ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مەدەنىيەت بوستانى » قەشقەر تەسىراتلىرى

قەشقەر تەسىراتلىرى

ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىي

خام بازىرى

ھېيتگاھقا يېقىن بىر يەردىكى خام بازىرىدا تاماق يېدۇق، لېكىن بۇ يەر خام بازىرى دەپ ئاتالغىنى بىلەن خام سېتىلىدىغاندەك قىلمايتتى. خۇددى ئوردا ئالدى دېگەن يەردە ھازىر ئوردا بولمىغاندەكلا.
قارىسىڭىز ھەممە جاي يېڭى، ھەتتا ھېيتگاھنىڭ ئالدىمۇ يېڭى، 1000 يىللىق تارىخى بار قەشقەر قەيەرگىدۇ كېتىپ قالغاندەك… مەن كېلىپ قالغىنى باشقا بىر قەشقەردەك. لېكىن زامانىۋى كوچىلار ۋە زامانىۋى بىنالار ئارىسىدىكى قەشقەرگە خاس ناملار ئادەمنى ئويغا سالاتتى. گۈزەر، جانان كوچىسى، دۆلەتباغ دېگەن ئىسىملاردىن بىر خىل تارىخ، سىرلىق ھېكايىلەر پۇراپ تۇراتتى.
تۈمەن دەرياسى ئادەمگە دەريادىن كۆرە كەچمىشلەر ئېقىنىدەك، تۈمەنمىڭ كەچمىشنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن، كەچمىشلەرنىڭ قىرتاقلىقىدىن قىزىل بولۇپ قالغان بىر دەريادەك تەسىر بېرەتتى.
خەلق مەيدانىدىكى ماۋزېدۇڭنىڭ غايەت زور ھەيكىلى ئالدىدىكى يولنى ئادەم ۋە ماشىنا ئېقىنى دېسەك ئارتۇق كەتمەيتتى. ئاشۇ يولدا پۈتۈن قەشقەر ئېقىپ باراتتى.
خىيالدىن قايتىپ كەلدىم. شاپ بۇرۇت مۇلازىم قەشقەر تەلەپپۇزىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن خېرىدار چاقىرىپ توۋلاشقا باشلىدى.
مەن قەدىمىي قەشقەرنىڭ بۈگۈنكى زامانىۋى قەشقەرنىڭ يەر ناملىرى ئارىسىغا يوشۇرۇنۇپ ياتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.
كۆزۈمگە ۋاز كېچىش بىلەن قوبۇل قىلىش، تەرەققىيات بىلەن كونىلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۆرۈنمەس مۇساپە ئىچىدە قەشقەر شەھىرى ئەللەيلىنىپ ياتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى.

