You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئامېرىكا پارلامېنتى تەرىپىدىن ماقۇللانغان 2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى

ئامېرىكا پارلامېنتى تەرىپىدىن ماقۇللانغان 2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى

ئامېرىكا پارلامېنتى تەرىپىدىن ماقۇللانغان 2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى

2020 -يىلى 17-ئىيۇن

قانۇن: 116–145

116-نۆۋەتلىك پارلامېنت

ئىنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەت بۇغرا

تەھرىر: ئابدۇلھەمىد قاراخان

مەزكۇر قانۇن ئۇيغۇر رايۇنىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەش ھەمدە خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى بۇ مىللەت كىشىلەرىنى قالايمىقان تۇتۇپ تۇرۇش، قىيناش ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىشنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن چىقىرىلدى.

ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى پارلامېنتىدا كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللاندى.

بىرىنچى ماددا: قىسقىچە نامى، ئىچىدىكى مەزمۇنلار

ئا) قىسقارتىلغان نامى – بۇ قانۇن «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» دەپ ئاتالسا بولىدۇ.

ب) ئىچىدىكى مەزمۇنلار-ئىچىدىكى مەزمۇنلار تۆۋەندىكىدەك:

1-ماددا: قىسقارتىلغان نامى؛ مەزمۇنلار جەدۋىلى

2-ماددا: مەقسەت بايانى

3-ماددا: ئېنىقلىمىلار

4-ماددا: پارلامېنتنىڭ پىكرى

5-ماددا: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قاراتقان سىياسەت بايانىنى يېڭىلاش

6-ماددا: جازا يۈرگۈزۈش

7-ماددا: ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەخلى-تەرۇزلىرى ھەققىدە دوكلات

8-ماددا: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پۇقرالىرى ۋە ئاھالىلىرىنى تەھدىت ۋە مەجبۇرلاشتىن قوغداش ھەققىدە دوكلات

9-ماددا: خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ  ئۇيغۇر  رايونىدىكى باستۇرۇشلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي تەسىرى ھەققىدە دوكلات

10-ماددا: مەخپىي دوكلات

2-ماددا: مەقسەت بايانى

بۇ قانۇننىڭ مەقسىتى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەت گۇرۇپپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق سادىر قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەخلى-تەرۇزلىرى ۋە خورلاشلىرىنى، جۈملىدىن ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەخلى-تەرۇزلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىمكانلىرىنى يېتەكلەشتۇر.

3-ماددا: ئېنىقلىمىلار

پارلامېنت تۆۋەندىكىلەرنى ئېنىقلاپ چىقتى: (1) خىتاي  ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر   رايونىدىكى تۈركىي مۇسۇلمانلارنى ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت گۇرۇپپىلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. يېقىنقى ئون يىللاردىن بۇيان، خىتاي مەركىزىي ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت سىياسەتلىرى بۇ ئاز سانلىق مىللەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ پىكىر بايان قىلىش، دىنىي ئېتىقاد ۋە يۆتكىلىش ئەركىنلىكى، شۇنداقلا ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقى قاتارلىق بىر يۈرۈش خەلق ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنى رەت قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا سىستېمىلىق كەمسىتىش يۈرگۈزدى.

(2) 2014-يىلى مايدا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى «زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى باشلىدى، ئۇلار كەڭ كۆلەملىك، خەلقئارا بىلەن باغلىنىشلىق تېررورلۇق تەھدىتىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەت جەمئىيەتلىرى ئەزالىرىغا قارىتىلغان ئومۇميۈزلۈك چەكلىمىلەرنى ۋە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەخلى-تەرۇزلىرىنى ئاقلىدى. 2016-يىلى ئاۋغۇستتا سابىق تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلىنىشى پۈتكۈل رايون بويىچە باستۇرۇشنى تېزلەتتى.  ئالىملار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، مۇخبىرلار ۋە ئەقىل ئامبارلىرى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنى قۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىدى. 2014-يىلىدىن باشلاپ، خىتاي  ھۆكۈمىتى بۇ لاگېرلاردا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت گۇرۇپپىلىرى ئەزالىرىنى تۇتۇپ تۇردى.   ئۇيغۇر  رايونىنىڭ ئومۇمىي ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى 2010-يىلى ئېلىپ بارغان ئەڭ ئاخىرقى نوپۇس تەكشۈرۈش ۋاقتىدا تەخمىنەن 13,000,000 ئىدى.

(3) خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەت ئەزالىرىغا قاراتقان ھەرىكەتلىرى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرى ۋە نورمىلىرىغا خىلاپ،بۇ نورمىلار:

ئا) خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قوشۇلغان «بارلىق شەكىلدىكى ئىرقى كەمسىتىشنى تۈگىتىش ئەھدىنامىسى

ب) خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىمزا قويغان ۋە تەستىقلىغان «قىيناشقا ۋە باشقا ۋەھشىيانە ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ياكى كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمەتنى ئاياغ-ئاستى قىلىدىغان مۇئامىلە ياكى جازاغا قارشى ئەھدىنامە»؛

س) خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىمزا قويغان «خەلقئارا خەلق ۋە سىياسىي ھوقۇق ئەھدىنامىسى»؛ ۋە (D)

د) « ئومۇمىيۈزلۈك كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى».

(4) خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، جۈملىدىن رايوندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلغۇچى ئۇيغۇر رايونى پارتىيە سېكرېتارى چېن چۈەنگو ۋە رايوندا يولغا قويۇلغان نۇرغۇن سىياسەتلەرنى تۈزگەن سابىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مۇئاۋىن سېكرېتارى جۇ خەيلۈن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەخلى-تەرۇزلىرى ئۈچۈن بىۋاسىتە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ خورلاشلار بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەت ئەزالىرىنى قالايمىقان تۇتۇپ تۇرۇش، ئەمگەك كۈچى يېشىدىكى چوڭلارنى بالىلار ۋە قېرىلاردىن ئايرىۋېتىش ھەمدە تەمىنلەش زەنجىرىگە مەجبۇرىي ئەمگەكنى سىڭدۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

(5) ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلغانلار مەجبۇرىي سىياسىي مېڭە يۇيۇش، قىيناش، كالتاكلاش، ئوزۇقلۇقتىن مەھرۇم قالدۇرۇش ۋە دىنىي، مەدەنىيەت ۋە تىل ئەركىنلىكلىرىنىڭ رەت قىلىنىشىنى تەسۋىرلەپ بەردى. بۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ساقچىلارنىڭ ئۇلارغا قويۇپ بېرىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى يېتەرلىك سىياسىي ساداقەتنى نامايان قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى دەلىللىدى. بۇ ئەسلىھەلەردىكى ناچار شارائىت ۋە داۋالاشنىڭ كەمچىل بولۇشى بەزى تۇتقۇنلارنىڭ، جۈملىدىن قېرىلار ۋە ئاجىزلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقى ئىنىق.

(6) باشقا دۆلەتلەردە دائىمىي تۇرۇشلۇق سالاھىيەتكە ياكى پۇقرالىققا ئېرىشكەن ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تەھدىتىگە ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ كەم دېگەندە 5 مۇخبىرى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ خورلاش سىياسەتلىرىنى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۇچرىغان خورلاشلىرىنى ئاشكارا تەپسىلىي بايان قىلدى.

(7) 2018-يىلى سېنتەبىردە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت ئالىي كومىسسار بولۇش سۈپىتى بىلەن سۆزلىگەن تۇنجى نۇتقىدا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە قالايمىقان تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا ئائىت كىشىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدىغان ئەيىبلەشلەر»نى تىلغا ئالدى.

(8) 2019-يىلى، ئامېرىكا پارلامېنتى ۋە ئىجرائىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى قولدىكى پاكىتلارغا ئاساسەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇ يەردە سادىر قىلىنغان قىلمىشلارنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا خۇلاسە چىقاردى.

(9) 2018-يىلى 31-دېكابىردا، پىرېزىدېنت دونالد ج. ترامپ «2018-يىللىق ئاسىيا كاپالىتى تەشەببۇسى قانۇنى» (ئاممىۋى قانۇن 115–409) نى ئىمزالاپ قانۇنغا ئايلاندۇردى، ئۇنىڭدا:

ئا)  خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «مەجبۇرىي غايىب قىلىشلىرى، قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇشلىرى، دەخلى-تەرۇز خاراكتېرلىك ۋە ھەممە يەردە بار بولغان نازارەت قىلىشلىرى ھەمدە ئەدلىيەلىك جەريانلاردا مۇۋاپىق تەرتىپنىڭ كەمچىل بولۇشى» ئەيىبلىنىدۇ؛

ب) خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مەبلەغ ئاجرىتىش ھوقۇقى بېرىلىدۇ؛ ھەمدە

س) 1. كىشىلىك ھوقۇققا ياكى دىنىي ئەركىنلىككە خىلاپلىق قىلغان؛ ياكى 2. كۈزىتىش – پايلاش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسكە جازا تەدبىرلىرىنى قوللىنىشنى قوللايدۇ.

 4-ماددا: پارلامېنتنىڭ پىكرى   

پارلامېنتنىڭ پىكرىچە— (1) پىرېزىدېنت  ئا) خىتاي جۇمھۇرىيىتى دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلار، باشقا مۇسۇلمان مىللەت ئەزالىرى ۋە باشقا شەخسلەرگە قاراتقان خورلاشلىرىنى ئەيىبلىشى كېرەك؛ ھەمدە ب)  بۇنداق دائىرىلەرنى دەرھال تۆۋەندىكىلەرنى قىلىشقا چاقىرىشى كېرەك:

1. تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنى تاقاش؛ 2. كىشىلىك ھوقۇققا قويۇلغان بارلىق چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ ھەمدە 3.  خىتاي   ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ خىتاي  سىرتىدىكى يېقىنلىرى، دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى بىلەن قايتىدىن ئالاقە باغلىشىغا يول قويۇش؛

(2) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 1998-يىللىق «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى» (ئامېرىكا قانۇنلىرى توپلىمى 22-توم 6401-ماددا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەر) بويىچە، دىنىي ئەركىنلىككە ئالاھىدە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى بىۋاسىتە بىر تەرەپ قىلىدىغان جازا تەدبىرلىرى ۋە باشقا قوراللارنى، جۈملىدىن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى مەزكۇر قانۇننىڭ 402 (b)(1)(A)(ii)-ماددىسىغا ئاساسەن دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان دۆلەت دەپ بېكىتىشتىن كېلىپ چىققان تەدبىرلەرنى ئىستراتېگىيەلىك قوللىنىشنى ئويلىشىشى كېرەك؛

(3) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى:   ئا) ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەمدە كۆپ تەرەپلىك ئورگانلار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت گۇرۇپپىلىرى ئەزالىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قالايمىقان تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى ئەيىبلىشى كېرەك؛ ھەمدە ب) خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن نىشانلىق جازا تەدبىرلىرى ۋە ۋىزا چەكلىمىلىرى مەسىلىسىدە زىچ ماسلىشىشى كېرەك؛

(4) ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرلىرى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ خىتايدىكى ئائىلە ئەزالىرى ۋە تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق خەۋەرلىرىنى جىمىقتۇرۇش ياكى قورقۇتۇشقا ئۇرۇنۇشلىرىغا قارىماي،   ئۇيغۇر  رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدە بەرگەن خەۋەرلىرى ئۈچۈن تەقدىرلىنىشى كېرەك؛

(5) ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ  ئۇيغۇر  رايونىغا قاراتقان ئۇيغۇر تىلىدىكى پىروگراممىلىرىنىڭ ئاڭلىتىش ئىقتىدارىنى ۋە مەنبەلىرىنى كېڭەيتىشى كېرەك؛

(6) فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى ئامېرىكا ئىچىدىكى كىشىلەرگە پاراكەندىچىلىك سالغان، تەھدىت سالغان ياكى قورقۇتقان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەمەلدارلىرىنى ياكى ئۇلارغا ۋاكالىتەن ھەرىكەت قىلغۇچى شەخسلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن قەدەم باسارلارنى بېسىشى كېرەك؛

(7) ئۇيغۇر رايونىدا مال ياكى مۇلازىمەت سېتىۋاتقان ياكى باشقا شەكىلدە تىجارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە شەخسلىرى تۆۋەندىكىلەرگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشى، جۈملىدىن ئاشكارا ياكى مالىيە دوكلاتلىرىدا شۇنداق قىلىشى كېرەك:

ئا) ئۇلارنىڭ سودا پائالىيەتلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ياكى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق دەخلى-تەرۇزلىرىگە تۆھپە قوشماسلىقى؛ ھەمدە،    ب) ئۇلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىگە مەجبۇرىي ئەمگەك ئارىلىشىپ قالماسلىقى.

5-ماددا: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى يېڭىلاش

1990 ۋە 1991-مالىيە يىللىرىدىكى تاشقى مۇناسىۋەتلەرگە ھوقۇق بېرىش قانۇنىنىڭ (ئاممىۋى قانۇن 101–246؛ 104-توم 84-بەت) 901(b)-ماددىسى تۆۋەندىكىچە تۈزىتىلىدۇ— (1) (7)، (8) ۋە (9)-تارماقلارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا (8)، (9) ۋە (10)-تارماق قىلىپ قايتا بەلگىلەش ئارقىلىق؛ ۋە (2) (6)-تارماقتىن كېيىن تۆۋەندىكىلەرنى قىستۇرۇش ئارقىلىق:

«(7) ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قاراتقان سىياسىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋەزىيەتكە، جۈملىدىن تۆۋەندىكىلەرگە ئېنىق باغلىنىشى كېرەك— «

ئا)  ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت گۇرۇپپىلىرى ئەزالىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ئاخىرلاشتىمۇ-يوق؛ «

ب) بارلىق سىياسىي مەھبۇسلار قويۇپ بېرىلدىمۇ-يوق؛

س)  مەلۇم مىللىي گۇرۇپپىلارنىڭ ئەزالىرىنى كەمسىتىش ۋە ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش ۋە ئالدىن پەرەز قىلىش ساقچى تېخنىكىسىنى ئىشلىتىش توختىتىلدىمۇ ھەمدە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا كۆرۈلمەيۋاتامدۇ-يوق؛ ۋە

د)  خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر  رايونىدىكى دىنىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قويۇلغان ئالاھىدە ئېغىر چەكلىمىلەرنى ئاخىرلاشتۇردىمۇ-يوق؛».

6-ماددا: جازا يۈرگۈزۈش

ئا) تەلەپ قىلىنىدىغان دوكلات

(1) ئومۇمىي ئەھۋال.—مەزكۇر قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن 180 كۈندىن كېچىكمەي، ئۇنىڭدىن كېيىن يىلىغا بىر قېتىمدىن كەم بولمىغان ھالدا، پىرېزىدېنت كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى، كېڭەش پالاتاسى بانكا، تۇرالغۇ ۋە شەھەر ئىشلىرى كومىتېتى، ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ۋە ئاۋام پالاتاسى مالىيە مۇلازىمىتى كومىتېتىغا  ئۇيغۇر   رايونىدىكى ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلار، باشقا مۇسۇلمان مىللەت ئەزالىرى ياكى باشقا شەخسلەرگە قارىتا تۆۋەندىكىلەرنىڭ ھەر قانداق بىرىگە جاۋابكار دەپ بېكىتىلگەن ھەر بىر چەتئەللىك شەخسنى (خىتاي  ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قانداق ئەمەلدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كۆرسىتىپ بېرىدىغان دوكلات سۇنۇشى كېرەك ؛

ئا)  قىيناش؛

ب) ۋەھشىيانە، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ياكى كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمەتنى ئاياغ-ئاستى قىلىدىغان مۇئامىلە ياكى جازا؛

س)  ئەيىبلىمەستىن ياكى سوتلىماستىن ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇش؛

د)  كىشىلەرنى ئۆتۈرۈپ كېتىش ۋە مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق غايىب قىلىش؛

ئى)  ھاياتلىق، ئەركىنلىك ياكى شەخسىي بىخەتەرلىك ھوقۇقىنى باشقا رەزىل شەكىلدە رەت قىلىش.

(2) شەكلى. (1)-تارماق بويىچە تەلەپ قىلىنغان دوكلات مەخپىي بولمىغان شەكىلدە سۇنۇلۇشى كېرەك، ئەمما مەخپىي قوشۇمچە ھۆججەتنى ئۆز ئىچىگە ئالسا بولىدۇ. ب) جازا يۈرگۈزۈش.—پىرېزىدېت  ئا) (1)- تارماق بويىچە تەلەپ قىلىنغان دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن ھەر بىر چەتئەللىك شەخسكە نىسبەتەن – س) تارماقتا تەسۋىرلەنگەن جازالارنى يۈرگۈزۈشى كېرەك. س) تەسۋىرلەنگەن جازالار.

بۇ تارماقچىدا تەسۋىرلەنگەن جازالار تۆۋەندىكىچە:

(1) مۈلۈكنى توڭلىتىش.—پىرېزىدېنت «خەلقئارا جىددىي ئىقتىسادىي ھوقۇق قانۇنى» (ئامېرىكا قانۇنلىرى توپلىمى 50-توم 1701-ماددا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەر) بويىچە ئۆزىگە بېرىلگەن بارلىق ھوقۇقلارنى قوللىنىپ، (a)(1)-تارماق بويىچە تەلەپ قىلىنغان دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن چەتئەللىك شەخسنىڭ مۈلكى ۋە مۈلۈك مەنپەئەتلىرى— (ئا)  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا بولسا، (ب)  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا كىرسە؛ ياكى (س) ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى بىر شەخسنىڭ ئىگىدارلىقىغا ياكى كونتروللۇقىغا ئۆتسە، شۇ مۈلۈك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق سودىلارنى توڭلىتىشى ۋە چەكلىشى كېرەك.

(2) ۋىزا ئېلىش، كىرىش ياكى ۋاقىتلىق كىرىش سالاھىيىتىنىڭ بولماسلىقى.— (ئا)  ۋىزا، كىرىش ياكى ۋاقىتلىق كىرىش(ئا) (1)- تارماقچىدا تەسۋىرلەنگەن چەتئەللىكنىڭ (i)  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا كىرىشى چەكلىنىدۇ؛ (ii) ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا كىرىش ئۈچۈن ۋىزا ياكى باشقا ھۆججەتلەرگە ئېرىشىش سالاھىيىتى بولمايدۇ؛ ھەمدە (iii) «كۆچمەنلەر ۋە پۇقرالىق قانۇنى» (ئامېرىكا قانۇنلىرى توپلىمى 8-توم 1101-ماددا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەر) بويىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا كىرىش، ۋاقىتلىق كىرىش ياكى باشقا مەنپەئەتكە ئېرىشىش سالاھىيىتى بولمايدۇ.

(ب) ۋىزىلارنى بىكار قىلىش.— (i) ئومۇمىي ئەھۋال.—(ئا) 1)-) تارماقچىدا تەسۋىرلەنگەن چەتئەللىكنىڭ ھەر قانداق ۋىزىسى ياكى باشقا كىرىش ھۆججەتلىرى، ئۇلارنىڭ قاچان تارقىتىلغانلىقىدىن قەتئىينەزەر بىكار قىلىنىدۇ ( i i)  دەرھال كۈچكە ئىگە بولۇش.—(i)-تارماق بويىچە بىكار قىلىش— (I) دەرھال كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ ھەمدە (II) چەتئەللىكنىڭ قولىدىكى باشقا بارلىق ئىناۋەتلىك ۋىزا ياكى كىرىش ھۆججەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ

(3) جازالاش — «خەلقئارا جىددىي ئىقتىسادىي ھوقۇق قانۇنى» (ئامېرىكا قانۇنلىرى توپلىمى 50-توم 1705-ماددا) نىڭ 206-ماددىسى (ئا) ۋە (س) تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن جازالار، (1)-تارماققا خىلاپلىق قىلغان، خىلاپلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان، خىلاپلىق قىلىشقا تىل بىرىكتۈرگەن ياكى خىلاپلىق قىلىشقا سەۋەب بولغان چەتئەللىك شەخسكە نىسبەتەن، مەزكۇر 206-ماددىنىڭ (ئا) تارماقچىسىدا تەسۋىرلەنگەن قانۇنسىز قىلمىش سادىر قىلغان شەخسكە قوللىنىلىدىغان دەرىجە بىلەن ئوخشاش قوللىنىلىدۇ. (د)  ئىجرا قىلىش.—پىرېزىدېنت بۇ ماددىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن «خەلقئارا جىددىي ئىقتىسادىي ھوقۇق قانۇنى» (ئامېرىكا قانۇنلىرى توپلىمى 50-توم 1702 ۋە 1704-ماددىلار) نىڭ 203 ۋە 205-ماددىلىرىدا تەمىنلەنگەن بارلىق ھوقۇقلارنى قوللانسا بولىدۇ.  (ئى) كەچۈرۈم قىلىش.—ئەگەر پىرېزىدېنت بۇنداق كەچۈرۈم قىلىشنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بېكىتسە ۋە كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى، كېڭەش پالاتاسى بانكا، تۇرالغۇ ۋە شەھەر ئىشلىرى كومىتېتى، ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ۋە ئاۋام پالاتاسى مالىيە مۇلازىمىتى كومىتېتىغا دەلىللەپ بەرسە، (ئا) (1)- تارماق بويىچە تەلەپ قىلىنغان دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن بىر شەخسكە قارىتا بۇ ماددىدىكى جازالارنى قوللىنىشنى كەچۈرۈم قىلسا بولىدۇ

ئالاھىدە ئەھۋاللار:

(1) ئاخبارات پائالىيەتلىرى ئۈچۈن مۇستەسنا.—بۇ ماددا بويىچە جازالار 1947-يىلىدىكى «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» (ئامېرىكا قانۇنلىرى توپلىمى 50-توم 3091-ماددا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەر) نىڭ V تېمىسى بويىچە دوكلات بېرىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغان ھەر قانداق پائالىيەتكە ياكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھوقۇق بېرىلگەن ھەر قانداق ئاخبارات پائالىيەتلىرىگە قوللىنىلمايدۇ.

(2) خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلەرگە رىئايە قىلىش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن مۇستەسنا.—تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا چەتئەللىكنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا كىرگۈزۈش زۆرۈر بولسا، (ئا)(2)-تارماقچىدىكى جازالار قوللىنىلمايدۇ. (ئا) ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 1947-يىلى 26-ئىيۇندا لېيك ساكسېستا ئىمزالانغان ۋە 1947-يىلى 21-نويابىردا كۈچكە ئىگە بولغان بېرلېشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بېرلېشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شتابىغا ئائىت كېلىشىمگە ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلەرگە رىئايە قىلىشى ئۈچۈن؛ ياكى (ب) ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىش ياكى ياردەم بېرىش ئۈچۈن.

(3) مال ئىمپورت قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مۇستەسنا — (ئا)  ئومۇمىي ئەھۋال.—بۇ ماددا بويىچە جازا يۈرگۈزۈش ھوقۇقى ۋە تەلىپى ماللارنى ئىمپورت قىلىشقا جازا يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنى ياكى تەلىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ

.(ب)  مالنىڭ ئېنىقلىمىسى.—بۇ تارماقتا «مال» دېگەن سۆز ھەر قانداق بۇيۇم، تەبىئىي ياكى سۈنئىي ماددا، ماتېرىيال، تەمىنات ياكى ئىشلەنگەن مەھسۇلاتنى، جۈملىدىن تەكشۈرۈش ۋە سىناق ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما تېخنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

(گ) جازانى ئاخىرلاشتۇرۇش.—ئەگەر پىرېزىدېنت جازانى ئاخىرلاشتۇرۇش كۈچكە ئىگە بولۇشتىن كەم دېگەندە 15 كۈن بۇرۇن تۆۋەندىكىلەرنى بېكىتسە ۋە كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى، كېڭەش پالاتاسى بانكا، تۇرالغۇ ۋە شەھەر ئىشلىرى كومىتېتى، ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ۋە ئاۋام پالاتاسى مالىيە مۇلازىمىتى كومىتېتىغا دوكلات قىلسا، بىر شەخسكە قارىتا يۈرگۈزۈلگەن جازانى ئاخىرلاشتۇرسا بولىدۇ: (1) ئۇ شەخسنىڭ جازا يۈرگۈزۈلگەن پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانمىغانلىقىغا دائىر ئۇچۇر مەۋجۇت بولسا؛ (2) ئۇ شەخس جازا يۈرگۈزۈلگەن پائالىيىتى ئۈچۈن مۇۋاپىق تاللانسا؛ (3) ئۇ شەخس ئۆز ھەرىكىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئىشەنچلىك ھالدا نامايان قىلغان، جازا يۈرگۈزۈلگەن پائالىيەت ئۈچۈن مۇۋاپىق بەدەل تۆلىگەن ھەمدە كەلگۈسىدە (ئا) (1)-تارماقچىدا تەسۋىرلەنگەن پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانماسلىققا ئىشەنچلىك ۋەدە بەرگەن بولسا؛ ياكى (4) جازانى ئاخىرلاشتۇرۇش ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولسا. 134-نومۇرلۇق دۆلەت قانۇنلىرى توپلىمى 654-بەت. ئاممىۋى قانۇن 116–145—2020-يىلى 17-ئىيۇن.  (h) كۈچتىن قېلىش ۋاقتى.—بۇ ماددا ۋە بۇ ماددا بويىچە يۈرگۈزۈلگەن ھەر قانداق جازا مەزكۇر قانۇن يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ 5 يىل توشقان كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.  (i) ئېنىقلىمىلار.—بۇ ماددىدا: (1) كىرىش؛ كىرىشكە رۇخسەت قىلىنغان؛ چەتئەللىك.—«كىرىش»، «كىرىشكە رۇخسەت قىلىنغان» ۋە «چەتئەللىك» دېگەن سۆزلەر «كۆچمەنلەر ۋە پۇقرالىق قانۇنى» (ئامېرىكا قانۇنلىرى توپلىمى 8-توم 1101-ماددا) نىڭ 101-ماددىسىدا بېرىلگەن ئېنىقلىمىلار بىلەن ئوخشاش مەنىگە ئىگە. (2) چەتئەللىك شەخس.—«چەتئەللىك شەخس» دېگەن سۆز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى شەخسى بولمىغان بىر شەخسنى بىلدۈرىدۇ.  (3) ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى شەخسى.—«ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى شەخسى» دېگەن سۆز تۆۋەندىكىلەرنى بىلدۈرىدۇ:

(ئا)  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پۇقراسى ياكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا دائىمىي تۇرۇشقا قانۇنلۇق رۇخسەت قىلىنغان چەتئەللىك؛ ياكى (ب) ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياكى ئامېرىكا ئىچىدىكى ھەر قانداق باشقۇرۇش تەۋەلىكىنىڭ قانۇنلىرى بويىچە تەشكىللەنگەن ئورۇن، مەزكۇر ئورۇننىڭ چەتئەلدىكى شۆبىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

7-ماددا: ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەخلى-تەرۇزلىرى ھەققىدە دوكلات

(ئا) ئومۇمىي ئەھۋال — مەزكۇر قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن 180 كۈندىن كېچىكمەي، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باشقا مۇناسىۋەتلىك فېدېراتسىيە تارماقلىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ باشلىقلىرى شۇنداقلا خەلق تەشكىلاتلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن — (1)   ئۇيغۇر  رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق خورلاشلىرى ھەققىدە كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىغا ۋە ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىغا دوكلات سۇنۇشى كېرەك؛ ھەمدە (2) (1)-تارماقتا تەسۋىرلەنگەن دوكلاتنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىشى كېرەك.

(ب) ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەزمۇنلار:  1. تارماقچىدا تەسۋىرلەنگەن دوكلات تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:

(1) ئۇيغۇر رايونىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان شەخسلەرنىڭ سانىنى باھالاش؛

(2) تۇتقۇنلار ئۈچۈن بۇنداق لاگېرلارنىڭ شارائىتىنى تەسۋىرلەش، جۈملىدىن مۇمكىن قەدەر تۆۋەندىكىلەرنى باھالاش- (ئا) قىيناش ئۇسۇللىرى؛ (ب) شەخسلەرنى ئۆز ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش ئۇرۇنۇشلىرى؛ ۋە (س) باشقا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق خورلاشلىرى؛

(3) مۇمكىن قەدەر، رايوندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان شەخسلەرنىڭ سانى.

(4) خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دائىرىلىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىدىكى تۇتقۇنلارنى «قايتا تەربىيەلەش» ئۈچۈن قوللانغان ئۇسۇللىرى، جۈملىدىن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇنداق قايتا تەربىيەلەشكە مەسئۇل ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تىزىملىكى؛

(5) ئۇيغۇر   رايونىدىكى تۈركىي مۇسۇلمانلارنى تۇتۇپ تۇرۇشتىكى ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە ماھىيىتىنى باھالاش، جۈملىدىن بۇنداق ئەمگەكتىن بىۋاسىتە مەنپەئەتلىنىۋاتقان چەتئەل شىركەتلىرى ۋە سانائەتلىرىنىىڭ ئەھۋالى؛

(6) خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل دىپلوماتلىرى، كونسۇللىرى، مۇستەقىل مۇخبىرلار ۋە غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرىگە   ئۇيغۇر  رايونىغا كىرىش ئۈچۈن بەرگەن رۇخسەت دەرىجىسىنى باھالاش؛

(7) خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىش ئۈچۈن قوللانغان ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش، ئالدىن پەرەز قىلىش ساقچى تېخنىكىسى ۋە باشقا ئۇسۇللىرىنى باھالاش؛

(8) چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى، قازاقلارنى، قىرغىزلارنى ۋە باشقا مۇساپىرلارنى ھەمدە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە مەجبۇرىي قايتۇرۇش ئەھۋالى؛

(9) مۇۋاپىق ھالدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئېلىپ بارغان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرى— (ئا)    ئۇيغۇر  رايونىدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەخلى-تەرۇزلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن؛ ھەمدە (ب) بۇ رايوندىن كەلگەن پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قوغداش ئۈچۈن؛ ۋە (10) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىچىدىكى (9)-تارماقتا تىلغا ئېلىنغان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل ئىشخانىلارنى بېكىتىش.

8-ماددا: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پۇقرالىرى ۋە ئاھالىلىرىنى تەھدىت ۋە مەجبۇرلاشتىن قوغداش ھەققىدە دوكلات

مەزكۇر قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن 90 كۈندىن كېچىكمەي، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پۇقرالىرى ۋە ئاھالىلىرىنى، جۈملىدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا قانۇنلۇق ئوقۇۋاتقان ياكى ۋاقىتلىق ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي پۇقرالىرىنى، ئامېرىكا ئىچىدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ياكى جەھەتدارلىرى تەرىپىدىن پاراكەندىچىلىككە ياكى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى بايان قىلىدىغان دوكلاتنى كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى، كېڭەش پالاتاسى ئەدلىيە كومىتېتى، كېڭەش پالاتاسى ئاخبارات ئالاھىدە كومىتېتى، ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى، ئاۋام پالاتاسى ئەدلىيە كومىتېتى ۋە ئاۋام پالاتاسى ئاخبارات دائىمىي ئالاھىدە كومىتېتىغا سۇنۇشى كېرەك.

9-ماددا: خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر  رايونىدىكى باستۇرۇشلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي تەسىرى ھەققىدە دوكلات

(ئا)   ئومۇمىي ئەھۋال.—مەزكۇر قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن 180 كۈندىن كېچىكمەي، دۆلەت ئاخبارات مۇدىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ماسلاشقان ھالدا، (ب) تارماقچىدا تەسۋىرلەنگەن مەسىلىلەر ھەققىدە كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى، كېڭەش پالاتاسى ئاخبارات ئالاھىدە كومىتېتى، ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ۋە ئاۋام پالاتاسى ئاخبارات دائىمىي ئالاھىدە كومىتېتىغا دوكلات سۇنۇشى كېرەك

(ب) ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەزمۇنلار(1) تارماق بويىچە تەلەپ قىلىنغان دوكلات تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك— (1) خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسەتلىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان دۆلەتلىك ۋە رايونلۇق بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىنى باھالاش؛

(2) تۆۋەندىكىلەرنى تەسۋىرلەش— (ئا) خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇتۇپ تۇرۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىشنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن سوتېۋالغان ياكى تەرەققىي قىلدۇرغان تېخنىكىسى، جۈملىدىن ئالدىن پەرەز قىلىش ساقچى تېخنىكىسى ۋە كەڭ كۆلەملىك سانلىق مەلۇمات يىغىش ۋە تەھلىل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلار؛ ھەمدە (ب) بۇنداق تېخنىكىلارنى سېتىۋېلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتلىرى؛

(3) تۆۋەندىكىلەرگە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تىزىملىكى-  (ئا)  ئۇيغۇر رايونىدا تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنى سېلىش ياكى باشقۇرۇش؛ ياكى (ب) ئۇيغۇر   رايونىدا ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەش ياكى باشقۇرۇشقا چېتىلىشلىق بولغان؛

(4)   بىڭتۈەنىنىڭ ئۇيغۇر  رايونىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكتىكى رولىنى تەسۋىرلەش

(س)  دوكلات شەكلى- (ئا) تارماقچىدا تەلەپ قىلىنغان دوكلات مەخپىي بولمىغان شەكىلدە سۇنۇلۇشى كېرەك، ئەمما مەخپىي قوشۇمچە ھۆججەتنى ئۆز ئىچىگە ئالسا بولىدۇ.

10-ماددا: مەخپىي دوكلات

دۆلەت ئاخبارات مۇدىرى، ئاخبارات ساھەسىنىڭ مۇدىر مۇۋاپىق دەپ قارىغان تارماقلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، كېڭەش پالاتاسى ئاخبارات ئالاھىدە كومىتېتىغا ۋە ئاۋام پالاتاسى ئاخبارات دائىمىي ئالاھىدە كومىتېتىغا تۆۋەندىكىلەرگە ئائىت ئاخباراتلارنى يىغىش ۋە تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى باھالايدىغان مەخپىي دوكلات سۇنۇشى كېرەك:

(1) ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەت ئەزالىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ دائىرىسى ۋە كۆلىمى؛

(2)   ئۇيغۇر رايونىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرى ئىچىدە سادىر قىلىنغان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەخلى-تەرۇزلىرى

(3) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەخلى-تەرۇزلىرىنى شەكىللەندۈرىدىغان باشقا سىياسەتلىرى.

2020-يىلى 17-ئىيۇن تەستىقلاندى.

مەزكۇر قانۇننىڭ ئەسلى ئىنگلىزچە نۇسخىسى: https://www.congress.gov/bill/116th-congress/senate-bill/3744/text

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top