You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » «ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

«ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا يېڭى بىر خوش خەۋەر! ئۇيغۇر تىلىنىڭ گۈزەللىكىگە گۈزەللىك قوشقان يېڭى بىر ئەسەر! ئۇيغۇر رومانلىرىنىڭ قاتارىرىغا تىزىلغان يېڭى بىر رومان! مەزكۇر رومان بولسا، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن  نەشىردىن چىققان «ھاياتتىن سورا» ناملىق روماندۇر.

«ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان بولسا، مېنىڭ بۇرۇن يازغان رومانلىرىمغا پۈتۈنلەي ئوشىمايدىغان، ئۆزگىچە بىر ئۇسلۇبتا يېزىلغان روماندۇر؛ يەنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، بەدىئىي تەپەككۇر ئىقتىدارىمنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، پوستمودېرنىست ئۇسلۇبىدا يازغان روماندۇر.  ئۇشبۇ رومان يەنە بىرىنچى شەخس بايان قىلىش ئۇسلۇبىدا يېزىلغان. روماننىڭ ۋەقەلىكى بولسا، باش قەھرىمانى«مەن»نىڭ ئۆلۈش ئالدىدا، پۈتۈن بىر ئۆمۈردىكى كەچۈرمىشلىرىنى، سەھەردە چىققان  قۇياشنىڭ دېرىزىسىدىن قېيىپ ئۆتۈپ كەتكىچە بولغان قىسقىغىنە زامان ئىچىدە، روھىي بايان قىلىشىدىن شەكىللىنىدۇ. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، روماندا قوللىنىلغان تېخنىك  ئىچكى مونولوگ ئۇسلۇبى قوللىنىلغان. يەنى مەن بۇرۇنقى قېلىپلاشقان بايان قىلىش ئۇسلۇبىمنى بۇزۇپ، پارچىلاشقان، كۆپ قاتلاملىق ۋە ئويۇنچان بايان قىلىش ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ يېزىپ چىققان بىرىنچى روماندۇر.

2022- يىلى باش كۈزدە، كارانتىن تەدبىرى يولغا قويۇلغان مەزگىلىدە، ئۆز ئۆيىدە يالغۇز ئاچلىقتىن ۋە كېسەل سەۋەبىدىن ۋاقىتسىز ئۆلۈمنىڭ بوسۇغگىسىغا يېتىپ كەلگەن رومان قەھرىمانى«مەن» بولسا، چەكسىز ئىزتىراپ، ھەسرەت ئىچىدە ئېڭىدىن سۈزۈلۈپ ئۆتكەن روھىي بايانلىرىنى تامغا يۆلەپ قويۇلغان كارۋاتنىڭ ئۈستىدە يېرىمجان  ھالەتتە ياتقان پېتى، يېنىدىكى سايىسىگە ئىچكى مونولوگ ئارقىلىق ھېكايە قىلىپ، بەختسىز بىر ئۆمۈر ئۈستۈدىن ئىسيان قىلىدۇ. مەزكۇر رومان  ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى يازغان رومانلاردەك ئاجايىپ تارىخىي ۋەقەلەرنى ئۆزىگە تېما قىلىپ، چوڭ ۋەقەلەر ياكى بولمىسا دىراماتىك بۇرۇلۇشلار بىلەن باشلانغان رومان ئەمەس. دەرۋەقە، روماندىكى ۋەقەلىكلەر ئاددىي بىر ئادەمنىڭ  ھاياتتا بېشىدىن ئۆتكەن  ئىشلار ھېكايىسىنىڭ مۇجەسسىمىدىن ئىبارەت. ئەمما لېكىن روماندا بايان قىلىنغان ئاشۇ ئىشلار، ئاستا – ئاستا، قەدەممۇ – قەدەم كىتابخاننىڭ روھىغا سىڭىپ كىرىپ، شۇ يەردە ئۇيۇپ قالىدۇ ۋە شۇ يەردە ھەسرەت تۇيغۇسىنىڭ ئىزلىرىنى قالدۇرىدۇ؛ بەجايىكى سىز بۇرۇن ئاڭلىغان ۋە ياكى چۈشىڭىزدە كۆرگەن بىر ھېكايىدىن كېيىن، ئۇزاق بىر ۋاقىتقىچە ئويلىنىش ئىچىدە قالغىنىڭىزغا ئوخشاش، شۇ ۋەقەلىكلەر سىزنى چوڭقۇر ئويلارنىڭ قاينىمىغا سۆرەپ ئەكىرىپ كېتىدۇ.

روماندا مالىخۇلىيا، پاسسىپ نىھىلىزمنىڭ ئەۋرىشكىلىرى كۆرۈنگەندەك قىلسىمۇ، بىراق ئىشىنىمەنكى ئوقۇرمەن ئۈمىدسىزلىك دېڭىزىدا يىلانغا ئەمەس، بەلكى مانتۇرۇس تاشلاپ بەرگەن قۇتقۇزۇش كامېرىغا چىڭ ئېسىلىدۇ. ئۈمىدسىزلىكنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرى ئىچىدە يولدىن ئاداشماي، ئۈمىدنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىشكە تىرىشىدۇ.  رومان قەھرىمانى «مەن» نىڭ جېنى ھەلقۇمىغا كەلگەندە، ئېڭىدا گۇڭگا ئېقىۋاتقان روھىي بايانلار تۇراقسىز، تۇز سىزىق بويىچە ئەمەس، تاق – تۇققا، بىر – بىرىگە باغلاشمىغان ۋە گىراماتىكىلىك قايدىلەرگە بوي سۇنمىغان ھالدا بايان قىلىنغاندەك قىلسىمۇ، بىراق ھەممە ئويلار، ھەممە ئاڭ ئېقىملار يەنىلا بىر كۆلگە قۇيىلىدىغان  دەريادەك ئۆز  يۆلۈنىشىدە ئېقىپ، ھەممىسىنىڭ قۇيرۇقى بىر – بىرىگە باغلىنىدۇ. روماندا پۈتۈن نەرسىلەر گۇڭگا بولۇپ، ھېچقانداق بىر يەرنىڭ، ھېچقانداق بىر پېرسوناژنىڭ، ھېچقانداق بىر تاغنىڭ ۋە ياكى دەريانىڭ، ھەتتا ماكاننىڭ ئېنىق ئىسمى يوق، روماندىكى «مەن»نىڭمۇ ئىسمى ئېنىق بېرىلمىگەن. ھەتتا ئوتتۇرغا قويماقچى بولغان «ھەقىقەت» بىرلا بولماستىن، نۇرغۇن قاراش ۋە مەنىلەر بىلەن تەقدىم قىلىنىدۇ.مانا بۇ گۇڭگگالىقلار پەقەت ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئويلىنىشىغا قالدۇرۇلغان. كىتابخان بەزىدە كىتابنىڭ بەتلىرىدىكى جۈملىلەرنى ئوقۇۋېتىپ، ھەقىقەتەن بايانچى راس سۆزلەۋاتامدىغاندۇ؟ دېگەن سوئالنى ئۆزىگە قويۇپمۇ قالىدۇ.

مەن بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بىر كۈن ئىچىدە ھەتتا بىر لەھزە ئىچىدە ئىنساننىڭ ئېڭىدىن كەچكەن ئوي، ھايات، ئەسلىمە، ۋاقىت ۋە روھىي دۇنياسىدىكى يوشۇرۇن ھېسسىياتلارنى بايان قىلىش ئارقىلىق كەڭ ئوقۇرمەنلەرنى چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش يولىغا باشلاپ ئەكىرىشنى ئۆزۈمنىڭ مۇددىئاسى قىلىپ تاللىدىم. روماننى قولىڭىزغا ئېلىپ ئوقۇغان دەسلەپكى قەدەمدە،  ئاچلىق ۋە كېسەلنىڭ ئازابىنى تارتىپ ياتقان «مەن»نىڭ روھىي ھالىتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر سىزگە ئانچە تەسىر قىلمىغاندەك تۇيۇلسىمۇ، ئەنە شۇ سىزدە دەسلپەكى قەدەمدە ھاسىل بولغان ئاددىي تۇيغۇ بارا – بارا چوڭقۇرلىشىپ بارىدۇ. كىتابخاننىڭ روھىي دۇنياسىدا، كەچمىش بىلەن ھازىرقى زامان بىرلىشىپ كەتكەندەك، ھەتتا ئىككى زامان بىردەك نەپەس ئېلىۋاتقاندەك، تەبىئىي بىر شەكىلدە ئۆزارا بىر – بىرىگە ئارلىشىپ كەتكەن بىر تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ. گەرچە بۇ ئارلىشىش گىراماتىكىلىق قايدىلەرگە ئۇيغۇن ئەمەستەك بىلىنىپ، سىزنى قايمۇقتۇرغاندەك قىلسىمۇ، يەنىلا سىز ئۆز يولىڭىزنى تاپالايسىز. سىز قەدەممۇ – قەدەم «مەن»نىڭ روھىي دۇنياسى بىلەن بىرلىشىش پۇرسىتىگە نايىل بولىسىز – دە، ئاجايىپ بىر باي ۋە مۇرەككەپ ئىچكى دۇنيا مەيدانغا چىقىدۇ.

مانا بۇ رومانچىلىقتىكى ئوي – پىكىر بىلەن سەنئەتنىڭ رېئاللىق بىلەن چىڭ قۇچاقلىشىشىپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىشنىڭ ئۇسۇلىدۇر. مەزكۇر روماننى باشقا رومانلىرىمدىن ئالاھىدە پەرقلەندۇرىدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، مېنىڭ روماندىكى ۋاقىتقا بولغان مۇئامىلەندۇر. يەنى سىرتقى مۇھىتتىكى رېئال ۋاقىت  بىلەن «مەن»نىڭ روھىي دۇنياسىدىكى روھىي ۋاقىتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمدۇر. سىرتا ۋە ياكى مەھەللە كوچىسىدا ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى، ئاۋاز كانايلىرىنىڭ گاراڭ – گۇرۇڭلىرى ۋە ئادەملەرنىڭ تاۋۇشلىرىغا قاراپ رېئال ۋاقىت ئىلگىرلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە روھىي ۋاقىت ئەركىن ھەرىكەت قىلىپ، كەچمىشتىكى خاتىرلەرگە قايتىدۇ ۋە يەنە بىر لەھزە ئىچىدە رېئال ۋاقىتقا قايتىپ ئىلگىرلەيدۇ؛ گەرچە  ۋاقىتنىڭ ئۆزئارا ئالمىشىشى تاقا – تۇققا بولسىمۇ، روماندىكى بايان قىلىنغان ھېكايىلار يەنىلا دەريانىڭ  لېرىك ئېقىشىدەك ئاقىدۇ.

«مەن»نىڭ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىكى بېشىغا كەلگەن تىراممىلار، روھىي زەربىلەر، ياشلىق چاغلىرىدىكى شېرىن مۇھەببەت ۋە يۈز بەرگەن تىراگېدىيەلەر، دادىسىغا بولغان نەپرەت، ئانىسىغا بولغان مۇھەببەت، ئەتراپتىكى ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى ياتلىشىشلار جانسىز ئەمەس بەلكى جانلىق بىر شەكىلدە،   ئارقا كۆرۈنۈشتە ئەمەس، بەلكى روشەن رەۋىشتىكى ئۇدۇل كۆرۈنۈشتە تەسۋىرلىنىپ، ھازىرقى «مەن»نىڭ بەختسىز بىر ئۆمرىنىڭ كارتىنىسى سۈرەتلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھاياتنىڭ تۇز سىزىق ئەمەس، بەلكى بىر ۋاقىتتا ئاڭدا مەۋجۇت بولغان پەيتلەر، ھېسسىياتلار ۋە تەسىراتلاردىن توقۇلغان بىر تور ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەنە ئاڭدىكى گۇڭگا چۈشەنچىلەرنىڭ جاۋابى يەنىلا شۇ ھاياتنىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن سوئالنى يەنىلا ھاياتقا قويىدىغانلىقىمىزنىڭ زۆرۈرلىگى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلدۇ.

«ھاياتتىن سورا» ناملىق مەزكۇر روماننىڭ باش قەھرىمانى «مەن» ئۆلۈك، جانسىز بىر ئوبراز ئەمەس، ئۇ مۇشۇ ھاياتتا ياشاپ ئۆتكەن ئارىمىزدىكى بىرسى ۋە ياكى ھەممىمىزدىن بىر ئۆلۈشتىن نېسىۋېسىنى ئالغان بىر پۈتۈن كىشى. ئۇ ھاياتنىڭ بوران – چاپقۇنلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە يەنە شۇ ھاياتنىڭ نازۇكلىقىنى سەزگەن كىشى؛ ئۇ جىمجىت روھىي بايانلىرى بىلەن، ئاچلىق ۋە كېسەل ئازابى بىلەن ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر شەخس. ئۇ ئۆزىگە ئىشەنمىگەن، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئاشۇ ئۆزى ياشىغان جەمئىيەتتە ھېس قىلمىغان بىرسى؛ ئاخىرى ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭ نەزىرىگە مەنىسىز، قىممەتسىز كۆرۈنۈشكە باشلىغان، شۇ رېئال دۇنياغا يادلاشقان، چەتكە قېقىلغان ۋە ئەڭ ئاخىرى يالغۇزلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرى ئىچىدە، ئۈمىدىنى يوقاتقان بىر شەخس. ئەڭ مۇھىمى شۇكى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەسرەت، ئازاب، يالغۇزلۇق، ئۈمىدسىزلىكلەرنىڭ ھەممىسى ھەممىمىزگە ناھايىتى تونۇش بولۇپ تۇيۇلىشىدۇر.

«مەن» يەنى روماندا ئىسمى كەچكەن «ئا…..»نىڭ بەختسىزلىكى ھەممىزنىڭ بەختسىزلىكىدەك تۇيۇلىدۇ. «ئا…..» نىڭ ھېكايىسى بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە «مەن» ئۆزى قىستۇرۇپ بايان قىلغان باشقىلارنىڭ قىسقا ھېكايىلىرىمۇ ئاجايىپ قىزىقارلىق. مانا بۇ قىسقا روھىي بايانلار رومانغا ئەڭ كۈچلۈك ھېسسىي كەسكىنلىكنى ئېلىپ كەلگەن. «ئا…..»نىڭ جەمئىيەتتە ھېسداشلىققا ئەمەس، چەتكە قېقىلىشقا ئۇچرىشى بولسا، ئۇنىڭ ئازابلىرىغا ئازاب، ھەسرەتلىرىگە ھەسرەت قاتىدۇ. بولۇپمۇ دادىسىنىڭ سۆيگۈسىدىن مەھرۇم قىلىشى، ئۇنىڭ نورمال ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. مانا مۇشۇ بىر قاتار تىراگېدىيەلىك كەچۈرمۈشلەر ئۇنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرىدۇ، ئىچكى دۇنياسىدا بۆھران پەيدا قىلىدۇ. مەن ھەرگىزمۇ، ئەنە شۇ روھىي بايانلارنى ئوقۇغان كىتابخاننى  «ئا…..»نىڭ تۇيغۇلىرىنى ھېس قىلىشىقا زورلىمايمەن. بۇ ئوقۇرمەننىڭ ئەركىن تاللىشىغا باغلىق. دەرۋەقە، مەن بۇ رومان ئارقىلىق ئوقۇرمەن بۇرۇن ھېچقاندا بىر ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان روماندا ئاڭلاتمىغان ھېكايىنى بايان قىلدىم. بايان قىلغاندىمۇ شۇنداق بىر ئۇسلۇبتا بايان قىلغانلىقىم ئۈچۈن، كىتابخاننىڭ «ئا…..»نىڭ ھېس قىلغانلىرىغا يېقىن ھېسلارنى ئۆزىنىڭ ئېڭىدا چوقۇم سېزىدۇ، دېگەن قاراشتا ئىكەنلىكىمنى ئېيتماي تۇرالمايمەن.  يەنە مەن بۇ رومان ئارقىلىق بىزگە بۇ دۇنيادا خۇشاللىق بىلەن ئۈمۈدسىزلىك، ھايات بىلەن ئۆلۈمنىڭ بىز ئويلىغاندىنمۇ بەتەر يېقىن ئىكەنلىكىنى ئوبرازلىق تەپەككۈر ئارقىلىق كۆرسىپ ئۆتكەنلىكمگە ئىشىنىمەن.

«ئا…..»نىڭ ھېسسىياتلىرى جىمجىت، ئەمما چوڭقۇر. شۇ سەۋەبتىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ  رومان ئوبرازىنىڭ روھىغا كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر ئېقىندا ئېقىپ، روھىي بايانلىرىنى بىرگە يۈرگۈزىشىنى، خۇشاللىقلىرىدىن خۇش بولۇپ، ئازابلىرى بىلەن ئازابلىنىشىنى، ھەسرەتلىرى بىلەن ئىزتىراپ چىكىپ، بىر ئاۋاز، بىر پۇراق، بىر بېقىش بىلەن تەڭ ھېسسىيات دولقۇنلىرىدا ئېقىشىنى ئارزۇ قىلىمەن ۋە يەنە ئىنسان ھېسسىياتىنىڭ، كۆڭلىنىڭ قانچىلىك نازۇك ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ يادىغا ئېلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. «ئا…..»نىڭ تىراگېدىيەلىك ئۆلۈمىگە ھەسرەت ياشلىرىڭلارنى تۆكۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، بىراق ئۈمىدسىزلىكىگە قايغۇرۇپ ئۈمىدسىزلىكنىڭ قاراڭغۇلىقىدا قالماي، ئۈمىدنىڭ نۇرلۇق چىرىغىدا قەلبىڭلارنى يورۇتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. يۇقۇردا قەيت قىلغىنىمدەك، مەزكۇر روماندا ھەممە نەرسە ئېنىقسىزلىقنىڭ قارا بۇلۇتلىرىنىڭ ئاستىدا قالغان بولسىمۇ، نازۇك ۋە قەدىر – قىممەتكە ئىگە بىر ھايات تۇيغۇسى يەنىلا «ئا…..»نىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدە بار، ھەم بىزنىڭمۇ شۇنداق، بۇلار بىزگە ھەر زامان ئىنسان بولۇشىمىزنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى نامايەن قىلىدۇ.

مەن، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن روماننىڭ نەشىردىن چىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان ئابدۇجىلىل تۇران ئەپەندىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئېيتىمەن ۋە تېنىڭ سالامەت بولۇشىنىنى ئۇلۇغ ئىگەمدىن تىلەيمەن.

01.02.2026

گېرمانىيە – مىيۇنخېن

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top