You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » «ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (6)

«ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (6)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

شۇ دەملەردە تەنھا ياتقانلىقىمنى بىلىمەن، قوسۇقۇمنىڭ ئاچ، كۆڭلۈمنىڭ سۇنۇق، ئوق تەككەن قۇشتەك قانسىراۋاتقانلىقىمنى بىلىمەن، پۇتلىرىم ئىششىپ كەتكەنمىدۇ؟ ياكى سەمەرگەنمىدۇ؟ بۇنى بىلمەيمەن. سايەم يېرىدە، كاللام جايىدا، ئەتراپ جىمجىت، ھويلىدىن، كوچىدىن، مەسچىتتىن ھېچقانداق بىر شەپە ئاڭلانمايۋاتىدۇ. سىڭلىمنىڭ توخۇۋاز ئېرىنىڭ  تولا سوقۇشۇپ تاجىلىرى يارا بولۇپ كەتكەن غورۇزىنىڭ چىللىغان ئاۋازلىرىمۇ ئاڭلانمايۋاتىدۇ. سوقۇشقاق غوراز تولا چوقۇلاپ باشلىرىنى تاز قىلىۋتكەن مىكياننىڭمۇ ئۇنى چىقماس بولۇپ كەتتى. ئۇمۇ توخۇم تۇغۇشتىن قالدىمۇ قانداق؟ ئەگەر تۇغقان بولسا، سانجىق ئازابىدىن قاقاقلىغان تاۋۇشلىرىنى ئاڭلىغان بولاتتىم. ھەقىقەتەن تۇغۇت سانجىقى ئانىغا راھەت بېغىشلىمايدۇ؛ ئەكسىنچە قاتتىق ئاغرىقنىڭ ئازابىنى ئانىغا تېتىتىدۇ. شۇڭا ئانىلار بالىنىڭ قەدرىگە يېتىدۇ، بالا مېھرى شۇ سانجىق ئازابى بىلەن تەڭ ئانىنىڭ روھىغا سىڭىدۇ. تۇغۇت سانجىقى ئانىلارنىڭ روھىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ تاۋلايدۇ.

دېمەككى، بىر نەرسىنى يورۇق دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىش ئۇنچىلىك راھەتلىك بىر ئىش ئەمەس؛ بىراق ئۇلۇغ بىر ئىش، ئۇلۇغ بىر روھ. مەن كۆزۈمنى ئۆينىڭ تورىسىغا تىكتىم، سايەمگە قارىغۇدەك مادارىم يوق، جاۋىغايلىرىمنىڭ گەز باغلاپ كەتكەنلىكى ھېس قىلىۋاتىمەن، ئاغزىمنى سەل ئاچسام، ئىچىدىن چىققان خىرقىرغاندەك بىر ئاۋاز قۇلۇقۇمغا ئاڭلىنىۋاتقاندەك قىلىدۇ. مەن بۇ ئاۋازنى مۇلايىملىق بىلەن ئاڭلىدىم، تورۇسقىمۇ كۆزۈمنى شۇنداق بىر ھېسياتتا تىكدىم.

