«ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (15)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت
ئاكامنىڭ مەركىزى شەھەردە خىزمەت قىلىدىغان ئاغىنىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يۇرتىغا تەتىلگە كەلگەن مەزگىل بولغاچقا، سېنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكىڭنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ھەممسى دېگۇدەك كەپتۇ، چوڭ كوچا ۋە تار كوچىلار دەمنە مۇراسىمىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ماشىنلىرى بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كۈن جۈمە كۈنى بولغاچقا سېنىڭ مېيىت نامىزىڭنى يېنىمىزدىكى مەسچىتە جۈمە نامىزىدىن كېيىنلا چۈشۈرۈپتۇ، جۈمەگە كەلگەن ئەتراپتىكى پۈتۈن جامائەت سېنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىككە كەپتۇ، نېمىلادېگەنبىلەن ۋاپات بولغان چېغىڭدا بولسىمۇ تەلىيىڭ كەپتۇ.
ئۇ كۈن سېنىڭ ئۆلگەن كۈنىڭ ئەمەس، بەلكى قايتىدىن تىرىلگەن كۈنىڭدەك شۇنچىلىك گۈزەل بىر كۈن بوپتۇ، ئانام ئۆزۈ چىۋەر ئايال بولغاچقا بىر چەتتىن سەن ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ يىغلىسا، يەنە بىر چەتتىن سېنىڭ دەمنە مىراسىمىڭغا كېرەكلىك بارلىق ھازىرلىقلارنى شۇنچىلىك ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، سېنى شۇنچىلىك لايىقىدا چىرايلىق ئۇزۇتۇپتۇ، پۈتۈن مەھەللىدىكىلەر سېنىڭ ئۇلۇغ بىر ئادەم ئىكەنلىكىڭنى، بۇنچىلىك كۆپ يېقىن دوستلىرىڭنىڭ بارلىقىنى بىلمىگەنلىكىدىن سەل پۇشايمان قىپتۇ، ئارقاڭدىن ياخشى گەپلىرىڭنى، ياخشى ئىش – ئىزلىرىنىڭ تەرىپلەپ، ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي مەسچىت ئالدىدا سۆزلىشىپ كېتىپتۇ. ئەمما مەنچۇ؟ مەن ئۇ كۈنى قاۋاقتا ئۆلگۈدەك ئىچكەنلىكىم ئۈچۈن، ماڭغۇدەك ھالىم يوق، قەيەردىدۇر بىر يەرلەردىكى ئەسكى تامنىڭ تۇۋىدە، توپىغا مېلىنىپ، غىرق مەس پېتى ئۇخلاپ قاپتىمەن ۋە بىر چاغدا ئويغىنىپ كۆزۈمنى ئاچسام، خۇددى پۈتۈن دۇنيا قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىچىدە قالغاندەك، مەن بولسام گۆرنىڭ ئىچىدە ياتقان ئۆلۈكتەك تەنھا ھالدا داق يەردە ياتمامدىمەن.
ئېسىمنى يېغىپ بىر ئۆزۈمگە، بىر ئەتراپىمغا قاراپ، ئۆزۈمنى بىر ئالۋاستىدەك ھېس قىلدىم. ئۈستۈمدىن گويا بىر ماشىن بېسىپ ئۆتۈپكەتكەندەك ھەممە يېرىم ئاغرىپ، ئورنۇمدىن تۇرغۇدەك ھالىم يوق ھالدا، ئۆزۈمنى ئاران تونۇدۇم. شۇ قاراڭغۇ تۇندە ئىچىمدىن بىردىنلا يىغلۇغۇم كەلدى، دەرۋەقە، بۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۆكسۈپ -ئۆكسۈپ يىغلىسام بۇ ھاياتتىكى پۇشمانلىق تۇيغۇم ئازىيدىغاندەك غەلىتە پىكىرلەر زېھنىمدىن چاقماق چاققاندەك چاقناپ ئۆتۈپ كەتتى. ئۇن سېلىپ يىغلىدىم، ئەتراپىمدا