You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » «ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (5)

«ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (5)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

تۆت تامنىڭ ئىچىدە ياشاۋېرىپ ۋاقىتقا بولغان چۈشەنچەمنى تامامەن يوقاتتىم. زامان ۋە ماكان مەن ئۈچۈن ئۆز قىممىتىنى يوقاتقان. مېنىڭ دۇنيارىم مۇشۇ تۆت تامنىڭ ئىچى بولۇپ قالغىنىغا ئۇزۇن بىر زامان بولدى. بولۇپمۇ ئانام تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن بۇيان، تالا-تۈزگە چىقماس بولۇپ قالغانىدىم. دېمىسىمۇ مېنىڭدەك بىر كېسەلچان غېرىپنىڭ  زامان ۋە ماكان بىلەن نېمە ئىشى، ئەڭ مۇھىمى زامان ۋە ماكان ئۇقۇمى بولمىغان ئەبەدىيلىك بىر دۇنياغا كېتىش، مانا بۇ مېنىڭ شۇ دەمدىكى بىردىنبىر ئارزۇيۇم. مۇشۇنداق بولغاندىلا باشقىلارنىڭ ئەيىپلەشلىرىدىن، ۋايساشلىرىدىن قۇتۇلىمەن، سىڭلىممۇ مېنىڭ ئېغىرچىلىقىمنى كۆتۈرۈشتىن ئازات بولىدۇ.

راستىنلا ئۇ دۇنيا دەيدىغان بىر يەر بارمىدۇ؟ مۇبادا ئۇ دۇنيا دەيدىغان بىر يەر بولسا، بۇ مەن ئۈچۈن بەرىبىر، مەن بۇ دۇنيادا ئەڭ دەھشەتلىك دوزاقنىڭ ئازابىنى چەكتىم، دوزاق بولسا مۇشۇنچىلىك بولار، بۇنىڭدىن يامىنى نەردە بار دەيسىز. ئەگەر ئۇ دۇنيا ياخشى بىر يەر بولسا، بۇ دۇنيادا بىرگە ياشالمىغان ئايالىم ۋە ئوغلۇم بىلەن بىرگە ياشاشنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇ دۇنيادا بىر ئائىلە بولۇپ ياشىيالمىغان ئائىلەم بىلەن جەم بولۇشنى ئىستەيمەن. ئەمما، ئۇلار مېنىڭ ئارقامدىن قانچە كېيىن كەلسە شۇنچە ياشى، دەپ ئويلايمەن، ئۇلار بولسىمۇ كۈننىڭ سېرىقىنى مەندىن ئۇزاقراق كۆرسۇن.

دەرۋەقە، مەن بۇ دۇنيادا تەنھا ياشىدىم، ھالبۇكى، ئۇ دۇنيادا يىگانە ياشىغىم يوق. مەن بۇ تۆت تامنىڭ ئىچىدىن تېزرەك قۇتۇلۇشنى ئويلايمەن. ئۆلۈم ماڭا يېقىنلاشقناسېرى، ئەتراپىمدىكىلەر مەندىن يېراقلىشىشقا باشلىدى. مەن ئۆينىڭ ئىچىدە، ئادەملەر ئۆينىڭ سىرتىدا. گەرچە كورىنا قامالى مەزگىلى بولسىمۇ، قۇياشنىڭ نۇرى يەنىلا دېرىزىدىن چۈشۇپ تۇرىۋاتىدۇ، ئەسلىدە خاتىرجەمسىز ئادەم ئۈچۈن قۇياشنىڭ يورۇقىنى كۆرۈشنىڭ ئۆزىمۇ چوڭ بىر بەخت، بۈيۈك بىر نېممەت. مېنىڭچە دۇنيادىكى ئەڭ ئادىل نەرسە قۇياش بولسا كېرەك. قۇياش ئادەم تاللىمايدۇ، نەرسە تاللىمايدۇ، تەبىقە ئايرىمايدۇ، ئىنسانلار ئۆز خاھىشى بويىچە ياخشى يامان دەپ ئايرىغان ھەممە نەرسىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ ئىللىق نۇرىنى تەڭ چاچىدۇ. مانا مەھەللىدىكى پۈتۈن ئۆيلەردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان بۇ ئۆينىڭ ئىچىگىمۇ ئۆز نۇرىنى ئايىماي چېچىۋاتىدۇ، قۇياش تېخى ئۆلمىدى، ئۇ يەنىلا تىرىك، مەن تېخى ئۆلمىدىم، مەنمۇ تىرىك. ۋاھالەنكى، ھەر ۋاقىت قۇياشنىڭ پاتىدىغانلىقىنى ئويلاش، جېنىمنىڭ تېنىمدىن جۇدا بولىشىنى ئاسانلاشتۇرىۋاتىدۇ. مەن بۇنى «ئۆلۈمنىڭ ئاسانلىشىشى» دەپ ئاتىدىم.

