You Are Here: Home » ئومۇمى » شۇنداقتىمۇ يەنە خوش كەلدىڭ

شۇنداقتىمۇ يەنە خوش كەلدىڭ

يەنىلا خوش كەلدىڭ
رامىزان، ئاللاھنىڭ بېكىتكەن ۋاقىلىرىدىن بىرى.
مۆمىنلەردىن بىر ئاي بۇيۇنچە ئىككىنجى دەرىجىلىك ۋەيا بىركۈنلۈك كۈندىلىك ۋەقەلەر بىلەن مەشغۇل بولماستىن، ئاللاھنىڭ بەلگۈلەپ قويغان كۈنتەرتىپنى ياشىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

رامازان، بىر ئىچ مىمار سەپەرۋەرلىكىدۇر.
رامىزان، ئىنساننىڭ دائىما ئەھمىيەت بېرەلمىگەن ئىچكى دۇنياسىغا ئاتلىنىشقا تېگىشلىك سەپەرنىڭ ئەڭ ئۇيغۇن زامانىدۇر.
رامىزان، نەفسى تەربىيە، روھى تەزكىيە (پاكلىنىش) ۋە شەيتاننى قوغلاش مەزگىلىدۇر.
رامىزان، تۆت بويۇتلۇق (تۆت تەرەپلىك) ماددىغا بەشىنجى بىر تەرەپنى قېتىش ئۈچۈن ئىنسانغا بېرىلگەن بىر پۇرسەتتۇر.
ھەركىمنىڭ باشقىلار (ھەركىم) بىلەن مەشغۇل ھالدا كۆرۈنگەن دۇنيادا، ئىنساننىڭ ئەڭ ئاز كارى بولغىنى نەخ ئۆزىدۇر. ھەركىمنىڭ كىملەرنىدۇر بىرىنى قۇتقۇزىۋېلىش ئۈچۈن ھەپىلىشىۋاتقان چېغىدا، ئىنساننىڭ ئەڭ ئاسان سەل قارايدىغىنى (ئۇنتۇپ قالدىغىنى) يەنىلا ئۆزى.
رامىزان، بىر يىل بويۇنچە ئوتنى ئۆچۈرىمىزدەپ كەينىدىن قوغلاپ، جېنىنىڭ بارىچە ئوت ئۆچۈرىمەن دەپ  ھەپىلىشۋاتقان، ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى ئوتنى ئۇنتىغان ئوت ئۆچۈرۈش ئىشچىسىنىڭ ئۆز ئېتەكلىرىدىكى   ئوتنى ئۆچۈرۈش ۋاقتىدۇر بۇ.
رامىزان، ھاياتنىڭ ئالدىراش ۋە قالايمىقان قىستاڭچىلىقىدا بىر يىل بويۇنچە يۈرگەن ئىنساننىڭ تەكشۈرۈلۈپ كۈتۈنۈش ۋە رېمونىت قىلىنىشقا، تەڭشەكلىرىنى تەڭشىۋېلىش ۋە تۈزەلتىش ئېلىپ بارىدىغان دەل ۋاقتىدۇر.
ۋەيران قىلالمىغان قىممەتلەرنى ۋەيران قىلغان «سېكۇلار/لايىقچى مەنتىق» ۋە مەنتىقنىڭ شىفاسى تېپىلغۇسىز تەزگاھلىرىدىن بىرى بولسا رامىزاننى «مىللى-ئۆرپى بايرام»، رامىزان ھېيتىنى «كەمپىت بايرىمى»، قۇربان ھېيتىمىزنى بولسا «گۆش بايرىمى» دەپ يانسىتىشتۇر.
مۇھىم ئىشلار تەرتىپىگە ئالغانلار ئۈچۈن بىر رەھمەت ۋە مەغفىرەت سېغىنىقى بولغان رامىزاننى «ئىفتارلىق نان» ۋە «زولۇق دۇمباق» ئەدەبىياتىغا قۇربان قىلىۋېتىش ھادىسىنى سۇسلاشتۇر(ئەسلى ماھىيەتتىن قېيىپ كېتىش). ئەسلىدە رامىزان بەك كۆپ دۇنيالىشىپ كەتكەن ھاياتىمىزنىڭ، يېڭىدىن دىنىلىشىشى ۋە ئۇنىڭغا ئاشىقى بىر يۆنۈلۈش قېتىۋېلىشى ئۈچۈن تېپىلماس بىر پۇرسەت دەپ قارىلىشى كېرەك.
مانا بۇ ئۆز-ئۆزىمىز بىلەن تۇنۇشۇشنىڭ نەخ پەيتى…
********************
مۇسۇلمان ئۈممىتىمىزنىڭ جۇغرافىيەلىرىدە قانلار جەسەدلەرنى لەيلىتىپ ئېقىۋاتىدۇ.
