You Are Here: Home » ئانا تىل » ئۇيغۇر تىلى ئەلۋىدا

ئۇيغۇر تىلى ئەلۋىدا

ماسلاشمىدىڭ زامانغا،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.
يېتەلمىدىم ئارمانغا،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.”لۇفاڭ“ دېدۇق بىنانى،
”خابا” دېدۇق دەريانى.
”مىينۈ“ دېدۇق رەنانى،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

”لۇفاڭ” ئالدۇق ”دەيكۈەن“ گە،
”جۇاڭشىيۇۋ” قىلدۇق ”يىۋەن“ گە،
ئامال يوقمۇ دەتمەنگە،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

توڭلاتقۇنى ”بىڭشىياڭ” دەپ،
ياڭراتقۇنى ”يىڭشىياڭ” دەپ،
گۈرجەكنىمۇ ”تىشىياڭ” دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

”گۇڭۋۇيۈەن“ دەپ مەمۇرنى،
”چىيەنزە“ دېدۇق ئامبۇرنى،
نېمە دەرمىز تەمبۈرنى؟
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

كۆمۈرگازنى ”مىيچى” دەپ،
ئاكورىتنى ”پىچى” دەپ،
17 نى ”ياۋچى” دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

”ۋوشى” دېدۇق ياتاقنى،
”شېزى” دېدۇق ئاياقنى،
”لىيۇۋلاڭخەن” دەپ ساياقنى،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

كەرەپشىنى ”چىڭسەي” دەپ،
كۈدە دېمەي ”جۈسەي” دەپ،
پالەكنىمۇ ”بوسەي” دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

”خاڭگا” ئەمەس تەرخەمەك،
”بەسەي” ئەمەس يېسىۋىلەك،
بىر پىلەكتىن مىڭ خەمەك،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

”شۇۋجى“ دېدۇق يانفوننى،
”شىياڭزاۋ“ دېدۇق سوپۇننى،
”لاۋپو“ دەرمىز خوتۇننى،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

كارتا دېمەي كا دېدۇق،
ياپما خىشنى ۋا دېدۇق،
بىلەلمىسەك سا دېدۇق،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

ئۈستەلنىمۇ ”جوزا” دەپ،
ئورۇندۇقنى ”يىزا” دەپ،
كومپيۇتېر -“جىزا” دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

بۇس تارتقۇنى ”چۇۋيەنجى”،
شامالچىنى ”گۇپۇڭجى”،
دەرىجىمىز ”فۇكىجى”،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

ئېرى ماڭدى ”جىيۇۋباغا”،
خوتۇن چايغا ”دىباغا“،
بالا كۆندى ”ۋاڭباغا”،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

ئۇچرىشىشنى ”يۆخۈي“ دەپ،
يىغىن دېمەي ”كەيخۈي“ دەپ،
ئېتىبارنى ”يۇۋخۈي“ دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

”داجى“ دېدۇق ئەرزاننى،
”نۈەنپىڭ ”دېدۇق چايداننى،
”شۇجۈكۇ“ دەپ سانداننى،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

شاۋقۇن-سۈرەن ”زايىن“ دەپ،
خەت باسقاننى ”دايىن“ دەپ،
تەلەپپۇزنى ”فايىن“ دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

”شىگۈەن“ دېدۇق كۆنگەننى،
”گۈەنجۈن“ دېدۇق يەڭگەننى،
نېمە دەيمىز مەڭگەننى؟
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

ئىلغار بولسا ”يۇۋشىيۇۋ“ دەپ،
رىمونىتنى ”داشىيۇۋ“ دەپ،
75نى ”چىشيۇۋ“ دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

ئەينەك ئېدىش ”گاڭزا ”دەپ،
يېزىلارنى ”جاڭزا ”دەپ،
شۇم ئوچاقنى ”لىڭزا“ دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

