«ئۇيغۇر» نامى ھەققىدە
«ئۇيغۇر» نامى ھەققىدە[i]
ئاپتورى: ج. كلاۋسۇن
ئېنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: قۇربان نىياز
تەرجىماندىن: ئۆزىنىڭ تۈركىي تىىللار ھەققىدىكى كەڭ مىقياسـلىق تەتقىقـاتى بىـلەن ، بولۇپمـۇ « 13-ئەسـىردىن ئـاۋۋالقى تـۈركىي تىللارنىڭ ئېتمولوگىيە لۇغىتى» ناملىق زور ھەجىملىك كىلاسسىك ئەسىرى بىلەن دۇنيا تۈركولوگلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا مۇيەسـسەربولغـان مەرھۇم تىلشۇناس ج . كلاۋسۇن 1963-يىلى ئېلان قىلغان مەزكۇر ماقالىسىدا تۈركولوگىيە ساھەسىدە ئۇزاقتىن بۇيان تالاش – تارتىشتا بولـۇپ كېلىۋاتقـان «ئۇيغـۇر» نامىنىڭ مەنبەسى ۋە مەنىسى ھەققىدە ھېچكىمنىڭكىگە ئوخـشىمايدىغان ئـۆزگىچە قاراشـنى ئوتتۇرىغـا قويغـان. ئۇنىـڭ بـۇ ھەقتىكى تەتقىقات خۇلاسىسىنى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈپ قويۇش زۆرۈرىيىتىدىن مەزكۇر ماقالە كۆپ يىللار ئىلگىرى رۇسچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ كىتاپخانلار ھوزۇرىغا سۇنۇلغان. يېقىندا ئېنگلىزچە ئەسلى ماقالە بىلەن سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا ئۇنىڭدىكى بەزى خاتالىقلار تۈزىتىلىپ قايتا ئىشلەندى. ئۇيغۇرچە ئۇقۇملارنىڭ ئېنىق ئىپادىلىنىشى ئۈچۈن تەرجىمە تېكىستىگە قىسمەن ئىزاھلىق ئىبارىلەر قوشۇلدى. ماقالىدا شەرھىلەنگەن كۆزقاراشنى تەپسىلى چۈشىنىشكە قىزىققۇچىلارنىڭ تاۋۇش ئۆزگىرىشى ھەققىدىكى تىل پاكىتلىرىنى ئېنگلىزچە ئەسلى ماقالە بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشىگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن تور بوشلۇقىدىكى ئەسلى ئېنگلىزچە ماقالىنىڭ تور ئۇلىنىشى قوشۇمچە قىلىندى.
توققۇز ئەسىردىن بۇيان موڭغۇلىيە ۋە خىتاي تۈركىـستانىنىڭ 8 -ئەسىردىن 13-ئەسىرلەرگىچە بولغان تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغان، شۇنىڭدەك مۇشۇ ۋاقىتلارنىڭ ئالدى-كەينىدە تۈرك دېئالىكتلىرىنىڭ «ئۇيغۇر شىۋىسى» دەپ ئاتىلىدىغان شىۋىسىنى قوللانغان قەبىلىلەردىن بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نامى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ نامى ۋە ئۇلاردىكى خاس ئىـسىملارنىڭ ئېتىمولوگىيىـسىنى يېشىـشكە تىرىـشىۋاتقان كىـشىلەرنى توختاۋسـىز ھالـدا ئـۆزىگە تارتىـپ كەلمەكتە .
11-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مەھمۇد كاشىغەرى ئۆزىنىڭ « تۈركىي تىلـلار دىـۋانى » نـاملىق ئەسـىرىدە مۇنـداق يازغان:
« ئۇيغۇر – بىر ئەلنىڭ ئىسمى ، ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار . بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەيىن تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغان ئىكەن. ماڭا مۇھەممەد چاقىر تونقاخان ئوغلى نىزامىدىن ئىسرافىل توغان تـېكىن ئـۆز ئاتىـسىدىن ئاڭلىغـانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: <زۇلقەرنەيىن ئۇيغـۇر ئـېلىگە يېقىنلاشـقاندا تـۈرك خاقـانى ئۇنىڭغـا قارشـى تـۆت مىـڭ ئـادەم ئەۋەتكەنكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن، ئوقنى ئالدىغا قانـداق ئاتـسا، كەينىگىمـۇ شـۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەيىن ئۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە(پارىس تىلىدا) «ئىنان خۇزخۇرەند» — بـۇلار باشـقىلارغا مۇھتـاج بولماي ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن ، بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، قاچان خالىسا شـۇ چاغـدا ئېتىـپ يېيەلەيدۇ ، دەپتۇ . شۇندىن تارتىپ بۇ ئەل <خۇزخۇر> دەپ ئاتىلىپتۇ. كېـيىن باشـتىكى < خ > ھەرپـى<ا> قـا ئالماشـقان. مۇنداق بوغۇز ھەرپلىرىنىڭ بىر بىرىگە ئالمىشىشى، بولۇپمۇ <ئېلىف> نىڭ <خ> غا ۋە <خ> نىڭ <ئېلىف> قا ئالمىشىشى كـۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسە. »
يۇقـۇرقى بايانلارنىـڭ ئـاپتورى بولغـان مەھمـۇد كاشىغەرى مۇنـداق دەيـدۇ:« بىزنىـڭ بـوۋىلىرىمىز بولغـان ئەمىرلەرنىـڭ <خەمىر> دېيىلىشى ئەنە شۇنىڭدىن كەلگەن . چۈنكى ئوغۇزلار <امر> دېيەلمەي ، <ا> نى <خ> غا ئالماشتۇرۇپ <خەمىر> دەيدۇ . شۇڭا تۈرك ئەللىرىنى سامانىيلار ئوغۇللىرىدىن ئالغان بوۋىمىزنى <خەمىر تېكىن> دەپ ئاتايدۇ . خۇددى <ئۇيغۇر> سۆزىدە كۆرسەتكىنىمىزدەك بۇيەردە <ا> ھەرپى <خ> غا ئالماشقان . <خ> ھەرپى <ا> غا ئالمىشىش بىـلەن بىـرگە <خـۇز> سۆزىدىكى <ز> ھەرپىمۇ <ى- يا> غائالماشقان . بۇ <ز> ھەرپىنىڭ <ى- يا> غائۆزگىرىشى تۈپ قائىدە. شـۇنىڭدىن كېـيىن <خۇر> سۆزىدىكى <خ> ھەرپى <غ> غـائالماشـقان . <غ>نىـڭ <خ>غـا ، <خ> نىـڭ <غ> غـا ئالمىشىـشى كـۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسە . خۇددىي ئەرەپچىدە < خاتار> نى <غادار> [ii] دېگەندەك. بۇ ئەلدە بەش شەھەر بار. ئۇنىڭ خەلقى ئەڭ ئەشەددىي كاپىرلار ، ئەڭ ئۇستا مەرگەنلەردۇر . بۇشەھەرلەر :سـۇلمى ، بـۇنى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين سالدۇرغان ؛ قوچۇ ، جانبالىق ، بېشبالىق ، ياڭى بالىق » ( MS ، 68 – بەت ، -1 توم ،باسـما نۇسـخا 101 – بەت ؛ بېسىم ئاتالاينىڭ تەرجىمىسى، 1 – توم ، 111-بەت ).
بۇ بايانلار ۋە سۆزلەرنىڭ ئېتمولوگىيەسى ھازىر ئىلىم ساھەسىدە يېڭـى گەپ بولۇشـتىن قـالغىلى ئـۇزاق بولـدى . مەھمـۇد كاشىغەرىنىڭ ئۇلۇغ ئەسىرى موڭغۇل ئىستىلاسىدا يوقىلىپ كەتكەن بولـۇپ، ئانـاتولىيەدە سـاقلىنىپ قالغـان يىگانە قوليازمىغا بىز مەڭگۈ تەشەككۈر ئېيتىشىمىز كېرەك . چۈنكى بۇ قوليازمـا ھـازىرقى زامـان تۈركولوگلىرىنىـڭ ئېتمولـوگىيە تەتقىقـاتىنى مۇستەھكەم ئاساسلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھالبۇكى بۇ قوليازمىنىـڭ مەۋجۇتلـۇقى ئوتتـۇرا ئەسـىر ئالىملىرىغـا تېخـى نـامەلۇم ئىـدى. شۇڭا «ئۇيغۇر» سۆزىنىڭ مەنىسى ھەققىدە يېڭىۋاشتىن مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشنى 14- ئەسىرنىڭ 20 – يىللىـرى يېزىلغـان «جـامىئۇل تەۋارىخ » ناملىق ئەسىرىدە راشىدىن فەزلۇللا ئەل خامـادانى باشـلاپ بەرگەن، دېيىش مۇمكىن. بۇنىڭغـا ئالاقىـدار ئابزاسـلار ۋ . رادلوۋنىـڭ گېرمانچە نەشر قىلىنغان «بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ <قۇتادغۇ بىلىك> ناملىق ئەسىرى» ( سانت – پېتىربۇرگ، 1891 – يىلى) گە بېرىلگەن كىرىش سۆزدە پارىسچە ئەسلى تېكست ۋە ئۇنىڭ گېرمانچە تەرجىمىسى شەكلىدە، شۇنىڭدەك ل. ئا . خېتاگۇروۋنىڭ «جامىئۇل تەۋەرىخ » (رۇسچە تەرجىمە ) نىڭ 1 – تــومى ( موســكۋا– لېنىنگــراد ، 1952 – يىلــى ) دا ئۇچرايــدۇ . ئۇنىڭدىكى 1 – ئــابزاس ( 18 –83 – بەتلەر) تا مۇنــداق مەلۇماتلار كۆزگە چېلىقىدۇ:
« بۇ دۆلەتتە ئالىي ھوقۇق ئوغۇزنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن ، ئۇ ئالتۇندىن بىر چېدىر تىكىپتۇ ۋە ھەشـەمەتلىك زىيـاپەت ئۆتكۈزۈپتۇ . زىياپەتكە پۈتۈن ئۇرۇق – تۇغقان ، قان – قېرىنداش ۋە سانغۇنلىرىنى چاقىرىپ ، نەۋكەرلىرىنـى تـارتۇقلاپتۇ. ئـۆزىگە بويسۇنغان مويسىپىتلار ۋە قوللىغۇچىلارنى <ئۇيغۇر> دەپ ئاتاپتۇ . بۇ تـۈركچە <بىرلەشـمەك ۋە ياردەملەشـمەك> دېگەنلىـك بولىدۇ. »
مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھېكايە مەزكۇر ئەسەرنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا ۋە ئاخىرقى باپلىرىدا تەكرارلىنىدۇ. تەخمىنەن 1663-يىلى ئوبۇلغازى باھادىرخان ئۆزىنىڭ «شەجەرەئى تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە تۈرك تىللىرىنىـڭ بىـرى بىلەن، توغرىراقى دەسلەپكى ئۆزبېك تىلى بىلەن قىسمەن پەرقلىق نۇقتىئىنەزەرنى ئوتتۇرىغاقويغان. بۇ نەقىللەرنـى رادلـوۋ ئـېلان قىلغان ئەسلى تېكىست ۋە تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ 38-بېتىدىن ھەمدە رىزا نۇرنىڭ ئوسمانىي تۈركچىسىگە ئاغدۇرغان «ئوبۇلغازى باھادىرخان . تۈرك شەجەرىسى» ( ئىستانبۇل ، 1925 – يىلى نەشرى) نىڭ 42– بېتىـدىن كۆرۈشـكە بولىـدۇ. بـۇ بايـانلارنى تۆۋەندىكىچە نەقىل كەلتۈرمەكچىمىز:
«ئۇيغـۇر» سـۆزىنىڭ <ياپىـشغۇر> (يېپىـشقاق– ت) دېـگەن مەنىـسى بـار ؛ <سـۈت ئۇيدى> دىيىلىدۇ ، سۈت يېڭى ھالەتتە تۇرغاندا ئۇنىڭ تەركىپلىرى چېچىلىپ تۇرىدۇ، ئۇيۇغاندىن كېيىن بولـسا چېچىلماسـتىن بىرىكىپ تۇرىدۇ ( يېپىشىدۇ ) . ئۇلار يەنە < ئىمامغا ئۇيدۇم> دەيدۇ، يەنى ئىمـام ئولتۇرغانـدا ئولتۇرىـدۇ، تۇرغانـدا تۇرىـدۇ . بـۇ ئۇلارنىڭ ئىمامغا يېپىشقىنى.»
بۇ يەردە كېيىنكى دەۋرلەرگە تەۋە بولغان نوپۇزلۇق فارسىي ئـالىمى ئوتتۇرىغـا قويغـان پىكىرنـى نەقىـل كەلتۈرۈشـكە تـوغرا كېلىدۇ . چۈنكى ئۇ زات بۇ مەسىلىدە شەرق ئەللامىلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كۆزقاراشلىرىنى يىغىنچاقلىيالىغان. ئەمدى مۇھەممەد مەھدى خاننىڭ 1759-يىلى يېزىلغان «ساڭلاخ» (Sanglax) ناملىق ئەسىرىدىكى بايانلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئۆتمەكچىمىز:
«ئېيتىلىشىچە ، ئەينى ۋاقىتتا ئوغۇزخان بىلەن دادىسى دىنىي مەسىلە ھەققىدە ئىختىلاپ قىلىشقاندا ئۇنىڭ بىـرقىـسىم قەبىلىداشلىرى ئوغۇز تەرەپكە ئۆتۈپ، ئۇنىڭغا ياردەملەشكەن ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن ئوغۇزخان بۇلارنى <مەن بىلەن بىرلەشتى> دېگەن مەنىدە < ئۇيغۇر > دەپ ئاتاپتۇ.» «زەپەرنامە»نىڭ ئـاپتورى «ئۇيغـۇر» سـۆزىنى «بىرلىشىپ ئۆزئارا ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزگەنلەر» دېـگەن مەنـانى بىلدۈرىدۇ، دەپ كۆرسىتىدۇ. «تەۋارىخى ھەبىبۇل سىيار» نىـڭ ئـاپتورى بولسا چىڭگىزخانغـا بويـسۇنغان قەبىلىنىـڭ ئاقـساقىلى ئىـدىقۇت (بارچۇق ئارت تېگىننى كۆرسىتىدۇ – ت ) نىڭ شەنىگە تىكلەنگەن تۆھپە مەڭگۈ تېشىدا ئۇچرايدىغان «Ayghur» سۆزىدىكى «ا» ھەرپىنىڭ ئۈسـتىگە فەتھى بەلگىسى قويۇلغانلىقىنى مىسال كەلتۈرۈپ ، بۇنىڭ ئۆزبېك تۈركلىرىنىڭ قەبىلە نامى ئىكەنلىكى ، بۇ تۈركلەرنىـڭ ئاشـۇ قەبىـلە (فىرقە) گە مەنسۇپ ئىكەنلىكى ، ئۇلارنىڭ (يەنى «ayghur»لارنىڭ-ت) ئۆزبېـك قەبىلىلىـرى ئىچىـدىكى ئەڭ مەرتىۋىلىك قەبىـلە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تەسۋىرلەرنى كەلتۈرىدۇ (قاراڭ: ئې . ج . ۋ :«گىب خاتىرىسى. يېڭى توپلام » 20 – توم ، فاكسىمىل 92 – بەت).
مانا شۇ تەرىقىدە شەرق ئەللىرىدە كەڭ تارقالغان ئوتتـۇرا ئەسـىر نەزىرىيىلىرىدە «ئۇيغـۇر» سـۆزىنىڭ ھـازىرقى زامـان ئاتالغۇلىرى بىلەن ئېيتقاندا پېئىل يىلتىزى «+uy» غا «ghur –»قوشۇمچىـسى ئـۇلىنىش ئـارقىلىق پېئىلـدىن شـەكىللەنگەن ئىـسىم ئىكەنلىكى، بۇنىڭ «بىرلەشمەك» ياكى «ئىتىپاقلاشماق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغانلىقى مۇھىم مەزمۇن بولۇپ قالدى . ئەمما ئوبۇلغازى باھادىرخان «ئۇيغۇر» سۆزىنى «ئۇيۇمـاق، يېپىـشماق » دېـگەن مەنىلەردىكـى «+ uyu» سـۆزىدىن كەلـگەن دەپ قارىغان . ھالبۇكى ، ئۇ زات پېئىل «+uyu» نىڭ پېئىل «+uy» دىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى بىلەلمەي قالغاندەك قىلىدۇ.
