق – بۇياققا قارىتىپ، ئادەمسىز كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىنى كۈزىتىپ،ئەتراپقا قۇلاق سالدى ۋە كوچىدا ئەنسىرگۇدەك بىر ئالامەتنىڭ يوقلىقىنى جەزىملەشتۇرگەندىن كېيىن ، دەرۋازىنى شەپىسىز ئېچىپ سىرتقا چىقتى . تاركوچا ئاپئاق قارغا كۆمۈلۈپ كەتكەن بولۇپ،گويا شىمالى قۇتۇپتىكى قار-مۇزلارغا كۆمۈلگەن پىنخان ماكانغا ئوشاش شۇنچىلىك جىمجىتلىقنىڭ سۈكۈناتى قوينىدا تىم – تىنچ ئۇخلىماقتا ئىدى ، پەقەت ئۇششاق قار ئۇچقۇنلىرىنىڭ شىلدىرلاشلىرىدىن باشقا بىر ئاۋاز ۋە ياش خانىم بىلەن بالىدىن باشقا ئىنسان بالىسى كوچىدا يوق ئىدى . ياش خانىم چاقماقتەك تېز ھەرىكەت قىلىپ،يانچۇقىدىن ئالدىن تەيارلاپ قويغان قولۇپنى دەرھال چىقىرىپ،دەرۋازىنىڭ تۆمۈر ھالقىسىغا سالدى ، بۇ چاغدا بالا دەرھال قوينىغا تىقىۋالغان پىلجىكتورىنى چىقىرىپ ياندۇردى ۋە يورۇقلۇقىنى ئانىسى تەرەپكە قاراتتى . دەرۋازىنى قۇلۇپلاش تاماملانغاندىن كېيىن ، ياش خانىم قاتناشقا قايسى تەرەپ بىلەن مېڭىش توغرىسىدا سەل ئىككىلىنىپ قالدى ۋە ئۆز- ئۆزىگە خاپا بولغاندەك  ۋە يەنە  بەزى بىر ئىشلارنى چالا قىلىپ قويغىنىدىن ئۆزىگە ئۆچلىگى كەلگەندەك قىلىپ «چىك» قىلغان تاۋۇشنى قاردەك ئاق چىشلىرىنىڭ ئارىسىدىن چىقىرىشقىمۇ ئۈلگۈرگەنىدى . ياش خانىم بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگىنىگە توپتوغرا بىر يىل بولغان ئېرىدىن بىرىنچى قېتىم مەكتۇپ تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن ، ئېرىنىڭ ئارزۇسىنى يېرىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن جىددى سەپەر تەييارلىقلىرىنى قىلغان ۋە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ بۇسىنى چىقارماي پۈتۈرگەندىن كېيىن،پىلان بويىچە بۈگۈن سەھەرنى ئەڭ مۇۋاپىق،ئەڭ بىخەتەر ۋاقىت دەپ چاغلاپ مەزكۇرسەپەرگە ئاتلانغانىدى . ياش خانىم بىر لەھزە ئۆتە – ئۆتمەيلا كەسكىن قارارغا كەلدى – دە ، ئوڭ تەرەپتىكى ئۈچ دۇكانغا تۇتاشقان تار كوچا بىلەن ماڭغاندىن كۆرە ، سول تەرەپتە كۆرۈنۈپ تۇرغان چوڭ كوچا بويىچە ماڭسا، جېسەكچىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتمايدىغانلىقىدىن ئەمىن بولدى ۋە ئوڭ قولىدا سوپكىنى كۆتۈرۈپ ، سول قولىدا ئوغلىنىڭ قولىنى تۇتقان پېتى تېز- تېز قەدەم ئېلىپ ، كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندىن كېيىن،چوڭ كوچا دوخمۇشىغا چىقتى . كوچىدا ھەقىقەتەن ئادەم يوق ئىدى ، پەقەت ئۇدۇلدىكى تار خالتا كوچىنىڭ ئىچىدىكى ئائىلىكلەر قوراسىدا ئولتۇرىدىغان مۇشۇ مەھەللىدىكى يالغۇز بىر ئائىلىلىك خىتايلارنىڭ كېچىدە ئاتقان ئېتىلداقلىرىنىڭ  قالدۇقلىرى چەيلەنگەن قارلارنىڭ ئۈستىدە چېچىلىپ ياتاتتى . بۇنىڭدىن باشقا يەنە قار دۆۋىلىرىنىڭ ئۈستىگە سانجىپ ئاتقان ئېتىلداقنىڭ چوكىدەك ياغاچ ساپلىرى ئۇيەر- بۇيەرلەردە كۆزگە چىلىقىپ تۇراتتى.  تاڭ تېخى يورۇمىغان بولغانچا بۇلارنى ئىلغا قىلىش قىيىن بولۇپ ، پەقەت بالىنىڭ قولىدىكى پىلجىكتورنىڭ يورۇقىدىلا ئۇلار ئەنە شۇنداق روشەن رەۋىشتە كۆرۈنۈۋاتقانىدى . دەرۋەقە، مۇشۇ تار خالتا كوچا ئېغىزىدىكى قارلارنىڭ ئاپئاق يۈزىگە چۈشكەن قارا داغلار ۋە سانجىقلىق تۇرغان چوكىدەك ياغاچلار ئەنە شۇ ئېتىلداقنىڭ قالدۇق ئەخلەت – چاۋالىرىدىن باشقا نېمە بولاتتى دەيسىز ؟ ھە راس ، گويا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىنى ، تەجىربە – ساۋاقلىرىنى ۋە نەسىھەتلىرىنى ئويۇپ قالدۇرغان ئورخۇن دەريا بويلىرىدىكى مەڭگۈ تاش ئابىدىلىرىگە ئوخشاشراق كۆرىنىدىغان بىر تاش بولسا بىرچەتتە تۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ سوغۇق يۈزىنى ئۇلارغا قارىتىپ تۇراتتى . ئۇشبۇ تاش جەنۇپ تەرەپتە كۆرۈنۈپ تۇرغان كۆنچە مەھەللىسىگە تۇتاشقان چوڭ كوچا بىلەن غەرپ تەرەپتىكى ئۈچ دوكانغا تۇتاشقا تاركوچىنىڭ دەل كېسىشكەن جەينىكىگە بېلىگىچە پاتۈرۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى . مەزكۇر تاش ئۆزىنىڭ بىر مېتىردىن ئوشۇقراق كېلىدىغان گەۋدىسىنى مۇشۇ سوغۇق سەھەردە ئانا – بالىغا روشەن رەۋىشتە نامايەن قىلىپ ، ئۇلارنى ئۇزۇتىۋاتقان بىردىن – بىر جىسىم ئىدى . ئەينى زاماندا بىرلىرى  بۇ تاشنى دوخمۇشنىڭ شىمالىدىكى تۆرەم مەھەللىسى تەرەپتىن كەلگەن بىرەر قاتناش قورالىنىڭ ئۇدۇلدىكى كوچىغا چىقىپ تۇرغان تام جەينىكىگە ئۇرۇلۇپ كېتىپ،ئۆينىڭ كوچا تېمىنى بۇزۇۋېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈنمۇ ئەيتەۋۇر بىر نېمىلەرنى ئويلاپ ، مۇشۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانلىقى ئېنىق ئىدى . ياش خانىم ئەنە شۇ تاشقا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم خوشلاشقاندەك مەيۇس چىراي بىلەن تىكىلىپ قارىدى ۋە ئەينى چاغلاردىكى تاشنىڭ يېنىدىكى مەنزىرىلەر كاللىسىدىن چاقماق چاققاندەك يالت قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى . ئېرىنىڭ ھېكايە قىلىپ بېرىشىچە بىر چاغلاردا بۇ تاشنىڭ يېنى مۇشۇ بىر- بىرىگە تۇتاشقان ئۈچ مەھەللىدىكى ئەركەكلەرنىڭ ئۇچرىشىدىغان ئاجايىپ ئەپلىك ماكانى ئىكەن . ئۇلار بىر كۈنلۈك مەشغۇلاتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ، كەچلىك تاپاقلىرىنى شاپۇر- شۇپۇر يەپلا ، گويا بىرەر مۇھىم يىغىنغا قاتنىشىدىغان سىياسى ئەربابلاردەك ، تاشنىڭ يېنىغا يىغىلىشىپ ، تا يارىم كېچىگىچە كۆڭۈللۈك پاراڭلىشىپ ، چاقچاق قىلىشىپ ئولتۇرۇشىدىكەنتۇق .

(«مۇز تۇتقان دەريا» ناملىق روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top