«ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (1)
ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت
ماڭا نېمە بولدى؟ دەپ، ئويلۇدۇم ئىچىمدە. بۇنداق بىر سوئالنىڭ ئەقلىمگە كەلگەنلىكىدىن مەيۇسلەندىم، ئاچ قالغان ئادەمگە ئاچلىقتىن بەتەر يەنە نېمە بولسۇن؟ ئۆلۈم! توغرا ئۆلۈم ئاچلىق ۋە كېسەل ئازابىنى ئۇنۇتتۇرىدۇ. مەن ئىككى كۈندىن بىرى تاماق يېمىگەن ئىدىم. بۇرۇنلاردا قەلبىم ئاچ بولغىنى بىلەن، قوسۇقۇم توق ئىدى، ئەمدى بولسا قەلبىممۇ ئاچ، قوسۇقۇممۇ ئاچ. سەھەردە ئاچلىقنىڭ تەسىرىدىن بىر نەرسىدىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەن ئادەمدەك ئۆندۈرەپ ئويغانغان ئىدىم. قۇياش چىقىپ، يەنە بىر يېڭى كۈن باشلانغانىدى، ئۆزۈمنى چۈمكەپ ياپقان يوتقان يەرگە چۈشۇپ كەتكەنىدى، نەپىسىم ناھايىتى تېز ئىدى، ئۆينىڭ ئىچىدە نەپەس ئېلىشىمدىن چىققان ئاۋازدىن باشقا ئاۋاز ئاڭلانمايتتى. ئۈستۈمگە قۇياشنىڭ زەرىچىلىرى چۈشۈۋاتقانلىقىنى سېزىۋاتاتتىم، ئۆزۈمنىڭ تېخى ئۆلمىگەنلىكىمنى، يەنە بىر تاڭنىڭ ئاتقانلىقىنى زېھنىمدە ھېس قىلدىم. بىردىنلا دۈمبەم ناھايىتى تاتلىق قېچىشىپ كەتتى، مەن سول تەرەپكە ئازراق قىيسىيىپ، ئوڭ قولۇم بىلەن قېچىشقان يەرنى تاتلاشنى ئويلۇدۇم، بىراق نە سول تەرەپكە قىيسىيىشقا ماڭدۇرۇپ بار ئىدى، نە ئوڭ قولۇمنى كۆتۈرۈشكە.
ئاچلىق ۋە كېسەلنىڭ ئازابلىرىنى ھېس قىلىپ ھالى قالمىغان ئاجىز تېنىم كارۋاتتا بىر تال قۇرۇغان قوناق شېخىدەك ياتاتتى. مەن مۇشۇنداق ياتقان پېتى گەۋدەمنى ئازراق مىدىرلىتىپ، دۇمبەمنىڭ قېچىشقان يېرىنى ئاستىمدكى كۆرپىگە سۈرتمەكچى بولدۇم ۋە يەنە بەدىنىمنى ئازراق ھەرىكەتلەندۈرۈشكە تىرىشتىم، لېكىن نەتىجە ئوخشاش بولدى، يەنىلا ياتقان يېرىمدىن قىمىردىيالمىدىم. مەن ئۆزۈمدىن ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندىم. ئۈمىدسىزلىك ئاچلىقتىن يامان، ئۈمىد ئادەمنى ئۆلتۈرىدىغان زەھەرلىك چايان. بىردىنلا نەلەردىن كەلگەنلىكى نامالەم بولغان بىر تال چىۋىن ئەتراپىمدا غۇج-غۇج قىلغان تاۋۇشنى چىقىرىپ ئۇچۇشقا باشلىدى. چىۋىننىڭ ئاۋازى ۋە قانات قېقىپ غۇجۇلداپ ئۇچۇشلىرى مېنى بىئارام قىلدى. بىئارام بولىۋاتقانلىقىم، سېزىۋاتقانلىقىم، ھېس قىلىۋاتقانلىقىم ۋە كۆرۈۋاتقانلىقىم مېنىڭ تېخى تىرىك ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى.
بۇ ھاياتتا ھازىرغىچە ئۈچ قېتىم ئۆلۈپ تىرىلدىم. شۇ دەملەردە يەنە ئۆلۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىمنىمۇ بىلىمەن. بۇ قېتىمقى ئۆلۈم مەن ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى ئۆلۈم، ئەڭ ئاخىرقى قۇتۇلۇش. ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق ئۆلۈم مېنى بۇ ھاياتقا يالغۇز تاشلاپ قويغان ۋە يىلاندەك قاسراق تاشلاتقۇزغانىدى. ئۇشبۇ يېڭى قاسراقلار بەدىمدىكى ئۆزگۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى روھىمدىكى يامان خارەكتىرلىك ئۆزگۈرۈشكە سەۋەب بولغانىدى. ھەي ئۆلۈم! مېنى بۇ ھاياتنىڭ ئوتتۇرىسىغا يالغۇز تاشلاپ قويماي، ماڭا رودۇپايدەك مەككەم چاپلاش. تۆت تامنىڭ ئىچىگە قاپسىلىپ، ئۆلۈمگە قۇچاق ئاچقان بىر ئادەمنىڭ ئەلۋەتتە بۇ ھاياتتا ھېچ بىر ۋاقىت ساقايمايدىغان جاراھەتلىرى بار بولغان بولىدۇ ۋە ۋۇجۇدىنى كۈندىن – كۈنگە زەيىپلەشتۇرۇپ، لەھەتنىڭ ئاغزىغا سۆرەۋاتقان بىر كېسىلىنىڭمۇ بارلىقى روشەن رەۋىشتە ئېنىق. ھەقىقەتەن مەزكۇر كېسەلچان بەدىنىم ئىككى كۈندىن بېرى ئاچ قالغانلىقى ئۈچۈن ئەمدى تىرىك ياشاشقا ئىمكانىيىتى قالمىغانىدى. بىراق زېھنىم توختىماي ئىشلەۋاتاتتى. زېھنىمدىن مېنى بىر لەھزە بولسىمۇ ئۆز ھالىمغا تاشلاپ قويماسلىقنى ئۆتۈندۈم.