ھازىرچە ئوبۇلغازى باھادىرخاننىڭ ئېيتقىنىدەك «ئۇيغۇر» نامىدىكى ئىككىنچى بوغۇمنىڭ تۈركچە پېئىل ئارقا قوشۇمچىسى بولغان «ghur –»دىن كەلگەنلىكى ھەققىدىكى پىكىرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى بىر ياققا قويۇپ تۇرايلى: ناۋادا 14-ئەسىردە ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا قوللىنىلغان تۈركىي تىل شەكلى «ئۇيغۇر» نامى قوبۇل قىلىنغان 8-ئەسىردىن ئىلگىرىكى نامەلۇم زامانلاردا ئەينەن مەۋجۇت بولغان بولسىدى، بۇ ئىككى خىل نەزىرىيىنىڭ ھەر ئىككىسىنى، ھېچ بولمىغاندا بىرىنچىسىنى توغرا دېيىشكە بولاتتى. ئەمما رېئاللىق ئۇنداق ئەمەس.
14- ئەسىردە « ئەگەشمەك » مەنىسىدە قوللىنىلغان «-uy» پېئىلـى چاغاتـاي تىلـى، قىپچاق شىۋىلىرى ۋە ئوغۇز شىۋىلىرى (تۈركمەن تىلى ۋە كونا ئوسمانىي تىلى ) نى ئۆز ئىچىـگە ئالغـان پۈتكـۈل تـۈركىي شىۋىلەردە ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۇت ئىـدى . مەيلـى قانـداق بولـسۇن ئوبۇلغـازى باھادىرخان دەۋرىـدە «يېپىـشماق» مەنىـسىدىكى «-uyu» پېئىلىنىـڭ مەۋجۇتلۇقى ئېنىق بولسىمۇ، بۇ سۆزنىڭ سۆز مەناسىنىڭ كېڭىيىشى يېقىنقى زاماندا روياپقا چىققان ئىش ئىكەنلىكى ئېنىـق . بـۇ پېئىلنىڭ ئەسلى شەكلى ئىزچىل ھالدا «:-udi» بولۇپ، سۆز مەنىسى «بېرىپ ئۇخلىماق» ئىدى؛ كېيىنچە سىلىقلاشتۇرۇلۇپ «گاچا بولۇپ قالماق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بولغان (ئېنگىلىز تىلىدا بىز ئىشلىتىۋاتقان «ئۇخلىماق» ئىبارىسى مانا شـۇ مەنىدىكى سىلىقلاشتۇرۇلغان ئىبارە ھېسابلىنىدۇ)، ئەڭ ئاخىرى ئاندىن (قان) «قاتمـاق» ، (سـۈت) «ئۇيۇمـاق» دېـگەن مەنىلەرنـى ئىپادىلەيدىغان بولغان ئىدى.
شۇ سەۋەبتىن ئوبۇلغازى باھادىرخاننىڭ («ئۇيماق» ھەققىدىكى-ت) پىكرىنى ئېتىۋارغا ئالماسلىققا تامامەن بولىدۇ. ئەمما ئىككىنچى نەزىرىيىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈش بەكمۇ زۆرۈر. چۈنكى بىر قىسىم ئالىملار ھېلىھەم بۇ قاراشنى كۈچكە ئىگە، دەپ قاراپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. پ . پېللىـئوت تـۇنجى بولـۇپ بـۇ خىـل نۇقتىئىنەزەردىكى زىددىيەتلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن نەشىر قىلىنغان «ئالتۇن ئـوردا خانـدانلىقى تارىخىغـا ئائىت ئىزاھلار» ( پارىژ، 1950 – يىلى نەشرى ، 229 – ئىزاھ ) دا «ئوتتۇرا ئەسىردە <ئەگەشمەك> مەنىسىدىكى پېئىـل uy- پەقەتud- نىڭ نىسبەتەن كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى شەكلىدىن ئىبارەت. بۇ پېئىل ئۇيغۇر تىلى ۋە خاقانىيە تىلىدا ئاشۇ شـەكىلنى ئالغـان ( تەخمىـنەن 13 – ئەسـىرنىڭ ھارپىـسىغىچە < ئەتەبەتۇل ھەقـايىق> تـا سـاقلانغان) » دەپ كۆرسـىتىلدى . ئەپسۇسكى، تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ ناملىرى ھەمىشە مەلۇم مەنىنى بىلدۈرىدۇ دەپ قارايدىغان مەزكۇر ئالىم دەرھال بۇخىل زىددىيەتلىك ئەھۋالـدىن قۇتۇلىـدىغان يــول ئىزدەشـكە باشــلىدى . تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇ ئازغىشىپ بروككېلمان مەھمــۇد كاشىغەرىنىڭ «دىـۋان» ىغــا ئىــشلىگەن ئىندېكىسىدە بېرىلگەن « مەھمــۇد كاشىغەرى < …. -غا \ -قا ئەگەشمەك> مەنىسىدىكى – uy سۆزىنى خاتىرىگە ئالغان» دېگەن بايانلارنى ئاساس قىلغان ھالدا «<ئۇيغۇر> نامى غەربىي شىمال دېئالىكىتلىرىنىڭ بىرىدە پەيدا بولغان؛ بـۇ دېئالېكىتتا -ud پېئىلىنىڭ شەكلى ئاللىقاچان -uy غا ئۆزگىرىپ كەتكەن، ئەمما بۇ دېئالېكىت تۇرپان رايونىدا كېيىنكى ۋاقىتلاردا قوللىنىلغان خاس دېئالىكىتقا ئوخشىمايدۇ » دەيدىغان خاتا يەكۈننى چىقىرىـپ قويدى. ئىككى خىل تۈپكى ئامىل سەۋەبىدىن ئۇنىڭ بۇ خىلدىكى خاتا يەكۈنىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ: بىـرى ، بروككېلماننىـڭ خاتىرىسى پۈتۈنلەي خاتا ئىدى . ئۇ ka:b سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەندە بۇ سۆزنى «ئۇ مەن بىلەن بىرقورساقتىن چۈشكەندەك يېقىن تۇغقان» دېگەن جۈملىنىڭ تەرجىمىسىدىن ئالغان ئىدى (بېسىم ئاتالاي ، 3 – تـوم ، 146 – بەت). ئاتالاينىـڭ ئەسـىرىدە (1-توم، 85 – بەت ) «قېرىنـداش، تۇغقـان» دەپ تەرجىـمە قىلىنغـان uya سۆزى ئىسىم بولۇپ ، «ئەگەشمەك» دېگەن مەنىدىكى -ud پېئىلى بىلەن ھېچقانداق ئېتمولوگىيەلىك باغلىنىشچانلىققا ئىگە ئەمەس؛ ئىككىنچىسى ،-ud سۆزى تۇرپان دېئالىكىتىدىلا قوللىنىلغان پېئىل بولماستىن 8 – ئەسىردىن بۇيانقى تۈركىي شىۋىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىشلىتىلگەن ئۆلچەملىك سۆز شەكلى بولغان . تېخىمۇ مۇھىمى، بـۇ پىكىردە بەكمۇ ئەجەللىك بولغان بىر كەمچىللىك مەۋجۇت: دەرۋەقە 11 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سېرىلاڭغۇ ئۈزۈك تاۋۇش -d- نىڭ يوقىلىشقا باشلىىغانلىقى ھەمدە كېيىنچە تۈركىي شىۋىلەردە ئىستىمالدىن پۈتۈنلەي قالغانلىقىغا ھېچ گۇمان كەتمەيدۇ ؛ بۇنىڭ ئورنىنى كۆپىنچە ئەھۋالدا يېرىم سـوزۇق تـاۋۇش بولغـان -y – ئالغان، بەزىدە جاراڭلىق سېرىلاڭغۇ ئۈزۈك تاۋۇش بولغان -z- ئىشلىتىلدى ، ئايرىم ئەھـۋاللاردا بولـسا پـارتلىغۇچى ئـۈزۈك تـاۋۇش -d- ئىشلىتىلدى . دەرۋەقە ، 11 – ئەسىرگە كەلگەندە بىر قىسىم شىۋىلەردە ، بولۇپمۇ ئوغۇز شىۋىلىرى گۇرۇپپىسىدا -d- نىڭ ئورنىغا -y- ئىشلىتىلىدىغان بولدى، ئەمما ئۇيغۇر تىلى بۇ تىل گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەمەس. روشەنكى ، «ئۇيغۇر» نامى ئـۆز – ئـۆزىنى «ئۇيغۇر» دەپ ئاتايدىغان، ئۆزلىرى ۋە باشقىلار، جۈملىدىن بىز «ئۇيغۇر تىلى» دەپ ئاتايدىغان تىلـدا سۆزلىـشىدىغان خەلقنىـڭ ئىچىـدە بارلىققـا كەلگەن ئىدى . ئۇيغۇر تىلىنىڭ پۈتكۈل تارىخىدىكى ئىستىمالىدا پارتلىغۇچى ئۈزۈك تاۋۇش بولغـان -d- ئىزچىـل ھالدا ئۆز خاراكتېرىنى ساقلاپ قالغان . ئەمما ، ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش ئېتنىك مەنبەدىن ، دەپ قارىلىۋاتقان گەنـسۇدىكى يۇغـۇرلار (سېرىق ئۇيغۇرلار) نىڭ تىلىدا -d- تاۋۇشى -y- تاۋۇشىغا ئۆزگەرمەستىن، -z- غا ئۆزگىرىپ كەتكەن . ئۇلارنىڭ تىلىـدا «ئەگەشمەك» دېگەن مەنىدىكى -ud سۆزى ئىستىمالدىن قېلىپ ، :-udi) «بېرىپ ئۇخلىماق ) سۆزىuzu- بولۇپ قالغان (س. ي . مالوۋ: «سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى» ئالماتا ، 1957 – يىلى نەشرى ، 129 – بەت).
