مەسئۇت ئەپەندى (33)
-ھۆرمەتلىك ئوتتۇز ئوغۇل، بۈگۈن مەن ئىنتايىن ھاياجان ئىلكىدە شۇلارنى بايان قىلماقچىمەنكى، مۇشۇ سورۇندا ئولتۇرغان سورۇن ئەھلىنىڭ جەددە – جەمەتىنى سۈرۈشتۈرسە، تەڭدىن تولىسىنىڭ تېگى ئالتىشەلىك بولۇپ چىقىدىغانلىقىدا شۈبھە يوق! چۈنكى ئىلى خەلقى نەچچە قېتىملىق جۇڭغارلارغا ۋە مانجۇلارغا قارشى جەڭلەردە قىرىلىپ، تۈگەپ كەتكەن. ئالدىمىزدىكى دەريادا ئايلاپ قىپقىزىل قانلار سەل بولۇپ ئاققان زامانلار بولغان.
بۇ زېمىننىڭ يەرلىرى مۇنبەت، ئاشلىق تېرىشقا ناھايىتى مۇۋاپىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىلى جاڭجۇنى ئۆزىنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزىدىغان ئاشلىقنى تېرىيدىغان دېھقانلارغا ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئالتە شەھەردىكى مانجۇلارغا قارشى ئىنقىلابلاردا ئەسىرگە چۈشكەن قېرىنداشلىرىمىزنى بۇ تۇپراقلارغا سۈرگۈن قىلغان. بىرىنچى قېتىم 1760-يىلى قەشقەر ۋە ئاتۇش تەۋەسىدىن ئىككى مىڭ ئائىلە كۆچۈرۈپ چىققان، ئەنە شۇ چاغدا ئاتۇش دىيارىدىن كۆچۈرۈلگەن ئائىلىلىكلەر ئىچىدە بوۋام بايقۇزىنىڭ بوۋىسى پولاتنىڭ ئائىلىسىمۇ بار ئىكەن. بۇلار ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى بىپايان تۇپراقلارغا يەرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلار بوز يەر ئېچىپ، ئۆستەڭ چېپىپ، بۇ يەرلەرگە پولات يۈزىدەك(ھازىرقى ئارۇز) گۈزەل يېزىلارنى ئىنشا قىلىپ، ئۆزلىرىگە مەڭگۈلۈك يۇرت قىلغان. ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنى 1765- يىلدىكى ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىدىن كېيىن ئالتە مىڭ ئائىلە ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي ھالدا كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن. يەنى مانجۇ لەشكەرلىرى 1760-يىللىرى ئۇچتۇرپانغا بېسىپ كېلىپ، ئەلانۇرخاننى ئەسىرگە ئېلىپ، بېيجىڭغا ئېلىپ كەتكەن ئىكەن. پەرىزات سۈپەتلىك، ئىپار پۇرايدىغان بۇ قىز بولسا ئەمىر مۇھەممەتجان بىلەن ئەزىم ئەزىزە پاشا خېنىمنىڭ نەۋرىسى بولىدىكەن.
