You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » «ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (14)

«ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (14)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

مەن ئەتراپىمنى ئوراپ تۇرغان قار دۆۋىلىرىگە ۋە ئاسماندىن لەپشىپ چۈشىۋاتقان قارغا قاراپ «مېنىڭ روھىم بولغاندىن كېيىن، مېنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئانام بىلەن دادامنىڭ روھىمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە» دەپ، يەنە قايتا پىكىر يۈرگۈزدۇم. قارنىڭ ئىچىدە قالغان پۇتلىرىم سوغۇقتىن مۇزلاپ، كۆيۈشۈپ كەتكەنىدى، دۇئاغا كۆتەرگەن قوللىرىم قانسىرتقان ئۆپكىدەك تاتىرىپ كەتكەنىدى، ئۈستىدە ئېرىگەن قارلارنىڭ سۇلىرى ياشلىرىمغا قوشۇلغان ھالدا ھەسرەتلىك تۇراتتى. مەن ئەمدى تۇپراق بېشىدىن ئايرىلمىسام بولمايتتى، بولمىسا قاراڭغۇدا شەھەرگە كىرىدىغان يولدا ئىزىقىپ قىلىشىمنىڭ ئېھتىمالى يوق ئەمەس ئىدى. چۈنكى مەن قاتناش قورالى بىلەن ئەمەس، پىيادە مېڭىپ قايتىش پىكىرىگە كەلگەنىدىم،  نېمە ئۈچۈن تۇرۇپلا بۇنداق بىر ئويغا كەلگەنلىكىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، بەلكى ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىدىكى كۇزىتىش كامىراسىدىن قورقۇۋاتقان بولۇشىم مۇمكىن. شەھەر ئىچىدە ۋە شەھەر سىرتىغا قاتنايدىغان بارلىق يولۇچىلار ئاپتۇبۇسىغا كامېرالىق ئۆتكۈر كۆز سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مەن بۇ كۆزلەرنىڭ مېنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىمنى، خۇنۇك چىرايىمنى، رەتسىز كىيىملىرىمنى كۈزۈتۈپ تۇرۇشىنى خالىمايتتىم ۋە بۇ سېستىمنىڭ خاتىرە دېسكىسىغا چۈشۇپ قىلىشتىن قورقاتتىم.

ئادەم ئۆلگەندە روھىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئەزەلدىن ئېسىمگە كەلتۈرمەپتىكەنمەن، پەقەت دادام ۋاپات بولغان چاغدا بۇ سوئال كاللامدا پەيدا بولغانىدى ۋە ئۆزۈمدىن بۇ سوئالنى سورىغانىدىم. شۇ چاغدا، مۇئەللىمنىڭ ئۇشتۇمتۇت سورىغان سوئالىغا يولۇققان چاغدىكىدەك ھودۇقۇپ كەتكەنىدىم. دادام ئاپامنىڭ ۋاپاتىدىن ئالتە يىل بۇرۇن ۋاپات بولغان ئىدى. يەنى  2014 – يىلى ئاۋگۇست ئېيىنىڭ بېشىدا ۋاپات بولغانىدى. ھە ۋاپات بولغان كۈنىمۇ شۇنچىلىك ئېنىق يادىمدا، يەنى 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنى جۈمە. ئۆزۈمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۇنتۇپ قالغىنىم بىلەن دادامنىڭ ۋاپات بولغان كۈنىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن. دادا! سېنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىكى زوراۋانلىقىڭنىڭ دەرىجىسى سەن ئۈچۈن ئادەتتىكى نورمال بىر ھادىسىدەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق مەن ئۈچۈن بۈيۈك بىر پاجىئە. ھەر قېتىم سەن ماڭا كۈچ – قۇۋۋەتكە تولغان قوللىرىڭنى كۆتۈرۈپ ئۇرماقچى بولغىنىڭدا ۋە ياكى ئۆينىڭ تورۇسىدىكى بادىر ياغاچقا قىستۇرۇپ قويغان قىسقا تېۋىلغا ساپلىق، ئۈچ تاسمىدىن ئېشىلگەن موڭغۇل قامچىسىنى قولۇڭغا ئالغىنىڭدا قورققېنىمدىن يۈرىكىم يېرىلىپ كېتىدىغاندەك ئالدىنغدا غال – غال تىترەپ، سۈت تۆكۈۋەتكەن مۈشۈكتەك دېمىم ئىچىمگە چۈشۈپ، قىسقا تېۋىلغا ساپلىق، ئۈچ تاسمىدىن ئېشىلگەن موڭغۇل قامچىنىڭ يۈزۈمگە تىگىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئىككى قولۇم بىلەن يۈزۈمنى چىڭڭىدە تۇتۇپ تۇرۇپ، مۈكچەيگەن پېتى ئالدىڭدا تۈگۈلۈپ ئولتۇراتتىم. كاشكى شۇ چاغلاردا يۈرىكىم يېرىلىپ ئۆلگەن بولسامچۇ.

ئەگەر راستىنلا كىچىك چاغلىرىمدا شۇنداق بىر ئۆلۈم ماڭا نېسىپ بولغان بولسا، بۇ مەن ئۈچۈن نە قەدەر خەيرىلىك بىر ئىش بولغان بولاتتى ھە! مەن كېيىنكى چاغلاردىكى بەختسىزلىكلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ بۇنچىلىك ئازابلىق بىر ھاياتنى بېشىمدىن ئۆتكۈزمىگەن بولار ئىدىم. شۇ چاغلاردا سېنىڭ ئاشۇ زوراۋانلىقىڭنى مۇئاكىمە قىلغۇدەك ئەقىل ۋە قارشى چىققۇدەك كۈچ مەندە يوق ئىدى. كېيىن ئۆزۈڭ بىلىسەن ساڭا ئىسيان قىلىشقا باشلىدىم، بىرىنچى بولۇپ ئۆينىڭ تورۇسىغا قىستۇرۇپ قويغان ھېلىقى قىسقا تېۋىلغا ساپلىق، ئۈچ تاسمىدىن ئېشىلگەن موڭغۇل قامچىسىنى سۇندۇرۇپ، ئانام نان يېقىش ئۈچۈن ئوت قالىغان تونۇرغا تاشلاپ كۆيدۇرۋەتتىم. نېمىلادېگەنبىلەن يۇمران بەدەنلىرىمنىڭ ئۈستىگە قىپقىزىل قانلىق ئىزلارنى قالدۇرغان قىسقا تېۋىلغا ساپلىق، ئۈچ تاسمىدىن ئېشىلگەن موڭغۇل قامچىسى ئانام تۇتاشتۇرغان لاۋۋۇلداپ كۆيىۋاتقان تونۇرنىڭ ئوتىدا كۇكۇم چېچىپ كۆيۈپ، تونۇرنىڭ قىسزىشى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسېسىنى قاتقانىدى. شۇ چاغدا ئانام ياغقان، مەن پوملىغان پومنان شۇنچىلىك قىزىرىپ پىشقان ئىدى، تونۇرنىڭ ئاغزىدىن ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن پومناننىڭ مېزىلىك ھىدى مەھەللىمىزنى بىر ئالغانىدى. قىسقا تېۋىلغا ساپلىق، ئۈچ تاسمىدىن ئېشىلگەن موڭغۇل قامچىسى تونۇرنىڭ ئىچىدە چاراسلاپ تاۋۇش چىقىرىپ كۆيىۋاتقان چاغدا، مەن گويا ھەزرىتى مۇسانىڭ يول باشلىشى بىلەن ئوتتۇرىسىدىن يېرىلغان قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈپ، فىراۋۇننىڭ قامچىسىدىن قۇتۇلغان قۇللاردەك شۇنچىلىك شاتلىققا تولغان ئىدىم. تونۇرنىڭ ئىچىدە پاراسلاپ ئاۋاز چىقىرىپ كۆيىۋاتقان قىسقا تېۋىلغا ساپلىق، ئۈچ تاسمىدىن ئېشىلگەن موڭغۇل قامچىسىنىڭ تېۋىلغا سېپىغا قاراپ تۇرغان كۆپكۆك كۆزلىرىمنىڭ پال تېشىدەك پاقىراپ كەتكەنلىكىنى ۋە تونۇرنىڭ ئاغزىدىن كۆتۈرۈلگەن ئىسسىق ھارارەتتىن ئاپئاق يۈزلىرىمنىڭ پوكاندەك قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى تېز – تېز سوقۇۋاتقان بىغۇبار قەلبىم دەرھال ھېس قىلىپ يەتكەنىدى.

مېنىڭ كۆتەرگەن ئىسيانىمنى تۇردۇرۇشقا قۇدرىتى يەتمىگەن ئانام، سېنىڭ ئىشتىن كېلىپ، بۇ ۋەقەدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن زەردە بىلەن ۋاقىراشلىرىڭنى، ماڭا گېپىڭ ئۆتمىگەندە تىرىكىپ، تەرسالىق بىلەن ئىككى قولۇڭنى كۆتۈرۈپ ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ كاچاتلاشلىرىڭنى زېھنىدە جانلادۇرۇپ، قىززىغان تونۇردەك تاتىرىپ كەتكەن يۈزىگە خويمۇ ياراشقان بىر جۈپ قوي كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ لام – جىم دېمەي تۇرۇپ قالغانىدى. مەن شۇ ھاياجان ئىچىدە ئانام ياققان ئۈچ تونۇر نانغا ئوت ياققان ئىدىم، راسلىغان چوڭ نانلارنى تونۇر بېشىغا توشۇغانىدىم، تونۇر بېشىدا پومنان ئۈچۈن يۇغۇرغان خېمىرىنى پوملىغانىدىم، ئىشقىلىپ بىر كۈن كەچكىچە ئانامنىڭ ئۆپچۆرىسىدە پەرۋانىدەك ئايلىنىپ، ئانامنى خوش قىلىشقا تىرىشقانىدىم ۋە سېنىڭ كېلىشىڭگە يېقىن ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، يېرىم كېچىدە ئۆيگە كىرگەنىدىم. ئەمما سەن بىر ھەپتىگىچە قىسقا تېۋىلغا ساپلىق، ئۈچ تاسمىدىن ئېشىلگەن موڭغۇل قامچىسىنىڭ جىندەك يوقاپ كەتكەنلىكىنى تۇيمۇدۇڭ، تۇيغان چىغىڭدا ئانام «بىز نەدىن بىلەيلى، بەلكى مەھەللىدىكى بالىلار تۇيدۇرماي كىرىپ ئوغۇرلاپ چىقىپ كەتكەندۇ» دەپ، مېنىڭ قىلمىشىمنى ساڭا ئېيتمىغانىدى، گەرچە سەن ئانامنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنگەندەك قىلىپ، ئازراق كوتۇلداپ قويغاندىن كېيىن، ھېچ نېمە دېمىگىنىڭ بىلەن، مېنىڭدىن چوقۇم گۇمانلانغان ئىدىڭ. مەن شۇ چاغدا سېنىڭ بۇ ئىشقا بەك ۋايساپ كەتمىگەنلىكىڭنى كۆرۈپ سەل تەئەججۈپلەنگەن ئىدىم. بەلكى سەن مېنىڭ بوي تارتىپ، چوپ – چوڭلا ئادەم بولۇپ قالغانلىقىمنى كۆرۈپ، ئۆزۈڭنىڭ مەزكۇر قىسقا تېۋىلغا ساپلىق، ئۈچ تاسمىدىن ئېسىلگەن موڭغۇل قامچاڭنىڭ ئەمدى كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى سەزگەندىن كېيىن، بۇ ئىشقا شۇنداق پەرۋاسىز قارىغان بولۇشۇڭ ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىنىدى. مانا شۇ قىسقا تېۋىلغا ساپلىق، ئۈچ تاسمىدىن ئېشىلگەن موڭغۇل قامچىسىنى تۇتقان قوللىرىڭ ھازىر قارا تۇپراقنىڭ ئاستىدا جانسىز ياتىدۇ.

دادا سەن ئاشۇ كۈچلۈك قوللىرىڭ بىلەن ھاياتىڭ بويىچە ئېغىر جىسمانى ئەمگەك بىلەن مەشغۇل بولدۇڭ، بىر ئائىلىنىڭ يۈكىنى ئۈستۈڭگە ئالدىڭ، ئاكامنى ۋە سىڭلىمنى ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتتۇڭ. بىراق سەن ئاشۇ قىلغان مېھنەتلىرىڭنىڭ ھالاۋېتىنى كۆرەلمەي ئۇ دۇنياغا تۇيۇقسىز كەتتىڭ. ھەتتا مەن سېنىڭ ۋاپاتىڭدىنمۇ خەۋەرسىز قالدىم، سېنىڭ تاۋۇتۇڭ ئالدىدا يىغلاپ تۇرۇپ مېڭىپ، ئۆزۈمنىڭ بالىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلالمىدىم، مېيىتىڭنى ئۆز قولۇم بىلەن كۆتۈرۈپ، لەھەتنىڭ ئىچىگە قويالمىدىم، يەتتە كېسەك بىلەن سەن ياتقان لەھەتنىڭ ئاغزىنى ئېتەلمىدىم، ئۈستۈڭگە ئۆزۈم بىلىدىغان ئايەتلەرنى ئوقۇپ تۇرۇپ، يەتتە كەتمەن توپىنى تاشلىيالمىدىم. بۇ دۇنيادىن سەن ماڭا ئۆچ ھالدا كەتتىڭ، مەن ساڭا ئۆچ ھالدا ھەسرەتتە قالدىم. ئۇشبۇ ھايات ۋە ئۇشبۇ ئۆلۈم بولسا، بىر – بىرسىمىزدىن ئەپۇ سورىشىمىز ئۈچۈن ۋە رازىلىق ئېلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن پۈرسەت بەرمىدى. دېمەك ئۆلۈم دېگەن ئادەمنىڭ بېشىغا مۇشۇنداق تۇيۇقسىز كېلىدىكەن، مۇشۇنداق رەھىمسىز بولىدىكەن. سېنىڭ بىلەن مېنىڭ ئارامدا ھېچ بىر ۋاقىت دادا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى – مۇھەببەت مۇناسىۋېتى شەكىللەنمىدى. گويا بىز مۈشۈك بىلەن چاشقاندەك بىر – بىرىمىزگە ئۆچ ياشىدۇق. دائىم مەن سېنىڭ نەزىرىڭدە «كارغا كەلمەس نان قېپى» دېگەن، سۈپەت بىلەن ئەيىپلىنىپ كەلدىم، سەن مېنىڭ نەزىرىمدە سۆيگۈسىز، نېرۋىن، تەرسا ۋە زالىم بىر دادا سۈپىتىدە نامايەن بولۇپ كەلدىڭ. سەن پەقەت ئائىلىمىزنى ۋە مېنى ئويلاپ شۇنداق بىر مېجەز بىلەن ياشىدىڭ، ھەتتا ئۆپچۈرەڭدە بىرەر يېقىن ئاغىنەڭ يوق ئۆتتۇڭ، بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا ئىككىمىزنىڭ تەغدىرى ئوخشاش. ئەمما ئاڭلىشىمچە سېنىڭ دەپنە مېراسىمىڭ شۇنچىلىك داغدۇغۇلۇق بوپتۇ.

……………………….

(داۋامى بار)

 

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top