• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى

دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى

«دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»

سۆز بېشى

ئىنسانلار ئائىلىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىززەت-ھۆرمىتىنى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ باراۋەر ۋە تەۋرەنمەس ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ دۇنياۋى ئەركىنلىك، ھەققانىيەت ۋە تىنچلىقنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكى، كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېتىبارسىز قاراش ۋە ھاقارەت كەلتۈرۈش ئەۋج ئېلىپ كىشىلەرنىڭ ۋىجدانىنى بۇلغايدىغان ياۋۇز زوراۋانغا ئايلانغانلىقى، ھەممە ئادەم سۆز ئەركىنلىكى ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ھەمدە ۋەھىمە ۋە نامراتلىقتىن خالىي بولىدىغان دۇنيانىڭ يېتىپ كېلىشى ئاددىي خەلقنىڭ ئالىي ئارزۇسى دەپ ئېلان قىلىنغانلىقى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاجىسىزلىقتىن زوراۋانلىق ۋە زۇلۇم ئۈستىدە ئىسيان كۆتۈرىمىز دەپ تەۋەككۈلگە ھەرىكەت قىلىپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇقىنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش يولى بىلەن قوغداش زۆرۈر بولغانلىقى دۆلەتلەر ئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر خەلقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر خارتىيىسىدە ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى، ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە قەدىر-قىممىتى، شۇنىڭدەك ئەر-ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقى توغرىسىدىكى ئەقىدىسىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكى ھەمدە بىر قەدەر چوڭ ئەركىنلىك ئاساسىدا جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىشى ۋە تۇرمۇش دەرىجىسىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئالغا سۈرۈشكە بەل باغلىغانلىقى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكنىڭ ئومۇميۈزلىك ھۆرمەتلىنىشى ۋە ئەمەلگە قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا قەتئىي ئىرادىگە كەلگەنلىكى، ئاشۇ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشنىڭ شۇ قەتئىي ئىرادىنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىلىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغاچقا، يىغىن ھازىر بارلىق خەلق ۋە بارلىق دۆلەت تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئورتاق ئۆلچەم سۈپىتىدە مۇشۇ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنى ئېلان قىلىدۇ، ھەر بىر ئادەم ۋە ئىجتىمائىي ئاپپاراتنىڭ مۇشۇ خىتابنامىنى ھەر دائىم ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەلىم ۋە تەربىيە ئارقىلىق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ ھۆرمەتلىنىشىنى تىرىشىپ ئالغا سۈرۈشى ھەمدە دۆلەتلەرنىڭ ۋە خەلقارانىڭ تەدرىجىي ئىلگىرىلەش تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئاشۇ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىدىكى خەلق ئارىسىدا، شۇنىڭدەك شۇ دۆلەتلەرنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى زېمىنىدا ياشايدىغان خەلق ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك ۋە ئۈنۈملۈك ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە ئەمەلگە قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

1-ماددا
ھەممە ئادەم زاتىدىنلا ئەركىن، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ھوقۇقتا باپباراۋەر بولۇپ تۇغۇلغان. ئۇلار ئەقىلغە ۋە ۋىجدانغا ئىگە ھەمدە بىر-بىرىگە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە خاس روھ بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.

2-ماددا
ھەممە ئادەم مۇشۇ خىتابنامىدە قەيت قىلىنغان بارلىق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە، ئۇلار ئىرقى، رەڭگى، جىنسى، تىلى، دىنى، سىياسىي قارىشى ياكى باشقا قارىشى، دۆلەت تەۋەلىكى ياكى ئىجتىمائىي كېلىپ چىقىشى، مۈلكى، تۇغۇلۇشى ياكى باشقا سالاھىيىتى جەھەتتىن قىلچە پەرقلەنمەيدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە ئادەم ئۆزى تەۋە دۆلەت ياكى زېمىننىڭ سىياسىي، مەمۇرىي ياكى خەلقئارا ئورنىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىلەن پەرقلەنمەيدۇ، بۇ زېمىننىڭ مۇستەقىل زېمىن، ۋەكالىتەن باشقۇرۇلۇۋاتقان زېمىن، ئاپتونومىيىسىز زېمىن ياكى باشقا ھەر قانداق ئىگىلىك ھوقۇقىغا چەك قويۇلغان ھالەتتىكى زېمىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر.

3-ماددا
ھەممە ئادەم ھاياتلىقتىن، ئەركىنلىكتىن ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.

4-ماددا
ھەر قانداق ئادەمنى قۇل قىلىشقا ياكى قۇل قاتارىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ھەر قانداق شەكىلدىكى قۇللۇق تۈزۈمنىمۇ، قۇللارنى ئېلىپ-سېتىشنىمۇ مەنى قىلىش كېرەك.

5-ماددا
ھەر قانداق ئادەمنى رەھىمسىزلىك بىلەن قىيناشقا ياكى ۋەھشىي، ئىنسانىيەتسىز ياكى ھاقارەت خاراكتېرلىك مۇئامىلىگە ياكى جازاغا دۇچار قىلىشقا بولمايدۇ.

6-ماددا
ھەممە ئادەم ھەر قانداق جايدا قانۇن ئالدىدىكى كىشىلىك ئىززىتىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.

7-ماددا
ھەممە ئادەم قانۇن ئالدىدا باپباراۋەر ھەمدە قىلچە كەمسىتىلمەي، قانۇننىڭ باراۋەر قوغدىشىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق. ھەممە ئادەم مۇشۇ خىتابنامىگە خىلاپ ھەر قانداق كەمسىتىشتىن ۋە مۇشۇنداق كەمسىتىشكە تۈرتكە بولىدىغان ھەر قانداق قىلمىشنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، باراۋەر قوغداشتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.

8-ماددا
ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇن ياكى قانۇنلار بەخش ئەتكەن ئاساسىي ھوقۇقى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، لاياقەتلىك دۆلەت سوتى ئارقىلىق بۇنداق زىيانكەشلىك ھەرىكىتىدىن ئۈنۈملۈك قۇتۇلۇپ قېلىشقا ھوقۇقلۇق.

9-ماددا
ھەر قانداق فدەمنى ھەر قانداق شەكىلدە قولغا ئېلىشقا، نەزەربەنت قىلىشقا ياكى سۈرگۈن قىلىشقا بولمايدۇ.

10-ماددا
ھەممە ئادەم مۇستەقىل ھەم خالىس سوتنىڭ ئادىل ۋە ئوچۇق سوراق قىلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ھەمدە ئۆزىگە قويۇلغان ھەر قانداق جىنايى ئەيىبنى ئېنىقلىۋېلىشقا پۈتۈنلەي تەڭ ھوقۇقلۇق.

11-ماددا
‹1› جىنايى ئىشلار بىلەن ئەرز قىلىنغانلىكى ئادەم ئاقلاش جەھەتتە لازىملىق بارلىق كاپالەتكە ئېرىشكەن ئاشكارا سوتتا جىنايىتى بارلىقى قانۇن بويىچە دەلىللەنگىچە گۇناھسىز دەپ قارىلىشقا ھوقۇقلۇق.
‹2› ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھەر قانداق قىلمىشى ياكى قىلمىشسىزلىقى سادىر بولغان ۋاقتىدا دۆلەت قانۇنى ياكى خەلقئارا قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى ئۆتكۈزگەن دەپ ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ. جىنايى جازا جىنايەت ئۆتكۈزگەندە تەتبىق قىلىنىدىغان قانۇندىكى بەلگىلىمىلەردىكىدىن ئېغىرلىتىۋېتىلسە بولمايدۇ.

12-ماددا
ھەر قانداق ئادەمنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشىغا، ئائىلىسىگە تۇرالغۇ جايىغا ۋە خەت-ئالاقىسىگە خالىغانچە ئارىلىشىۋېلىشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭ شەنى ۋە شۆھرىتىگە ھۇجۇم قىلىشقا بولمايدۇ. بۇنداق ئارىلىشىشتىن ياكى ھۇجۇمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەممە ئادەم قانۇننىڭ قوغدىشىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.