ئەينى چاغدا پادىشاھ چىيەنلۇڭ ئەلانۇرخاننىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە مايىل قىلىش ئۈچۈن، پادىشاھنىڭ ساراي خوشامەتچىلىرىنىڭ پال سېلىشى بويىچە «مېۋىسى ئالتۇن، يوپۇرمىقى كۆمۈش، شېخى پولات، ھىدى ئىپاردەك» بولغان، ئۇچتۇرپاننىڭ يەرلىك جىگدە كۆچەتلىرىنى سارايغا كۆچۈرۈش ئۈچۈن لەشكەر بېشى سۇچىڭ بىلەن ھاكىمبەگ ئەبەيدۇللاغا پەرمان چۈشۈرگەن ئىكەن. شۇ چاغلاردا ئامبال سۇچىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى، خالىغانچە ئادەم ئۆلتۈرۈپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مال – مۈلكىنى بۇلاپ، خوتۇن- قىزلىرىغا باسقۇنچىلىق قىلىپ، قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان ئىكەن. بۇ قاتمۇ- قات زۇلۇم ۋە خورلۇقلارغا ئۇچتۇرپان خەلقىنىڭ چىدىغۇچىلىكى قالمىغان ئىكەن. مانجۇلار خەلق ئۈستىدىكى ئالۋان – سېلىقنى كۈندىن – كۈنگە كۆپەيتىپ، خەلقنى بىر تىرە، بىر ئۇستىخان قىلىپ قويغان ئىكەن. بۇ چاغلاردا خوتۇن – قىزلار خاتىرجەم تالا تۈزگە چىقالمايدىكەن. مانجۇ قوشۇنىنىڭ لەشكەرلىرى كۆرگەنلا ئاياللارغا خالىغانچە باسقۇنچىلىق قىلاتتىكەن. ئەنە شۇنداق چىدىغۇسىز زۇلۇملارنىڭ ئاستىدا ئېزىلىپ، ماجالى قالمىغان خەلققە چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھىدىن «جىگدە كۆچۈرۈش» پەرمانى يېتىپ كېلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئالۋانغا قارشى رەخمىتۇللا ئاتلىق باھادىر بىر ئەزىمەت خەلققە باش بولۇپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ئىكەن. بۇ تارىختىكى نامى مەشھۇر، تىللاردا داستان بولغان ‹جىگدە يېغىلىقى› دەپ نام ئالغان شاللىق قوزغىلاڭ بولىدۇ.
بۇ توغرۇلۇق بىر شائىر مۇنداق نەزمە يازغان:
ئىلاھىم بەندىلەرنى مۇڭغا سالدى،
كۆچۈرۈپ جىگدىلەرنى تۇڭغا سالدى.
تېگىپ باشقا ھەمىشە تاياق – توقماق،
يېرىپ تەننى تۆمۈر دەررە بىلەن چوقماق.
زۇلۇم ئاشتى، ھاشار- ئالۋان كېلىپ تېز،
ئاياق ئاستى قىلدى كۆپ خوتۇن – قىز.
تۈگەپ تاقەت، ئۇنىڭغا سەۋر-ئىمكان،
دېدۇق بولسۇن، پىدا بۇ جان، تۆكۈپ قان.
ئەينى چاغدا رەخمىتۇللا سەركەردە بولۇپ، قوزغىلاڭچىلارنى ئۈچ چوڭ لىنىيە بويىچە قەلئەگە قاراپ ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە بۇيرۇغان. نەتىجىدە قەلئەنى قورشاۋغا ئالغان. ئەتىسى قەلئەدىن ئايالچە ياسىنىپ، ئوغرىلىقچە چىققان ھاكىمبەگ ئەبەيدۇللا بىلەن ئامبالنىڭ ئوغلى سۇلۇننى ئانارگۈل باشلىق قوزغىلاڭچىلار قولغا ئالغان ۋە خەلقنىڭ كۆز ئالدىلا قەتلى قىلغان. ئامبال سۇچىڭ بولسا ئازغىنە چېرىكلىرى بىلەن سېپىلنىڭ ئىچىگە سولۇنۇپ قالغان. ئاخىرى چىقىش يولى تاپالماي، چارىسىز قالغان ئامبال، ھاياتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، سېپىلنىڭ ئىچىدىكى دەرەخقە ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان. ئۆز سەركەردىسىدىن ئايرىلغان چېرىكلەر يامۇلنىڭ قورال ئىسكىلاتتىكى ئوق – دورىلارنى يېغىپ، ھەممىسىنى ئۆزلىرى بىلەن تەڭ پارتلىتىپ بىراقلا ھالاك بولغان.
