مەسئۇت ئەپەندى (36)
ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت
مەسئۇت ئەپەندى ئالدىدىكى سىركايىنى قولىغا ئېلىپ، سىنچاينى بىر ئوتلىۋالغاندىن كېيىن، كاللىسىدىن ئۆتكۈزگەن دەريا بويىدىكى ئاشۇ ۋەقەلەرنىڭ جەريانىنى ۋە ئاشۇ كۈندىكى ئاجايىباتلارنى ھەم قىسقا ھەم مېغىزلىق قىلىپ، شۇنچىلىك ئوبرازلىق ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلەپ بەردىكى، خۇددى ئابدۇمۇتائالى خەلىپە شۇ سورۇندا ئۆزىنى باردەك ھېس قىلىپ قالغان ئىدى.
دەرۋەقە، مەسئۇت ئەپەندىنىڭ كۆرسەتكەن پىداكارلىقى، جۈرئەتكارلىقى، سەمىمىيەتلىكى ھەرقانداق ئادەمنى تەسىرلەندۈرمەي قالمايتتى. بولۇپمۇ سورۇن ئەھلىنى قايىل قىلىش ئۈچۈن سۆزلىگەن تارىخىي ھېكايىلىرىنىڭ شىددەتلىك ئېقىمى، ئۇنىڭ يۈرەك تومۇرلىرىدىكى قاننىڭ ئېقىمىغا تەققاس ئىدى. شۇ ۋەجىدىن، بۇنداق جىددىي ۋەقەگە نىسبەتەن ئابدۇمۇتائالى خەلىپە ئۆز كۆزقاراشلىرىنى بايان قىلماي تۇرالمىدى ۋە مۇنداق دېدى: «مۇشۇ زاماندا تۇرۇپ خەلقنىڭ جاھىلىيەت ئىچىدە قىلىپ، تەشكىللەنگەن ئاساستا ئەنە شۇنداق پائالىيەتلەرنى قىلىشى ۋە بۇنداق جاھىلىيەت تۈسىنى ئالغان پائالىيەتلەرگە شۇ قەدەر ھېرىسمەن بولۇشى ۋە ئۇنىڭدىن زوقلىنىپ، خۇشاللىنىشى شۇ ئاۋام – خەلقنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى روشەن رەۋىشتە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنداقتىمۇ بىز ھەرگىز ئۈمىدىمىزنى ئۈزمەيمىز. ئۆزىمىز توغرا دەپ چىققان يولدىن يانمايمىز. توغرا يولدا ماڭغانلارنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتى ھېچبىر زامان تۈگەپ قالغان ئەمەس. بۇ يولدا ماڭغانلار ئۆلۈپ كەتسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىزلىرى ھەرگىز ئۆچمەيدۇ. ئەركىنلىك. ھۆرلۈك ۋە ئۇسۇلى جەدىدچىلىك ئۈچۈن ئاتلانغان ھەركىمنىڭ كۈچى قۇللۇققا مايىل بولغان مىڭلارچە سۈكۈتتە ئولتۇرغانلارنىڭ كۈچىدىن قۇدرەتلىكتۇر.
