You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئۇيغۇر ياشلىرى ھازىر روھىي چىداملىق بىلەن رېئالىستىك ئۈمىدۋارلىققا مۇھتاج

ئۇيغۇر ياشلىرى ھازىر روھىي چىداملىق بىلەن رېئالىستىك ئۈمىدۋارلىققا مۇھتاج

ئەركىن سىدىق

2011-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى
يېقىندا ۋەتەندىن كەلگەن بىر پارچە ئېلخەت ماڭا ئىنتايىن قاتتىق تەسىر قىلدى. ھەقىقەتەنمۇ ھازىر ئۇيغۇر ياشلىرى تىل، مەدەنىيەت، ئوقۇش، خىزمەت، ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە ھېچ قانداق ئەركىنلىككە ئىگە ئەمەس بولۇپ، ئۇلار ھازىر خۇددى قەپەزدىكى قۇشلاردەك ياشاشقا مەجبۇرى بولىۋاتىدۇ. ئۇنداق ھاياتنى مەن ئۆزۈم ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان دەۋردە بىر ئاز بولسىمۇ ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ باققان ئىدىم. شۇڭا مېنىڭ ۋەتەندىكى ياشلارغا ھازىر ناھايىتى چوڭقۇر ھېسداشلىقىم بار. شۇڭلاشقىمۇ مەن ئۆز-ئۆزۈمدىن «مەن ئۇلارغا نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمەن؟» دەپ داۋاملىق سوراپ تۇرىمەن.

ئۇيغۇر ياشلىرى ھازىر ئەڭ مۇھتاج بولغان نەرسە «ھېسسىيات جەھەتتىكى ئېلاستىكىلىق» (emotional resilience). مەن بۇ ئىقتىدارنى ئۆزۈمنىڭ «ئەندىشە، چۈشكۈنلۈك، ۋە ئوڭۇشسىزلىقتىن كېيىن تېز ئەسلىگە قايتىش ئىقتىدارى » دېگەن ماقالىسىدا تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرگەن ئىدىم: «بۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە كىشىلەر بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ياكى بىرەر كېلىشمەسلىككە ئۇچرىغاندا ئاسانلىقچە روھىي چۈشكۈنلۈككە پېتىپ قالمايدىكەن. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئاشۇنداق كېلىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان روھىي زەخىمدىن ئوڭۇشلۇق ساقلىنىپ، روھىي ھالىتىنى تېز سۈرئەتتە ئوڭشاپ، ئۆز ئىشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ ماڭالايدىكەن. بۇ ئىقتىدار ئىنگلىز تىلىدا ”resilience“ ۋە ”resiliency“ دەپ ئاتىلىدىكەن.»

ھېسسىيات جەھەتتىكى ئېلاستىكىلىقنىڭ مۇنداق ئىككى تەركىۋى قىسمى بار. ئۇنىڭ بىرى روھىي چىداملىق (mental toughness)، يەنە بىرى بولسا رېئالىستىك ئۈمىدۋارلىق (realistic optimism).

روھىي چىداملىق دېگىنىمىز ئادەم مەسىلىلەر ۋە بېسىملارغا دۇچ كەلگەندە قورقماي ياكى ئۇلارغا باش ئەگمەي، ئۇلارغا دادىللىق بىلەن تاقابىل تۇرۇش قابىلىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ سەلبىي ھېسسىياتلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئۈمىدسىزلىنىش، دەخلى قىلىدىغان ئۆزگىرىش، كېسەل، ياكى ئوڭۇشسىزلىقلارغا يولۇققاندا ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويماي ياكى ئۆز ئىقتىدارلىرىنى تولۇق يوقاتقان ھالدا ئىش ئېلىپ بارماي، ئۇلارنىڭ روھىي تەسىرىدىن تېز ئەسلىگە كېلىش قابىلىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق قابىلىيەتكە ئىگە كىشىلەر ئادەمگە ئازار بېرىدىغان سۆزلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ، يېڭىلمەي تۇرۇپ ئۇتتۇرۇپ بېرەلەيدۇ (lose without being defeated)، مەغلۇبىيەتچى بولۇپ قالماي تۇرۇپ مەغلۇپ بولىدۇ، ياكى «ياخشى مەغلۇپ بولىدۇ» (fail and not become failures)، ھەمدە ئۈمىدسىزلەندۈرۈلگەن ئادەمگە ئايلىنىپ قالماي تۇرۇپ ئىنكار قىلىنىشقا تاقابىل تۇرىدۇ.

رېئالىستىك ئۈمىدۋارلىققا ئىگە كىشىلەر قىيىن دەۋرنىڭ ۋاقىتلىق بولىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشۈنۈپ، ئۆزىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ساقلاپ مېڭىش قابىلىيىتىگە ئىشىنىدۇ. بۈگۈننىڭ قانچىلىك قاراڭغۇ-زىمىستان بىلەن قاپلانغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئەتە چوقۇم كۈن چىقىدىغانلىقىغا يۈزدە-يۈز ئىشىنىدۇ.

شۇڭلاشقا مېنىڭ ۋەتەندىكى ياشلارغا دەيدىغىنىم: ھېسسىيات جەھەتتىكى ئېلاستىكىلىققا ئىگە بولۇڭلار! ئۈمىدۋار بولۇڭلار!
«ئەندىشە، چۈشكۈنلۈك، ۋە ئوڭۇشسىزلىقتىن كېيىن تېز ئەسلىگە قايتىش ئىقتىدارى»:

http://www.meripet.com/Sohbet1/Erkinb7_resiliency.htm

بۇ يازمىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، تولۇق تېكىستى بىلەن باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

مەنبە : ئەركىن سىدىق مەرىپەت تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top