راشىدىننىڭ ئېتمولوگىيەسى مانا مۇشۇ نۇقتىدىن پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ . چۈنكى ، ئۇيغۇرلار ئۆز نامى ئۈچۈن «uyghur» سۆزىنى تاللىۋالغان زامانلاردا ئۇلار «ئەگىشىش» دېگەن مەنىدىكى سۆزنى uy- دەپ تەلەپپۇز قىلغان ئەمەس [iii]، بەلكى ud- دەپ ئىشلەتكەن. شۇنداقلا قەدىمكى تۈركچىدىكى پېئىللاردا بۇ سۆزنى ياسـاپ چىققـۇدەك باشـقا سۆزنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىمۇ مەلۇم ئەمەس . شۈبھىسىزكى ، ئۇ سۆز o:y- (يەنى «ئويمـاق» ، مەسـىلەن ، قوغۇننىـڭ ئـۇرۇقىنى ئويـۇپ ئېلىۋەتمەك) دىنمۇ كېلىپ چىقمىغان. ھەممىگە مەلۇم بولغـان باشـقا شـەكىلدىكى بىـردىن – بىـر پېئىـل سـۈپىتىدە -uy نى كۆرسىتىش مۈمكىن: «چەيلىمەك» ياكى «سىقماق» مەنىسىدىكى بۇ سۆز بولسا كاشىغەرىنىڭ تىلىدا (ئاتالاي، بىرىنچى توم ، 176 – بەت) كىشىنى گۇمانغـا سالىدىغان ياسالما شەكىلدە -uv دەپ يېزىلغان . بۇ خىل ياسىلىش شەكلى ياكى باشقا خىل ياسىلىش شـەكىللىرىنىڭ بىـر قاتـار نۇسخىلىرى ھازىرقى زامـان تىللىرىـدا ، مەسـىلەن، ئوسـمانى تۈركچىـسىدە ov-/og- شـەكلىدە سـاقلىنىپ قالغـان . نـاۋادا «ئۇيغۇر» نامى ھەقىقەتەنمۇ 8– ئەسىردە تېخى مەۋجۇت بولمىغان پېئىل شەكلى -uy دىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بولسا ئۇ ھالدا ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىشىمىزگىمۇ ئىمكانىيەت قالمايدۇ.
دەرۋەقە ، بۇنداق بولغاندا 8 – ئەسىردىن بۇيان تۈرك تىلىدىكى مۇقىم بولغـان پېئىـل ئارقـا قوشۇمچىـسى gür/-ghur- مەۋجۇت ئىدى ، دېگەن قاراشمۇ گۇمانلىق بولۇپ قالىدۇ . تۈركىي شىۋىلەردە بۇ خىل ئارقا قوشۇمچىلارنىڭ ئىزلىرى مەۋجۇت ئەمەس. ئۇيغۇر تىلى ، خاقانىيە تىلى ، قىپچاق تىلى ، ئوغۇز تىلى ۋە موڭغۇل ئىستىلاسىدىن ئاۋۋالقى تۈركىي تىللارنىـڭ ھېچقايسىسىدىمۇ بۇ خىل ئارقا قوشۇمچە بولغان ئەمەس . ئۇ پەقەت چاغاتاي تىلىدىلا كۆزگە چېلىقىـدۇ . شۇڭلاشـقا بىـز راشـىدىننىڭ «ئۇيغۇر» سۆزىنىڭ ئېتمولوگىيەسى ھەققىدىكى پىكرىگە قاراپ، ئۇنىڭ بۇ سۆزنى 14 – ئەسىردە بىلگەنلىكىنى قىياس قىلالايمىز. مۇھەممەد مەھدى خان ئۆزىنىڭ «مەبانىل لۇغەت» دېگەن ماۋزۇدا «ساڭلاخ» قا يازغان گىرامماتىكىلىق شەرھىسىنىڭ 1-كىتاپ (مابنە) 4 – بابىدا «ئىسمى فائىل» ( ھەركەتنى بىلدۈرىدىغان ئىسىم ) ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىـدۇ. مەزكـۇر ئەسـەر ئىككـى قىـسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنچى قىسمى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ:
A : قائىدىلىك ئارقا قوشۇلغۇچىلار:1) – غۇچى \ – گۈچى
1) – چى \ -چى
بۇلار كۆپىنچە پېئىل ياكى ئىسىمدىن كەلـگەن بولـۇپ، مۇناسـىپ ھالـدا تـۈرك تىلىـدىكى ئومـۇمىي ئىسىملارنىڭ ھەركىتىنى بىلدۈرىدىغان ئارقا قوشۇمچىلاردۇر.
B : قائىدىسىز ئارقاقوشۇلغۇچىلار:
1) – ئۇل \ -ئۈل. دائىم قوللىنىلىدىغان موڭغۇلچە پېئىل ئارقا قوشۇلغۇچىلىرى (ئىسمى فائىل) بولـۇپ، كېيىـنچە موڭغـۇل تىلـى ئارقىلىق چاغاتاي تىلىغا سىڭىپ كىرگەن.[iv]
2) – ئاغان\ -ئېگىن. دائىملىق پېئىل ئارقا قوشۇلغۇچىلىرى بولۇپ ، دائىملىق ۋە تەكرار ھەركەتلەرنى بىلدۈرىدۇ.
3) – چاق \- چېك. پېئىل ئارقا قوشۇلغۇچىلىرى بولۇپ، چاغاتاي تىلىدا ئېنىقسىز مەنانى بىلدۈرىدۇ.
4) – چى \-چى . پېئىل ئارقا قوشۇلغۇچىلىرى
ئىككىنچى قىسىم تۆۋەندىكىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ:
A: قائىدىلىك ئارقا قوشۇمچىلار:
– ر . مۇنتىزىم تەسۋىرنىڭ ئېنىقسىز ئۆتكەن زامان سۈپەتداش ئارقا قوشۇلغۇچىسى
– غان \ – گەن. سۈپەتداش ئارقا قوشۇلغۇچىلىرى بولسىمۇ، ئەمىلىيەتتە سۈپەتداش مەنىسىنى ئىپادىلىمەيدۇ.
B: قائىدىسىز ئارقا قوشۇلغۇچىلار:
1) : -غۇر \ – گۈر . تۆۋەندە يەنە ئايرىم بايان قىلىمىز.
2) – غۇن \ گۈن. كۆپ كۆرۈلىدىغان پېئىل ئارقا قوشۇمچىلىرى بولۇپ ، ھەر دائىـم دېگـۈدەك ئۆتۈمـسىز يـاكى مەجھـۇل خاراكتېرگە ئىگە . مەسىلەن، «ئولغۇن» (پىشقان ، يېتىلگەن) «ئول» (پىـشماق) دىـن كەلـگەن ؛ «تۇتقـۇن» (ئەسـىر ، تۇتقۇن) بولسا «تۇت» (تۇتماق) دىن كەلگەن.
يۇقىرىقى قائىدىسىز ئارقا قوشـۇمچىلاردىن 1) ھەققىـدە تۆۋەنـدىكىچە بايـان كەلتۈرۈلىـدۇ:
«ئالـدى بىـلەن «ئۇچغـۇر» ( ئۇچىدىغان ) ، «تىنغۇر» (تىنىدىغان ) ، «ئۆتگۈر» ( ئۆتىدىغان ) ، «ئويغانماغۇر» ( ئويغانمايـدىغان) قاتـارلىق سـۆزلەر [ ئەڭ ئاخىرقى مىسال «ئويغانماغۇر» نەۋائىنىڭ ئەسىرىدىن ئېلىنغان ] دىكى «-غۇر \ -گۈر» قاتـارلىقلار خـۇددى بىرىنچـى بـاپ «ئىـسمى مەستەر» دە كۆرسىتىلگەندەك (فاكسىمىل 7 – ياپراق، 9 –بەت ) بەزى سۆزلەردە ئۇلارنىـڭ سـۆز مەنىـسى ئۇنىـڭ ھەركەت ئىـسمى بىلەن بولغاندىكى مەنىسى بىلەن ئۆزئارا ماس كېلىدۇ. »
بۇ باپتا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئارقا قوشۇمچىلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ «چىقغۇر» ۋە «تىنماغۇر» نـى مىـسال قىلغـان ھالـدا چۈشەنچە بېرىلگەن؛ ئىككى جايدىكى نەقىل بىردەك نەۋائىنىڭ ئەسىرىدىن ئېلىنغان ( فاكسىمىل ، 5 – ياپراق ، -9 بەت ). «ساڭلاخ»تا نەقىل كەلتۈرۈلگەن سۆزلەردىن بەزىلىرى ئادەتتىكىگە ئوخشاش مەلۇم دەرىجىدە شەكلى ئۆزگەرگەن بولـسىمۇ، يەنىلا ساقلىنىپ قالغان. مەسىلەن ،«ئۇچغۇر» سۆزى جەنۇبىي سىبىرىيەدىكى ئالتاي دېئالىكتى ، تېلېـئوت دېئالىكتـى ۋە بـارابىن دېئالىكتىدا (رادلوۋ: «لۇغەت» بىرىنچى توم ، 1730 – ، 1740 – بەتلەر) ، قـازاق تىلـى (بىرىنچى تـوم، 1905 – بەت) ۋە قـازان تاتارچىسىدا (بىرىنچى توم ، 1329 – بەت) يەنىلا «ئۇچغۇر» شەكلىدە ساقلانغان . بۇ دېئالىكىتلاردا يەنە «ئۆتكۈر» سۆزى مەۋجـۇت . شۇڭا يۇقىرقى تىللاردا «- غۇر \ – گۈر » ئارقا قوشۇمچىلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ھېچقانچە شۈبھىلىك ئەمەس، گەرچە ئۇ ھەرقاچان ئاكتىپ ھالدا يېڭى سۆزلەرنى ياساپ چىقالمىسىمۇ ئۇنىڭ مەنبەسىنى بەك يىراقتىن ئىزدەش ھاجەتسىز . شۇنىڭ بىـلەن بىـر ۋاقىتتا ئۇلارنى خۇددى«- ئۈل \ ئۇل ، -گۈل\ غۇل» گە ئوخشاش موڭغۇلچە ئارقا قوشۇمچە شەكىللىرى بولۇشـى مـۈمكىن، دەپ گۇمان قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. بۇ ئارقا قوشۇمچە شەكىللىرى چاغاتاي تىلى ۋە باشقا تىللارغا سىڭىپ كىرىپ ، بۇ تىللاردا موڭغۇل ئىستىلاسى دەۋرىدىكى كۆپلىگەن موڭغۇلچە سۆزلەرنى ۋە ئارقا قوشۇمچە شەكىللىرىنى پەيدا قىلغان. شۇڭا بۇلار ساپ تۈركچە ئارقا قوشۇلغۇچىلار سىستېمىسىنىڭ تەركىۋى قىسمى بولالمايدۇ.
ئەلۋەتتە، «ئۇيغۇر» سۆزىنىڭ ھېچقاچان ئىلگىرى ئۇنىڭغا يۈكلەنگەندەك ئېتمولوگىيەلىـك مەنىـلەرگە ئىـگە بولـۇپ باقمىغـانلىقىنى شـەرھىلەش – بـۇ سـۆزنىڭ بىـرەر ئېتمولوگىيەلىـك مەنىـگە ئىـگە ئەمەسـلىكىدىن دېـرەك بەرمەيـدۇ. ئەكـسىچە بۇ ھال بىزنىـڭ تـۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ناملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىگە بولۇشى مۈمكىن بولغان مەنىلىرىنى ئويلىنىپ كۆرۈشىمىزگە پايدىلىق .
بۇ مەسىلە ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشتىن ئاۋال تۈركچە خاس ئىسىملار توغرىسىدىكى پۈتكـۈل مەسـىلىلەرگە قىـسقىچە نەزەر سېلىپ ئۆتۈش پايدىلىقراق بولۇشى مۈمكىن . بۇ يەردە جۇغراپىيەلىك ناملارنى (توپونومىيەلەرنى) تىلغا ئېلىپ ئۆتكۈم يوق ، چۈنكى ئۇ ئۆزئارا زىددىيەتلىك چۈشەندۈرۈشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. Baliq: Yangi (يېڭـى شـەھەر) قـا ئوخـشاش بىـر قىسىم شەھەر – قەلئەلەرنىڭ نامى تۈركچە مەنىلەرگە ئىگە. ئەمما «بالاساغۇن» دېگەندەك شەھەر ناملىرى ، «تۇغلا» ۋە «سېلىنگا» دېگەندەك دەريا ناملىرىنىڭ ھېچقانداق تۈركچە مەنىسى يـوق ، شـۇنداقلا ئۇلارنىـڭ كۆپىنچىـسى تـۈركچە سـۆز بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. دەرۋەقە، بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇۋا مەڭگۈ تاشلىرى (ئادەتتە «يېنسەي مەڭگـۈ تاشـلىرى» دەپمـۇ ئاتىلىـدۇ) دىـن كەلـگەن بولـۇپ ، قىرغىـز لەشكىرىي ئاقساقاللىرى ئويۇپ چىققان بولۇشى مۈمكىن، دەپ قىياس قىلىنىۋاتقان بۇ ئابىدىلەر 9 – ئەسـىرگە يـاكى ئۇنىڭـدىن كېيىنكى ۋاقىتلارغا تەۋە . مەيلى قانداق بولسۇن ، بۇ قەبىلىلەرنىڭ ئادىتى بويىچە يېڭى تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقلارغا ئىسىم قويۇلىدۇ، ئۆسمۈرلەر بالاغەتكە يەتكەندە بولسا «ئەر ئاتى» دېيىلىدىغان يەنە بىر ئىسىم قويۇلىدۇ . بۇ ئىسىملار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بىزگە نامەلۇم، ئەمما بىرلا قاراشتا كۆزگە چېلىقىدىغىنى «ئەرئاتى»نىڭ «سۈت ئـاتى»غـا قارىغانـدا تېخىمـۇ بەكـرەك ھـۆرمەتكە سـازاۋەر ئىكەنلىكىدۇر . بەزى تۈركىي جامائەلەردە بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانىسى ياكى ئاتىسى سۆزلىگەن بىرىنچـى جۈملىنىـڭ بىرىنچـى سۆزىنى بوۋاققا ئىسىم قىلىپ قويۇشتەك كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىسىم قويۇش ئادەتلىرى مەۋجۇت بولغان. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى ، ئەرلەر قاغان بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەسلى ئىسمىنى (ياكى ئەر ئاتىنى) ئىـشلەتمەيدۇ، بەلكـى قاغانلىق مەرتىۋىسىنى قوللىنىدۇ . تۈرك قەبىلىلەر جەمىيىتىدىكى يۇقىرى قاتلام ئەزالار مۇھىم ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرىۋالغان ۋاقىتتىمۇ شۇنداق قىلاتتى. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىسمى دائىم دېگۈدەك ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلەتتى: 1) قەبىلە ياكى ئۇرۇق (جەمەت) نامى ؛ 2)ئۆز نامى ۋە ئاتـاق نـامى ؛3) يەرلىـك ئاتـاق نـامى (مەسـىلەن، « تارقـان» يـاكى«چـۇر») يـاكى يـاتئەلـچە (خىتايچە) ئاتـاق نـامى (مەسىلەن،«چىگىشى»). نۆۋەتتە بىز ئىگىلىگەن مەنبەسى ئوخشاش بولمىغان كـۆپلىگەن تـۈركچە خـاس ئىـسىملارنىڭ ئىچىـدە بىـرقىـسىم كىـشى ئىسىملىرى بار. بۇكىشى ئىسىملىرىنى ئىستىمال قىلىـدىغان خەلقنىـڭ تىلىـدىن بـۇ ئىـسىملارنىڭ مەنىـسىنى تېپىـشقا بولىـدۇ . مەسىلەن ، Aq bars («ئاق يولۋاس») ،Aydemir («ئاي تۆمۈر») ،Aydoghdi («ئـاي چىقتـى») قاتـارلىقلار. بـۇ ئىسىملارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ئېھتىمال ئاي چىقىۋاتقان مەزگىلدە تۇغۇلغان بوۋاققا قويۇلغان بولۇشى مۈمكىن. ئەمما مەنىسى ئېنىق ۋە چۈشىنىشلىك بولغان بۇ ئىـسىملاردىن باشـقا يەنە بىرقىـسىم خـاس ئىـسىملارنى ، بولۇپمـۇ بىـز ئىگىلىگەن ماتېرىيـاللاردىكى دەسلەپكى ئىسىملارنى ئۇنداق ئوڭاي يەشكىلى بولمايدۇ . مەسىلەن ، ئەڭ دەسـلەپكى تـۈرك قاغانلىرىـدىن Bumin ۋە Estemi قاتارلىقلارنىڭ ئىسىملىرى ئەمىلىيەتتە ئېتمولوگىيە نۇقتىسىدىن ئالغاندا قەبىلە نـاملىرى بىـلەن بىـردەكلىككە ئىگە.
ھەرقانداق بىر تىلدا قەبىلە نامى خاس ئىسىملار ۋە فامىلە نامى بىلەن بىـرلىكتە ئەڭ قەدىمىـي ئـامىللاردىن ھېـساپلىنىدۇ ھەمـدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى شەكىل جەھەتتە «مۇقىم»لىققا ئىگە بولىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ ئىسىملار ئومۇمىيۈزلۈك ئىـشلىتىلىدىغان بولغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەسلى شەكلىنىڭ مۇقىملىقى شۇ ۋاقىتتىكى تىلدا ئىشلىتىلىۋاتقان ئادەتتىكى سۆزلەملەردىنمۇ بەكـرەك مـۇقىم بولىدۇ. چۈنكى بۇلار ھەر دائىم ئىشلىتىلگەنلىكتىن فونېتىكا ۋە سېمانىتىكا (سۆز مەنىسى –ت) جەھەتتىكى ناھايىتى ئاستا، ئەمما ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈش ئاساسىدا سـاقلىنىپ قالغـان بولىـدۇ. تـۈركىي تىللارغـا خـاس ئەڭ دەسـلەپكى بىرقەدەر چوڭ ھەجىملىك تىل مىراسلىرى مىلادىيە 8 – ئەسىرگە تەۋە بولۇپ ، يەنە ئاھـاڭ تەرجىمىـسى بـويىچە ئىـشلەنگەن تـۈرك قەبىـلە ناملىرىنىڭ خىتايچە تەرجىمىسى ھەققىدىكى دەسلەپكى تېكىستلەردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ. بۇلار بولمىغان ھـالەتتىمۇ بىـز ئۇلارنىـڭ مۇشۇ خىل شەكىلدە مۇشۇ ۋاقىتتىن ئىلگىرىلا، يەنە كېلىپ 8-ئەسىردىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىلا مەۋجۇت بولغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلەيمىز . شۇڭا ماڭا 8 – ئەسىردىكى تۈركچە چەكلىك مىقداردىكى ئاددىي سۆزلۈكتىن مۇشۇ ناملارنىڭ «مەنىسى»نى يېشىشكە ئۇرۇنۇشىمىز ئـازراق يەڭگىلتەكلىـك بولـۇپ كەتكەنـدەك بىلىنىۋاتىـدۇ . سـەل كېيىنكى تەرەققىيات باسقۇچىغا تەۋە تىللاردا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ . ئاز – تولا ئويلىنىپ كۆرسەكلا ھازىرقى زامان ئېنگلىز تىلى ۋە ھازىرقى زامان فرانسۇز تىلىدىكى مۇقىم ناملار ۋە فامىلىلەرنىـڭ مـۇتلەق كۆپىنچىـسىنىڭ مەنىـسى يوقلـۇقىنى كۆرسـىتىپ بېرىـشكە بولىدۇ Smith ئەپەندى ئىسىملىك بىرەيلەن بار، دەپ تەسەۋۋۇر قىلايلـى. ئۇنىـڭ جەمەتـى بىـلەن باغلىنىـشلىق بولغـان پاكىتلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە ناھايىتى قەدىمكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئەجدادلىرىدىن بىرەيلەن تۆمۈرچى بولغان بولسۇن، بىزنىـڭ ئـۇنى پائۇل دەپ ئاتىشىمىز ياكى پېللىئوت دەپ ئاتىشىمىزدىن قەتئىنەزەر فرانسۇز تىلىـدا بۇنىـڭ ھېچقانـداق مەنىـسى يـوق ؛ خـۇددى شۇنىڭدەك ھازىرقى زامان ئېنگلىز تىلىدا جېرارد ياكى كلاۋسۇن دېگەن ئىسىملارنىڭ ھېچقانداق مەنىسى يوق . ئەممـا ھـازىرقى ياۋروپا كىشى ئىسىملىرىنى تەتقىق قىلغاندا ئەگەر بىز بۇ ئىسىملارنىڭ ئۆتمۈشىنى يىلتىزىغا قەدەر سۈرۈشتۈرەلىسەك، ئۇچاغدا ئـۇلار بۇ سۆزلەرنى قوبۇل قىلغان چەتئەل تىللىرىدىن( لاتىن تىلى ، گېرىك تىلى ياكى قەدىمكى ئىبراي تىلى بولۇشى مۈمكىن) شۇ سـۆزلەرنىڭ مەلۇم مەنىسىنى تېپىپ چىقىشقا بولىدۇ . مەسىلەن «پائۇل» نىـڭ يىلتىزىنـى لاتىـن مەنبەلىرىـدىن تېـپىش مـۈمكىن؛ شـۇنداقلا ئېنگلىزلاردىكى فامىلە بولغان «فابېر» سۆزىنىڭ لاتىن تىلىدىكى «faber («تۆمۈرچى) دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇشـى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىن. ئەمما تۈرك تىلىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا مۇنداق ئىز قوغلاپ سۈرۈشتە قىلىشنىڭ ئىمكانىيىتى يوق، دېيەرلىك. چۈنكى بۇ ھەقتە 8 – ئەسىردىن ئاۋالقى، 6 – ئەسىردىن ئاۋالقى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بالـدۇرقى ۋاقىتلارغا مەنسۇپ ئەھـۋاللارنى ئىگىـلەش ئىمكـانىيىتى يـوق (ئـۇۋاقىتلاردىكـى ئەھۋاللارنى پەقەت يات رايونلار مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپلا تەتقىق قىلىشقا بولىدۇ).
بۇنىڭدىن قارىغاندا مەنىسى ناھايىتى ئېنىق بولغان قەبىلە ناملىرىمۇ ئەمىلىيەتتە بىز ئويلىغىنىـدەك ئۇنچىـۋالا ئاددىي ئەمەستەك قىلىدۇ . تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ ناملىرىدىن «قـاڭلى» (Kangli) نىڭ مەنىسى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ بارلىققا كەلگەن ۋاقتى خېلىلا قەدىمكى زامانلارغا تۇتىشىدۇ. شۇڭا بۇ سۆزدىكى ئىككىنچى بوغۇمنىڭ ئىگىلىك سۈپەت ئارقا قوشۇمچىسى (-ligh) بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىنكار قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى بۇ سۆز قوللىنىلغان ئەڭ دەسلەپك زامانلاردىلا ئارقا قوشۇمچە «- لىغ» مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ئاخىرقى ئۈزۈك تاۋۇش تېخى يوقىلىپ كەتمىگەن ھالەتتە ئىدى .SPAW نىڭ 1932 – يىللىق سانىدا ۋ. باڭ ۋە رەشىد رەھمەتى ئارات ئىمزاسىدا ئـېلان قىلىنغـان ھەمـدە دۆلەتلىـك كۈتۈپخانىنىڭ تۈركچە قوليازمىلار بۆلۈمىدە ساقلىنىۋاتقان ئوتتۇرا ئەسىردىكى ( 13 – 14 – ئەسـىرلەر) سـىرلىق تېكىست «ئوغۇزخان رىۋايىتى» دە قەبىـلە نامىنىـڭ ئېتمولوگىيەسـىگە ئوخشىـشىپ كېتىـدىغان باشـقا بىـر ئەھـۋال تىلغـا ئېلىنىدۇ . مەزكۇر ھېكايىدە ( 277 – قـۇر ) بىـر ئادەمنىـڭ ئـات ھارۋىـسى («قانغـا») ياسـاپ ئىـشلەتكەنلىكى ، بۇنىـڭ بىـلەن ئوغۇز قاغاننىڭ بۇ ھارۋىغا «قانغالۇغ»، يەنى «قاڭلى» دەپ ئىسىم قويغانلىقى، شۇنداقلا بۇ نامنىڭ شـۇ كىـشىگە ۋە شۇ كىشى تەۋە قەبىلىگە نام بولۇپ قالغانلىقى سۆزلىنىدۇ . بـۇ ھېكـايە پروفېسـسور Marquart تـا ناھـايىتى كۈچلـۈك تەسـىر قالدۇرغان ( فامىلە ئېتمولوگىيەسىگە شۇنچىۋالا كىرىـشىپ كەتـكەن ئـالىم ئۆمرىنىـڭ ئاخىرىـدا فامىلىلەرنىـڭ مەنىـسىنى يېشىـشكە پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى فامىلىسىنى Markwartقا ئۆزگەرتكەن ). ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ:« بۇ ئېھتىمال ئىشەنچلىك ھېكايە بولسا كېرەك» دېگەن ئىدى ( «كۇمان تىلى ھەققىدە » — ۋ . بـاڭ ۋە مـاركۋارت ، «شـەرقىي تـۈرك دىئالىكتلىرى ھەققىدە تەتقىقات» 163 – بەت . ئا . ك . گ . ۋ . گۇتتىنگىن ، بېرلىن ، 1914 – يىلى).
ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى ، ئەڭ دەسلەپكى بۇ تېكىستتە «ئات ھارۋىسى» دېگەن مەنا «قانغا» دەپ ئىپادىلەنگەن . بىرقەدەر قەدىمىي تىللاردىـن ئۇيغـۇر تىلى ، خاقانىيە تىلى ، چاغاتاي تىلى ۋە قىپچاق تىلى قاتارلىق تىللاردا «قاڭلى» سۆزى قەبىلە نامىنى بىلدۈرىدۇ . ئـۇلار ھەرقاچـان ئات ھارۋىسى ئارقىلىق ئائىلىسىدىكىلەرنى ۋە مال– مۈلكىنى توشۇيدىغانلىقى ئۈچۈن خىتايلار ئەڭ دەسـلەپكى قەبىلىـلەر ئىتتىپاقىنى «گاۋچې»(高車) ( ئىگىز ھارۋىلىقلار) دەپ ئاتىغىنىغا ئوخشاش بـۇ قەبىلىنىـڭ نـامىمۇ ئەنە شـۇنداق پەيـدا بولغـان ، دەپ قارىلىۋاتىـدۇ . ئېھتىمال ئات ھارۋىسىنىڭ «قاڭلى» دەپ ئاتىلىشى « قاڭلى» نامىدىكى قەبىلىنىـڭ مۇشـۇ خىلـدىكى ھـارۋىنى تـۈرك جەمىيـتىگە ئېلىپ كىرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشىمۇ مۈمكىن . ئوتتۇرا ئاسىيادا بۇ خىل ھارۋىنىڭ بايقىلىشى تۈركلەر ياشىغان دەۋردىنمۇ بالدۇر ئىدى . مەسىلەن ، مىلادىيە 4 – ئەسىردە ئىرانلىقلار ئالتاي رايونىدا ئىشلەتكەن مۇشۇ خىل ھارۋا پـازىرىق قەبرىـستانلىقىدىن تېپىلغان بولۇپ، ھازىر لېنىنگرادتىكى ئېرمىتاژ مۇزىيىدا ساقلانماقتا . شۇڭا يۇقىرىقى پىرىنسىپ بويىچە ئات ھارۋىسىغا ئىسىم قويۇش پۈتۈنلەي قائىدىگە ئۇيغۇن. بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىمدا ئاپتوموبىل تېخى ئات ھارۋىسىنىڭ ئـورنىنى ئىگىلىمىـگەن بولـۇپ ، مەن ئولتۇرۇپ باققان ئات ھارۋىلىرى ئىچىدە كىشى ئىسمىدىن كېلىپ چىققان brougham ،hansom ، phaeton ،ۋە victoria دېگەندەك تۆت خىل ھارۋا بار ئىدى؛ يەر-جاي ناملىرىدىن كېلىپ چىققان coach ،landau ،landaulette دېگەندەك ئۈچ خىل ھارۋا بار ئىدى؛ تەسۋىرىي خاراكتېردە ئىسىم قويۇلغان «تۆت چاق» (four-wheeler)، «ئىت ھارۋىسى» (dog cart) ۋە «ئايال ئۇستاز» (governess) دېگەندەك ئۈچ خىل ھارۋا بار ئىدى (كېيىنكى ئىككى خىل ھارۋا بىر-بىرىگە بەكمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان بولسىمۇ ئۇلار ئىپادە قىلىدىغان ئىجتىمائىي دەرىجە زادىلا ئوخشىمايتتى)؛ چەتئەلچە ناملاردا ئاتالغان barouche ۋە cab دېگەندەك ئىككى خىل ھارۋا بار ئىدى؛ پەقەت ئىككى خىل ھارۋىنىڭ ئىسمىلا ساپ قەدىمىي ئېنگىلىزچە cart ۋە waggon دەپ ئاتالغان ئىدى.
پائۇل پېللىئوت يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ تارىخىغا ئىزاھلار» ناملىق ئەسىرىدە تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ ناملىرىنىڭ مەنىسىنى يېشىشكە غايەت زور دەرىجىدە كۈچ سەرپ قىلغان بولسىمۇ، ئومـۇمىي جەھەتـتىن قارىغانـدا ئۇنىـڭ شەرھىلىرى يەنىـلا كىشىنى ئانچە قايىل قىلالمايدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قائىدە بويىچە مەن بۇ خىل زورۇقۇشنى بىھۇدە ئۇرۇنۇش ، دەپ قـارايمەن. ئەممـا بۇنداق دېگەنلىكىم بۇ خىل ناملارنىڭ ئېتمولوگىيەسىنى تەتقىق قىلغانلىق بىھۇدە ۋاقىت سەرپ قىلغانلىق ، دېگەنلىكىم ئەمەس. خۇددى باشقا تىللارغا ئوخشاش تۈركىي تىللارمۇ توختاۋسىز رەۋىشتە راۋاجلىنىپ ئۆزگىرىپ تۇرىۋاتقـان جـانلىق ئورگانىزىمـدۇر. بىـزگە مەلۇم بولغان بۇ خىلدىكى ئەڭ قەدىمىي تىــل شــەكىللىرىدە دائىم قوللىنىلىدىغان تۈپ ســۆزلەر ھەمدە بۇ خىل تۈپ سۆزلەرگە ئۇلىنىپ كېلىدىغان دائىملىق (ئاكتىپ قوللىنىلىۋاتقان) سۆز ئارقا قوشۇمچىلىرىدىن باشقا يەنە دائىم قوللىنىلىدىغان تۈپ ســۆزلەر (ئىسىم ياكى پېئىل) گە ئۆز زامانىسىدا ئاللىقاچان ئىستىمالدىن قالغان سۆز ئارقا قوشۇمچىلىرىنىڭ ئۇلىنىشىدىن ياسالغان بىر تۈركۈم سۆزلۈكلەرمۇ بولىدۇ؛ يەنە بىر قىسىم سۆزلۈكلەر بولسا دائىملىق (ئاكتىپ قوللىنىلىۋاتقان) سۆز ئارقا قوشۇمچىلىرىنىڭ ئۆز زامانىسىدا ئاللىقاچان ئىستىمالدىن قالغان تۈپ سۆزلەرگە ئۇلىنىشىدىن ھاسىل بولغان بولىدۇ؛ يەنە بىر قىسىم تۈپ ســۆزلەر بولسا تۈپ سۆزلەر ۋە سۆز ئارقا قوشۇمچىلىرىنىڭ ئۇلىنىشىدىن ھاسىل بولغان بولسىمۇ بۇ تۈپ سۆزلەر ۋە قوشۇمچىلارنىڭ ھەر ئىككىسى بىردەك ئىستىمالدىن قالغان تەركىپلەر بولىدۇ.
بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا مەنىسىنى بىلگىلى بولمايدىغان قەبىلە ناملىرى ۋە خاس ئىـسىملارنىڭ ئومۇمىي سۆزلەملەردىكى ئاشـۇ خىـل مورفولوگىيەلىـك خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىش ئەقىلگە ئۇيغۇن. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا كۆپلىگەن تاق بوغۇملۇق ۋە نۇرغۇنلىغان جـۈپ بوغۇملـۇق سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ دەسلەپ ئاكتىپ قوللىنىلىدىغان ئومۇمىي ئىسىملار بولغان ۋە ئىلگىرىكى مەلۇم دەۋرلەردە ئۇلارنىـڭ مـۇئەييەن مەنىلىـرى بولغان. ئەپسۇسكى، 8 – ئەسىردىن ئىلگىرىكى زامانلارغا تەۋە بولغان ئاكتىپ ئىسىملار ئاللىقاچـان ئىستىمالدىن قالغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى مەنىـسى پۈتـۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىلگەن؛ ساقلىنىپ قالغان ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق قوشما سۆزلەرنىڭ كۆپىنچىسى دەسلەپكى زامانلاردا ئارقا قوشۇمچىسى باربولغان دائىملىق سۆزلۈكلەر (ئىسىم ياكى پېئىل ) بولغان. يەنە بەزى خـاس ئىـسىملار ئىزچىل خاس ئىسىم بولۇپلا ئىشلىتىلگەن ۋە ھېچقاچان ئومۇمىي ئىسىم (تۈرداش ئىـسىم ) ئىپادىلىگەن مەنىلەرنى ئىپادىلىمىگەن، ئەممـا پەقەت خاس ئىسىملارغىلا قوشۇلىدىغان ئارقـا قوشۇمچىلارنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنى قىياس قىلىش تولىمۇ مۈشكۈل. بۇلارنى مورفولوگىيە نۇقتىسىدىن ئانالىز قىلغىنىمىزدا مۇنداق بىر ھادىسىنى بايقايمىز : ئەگەر بىـر قىـسىىم ئىـسىملارنى تۈپ سـۆز (ئىـسىىم يـاكى پېئىـل) ۋە ئارقـا قوشۇمچىگە ئاجرىتىشقا مۈمكىن بولـسا ، ئـۇھالـدا بۇنداق ئەھۋال قەدىمىي تـۈركىي تىللاردىكى ئومـۇمىي ئىـسىملاردىن ھازىرغـا قەدەر مورفولوگىيەلىك ئانالىزغا بويسۇنمايۋاتقان بىر قىسىم سۆزلەردىمۇ ئۇچرايدۇ. ئەمما بۇ تېمىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئۇنچە چوڭ دەپ ئېيتالمايمىز.
تۈركىي تىللار تەتقىقاتى ساھەسىدە بىزنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە زېھىن قويۇشىمىز زۆرۈر بولۇۋاتقىنى ئەڭ ئۈنۈملـۈك ھالـدا چەكلىك بولغان مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ، تۈركىي تىللار مەسىلىلىرىنى فىلولوگىيە نۇقتىسىدىن تەھقىقلىشىمىزدۇر. «كىلاسسىك» تىللاردىن لاتىنچە ، گېرىكچە ، سانسىكىرىتچە ، ئىبرايچە ، ئەرەبچە ۋە باشقا تىللارنى ئەسىرلەردىن بۇيان فىلولوگلار تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر بۇ ساھەلەردە بايقاشقا تېگىشلىك كـۆپلىگەن يېڭى پاكىتلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى مەلۇم بولماقتا. بۇ تىللارغا سېلىشتۇرغاندا تۈركىي تىللار ھەققىدىكى تەتقىقاتنى تېخى ھېچقانچە قول تەگمىگەن بىر ساھە، دېيىشكە تامامەن مۈمكىن . يەنە كېلىپ تۈركىي تىللار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان كەسپى فىلولوگلارنىڭ سـانىمۇ ئادەمنىـڭ ئىـشەنگۈسى كەلمىگـۈدەك دەرىجىدە ئاز بولماقتا . شۇڭا كېيىنكى بىر – ئىككى ئەۋلات تۈركولوگلار ئاشۇ گادىرماش قەبىلە ناملىرى ۋە خاس ئىسىملارنىڭ مەنىسىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە ئەمەس، ئەكسىچە رېئال تىللارنى تەتقىق قىلىـشقا ، مەتىن تېكىـستلىرىگە، بولۇپمـۇ دەسـلەپكى مەتىنلەرنىڭ تەنقىدىي نەشىرلىرىنى ئېلان قىلىشقا، شۇنداقلا ھەرقايسى تىللاردىكى سۆزلۈكلەر لۇغىتى ۋە گرامماتىكا تارىخىغـا پۈتـۈن ۋۇجـۇدى بىـلەن كىرىشىشكە قادىر بولالىغان بولسا ئەڭ ئاقىلانە ئىش بولار ئىدى.
[i] ئەسلىدىكى ماقالە ج . كلاۋسۇن نامىدا « ئۇيغۇر نامى » دېگەن ماۋزۇدا «بۈيۈك بېرىتانىيە ۋە ئېرلاندىيە خان جەمەتىگە قاراشلىق ئاسىيا تەتقىقات جەمىيىتى ئىلمىي ژورنىلـى » نىـڭ 1963 – يىللىـق 4-3 قوشـما سـانىنىڭ 140 – 149 – بەتلىـرىگە بېسىلغان.
[ii] بۇ ئككى سۆز ئاساسەن مەنىداش سۆز بولۇپ «خائىنلىق قىلماق» ياكى «ساتقۇنلۇق قىلماق» دېگەن مەنىدە.
[iii] بۇنىڭ ئانچە ھەيران قالغۇچىلىكىمۇ يوق. چۈنكى بۇ ئاپتورنىڭ ئەسىرى مۇشۇ خىلدىكى خاتا ئېتمولوگىيەلىك شەرھىلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن. مەسىلەن، ئۇ موڭغۇلچە «ئوتچىگىن» دېگەن ئىسىمنى تۈركچە شەكىلدىكى «ئوت (يالقۇن) تېگىن» دەپ ئىزاھلىغان. ئەمىلىيەتتە بۇ سۆز موڭغۇلچە بولۇپ، «ئەڭ ياش\نەۋقىران» دېگەن مەنىدىكى «ئوتقان» سۆزىنىڭ ئەركىلەتمە شەكلى بولغان «ئوت»قا تۈركچە «تېگىن» سۆزىنى «چىگىن» دەپ قوشۇشتىن ھاسىل بولغان. (كوۋالېۋىسكى، 390-بەت)
[iv] ئەمىلىيەتتە موڭغۇل تىلىدىكى ئوخشىمىغان دېئالىكىتلاردىن قوبۇل قىلىنغان بۇ خىل ئارقا قوشۇلغۇچىلارنىڭ ئىككى خىل شەكلى بار : – ئۇل \ -ئۈل ۋە – گۇل \ گۈل. بۇلار بىرقىسىم تۈركىي تىللاردا – كۇل \ -كۈل شەكلىگە ئۆزگىرىپ كەتكەن ۋە ئوخشىمىغان تۈركىي تىللاردا مەنىداش سۆزلەرنىڭ ئوخشىمىغان شەكلى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان . مەسىلەن، «ساڭلاخ» تا مىسال كەلتۈرۈلگەن kara-ul (قاراۋۇل ) سۆزى تۈركىيە تۈركچىسىدە karakol شەكلىدە ساقلىنىپ قالغان. بۇ سۆزدىكى 3 – سـوزۇق تاۋۇشـتا يـۈزبەرگەن ئـۆزگىرىش ئېھتىمال بۇ سۆزنى kara (قارا) غا kol (قول) نىڭ قوشۇلىشىدىن كەلگەن، دەپ ئىشىنىدىغان ئاشۇ خىلدىكى ئېزىتقۇسىمان ئېتمولوگىيەلىك چۈشەندۈرۈشنى ئاساس قىلغان بولسا كېرەك.
ماقالىنىڭ ئېنگلىزچە نۇسخىسى ئۈچۈن بۇ ئۇلىنىشنى چېكىڭ:
https://altaica.ru/LIBRARY/CLAUSON/Clauson_The%20Name%20Uygur%201963.pdf