گەرچە بۇ قېتىم ئەركىنلىك جەڭچىلىرى غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، تېخى جەڭنىڭ باشلىنىشى ئىكەن. بۇ چاغدا ئىنقىلابچى قوشۇن ئۇچتۇرپاننى مۇداپىئە قىلىشتىن باشقا، يەنە ئەتراپتىكى رايونلاردىكى خەلقنى قوزغاش ئۈچۈن، ئادەم كۈچى ئەۋەتىشكە توغرا كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلى بولغاچقا، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ئاقسىتىپ، يەرلەرنى ئاق تاشلاپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدىكەن. ئەمەلىي شارائىتقا ئاساسەن دېھقانلار بىر تەرەپتىن ئېتىز- ئېرىق ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇچتۇرپاننى جان تىكىپ قوغداشقا مەجبۇر بولغان. شۇ چاغدا قەشقەر تەرەپتىن قەشقەر ئامبىلى نۇرغۇن لەشكەر تارتىپ ئۇچتۇرپانغا قاراپ يولغا چىققان ۋە بۇنىڭغا قوشۇلۇپ بەن تاخەي دېگەن ئاقسۇ ئامبىلىمۇ چىن لەشكەرلىرىنى باشلاپ ئۇچتۇرپانغا قاراپ يۈرۈش قىلغان. رەخمىتۇللا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ دەرھال ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلغان، ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە ئۇرۇش شەرق ۋە غەرب تەرەپتىن ئىبارەت ئىككى لىنىيەدە تەڭلا باشلانغان. رەخمىتۇللانىڭ چوڭ ئوغلى ئەسمۇتۇللا قەشقەر تاغ يولىدىن كەلگەن لەشكەرلەرنىڭ ئالدىنى توراپ زەربە بېرىپ، نۇرغۇن قورال – ياراق ئولجا ئالغان. ئىككىنچى ئوغلى ئامانۇللا بولسا يېڭى توي قىلغان ئايالى ئانارگۈل باشچىلىقىدىكى قوشۇن بىلەن ئاقسۇدىن كەلگەن چېرىكلەر بىلەن قانلىق جەڭ قىلغان. ئىككى سەپتىكى بۇ ئۇرۇش بىر ھەپتە داۋاملاشقان ۋە غەلىبە ئۇچتۇرپان خەلقىگە مەنسۇپ بولۇش بىلەن ئۇرۇش ئاخىرلاشقان.
ئۇچتۇرپان ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە خەۋىرىنى ئاڭلىغان كۈرە جاڭجۇنى، دەرغەزەپكە كېلىپ ئۇچتۇرپانغا جازا يۈرۈش قىلىش مەقسىتىدە ئۈچ مىڭ تاللانغان قوشۇن بىلەن ئۆزى يولغا چىققان. بۇ قوشۇن ئۈچ سەپكە بۆلۈنۈپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن. ئاقسۇ سايلىقىدىن بېسىپ كىرگەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنى بىلەن ئانارگۈل باش بولغان ئىنقىلابى قوشۇن رۇبىرو تۇتۇشقان. باھادىر ئۇيغۇر قىز سەركەردە ئانارگۈل (بەزى ماتېرىياللاردا مايىمخان دەپ ئېلىنغان) خىللانغان ئالتە قىز قوغدىغۇچىسى بىلەن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلىپ، تاجاۋۇزچى قوشۇننى ئاخىرى چېكىندۈرگەن. ھالبۇكى، قاتتىق غەزەپكە كەلگەن كۈرە جاڭجۇنى ئاخىرى پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، قايتۇرما ھۇجۇمغا ئاتلانغان. شۇ چاغدا ھەر تەرەپتىن ياردەمگە كەلگەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ لەشكەرلىرى ئۇچتۇرپان ئەتراپىدا خۇددى قاغا – قۇزغۇنلاردەك مىغىلداپ كەتكەن ئىكەن. ئونمىڭلىغان قوشۇن توپ – زەمبىرەكلەر بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، قاتتىق مۇداپىئەدە تۇرغان قەھرىمان ئۇچتۇرپان ئىنقىلابچىلىرىنىڭ مۇداپىئە سېپىنى بۇزۇپ تاشلىغان. باھادىر ئەزىمەت ئامانۇللا كىندىك قىنى تۆكۈلگەن ئاشۇ مۇبارەك تۇپراقتا مانجۇ قوشۇنى بىلەن قانلىق جەڭ قىلىپ، قەھرىمانلارچە شېھىت بولغان. ئەنە شۇنداق ھايات – ماماتلىق پەيتتە ئىنقىلابى قوشۇننىڭ ئارىسىدىكى بەزى تەسلىمچى مۇناپىقلار تەسلىمچىلىك يولىنى تۇتۇشقا باشلىغان. لېكىن رەخمىتۇللا قەتئىيلىك بىلەن ئاخىرغىچە جەڭ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىنقىلابچىلار بىلەن بىرگە سېپىلغا چىقىپ جەڭنى داۋاملاشتۇرغان ۋە بەختكە قارشى جەڭدە شاھادەت شارابىنى ئىچىپ، شېھىت بولغان.
