You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسئۇت ئەپەندى (31)

مەسئۇت ئەپەندى (31)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئاۋغۇست ئايلىرىنىڭ ئاخىرلىرى بولسا، غۇلجا خەلقىنىڭ قوللىرى ئازراق ئىشتىن بوشاپ، چاڭگىلىغا ئازدۇر- كۆپتۈر پۇل كېرىدىغان مەزگىللەر ھېسابلىناتتى. بۇنداق چاغلاردا لەڭزە بېشىدىكى بۇلاقلارنىڭ باشلىرى قىمارۋازلارغا دوكا، دەريا بويىدىكى ئويمان – توقايلىقلار بولسا، گاڭگۇڭ، نوچىلارغا ئاسمىنى كەڭرى مەيدان بولۇپ قالاتتى – دە، پۈتۈن غۇلجىدىكى بىكارچىلار ئاشۇ يەرلەرگە بېرىپ يا توخۇ سوقۇشتۇرغاننى كۆرسە، يا نوچىلارنىڭ مۇشتلىشىشلىرىنى كۆرۈپ، ياۋايى ئادەملەردەك ئىپتىدائىي «ئويۇن» لار ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىنى خوش ئېتەتتى.

ئەلۋەتتە، دەريا بويىدا چىرايلىق مەشرەپ ئويناپ، ساز چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، مەدەنىي شەكىلدە كۆڭۈل ئاچىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. لېكىن بۇلتۇرقى سورۇندا ئىپتىدائىيلىق بىلەن مەدەنىيەتلىكنىڭ ھەر ئىككىلىسى بار ئىدى. ئاتاقتا مەشرەپتەك كۆرۈنگىنى بىلەن ماھىيەتتە ئادىلبەگنىڭ يوليورۇقى بىلەن ئىككى نوچىنى مۇشتلاشتۇرۇپ، ئويۇن كۆرۈش ئۈچۈن مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرغان، پەقەت بىر مەيدان ئوينىلىدىغان تىراگېدىيەلىك دىراما ئىدى. ئەسلىدە بۇ ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق ئىدى:

ئەينى چاغدا ئەزىزانە قەشقەرنىڭ باھادىر ئوغلانى، مەزلۇملارنىڭ باشپاناھى، زالىم ۋە مۇشتۇمزورلارنىڭ جاجىسىنى بەرگۈچى سىيىت نوچى، قەشقەرنىڭ تۆشۈك دەرۋازىسىدا 20 نەچچە قوراللىق چېرىكنى ئۇرۇپ يىقىتىپ، ئاغزى-بۇرنىنى تۈپتۈز قىلىۋەتكەندىن كېيىن، دوست – يارەنلىرىنىڭ ئۆتۈنۈشى بىلەن قېچىپ كەتكەن. ئۇ، ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇچتۇرپان ئارقىلىق سوۋېت تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن ۋە شۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، ئۆز ۋەتىنىنى ياد ئىتىپ، ئالمۇتا ئارقىلىق غۇلجىغا كەلگەن ئىدى. بۇ چاغ دەل ئاۋغۇست ئايلىرىنىڭ ئاخىرلىرىغا توغرا كەلگەچكە، غۇلجىدىكى بىكار تەلەپ بايۋەتچى – بەگزادىلەر ۋە ئادىلبەگدەك ئابرۇينى دەپ سورۇن تۈزەيدىغان پۇرسەت پەرەزلەر بىر بولۇپ چوڭ سورۇن قۇرۇپ، قەشقەرنىڭ تۆت دەرۋازىسىدا داڭ چىقارغان سىيىت نوچى بىلەن ئىلىنىڭ نوچىسى نودەر گاڭگۇڭنى مۇشتلاشقا سېلىپ، تاماشا كۆرمەكچى بولۇشقان ئىدى.

ھالبۇكى، بۇ ئىشنىڭ تېگىگە شۇملۇق يوشۇرۇنغان بولسىمۇ، ھەر ئىككىلىسى جانبازلىقتىن خەۋىرى بار نوچىلار بولغاچقا، بۇلارنىڭ ھۈنىرىنى كۆرۈشكە تەشنا بولۇۋاتقان جېدەلخۇمار تاماشىبىنلارنىڭ قىزىقىشىنى ئالامەت قوزغىغان ئىدى. شۇ ۋەجىدىن بەگزادىلەرگە سورۇن، شە – شەدىن كەلگەن قىمارۋازلارغا دوكا قۇرۇپ، جېنى جان ئېتىدىغان غۇلجىنىڭ چاپارمىنى سەدىردىن پورەك، تەلەپلەرگە ئاساسەن كېچە – كۈندۈز پايپېتەك بولۇپ يۈرۈپ، دەريا بويىدىكى دەرەخزارلىققا چوڭ بىر سورۇن ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. بۇ سورۇنغا شەھەرنىڭ بايۋەچچىلىرى، ئادىلبەگ قاتارلىق يامۇلنىڭ مەنسەپدار توڭچى ۋە باجگىرلىرى ۋە داڭلىق قىمارۋازلاردىن باشقا ئاتاقلىق سازەندىلەر، ناخشىچىلار ۋە چاقچاقچىلار چاقىرىلغان ئىدى.

شۇ چاغدا بۇ خەۋەر پۈتۈن شەھەرگە پۇر كەتكەن ئىدى. «ئالتە شەھەرنىڭ نوچىسى سىيىت نوچى بىلەن ئىلىخونىڭ نوچىسى نودەر گاڭگۇڭ مۇشتلىشىدىكەن» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان تاماشا خۇمار غۇلجا ياشلىرى دەريا بويىغا سەلدەك ئاققان ئىدى. دەل مۇشۇ چاغدا بۇ سورۇننىڭ تۈزۈلۈشىگە پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ رول ئالغان ما داخۇا، ھەشەمەتلىك دىۋان مەھكىمىسىدە گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، پۈتۈن گەۋدىسى تېرىلىرىگە سىغمىغان ھالدا كېرىلىپ كېتىۋاتقان ئىدى. قاقباش تۈلكىدەك ھىيلىگەر، بۆرىدەك سەزگۈر ما دوتەي يەنە ئۆز كارامىتىنى ئىشقا سېلىپ ئادىلبەگنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىككى كۆزىگە مىخ بولۇپ قادالغان ئىككى نوچىنى بىر- بىرىگە مۇشتلاشقا ساپ قويۇپ، ئىككىلىسىنى بىراقلا كۆزدىن يوقىتىشنىڭ پەيتى كەلگەنلىكىدىن ئالەمچە خۇشال بولغان ئىدى. ئۇ، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى ئادىلبەگدەكلەرنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈپ، مۇكاپاتلىسا؛ يەنە بىرتەرەپتىن ناسۇھا ئىمىن داموللامدەكلەرنى جازالاپ، بىرنى مىڭغا ئىبرەت قىلىپ. ئۇيغۇرنى ئۇيغۇرغا قارشى قىلىپ كۈشكۈرتۈپ، بۇ دىيارلارنى ناھايىتى قولايلىق بىلەن ئىدارە قىلىپ، ياڭ زېڭشىڭنىڭ پۈتۈن بۇيرۇقلىرىنى جاي – جايىدا ئورۇنلاپ كېلىۋاتقان ئىدى.

شۇ كۈنى پۈتۈن شەھەرنى قاپلىغان بۇ خەۋەردىن مەسئۇت ئەپەندىمۇ خەۋەردار بولغان ئىدى. ئۇ، ئىستانبۇلدىن يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئوقۇغان كەسپىگە ئاساسەن بىر تەرەپتىن دوختۇرخانا ئېچىپ، كېسەل داۋالاش بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەكتەپ ئېچىپ، مائارىپ ئاقارتىش ئىشلىرىنى بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى. مۇشۇ بىر قاتار جاپالىق خىزمەت  جەرياندىكى تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن ئاخىرى شۇنداق خۇلاسىگە كەلگەن، يەنى نۆۋەتتە دوختۇرخانا ئېچىپ كېسەل داۋالىغاندىن كۆرە مەكتەپ ئېچىپ بالا تەربىيەلىگەننىڭ مىللىتىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى. بولۇپمۇ بۈگۈن دەريا بويىدىكى ئىككى نوچىنى مۇشتلاشتۇرۇش سورۇنىنىڭ تەييارلانغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دوختۇر بولۇپ، فىزىيولوگىيەلىك كېسەللەرنى داۋالاشتىن بەكرەك، مەكتەپ ئېچىپ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى قالاقلىق كېسەللەرنى داۋالاشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئارقىلىق مىللەتنىڭ مىللىي روھىنى ئويغىتىشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم روشەن رەۋىشتە ھېس قىلدى.