ئەپسۇس مەن تۇرغان بۇ ئۆي، بەكلا ئۇيقا-تۇيقا ئىدى. بۇنى ئۆي دېگەندىن كۆرە بىر ئىسكىلات، بىر ئامبار ۋە ياكى بىر ئېغىل دېسە ئەقىلگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئۆينىڭ تاملىرى مايماق – سايماق قوپۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر تامنىڭ بۇدۇر – چوقۇرلىرى گويا ھەرە چىقىۋالغان ئادەمنىڭ يۈزىگە ئوخشايدۇ. ئۆينىڭ تورىسىمۇ كىشىنىڭ كۆزىگە پىتىغلىنىپ كەتكەن بىر پارچە يەردەك كۆرۈنۈدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزكۇر ئۆي ھەم پاكار ھەم تار. كارۋاتتىن چۈشۈپ بىر ماڭدام ماڭساملا ئەسكى ئىشىكنىڭ تۈۋىگە يېتىپ بارىمەن. مۇشۇ ئەسكى ئىشىكتىن چىقىپ ئىككى قەدەم ئالسام بىر قاناتلىق قاغجىراپ كەتكەن دەرۋازا ئارقىلىق چوڭ كوچىغا چىقىمەن. بۇ ئۆي بولسا، سىرتىن قارىغان ئادەمنىڭ كۆزىگە بىر ئىنسان ياشايدىغان يەرگە ئەمەس، بەلكى بىر قەبرىگىلا ئوشايدۇ. قەبرە بولغاندىمۇ بېشىغا كېلىپ دۇئا – تېلاۋەت قىلىدىغان ھېچكىمى يوق، بىر غېرىپنىڭ قەبرىسىنىڭ دەل ئۆزى.

مەزكۇر بىر ئېغىزلىق ئۆي بولسا، چوڭ قورارىمىزدىن سىڭلىمغا مىراس قىلىپ بۆلۈپ بەرگەن قورا – جايلىق يەرنىڭ بىر چېتىنى تام بىلەن قورشاشتىن شەكىللەنگەن تەنھا ئارالدەك كۆرۈنۈپ تۇرغان بىر پارچە يەرگە سېلىنغان بولۇپ، تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقەمنى كوچىغا قارايدىغان تامغا قويۇلغان بىر قاناتلىق ئەسكى ئىشىك ئارقىلىق،  ئىچكى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقەمنى سىڭلىم تەرەپكە تۇتاشقان تامدىن ئېچىلغان  سۈڭگۈچتەك بىر بوش يەر ئارقىلىق قىلىمەن. ئۇشبۇ ئۆينىڭ ئارقا تېمى ياندىكى مەسچىتنىڭ پاسىل تېمىغا يۆلەكلىك؛ باشقىلارنىڭ كۆمۈرخانىسى، ھاجەتخانىلىرىنىڭ تاملىرى مېنىڭ ئۆيۈمنىڭكىدىن بىجىرىم ۋە سۈپەتلىك. ھەتتا سىڭلىمنىڭ توخۇۋاز يولدىشىنىڭ توخۇ كاتىكى مېنىڭ ئۆيۈمدىن خېلە كۆركەم. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتسام مېنىڭ بۇ ئۆيۈمنىڭ ھالى«جىنايەت ۋە جازا»ناملىق رومانىدىكى راسكولنىكوفنىڭ بەش قەۋەتلىك ئېگىز بىنانىڭ چېدىرلىق ئۆگزىسىگە جايلاشقان ھۇجرىسىدىن بەتەر ۋەيرانە. ھە راس بۇ روماندا يەنە مۇنداق بىر جۈملە بارلىقى ئېسىمدە«نەپرەتكە سۆيگۈدىن بەتەررەك ئىشىنىمەن، چۈنكى نەپرەتنىڭ يالغىنى يوق».

دەرۋەقە، دادامنىڭ نەپرىتىنىڭ يالغىنى يوق، ھەممسى راس، تەبىئىي ئىدى. ئەمما بەزىدە ماڭا كۈلۈپ قويسا، بۇ كۈلۈشتە بىر ساقتىلىقنىڭ بارلىقىنى سېزىپ قالاتتىم. بىراق مەھەللە مەسچىتىنىڭ مەسرۇر مەزىنى «م…..»نىڭ كۈلۈشلىرى مۇلايىم ئىدى. پۈتۈن مەھەللىدە مۇشۇ ئادەملا ماڭا ياخشى كۆز بىلەن قارايتتى. مەھللىدىكىلەرنىڭ كۆزى پەقەت مېنىڭلا ئەيىبىمنى كۆرىدىغان كۆزلەردىن ئىدى. ئۇلارنىڭ مەزكۇر كۆزلىرى ئۆزلىرىنى كۆرمەيتتى. مەن كىچىك چاغلىرىمدا «م…..»نىڭ دادىسى يەنى مەسچىتىمىزنىڭ مەزىنى ئالەمدىن ئۆتكەنىدى. شۇچاغدا ئاكام «م…..»نىڭ دادىسى ئۈچۈن قوشاق قېتىپ يىغلىغانلىقىنى دوراپ ھەممىزنى كۈلدۈرگەنىدى.

ئەنە شۇچاغدا ئاكامنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ ھەييارلىقىغا كۈلۈپ ئولتۇرغان دادام، مەن ئاكامدىن ئىلھام ئېلىپ «م…..»نى ئازراق دوراپ قويسام، «باشقىلارنى دوراش ئەيىپ» دەپ، مېنى دەرھال سىلكىۋەتكەنىدى. لېكىن بىر كۈنى «م…..»نىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ قول باغلاپ يىغلىغان يىغىسىنى دورىسام «ۋاي تاتلىق ساقام! سەن تېخى مېنى دورىغىچىلىك چوڭ بولۇپ كەتتىڭما!» دەپ، كامۇنانىڭ ئېتىزلىرىدا ئىشلەپ، قاداق چۈشۈپ كەتكەن ئالقانلىرى بىلەن مەڭزىمنى مېھرىلىك سېلاپ قويغانىدى. ئەنە شۇ كۈندىن بۇيان «م…..»نى دادامدىن بەتەر ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالغانىدىم. كېيىن مەنمۇ چوڭ بولدۇم، «م…..»مۇ ساقال قويۇپ بالدۇرلا قېرىپ كەتتى ۋە مەسچىتكە دادىسىغا ئوخشاش مەزىن بولدى. ئۇ ئېيتقان ئەزان ساداسى ھەرۋاقىت قەلبىمدە ئىللىق بىر ئېقىم پەيدا قىلاتتى.

ئامما، ئانداق – مۇنداق دېگەن بىلەن، بۇ يەنىلا ئادەم تۇرىدىغان ئۆي، بۇ بىر ھەقىقەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن تالادا ئەمەس، ئۈستى يېپىق يەردە يېتىۋاتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بۇ ئۆينىڭ ئىچىدە ئۆزۈمنى تالادىكى چاغلىرىمدىن ئەركىن ھېس قىلىمەن. مەزكۇر ئۆي مېنى باشىلارنىڭ ئالىيىشلىرىدىن، كۆزلىرىمگە تىكىلىپ قاراشلىرىدىن ساقلايدۇ، باشقىلارنىڭ كەمسىتىشلىرىدىن توراپ تۇرىدۇ.

(داۋامى بار)

Copyright 2025 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top