كېيىنكى جەڭلەرگە چوڭ ئوغلى ئەسمۇتۇللا قوماندانلىق قىلغان. لېكىن خائىن سابىر بىلەن شاكىر دېگەنلەر ئۆزىنىڭ رەزىل ئەپتى -بەشىرىسىنى تولۇق ئاشكارىلاپ، ئەسمۇتۇللانى قولغا ئېلىپ باغلاپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ لەشكەرلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ، نامەردلەرچە تەسلىم بولغان. بۇنىڭ بىلەن مىڭلىغان شېھىتلەرنىڭ ئىسسىق قانلىرىنى تۆكۈپ، مىڭ – بىر مۇشەققەتتە ئۇچتۇرپان تۇپراقلىرىنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرگەن «جىگدە يېغىلىقى» دىن ئىبارەت بۇ ئەركىنلىك كۈرىشى تەسلىمچىلىكنىڭ سەۋەبى بىلەن مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، تىراگېدىيەلىك ئاخىرلاشقان ئىكەن. لېكىن تارىختا ئاجايىپ كومېدىيەلىك ئىشلار بولىدىكەنكى، بۇنى بەزىدە ئادەم بالىسى ئويلاپ يېتەلمەيدۇ. يەنى مانجۇ لەشكەرلىرى ئالدى بىلەن تەسلىمچى خائىن سابىر بىلەن شاكىرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ، كاللىسىنى ئىپلاس تېنىدىن جۇدا قىلغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى خائىننىڭ ھاياتى شەرمەندىلەرچە ئاخىرلاشقان. بۇلارنىڭ تەسلىمچىلىك روھى تا ئەبەد ئىككىلا دۇنيادا لەنەتكە ئۇچرايدۇ. ئۇلاردىن كېيىن ئىنقىلابچى قوشۇننىڭ شىر يۈرەك قوماندانى ئەسمۇتۇللانى قەتلى قىلىنغان. تەسلىم بولۇشنى خالىماي ئاخىرغىچە ئۈزۈل – كېسىل جەڭ قىلىش تەرەپدارى بولغان ئەسمۇتۇللانىڭ ئۆلۈمى ئىككى دۇنيادا شەرەپكە مۇيەسسەر بولغان بولۇپ، باقى دۇنيادا مۇبارەك روھى جەننەتتىن ئورۇن ئالغان بولسا، پانى دۇنيادا قەھرىمانلىق ئىش -ئىزلىرىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا خاتىرىلىنىپ، ياد ئېتىلىپ، قەيسەر روھىنى ئۇيغۇر مىللىتى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ كەلمەكتە.
ئەل قىسسە، بۇ ئازادلىق كۈرىشىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچتىن بىرى ئەينى چاغدا قىرغىن قىلىنغان بولۇپ، ھاياتتا قالغان ئون مىڭدەك كىشى ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان، بۇ سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ يېرىمى يوللاردا ئاشلىقتىن، قەھرىتان سوغۇقلارنىڭ دەستىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. يۇرتلىرىدا قالغان ئايال ۋە ئۇششاق بالىلارنىڭ بېشىغا تېخىمۇ ئېغىر بالايى ئاپەت كەلگەن. مۇشۇنداق خەلقنىڭ بېشىغا بالايى ئاپەت ئۈست -ئۈستىلەپ كېلىۋاتقان چاغدا، تاغلاردا مۆكۈنۈپ يۈرگەن ئانار گۈل قايتا تەشكىللىنىپ ئۆز ئەتراپىدىكى ئالتە قىز بىلەن مانجۇ لەشكەرلىرىگە قارشى پارتىزانلىق جەڭ ئېلىپ بارغان.