قارانغۇلۇقتىن باشقا ھېچ كىم يوق ئىدى. ئىككى قولۇمنى يەرگە تىرەپ تۇرۇپ ئاران دېگەندە ئورنۇمدىن تۇردۇم ۋە ئەتراپقا ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىم بىلەن سىنچىلاپ قارىدىم، ئاندىن مەخسەتسىزلا ئۇدۇلۇمدىكى تار يولغا كىرىپ ئۇدۇل ماڭدىم، پۇتلىرىمغا بىرنېمىلەرنىڭ پۇتلىشىۋاتقانلىقىغىمۇ پەرۋا قىلماي ئازراق ماڭغاندىن كېيىن، چوڭراق بىر كوچىغا چىققانلىقىمنى تونۇپ يەتتىم ۋە بۇ كوچىنىڭ دەل ئۆزۈم كۈندە ئۆيدىن ئەركىن بازىرىغا، ئەركىن بازىرىدىن ئۆيگە قاترايدىغان چوڭ يول ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ يەتتىم.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر لەھزە ئۆي تەرەپكە ماڭىدىغان تەرەپنى ئىلغا قىلىۋېلىش ئۈچۈن جايىمدا مىدىرلىماي تۇرۇپ، ئەتراپقا بىر كۆز ئاتتىم ۋە سول تەرەپكە شاققىدە بۇرۇلۇپ يولنىڭ تۆۋەن تەرىپىنى كۆزلەپ ئاۋايلاپ ماڭدىم، شۇ ماڭغانچە ئالاھەزەل يېرىم سائەتتىن ئازراق ۋاقىت مۇساپە ئالغاندىن كېيىن ئۆيۈمنىڭ بىر قاناتلىق غېرىبانە دەرۋازى ئالدىغا يېتىپ كەلدىم ۋە مىڭبىر مۇشەققەتتە يانچۇقۇمدىكى ئاچقۇچنى تېپىپ، يەنە مىڭبىر مۇشەققەتتە قۇلۇپنى ئېچىپ، ئىنس – جىنغا تۇيدۇرماي ئۆيۈمگە كېرىپ، كارۋېتىمغا ئۆزۈمنى ئېتىپ، شۇ تۇرقۇم بىلەنلا ئۇخلاپ قاپتىمەن. سائەت قانچىدە ئورنۇمدىن تۇرغانلىقىمنى بىلمەيمەن، ئەيتاۋۇر تالادىكى بىر توپ ئادەملەرنىڭ گۇرۇڭ – مۇرۇڭ پاراڭلىرى قۇلۇقۇمغا گۇڭگا ئاڭلىنىۋاتقان چاغدا كۆزۈم ئۇيقۇ پەردىسىنى قايرىغان، ئۆزۈم ئورنۇمدىن تۇرغان ئىدىم.
ئىككى چامدان مېڭىپ ئىشىكتىن چىقىپ، كاتەكتەك قورارىمدىكى سۇ چۆمىكىنى ئېچىپ، يۈزۈمنى يۇيۇپ تۇرۇشۇمغا، سىڭلىم بېشىغا ئاق داكا ياغلىق سالغان ھالدا قېشىمدا پەيدا بولدى ۋە ماڭا نەپرەتكە تولغان كۆزلىرى بىلەن بىر ئالىيىۋەتكەندىن كېيىن، ئۆزىنى تۇتىۋالالمىغان ھالدا ئۇن سېلىپ يىغلاپ تۇرۇپ بوينۇمغا گىرە سېلىپ ئېسىلدى، مەن نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي سوقما تامنىڭ تۆشۈكىدەك ھۇنسىز كۆزلىرىمنى سىڭلىمغا تىكتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاخشام قاۋاقتا ئۆلگىدەك ئىچكەن سۈپەتسىز پارچە ھاراقنىڭ كاساپىتىدىن ئەقلىم بىرەر نەرسىنى دەرھال ئىدراك قىلغۇدەك ھالدا ئەمەس ئىدى، شۇڭا نېمە قىلىشىمنى، نېمە دېيىشىمنى بىلمەي تونۇرغا يۆلەپ قويغان بېشى كۆيۈپ كەتكەن كۆسەيدەك مىدىرلىماي جىممىدە تۇردۇم، بىر لەھزە ئۆتە – ئۆتمەيلا سىڭلىم«ۋاي دادا.. جېنىم دادا.. جاپاكەش دادا… جاھاننىڭ راھىتىنى كۆرمەي كەتكەن دادا…» دەپ، ئاۋازىنى بولىشىغا قويۋېتىپ ھاز ئېچىپ يىغلاشقا باشلىدى، سىڭلىم ئىككى بالىغا ئانا بولغان، ئادەتتە كۆپ گەپ قىلىدىغان، ھەمدە گەپكە بەك ئۇستا، قانداق چاغدا قانداق گەپ قىلىشنى بىلىدىغان ئەقىللىق چوكانىدى.
شۇ ۋەجىدىن بۇنداق نەزىر – چىراغ ئۆتكۈزىۋاتقان ھازىدار ئۆيدە، مېنىڭ ئاغزىمدىن چىقىۋاتقان سېسىق ھاراقنىڭ بۇسىنى پۇراپ تۇرۇپمۇ چاندۇرمىدى، بولمىغۇر قىلمىشلىرىمنى ئەيىپلەپ كەتمىدى ۋە مەن بىلەن دەتالاش قىلىشنىڭ ئورنىغا، ماڭا ھېسداشلىق قىلىشنى تاللىغانىدى. مەن سىڭلىمنىڭ ھالىدىن، دادا سېنىڭ ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكىڭنى مىڭبىر تەستە ئاران ھېس قىلدىم، ھېس قىلىشنىغۇ ھېس قىلدىم، بىراق سىڭلىمنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ئېقىۋاتقان ياشلارنى سۈرتۈشكە ئامالسىز قالدىم، يا كۆزۈمدىن بىر تامچە ياش ئاقمىدى، يا زۇۋانىمدىن بىر ئېغىزمۇ سۆز چىقمىدى. خۇددى كېچىك چىغىمدىكىدەك دىلىم تۇتۇلۇپ قالغانىدى، بۇنىڭ سەۋەبىي ئازابتىنمۇ؟ خوشاللىقتىنمۇ؟ بۇ ماڭا ھازىرچە نامەلۇم ئىدى. مەن ئۆزۈم بىلمىگەن بىر كۈچنىڭ قول سېلىشى بىلەن سىڭلىمنىڭ مۇرەمگە گېرە سالغان ئىككى قولىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، ئۇنى ئىشتىرىپ ئازراق يىراقلاشتىم ۋە سېنى نەرگە كۆمگەنلىكىنى سورۇدۇم، سىڭلىم مېنىڭ تۇيۇقسىز قىلغان قوپاللىقىمغا پەرۋا قىلىپ قويماي، سورىغان سوئاللىمغا جاۋاب بەردى.
مەن سىڭلىمدىن سېنىڭ ھايات ۋاقتىڭدا قىلغان نەسىھەتىڭ بويىچە مۇشۇ يەرگە كۆمۈلگەنلىكىڭنى بىلدىم ۋە ھېچ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۇۋەتمەيلا بىر قاناتلىق ئەسكى ئىشىكتىن يايدىن چىققان ئوقتەك ئۇچۇپ چىقىپ كەتتىم ۋە شۇ چىققان پېتى ئۆيگە ئىككى كۈن ئاياق باسمىدىم. مەن شۇ چاغدا ئىشىكتىن چىققان چېغىمدا، چوڭ كوچىدا ئادەملەر ئۇياقتىن – بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى ۋە مەسچىتنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرغان بىر توپ جامائەتنىڭ نەپرەتلىك كۆزلىرىدىن ئېتىلغان ئوقلار ئۈستۈمگە يېغىۋاتقانلىقىنى سەزگەن ئىدىم. مەن ئۇلارنى نەزىرىمگىمۇ ئېلىپ قويماي، ئالدىمدا كۈچلۈك سىگنال بېرىپ تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ماشىنغىمۇ پەرۋا قىلمىغان ھالدا چوڭ يولنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، ئۇدۇلدىكى تار كوچىغا كېرىپ كەتتىم. تەلىيىمگە بۇ كوچىدا بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى، بېشىمنى يەردىن كۆتەرمەي شۇنچىلىك ئىشتىك ماڭدىم، يەردىن بېشىمنى كۆتەرمىگەنسېرى بېشىم تېخىمى قاتتىق ئاغرىشقا باشلىدى. «ئاخشام ئىچكەن ھاراق چىشلىۋالغان ئوخشايدۇ، بىر رومكا ھاراق بولغان بولسا بېشىمنىڭ ئاغرىقى شىپپېدە بېسىلغان بولاتتى» دېگەن خىياللار كاللامدىن يالت قىلىپ ئۆتتى، ئادەتتىكى بۇ خىيال نېمىشقىدۇر شۇ چاغدا ماڭا بولمۇغۇر بىر خىيالدەك تۇيۇلدى ۋە روھىمدا بىردىنلا گۇناھكار بىر تۇيغۇ پەيدا بولدى. ئۆزۈمدە بۇنداق بىر تۇيغۇنىڭ پەيدا بولمىغىنىغا ئۇزۇن يىللار بولغاچكىمىكىنتاڭ، بۇ ھالنى ئۆزۈمدىكى نورمالسىزلىق دەپ قارىغان پىكىرلەر زېھنىمدە جانلاندى.
مەن ئەنە شۇ بولمىغۇر خىياللار بىلەن يولنى داۋاملاشتۇرۋاتاتتىم ۋە شۇ دەملەردە شۇنداق خىياللاردا بولغىنىمدىن ئۆزۈمگە بولغان نەپرىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى، بىراق مەندە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ئاخىرقى پىكىرلەر ماڭا ئازراق تەسەللى بولدى. مەن شۇ ماڭغانچە بىر كوچىدىن ئۆتۈپ يەنە بىر كوچىغا كېرىپ، ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ يەنە بىر تار كوچىدا بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ مېڭىپ، ئاخىرى سەن كۆمۈلگەن بۇ يېزىغا ئۇدۇل تۇتىشىدىغان چوڭ تاش يولغا چىقتىم. مەن يولنىڭ ئوڭ ياقىسىنى بويلاپ ماڭماستىن باشقىلار بىلەن قېرىشقاندەك يولنىڭ سول ياقىسىنى بويلاپ بېشىمنى كۆتەرمەي ماڭدىم. بىر چاغدا كىچىك بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئاستا كېلىپ يولنىڭ ئوڭ تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان، يېنىمدىن سەل يېراقراق بىر يەردە توختىدى ۋە شوپۇر ئاپتوبۇسنىڭ كاپىنكىسىنىڭ دېرىزسىدىن بېشىنى چىقىرىپ، ئاپتوبۇسقا چىقىۋېلىشىمنى ئېيتتى. مەن يېنىمدا پۇلۇمنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتىم، قاپىقىمنى تۈرۈپ تۇرۇپ دېگەن بۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلىغان كىراكەش، ھېچنېمە دېمەيلا، ئاپتوبۇسىغا گازنى بېرىپ، ئارقىسىغا چاڭ – توزانلارنى قالدۇرۇپ تېز يۇرۇپ كەتتى. مەن توپا – چاڭنىڭ ئىچىدە قالدىم، لېكىن پەرۋاسىز ئىدىم. زاتەن كاللام قۇپقۇرۇق قاپاقتەك ئىدى.
تېخى ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىر كەيپىيات بىلەن ئاشۇ چاڭ – توزانلارنى ۋە ئاپتوبۇسنىڭ ئارقىسىدىن چىقىۋاتقان بېنزىن پۇرىقىنى قوغلاپ قەدەملىرىمنى تېزلېتىپ، بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ ئىشتىك ماڭدىم، مەن گويا ئاشۇ چاڭلار ئارىسىدا بۇ رېئال دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئايرىم بىر دۇنيانىڭ ئىچىگە كېرىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ بىلەن ئادەمسىز كوچىلاردا يالغۇز مېڭىپ، ئاخىرى جىددىي قۇرۇلۇش سېلىۋاتقان بىر يەرگە كەلدىم. بۇ يەرگە كەلگەندە نېمىشقىدۇر يۈرىكىمنى بىردىنلا قورقۇنچلۇق بىر تۇيغۇ ئامبۇردەك قىسىشقا باشلىدى. ئۇشبۇ ئۈستىگە تىكەنلىك سىملار ئورۇنلاشتۇرغان ئېگىز تاملارنىڭ ئىچىگە قاتار – قاتار بىنالار سېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان باشقىچە بىر ئويدا بولۇپ قالدىم ۋە بۇ يەردىن تېزرەك كېتىش ئۈچۈن قەدەملىرىمنى تېخىمۇ تېزلەتتىم. ئەسلىدە بۇ يەرلەر بۇرۇن سازلىق ئىدى، نەچچىلىگەن كۆل، نەچچىلىگەن بۇلاقلار بار، ئەتراپى ياپيېشىل بولۇق ئۆسكەن چۆپلەر بىلەن ئورالغان گۈزەل بىر ماكان ئىدى، يۇقۇرى تەرىپى بولسا شال تېرىيدىغان ئېتىزلىق ئىدى.
مانا ھازىر بۇ يەردە بۇنداق تېز ئۆزگۈرۈشنىڭ بولغانلىقىغا ۋە بۇ سازلىقنى قانداق قىلىپ بۇنداق ئۆزگەرتكەنلىكىگە ئەقلىم ئىشلىمەيلا قالغانىدى. ئەسلىدىغۇ ئەقلىم بىر ئىشلارغا ئۇنچىلىك تېز ئىشلەيدىغان بىرسى ئەمەس مەن، دادا سەن بۇنى مەندىن ئوبدان بىلىسەنغۇ. سەن تاكى ئۆلگۈچە مېنىڭ ئەقلىمدىن گۇمانلىنىپ كەلگەن بەندە. مەن گاراڭ -گۇرۇڭلۇق ئىچىدە يەنە يېرىم سائەتتەك يول ماڭغاندىن كېيىن يېزىنىڭ قەبرىستانلىقىغا يېتىپ كەلدىم، بۇ يەر ھەقىقەتەن چىرايلىق بىر يەر ئىدى. دادا سەن يېتىش ئۈچۈن ئاجايىپ ئېسىل يەرنى تاللاپسەن. چوقۇم سەن بۇرۇن مۇشۇ قەبرىستانلىققا چىققان ۋە بۇ يەرنىڭ شۇنچىلىك جانغا ئارام – بەخش ئېتىدىغان بىر جاي ئىكەنلىكىنى پەملەپ، ئانامغا شۇ نەسىھەتنى قالدۇرغانلىقىڭ مۇشۇ ئاۋغۇست ئايلىرىنىڭ كۆپكۆك ئاسمېندىكى پاقىراپ تۇرغان قۇياشتەك ئوچۇق بىر ھەقىقەت. دادامنىڭ قەبرىسى ئۈستۈگە تاشلانغان توپىلار تېخى قۇرمىغانىدى. زاتەن بۇ تۇپراق بېشىدا توپىسى قۇرمىغان بىرلا قەبرە بار ئىدى. شۇ ۋەجىدىن «ئۇشبۇ قەبرە بولسا تۈنۈگۈن يەرلىككە قويۇلغان دادامنىڭ قەبرىسى» دەپ، جەزملەشتۇرۇشۇمگە يېتەرلىك پاكىت ئىدى.
مەن قەبرىنى قانداق قۇچاقلىغىنىمنى بىلمەيمەن، قانداقتۇر بىر كۈچنىڭ ھەيدەكچىلىكى بىلەن قەبرىنى ئۆزلۈگۈمدىن قۇچاقلىغانىدىم. يۈزلىرىم يۇمران توپىلارغا مىلەندى، كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ئاققان ياشلار تازە پۇراپ تۇرغان توپىلار ئۈستۈگە تۆكۈلدى. مەن سەن ۋاپات بولغاندا بۇنچىلىك قايغۇرامەن دەپ ئويلىمىغانىدىم. بەلكى سەنمۇ شۇنداق ئويلىغان. ياش يۇقا يۈزلىرىمنى پاقىراپ تۇرغان ياز قۇياشىنىڭ ئىسسىق نۇرلىرى سېلاپ تەسەللى بېرىۋاتاتتى، مەن ئۆزۈمنى توختىتالماي ھۆكۈرەپ يىغلاۋاتاتتىم. نېمىشكە بۇنچىلىك قايغۇرغۇنۇمنى ئۆزۈم بىلمەيمەن. بەلكى مەن سېنى ئۆز قولۇم بىلەن يەرلىكىڭگە قويالمىغانلىقىم ئۈچۈن ۋە چەتئەلگە چىقىپ كېتىپ، ئون توققۇز يىلدىن بېرى كۆرۈشەلمىگەن ئاكامنىڭ ئورنىدا بالىلىق سۈپۈتۈم بىلەن سېنىڭ بىلەن خوشلىشالمىغانلىقىمدىن ۋىجدان ئازابى چېكىپ، بۇنداق ئىزتىراپ چېكىپ، ئاشۇنداق توختماي ئۇن سېلىپ يىغلىغان بولۇشۇم مۇمكىن. دېمەك ۋىجدان دېگەن بۇ نەرسە بولمىغان بولسا، كۆزۈمدىن سەن ئۈچۈن ئاقىدىغان بىر تامچە ياش يوق ئىدى. لېكىن مەندىمۇ ۋىجدان بار. ۋىجدانىمنىڭ بارلىقىنى قەبرەڭ ئالدىڭدا ئىسپاتلىغان ئىدىم.
ئەسلىدە ۋىجدان دېگەن بۇ نەرسىنى ئەنگىلىيەنىڭ بۈيۈك شائىرى ئىجات قىلغانمىش، بۇلارنى كىتاب ئوقۇشقا تازا ھەۋەس قىلغان چاغلىرىمدا، ئاكامنىڭ ئاغزىدىن ئاغلىغان ئىدىم. ئىشقىلىپ كىم ئىجات قىلغان بولسا بولسۇن، مەن سۇ بۈيۈك شائىر ئىجات قىلغان ۋىجداننىڭ ئازابىنى چېكىۋاتىمەن. كاشكى ئىجات قىلمىغان بولسا بوپتىكەن. ۋىجدان دېگەن بۇ سۆز ماڭا باشقىچە قۇتسال ئاڭلىنىدۇ، ھەر قېتىم زېھنىمدا بۇ سۆز جانلانغاندا تەنلىرىم قورقۇنچتىن تىترەپ كېتىدۇ. مانا شۇتاپتىمۇ قەبرەڭ ئالدىدا تىترەۋاتىمەن، يىغلاۋاتىمەن، ئۆكۈنىۋاتىم، قايغۇرۋاتىمۋەن. توختىماي يىغلاش بىلەن بىرگە پاقىراپ تۇرغان قۇياشنىڭ يۈزى ئىچىمدىكى قايغۇلارنىڭ مەلۇم بىر قېسمىنى ئېلىپ كەتمەكتە. مۇشۇ ۋەجىدىن قۇياشقا رەخمەت ئېيتماي تۇرالمايمەن. دادا، سەن مېنى چۈشەنمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن مېنىڭدىن ئەپۇ سورىمىدىڭ، زاتەن سەن مېنىڭدىنلا ئەمەس باشقىلاردىنمۇ ئەپە سوراپ باققان بەندە ئەمەس، سەن باشقىلاردەك خاتا ئىش قىلمايسەن، ھەممە ئىشىڭ ، ھەممە سۆزۈڭ توغرا. ئەمما مەن شۇ دەمدە سېنى چۈشەندىم ۋە سېنى ئەپە قىلدىم. سەن بىر دادا بولۇش سۈپىنىڭ بىلەن ماڭا توغرا يولنى كۆرسىتىمەن دەپ، كۆپ جاپا چەكتىڭ. ئەمما مەن ھەر دائىم سەن كۆرسەتكەن يولنىڭ يۆنۇلۇشىگە ئەمەس، بەلكى تەتۇرىسىگە قاراپ ماڭدىم. توغرا يولنىڭ تەتۇرىسىگە قاراپ ماڭغانلىقىم ئۈچۈن سېنىڭدىن ئەپۇ سورايمەن. مەن بۈگۈن يەڭگىل بولۇپ قالدىم، ئۈستۈمدىن بىر ئېغىر يۈك ئېلىۋېتىلگەندەك ئۆزۈمنى ئازادە ھېس قىلىۋاتىمەن، روھۇم يەڭگىل بىر قۇشتەك.
دادامنىڭ قەبرە بېشىدا تازا مېۋە بەرگەن بىر تۈپ ئالما دەرىخى تۇراتتى، ئۇنىڭ مېۋىلىك شاخلىرى دادامنىڭ قەمرىسى ئۈستىگە ئۇدۇل ئېگىلگەنىدى. بۇنى كۆرۈپ ئىچىم بۆلەكچىلا يورۇپ قالدى، دادامنىڭ بۇ يەردە يالغۇز ئەمەسلىكى ھېس قىلغاندەك بىر تۇيغۇ ماڭا يەنە قوشۇمچە تەسەللى بېرىۋاتقانىدى. مەن ئىسسىق توپىدىن بىر سېقىم ئېلىپ كۆزۈمنىڭ ئالدىغا يېقىن ئەكەلدىم، ئۇنىڭ نەمخوش ھېدى بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى، مەزكۇر پۇراقتا دادامنىڭ بەدىنىنىڭ ھىدىنى پۇرىغاندەك بولدۇم. دادامنىڭ چېكىسىدىن، پېشانىلىرىدىن ئاققان پاقىراق مۇنچاق – مۇنچاق تەرلەر كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى. ئەتراپىمدا ئادەم يوق ئىدى، لېكىن ئالمىلارنىڭ، گۈللەرنىڭ ۋە ئوت – چۆپلەرنىڭ پۇراقلىرى گۈپپۈلدەپ پۇراۋاتاتتى. دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى ئارىسىدىن چىقىۋاتقان قۇشلارنىڭ يېقىملىق ئاۋازى قۇلىقىمغا يەڭگىل ئۇرۇلىۋاتاتتى.