مۇسۇلمانلار خەلقئارا ۋە يەرلىك كۇپرى مەركەزلىرىنىڭ قىسقۇچلىرىدا.
دۇنياۋى كاپىرلەر، يەرلىك كاپىرلەر، ھەممىسى بىرلىشىپ بىر مۇش بولۇپ ئىسلامغا ۋە ئۇنىڭ ئۈنۋېرسال قىممەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىشىۋاتىدۇ.
ئىسلام ئۈممىتى پارچە-پارچە. ھەر بىر پارچىنىڭ بېشىغا بالا بولغان ئۇلۇسچى (مىللىيەتچى) دۆلەتلەر ۋە باسقۇنچى ھاكىمىيەتلەرنىڭ زۇلمى داۋام قىلىۋاتىدۇ.
چۈشەنچىلىمىز پالەچ.
ئىلمىمىز كۆر.
ھىكمەت يوقالغان.
ئوغرىلار مەمۇر.
ئالىملىرىىمىز نۇمۇسسىز كىشىلەرچىلىكمۇ جاسارەتلىك ئەمەس.
مۇشۇنداق بىر زاماندا كەلدىڭ ئەي رامىزان.
خوش كەلدىڭدە تازا خوش تاپالمىدىڭ.
خوش تاپالمىدىڭ، چۈنكى:
ئىسلام ئىسلامغا دۈشمەن.
مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمانغا چىدىغۇچىلىكى يوق.
كېپىنەك گالاستۇكلۇق خوجىلار،
رىياكار ھاجىلار،
فېمىنىست (ئايالپەرەس) ھەدىلىرىمىز بار ئارتۇق.
ئىمانلارغا ئىللەت، مۆمىنملەرگە زىللەت مەرەز بولدى.
كىملەردۇر بىرى دولمۇش(كىچىك ئاپتۇۋۇز)قا مىنىۋالغان بولسا، كىملەردۇر بىرى ئۇنىڭغا تاش ئېتىۋاتىدۇ.
ئۆسمۈرنىڭ سۇدا بوغۇلۇپ ئۆلۈشىنى تاماشا قىلىۋاتقانلار، جەسىدىگە ئىگە چىقىپ بۆلۈشۈپ بولامماي ئاۋارە.
سۆيگۈنى تۇنۇماستىن «موسۇلمان» بولغانلار بار.
بىلەرمەنلەر، شەكىلۋازلار…
«يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا» دىن كېيىن، «يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان كاللا (مېڭە) مەيدانغا كەلدى.
يانتۇ قارىغانلار، ھاياتنى بېقىشلىرىدا ئەمەس، باققان نەرسىلىرىدە ئىزدەيدۇ.
كارامىتى ئۆزىدىن باي-غۇجاملار، ئەپەندىلەر، بايغۇجاملار «بەش ئارشىن ئاتلاش» ئۈچۈن ھەلەبنى يېتىشمەيدۇ دەپ قاراپ، ئەمدى «ئالەم بوشلۇغى» ئىستەۋاتىدۇ. (ئەسلىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا تەرجىمە قىلىندى، مەنىسى ھازىرچە قاراڭغۇ)
***********************************
يەريۈزىنىڭ شۇ قۇرغاق مەۋسۈمىدە چۆللىشىپ كەتكەن كۆڭۈللىرىمىزنىڭ ئېغىزلىرى يېرىلدى.
ئەي رەھمەت ئېيى،
ئەي رامىزان،
بىزنىڭ مۇشۇ ھالىمىزدىمۇ يەنىلا خوش كەلدىڭ.
(ئەلھەمدۇللىلاھ، بۇ تيما تۈگىدى)
ئەسلى: http://www.radyovakit.com/4879_B … de-hos-geldin!.html

شۇنداقتىمۇ يەنە خوش كەلدىڭ
http://www.koklem.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=4123&fromuid=229

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top