ئانار گۈل ناھايىتى باتۇر قەلەمدىمۇ، ئەلەمدىمۇ يېتىشكەن قىز بولۇپ، ئۆزى ناھايىتى كېلىشكەن ھەم زېرەك قىز ئىكەن. ئامانۇللا بىلەن ئاز ۋاقىت بىرگە بولغان چاغلاردىكى ئۈمىدى، ياشلىق ئارزۇلىرى، كەلگۈسى ئۈچۈن تۈزىگەن پىلانلىرى يوشۇرۇنغان بىر جۈپ قارا كۆزلىرىدە ئىنتىقام ئوتى يالقۇنجاپ تۇراتتىكەن. بۇ باھادىر قىز بولسا ئۆزىگە سادىق بولغان سەپداشلىرىدىن غۇنچەقىز، زۆھرەگۈل، قەمبەرنىسا، گۈل ئايىم، ئەختەرنىسا، دىلبەرقىز قاتارلىق ئالتە قىز بىلەن بىرگە دۈشمەنگە تۇيۇقسىز زەربە بېرىپ، دۈشمەن چېرىكلىرىنىڭ يۈرىكىگە دەھشەتلىك قورقۇنچ سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە رىۋايەتكە ئايلانغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ لەشكەرلىرى ئارىسىدا ئانارگۈل (مايىمخان) توغرىسىدا «ئوق ئۆتمەيدىغان ئەۋلىيا قىز» دېگەن سۆز- چۆچەكلەر تارقالغان ئىكەن. باھادىر يەتتە قىزلىرىم ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ، قىلىچلىرىنى ئوينىتىپ، ھەيۋەت بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ لەشكەرلىرى ئارىسىغا بۆسۈپ كىرگەندە، قورقۇپ، ئۈركۈپ، ئۆڭى ئۆچۈپ كەتكەن چېرىكلەرنىڭ سەپلىرى بىردەمدىلا بۇزۇلۇپ، خۇددى قوتاندىن قاچقان چوشقىلاردەك چىقىراپ ھەرتەرەپكە پىتىرلاپ قېچىشاتتىكەن. ئەنە شۇ چاغلاردا يەتتە قىزلىرىمنىڭ ئۇچقۇر ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرىدىن چىققان سادالار تاغ باغرىدىكى سايلىقلارنى زىلزىلغا كەلتۈرۈۋېتەتتىكەن. شۇنداق قىلىپ بۇ گۈزەل ھەم جەسۇر يەتتە قىزلىرىمنىڭ پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئۈچ ئاي داۋام قىلغان ئىكەن.
ئاخىرى بۇ زەربىگە چىدىمىغان مىڭلىغان چىڭ سۇلالىسىنىڭ لەشكەرلىرى توپ – زەمبىرەكلەر بىلەن قوراللىنىپ، مۆلجەر تاغنى تونۇي قورشاۋغا ئالغان. ئەمما يەتتە قىزلىرىم قەتئىي تەسلىم بولماي، دۈشمەن بىلەن بولغا جەڭنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرغان. لېكىن مانجۇ قوشۇنىمۇ ئۆز نىيىتىدىن يانماي داۋاملىق مۇھاسىرىنى تارايتىپ ۋە ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ، يەتتە قىزلىرىمنىڭ ھەرىكەت پائالىيىتىنى چەكلىك بىر دائىر ئىچىگە ئەكىرىپ قويغان. ئاخىرى مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ كېتىشكە ئامالسىز قالغان يەتتە قىزلىرىم تىك تاغ چوققىلىرىغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە مەجبۇر بولغان. ئارقىدىن مىڭلىغان لەشكەرلەر تاققا قاراپ ياماشقان. ئۈزلۈكسىز ئۇرۇش قىلىپ قاتتىق چارچاپ، ھاردۇق يەتكەن يەتتە قىزلىرىم بولسا، بەدەنلىرىدىكى يارىلىرىنىڭ ئاغرىغىنىنىمۇ تۇيماي، پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ تاغلاردىكى قۇرام