مەسئۇت ئەپەندى (32)
ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت
بۈگۈن پۈتۈن غۇلجىنى تەۋرىتىۋەتكەن «تىياتىر»نىڭ باش رولچىلىرى يىغىلغان سورۇن بولسا، دەل دەريا بويىدىكى تېرەكلەرنىڭ سايىسى چۈشۈپ تۇرىدىغان تۇز بىر يەرگە راسلانغان ئىدى. بۇ يەر شۇنچىلىك چىرايلىق ئىدىكى، ئەتراپى ياپيېشىل بولۇق ئۆسكەن ئوت – چۆپلەر بىلەن ئورالغان ۋە ئېچىلىپ كەتكەن رەڭگارەڭ ياۋا گۈللەرگە پۈركەنگەن، نېرىسىدا تېخى سۈپسۈزۈك بۇلاقلار ئوقچۇپ تۇرىدىغان تەبىئىي ئارامگاھ ئىدى. بۇمۇ سەدىردىن پورەكنىڭ جاي تاللاشتا نەقەدەر ئېپىنىڭ بارلىقىنى ۋە گۈزەللىك تۇيغۇسىنىڭ شۇنچىلىك يۇقىرىلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى ئەلۋەتتە. تەبىئەت توقۇغان تەبىئىي گۈللۈك گىلەمنىڭ ئۈستىگە ئادەملەر ئۆزى توقۇغان گىلەملەرنى ۋە غۇلجىنىڭ سەرخىل تىكىمەتلىرىنى سېلىپ ئالدىنئالا ھازىرلانغان يەردە، 40 يېقىن بەگزادىلەر، مۆتىۋەرلەر ۋە مەنسەپدارلارغا قوشۇلۇپ 10 دىن ئارتۇق ناخشىچىلار، سازەندىلەر، چاقچاقچىلار ۋە بۈگۈنكى سورۇننىڭ ئاتاقتىكى ئەزىز مېھمىنى ۋە ئۇنىڭ «رەقىبى» بولۇپ ھەممىسى ئۆزىنىڭ سالاھىتىگە مۇناسىپ جايدا، چەمبەر شەكىلدە دۈگىلەك بولۇپ ئولتۇرۇشقان ئىدى. سورۇن ئەھلىنىڭ ئوتتۇرىغا رەڭگارەڭ گۈللۈك داستىخانلار سېلىنغان بولۇپ، ئۈستىگە تىزىلغان خىلمۇخىل نازى- نېمەتلەر بىرىنى-بىرىنى قىستىشىپ تۇراتتى. يىراقتىن قارىغان كىشىگە بۇ سورۇن بەجايىكى مىڭبىر كېچە چۆچەكلىرىدىكى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان گۈلخاننىڭ ئەتراپىدا ئوت قاقلاپ ئولتۇرغان 40 قاراقچىنى ئەسلىتەتتى. بۇ دۈگىلەك سورۇنغا ئۇلاپلا راسلانغان ئۇزۇن كەتكەن يەنە بىر سورۇندا، چىرايلىق ياسىنىۋېلىشقان ياش يىگىتلەر ئىككى قۇر بولۇپ ئولتۇرۇشقان ئىدى. بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئۇزۇن داستىخان سېلىنغان بولۇپ، ئۈستىگە دۈگىلەك سورۇننىڭكىگە ئوخشاش خىلمۇ-خىل مېۋە – چېۋىلەر، تاتلىق – تۇرۇملار، گىردە ۋە توقاچلار، چىرايلىق قىلىپ ئوخشاش چوڭلۇقتا پىچىلغان قوغۇن-تاۋۇزلار تىزىلغان ئىدى. مۇنداقلا قارىغان كىشىنىڭ كۆزىگە، بۇ سورۇن گويا ئىچىدە تاشئالمىلار ئېقىۋاتقان، ئىككى قىرىدا رەڭگارەڭ لالىلەر تەكشى ئۆسكەن ئېرىقنى ئەسلىتەتتى. مۇبادا ئاۋۇ يىراقتا كۆرۈنۈپ تۇرغان ئېگىز يارداڭلىقنىڭ ئۈستىدە، پادا بېقىۋاتقان بىر چوپان بۇياققا نەزەر تاشلىغان بولسا، مۇھەققەق بىر- بىرىگە تۇتاشقان بۇ سورۇن، يوغان بىر دۈگىلەك قۇرام تاشنى دومىلىتىپ دەرياغا غەرق قىلىۋېتىش ئۈچۈن ئاستىغا ئۇزۇن بىر پىشاڭنى سالغاندەك بىر ھالەتتە كۆرۈنۈشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ بۇ سورۇن يىراق ۋە يېقىندىن شەكىل جەھەتتىن قانداق كۆرۈنىدىغانلىقى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى سورۇننىڭ ئەسلى مەقسىتى بىلەن نەتىجىسى ئىدى. مانا بۇلار مەسئۇت ئەپەندىنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغان تېما.