13-ماددا
‹1› ھەممە ئادەم ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىدا ئەركىن كۆچۈشكە ۋە ئولتۇراقلىشىشقا ھوقۇقلۇق.
‹2› ھەممە ئادەم ھەر قانداق دۆلەتتىن كېتىشكە، جۈملىدىن ئۆز دۆلىتىدىن كېتىشكە ھوقۇقلۇق ھەمدە ئۆزىنىڭ دۆلىتىگە قايتىپ كېلىشكە ھوقۇقلۇق.

14-ماددا
‹1› ھەممە ئادەم زىيانكەشلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، باشقا دۆلەتلەردە پاناھ تىلەشكە ۋە پاناھلىنىشقا ھوقۇقلۇق.
‹2› ھەقىقەتەن غەيرىي سىياسىي جىنايەت ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى پرىنسىپىغا خىلاپ قىلمىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئەھۋال ئاستىدا، بۇنداق ھوقۇقتىن پايدىلىنىشقا بولمايدۇ.

15-ماددا
‹1› ھەممە ئادەم دۆلەت تەۋەلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.
‹2› ھەر قانداق ئادەمنى دۆلەت تەۋەلىكىدىن خالىغانچە مەھرۇم قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىشقىمۇ بولمايدۇ.

16-ماددا
‹1› ياش قورامىغا يەتكەن ئەر-ئاياللار ئىرق، دۆلەت تەۋەلىكى ۋە دىن جەھەتتىن ھەر قانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماي، تويلىشىشقا ۋە ئۆي تۇتۇشقا ھوقۇقلۇق . ئۇلار نىكاھ جەھەتتە، توي قىلغان مەزگىلدە ۋە نىكاھ توختىمى بىكار قىلىنغاندا، باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولۇشى كېرەك.
‹2› ئەر تەرەپ بىلەن ئايال تەرەپنىڭ ئىختىيار قىلىشى ۋە تامامەن ماقۇل بولۇشى ئارقىسىدىلا توي قىلىشقا بولىدۇ.
‹3› ئائىلە – تەبىئىي ۋە ئاساسىي ئىجتىمائىي بىرلىك، ئۇ جەمىيەت ۋە دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىشقا تېگىشلىك.

17-ماددا
‹1› ھەممە ئادەمنىڭ مۈلۈككە ئوڭچە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى، شۇنىڭدەك باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك.
‹2› ھەر قانداق ئادەمنى مال-مۈلكىدىن خالىغانچە مەھرۇم قىلىشقا بولمايدۇ.

18-ماددا
ھەممە ئادەم ئىدىيىۋى، ۋىجدانىي ۋە دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ئىگە.
بۇ ھوقۇق شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ دىنىنى ياكى ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىش ئەركىنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ دىنى ياكى ئېتىقادىنى دىنىي ئەقىدە، ئەمەلىيەت، ناماز-ئىبادەت ۋە ئەمرى-مەرۇپ ئارقىلىق يالغۇز ياكى ئۆم، ئاشكارا ياكى مەخپىي ئىپادىلەش ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

19-ماددا
ھەممە ئادەم ئۆز تەشەببۇسنى بىلدۈرۈش ۋە پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.
بۇ ھوقۇق مۇداخىلىگە ئۇچرىماي ئۆز تەشەببۇسىنى ساقلاپ قېلىش ئەركىنلىكىنى ۋە ئۇچۇر ھەم پىكىرلەرنى ھەر قانداق ۋاسىتە ئارقىلىق ۋە دۆلەت ئايرىمىسىغا قارىماي ئىزدەش، قوبۇل قىلىش ۋە تارقىتىش ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

20-ماددا
‹1› ھەممە ئادەم تىنچ يول بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈش ۋە تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.
‹2› ھەر قانداق ئادەمنى مەلۇم بىر تەشكىلاتنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتۈشكە زورلاشقا بولمايدۇ.