دەرۋەقە،  ئادەم ئاغرىپ قالغاندا ھەددىدىن زىيادە سىپايە بولۇپ كېتىدىكەن. بەلكى بۇ سىپايىلىق قوسۇقۇمنىڭ ئاچلىقىدىنمىدۇ يا، دەپ ئويلۇدۇم. تورۇستىكى بورا بىلەن لىمنىڭ ئارىلىقىدا ئۆمۈچۈكنىڭ تورلىرىنى كۆردۈم ۋە ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈچۈكنىڭ  ئۆلۈكى ئېسىقلىق تۇرىدۇ. تورلاشقان كۆزۈمگە، ئۆمۈچۈك ئۆزۈ توقىغان تورنىڭ ئىچىدە، بوغۇلۇپ ئۆلگەندەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ. بىردىنلا ئىچىمدىن ئاشۇ ئۆلۈپ قالغان ئۆمۈچۈككە ئۆزۈمنى ئوشاتقۇم كەلدى. دېمىسىمۇ مەن ئاچلىقتىن، كېسەلدىن ئۆلۈش ئالدىدا تۇراتتىم، بەلكى شۇ ئۆلگەن ئۆمۈچۈك بۈگۈن كېچىدە ئاچلىقتىن ئۆلگەندۇ؟ بەلكى ئۇ مېنىڭ مۇشۇ تەنھا دۇنيارىمدىكى ماڭا كۆڭۈل بۆلگەن بىرىدىنبىر دوستۇمدۇ؟ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇمۇ ماڭا ئوشاش بىر جانلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەن بىلەن بىر ئۆيدە ياشىغان بىر غېرىپ. ئەمدى ئۇمۇ ئۆلدۈ، مەنمۇ بۈگۈن ئۆلۈمەن، ناھايىتى ئارىمىزدا بىر كۈن پەرق بار. قانچە كۈن، قانچە ئاي، قانچە يىل پەرق قىلغان بىلەن بەرىبىر، ھامان ھەممە جانلىق ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ.  مېنىڭ ئۆمرۈم شۇ ئۆمۈچۈكنىڭكىدىن بەتەر، چۈنكى، مەن ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى كۆردۇم، ئەمما مېنىڭ ئۆلۈكۈمنى كۆرىدىغان، بايقايدىغان ئادەم بارمىدۇ؟ بۇنىسىمۇ ماڭا نامەلۇم، ۋايۋۇي نېمە دېگەن نامالۇم ئىشلار كۆپ دۇنيا بۇ.

مەن ئۆزۈم سادىر قىلغان گۇناھلىرىرىم بىلەن بىرگە بۇ ھايات بىلەن ھېساپلىشىپ، شۇ ھېساپ ئىچىدە بوغۇلۇپ ئۆلۈشنى ئويلاۋاتاتتىم. مۇشۇ زاماندا ئاچلىقتىن ئۆلۈش ماڭا بىر ئاز غەلىتە تۇيۇلىۋاتىدۇ، ھېساپ بىلەن، ئىنتىقام بىلەن، ئىسيان بىلەن ئۆلۈش مەن ئۈچۈن ئەڭ ئادالەتلىك ئۆلۈشتۇر. سەن قانداق قارايسەن؟ دەپ سايەمگە قارىدىم، سايەمنىڭ ماڭا جاۋاب بەرگۇدەك ھالى يوق ئىدى. بىردىنلا تورۇس، ئاشۇ ئۆلگەن ئۆمۈچۈك بىلەن بىرگە ئۈستۈمگە چۈشىۋاتقاندەك بىلىندى. مانا ئۆينىڭ ئىچى ۋە تېشى پىقىراۋاتىدۇ، ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، بەشىم قېيىۋاتىدۇ، كۆڭلۈم ئېلىشىۋاتىدۇ. توغرا بۇ كائىناتتىكى ھەممە نەرسە ھەرىكەتتە، ھەرىكەت قىلمىغان نەرسە ئۆلۈدۇ ۋە يوقىلىدۇ. ھەرقانداق جىسىم تۇرغۇن ھالەتتە بولسا تۇگىشىدۇ، مەۋجۇتلىقىنى يوقىتىدۇ. مەنمۇ ھازىر ھەرىكەتسىز، تۇرغۇن ھالەتتە ۋە سايەممۇ ھەم شۇنداق. شۇ ۋەجىدىن مەنمۇ تۇگەشتىم، ئۆزۈمنىڭ بارلىقىنى يوقاتتىم. قۇياش دېرىزەمدىن ئۆتۈپ كەتمىسىلا سايەم ئۆلۈكۈم بىلەن مەڭگۈ ياشايدۇ. ئەلۋەتتە، سايەمنىڭ مەندىن بۇرۇن ھالەك بولۇشىنى مۇتلەق رەۋىشتە خالىمايمەن.

