You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىگە رەئىس بولۇپ سايلاندى

ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىگە رەئىس بولۇپ سايلاندى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ھەيئەت ئەزالىرى ئىستانبۇلدا پەۋقۇلاددە يىغىن چاقىرىپ مەزكۇر ۋەخپىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسىنى سايلاپ چىقتى. سايلامدا ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىگە رەئىس بولۇپ سايلاندى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىى ۋەخپىنىڭ نىزامنامىسىگە ئاساسەن، ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامالنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپە مۇددىتى توشقانلى ئۈچۈن 2024-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىستانبۇلدىكى ۋەخپە ئىشخانىسىدا مەزكۇر ۋەخپىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسىنى سايلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

سايلام يىغىنىغا، ۋەخپىنىڭ تۈركىيەدىكى ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى تولۇق قاتناشتى. ۋەخپە نىزامنامىسىگە ئاساسەن يۇشۇرۇن ئاۋاز بىلەن دېموگراتىك شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان سايلامغا ئاكادېمىيە ۋەخپى باش تەپتىشى دوكتور ئابلەت ئۇيغار ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىنغا يەنە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى تونۇلغان تىببىي دورا تەتقىقات ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى، ئاكادېمىيە باش مەسلىھەتچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، ئاكادېمىيە باش تەپتىشى دوختور مەمەت ئېمىن ئەپەندى، خىتاي تەتقىقاتى ئېنستىتۇتى مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى تارماقلىرىنىڭ رەئىسىلىرى تور ئارقىلىق قاتناشتى.

ئاكادېمىيە رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ئېچىلىش سۆزىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ ئاكادېمىيە ۋەخپى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيىتتى.

ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى رەئىس نامىزاتلىق سۆزىدە، ۋەزىپە مۇددىتى ئىچىدە ۋەقىپنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى ھەر جەھەتتىن تەربىيەلەش خىزمىتى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسۋەتلىك تەشۋىقات ۋە تەرجىمە خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەممىسى بىلەن يېقىندىن ئالاقە تورى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دېمۇگراتىك ۋە ئادىل ئۇسۇلدا، يۇشۇرۇن بىلەت تاشلاش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا، ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى ۋەقىپ ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ ئاۋازى بىلەن رەئىسلىككە سايلاندى.

ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىى ۋەخپىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋەخپىنىڭ يېڭى تەشكىلى قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى، ھەر قايسى بۆلۈملەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ كونكرىت ۋەزىپىلىرىنى كۆپچىلىككە سۇندى ۋە ھەيئەت ئەزالارنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى.

سايلام ئاخىرىدا، ئاكادېمىيە رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، ئاكادېمىيە ئالىي مەسلىھەتچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ۋە ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم باشچىلىقىدىكى يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندىنى يېڭى رەئىسلىك ۋەزىپىسى ئۈچۈن تەبرىكلىدى ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى ئىچىدە قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەشتى.

ئاخىرىدا يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئارىسىدا ئىختىيارى سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ تۈركىيەدىكى رولىنىڭ تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىلىشى ئۈچۈن، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە پىكىر ۋە تەۋسىيەلىرىنى ئوتتورىغا قويدى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top