ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ماقالە يېزىش ۋە دوكلات سۇنۇش ئۇسۇللىرى بويىچە تور كۇرسى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئالىي مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قىسقىچە ماقالە يېزىش، دوكلات سىيرىلمىسى تەييارلاش ۋە دوكلات سۇنۇش ئۇسۇللىرى بويىچە ھەقسىز تور كۇرسى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
كۇرس ۋاقتى:
2026-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە
ئىستانبۇل ۋاقتى ھەر كۈنى كەچ سائەت 20:30 دىن 22:00 غىچە
ئوقۇتۇش شەكلى: توردا
كۇرسقا ماس كېلىدىغان ساھەلەر:
تىبابەت، ساغلاملىق پەنلىرى، دورىگەرلىك ۋە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر
دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار:
دوتسېنت دوكتور نامەتجان مەمەت ئورخۇن
دوتسېنت دوكتور مەغپىرەت ئابدۇۋەلى بوزلار
كۇرس مەزمۇنى:
* خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۈچۈن قىسقىچە ماقالە يېزىش ئۇسۇللىرى
* تەتقىقات نەتىجىلىرىنى سىيرىلما شەكلىدە رەتلەش ۋە تەييارلاش
* ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۈنۈملۈك دوكلات سۇنۇش ئۇسۇللىرى
* دوكلات سۇنۇش جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار
* ساغلاملىق ساھەسىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەتقىقات ئۇسۇللىرى
دەرسلەر نەزەرىيە چۈشەندۈرۈش ۋە ئەمەلىي مىساللار بىلەن تەپسىلىي ئۆتۈلىدۇ.
دەرس ھەققى: ھەقسىز
قاتنىشىشنى خالايدىغانلار تۆۋەندىكى ئېلخەت ئارقىلىق تىزىملاتسا بولىدۇ. تىزىملاتقانلارغا دەرسكە قاتنىشىش ئۇلىنىشى ئايرىم ئەۋەتىلىدۇ.
تىزىملتىش ۋاقتى: 2026-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچ سائەت 5:00 كىچە
تىزىملىتىش ئېلخەت ئادرىسى: alimaaripkomiteti@gmail.com
تىزىملاتقاندا تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئەۋەتىپ بېرىشىڭىزنى سورايمىز:
ئىسىم فامىلىسى
ئېلخەت ئادرىسى
تېلىفۇن نۇمۇرى
ئوقۇغان مەكتىپى
ئوقۇغان كەسپى
تۇرۇۋاتقان دۆلەت ۋە شەھىرى
تەشكىللىگۈچى ئورگان: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئالىي مائارىپ كومىتېتى