تىنىقىم توختىغان ھامان چىرىشكە باشلايمەن ۋە تۇپراققا كۆمۈلۈپ، تۇپراق  بولىمەن. مېنىڭ تۇپراققا قوشۇلۇپ كېتىشىم مېنىڭ پايدام ئۈچۈندۇر. يالغۇزلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقى ئىچىگە چۆكتۈم، ئۆينىڭ ئىچى ۋە سىرتى بوران – چاپقۇن كېلىش ئالدېدىكى سۈكۈناتقا چۆمگەن ئارالدەك جىمجىت. كوچا تەرەپتىن مەھەللە كومىتىت كادىرلىرىنىڭ ياڭراق ئاۋازلىق كاناي ئارقىلىق قىلغان سۆزلىرىمۇ ئاڭلانمايۋاتىدۇ. ھەقىقەتەن، ئەتراپتىكى بۇرۇقتۇرمۇلۇققا گەپ توغرا كەلمەيدۇ. بىراق مەن بۇ بۇرۇقتۇرمۇلۇققا كۆنەپ كەتكەن، ئەسلىدە بۇ دەل مېنىڭ تەرزىم. مەن ھاياتىم بويىچە بۇرۇقتۇرمۇلۇق ئىچىدە ياشىغان ئىدىم، ئۆزۈمنى سۈكۈنات بىلەن مۇداپىئە قىلدىم، ھەر دائىم رەقىپلىرىمگە سۈكۈنات ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسەتتىم، قايسى بىر كىتابتا بىر پەيلاسوپنىڭ «ئەڭ ياخشى دۇئا، سۈكۈناتدۇر» دېگەن، سۆزى ئېسىمگە كەلدى. نېمىلادېگەنبىلەن مەن ئارزۇ – تېلەكلىرىمنى، ھەسرەت ۋە نەپرەتلىرىمنى سۈكۈنات بىلەن ئىپادىلىدىم. دېمەكچى بولغان سۆزلىرىمنى سۈكۈناتىم ئارقىلىق ئىچىمگە تىندۇرۇپ ياشىدىم. ئەركىن سۆزلەشتىن، ئەركىن ياشاشتىن قورقتۇم، ئۆز ئەركىنلىكىمنى ئۆزۈم بوغۇشقا مەجبۇر بولدۇم، مۇنداقچە ئېيتقاندا مېنىڭ ھاياتىمنى بەربات قىلغان ئەسلى دۈشمەن مېنىڭ سۈكۈناتىم ئىدى. ياق خاتالاشتىم، مۇبادا مەن سۈكۈنات بىلەن ياشىمىغان بولسام، بەلكى ئاللا بۇرۇن ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋالغان بولاتتىم.  ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئىسيان، دۈشمەنگە ئېتىلغان ئوق! ئەركىن تۇيغۇمنىڭ كەمتۇكلىكى ئەنە شۇ سۈكۈناتتىن كەلگەن. ئىنسان دېگەندە ئەركىنلىك تۇيغۇسى بولمىسا، ئۇنىڭ ھاياتىنى مۇكەممەل ھايات دېگىلى بولمايدۇ. مانا بۇ مېنىڭ رېئاللىقىم، بۇ ھاياتتىكى ئەڭ قورقۇنۇچلىق نەرسە  رېئاللىق. ئادەم پەقەت ئۆلۈش ئالدىدىلا رېئاللىق بىلەن يۈزلىشىشكە جۈرئەت قىلايدىغانىقىنى ئوچۇق زېھنىم ئارقىلىق تونۇپ يەتمەكتىمەن. مەن شۇ قورقۇنۇچلۇق رېئالىق بىلەن يۈزلەشمەكچى ۋە بۇ ھاياتنى خۇلاسلاپ، يەكۇن چىقىرىپ، جاۋابقا ئېرىشمەكچى. دەرۋەقە، مەن  ھاياتتىن قىسمەتلىرىم توغرىسىدا سوئال سوراشقا ھەقلىق، چۈنكى، ھاياتنىڭ ئاچچىق ئوغىسىنى مەن ئىچتىم، ھاياتنىڭ تىكەنلىرى ئۈستىدە مەن دەسسەپ ماڭدىم.

(داۋامى بار)

Copyright 2025 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top