ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباسنىڭ 3-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئۇيغۇر مۇنبىرىدە سۆزلىگەن نۇتقى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباسنىڭ 3-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئۇيغۇر مۇنبىرىدە سۆزلىگەن نۇتقى
2026-يىلى 13-ئىيۇن، بېرلىن، گېرمانىيە
5-يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى: ئۇيغۇر كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىي خاتىرە يۇمىلاق ئۈستەل مۇھاكىمە يىغىنى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر!
ھۆرمەتلىك تەتقىقاتچىلار ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتناشقانلىقىمدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللار خىزمەت قىلغان بىر كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سۆزۈمنى ئاددىي بىر ھەقىقەت بىلەن باشلىماقچىمەن.
بىر مىللەت پەقەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش بىلەنلا ساقلىنىپ قالالمايدۇ. ئۇلار تىل، مەدەنىيەت، ئېتىقاد، تارىخ ۋە ئۆز كىملىكىنى بىر ئەۋلادتىن يەنە بىر ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانى ئارقىلىق ھايات قالىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر خەلقى تارىختىكى ئەڭ قاراڭغۇ دەۋرلەرنىڭ بىرىگە دۇچ كەلمەكتە.
2016-يىلىدىن باشلاپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا سىستېمىلىق بىر ئاسمىلياتسىيە ۋە قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندى، نۇرغۇن دېمۇگراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى، پارلامېنتلار، قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بۇ جىنايى قىلمىشىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ تونۇدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتاينىڭ بۇ جىنايى قىلمىشىغا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى جەزملەشتۈردى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ زۇلۇمى پەقەت شەخسلەرگىلا قىلىنغان ھۇجۇم ئەمەس، بەلكى ئۇ پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارىتىلغان سۇيىقەست بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى، تارىخىي ئەسلىمىسىنى ۋە مول مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشنى نىشان قىلغان. نۆۋەتتە خىتاي ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئائىلىلىرىدىن ئايرىۋەتتى، ئۇيغۇر تىلى مائارىپتىن چەكلىنىۋاتىدۇ. ۋەتىنىمىزدىكى مەسچىتلەر ۋە تارىخىي يادىكارلىقلار خىتاي ھوكۇمىتى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىندى. تەتقىقاتچىلار، يازغۇچىلار، تىجارەتچىلەر ۋە دىنىي زاتلار تۈرمىلەرگە تاشلاندى ياكى سۈكۈتكە مەجبۇرلىنىپ يوقىتىلدى. بۇ ئۇيغۇرلاردىكى ئەۋلادلار ئارا باغنى ئۈزۈپ تاشلاش، ھەمدە ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك سۇيىقەستلىك ئۇرۇنۇشنىڭ بىر قىسمىدۇر.
ئەسىرلەردىن بۇيان، ئۇيغۇر خەلقى ئوتتۇرا ئاسىيادا مول بىر مەدەنىيەت بەرپا قىلدى. ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، مىراسلىرى ۋە ئەنئەنىلىرى ئۇيغۇر تارىخىنى بىر ئەۋلادتىن يەنە بىر ئەۋلادقا يەتكۈزۈپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ كىملىك كۆۋرۈكى خىتاي تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ.
تارىخ بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى، ھەتتا ئەڭ سىستېمىلىق زۇلۇم ئاستىدىمۇ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ساقلىنىپ قالالايدۇ. مەدەنىيەتنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى مەدەنىيەت قوغداش ھەرىكەتلىرىگە ۋە بىر خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئىرادىسىگە باغلىق. بىز بۇ ئىرادە ۋە ئېگىلمەس روھنى پۈتكۈل ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا كۆرۈۋاتىمىز. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، ئۇيغۇر جامائەتلىرى ۋەتىنىمىزدىن يىراقتا ئۇيغۇر مەدەنىيەت ھاياتىنى قايتا قۇرۇپ، تىلىمىزنى ساقلاپ، تارىخىمىزنى خاتىرىلەپ، ئەنئەنىلىرىمىزنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزمەكتە.
يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىش، چوڭلارنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلاش ۋە خاتىرىلەش، ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىش ۋە نۇرغۇن كىشىلەر يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن ئەنئەنىلەر بىلەن قايتا باغلىنىش ئارقىلىق يېتەكچىلىك رولىنى ئويناۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بۇ تىرىشچانلىقلار ئۈچۈن مۇھىم بىر تىرەكلىك رولىنى ئويناۋاتىدۇ، ھەم شۇنداقلا مائارىپ، ئانا تىل، تەتقىقات، ياشلارنى تەربىيەلەش ۋە مەدەنىيەتنى قوغداش تۈرلىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇر كىملىكىنى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. مەدەنىيەتنى قوغداش پەقەت ئۆتمۈشنى ئەسلەشلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىنى قوغداشتۇر. مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىكى زىيالىيلىرىمىزنىڭ بۇ ئەمەلىي خىزمىتى پەقەت ئىلمىي پائالىيەتلا ئەمەس، بەلكى بۇ تەتقىقات خىزمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ھايات قېلىشنىڭ قورالىغا ئايلىنىدۇ.
بولۇۋاتقان ئىشلارنى ھۆججەتلەشتۈرۈش بىر مىللەتنىڭ تارىخى ئەسلىمىسىنى قوغدايدۇ، ئىلمىي تەتقىقات بولسا بىر مىللەتنىڭ يوقىتىشقا قارشى تۇرۇشنىڭ بىر ئامىلىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇنبەرلەردە ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرە ۋە ئېلىنغان قارارلار ئىنتايىن مۇھىم. بىزگە ھەم ئىلمىي تەتقىقات، ھەم ھەقىقىي ھەرىكەت لازىم.
بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق يىغىلىشلاردا، پەقەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارتقان ئازابلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئېگىلمەس روھىنىمۇ ئەستە تۇتۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇيغۇرلار ئۇرۇق-تۇققان ۋە يۇرت-ماكانىلىرىدىن ئايرىلىش، مەدەنىيەتنى ۋەيران قىلىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارىماي، ئۇيغۇر كىملىكىنى يەنىلا قوغداشقا تېرىشماقتا.
ئاخىرقى ھېسابتا، ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداش كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ئانا تىلىدا ئەركىن سۆزلىشىگە، ئۆز تارىخىنى بىلىشىگە ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى ئاشكارا داۋاملاشتۇرۇشىغا ھوقۇقلۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىلىرىمىزدىن بىرى ئۇيغۇرلار بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ئەركىنلىك ئىچىدە ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. كۆپچىلىككە رەھمەت.