ئۇ، خادىك ھارۋىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، دەريا بويىغا كېتىۋاتقان يولدا، بىر چەتتىن ئەنە شۇنداق خىياللارنى قىلسا، يەنە بىر چەتتىن دەريا بويىغا تېزراق يېتىپ بېرىشقا ئالدىراپ، خادىكچىغا ئىتتىكرەك ھەيدەشنى بۇيرۇيتتى. خادىكچىمۇ بار دىققىتىنى يولغا تىكىپ، قولىدىكى ئۇزۇن قامچىسى بىلەن خادىك ھارۋىنىڭ دوغىسىغا ئۇرۇپ، تورۇق ئېتىنى چاپتۇرۇپ كېتىۋاتاتتى. مەسئۇت ئەپەندىنىڭ پۈتۈن پىكىر- خىيالى، ئىككى نوچىنى مۇشتلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن مەيدانغا يېتىپ بېرىشتا قالغان ئىدى. ئۇ، ئىككى باھادىر ئەزىمەتنىڭ مەرد ۋە ئاقكۆڭۈللۈكىنى، ئادىلبەگدەكلەر كۆڭۈل ئېچىشنىڭ كوزىرى ئورنىدا پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئويلىغىنىدا، شۇ قەدەر غەزەپلەنگەن ۋە شۇ قەدەر جىددىيلەشكەن ئىدى، ھەتتا جىددىيچىلىكتىن تىرناقلىرى گۆشىدىن ئايرىلىپ كېتىۋاتقاندەك يۈرىكىنى دەھشەت بىر ئاغرىق چىرماپ ئېلىشقا باشلىغان ئىدى.

دەرۋەقە، بۇ دۇنيادا ئادەمنىڭ يۈرىكى سوققانلىقى ئۈچۈنلا ياشىغان ھېسابلانمايدۇ؛ بەلكى شۇ يۈرەك ئۆز مىللىتى ئۈچۈن سوققاندىلا، ھەقىقىي ياشىغان ھېسابلىنىدۇ. مانا بۇ ھەقىقەتنى مەسئۇت ئەپەندى دەريانىڭ يولىدا يەنە بىر قېتىم چىن يۈرىكىدىن ھېس قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، دەريا بويىدىكى يولنىڭ ئىككى يېنىدىكى بوي تارتقان ئاق تېرەك يوپۇرماقلىرىنىڭ توختىماي شىلدىرلاشلىرى ئۇنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك ۋە قۇلىقىنىڭ تۈۋىدە «سەن ئاۋارە بولما! سەن مىڭ كۈچىگىنىڭ بىلەن، ئۇلار بەرىبىر ئۆزى بىلگىنىنى قىلىدۇ، سېنىڭ كۈچۈڭ ئۇلارغا يەتمىگەندىكىن، خالايىقنىڭ تاماشاسىنى بۇزۇپ نېمە قىلاتتىڭ؟ «دەۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ، تېخىمۇ ئەنسىزلىككە پېتىپ كېتىۋاتاتتى. بۇلارنى ئاز دەپ يەنە يول ياقىسىدىكى ئېرىق سۇلىرىنىڭ تاشتىن تاشقا ئۇرۇلۇپ ئېقىشىدىن چىققان ئاۋازلار بىلەن ئات تۇياقلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن ئاۋازلارغا قوشۇلغان دەريا يولىدىكى مەيىن شامالنىڭ گۈكىرەشلىرى خۇددى ئۇنىڭغا «باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماي، ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى قىل، ئۆزۈڭنىڭ دەردى ئۆزۈڭگە يېتىپ ئاشىدۇ» دەۋاتقاندەكمۇ تۇيۇلىۋاتقان ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ ۋىجدانى، بۇنداق بىر نومۇسچىلىقنىڭ بۇ گۈزەل دىياردا يۈز بېرىشىگە ھەرگىز يول قويمايتتى ئەلۋەتتە.

ئۇ، دەريا بويىغا يېتىپ كەلگەندە، ھاسىراپ – ھۆمۈدەپ يارنىڭ باغرىدىكى ئويمانلىق تەرەپكە كېتىۋاتقان ئادەملەردىن باشقا ھەممە نەرسە شۇنچىلىك تۇرغۇن ئىدى. گوياكى پۈتۈن تەبىئەت كېلىشىۋالغاندەك شۇنچىلىك سۈكۈنات ئىچىدە ياتاتتى. يا بىر تۈپ دەرەخنىڭ شېخى ياكى يوپۇرمىقى مىدىر- سىدىر قىلمايتتى، يا قىرلارنىڭ ئۈستىدىكى ئۈستىبېشىنى چاڭ – توزان باسقان ئوت – چۆپلەرنىڭ غوللىرى مىدىرلىماي، ياپراقلىرى سولاشقان پېتى تۇراتتى. ئەتراپتا ئىزغىرىن شامالدىن بېشارەت يوق ئىدى. دەريا سۈيىنىڭ شارقىراشلىرىمۇ بۈگۈن جىمىغان ئىدى. توقايلىقتا  ھەر دائىم سايرايدىغان تورغاينىڭ نىداسى، توپ – توپ قۇشقاچلارنىڭ چۇرۇقلاشلىرىدىن ھېچبىر سادا يوق ئىدى. ھەتتا تومۇزغىنىڭ چىرىلداشلىرىمۇ ئاڭلانمايتتى. كۆكتىكى قۇياشمۇ، كۆك سىنكا بىلەن بويالغان تامغا مىخلاپ قويغان ئالتۇن تاۋاقتەك جىمجىت تۇراتتى. بىر توپ ئادەملەرنىڭ، يارداڭلىقنىڭ يان باغرىدىكى ئويمانلىقنىڭ ئەتراپىدا ئۇۋىسى چۇۋۇلغان بىغەم چاچقانلاردەك ئۇياقتىن – بۇياققا پىتىرلاپ يۈرۈشلىرى يىراقتىن كىشى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.

مەسئۇت ئەپەندى، سورۇننىڭ دەل شۇ يەرگە راسلانغانلىقىنى تەخمىن  قىلدى – دە، خادىكچىنى ئېتىنىڭ بېشىنى شۇ تەرەپكە بۇراشنى بۇيرىدى. يول يەر تۆۋىنىگە قاراپ سوزۇلغان بولغاچقا ئات خادىكنى سۆرىدىمۇ، ياكى خادىك ئاتنى ئىتتەردىمۇ، ئەيتاۋۇر بىردەمنىڭ ئىچىدىلا ئۇلار ئويمانلىقنىڭ ئالدىدىكى دەرەخزارلىققا يېتىپ كەلدى. مەسئۇت ئەپەندى خادىك توختىشىمۇ ساقلىمايلا، ئۈستىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، ئادەملەر توپى بار تەرەپكە قاراپ چاپتى. نى – نى سورۇنلارنى تۈزۈپ تەجرىبىلىك بولۇپ كەتكەن سەدىردىن پورەك يەرنى تاللىغاندىمۇ شۇنچىلىك ئەپچىل يەرنى تاللىغانكى، ئۇنىڭ بۇ قابىليىتىگە ئىچىدە قايىل بولماي تۇرالمىغان مەسئۇت ئەپەندى، ئويماننىڭ لېۋىگە كېلىپ ئەتراپقا نەزەر تاشلىدى. يېقىندىن كېلىپ قارىسىڭىز شۇنداق بىر يەركى، بەجايىكى رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىمپېراتورلىرى ۋە ئاقسۆڭەك قۇلدارلار ئەتراپتا ئولتۇرۇپ، گلادىئاتورلارنى بىر-بىرلىرى بىلەن ئۆلگۈچە سوقۇشتۇرۇپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئەڭ نوچىلىرىنى شىر ۋە يولۋاسلار بىلەن سوقۇشتۇرۇپ، تاماشا كۆرىدىغان كولوسسېئۇم (رىمدىكى قەدىمى ئۈستى ئوچۇق تىياتىرخانا) نىڭ دەل ئۆزىگىلا ئوخشايتتى.

بۇ يەر ئەسلىدە دەرياغا سەل كەلگەندە سۇلار يىغىلىپ قالىدىغان ئازگال بولۇپ، ئوڭغۇل – دوڭغۇل يەرلىرى كەتمەن – گۈرجەكلەر بىلەن تۈپتۈز قىلىۋېتىلگەن ئىدى.يانلىرى قازاننىڭ چۆرىسىدەك قىيپاش شەكىلدە يۇقىرىغا قاراپ ئېگىزلىگەن بولۇپ، يۇقىرىدا تۇرغان ھەممە ئادەم ئازگالنىڭ ئىچىنى ئېنىق كۆرەلەيتتى. «كولوسسېئۇم» نىڭ شەرق تەرىپىدە ئېگىز توپا دۆڭلۈك بار بولۇپ، ئۇچۇرۇمنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە دەريا سۈيى دولقۇنلاپ تۇراتتى. سۇ ئۈزۈشكە ماھىر بالىلار ئۇچۇرۇمنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئۆزىنى دەرياغا ئېتىپ ئوينايتتى، ئادەتتە بۇ دۆڭلۈكنى كىشىلەر «يارداڭلىق » دەپ ئاتىشاتتى. جەنۇب تەرىپىدە بولسا دەريا بولۇپ، يىراقتىن قۇياشنىڭ نۇرىدا ۋال -ۋۇل چاقناپ تۇرغان دەريا سۈيى ھېچ دولقۇنلىماي جىمجىت ئېقىۋاتاتتى. «كولوسسېئۇم» نىڭ غەرب تەرىپى بولسا، كەتكەن دەرەخزارلىق بولۇپ، يان تەرىپى دەريا لېۋىگە تۇتىشاتتى. مەسئۇت ئەپەندىنىڭ كۆزىگە يىراقتىن بۇك – باراقسان كۆرۈنۈپ تۇرغان بۇ ئورمانلىق خۇددى كۈن كۆرسۇن دەپ كەڭ يېيىپ قويغان ياپيېشىل بىر پارچە پالاستەك كۆرۈنۈپ كەتتى.

ئەتراپتا ساقاللىرى ئاپاق ئاقارغان ئىككى كۆزى خۇنۈك بوۋايلار، شاپ بۇرۇتلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان ئوتتۇرا ياشلىق ئادەملەرۋە ئۇچۇۋېلىپ چۇشىشىنى بىلمەي يۈرگەن ياش يىگىتلەر، كۆزلىرىنى قارغۇجىنىڭ كۆزىدەك چىمچىقلىتىپ ئۇياقتىن – بۇياققا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇرغان يەتتە – سەككىز ياشلاردىكى ئۈستى يالىڭاچ بالىلار پىژ-پىژ ئاپتاپنىڭ ئەپتىگە چىداپ، بۇ «ئويۇن» نىڭ چاققانراق باشلىنىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ، بېلەتسىز كىرىدىغان «كولوسسېئۇم» نىڭ ئەتراپىدا تۇرۇشاتتى. يەنە تېخى كۈپكۈندۈزدە چۈش كۆرۈۋاتقاندەك خامۇش ھالدا بىر- بىرىگە ھاڭۋىقىپ قارىشىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. شۇ تەرىقىدە ئادەمنىڭ كۆزىگە ھېچ سىغمايدىغان بىرمۇنچە ئاجايىپ كىشىلەرمۇ يوق ئەمەس ئىدى، ئۇلار ئىككى – ئۈچتىن بولۇپ، خۇددى ئەرۋاھتەك، شەپە چىقارماي ئۇياقتىن -بۇياققا ئۆتۈشۈپ يۈرەتتى. بۇلار بىلەن بىرگە بىر نەچچە لالما ئىت، ئۇلارنىڭ پۇتلىرى ئارىسىدا بىرنېمىلەرنى پۇراپ يۈرۈشەتتى، بۇ ئىتلار تەرسا بىرلىرىنىڭ ئايىغىغا پۇتلىشىپ، بىقىنلىرىغا تىپىك يېسىمۇ، لېكىن ھېچبىرى قاۋىمايتتى. ئەنە دەريا تەرەپتىن بىر توپ ئادەملەر «ئويۇن» غا كېچىكىپ قىلىشىدىن ئەنسىرىگەندەك قىلىپ، خۇددى دەريادىن تاشقان كەلكۈندەك ئالغا يۈگۈرۈشۈۋاتاتتى.

مەسئۇت ئەپەندى ئادەم دېڭىزى ئىچىدە ئەتراپقا نەزەر سېلىپ تۇرغاندا، تۇيۇقسىز ئارقا تەرەپتىن كەلگەن «ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەسئۇت ئەپەندى، قايسى شامال سىزنى بۇياقلارغا ئۇچۇرتۇپ ئەكەلدى» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ ئەندىكىپ كەتتى. ئاندىن، ئارقىسىغا شاققىدە بۇرۇلۇپ، ئالدىدا ھىجايغان پېتى ھەيرانلىق ئىچىدە قاراپ تۇرغان سەدىردىن پورەكنى كۆردى. مەسئۇت ئەپەندى ئىزدەۋاتقان ئادىمىنىڭ دەل ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ھېچبىر زامان ئۇنىڭ بىلەن بۇنداق سەمىمىي كۆرۈشۈپ باقمىغان ئادەم، خۇددى ھەزرىتى نوھنىڭ خەۋەرچى كەپتىرىنى كۆرگەندەك، خۇشاللىقىدىن ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنىڭغا ئىككى قولىنى سۇنۇپ كۆرۈشتى ۋە – ئاڭلىسام بۈگۈن كاتتا بىر سورۇن تۈزەپسەن، گەرچە بىۋاسىتە خەۋىرىم بولمىغان بولسىمۇ، سورۇننىڭ ئەزىز مېھمىنى تاغ ئاتلاپ كەلگەن مۇساپىر بولغانلىقى ئۈچۈن ئالدىغا كېلىپ، سالام بېرىپ قويۇشنى ئادىمىيلىك بۇرچۇم دەپ بىلدىم. شۇڭا خەۋەرسىزلا كېلىشىم، – دېدى.

سەدىردىن پورەك، پېشانىسىگە ساڭگىلاپ تۇرغان جۇخار گۈلىدەك پورەكلەپ تۇرغان بۈدرە چېچىنى ئوڭ قولى بىلەن سول تەرەپكە قايرىغاندىن كېيىن، پېشانىسىدىكى پۇرچاقتەك – پۇرچاقتەك تەرلەرنى قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن سۈرتۈپ تۇرۇپ،  – چوڭ سورۇننى دەريا بويىدىكى تېرەكلىككە قۇردۇق، مېھمانلارمۇ شۇ يەردە. بۇ يەر پەقەت،- دەپ مۇغەمبەرلىك بىلەن ھىجايدى ۋە –  جۇرۇڭ ئىسسىقتا قاق بوپ كەتمەيلى، مەن سىزنى مېھمانلار بار يەرگە باشلاپ باراي،- دەپ مەسئۇت ئەپەندىنى تېرەكلىك تەرەپكە باشلىدى. لېكىن ئۇ، غايىب بىر قول بويۇنىدىن سىقىپ يۇقىرى كۆتۈرۈۋالغان غازدەك بويۇنلىرىنى ئۇزارتىپ، ياندىكى ئۆزى راسلىغان «كولوسسېئۇم» نىڭ ئىچىگە قاراپ قويدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ گۆشلىرىنى شىلىۋالغاندەك ياغاق يۈزىدە قانداقتۇر بىر خاۋاتىرلىقنىڭ ئەكس پەيدا بولغان ئىدى.

سەدىردىن پورەك ئۆزى ئورۇقراق، بويلىرى ئېگىز، بۇرۇنلىرى ياۋروپالىقلارنىڭكىدەك ھەم ئېگىز ھەم يوغان ۋە ئۆڭى ئاق- سېرىق كەلگەن ئادەم بولۇپ، ياش جەھەتتىن مەسئۇت ئەپەندى بىلەن تەڭدىمەتلىك ئىدى. ئۇ، مۇشۇ سورۇننى قۇراشتۇرغان غۇلجىنىڭ چاپەرمەنلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ، بايلارنىڭ، ئەمەلدار ۋە بايۋەچچىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئېچىش ئۈچۈن تەلەپلەر بويىچە سورۇن تۈزەيدىغان تەجرىبىلىك «رېژىسسور » لاردىن ئىدى. ھەرقانداق چوڭ سورۇن ۋە ياكى قىمارلار ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بويىچە بولاتتى. يېزا- يېزىلاردىكى، شە –  شەلەردىكى ئۇستا سازەندە، ناخشىچىلار، چاقچاقچىلار ۋە تۆت ئوشۇقنى يەملەپ تىك چۈشۈرىدىغان ئۇستا قىمارۋازلار، توخۇۋازلار ۋە نوچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئادرېسى ئۇنىڭ ئاشۇ پورەكلەپ تۇرغان بۈدرە چېچىنىڭ ئاستىدىكى مېڭىسىگە بىر- بىرلەپ خاتىرىلەگلىك ئىدى. ئۇنىڭ تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى شۇنچىلىك كۈچلۈككى ھەتتا نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىرە سورۇندا بىرە پەدىگە ساز چالغان تەمبۇرچىنىڭ ئىسمىدىن تارتىپ تەققى- تۇرقىغىچە ھەتتا قايسى يۇرت قايسى مەھەللىدە ئولتۇرىدىغانلىقىدىن تارتىپ پۈتۈن كىملىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى يادقا تۇتۇۋالايتتى.

ئەگەر مۇشۇنداق بىھۇدە سورۇنلارنى قۇراشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن كاللىسىنى مىللەتكە پايدىلىق بىرەر كىتاب يېزىشقا ئىشلەتكەن بولسا، بەلكى ئۇ غۇلجىدىن چىققان داڭلىق يازغۇچىغا ۋە ياكى بىرەر ئالىم بولۇپ قىلىشىغا نە شۈبھە. بەلكى غۇلجىنىڭ مۇشۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى، ھايات مىزانى ئۇنى مۇشۇنداق قىلىشقا، مۇشۇنداق سورۇن ئىچىدە ئويناپ – كۈلۈپ جان بېقىشقا مەجبۇر قىلغاندۇ ۋە ياكى ئۆزىنىڭ تەبىئىتى ئەنە شۇنداق ئويۇنچى بولۇپ بۇ دۇنيادا ئۆزىگە تۇشلۇق ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقا تۆرەلگەندۇ؛ بۇنى بىلىش بىزنىڭ قۇدرىتىمىز يېتىدىغان دائىرىدىن ھالقىغان بىر ئىش ئەلۋەتتە. ئۇ، ئىلدام قەدەم تاشلاپ تېرەكلىك تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقاندا، ئارقىسىدىن يېتىشىپ كېلىۋاتقان مەسئۇت ئەپەندى ئۇنىڭ دۈمبىسىگە چاپلىشىپ كەتكەن تەر كۆڭلىكىگە ۋە ئىككى يەلكىسىنىڭ سۆڭىكى دوغا شەكىلدە چىقىپ تۇرغان ھالىغا قاراپ، بىردىنلا خىزىرغا يولۇقۇپ، يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغان ۋە خالايىققا زىيان – زەخمەت يەتكۈزىدىغان بالايى- ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قادىر بولغان ئىقتىدارغا ئېرىشكەن ئادەمدەك مەزمۇت قەدەم تاشلاپ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كېتىۋاتاتتى.

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top