سەدىردىن پورەك، مەسئۇت ئەپەندى چەمبەر شەكىلدە ئولتۇرغان سورۇن ئەھلىنىڭ ئالدىغا باشلاپ كەلگەندە، سورۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىر خىل ئەندىكىش ئىچىدە، مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئوڭ قولىنى سول كۆكسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇپ، مەردانە قىياپەتتە قىلغان سالىمىنى ئېلىك ئالدى ۋە دەرھال ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى. مەسئۇت ئەپەندى بۈركۈتنىڭ كۆزىدەك ئۆتكۈر كۆزلىرىنى سورۇن ئەھلىنىڭ ئۈستىگە بىر قۇر تاشلىغاندىن كېيىن، سەدىردىن پورەكنىڭ جاي كۆرسىتىشىگىمۇ بوي بەرمەي، ئۇدۇل بېرىپ نودەر گاڭگۇڭنىڭ ئوڭ يېنىدىكى ئازراق بوشلۇققا كەلدى ۋە يېنىدا تۇرغان بوي – بەستى قامەتلىك، ئۆڭى ئاق سېرىق، گۆشلۈك مەڭزى خوتەننىڭ گۆشگىردىسىدەك پارقىراپ تۇرىدىغان، مىس رەڭلىك شاپ بۇرۇتى خويمۇ ياراشقان، قويۇق قاشلىرى ئاستىدىكى كۆكۈچ كۆزلىرىنى ئۆزىگە تىكىپ تۇرغان كىشىنىڭ دەل سىيىت نوچى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى – دە، – «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!»دەپ ئىككى غۇلىچىنى كەڭ يېيىپ – ئەزىزانە قەشقەرنىڭ ھىدىنى ئەكەلگەن، ئۇزۇندىن بۇيان ئىلى خەلقى دىدارلىشىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن، نامى مەشھۇر سىيىت ئاكىمىز سىز بولىسىزغۇ دەيمەن،- دەپ چىرايىدىن مەردانىلىك تۆكۈلۈپ تۇرغان سىيىت نوچىنى قۇچاقلاپ، شۇنچىلىك ئىچىدىن چىققان بىر مۇھەببەت بىلەن كۆرۈشتى. سىيىت نوچىمۇ، يۈزىدىن نۇر يىغىپ تۇرىدىغان، كۆزلىرىدىن ئەقىل-پاراسەتنىڭ ئۇچقۇنلىرى چېچىلىپ تۇرغان، ئۆزىگە ئوخشاش قەد – قامەتلىك جەسۇر بۇ ئادەمنىڭ بۇ سورۇندىكى باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغانلىقىنى بايقىدى – دە، چوڭقۇر ھۆرمەت ئېھتىرام ۋە چىن دىلىدىن چىققان سەمىمىي ھېسسىيات بىلەن سالاملاشتى. بۇ چاغدا سورۇن سەل پاتپاراقچىلىق بولغاندەك ئەھۋالدىن مۇستەسنا بولالمىغان ئىدى. مەسئۇت ئەپەندى تەكەللۇپ بىلەن سىيىت نوچىنى ئولتۇرۇشقا بۇيرىدى ۋە ئۆزىمۇ ئىككى نوچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بەھۇزۇر ئولتۇردى. دەل مۇشۇ چاغدا، ئۇزۇندىن بۇيان كۆرۈشەلمەي، نۇرغۇن جەبىر – زۇلۇم چەككەندىن كېيىن، شۇ دەمدە ۋىسالىغا يەتكەن بىر قورساق قېرىنداشلاردەك يېقىنچىلىق قىلىپ كېتىۋاتقان مەسئۇت ئەپەندىگە، ئۇدۇل تەرەپتىن دۈپ – دۈگىلەك بىر جۈپ قارا كۆز خەنجەردەك سانجىلىپ تۇراتتى. بۇ كۆزلەرنىڭ ساھىبى بولسا غۇلجا شەھەرنى سوراۋاتقان ما داخۇانىڭ تەرجىمانى ۋە يامۇل مەھكىمىسىنىڭ خاس خىزمەتچىسى ۋە بۈگۈنكى بۇ نامى مەشھۇر سورۇننىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە ۋەسىلە بولغان ئادىلبەگ ئىدى. ئۆزى ئوتتۇرا بوي، دۈگىلەك گۆشلۈك مەڭزى ئەڭلىك سۈرۈۋالغاندەك دائىم قىزىل كۆرۈنىدىغان، ئويۇپ قويغاندەك ئوماق ئاغزىغا ياراشقان ئاپئاق چىشلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان، چىرايلىق قويۇۋالغان قىرقىم قاپقارا بۇرۇتلىرى قۇيرۇق مېيىدا مايلىغاندەك پارقىراپ كەتكەن، ئۆزىگە