دابازادا زاسۈي يەپ،
كىندىجىدا جىتۈي دەپ،
چاڭزا ئۈچەي خوتۈي يەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

”گازىر“ بولدى شىمىشكە،
”نەيپىڭ ”بولدى ئىمزىگە،
ئويلانمايمىز نېمىشكە؟
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

”خوگو“ بولدى يەلقازان،
”گولۇ“ بولدى پارقازان،
”دىيەنفەنگو“ بوپ توك قازان،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

”دىڭپاۋ“ دىگەن چىراقنى،
”تۇڭكۇ” دەيدۇ پىراقنى،
”ياۋيۈەن” دەيمىز يىراقنى،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

ئىچكىرى دېمەي ”كۇلى“ دەپ،
تۈلكە دېمەي ”خۇلى” دەپ،
ياردەمچىنى ”جۇلى“ دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

جەرىمانە ”فاكوەن” دەپ،
سوتخانىنى ”فايۈەن” دەپ،
كورپۇس دېمەي ”دەنيۈەن” دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

كۈتۈپخانا ”تۇشۇگۈەن”،
مۇلازىملار ”فۇۋۇيۈەن”،
”ساۋمىي” بولدى بۆلجۈرگەن،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

”پىڭزا“ بولدى بوتۇلكا،
”شىجۇاڭ“ كاستىيۇم-بۇرۇلكا،
”گۇڭگاۋ“ بولدى لوزۇنكا،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

تىككۈچىنى ”سەيپۇڭ“ دەپ،
”خۇڭمىيەن كاۋرۇ لەڭپۇڭ دەپ،
سۇ ئۈزۈشنى ”يۇۋيۇڭ“ دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

مامۇق چاپان ”يۈرۈڭفۇ”،
راھەت ئىشتان ”شىيۇۋشىيەنكۇ“،
ئىچ ئىشتاننى دەپ ”شەنكۇ“،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

ئىچ كىيىمنى ”نىييى“ دەپ،
ئۇيقۇ كىيمنى “شۈييى“ دەپ،
ئىچىملىكنى ”شۆبىي“ دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

توك پۇلىنى ”دىيەنفىي“ دەپ،
قەرز تېلىفون ”چىيەنفىي“ دەپ،
خوشە دېمەي ”گەنبىي“ دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

”مابۇ“ دېدۇق جامبىنى،
”دەيزى” دېدۇق خالتىنى،
”كاۋباۋزى” دەڭ سامسىنى؟
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

”تىڭجى“ بولدى توختىغان،
”داباۋ“ بولدى ئەپ ماڭغان،
”لىيۇۋجى“ بولدى قەپ قالغان،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

”گۇڭگاۋ“ دېدۇق ئېلاننى،
”خۇڭزاۋ“ دەيدۇ چىلاننى،
نېمە دەيمىز يىلاننى !
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

لېنتىچىنى ”دەيچى” دەپ،
ۋېلسىپىتنى ”سەيچى” دەپ،
دەرس تاشلاش ”كۇڭكى” دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

”توشەي” بولدى ساپما كەش،
”لۇزا” بولدى پىلتە مەش،
بۇ مودىدىن كۆڭۈل غەش،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

”جىياڭتەي“ دېدۇق مۇنبەرنى،
”شىياڭشۈي“ دېدۇق ئەنبەرنى،
”كاشى” دەيلى قەشقەرنى؟
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

”ساڭنا” دېدۇق مۇنچىنى،
”مىيەنجاڭ“ دېدۇق ئۇنچىنى،
”شىياۋخۇا” دەيمىز غۇنچىنى،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

يېيىشىمىز ”خەنباۋباۋ”،
ئۇچىمىزدا ”مىڭتىجىياۋ”،
چولپىنىمىز ”ر. باچىياۋ”،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

توخۇ قورداق-داپەنجى،
خۈيمىيەن،بەنمىيەن،لازىجى،
دىڭ دىڭ سومىيەن جوۋماجى،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