تاشلارنى، چاشقانلاردەك ئۆمىلەپ كېلىۋاتقان مىڭلىغان لەشكەرلەرنىڭ ئۈستىگە دۇمىلىتپ، يۈزلىگەن لەشكەرلەرنىڭ مىجىقىنى چىقىرىۋەتكەن ۋە يەتتە قىزلىرىمنىڭ كۈچلۈك تارتىلغان ئوقيا كىرەچلىرىدىن چىققان ئەڭ ئاخىرقى ئوقلىرى دۈشمەنلەرنىڭ يۈرىكىگە گاچ قىلىپ سانجىلىپ، ئۇلارنىڭ جانلىرىنى شۇ زامان تەنلىرىدىن جۇدا قىلغان. ئەمما تاغ باغرىدىكى لەشكەرلەر چەبدەسلىك بىلەن تاغ ئۈستىگە قاراپ كېتىۋاتقان يەتتە قىزلىرىمنىڭ نازۇك تەنلىرى ئۈستىگە زەمبىرەك ئوقلىرىنى ياغدۇرۇپ، تاغلاردىكى قۇرام تاشلار پاختىدەك توزۇتۇپ، ئەتراپنى يانار تاغدەك قىلىۋەتكەن ئىكەن. دەل شۇ چاغدا چىرايىدىن تاغ ئۈستىدىكى چولپاندەك نۇر تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان زۆھرەگۈل ئېغىر يارىلانغان.
غۈنچەقىز بىلەن دىلبەر سەپدىشىنى دەرھال يۆلەپ، قاپقارا بۇلۇتلار بىلەن ئىس – تۈتەك قاپلىغان تاغ چوققىسىغا قاراپ يامىشىپ ماڭغان. ئۆز غۇرۇرىنىڭ ئاياق ئاستى بولۇشىغا يول قويمىغان ۋىجداننى ۋە زۇلۇمغا بويۇن ئەگمەيدىغان ئىرادىنى ئۆزىگە مۇقەددەس دەپ بىلگەن، ناتىۋان يەتتە قىزلىرىم دۈشمەن بىلەن ھايات – ماماتلىق ئېلىشىشتا كىيىملىرى تىتىلىپ جۇل – جۇل بولۇپ كەتكەن ئىكەن. شۇ گۈزەل نازۇك بەدەنلىرى دۈشمەن تىغلىرىنىڭ زەربىسىدىن تىلىۋېتىلگەن بولۇپ، يارا ئېغىزلىرىدىن چىققان ئىسسىق قانلاردا ئىپپەتلىك پاك بەدەنلىرى نەملەنگەن ئىكەن. مۇقەددەس ئېتىقادنىڭ كۈچى بىلەن ھېچ قورقماي ئەپچىل ھەرىكەت قىلىپ، چېرىكلەرگە بار كۈچى بىلەن قارشى جەڭ قىلىۋاتقان باھادىر يەتتە قىزلىرىمنىڭ بۇ قەھرىمانلىقىنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرسەڭلار ئۇلارغا ئالەمچە ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايسىلەر. شۇ چاغدا قورقماس، شىر يۈرەك يەتتە قىزلىرىمنىڭ سۇمبۇل چاچلىرى چۇۋۇلغان، لەۋلىرى قۇرۇغان، نەپەسلىرى سىقىلغان، گۈزەل كۆزلىرى ھارغىنلىقتىن ئولتۇرۇشقان بولسىمۇ يەنىلا قەتئىي ئىرادىسىدىن يانماي، تەسلىمچىلىكنى نومۇس، ھۆرلۈكنى شەرەپ دەپ بىلىپ، جەسۇر، مەردانە قىياپەت بىلەن مۆلجەر تېغىنىڭ ئەڭ چوققىسىدا، قۇرام تاشلار بىلەن بوي تالىشىپ تىك تۇرغان ئىكەن. تاغ چوققىسىدا گۈرۈلدەپ ئەسكەن قاتتىق سوغۇق شامال ئۇلارنىڭ چۇۋۇلغان قۇندۇز چاچلىرىنى ئۇچۇرماقتا ئىكەن. بۇ سۇمبۇل چاچلار ئەلۋەتتە مۇھەببەت گۈلزارىنىڭ ئىشىكىنى ئەمدىلا چەككەن ئەمەسمىدى؟ ئۇ يۇمران چاچلار تېخى ئۆز سۆيگىنىنىڭ مېھرى بىلەن سىلىشىغا قانمىغان ئىدىغۇ! شۇ يالتىراق چاچلار تال – تال بولۇپ، بىر – بىرلەپ ئاخىرقى قېتىم ئۆز يارى بىلەن ۋىدالىشىۋاتقاندەك، پەرىشتە سۈپەتلىك يەتتە قىزلىرىمنىڭ قىزىل ئالمىدەك پاك يۈزلىرىنى، تىترەپ تۇرغان نېپىز لەۋلىرىنى تويماي ئارقا – ئارقىدىن سۆيمەكتە ئىكەن.
كۆك يۈزىدە دائىم پارلايدىغان قۇياشنىڭ پارقىراق يۈزىنى قاپلىغان قارا بۇلۇتلار بولسا، ھەسرەتلىك ۋىدالىشىش ياشلىرى بىلەن سۇمباتلىق يەتتە قىزلىرىمنىڭ يالتىراق چاچلىرىنى نەمدىگەن ئىكەن. دەل مۇشۇ چاغدا تۆۋەن تەرەپتىن چىقىۋاتقان يۈزلىگەن لەشكەرلەر، لەش پۇراپ كەتكەن سېسىق بەدەنلىرى بىلەن ئاخىرى ئېرىشكەن ئولجىغا قول سېلىش ئۈچۈن ياۋۇزلۇق بىلەن، يېقىنلاپ كېلىشكەن. لېكىن جەڭگىۋار يەتتە قىزلىرىم بۇ توخۇ يۈرەك ياللانما لەشكەرلەرنىڭ يۈرەكلىرىنى مۇجۇۋەتكەن بولغاچقا، ئالدىراپ قول سېلىشقا پېتىنالمىغان. ئۇيغۇرنىڭ باھادىر يەتتە قىزى پەلەك بىلەن زېمىننىڭ ئارىسىدا ئۆزلىرىنى چارىسىز، ئامالسىز، ئاجىز ھېس قىلىشقان. ئۇلار ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئانا يۇرتى ئەزىزانە ئۇچتۇرپاننىڭ گۈزەل بۇ مۇبارەك يۈزىگە مۆلجەر تېغىنىڭ چوققىسىدىن يەنە بىر قېتىم ئۈمىدلىرى سۇنغان ھالدا نەزەر تاشلىغان. لەشكەرلەر ئاستا – ئاستا سەۋرسىزلىك بىلەن قىستاپ كەلگەن. باھادىر يەتتە قىزلىرىم تاغ چوققىسىنىڭ لېۋىگە كېلىپ، تۆۋەندىكى چەكسىز قاراڭغۇلۇققا تولغان تېگى يوق ھاڭغا زەن سېلىپ قارىغان. بۇ ھاياتنىڭ گۈزەللىكلىرىدىن ھېچ بەھرىمەن بولالمىغان، ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلمىغان يەتتە قىزلىرىمنىڭ ئۈمىدسىز كۆزلىرى بىر- بىرلىرى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇچراشقان.