بۇ مىللەتنىڭ ھازىرقى ھالى بىر ئۇچۇم ئادەتتىكى پۇرسەت پەرەزلەر ئۈچۈن ئەڭ سەلتەنەتلىك دەۋرنى ھازىرلاپ بەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادىلبەگدەكلەر ئۆزلىرىنى بىلىمدان چاغلاپ، ئۆزىدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسىنى ‹دەرياغا ئاپىرىپ سۇغارماي ئەكەلگىنى بولىدۇ› دەپ ئويلاپ، ئۇدۇل كەلگەن يەردە ئات چاپتۇرۇپ يۈرۈيدۇ ۋە ئەلنىڭ بېشىدا ياڭاق چېقىپ ئۆتىمەن دەپ خام خىيال قىلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئىنسانلار ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى خوش ئېتىش ئۈچۈن ۋە ئۆز مەنپەئەتى، ئابرۇيى ئۈچۈن ھەرقانداق رەزىللىكنى قىلىشتىن يانمايدۇ. ئەمما، ئۇلار ئۆزىگە ھامان قارشى چىقىدىغان سىزدەك جۈرئەتكار ئىنسانلارنىڭ بولۇشىدىن ئۆلگۈدەك قورقىدۇ. ھەمدە باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىشنى ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە، ئەركىنلىكىگە زىيان سالىدىغان ئىشنى ھېچبىر زامان ئىستىمەيدىغانلىقىمىزنى ۋە ئۆزىمىز ئۈچۈن باشقىلارغا زۇلۇم قىلمايدىغانلىقىمىزنىمۇ بىلىدۇ. بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا ھەقىقەتنىڭ بىز تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنى كۆزدىن يوق قىلىش ئۈچۈن پەيت كۈتۈۋاتىدۇ، سەۋر قىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ سىزنى يوقىتىش ئۈچۈن چوقۇم ئەپچىل چارىلەر ئۈستىدە ئويلىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بايلىق، ھوقۇق، ئابرۇي ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەسەت، قىزغانچۇقلۇق، تۈگىمەس – پۈتمەس بەسلىشىشلەر ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىنى چىرمىۋالغان بولۇپ، ئۇلار بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئورنىغا، ئاشۇ ئىللەتلەرنىڭ قۇلى بولۇپ، شۇ ئىللەتلەرنىڭ بويۇنتۇرۇقى بىلەن ئەتراپتىكى ئىلغار پىكىردىكى زىيالىيلارنى كۆزدىن يوقىتىشنى مۇتلەق ئويلايدۇ. بىراق بۇ تۇيغۇسىزلىقنىڭ، بىلىمسىزلىكنىڭ، قابىلىيەتسىزلىكنىڭ، تەييارغا ھەييار بولۇشنىڭ بەدىلىنى ھامان ئۆتەيدۇ.
ھەقىقىي ئىنسان بولماق ھەقىقەتەن قىيىن بىر سەنئەت. توغرا سۆزلەش، توغرا پائالىيەت قىلىش، توغرا يولدا مېڭىش، ياخشىلىق قىلىش ۋە باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە مۇيەسسەر بولۇش، مەرھەمەتلىك، ۋىجدانلىق بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنسان بولۇشنىڭ شەرتلىرى. يەنە ئەڭ مۇھىم بىر شەرت شۇكى، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنى بىلىش، ھەددىدىن ئاشماسلىقتۇر. بىز دۈشمەنلىرىمىزگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەندە، ئۇلار قوللانغان ئۇسۇل بويىچە قارشى تۇرمايمىز. ئەگەر شۇنداق قىلىدىغان بولساق ئۆز ۋىجدانىمىزغا يۈز كېلەلمەي قالىمىز. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۇسۇللىرى شۇنچىلىك قەبىھ، شۇنچىلىك رەزىلكى، بۇنداق ئۇسۇل پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىغا خىلاپ ۋە دۈشمەندۇر. جانابى ھەق بىزگە ئىككى كۆز بەرگەن، ھەقىقەتنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئىككى قۇلاق بەرگەن خەلقنىڭ ئاھ – زارلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى بىزگە ئەقىل بەرگەن، تەپەككۇر قىلىپ، ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن. دەرۋەقە، بۇ ھايات بەكمۇ قىسقا. ۋەھالەنكى، ئىنسانلار بۇ قىسقا ھاياتنى قەدىرلىمەي ۋە ھېچقانداق بىر ياخشى ئىش قىلماي تۇرۇپلا ئۆلۈپ كېتىدۇ. بەزىلەر تېخى بۇ دۇنيادا ھېچ ياشىمىغاندەك ئۆتۈپ كېتىدۇ. يەنە بەزىلەر شۇنچە ياخشى ئىشلارنى قىلىپ تۇرۇپ، ھېچقانداق بىر ياخشى ئىش قىلمىغانلىقىدىن زارلىنىدۇ. مەسىلەن خوجا ئەھمەد يەسەۋىمۇ بۇ ھاياتتا ھېچقانداق بىر ياخشى ئىشنى قىلالمىغانلىقىدىن زارلىنىپ مۇنداق ئېيتقان ئىكەن:
كۆزۈم يۇمۇپ تا ئاچقۇچە يەتتى ئاتمىش،
بىلىم باغلاپ مەن قىلمىدىم بىر ياخشى ئىش.
مەن بولسام مۇشۇ داۋالغۇپ تۇرىدىغان دەۋرگە قاراپ مۇنداق خىتاب قىلىمەن:
قەدىردانىڭ بولمىسا،
قەدىر بىلمەس ھېچ كىشى.
قەدىر بىلمەس كىشىنىڭ،
سېنىڭ بىلەن نېمە ئىشى.
يىغىپ ئېيتسام ئۇكام مەسئۇت قىلىدىغان ئىشلىرىمىز تېخى ئالدىمىزدا. بۇندىن كېيىن ماڭىدىغان يولىمىزنىڭ تېخىمۇ مۇشەققەتلىك ۋە خەتەرلىك ئىكەنلىكى ئاشۇ نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياشتەك روشەن ئايان بولۇپ تۇرماقتا.«
بۇ چاغدا قىرائەتخانىغا ھويلىدىكى ئالما شاخلىرىدا تۇرۇپ قالغان قارلاردىن جىلۋىلەنگەن قىش قۇياشىنىڭ رەڭلىك نۇرلىرى چۈشۈپ تۇراتتى، دېرىزىدىن ئۇدۇل چۈشۈۋاتقان يالتىراق نۇر سىزىقچىلىرى كىتاب جازىسىدىكى خىلمۇخىل كىتابلارنى، راھىلە ئۈستىدىكى قۇرئان كەرىمنى، شىرە ئۈستىگە سېلىنغان داستىخاننىڭ رېشىليەلىرىنى، مەخمەل كۆرپىنىڭ چۆرىلىرىگە ئېلىنغان زەدىۋاللارنى يالتىرىتىۋەتكەن ئىدى. مەسئۇت ئەپەندى ئەمدى ۋاقىتنىڭمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىنى، چۈشتىن كېيىن ئۆيىدە مۇھىم ئۇچرىشىشلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ قايتىشقا تەرەددۇت قىلدى. ئابدۇمۇتائالى خەلىپەنىڭ شۇنچە زورلاشلىرىغا، لايىقىدا جاۋاب بېرىپ، ئۆيدىن خوشلىشىپ چىقتى.
مەسئۇت ئەپەندى بۈگۈنكى سۆھبەتتىن ناھايىتى مەمنۇن بولغان ئىدى، بولۇپمۇ ئۇستازىنىڭ قىممەتلىك پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ قالغان ئىدى. ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يېتىپ، ئىچىدە ياخشىلىق ۋە ئۈمىدنىڭ ئۇرۇقلىرى تېخىمۇ بىخلىنىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇ ياخشى ئىنسان بولۇشنى ئەمەس، بەلكى ئاكتىپ ياخشىلاردىن بولۇشقا تىرىشاتتى ۋە بۇنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى دەپ بىلەتتى. ھەققى ئاكتىپ ياخشىلار بولسا، كۆپ ئادەملەر قىممەت بېرىپ كېلىۋاتقان ۋە ئۆزىنىڭ ئەزىز تەنلىرىنى، مۇقەددەس روھلىرىنى قۇللۇققا مەجبۇرلاۋاتقان ئاشۇ راھەت – پاراغەتكە، باياشاتلىققا، ئەيشى – ئىشرەتكە، مەرتىۋە – مەنسەپلەرگە، قىيا – چىيا ۋە گۈلدۈر – قاراس چاۋاكلارغا، لاك سۈركەلگەن لەۋلەرگە، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كىيىم – كېچەكلەرگە، ھەشەمەتلىك داچىلار قاتارلىق ماددىي ھەۋەسلەرگە پىسەنت قىلمايدىغان بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇلار ئەڭ كىچىك بىر قىممىتىمۇ يوق ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بىر ئادەم قانچىلىك بىلىملىك بولسا بولسۇن، ھايات قارىشى، كىشىلىك مۇناسىۋىتى، ئىجتىمائىي ئورنى ئاشۇ قورساقتىكى بىلىمگە تۇشلۇق بولمىسا ۋە ئۆزىنىڭ ئىش- ھەرىكەتلىرىمۇ ئاشۇ بىلىمگە يارىشى ئاكتىپ بولمىسا، ئۇ ئادەمنىڭ ئادەتتىكى بىرسىدىن ھېچقانداق پەرقى بولمايدۇ.
مەسئۇت ئەپەندى ئابدۇمۇتائالى خەلىپەنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلىپ كوچىغا چىققاندا كۈن تىك ئۆرلىگەن ئىدى، ئاسماندا قۇياشتىن باشقا ھېچنېمە يوق بولۇپ، خۇددى ئايدۆڭ مەھەللىسىنىڭ چېۋەر ئاياللىرى سىنكىدە بويۇۋەتكەندەك كۆپكۆك ئىدى. ئەتراپتىكى ئاپاق قارلار كۈن نۇرىدا چاقناپ، ئۇنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇۋەتكەن ئىدى. ئۇ پەيدەك يېنىك قەدەملەرنى ئېلىپ، ئابدۇمۇتائالى خەلىپەنىڭ دەرۋازىسىدىن ئۇزاپ كېتىۋاتقاندا مەھەللىدىكىلەر ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ، ئۈستىدىكى قارلارنى تازىلا پ بولغان ئىدى. دەرۋازىلارنىڭ گەرنىزلىرىدىن ساڭگىلاپ تۇرغان مۇزلار ئېرىپ ئاستا – ئاستا كىچىكلەۋاتاتتى، ئاق تېرەكلەرنىڭ شاخلىرىدىكى قارلار كاللەك – كاللەك بولۇپ يەرگە چۈشۈپ، پاختىدەك توزۇپ كېتىۋاتاتتى. نېرىدىكى دەرۋازىنىڭ سۇپىسىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغان بىر مۈشۈك ئۇچىسىنى ئېرىنچەكلىك بىلەن يالاۋاتاتتى. ئاۋۇ تەرەپتە بىرنەچچە قاغا قارنىڭ ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان بىرە پارچە يەيدىغان نەرسىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قالغانمۇ قانداق، قارنىڭ ئۈستىنى بىرلىرى كۈچەپ تاتىلىسا، يەنە بىرلىرى جانلىنىپ سەكرەشمەكتە ئىدى. يەنە بىر قاغا يول ياقىسىدىكى ئاق تېرەكنىڭ بىر تال قۇرۇق شېخىغا قونۇپ «قاق… قاق…» قىلىپ، مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئارقىسىدىن ئۇزۇتۇپ قالغان ئىدى.
توغرا، تەبىئەتتىكى ھەر پەسىلنىڭ، ھەر ئىقلىمنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزىگە تۇشلۇق خېرىدارى بار. باھار پەسلى بولسا بۇلبۇللارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى، رەڭگارەڭ گۈللەرنىڭ پورەكلىشى بىلەن ئۆز گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ، كىشىلەرگە ئېستېتىك زوق ئاتا قىلىدۇ. ۋەھالەنكى، قىش پەسىلى يۇقىرىقى گۈزەللىكلەردىن مەھرۇم قالغان، ئەمما بۇ پەسىلنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق پەيزى بولغاچقا، كەيپىنى قاغىلار سۈرىدۇ، قىشنىڭ سەلتەنىتى قاغىلارغا ئائىت، قاغىنىڭ قاقىلداشلىرى كۈچەيگەندە بۇلبۇلنىڭ يېقىملىق نىداسى پەسىيىدۇ ۋە ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ. قىشنىڭ جۇدۇنلىرىنىڭ ئالامەتلىرى، كۆڭۈلسىز ھادىسىلەر ئىنسانغا بىر ئېستېتىك زوق بەرمەيدۇ. ئەمما، قارنىڭ يېغىشىدا ئاجايىپ بىر ھېكمەت بار، ئۇنىڭ يېغىشى ئادەمنىڭ كۆڭلىدە باشقا بىر تۇيغۇنى پەيدا قىلىدۇ. بەجايىكى ئاپئاق قاناتلىرىنى ئۈستىمىزدە يېيىپ تۇرغان پەرىشتىدەك، تەبىئەتتىكى بارلىق پاسكىنچىلىقلارنىڭ ئۈستىنى ئاپئاق گەۋدىسى بىلەن ياپىدۇ. قار ھەقىقەتەن يېقىملىق، ھەقىقەتەن گۈزەل ۋە پاك. ئۇ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان باھارنىڭ خەۋەرچىسى، شۇنداقلا ئۈمىد مەكتىپىنىڭ پاك يۈزى.
(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)