سۇ مانتىنى ”جۇۋاۋا“،
كاۋا دېمەي“ خۇلۇگۇا“،
يەر يۇيغۇچنى دەپ ”توۋبا“،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

بەرەنجىنى ياڭيۇ دەپ،
تېتىتقۇسۇ -جىياڭيۇ دەپ،
تورداش دېمەي ۋاڭيۇۋ دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

قىزىل كالا -“ خۇڭنىيۇۋ“ دەپ،
دوسىتنى تاپتۇق ”پىڭيۇۋ“ دەپ،
قوقاپ كەتسەك ئەييۇ! دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

”لاجى“ دېدۇق ئەخلەتنى،
”ۋاڭجەن” دېدۇق تور بەتنى،
”يۇۋجىيەن” دېدۇق ئېل-خەتنى،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

”داچىياۋ“ دېدۇق كۆۋرۈكنى،
”جۇزى” دېدۇق تۈۋرۈكنى،
”شىتى” دەيمىز ئۆلۈكنى،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

”فاپىياۋ“ دېدۇق تالوننى،
”ۋەيدەي” دېدۇق بالوننى،
نېمە دەيمىز قالۇننى؟
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

”داشۆ“ بولدى ئۇنىۋېرىستېت،
”زۇڭتۇڭ ”بولدى پىرىزدىنت،
”داشۆسىڭدۇر ”سىتۇدىنت،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

باتارىيە “دىيەنچى“ دەپ،
بۇغدا كۆلنى-تىيەنچى دەپ،
مۆھلەت ئاشسا ”يەنچى” دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

”گۇاڭچاڭ“ دېدۇق مەيداننى،
”چىيەنباۋ“ دېدۇق پۇلداننى،
”شۆۋىي“ دېدۇق ئۇنۋاننى،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

دىلھوزۇرنى ”دىيەنشى” دەپ،
قۇرۇق يۇيسا ”گەنشى” دەپ،
ئويۇن دىمەي ”يۇۋشى” دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

تېزگىنەكنى ”ياۋكۇڭ” دەپ،
سىيىت نوچى گاڭگۇڭ دەپ،
يېتىپ تەپسە ”داۋگۇڭ” دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

ئال تۆك دەيلى “شازىنى”،
ئىشكاپ دەيلى ”جازىنى”،
پايپاق دەيلى ”ۋازىنى”،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

ئۈزچات دەيلى ”كەيگۈن“ نى،
سامساق دەيلى ”داسۈەن“ نى،
ئىنىستىتۇت دەپ ”شۆيۈەن“ نى،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

”دۇبو“ دېدۇق قىمانى،
ئۇنتۇپ قالدۇق ”مىما“ نى،
ئىزلەپ ئۇيغۇر سىمانى!
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

مودا بولدى شالغۇت تىل،
ئويلانمىدى ئۇيغۇر دىل،
خاراپ بولدى ئانا تىل،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

شالغۇتلاشتى تىلىمىز،
قاينىمايدۇ دىلىمىز،
”ۋىيزۇ” بولسۇن نامىمىز،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

ئانا تىلنى قوغدايلى،
ئەنئەنىنى قوغدايلى،
شالغۇت تىلنى تۈزەيلى،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

ئەلدە ئىدى ئەر غېمى،
ئەلگە كۆيگەن ئەر قېنى؟
ئەل دەپ ئاققان تەر قېنى؟
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

كۆپ تىل بىلىش شەرەپ ئىش،
تىلدىن كېلەر يۈكسىلىش،
ئانا تىلسىز يېزىم، قىش!
ئۇيغۇر تىلىم يىغلىما!

دەرەخ بولماس يىلتىزسىز،
مىللەت بولماس ئۆز تىلسىز،
ئۆلەي، قالسام سېنىڭسىز!
ئۇيغۇر تىلىم يىغلىما!

مەنبەسى: www.izdinix.com

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top