مانا مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاچلىقىمنى ئۇنۇتقان بولاتتىم، زېھنىمدە قايتا ئەكس ئېتىۋاتقان ئۆتمۈشۈم بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئۆلۈمگە يېقىنلىشىۋاتقان شۇ دەملەرنى مەنىلىك ئۆتكۈزگەن بولاتتىم. داۋاملىق ئىشلىگەن زېھنىم ئەلۋەتتە ئاغرىقنىمۇ ئۇنۇتتۇرغان بولاتتى؛ خۇددى بىر تىراگېدىيەلىك كىنو كۆرەۋېتىپ تۇيۇقسىزلا يۈرەك كېسىلى قوزغۇلۇپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان ئادەمەك ئۆلۈشنى ئويلايتتىم. جان بەدەندىن چىقتىمۇ قالغىنىغا ئاللاھ كەرىم، ئۇ ياققا بارغاندا باشقا كەلگەننى كۆرەر ئىدىم، ھېلىمۇ بۇ دۇنيادا باشقا كەلگەننى كۆپ كۆرۈپ ياشىمىدىممۇ؟ ھەرقانچە بالا بولسا مۇشۇ دۇنيادىكىچىلىك بولماس ھەققاچان؟ زاتەن مەن شۇنداق ئويلىغانلىقىم ئۈچۈنلا ئۆلۈشنى خالاۋاتىمەن. قوسۇقۇمنىڭ ئاچلىقىنى بىر ئاز بولسىمۇ باستۇرۇش ئۈچۈن تۈكۈرۈكۈمنى يۇتماقچى بولدۇم، بىراق ئاغزىم قۇرۇپ كەتكەنلىكتىن، ئېغىز مۇسكۇللىرىم مىدىرلىماي جىم ھالەتتە تۇراتتى. شولگەي بەزلىرىمنىڭ فۇنكسىيەسى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئامالسىز قالغانىدى. ئاغزىم قەبرە ئوغۇرلىرى ئېچىۋەتكەن گۆرنىڭ ئاغزىدەك ئوچۇق تۇراتتى.
دەرھال ئەقلىمنى يېغىپ – مۇبادا ئابايقى ئۈستۈمدە ئۇچۇپ يۈرگەن چىۋىن ئوچۇق تۇرغان ئاغزىمنىڭ ئىچىدىن چىقىۋاتقان چىرىپ كەتكەن ئۆپكەمنىڭ سېسىق پۇرىقىنىڭ ھېدىنى سەزسە، چوقۇم ئۇچۇپ كېلىپ، ئاغزىمنىڭ ئىچىگە ئوقتەك كىرىپ كېتەر، ھە! -، دەپ ئويلاپ، تەنلىرىم شۇركۇنۇپ كەتتى ۋە دەرھال بىر ئامال قىلىپ ئاغزىمنى يۇمۇشقا تىرىشتىم، لېكىن ئاغزىمنى قانداق تەستە ئاچقان بولسام، شۇنداق تەستە ئاران ياپتىم ۋە ئۆلگەنگە قەدەر ئاغزىمنى ئاچماسلىققا قەسەم ئىچتىم؛ بۇ قەسەم مېنىڭ بۇ ھاياتتىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىچكەن قەسىمىم بولۇپ قالغۇسى. ئاجايىپ ئىش، بۇ دۇنيادا ئاغزىنى ئاچماسلىق ئۈچۈنمۇ قەسەم ئىچىدىغان ئىش بارمۇ ھە! ئاچلىق مېنىڭ ئاغرىقىمنى ئۇنۇتتۇرۋاتقانىدى، بىراق ئاغرىق ئاچلىقىمنى ئۇنۇتدۇرۇشقا ئامالسىز قالغانىدى. كاشكى، ئاغرىق ئاچلىقنى ئۇنۇتدۇرغان بولسا ھە! مەن پەقەت ئاغرىقنىڭ ئەمەس، ئاچلىقنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتىمەن، ئەمما لېكىن جېنىمغا قەس قىلىۋاتقان ئامىلنىڭ كېسىلىم ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىپ تۇرىۋاتىمەن.
داۋامى بار