ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئانا تىل » مېنىڭ يەنە بىر تىلىم

مېنىڭ يەنە بىر تىلىم

ۋاڭ مېڭ

ئۇيغۇرچە سۆزلىشىمگىلا روھىم كۆتۈرۈلۈپ، كۆڭلۈم ئېچىلىپ، تېتىكلىشىپ، شوخ ۋە سەگەك، چېچەن بولۇپ كېتىمەن. بىر تىل بىر خىل قوراللا بولۇپ قالماستىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر خىل مەدەنىيەت …
1987- يىلى كەچكۈز كۈنلىرىنىڭ بىرى، ئۇ كۈنى چۈشلۈك تاماقتا بېيجىڭغا ئويۇن قويغىلى كەلگەن شىزاڭ ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى كۈتۈۋېلىنغانىدى. مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىسمائىل ئەھمەد سۆزلەيدىغان چاغدا مەن ئۇنى ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇنىڭ تەرجىمانى بولۇپ بەردىم. تەكەللۇپلار بىلەن شۇنداق قىلىۋېدۇق، سورۇن ئەھلى كۈلۈشۈپ كېتىشكەنىدى.
مەن ئۇيغۇرچە ئاڭلاشقا ئامراق، ئۇيغۇرچە سۆزلەشكىمۇ ئامراق. مەن دائىم ھەر مىللەت قېرىنداشلىرىمنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىلىدا ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ، ھېس- تۇيغۇلىرىنى راۋان ئىپادىلىشىگە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ناھايىتى ئوبدان پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان، مۇپەسسەل ۋە ئىناق مەنزىللىرى ئىچىگە مەست بولۇپ چۆمۈپ كېتىمەن. شۇنىمۇ يوشۇرالمايمەنكى، ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلەتكىلى بولىدىغان، ئۇيغۇر تىلىنى مەشىق قىلىپ ئۆستۈرگىلى بولىدىغان، ھەتتاكى ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر تىلى جەھەتتىكى كارامىتىمنى كۆرسەتكىلى بولىدىغان ھەرقانداق پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمايمەن. ئۇيغۇرچە سۆزلىشىمگىلا روھىم كۆتۈرۈلۈپ، كۆڭلۈم ئېچىلىپ، تېتىكلىشىپ، شوخ ۋە سەگەك، چېچەن بولۇپ كېتىمەن. بىر تىل بىر خىل قوراللا بولۇپ قالماستىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر خىل مەدەنىيەت، شۇنداقلا جانلىق كىشىلەر توپى، تۇرمۇشنىڭ رېتىمى، ئاجايىپ بىر خىل مەنزىرە، تەبىئىي كۆرۈنۈش ھەم ئېتنىك مەنزىرىدۇر. ئۇلار يەنە جاھان ئاجايىباتلىرىنىڭ ھەقىقىي تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا ئەبەدىلئەبەد ئۇنتۇلغۇسىز سەرگۈزەشتىلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر. يەنە شۇنداقلا مېنىڭ بىر تۈركۈم دوستلىرىمنىڭ قايغۇ- خۇشاللىق، قوشۇلۇشى ۋە ئايرىلىشلىرى، دوستلۇقى ۋە كۆڭلىدۇر.
1960- يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە تەقدىر- قىسمەت ماڭا ئۇيغۇر دېھقانلىرى بىلەن ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈش پۇرسىتى ئاتا قىلىپ، سىياسىي بوران- چاپقۇن مېنى دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي چېگرىسىدىكى ئىلى دەرياسى ۋادىسى بويىغا ئاپىرىپ تاشلىغاندىن كېيىن، مەن ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۇ يەردە پۇت تىرەپ تۇردۇم، دوستلۇققا ئېرىشتىم، ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلدىم. شۇنچە كۆپ ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچىمۇ تۈگىتەلمىگۈدەك بىلىملەرنى ئۆگەندىم. ئىنسان ھاياتىدىكى جىمجىتلىق ۋە مۈشكىلاتلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتقانىدىم. ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش ناھايىتى قىيىن، ئۇنىڭدىكى سۆز بايلىقى، پۈتمەس- تۈگىمەس كىچىك تىل تاۋۇشلىرى، تىل قايرىغۇچى تاۋۇشلار ۋە نەپەس تاۋۇشلىرى خەنزۇ تىلىدا يوق. تېخىمۇ قىيىن يېرى شۇكى، خەنزۇ تىلىدىكى تاۋۇشلار بىلەن يېقىنلىشىپ كېتىدىغان تاۋۇشلارنى قانداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن خەنزۇ تىلىنىڭ ئوخشىمىغان تەرەپلىرىنى ئاڭلاپ، سۆزلەشتۇر. گرامماتىكىسى تېخىمۇ تەس. ئىسىملارنىڭ ئالتە كېلىشى، پېئىلنىڭ زامان، ھالەت، شەخس قوشۇمچىلىرى … بەزىدە بىر پېئىلغا ئون نەچچە خىل قوشۇمچە قوشۇشقا توغرا كېلىدۇ … ھەقىقەتەن مۇرەككەپلىكىنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. لېكىن ئۇلار مېنى شۇ قەدەر خۇشتار ۋە مەپتۇن قىلىدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن بارلىق ناخشا- ئۇسسۇلغا ماھىر ئۇيغۇرلار چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن. ئۇلار بىلەن تۇرپاننىڭ قوغۇن ۋە ئۈزۈملىرى، ئىلى ۋە قاراشەھەرنىڭ ئارغىماقلىرى، يېڭىسارنىڭ پىچىقى، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى ۋە ئىپارخان مەقبەرىسى، ئاپاق خوجا مازىرى، خوتەننىڭ قاشتېشى ۋە گىلەملىرى ئۆزئارا چەمبەرچاس باغلانغان. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ جاراڭلىق، كۈچلۈك تەلەپپۇزىدىن، كىشىنىڭ كۆڭلىنى يايرىتىدىغان ئىنتۇناتسىيىسىدىن ھۇزۇرلىنىمەن. ئۇنىڭ ئۆزگىچە ئىپادىلەش تەرتىپىدىن ھۇزۇرلىنىمەن، بىكارلا بولۇپ قالسام، رادىئونى ئاچىمەن- دە، ئۇيغۇرچە ئاڭلاپ كېتىمەن. دەسلەپكى چاغلاردا بىرەر سۆزنىمۇ دېگۈدەك چۈشىنەلمىسەممۇ، يەنىلا ئاڭلاۋېرەتتىم. خۇددى مۇزىكىدىن ھۇزۇرلانغاندەك ئىشتىياق بىلەن ئاڭلاپ ھۇزۇرلىناتتىم. ئاڭلىساملا گۈلقەقەلىرىم ئېچىلىپ كۆڭلۈم يايراپ، يەڭگىللىشىپ قالاتتىم. ئىككى دېھقان بالىسى گەپلىشىۋاتقان بولسا، مەن بىر ياندا «قۇلاق موللىسى» بولۇپ ئاڭلايتتىم- دە، قايىللىق بىلەن قارىغىنە، ئۇلار نېمىدېگەن ئوبدان سۆزلىشىدۇ- ھە! ئۇلار كىچىككىنە تۇرۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى بىلىدىكەنغۇ؟ ئۇلار ئەسلىدىنلا ئۇيغۇر بولغاندىكىن، ئۇيغۇر تىلى ئۇلارنىڭ ئانا تىلى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشىمۇ بىزنىڭ بالىلىرىمىز تىلى چىققان ھامان خەنزۇچە سۆزلىگىنىگە ئوخشاش قىلچە ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس- تە! مەن ئۇيغۇرچە ئۆگىنىپ، ئىختىيارسىز ھالدا مەجنۇنلارچە بېرىلىپ كەتكەنىدىم.