شۇنچىلىك ياراشقان بېشىدىكى مانچېستېر دوپپىسى قۇياشنىڭ نۇرىدا بىر پارچە چوغدەك تاۋلىنىپ كۆرۈنۈۋاتقان ئادىلبەگنىڭ كۆزىگە نودەر گاڭگۇڭ بىلەن سىيىت نوچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغان مەسئۇت ئەپەندى، گويا ئۆزى ئۈزمەكچى بولغان ئىككى قىزىل گۈلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تىكەندەك كۆرۈنۈۋاتاتتى. ئولتۇرۇپ – قوپسا ھىيلە – مىكىرنىلا ئويلايدىغان ئادىلبەگنىڭ پىكىر – خىيالى، ئۇنىڭ ھازىرقى گۈزەل تاشقى قىياپىتى بىلەن قىلچىلىك مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. شەيتاننى ئۇسۇلغا سالىدىغان بۇ توڭچى شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە، مۇبادا، ئىككى نوچى مۇشتلاشماي قالسا، ئالدىن پىلانلىغان سۇيىقەستنىڭ ئەمەلگە ئاشماي قالىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ، يانپىشىغا تىكەن سانجىلىۋاتقاندەك ئۇياق – بۇياققا مىدىراپ، جايىدا ھېچ ئولتۇرالمايلا قالغان ئىدى. ئەمما مەسئۇت ئەپەندى ئۇدۇلىغا نەزەر سېلىپمۇ قويماي، بىر چەتتىن سىيىت نوچىنىڭ توم بىلەكلىرىگە ياراشقان يوغان ئالىقانلىرىغا گوياكى گۆھەرگە سەپسالغاندەك ھەيرانلىق بىلەن قارىسا، يەنە بىر چەتتىن بۇ باھادىر ئەزىمەتنىڭ شەمۇشە، يۇرتمۇيۇرت سەرگەردان بولۇپ، مۇساپىرچىلىقنىڭ دەردىنىڭ ئۆلگۈدەك تارتقانلىقى چىقىپ تۇرغان چىرايىدىكى مەيۈسلىنىشلەرنى بايقىغىنىدا، كۆڭلى يېرىم بولۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ مېھىرلىك تەبەسسۇم قىلىپ ئولتۇراتتى.
نېرىدىكى بۇلاق بېشىغا ئۇزۇن- ئۇزۇن كاۋاپداندىن نەچچىسى قاتار – قاتار قىلىپ قويۇلغان بولۇپ، كۆيۈۋاتقان ئوتتا، پىژىلداپ پىشىۋاتقان كاۋاپنىڭ مەززىلىك پۇراقلىرى ئەتراپنى بىر ئالغان ئىدى.كاۋاپداندىن چىقىۋاتقان كۆكۈش ئىسلار، ئالىقانچىلىكمۇ بۇلۇت يوق كۆپكۆك ئاسمانغا ئەجدىھادەك تولغىنىپ چىقىپ كېتىۋاتاتتى .بۇ چاغدا قۇياش نەيزە بويى ئۆرلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتەشتەك ئەپتى سورۇن ئەھلىنى ئىسسىتىپ، قىزدۇرۇپ، يېنىدا جىمجىت سۈكۈنات ئىچىدە ئېقىۋاتقان دەرياغا ئۆزىنى تاشلاشقا كۈشكۈرتىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئەمدى سورۇن رەسمىي باشلانغان ئىدى، سەدىردىن پورەك تەكەللۇپ بىلەن سورۇننىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلاپ قىسقىلا ئېچىلىش سۆزى قىلغاندىن كېيىن، سىيىت نوچى قاتارلىق يىراق – يېقىندىن كەلگەن مېھمانلارنى بىر- بىرلەپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. لېكىن، نېمىشقىدۇ نودەر گاڭگۇڭ بىلەن سىيىت نوچىنىڭ مۇشتلىشىشى توغرىسىدا ھېچنېمە دېمىدى. سەدىردىن پورەك مەسئۇت ئەپەندىدىن ئەيمەندىمۇ قانداق ياكى پۈتۈن مەسئۇلىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئۈستىگە ئارتىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىدىمۇ ئەيتاۋۇر، ئىشلارنى سورۇننىڭ ئېقىشىغا بېقىپ ئىش قىلىپ ئۆگىنىپ كەتكەن «پورەك»، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، بېشىدىكى دوپپىسىنى ئېلىپ، پېشانىسىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان چېچىنى ئوڭ قولى بىلەن سول يانغان تاراپ بولغاندىن كېيىن، خۇددى جەددى – جەمەتىدىن يەككە – يېگانە قالغان بىر بوۋاقنى قۇچاقلاپ تۇرغاندەك، دوپپىسىنى ئىككى قولى بىلەن قۇچاقلاپ تۇرۇپ، ئىككى بىسلىق قىلىپ مۇنداق دېدى:
– ئاغىنىلەر! ئاڭلىسام «بۈركۈت كۈننىڭ ئىسسىقىغا چىدىيالماي، ئۆزى باستۇرۇۋاتقان تۇخۇمىدىنمۇ ۋاز كېچىدۇ» دېگەن گەپ بار ئىكەن، ھازىر نەق شۇنىڭغا تەققاس كېلىدىغان تىنچىق ئىسسىق بولۇۋاتاتتى. ئەمما، ئوتتۇز ئوغۇل! سورۇننىڭ ئاخىرىغىچە ناخشا – ساز، كۈلكە – چاقچاق بىلەن ئورنىمىزدىن قوزغالماي ئولتۇرىمىز. يەنە باشقا ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇشلار بولسا، ئەلۋەتتە ئادىلبەگنىڭ ئىختىيارى بويىچە بولىدۇ. قېنى مېھمانلار ئۇنداق بولسا، ئالدىڭلاردىكى تائاملاردىن ئالغاچ ئولتۇرارسىلەر،- دەپ كۆپچىلىكنى ئالدىدىكى غىزالارغا ئېغىز تېگىشكە تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن، موككىدە جايىدا ئولتۇرۇۋالدى. ئارقىدىنلا داستىخان ئۈستىدىكى دەستە – دەستە تىزىلغان مايلىق توقاچلار ئۇشتۇلدى، مېھمانلارنىڭ ئالدىدىكى دۈمكۆمتۈرۈلگەن سىركايىلار ئوڭدا قىلىنىپ، چايلار سورۇلۇپ قويۇلدى، ياغلىرى تامچىپ تۇرغان كاۋاپلار توقاچلارنىڭ ئۈستىگە قويۇلدى. ئالاھەزەل يېرىم سائەتتەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، سازەندىلەر سازلىرىنى سازلاش بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتقاندا، مەسئۇت ئەپەندى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، مېھمانلارنى ئازراق «خەپشۈك»تە تۇرۇشقا ئىلتىماس قىلدى. بەلكى ئۇ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئىچىدە ساقلاپ كېلىۋاتقان پىكىر- خىياللىرىنى دەۋېلىش ئارقىلىق، ئادىلبەگكە كىنايە قىلىپ تۇرۇپ، نودەر گاڭگۇڭ بىلەن سىيىت نوچىنى مۇشتلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ رەزىل ئويۇننى تىنچلىق يولى ئارقىلىق چىرايلىق بىر تەرەپ قىلىپ، سورۇننى سىيىت نوچىنىڭ كۆڭلىدە ئۇنتۇلغۇسىز ياخشى تەسىرات قالدۇرىدىغان مەشرەپكە ئايلاندۇرۇشنىڭ يولىنى قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باقماقچى بولغانىدى. شۇ ۋەجىدىن ئۇ، سۆزىنىڭ ۋەزىنى ئېغىر قىلىپ تۇرۇپ، تارىختا بولۇپ ئۆتكەن چوڭ ۋەقەلەردىن ۋە قەھرىمانلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى تەسىرلىك بايان قىلىش بىلەن، سورۇن ئەھلىنىڭ قېرىنداشنى – قېرىنداشقا مۇشتلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۆڭۈل ئاچىدىغان بىمەنە ئويۇنلارنى كۆرۈش رايىشىدىن ياندۇرۇشنى ئەقلىدىن كەچۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۇ، سازەندىلەرنىڭ سازلىرىنى چىلىشتىن بۇرۇنلا سۆز ئېلىپ، بۈگۈنكى سورۇننىڭ ماھىيىتى ئېنىق بەلگىلەپ، سورۇننىڭ بۇندىن كېيىنكى كەيپىياتىنى كۆتۈرۈش ۋە سىيىت نوچى بىلەن نودەر گاڭگۇڭنىڭ ھۆرمىتىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. ئۇ، سۆزىنى مۇنداق ئىبارىلەر بىلەن باشلىدى:
(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)