پۈتۈن تەبىئەت بۇ ئادالەتسىزلىكنى، بۇ زۇلۇمنى، بۇ نامەردلىكنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ كۈچلۈكلەر، قانخورلار ئالدىدا بېشىنى سېلىپ، چارىسىز تۇرغان. پەقەت يەتتە ئۇيغۇر قىزى، پەقەتلا مۇشۇ قەھرىمان يەتتە قىزلىرىم بۇ زۇلۇمغا، بۇ ئادالەتسىزلىككە باش ئەگمەي، يار لېۋىدە قەددىنى رۇسلاپ تىك تۇرغان. شۇدەمدە «ئەلۋىدا ئانا ۋەتەن! ئەلۋىدا ئۇيغۇر مىللىتىم«!دېگەن يەتتە خىل نازۇك ئاۋاز تاغ چوققىسىدا ياڭراپ، كۆككە كۆتۈرۈلۈپ، ئەرشىنى تىتىرىتىۋەتكەن. ئاندىن ئاستا تۆۋەنلەپ، پۈتۈن ئانا تۇپراقنىڭ يۈزىنى سىلىغان ۋە تۇپراق ئانا بۇلارغا گۇۋاھ بولۇش ئۈچۈن ۋەدە بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن تەڭلا يەتتە قىزلىرىمنىڭ نازۇك بەدىنى ھاڭغا شۇڭغۇغان. ئانا تۇپراق بىر سىلكىنىپ يەتتە قىزلىرىمنىڭ مۇبارەك پاك بەدىنى ئۆزىنىڭ ئىللىق ئانىلىق باغرىغا ئەبەدىي باسقان. پەرىزات سۈپەت يەتتە قىزلىرىمنىڭ قەھرىمانلىق روھى كۆككە كۆتۈرۈلۈپ، ئاندىن كۆكتىكى بۇلۇتلارغا قوشۇلۇپ، يامغۇر تامچىلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەن. شۇندىن مۇقەددەم ھەر بىر تامچە بىر سۆز، بىر رىۋايەت، بىر ئەپسانە، بىر داستان بولۇپ، تا بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي روھىنى پاكلاپ ۋە كۆكەرتىپ، ياشنىتىپ كەلمەكتە.
مانا بۇ ئۇيغۇر تارىخىدىكى باھادىر يەتتە قىزلىرىمنىڭ روھى. مانا بۇ ئادالەتنىڭ يۈزىنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ روھى! مانا بۇ مىللىتىمىزنىڭ كۆزىدىكى ئۈمىدلىرىنى، ئارزۇ – ئارمانلىرىنى يۇلۇپ ئالغان زالىملارغا قارشى كۈرەشتە ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ روھى! بۇ قەھرىمان يەتتە قىزلىرىمنىڭ ئىش – ئىزلىرى، ھېكايىلىرى بولسا مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان قەھرىمان ئۇيغۇر ئوغۇل قىزلىرىنىڭ ھېكايىلىرىنىڭ پەقەت بىر قىسمى. يەنە تېخى بىز بىلمەيدىغان، بىزگە تېخى يېتىپ كەلمىگەن كۈرمىڭلىغان ئوغۇل – قىزلىرىمىزنىڭ قەھرىمانلىق ئىش – ئىزلىرى ئەسىرلەردىن بۇيان تەكلىماكان قۇملۇقلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتماقتا. ئەمما شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى ئاشۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەھرىمانلىق روھى ھامان بىر كۈنى بىزنىڭ روھىمىزدا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ، بىزنىڭ مىللىي روھىمىزنى قايتا تىرىلدۈرىدۇ ! تارىخ بولسا ھاياتنىڭ ئەينىكى، تارىخ ئەۋلادلارنىڭ ئۇستازى. تارىختىكى قەھرىمانلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئەسلەپ تۇرۇش بولسا داۋاملىق قىلىنغان ئىبادەتكە ئوخشايدۇ. چۈنكى تارىخ ئىنساننىڭ تەپەككۇرگە باشلاپ، روھىنى پاكلايدۇ، ئىنسان روھىنىڭ كىرلىشىپ كېتىشتىن ساقلايدۇ. خەلقىمىز تارىختا ئۆتكەن ئەنە شۇ باھادىر يەتتە قىزلىرىمنى ئەسلەپ، مەدھىيەلەپ مۇنداق قوشاقلار قاتقان:
ئەل- يۇرت ئۈچۈن سەن ئەمەس،
نان بېرىدۇ خۇدامۇ.
يەتتە قىزغا ئۆكسۈمەس،
خەلقىمىزدىن دۇئامۇ.
يەتتە دېگەن ساناقنى،
مىليون بارماق سانايدۇ.
ھەر ساناقتا يەتتە قىز،
بارماقلاردىن مارايدۇ.
ئۆلگەن ئەمەس يەتتە قىز،
يەتتە مىڭ بولۇپ تارالغان.
يەتتە قىزنىڭ قېنىدىن،
نۇرغۇن پالۋان يارالغان.
جانان بولار يەتتە قىز،
يەتتە مۇشتنى ئاتقاندا.
جازا بەرسۇن خۇدايىم،
يەتتە قىزنى ساتقانغا!
(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)