كېسەل

ھېيتگاھقا كېتىۋېتىپ يول بويىدا تامغا يۆلىنىپ ياتقان بىر ئادەمگە كۆزۈم چۈشتى. قەلەندەر ئوخشايدۇ دەپ قارىدىم، لېكىن تۇرقىدىن قەلەندەردەك قىلمايتتى، كېسەلمىكىن دەپ ئويلىدىم، لېكىن ئالدىدىكى بىر پارچە گېزىتنىڭ ئۈستىگە نەچچە موچەن پارچە پۇل ۋە يېرىم نان تاشلاپ قويۇلغانىدى. قىسقىسى ئۇ قارىغان ئادەمگە غەلىتىلا تۇيغۇ بېرەتتى. كىيىۋالغان كىيىملىرى بەكمۇ ئۆزگىچە، رەڭگىنى ئۇققىلى بولمايدىغان كاستۇم بىلەن بادام دوپپا بۇ كىشىنى قەلەندەر ئەمەستەك قىلىپ كۆرسەتتى، لېكىن ھېچنىمىگە پەرۋاسىز يېتىشى، چىرايىغا ئولىشىۋالغان چىۋىنلار قارىغان ئادەمنى بۇ كىشى كېسەلمۇ ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن تىلەمچىلىك يولىغا كىرگەن ئادەممۇ دېگەن ئويغا كەلتۈرەتتى.
يېتىۋاتقان بۇ كىشىنىڭ بۇرۇتلىرى قاملاشقانىدى، ئاياغ چوتكىسىدەك توم ۋە قارا بۇرۇتلىرى سالپىيىپ قالغان بولسىمۇ، ئادەمگە ئۆزگىچە تەسىرات بېرەتتى. قارىغاندا ئىلگىرى نوچى ئۆتكەن كىشى بولسا كېرەك، گەۋدىلىك ۋە زور كۆرۈنەتتى. لېكىن بۇرۇتلىرى ئەتراپىغا، كالپۇكلىرىغا نۇرغۇن چىۋىن ئولىشىۋالغانىدى. مەن بۇ كىشىنى ئۆلۈپ قالغانمىدۇ ياكى ھوشىدىن كەتكەنمىدۇ دەپ ئويلىدىم. ئۇنىڭ يۈزىدە مىژىلداپ تۇرغان چىۋىنلار تېنىمنى جۇغۇلدىتاتتى. بىر چاغدا ھېلىقى كىشىنىڭ قولى ئېرىنچەكلىك بىلەن ئاستا قوزغىلىپ ئېغىزىنى سۈرتتى، چىۋىنلار قېچىشقا مەجبۇر بولدى. دەل شۇ چاغدا يېنىك تىن ئالدىم، ھاياتكەن دەپ ئويلىدىم. لېكىن بۇ قول جاۋىغايلىرىنى سۈرتۈۋەتكەندىن كېيىن خۇددى جېنى قالمىغاندەك يەنە شالاققىدە يەرگە چۈشتى.
كېتەي دەپ ئويلىدىم – يۇ، كېتەلمىدىم. پۈتۈن بەدىنىنى كىر باسقان بىر كۈچۈك قاياقتىندۇر پەيدا بولۇپ ئاۋۋال ھېلىقى كىشىنىڭ ئاياغلىرىنى پۇرىدى، ئاستا – ئاستا قوللىرىنى پۇرىدى ۋە ئاخىر بېرىپ ئۇ كىشىنىڭ شۆلگەي ئاققان جاۋىغايلىرىنى پۇرىدى.
قوغلا، بۇ نىجاسەت ئىتنى قوغلا! دەپ خىتاب قىلدىم كۆڭلۈمدە. لېكىن ھېلىقى كىشىدىن ھېچقانداق سادا يوق. ئىتنى مەن بولساممۇ قوغلىۋېتەي دېدىم – يۇ، تۇرۇپ قالدىم، چۈنكى دەل شۇ چاغدا ھېلىقى كىشى ئېرىنچەكلىك بىلەن يەنە بىر قېتىم مىدىرلىدى. لېكىن ئىتنى ھەيدىمىدى، كۆزلىرىگە قونۇۋالغان چىۋىننى ھەيدىمىدى. ئاۋۋال يېنى بولۇپ، ئاندىن تۇيۇقسىز لوڭڭىدە ئۆرە بولدى، لېكىن قېچىپ بىر نەچچە قەدەم يىراققا بېرىپ تۇرغان ئىتقا ياكى چىرايىدىكى بىزەڭلىك بىلەن ئۇچماي تۇرغان چىۋىنلارغا دىققەت قىلمىدى، ماڭىمۇ قاراپ قويمىدى. ئەمما بىر قولى بىلەن گېزىت ئۈستىدىكى پارچە پۇلنى قاماللاپلا يانچۇقىغا سالدى ۋە ئالدىغا قاراپ ماڭدى. خېلى ئۇزاققىچە تۇرۇپ قالدىم، ھېلىقى ئېرىنچەك ئادەم ياكى ھۇرۇن قەلەندەر شۇ لۆڭۈلدەپ ماڭغان پېتى ھېيتگاھ يېنىدىكى بىر كوچىغا كىرىپ كەتتى، شۇ چاغدا يېنىك تىن ئالدىم. شۇ كېچىسى پۈتۈن بەدىنىمگە چىۋىن قونۇۋالغان، لالما ئىتلار ئېغىزىمنى يالىماقچى بولغاندەك كۆرۈنۈشلەر كۆزۈمگە تولا كۆرۈنۈپ، چىۋىندىن ئۆزۈمنى قاچۇرىمەن دەپ ئۇرۇنۇپ، سىلكىنىپ يۈرۈپ ناھايىتى خاتىرجەمسىزلەندىم. كۆڭلۈمدە ئاجايىپ بىر ئارزۇ: ئاشۇ ئادەم يۈزىدىكى چىۋىنلارنى غەزەپ بىلەن قوغلىغان، ئېغىزىنى پۇرىغان لالما ئىتنى زەردى بىلەن تەپكەن بولسا قانداق بولار ئىدى – ھە! راھەتلىنىپ كېتەرمىدىم؟ قىسقىسى، قەشقەردىن كېتىپ بولغۇچە مۇشۇ تۇيغۇدىن قۇتۇلالمىدىم.