مەن ئۇيغۇرچە چۈشىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىنىۋاتاتتىم. كېچىسى ھاجەتكە چىققاندا كارىۋاتنى تۇتۇپ تۇرۇپ «كارىۋات»، ئىشىكنى ئاچقاندا «ئىشىك»، تام ياقىلاپ ماڭغاندا «تام»، سىيگەندە بولسا «سۈيدۈك»، شامال چىققاندا «شامال»، سۇپىغا يېتىپ كەلگەندە بولسا ئۆز- ئۆزۈمگە «ئۇخلاي ! » دەيتتىم. كېيىنچە سوقۇلۇپ بولغان چوتنى ياكى ئەرەبچە رەقەمنى كۆرگەندە ئۇلارنى ئۇيغۇرچە ئوقۇپ چىقاتتىم. ئەگەر بىرەر خەنزۇ قېرىندىشىم تۇيۇقسىز كېلىپ مەندىن: «بۇ قانچە؟ » دەپ سوراپ قالسا، مەن ئاغزىمنى ئېچىپ ھاڭۋېقىپ قېلىپ، دەماللىققا نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالاتتىم.
ئاخىر مېنىڭ يەنە بىر تىلىم چىقتى. مەن ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە تۇرسام، ئوخشاشلا توختىماي سۆزلەپ كېتىمەن. تىل- يېزىق ئويۇنلىرىنىمۇ، ئىككى بىسلىق ياپتا گەپلەرنىمۇ ئاڭقىرالايدىغان، دېيەلەيدىغان بولدۇم. بىر تىل كۆپەيگەننىڭ ئۈستىگە بىر جۈپ قۇلاقمۇ كۆپەيگەندىن كېيىن چەكسىز ھۇزۇر ئىلكىدە بىر تىلغا كىرىپ كېتىپ، ئۇنىڭ بارلىق مەنە تۈسى، كەيپىياتلىرىنى ھېس قىلالايدىكەنسىز … بىر جۈپ كۆزمۇ كۆپەيگەندىن كېيىن، ئەگرى- بۈگرى، ئوڭ- سول، ئاستى- ئۈستىگە تارتىپ يېزىلغان ئۇيغۇرچە يېزىقنى ئوقۇپ، چۈشىنەلەيدىغان بولىدىكەنسىز. يەنە تېخى بىر باش ۋە يۈرەكمۇ كۆپىيىپ، بىلىم- تەجرىبە، چۈشىنىش، ئىشەنچ، دوستلۇقلارغا موھتاج بولىدىكەنسز.
ئەمەلىيەتتە بىر تىللا كۆپىيىپ قالماستىن، بىر جۈپ كۆزمۇ كۆپىيىدىكەن. سىز بۇ خىل تىل بىلەن نەشر قىلىنغان كىتابلارنى كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىكەنسىز. بىر جۈپ قۇلاق كۆپەيگەندىكىن، شۇنچە كۆپ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ناخشا- مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان بولىدىكەنسىز. بىر يۈرەك كۆپەيگەندىن كېيىن ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلىدىكەنسىز ھەم ئۇلارنى ئەستە مەھكەم ساقلايدىغان بولىدىكەنسىز. قىسقىسى، باشقىچە بىر دۇنيا ئېچىلىدىكەن.
«ياشىسۇن چۈشىنىش» دېگەن ئىدۇققۇ! چۈشىنىش ئۈچۈن بىز تېخىمۇ كۆپ قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقلىرىنى ئوبدان ئۆگىنەيلى! شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ چەت ئەل تىللىرىنى ئۆگىنەيلى! ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش دەۋرىدە تېخىمۇ كۆپ تىل بىلىملىرىگە ۋە تىل قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇش زۆرۈر. يەنە كېلىپ بىر خىل ئۆگىنىش جەريانى ئاجايىپ تەجرىبە ۋە خۇشاللىقلارغا تولغان بولىدۇ!

ياسىن ھاۋازى تەرجىمە قىلدى، ئاپتور: ۋاڭ مېڭ

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش