ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدىكى رولى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر دېئاسپوراسىدىكى رولى توغرىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى 2024- يىلى 7- ئاينىڭ 13- كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن زىيالىي، تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە ئىجتىھاتلىق ياشلاردىن بولۇپ يۈزدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
تۈركىيە ئىستىقلال مارشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى بىلەن باشلانغان پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا دوكتور مەمتىمىن ئابباس ۋە دوكتور مەغپىرەت كامال رىياسەتچىلىك قىلدى.
مۇراسىمدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، ئاكادېمىيەنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، ئاكادېمىيە ۋەخپىنىڭ رەئىسى مەغپىرەت كامال ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئاكادېمىيەنىڭ 15 يىللىق خىزمەت مۇساپىسى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى سىنلىق بايان قىلىندى. باشقا تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە زىيالىيلار ئاكادېمىيەنىڭ، ياشلارنىڭ سىياسىي ئېڭىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ تەبرىك سۆزى قىلدى.
بۇ جەرياندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئېيسامۇ، ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى سىنلىق تەبرىكلىدى ۋە ئاكادېمىيەنىڭ دېئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مائارىپ، تەتقىقات ۋە ئانا تىل ئوقۇتۇش ساھەسىدىكى باشلامچىلىق رولىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
ئۇ سۆزىدە ئاكادېمىيەنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ۋە قۇرۇلتاينىڭ ئاكادېمىيەنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغانلىقىنى سۆزلەپ، ئەنگىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر سوتىنىڭ نەتىجىلىك بولىشىدا ئاكادېمىيەنىڭ ناھايىتى مۇھىم رول ئويىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوتسېنت ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە، ئاكادېمىيەنىڭ ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا زىيالىيلارنى تەشكىللەپ مۇھىم بىر بوشلۇقنى تولدۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ ئۆتمۈشنى ئەسلەپ بۇنىڭدىن 17 يىل مۇقەددەم ئابدۇلھەمىد قاراخاننىڭ زىيالىيلارنى تەشكىللەيدىغان، زىيالىيلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ مىللەت ئۈچۈن ئىش قىلىدىغان بىر تەشكىلاتنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم بىر تەۋسىيەنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى دەپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنى قۇرۇپ، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى، 15 يىلدىن بېرى تۈرلۈك قېيىنچىلىق ۋە تەھدىتلەرگە بويۇن ئەگمەي بۈگۈنلەرگە كەلگەنلىكىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلار تارىخىدا مۇھىم دەۋىر بۆلگۈچ بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كۆرىشىدە بىر مۇھىم بوشلۇقنى تولدۇرغانلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى ۋە «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دىئاسپورادا ئۇيغۇر زىيالىيلارنى تەشكىللەپ ئىنتايىن مۇھىم ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تېخىمۇ مۇھىم ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئۇيغۇر دەۋاسىدا، خىتاي چىقىپ كەتسۇن، دەپلا ۋارقىرىغان بىلەن خەلقئارا قانۇنلاردا ئىش ئاقمايدىكەن. ھەق- تەلەپلىرىمىز ۋە ئۇنى كۈچلەندۈرىدىغان تارىخىي ھەقىقەت ۋە باشقا ئارقا كۆرۈنۈشلەرنى ئىلمىي ئاساستا ئىسپاتلاپ چىقىشىمىز كېرەك ئىكەن. بۇ جەھەتلەردە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رولى چوڭ ۋە بۇندىن كېيىن تېخىمۇ مۇھىم ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.
ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسنېت ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى سۆز قىلدى، ئۇ سۆزىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 15-يىللىقىنى تەبرىكلەپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىلەن ئۆلىمالار بىرلىكىنى قۇشنىڭ ئىككى قانىتىغا ئوخشاش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەن-مائارىپ ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن بىرلىكتە ھەمكارلىق ئىچىدە خىزمەت قىلىشقا تېرىشىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىشىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مۇراسىمدا يەنە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۈچۈن تۆھپىسى پەۋقۇلاددە كۆرۈنەرلىك بولغان ئاكادېمىيەنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ۋە ئۇيغۇر سودىگەر ئەكبەر كرورەن تەقدىرنامە بىلەن مۇكاپاتلاندى. مۇكاپات بويۇمىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى رىشات ئابباس ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال تەقدىم ئەتتى.
ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېىشىت ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىشخانىسىغا گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر خەتتات ۋە رەسسام رىشىت ۋاھىت تەرىپىدىن سىزىلغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سىزما رەسىمىدىن بىر پارچە ھەدىيە قىلدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن مۇھاكىمە يىغىنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئۆتكۈزۈلدى.
«ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ھەققىدە مۇھاكىمە» ماۋزۇلۇق تۈنجى باسقۇچ يىغىندا دوكتور مەمتىمىن ئابباسنىڭ رىياسەتچىلىكى بىلەن دوكتور رىشات ئابباس، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، دوكتور مەغپىرەت كامال، ئابدۇلھەمىد قاراخان ۋە دوختۇر مەمەت ئىمىن دوكلات بەردى. دوكلات بەرگۈچىلەر يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى ۋە سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.
بۇ تارماق يىغىندا ئاكادېمىيەنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ۋە جەريانى، ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ئالدىدىكى بۇرچلىرى ۋە يەتمەكچى بولغان نىشانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاكادېمىيەنىڭ 15 يىللىق ئۆتمۈشىدا قىلىنغان ئىش- پائالىيەتلەر، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار ئەسلەپ ئۆتۈلدى ۋە ئاكادېمىيەنىڭ كۈنىمىزدىكى مەۋجۇت ئەھۋالىغا بىر قۇر قاراپ چىقىلدى. ئاكادېمىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىك تەرەپلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلۈپ، قانداق پۇرسەت يارىتىش ۋە قىيىنچىلىقلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە سۋوت ئانالىزى ئېلىپ بېرىلدى.
مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى بولغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تارماق ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلىرىنى كۈچلەندۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىق مىخانىزىمى ھەققىدە مۇزاكىرە» يىغىنى ئابدۇلھەمىد قاراخاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى.
ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر، خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن، ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى مۇدىرى دوتسېنت راھىلە قەشقىرى، شىۋىتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى بەختىنۇر خانىم ۋە ئاكادېمىيە باش تەپتىشى دوختۇر مەمەت ئىمىن قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ۋە تەشكىلات ۋەكىللىرى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تارماق ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلىرى، ئىنىستىتۇت ۋە كومىتېتلارنىڭ رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇش ۋە تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىق مىخانىزمىنى چىڭىتىش ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە يىغىن قاتناشقۇچىلارنىڭ تەكلىپ- پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ، سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىلدى.
دوتسېنت راھىلە قەشقىرى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈشتە ئانا تىل كومىتېتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، «بۇرۇنلاردىن ئادەم يېتىشمەسلىك، تەجرىبە كەمچىللىك سەۋەبىدىن قىلىنمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ھازىر قىلالايدىغان بولدۇق. بەش قىسىملىق يۈرۈشلەشكەن «ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى دەرسلىك كىتابلىرى» تۈزۈپ چىقىلدى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ زېھنىمىزنى بۇ ساھەگە تېخىمۇ بەكرەك مەركەزلەشتۈرسەك بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز» دېدى.
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت ئۆمەر قۇل، تۈركىيەدە رەسمىي ئورگانلارنىڭ ئەڭ كۆپ سورىغان سۇئاللىرىدىن بىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇسى ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ توغرىلىق بىرلىككە كەلگەن قاراش يوق ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەقتە ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە رەسمىي ئورگانلار تەلەپ قىلمىسىمۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇلارغا ئايدا بىرەر قېتىم ۋەزىيەت ھەققىدە يېڭى مەلۇمات ۋە دوكلات سۇنۇپ تۇرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
گېرمانىيە ئانا تىل مەكتىپىنىڭ مۇدىرى پەرىدەم خانىم، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپدىن تەشكىللەنگەن ياشلارنى تەربىيەلەش پائالىيتىنىڭ تەسىرىنىڭ ئىزچىللىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، بىرىنچى قارارغا قاتناشقان ياشلارنىڭ بىر يىل ئىچىدە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە ياشلارغا قارىتا نىمە قىلغانلىقلىرىنى سورىدى. بۇنىڭغا جاۋابەن مەغپىرەت كامال، بىرىنچى قارار تەربىيەلەش پائالىيىتىنىڭ ناھايىتى نەتىجىلىك بولغانلىقىنى، قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ «بىرىنچى قارارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، بەزىلىرى ئۇيغۇرچە بىلمەيتتى ياكى ياخشى سۆزلىيەلمەيتتى. پائالىيەت داۋامىدا ئۆگەندى، ئۇيغۇرچىنى خېلى راۋان سۆزلەيدىغان ۋە ئوقۇيدىغان بولدى. ئۇلار ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئانا تىل ۋە مەدەنىيەتنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىنتايىن ياخشى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ» دېدى. بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن ئىككىسى ئۇيغۇر مىللىي كۆرەش سېپىگە قوشۇلۇپ پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتتى.
تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەققىدە دوختۇر مەمەت ئىمىن، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ۋە باشقا سۆز قىلغۇچىلار ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئەسلىدە رىقابەتچى سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى تولۇقلاش ئاساسىدا پائالىيەت يۈرگۈزسە ھەمكارلىققا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر ئويۇشمىسى رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم ۋە باشقا سۆز قىلغۇچىلار، ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ ئوخشاش پائالىيەتلەرنى تەكرارلاۋەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى، ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە ئارتۇقچىلىقى دائىرىسىدە پائالىيەت يۈرگۈزۈش ۋە كەسىپلىشىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تەشكىلات رەھبەرلىرى ئۆزئارا قەرەللىك ھالدا ھەرخىل يىغىن ۋە پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشنىڭ تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يىغىن ناھايىتى يۇقىرى كەيپىياتتا داۋاملاشتى ۋە يىغىن قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاكادېمىيەنىڭ 15 يىللىقىنى يۈرەكتىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئۇلۇغ دەۋىر بۆلگۈچ ئىشلارنى رۈياپقا چىقىرىشى ئۈچۈن ياخشى تىلەكلەرنى تىلەش بىلەن ئاخىرلاشتى.