مىڭ يول

ئۇ ئىسمى بىر مىسرا شېئىرغىلا ئوخشايدىغان، تاغلار ئارىسىدىكى بىر كەنت. قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ مۇش يېزىسىدىكى مىڭ يول كەنتىگە كىرىپ كەلگەندە كاللامدىن شۇ ئويلار كەچتى.
تاغنىڭ تىك تۆۋىنىدىكى ئېقىن بويىدا شەكىللىنىپ قالغان ئوتلاققا ئىككى كالا باغلاپ قويۇلغانىدى. بىز چۈشكۈن قىلغان جاينىڭ ئىككى مېتىر نېرىسىدىن مۇزدەك بۇلاق سۈيى ئېقىپ ئۆتەتتى. سۈندۈك قاتارلىق قۇشلار ئەتراپتا ناھايىتى چاققانلىق بىلەن دانلاپ يۈرەتتى، ئاسمان شۇنچىلىك سۈزۈك ۋە كۆپكۆك.
نېمىشقا بۇ بىر كىچىك كەنتنىڭ نامى مىڭ يول بولۇپ قالدى بىلەلمىدىم. كەنتنىڭ قىرغىز ئاھالىسىنىڭ قولىدىن ئوغلاق كاۋىپى يەۋېتىپ قىرغىز كىشىنىڭ يوغان، قاتمال گەۋدىسىگە، كونا شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىدىن قىلچە قېلىشمايدىغان قەشقەرچە پۇراقتىكى ئۇيغۇرچە گېپىگە ئۈنسىز دىققەت قىلدىم. قىرغىز كىشىنىڭ گەۋدىسىدىن قوشۇلۇۋاتقان بىر مەدەنىيەتنى ۋە ئورتاقلىقىنى سەزدىم، كۆڭلۈم يېنىكلەپ قالغاندەك بولدى.
يېنىمىزدىن نەچچە كىچىك بالا قوي – ئۆچكىلەر توپىنى ھەيدەپ ئۆتتى. ئاۋۇسى قىرغىز، ماۋۇسى ئۇيغۇر دېدى يېنىمدىكىلەر. لېكىن مەن ئۇلارنى زادى پەرقلەندۈرەلمىدىم. قارىغاندا ھېلىقى بالىلارنىڭ كاللىسىدا مەن قىرغىز، مەن ئۇيغۇر دېگەن ئوي زادى يوقتەك قىلاتتى، ئۇلار گويا مەدەنىيەت، نام ۋە مەنپەئەتلەر توقۇنۇشىدىن چىقىپ كەتكەندەك قىلاتتى. ئۇلار ئۆزىنى پەرقلەندۈرۈشنى ئويلاپ كۆرمىگەن ۋە ئۆزىنى پەرقلەندۈرۈپ يۈرمىگەن يەردە مەن نېمىشقا ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈپ يۈرەي ۋە پەرقلەندۈرەلەي؟ ئۆزۈمنىڭ ئويلىرىغا كۈلۈپ قويدۇم.