21-ماددا
‹1› ھەممە ئادەم دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا ئۆزى بىۋاسىتە قاتنىشىش ياكى ئۆزى ئەركىن تاللىغان ۋەكىلى ئارقىلىق قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.
‹2› ھەممە ئادەم ئۆز دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا باراۋەر پۇرسەت بىلەن قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.
‹3› خەلقنىڭ ئىرادىسى – ھۆكۈمەت ھوقۇقىنىڭ ئاساسى، بۇ ئىرادە قەرەللىك ۋە ھەقىقىي سايلام بىلەن ئىپادىلىنىشى كېرەك، سايلام ئومۇميۈزلۈك ۋە باراۋەر ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئاساسلىنىشى ھەمدە يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ياكى ئوبدانلا ئەركىن ئاۋاز بېرىش بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.

22-ماددا
ھەر بىر ئادەم جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىجتىمائىي كاپالەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە كىشىلىك غۇرۇرىنىڭ ئەركىن راۋاجلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي جەھەتتىكى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھەر خىل ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھوقۇقلۇق، بۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇش دۆلەتنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق ئارقىلىق ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەشكىلاتى ۋە بايلىق ئەھۋالى بويىچە بولىدۇ.

23-ماددا
‹1› ھەممە ئادەم ئىشلەشكە، ئەركىن كەسىپ تاللاشقا، ئادىل ۋە مۇۋاپىق خىزمەت شارائىتىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھەمدە ئىشسىز قېلىشتىن ساقلىنىش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.
‹2› ھەممە ئادەم ھەر قانداق شەكىلدە كەمسىتىلمەي، ئوخشاش ئىش ئۈچۈن ئوخشاش ھەق ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.
‹3› ئىشلىگەن ئادەمنىڭ ھەر بىرى ئادىل ۋە مۇۋاپىق ھەقتىن بەھرىمەن بولۇشقا، ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەتكە لايىق تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا، زۆرۈر تېپىلغاندا، ئۇنىڭغا باشقا ئىجتىمائىي كاپالەتنى قوشۇمچە قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
‹4› ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.

24-ماددا
ھەممە ئادەم دەم ئېلىش ۋە بىكار يۈرۈش ھوقۇقىدىن، ئىش ۋاقتىنىڭ چېكىنى ئەقىلگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ھەمدە قەرەللىك، مائاشلىق دەم ئېلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

25-ماددا
‹1› ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ سالامەتلىكى ۋە پاراۋانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تۇرمۇش سەۋىيىسىدىن، جۈملىدىن يېمەكلىك، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ ئۆي، داۋالىنىشتىن ۋە زۆرۈر ئىجتىمائىي مۇلازىمەتچىلىكتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە. ئىشسىز بولۇپ قالغاندا، كېسەل بولۇپ قالغاندا، مەجرۇھ بولۇپ قالغاندا، تۇل قالغاندا، قېرىغاندا ياكى تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان باشقا ئەھۋال بىلەن تىرىكچىلىك ئىقتىدارىنى يوقاتقاندا، كاپالەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.
‹2› ئانىلار ۋە بالىلار ئالاھىدە ئېتىباردىن ۋە ياردەمدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق. بارلىق بالىلار نىكاھلىق ياكى نىكاھسىز تۇغۇلغىنىغا قارىماي، ئوخشاش ئىجتىمائىي مۇھاپىزەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك.

26-ماددا
‹1› ھەممە ئادەم بىلىم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە، بىلىم ئېلىش ھەقسىز بولۇشى كېرەك ، ھېچ بولمىغاندا، باشلانغۇچتا ۋە ئاساسىي باسقۇچتا شۇنداق بولۇشى كېرەك. باشلانغۇچ مائارىپ مەجبۇرىيەت خاراكتېرىدا بولۇشى كېرەك، تېخنىكا مائارىپى ۋە كەسپىي مائارىپنى ئومۇميۈزلىك تەسىس قىلىش كېرەك، ئالىي مائارىپنىڭ ئىشىكىنى نەتىجىگە قاراپ بارلىق كىشىلەرگە تەڭ ئېچىۋېتىش كېرەك.
‹2› مائارىپنىڭ مەقسىتى – ئادەمنىڭ خاسلىقىنى تولۇق يېتىلدۈرۈش ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئاساسىي ئەركىنلىككە بولغان ھۆرمىتىنى كۈچەيتىش. مائارىپ ھەر قايسى دۆلەتلەر، ئىرقلار ياكى ھەر قايسى دىنىي گۇرۇھلار ئارا چۈشىنىشنى، يول قويۇشنى ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىقنى قوغداش يولىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى ئالغا سۈرۈشى كېرەك.
‹3› ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئېلىشقا تېگىشلىك بىلىم تۈرلىرىنى ئاۋۋال تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە.

27-ماددا
1) ھەممە ئادەم جەمئىيەتنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىغا ئەركىن قاتنىشىپ، سەنئەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھەمدە ئىلىم-پەن تەرەققىياتىدىن ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان پاراۋانلىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.
2) ھەممە ئادەم ئۆزى ئىجاد قىلغان ئىلمىي، بەدىي ئەسەرلەردىن ۋە گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىدىن ھاسىل بولغان مەنىۋى ۋە ماددىي مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بىلەن، قوغدىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

28-ماددا
ھەممە ئادەم مۇشۇ خىتابنامىدە قەيت قىلىنغان ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ تولۇق رېئاللىشىشىغا ئىمكان بېرىدىغان بىر خىل ئىجتىمائىي ۋە خەلقئارا تەرتىپنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

29-ماددا
‹1› ھەممە ئادەم جەمئىيەت ئالدىدا مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ، چۈنكى، ئۇلارنىڭ خاسلىقى جەمىيەت ئىچىدىلا ئەركىن ۋە تولۇق راۋاج تاپالايدۇ.
‹2› ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى يۈرگۈزگەندە، قانۇندا بەلگىلەنگەن چەكلىمىگىلا ئۇچرايدۇ.
بۇنداق چەكلىمىنى بەلگىلەشتىكى بىردىنبىر مەقسەت – باشقىلارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ تېگىشلىك دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە ھۆرمەت قىلىنىشغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە دېموكراتىك جەمئىيەتتە ئەخلاق، جەمئىيەت تەرتىپى ۋە ئومۇمىي پاراۋانلىقنىڭ ئورۇنلۇق ئېھتىياجىغا لايىقلىشىش.
‹3› ئاشۇ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرنى يۈرگۈزگەندە، ھەر قانداق ئەھۋالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ.

30-ماددا
بۇ خىتابنامىنىڭ ھەر قانداق بىر ماددىسىنى ھەر قانداق دۆلەت، گۇرۇھ ياكى شەخس مۇشۇ خىتابنامىدە قەيت قىلىنغان ھەر قانداق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى بۇزۇش مەقسىتىدىكى پائالىيەت ياكى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا ھوقۇقلۇق دەپ سۈكۈت قىلىدىغان مەنىدە چۈشەندۈرۈشكە بولمايدۇ.

The Universal Declaration of Human Rights

On December 10, 1948 the General Assembly of the United Nations adopted and proclaimed the Universal Declaration of Human Rights the full text of which appears in the following pages. Following this historic act the Assembly called upon all Member countries to publicize the text of the Declaration and “to cause it to be disseminated, displayed, read and expounded principally in schools and other educational institutions, without distinction based on the political status of countries or territories.”

PREAMBLE

Whereas recognition of the inherent dignity and of the equal and inalienable rights of all members of the human family is the foundation of freedom, justice and peace in the world,

Whereas disregard and contempt for human rights have resulted in barbarous acts which have outraged the conscience of mankind, and the advent of a world in which human beings shall enjoy freedom of speech and belief and freedom from fear and want has been proclaimed as the highest aspiration of the common people,

Whereas it is essential, if man is not to be compelled to have recourse, as a last resort, to rebellion against tyranny and oppression, that human rights should be protected by the rule of law,

Whereas it is essential to promote the development of friendly relations between nations,

Whereas the peoples of the United Nations have in the Charter reaffirmed their faith in fundamental human rights, in the dignity and worth of the human person and in the equal rights of men and women and have determined to promote social progress and better standards of life in larger freedom,

Whereas Member States have pledged themselves to achieve, in co-operation with the United Nations, the promotion of universal respect for and observance of human rights and fundamental freedoms,

Whereas a common understanding of these rights and freedoms is of the greatest importance for the full realization of this pledge,

Now, Therefore THE GENERAL ASSEMBLY proclaims THIS UNIVERSAL DECLARATION OF HUMAN RIGHTS as a common standard of achievement for all peoples and all nations, to the end that every individual and every organ of society, keeping this Declaration constantly in mind, shall strive by teaching and education to promote respect for these rights and freedoms and by progressive measures, national and international, to secure their universal and effective recognition and observance, both among the peoples of Member States themselves and among the peoples of territories under their jurisdiction.

Article 1.
All human beings are born free and equal in dignity and rights.They are endowed with reason and conscience and should act towards one another in a spirit of brotherhood.

Article 2.
Everyone is entitled to all the rights and freedoms set forth in this Declaration, without distinction of any kind, such as race, colour, sex, language, religion, political or other opinion, national or social origin, property, birth or other status. Furthermore, no distinction shall be made on the basis of the political, jurisdictional or international status of the country or territory to which a person belongs, whether it be independent, trust, non-self-governing or under any other limitation of sovereignty.

Article 3.
Everyone has the right to life, liberty and security of person.

Article 4.
No one shall be held in slavery or servitude; slavery and the slave trade shall be prohibited in all their forms.

Article 5.
No one shall be subjected to torture or to cruel, inhuman or degrading treatment or punishment.

Article 6.
Everyone has the right to recognition everywhere as a person before the law.

Article 7.
All are equal before the law and are entitled without any discrimination to equal protection of the law. All are entitled to equal protection against any discrimination in violation of this Declaration and against any incitement to such discrimination.

Article 8.
Everyone has the right to an effective remedy by the competent national tribunals for acts violating the fundamental rights granted him by the constitution or by law.

Article 9.
No one shall be subjected to arbitrary arrest, detention or exile.

Article 10.
Everyone is entitled in full equality to a fair and public hearing by an independent and impartial tribunal, in the determination of his rights and obligations and of any criminal charge against him.

Article 11.
(1) Everyone charged with a penal offence has the right to be presumed innocent until proved guilty according to law in a public trial at which he has had all the guarantees necessary for his defence.
(2) No one shall be held guilty of any penal offence on account of any act or omission which did not constitute a penal offence, under national or international law, at the time when it was committed. Nor shall a heavier penalty be imposed than the one that was applicable at the time the penal offence was committed.

Article 12.
No one shall be subjected to arbitrary interference with his privacy, family, home or correspondence, nor to attacks upon his honour and reputation. Everyone has the right to the protection of the law against such interference or attacks.

Article 13.
(1) Everyone has the right to freedom of movement and residence within the borders of each state.
(2) Everyone has the right to leave any country, including his own, and to return to his country.

Article 14.
(1) Everyone has the right to seek and to enjoy in other countries asylum from persecution.
(2) This right may not be invoked in the case of prosecutions genuinely arising from non-political crimes or from acts contrary to the purposes and principles of the United Nations.

Article 15.
(1) Everyone has the right to a nationality.
(2) No one shall be arbitrarily deprived of his nationality nor denied the right to change his nationality.

Article 16.
(1) Men and women of full age, without any limitation due to race, nationality or religion, have the right to marry and to found a family. They are entitled to equal rights as to marriage, during marriage and at its dissolution.
(2) Marriage shall be entered into only with the free and full consent of the intending spouses.
(3) The family is the natural and fundamental group unit of society and is entitled to protection by society and the State.

Article 17.
(1) Everyone has the right to own property alone as well as in association with others.
(2) No one shall be arbitrarily deprived of his property.