بۇنداق ئاۋازلارنى بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغاندەك شۇنچىلىك بىر گۈزەل تۇيغۇ بىلەن ئاڭلىدىم، مول قۇياش نۇرى، ساپ ھاۋا، يېقىملىق قۇش ئاۋازى، مېزىلىك پۇراقلار دادامنى يالغۇز قويمىغانىدى. مەنمۇ دادامنى يالغۇز قويۇپ كېتىشكە كۆزۈم قىيماي بىر كېچە دادامنىڭ قەبرىسىگە باش قويۇپ تۇنىدىم. قەبرە توپىسى مامۇك ياستۇقتەك شۇنچىلىك يۇمشاق، تازە توپىنىڭ پۇرىقى ئەتىر گۈلنىڭ پۇرىقىدەك شۇنچىلىك شېرىن ئىدى. مەن دادام ھايات چاغلىرىدا كۆكرىكىگە باش قويۇپ يېتىپ باقمىغان، مانا ئەمدى ئۆلگەندە قەبرەسىگە باش قويۇپ يېتىۋاتىمەن. ھايات چاغلىرىدا تېنىنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ باقمىغان، مانا ئەمدى ۋاپات بولغاندا، قەبرە توپىسىنىڭ مېزىلىك ھىدىنى پۇراۋاتىمەن. پەقەت دادام ۋاپات بولغاندىلا ئۇنىڭ كۆكرىكىگە بېشىمنى قويالىغانلىغىمنى تەسەۋۋۇرۇمدا جانلادۇرغان چېغىمدا، كۆزلىرىمدىن يامغۇردەك ياشلار تۆكۇلدى. مەزكۇر ئاچچىق كۆز ياشلىرىم روھىمنى تازلىغانىدى. قەلبىمگە سىپالىق يامغۇر بولۇپ ياغقانىدى.
پۇشمان قىلىۋاتىمەن، ئۇنداق ئىكەن ئىچىمدە دادامغا بولغان سۆيگۈ بار. ئۇنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىمغا مۇناسىۋەتلىك كىچىككىنە بىر ئۇچقۇن يۈرىكىمدە ياندى. تازە تۇپراقنىڭ ھىدىنى دادامنىڭ ھىدىغا تەققاس قىلغان چېغىمدا ئىچىمدە ئىسسىق بىر ھۇزۇر تۇيغۇسى پەيدا بولدى. بىر لەھزە ئۆتە ئۆتمەيلا مەن يەنە رېئاللىققا قايتتىم ۋە ئىچىمدىكى ھۇزۇر بىردىنلا غايىپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئاچچىق بىر ھەسرەت تۇيغۇسى ئىگىلىندى. ئاستىمدا يۇمران چۆپلەر بولغاچقا پۇتلىرىم ئۇنچىلىك ئاغرىپ كەتمىگەنىدى. ئاشۇ كېچە خۇددى داق سۆڭەككە ئوخشايدىغان ئەمدىلا تولۇشقا باشلىغان ئاينىڭ يورۇقى ئۈستۈمگە كۆمۈشتەك نۇرلىرىنى چېچىپ تۇراتتى، لېكىن پۈتۈن يېزىنى يورۇتۇشقا كۈچى ئاجىزلىق قېلىۋاتاتتى. مەن ئاشۇ تولۇۋاتقان ئاي ئورغىقىغا قاراپ «ئېخ! خۇدا، ئەگەر بۇ دۇنيادا قىلغان دۇئالار راستىنلا قوبۇل بولىدىغان بولسا، ئىككى قولۇمنى كۆتۈرۈپ ساڭا بىر كېچە ئۇخلىماي مۇناجات قىلاي، مېنى كەچۈرگىن، بۇ ھاياتتا بارلىق قىلغان – ئەتكەنلىرىم ئۈچۈن دادامنىڭ قەبرىسى بېشىدا تۇۋا قىلىمەن.
ھاراق دېگەن بۇ ئېشەك سۈيدۈكىنى ئاغزىمغا زىنھار ئالمايمەن. بۇ كاساپەتنىڭ ماڭا كەلتۇرگەن كۈلپەتلىرى ئاز ئەمەس، مەن خروئىندىن قۇتۇلۇپ، بۇ نىجىسقا ئەسىر بولغان ئىدىم، مۇنداقچە ئېيتقاندا قاراقچىدىن قۇتۇلۇپ ئوغرىغا تۇتۇلغاندەكلا بىر ئىش بولغانىدى. مەن يەنە قايتتىلايمەن، بۇنىڭدىن ئېتىبارەن ياخشى بىر يولغا ماڭىمەن، ئانامغا ياردەمچى بولىمەن، دادا سەن مېنى كەچۈر، مەن سېنى كەچۈرۋەتتىم. ئېخ خۇدا! مەن ساڭا قايتا قايتا مۇناجات قىلىپ تۇرۇپتىمەن، ئەسلىدە مەن سەندىن بىر نەرسە تەلەپ قىلمايۋاتىمەن، پەقەت ۋە پەقەتلا مېنىڭ روھىمدا تۇغۇلۇشىمدىلا بار بولغان پەزىلەتنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىنى تېلەۋاتىمەن، بۇ ئېسىل پەزىلەت مېنىڭ روھىمغا ئانامنىڭ ئوغۇز سۈتى بىلەن تەڭ كىرگەن، ھازىر ئۇ قەلبىمدە ئەمەس، ئۇنى مەن يوقاتتىم، مەن كىرلەتتىم، مەن ساتتىم، مەندىن يىراقلاشقىنىغا نەۋاق. ئەمدى مەن ئۇنى قايتۇرۇپ ئالىدىغان زامان كەلدى، بۇنىڭغا پەقەت سەنلا ياردەم قىلالايسەن، بۇ سېنىڭ قۇدرىتىڭ ئىلكىدە، سەن مېنى ئۆزۈمگە قايتۇرۇپ بەر، مېنى سەن ئەسلىمگە قايتۇر، مېنى مەن قىل! مەن مەندىن باشقىسى بولۇشنى ئەمدى خالىمايمەن.
مەن ئەسلىمگە قايتتىمەن… يەنە مەن نېمىلەر دەپ دۇئا قىلغانلىقىم ئېسىمدە يوق، ئىشقىلىپ بىر كېچە ئۇخلىماي دېگۇدەك قەبرە ئۈستىدىكى يۇمشاق توپىنى ياستۇق قىلىپ ئىچىمدە دۇئا قىلىپ يېتىپ تاڭغا يېقىن ئۇخلاپ قاپتىمەن. ھە راس، ئېسىمگە كەلدى، تېخى ئىچىمدە دادام بىلەن مۇڭدۇشۇم مۇنداق ئويلارنى قىلغانلىقىم يادىمدا،- دادا سېنىڭ بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىش پۈرسىتى بولمىدى. سېنىڭ بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ناماز قىلالمىدىم. شۇنداق قىلىش ئارزۇلىرىم بولسىمۇ، بۇنىڭغا مەن جۈرئەت قىلالمىدىم. بۇنىڭغا سەن جاۋابكار. مەن ئۆز ۋاقتىدا شۇنداق پىكىردە ئىدىم. ئۆزۈمنىڭ توغرا دەپ قارىغان ئوي – پىكىرلىرىمگە چاڭ قوندۇرمايتتىم. مەن ئۆزۈمنىڭ يالغۇزلىقىنى، كىمسىزلىكىنى، بارلىق قورقۇمسىراشلىرىمنى سېنىڭدىن كۆردۇم. ئۆزۈم تەرەپتىمۇ مەسىلە بارلىقىنى ھېچ ئەقلىمنىڭ ئۇچىدىن كەچۈرمىدىم. ئۆزۈمنىڭ روھىي جەھەتتىكى چۈشكىنلىكىمنى سېنىڭدىن كۆردۇم.
گۇناھنى باشقىلارنىڭ ئۈستىگە ئارتىش مەسىللەردىن قۇتۇلىشنى ئەڭ ئاسان يولى. ھازىر ئويلاپ باقسام مەن دەل شۇنداق ئاسان يولنى تاللىغان ئىكەنمەن. شۇ دەملەردە، ئۆزۈمدىمۇ مەسىلىنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەن. لېكىن كېچىكتىم، سەن يەرنىڭ ئاستىدا، مەن بولسام ئۈستىدە. سېنىڭ يەرنىڭ ئۈستىگە چىقىشىڭ مۇتلەق مۇمكىن ئەمەس، بىراق مەن پات يېقىندا سېنىڭ يېنىغا كېلىمەن. مېنى كۇت، شۇ چاغدا يۈزمۇيۈز تۇرۇپ ھېساپلىشىمىز. روھىمنىڭ جاسارىتى، ۋۇجۇدۇمنىڭكىدىن كۈچلۈك. ئادەم بالىسى دائىم توغرا پىكىرلەرگە كىچىكىپ ئېرىشىدىكەن. ئېرىشكەن چاغدا كېچىككەن بولىدىكەن. بۇ بەلكى بۇ ھاياتنىڭ جىلۋىسى بولسا كېرەك. ماڭا ئېھتىياجلىق بولغان نەرسە، ئەسلىدە كىچىككىنە جاسارەت ئىدى. ئەنە شۇ كىچىككىنە جاسارەتنىڭ يوقلىقى مېنى يالغۇزلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقىغا مەھكۇم قىلدى. يۈزۈمدىكى تەبەسسۇمنى يۇلۇپ تاشلىدى.
……………………….
(داۋامى بار)