قەشقەرنىڭ ئۇلۇغلۇقى

قەشقەرگە كېلىۋېتىپ بىر لوزۇنكىغا يېزىپ قويۇلغان »شىنجاڭغا كەلمىسىڭىز جۇڭگونىڭ چوڭلۇقىنى، قەشقەرگە كەلمىسىڭىز شىنجاڭنىڭ سىرلىق ۋە ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلالمايسىز، شىنجاڭغا كەلگەن ھېسابلانمايسىز« دېگەن خەتلەرنى كۆردۈم.
مەن ئۇلۇغلۇقنى كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن ئەمەس، بەلكى كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ ئىنچىكە قاتلاملىرىدىن ئايرىشقا ئادەتلەنگەن بىر ئادەم بولغاچقا، ھېلىقى ۋىۋىسكىنىڭ تەسىرىدە قەشقەرگە كەلگەن كۈندىن باشلاپ قەشقەرنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى قەيەردىن كۆرۈش مۇمكىن دېگەن ئوي كاللامدىن چىقمىدى.
مەن ئۆتمۈشتىكى ئۇلۇغلۇق بۈگۈنمۇ ئۇلۇغ بولۇشنىڭ ئىسپاتى بولالىشى ناتايىن دەپ قارىغاچقا، قەشقەرنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تارىختىن ئىزدىمىدىم. كۆڭلۈمدە شۇنداق بىر سوئال: بۈگۈنمۇ قەشقەرنى ئۇلۇغ قىلىپ تۇرغان ئامىللار بارمۇ؟
ئايىغى چىقمايدىغاندەك كۆرۈنىدىغان تار كوچىلاردىن كېتىۋېتىپ قەلبىمدە بىر تېڭىرقاشنىڭ ئۈستۈن ئورۇنغا چىقىۋالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنچىلىك زىچ ئۆيلەر، بىر – بىرسىنىڭ ئۈستىگە سېلىۋالغان قەۋەتلىك ئۆيلەر، چىنىدەك پاكىز سۈپۈرۈلگەن كوچا… ئۇلۇغلۇق كەڭ يوللاردا بولۇشى، ھەيۋەتلىك بىنالاردا بولۇشى كېرەك ئىدىغۇ؟ لېكىن قەلبىم نېمىشقىدۇر قەشقەرنىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ مەخپىيىتى مۇشۇ يەردىمۇ يا دەپ ئويلاپ قالدى.
چۈنكى قەۋەتلەرنىڭ ئارىسىغا تارىخ قىستىلىپ كەتكەنىدى.
كوچىلار تار بولسىمۇ، كىشىلەر ئەركىن – ئازادە يۈرۈشەتتى، قىستىلىشىپ قالمايتتى. بۇ كوچا تار بولسىمۇ قەلب كەڭ دېگەن مەنتىقىگە ۋەكىللىك قىلامدۇ – يا؟
ئەتىگەندە مېھمانخانا يېنىدىكى ئەتىگەنلىك ناشتا ئۈچۈنلا ئېچىلغان بىر ئاشخانىدا قېرىن توغراپ ئېتىلگەن ئۇماچ ئىچتىم. ئاشقازىنىم شۇنداق راھەتلىنىپ قالدى، ئاشخانا خوجايىنىنىڭ ئىللىق پوزىتسىيەسى بىلەن ئاشخانىدىن قورساق توق ۋە ئازادە كەيپىيات ئىچىدە يېنىپ چىقتىم.
قەشقەر كونا شەھەرلىك يىگىتلەرنىڭ ئولتۇرۇشىدا ماروژنا سېتىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان، ماروژنا ساتقان پۇلدىن مەلۇم نىسبەتتە ئايرىۋېلىپ مۇددەتلىك ھالدا قەشقەردە پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈۋاتقان تۇرسۇنجان ئىسىملىك تىجارەتچىنىڭ ئىنىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. تۇرسۇنجاننىڭ ئىنىسىنىڭ ئۆتكۈر سوئاللىرىدىن كۆرە تۇرسۇنجاننىڭ ماروژنا سېتىپ تاپقان پۇلنىڭ نىسبىتىنى ئايرىپ پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىدىن ئىبارەت ئىش كاللامغا كىرىۋالدى.
كېچىسى ئۇزاق چۈش كۆرۈپتىمەن، چەكسىز ئاسماندا يېڭىسارلىق ئادىل ھوشۇر بىر تال پولات سىمنىڭ ئۈستىدە تۈز يولدا ماڭغاندەك مېڭىپ يۈرۈپتۇ.
كاللام يورۇپ كەتتى، قەشقەرنىڭ ئۇلۇغلۇقى چۈشۈمگە كىرگەنىدى. بۇ ئۇلۇغلۇقىنىڭ يەنە بىر ئۇچى سېتىلىۋاتقان ماروژنىدىن تارتىپ مېھمانخانا ئالدىدىكى بوشلۇقتا بېغىدىن چىققان ئەنجۈرلەرنى ماختاپ سېتىۋاتقان ئۆسمۈرنىڭ يىرتىقىدىن باشمالتىقى چىقىپ قالغان ئايىغىغا قەدەر تۇتىشىپ كەتكەنىدى.

مەنبە: تارىم ژۇرنىلى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش