You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئەنقەرەدە، بارىن شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئەنقەرەدە، بارىن شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

خىتاي زۇلۇمىغا قارشى بارىندا تەشكىللەنگەن ۋە خىتاينىڭ رەھىمسىز قىرغىنچىلىق بىلەن ئاياغلاشقان قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ 34 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدە 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقاتى ۋەخپى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى ھەمكارلىقىدا بارىن شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

34 يىل ئىلگىرى خىتاينىڭ بارىندا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىدا شېھىد بولغان ئۇيغۇرلار، ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەتقىقاتى ۋەخپى رەئىسى دوختور ئابدۇلكېرىم بۇغرانىڭ قۇرئان تىلاۋىتىدىن كېيىن دۇئا بىلەن خاتىرىلەندى. يىغىنغا سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى، مۇخپىرلار، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، ئەزەربەيجانلىق ۋە ئافغانىستانلىق مېھمانلار قاتناشتى.

بۇ خاتىرىلەش يىغىنى، پروفېسسور ئەركىن ئەمەت ئەپەندىنىڭ بارىن قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى لېكسىيەسى بىلەن باشلاندى. ئۇ 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى قەشقەرنىڭ بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن بارىن قىرغىنچىلىقى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باش كاتىبى ئابدۇلھەمىد قاراخان بارىن قىرغىنچىلىقى ھەققىدە تەييارلىغان باياناتىنى ئوقۇدى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، شەرقىي تۈركسىتاندىكى خىتاينىڭ ئىشغال، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھەققىدە سۆز قىلدى.

ئاندىن، ئىيى پارتىيىنىڭ سابىق مىللەت ۋەكىلى فاخرەددىن يوقۇش سۆز قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشى لازىملىقىنى، خىتاي زۇلۇمىغا قارشى ھەممەيلەننىڭ قارشىلىق بىلدۈرىشى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھەممە بىرلىكتە كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئاخىرىدا، تۈرك ئوچاقلىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پروفېسسور ئايشە فىلىز ياۋۇز، تۈرك ئوچاقلىرىنىڭ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە پايتەخت ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىمىز ھەققىدە توختالدى.

ئاخىرىدا، يىغىن ئەھلىدىن بىر قانچە كىشى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە سوئال سورىدى ۋە ئۆزىنىڭ ئۈمىد-تىلەكلىرىنى ئىپادە قىلدى. بارىن شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنىدىن كېيىن، يىغىن ئەھلىگە ئىپتار زىياپىتى بېرىلدى.

بارىن قىرغىنچىلىقى ھەققىدە بايانات

  2024-يىل 5-ئاپرېل

ئۇيغۇر خەلقى 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇم سىياسىتىگە قارشى بارىن يېزىسىدا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى باشلىدى. بۇ ھەرىكەت خىتاينىڭ قوراللىق باستۇرۇشى نەتىجىسىدە تېخىمۇ كېڭىيىپ بىر مىللىي ئىنقىلابقا ئايلاندى.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۈرەش تارىخىدا مۇھىم ئورۇنغا ئېرىشكەن بۇ ھەرىكەت، خىتاينىڭ رەھىمسىز قىرغىن قىلىشى بىلەن ئاياغلاشقانلىقى سەۋەبىدىن كېيىنكىلەر تەرىپىدىن بارىن قىرغىنچىلىقى نامى بىلەن خاتىرلىنىپ كەلمەكتە.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغا كەلگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» نامىدا تۇغۇت چەكلىمىسىنى كۈچەيتتى. بۇ جەرياندا مەجبۇرىي ھالدا ھامىلە چۈشۈرۈش، تۇغۇلۇشقا ئاز قالغان بوۋاقلارنى ئېلىۋېتىش ۋە تۇغماسلىق ئوپېراتسىيىسى قىلىۋېتىش قاتارلىق ئېغىر دەرىجىدىكى تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىشى تەشۋىق قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ بۇ رايوندا ئولتۇراقلىشىشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ياردەملەر بېرىلدى. بۇ سىياسەتلەر ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مەۋجۇت تەڭسىزلىكنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ، ئۇيغۇر خەلقى قەشقەرنىڭ ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدىكى ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا يىغىلىپ، بۇ زۇلۇم ۋە تەڭسىزلىكنى تۈگىتىشنى تەلەپ قىلدى ۋە بۇ ھەرىكەت خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى. بۇنىڭ بىلەن بارىن خەلقى خىتاي قوراللىق قىسىملىرىغا قارشى تېخىمۇ قەتئىيلىك ۋە جاسارەت بىلەن قارشىلىق بېرىشكە باشلىدى. بۇ قارشىلىق ھەرىكىتى ئۇزۇن ئۆتمەي پۈتۈن ناھىيەگە كېڭەيدى ۋە بىر مىللىي ئىنقىلابقا ئايلاندى.

تاياق، توقماق ۋە گۈرجەكلەر بىلەن قوراللانغان قوزغىلاڭچىلارغا قارشى، خىتاي ھۆكۈمىتى 22 مىڭ 750 قوراللىق ئەسكەر، تانكا، تىك ئۇچار ۋە ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلدى. بىر نەچچە كۈن داۋاملاشقان توقۇنۇشتا، قوزغىلاڭچىلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن بولغان زەيدىن يۈسۈپ، ئىسھاق ھوشۇر، مۇھەممەد تۇردى ۋە مۇھەممەد تۇرسۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭلارچە ياش شەھىد بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەردىن 170 كىشىنىڭ ئ‍ۆلتۈرۈلگەنلىكىنى 350 كىشىنىڭ ئەسىرگە ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەمما تېخىمۇ ئېغىر پاجىئە، قارشىلىق ھەرىكىتى باستۇرۇلغاندىن كېيىن يۈز بەردى، ۋەھشىيلەشكەن خىتاي قوراللىق قىسىملىرى، پۈتۈن شەھەردە كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. بىگۇناھ ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭلىغان ئۇيغۇرلار رەھىمسىزلەرچە ئېتىۋېتىلدى. قەشقەر، ئاتۇش، ئاقسۇ ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇق ياش بۇ قارشىلىق ھەرىكىتى باھانىسى بىلەن قولغا ئېلىندى ۋە تۈرمىگە تاشلاندى.

ئۇيغۇرلارنىڭ سانى جەھەتتىن يۈزلەرچە ھەسسە جىق بولغان خىتاي تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىگە قارشى، كۈچلۈك مىللىي ئىرادىسى ۋە ئېتىقادى كۈچىگە تايىنىپ ئېلىپ بارغان بۇ قارشىلىق ھەرىكىتى، ئۇيغۇر كۈرەش تارىخىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز ۋە شانلىق سەھىپىلەردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بارىندىكى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بەرگىنىگە 34 يىل بولغان بولسىمۇ، خەلقىمىز بۇنى مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارمايدۇ. خىتاينىڭ زۇلۇمى بۈگۈن تېخىمۇ كۈچەيدى ۋە ھازىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلاندى. ئەگەر دۇنيا ئەللىرى 34 يىل ئىلگىرى بارىن قىرغىنچىلىقىغا يېتەرلىك ئىنكاس قايتۇرۇپ خىتايغا بېسىم قىلغان بولسا ئىدى، خىتاينىڭ زۇلۇمى بۈگۈنكىدەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە يەتمىگەن بولاتتى.

بىز پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىدىن، بولۇپمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە دۆلىتىدىن بارىن قىرغىنچىلىقىدا ئۆلتۈرۈلگەن قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشىمىزغا ئاۋاز قوشۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن پات يېقىندا جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك.

ئاخىرىدا، بىز شېھىدلىرىمىزگە ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى تىلەيمىز. ئۇلارنىڭ روھى خاتىرجەم بولغاي!

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى ، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقاتى ۋەخپى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top