Article 18.
Everyone has the right to freedom of thought, conscience and religion; this right includes freedom to change his religion or belief, and freedom, either alone or in community with others and in public or private, to manifest his religion or belief in teaching, practice, worship and observance.

Article 19.
Everyone has the right to freedom of opinion and expression; this right includes freedom to hold opinions without interference and to seek, receive and impart information and ideas through any media and regardless of frontiers.

Article 20.
(1) Everyone has the right to freedom of peaceful assembly and association.
(2) No one may be compelled to belong to an association.

Article 21.
(1) Everyone has the right to take part in the government of his country, directly or through freely chosen representatives.
(2) Everyone has the right of equal access to public service in his country.
(3) The will of the people shall be the basis of the authority of government; this will shall be expressed in periodic and genuine elections which shall be by universal and equal suffrage and shall be held by secret vote or by equivalent free voting procedures.

Article 22.
Everyone, as a member of society, has the right to social security and is entitled to realization, through national effort and international co-operation and in accordance with the organization and resources of each State, of the economic, social and cultural rights indispensable for his dignity and the free development of his personality.

Article 23.
(1) Everyone has the right to work, to free choice of employment, to just and favourable conditions of work and to protection against unemployment.
(2) Everyone, without any discrimination, has the right to equal pay for equal work.
(3) Everyone who works has the right to just and favourable remuneration ensuring for himself and his family an existence worthy of human dignity, and supplemented, if necessary, by other means of social protection.
(4) Everyone has the right to form and to join trade unions for the protection of his interests.

Article 24.
Everyone has the right to rest and leisure, including reasonable limitation of working hours and periodic holidays with pay.

Article 25.
(1) Everyone has the right to a standard of living adequate for the health and well-being of himself and of his family, including food, clothing, housing and medical care and necessary social services, and the right to security in the event of unemployment, sickness, disability, widowhood, old age or other lack of livelihood in circumstances beyond his control.
(2) Motherhood and childhood are entitled to special care and assistance. All children, whether born in or out of wedlock, shall enjoy the same social protection.

Article 26.
(1) Everyone has the right to education. Education shall be free, at least in the elementary and fundamental stages. Elementary education shall be compulsory. Technical and professional education shall be made generally available and higher education shall be equally accessible to all on the basis of merit.
(2) Education shall be directed to the full development of the human personality and to the strengthening of respect for human rights and fundamental freedoms. It shall promote understanding, tolerance and friendship among all nations, racial or religious groups, and shall further the activities of the United Nations for the maintenance of peace.
(3) Parents have a prior right to choose the kind of education that shall be given to their children.

Article 27.
(1) Everyone has the right freely to participate in the cultural life of the community, to enjoy the arts and to share in scientific advancement and its benefits.
(2) Everyone has the right to the protection of the moral and material interests resulting from any scientific, literary or artistic production of which he is the author.

Article 28.
Everyone is entitled to a social and international order in which the rights and freedoms set forth in this Declaration can be fully realized.

Article 29.
(1) Everyone has duties to the community in which alone the free and full development of his personality is possible.
(2) In the exercise of his rights and freedoms, everyone shall be subject only to such limitations as are determined by law solely for the purpose of securing due recognition and respect for the rights and freedoms of others and of meeting the just requirements of morality, public order and the general welfare in a democratic society.
(3) These rights and freedoms may in no case be exercised contrary to the purposes and principles of the United Nations.

Article 30.
Nothing in this Declaration may be interpreted as implying for any State, group or person any right to engage in any activity or to perform any act aimed at the destruction of any of the rights and freedoms set forth herein

مەنبە:
تور ئادرېسى: http://www.ohchr.org/chinese/index.htm
مەزكۇر تېما مەنبەسى: http://www.unhchr.ch/udhr/lang/uig.htm
مەزكۇر خىتابنامىنىڭ ئېنگلىزچىسى: http://www.unhchr.ch/udhr/lang/eng.htm
مەزكۇر خىتابنامىنىڭ خەنزۇچىسى: http://www.unhchr.ch/udhr/lang/chn.htm

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top