You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » «ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (4)

«ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (4)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بەدىنىمنى بار كۈچۈم بىلەن مېدىرلىتىپ، ئوڭ يېنىمدىكى سايەمگە قارىدىم، ئۇ سەل چايقالغاندەك قىلدىيۇ، يەنىلا ئورنىدىن مىدىرلىماي جىم تۇردى. مەن ئىككى قولۇم بىلەن ئاستىمدىكى كۆرپەمگە تىرەجەپ تۇرۇپ، ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولدۇم، لېكىن تۇرالمىدىم، ئەمما غەيرەت قىلىپ ئارقامغا ئازراق سۇرۇلدۇم لېكىن يەنە سۇرۇلۇشۇمگە كارۋاتنىڭ باش تەرىپى مېنى چەكلەپ قويدى. بۇ ھاياتتا مېنى چەكلىمىگەن مۇشۇ ياغاچ كارۋاتنىڭ بېشى قالغانىدى، بۇمۇ بولدى. مەن ئەنە شۇ چەكلىك ھەركەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق سايەمگە ئۆزۈمنىڭ تىرىكلىكىن ئىسپاتلىماقچى بولغان ئىدىم، ھەقىقەتەن ئىسپاتلىدىم، مەن بىلەن تەڭ ھەركەت قىلدى، ئۇ ھەرىكەت قىلسا مەن تىرىك، ئۇ جىم تۇرسا مەن ئۆلۈك. شۇنداقلا روھىي بايان يۈرگۈزەلىسەم مەن تىرىك، ئەگەر بۇنىمۇ قاملاشتۇرالمىسام مەن ئۆلۈك. شۇ ۋەجىدىن ئۆلگۈچە بولغان ئارىلىقتا سايەمگە قاراپ ئىچمنى بوشۇتۇشۇم، سايەم يوقالغىچە ئىچىمدىكى مۇشۇ كەمگىچە دېيەلمىگەن سۆزلىرىمنى قىلىۋېلىشىم كېرەك.

مۇبادا سايەم مەندىن بۇرۇن قۇياش بىلەن تەڭ كەتسە ۋە مەن يەنىلا تىرىك قالسام، ئۇ ھالدە روھىي بايانلىرىمنى يەنىلا داۋاملىق يۈرگۈزۈشۇمگە توغرا كېلىدۇ. روھىي باياندا مەنتىق بولمايدۇ، يەنە شۇنداقتىمۇ مەنتىقتىن بەك چەتنەم كەتمەسلىككە تىرىشىشىم كېرەك، بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى پۈرسەت. مەن دېرىزە تەرەپكە قارىدىم، قۇياشنىڭ نۇرلىرى دېرىزىنىڭ ئاستىغا ئىنچىك سېزىقچىلارنى سېزىپ چۈشىۋاتاتتى، قۇياش تىرىك ئىدى. مەن ئۈچۈن دېرىزە بۇ دۇنياغا قاراپ ئېچىلغان كۆزنەك ئىدى.

مەن پەقەت دېرىزە يېنىدا تۇرۇپلا يولغا، ئادەملەرگە خاتىرجەم بىر  كۆز بىلەن قارالايتتىم. مەن بۇ ھاياتتا ئۇ دېرىزە مەيلى ئۆيگە تەۋە بولسۇن، مەيلى ئاپتوبۇسقا تەۋە بولسۇن ۋە ياكى پويىزغا تەۋە بولسۇن، مەن شۇ دېرىزىلەرنىڭ يېنىدا خاتىرجەم سىرتقا قارالىدىم ۋە يەنە خاتىرجەم خىيال سۈرەلىدىم. شۇ سەۋەبتىن دېرىزە مەن ئۈچۈن دۇنياغا ئېچىلغان يەنە بىر دۇنيا. بىر دېرىزىگە، بىر سايىگە قاراپ ھاۋانىڭ شۇنچىلىك ئوچۇق ئىكەنلىكىنى روشەن رەۋىشتە تەسەۋۋۇر قىلىپ يەتتىم. شۇنداقلا يىلنىڭ بۇ پەسىلىدە ھەممە مېۋىلەر پىشىپ مەي باغلاپ كېتىدۇ. ئورمىلار ئورۇلۇپ، خامانلار تېپىلىدۇ، ھەممە يەر موللۇققا تولىدۇ. ھەممە نەرسىنىڭ رەڭگى، شەكلى، ئىچكى قۇرۇلمىسى  ئۆزگۈرىدۇ. بىراق، بۇ يىل باشقىچە بىر يىل بولدى. ھەممە ئادەم ئاچ، ھەممە يەر قامالدا. كوچىلار بوش، دۇنيا ئۆلۈكتەك جىمجىت، مەنمۇ ھەم شۇنداق.

كوچىدا يەنە ئىتلارنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازى، نە مۈشۈكلەرنىڭ مىياۋلىغان ئاۋازى، نە خادىك ھارۋىغا قېتىلغان ئاتنىڭ تۇياق ئاۋازى، نە نۇقتىسىغا قادالغان مىس قوڭغۇراقلارنىڭ چىرىڭلىغان ساداسى، نە ئاپتومۇبىل موتورىنىڭ ئاۋازلىرى بار. بۇ تۆت تامنىڭ ئىچى بولسا، ئادەمنىڭ نەپسىنى كېسىدىغان تەھدىتكار تاۋۇتتەك كۆزۈمگە قاراڭغۇ كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بەلكى بۇ ئاچلىقتىن بولسا كېرەك. مەن ئانامنىڭ ئىشىكتىن كېرىشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىۋاتىمەن. مۇشۇ دەقىقىلەردە سىرتىن ئانامنىڭ ئىشىكنى چىكىپ كىرىپ «قانداق ئەھۋالىڭ بالام» دەپ ئەھۋال سورىشىنى  ۋە قولىدا كۆتۈرۈپ كىرگەن تاماقنى ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇپ «قېنى ئەمدى، يېتىۋەرمەي ئورنۇڭنىدىن تۇر بالام، تامىقىڭنى ئىسسىغىدە يەۋال» دېيىشلىرىنى بەك ئارزۇ قىلىۋاتىمەن. بەلكى بۇ مېنىڭ ئانامدىن كۇتكەن ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇلىرىمدۇر. ھەقىقەتەن مۇشۇنداق بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن. بۇ مېنىڭ قوسۇقۇمنىڭ ئېچىپ كەتكەنلىكىدىن ئېڭىمدا پەيدا بولغان ئارزۇ بولۇشى مۇمكىن ۋە ياكى غېرىپلىقىمدىن، ئانامنىنى سېغىنىپ كەتكەنلىكىمدىن يوشۇرۇن ئېڭىدىم كەلگەن تەبىئىي بىر ئارزۇ بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئىككى كۈندۈن بۇيان مەن ئارزۇ قىلغان بۇنداق بىر تاۋۇشنى ھېچ ئاڭلىمىدىم. ئانامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىشىمغۇ ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان بىر ھەقىقەت. لېكىن، ماڭا تاماق ئەكىرىپ بېرىدىغان سىڭلىمنىڭ ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىمىغىنىم مەن ئۈچۈن بىر خورلۇق.

(داۋامى بار)

Copyright 2025 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top