You Are Here: Home » ئومۇمى » سالام ، تورداشلارنى سېغىندۇق (باغداش)

سالام ، تورداشلارنى سېغىندۇق (باغداش)

Ekber_Baghdax

ئەسسىلامۇ-ئەلەيكۇم كۆپچىلىك ، مەن باغداش تور بېكتىنىڭ مەسئولى ئەكبەرجان ،
بۈگۈنكىدەك خەيرىلىك كۈندە سىلەر بىلەن قايتا جەم بولغانلىقىمىزدىن تولىمۇ خوشال بولىۋاتىمىز . ھەربىر كۈنلەر خەيرلىك ئۆتكەي ! بۈگۈن 9-ئاينىڭ 6-كۈنى باغداش تورى يېڭىچە قىياپەت بىلەن بارلىق تورداشلارغا قايتا ئېچىۋېتىلدى.
خوتەندىكى ، قەشقەردىكى ، ئاتۇش .ئاقسۇ قومۇل تۇرپاندىكى تورداشلار ،سىلەر باغداش تورىنى قانداق سېغىنغان بولساڭلار بىزمۇ سىلەرنى شۇنچىلىك سېغىندۇق !سىلەر بولغاچقىلا باغداش تورى خەلقنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالالىغان ، سىلەر بولغاچقىلا قەشقەر مائارىپىدا ئۆزگىرەش بولغان ، سىلەرنىڭ سادايىڭلار بولغاچقا لەنجۇدىكى ئوقۇغۇچىلار تاماق مەسىلىسى ھەل بولغان ، غۇلجىدىكى يوقاپ كەتكەن ئىەمىن ئۆي قۇرۇلىشىنىڭ نەچچە مىليون پۇلى سىلەر ئارقىلىق غۇلجىدىكى دېھقانلارنىڭ قولىغا قايتىپ كەلگەن .
باغداش ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى بولۇپ كەلدى . كۆپنى كۆرگەن ئېسىل كىشىلىرىمىز باغداشتا ئىزچىل مىننەتسىز قەلەم تەۋرىتىپ كەلدى ، يېڭىلىققا ، بىلىمگە ئىنتىلىدىغان ياشلار باغداشتىن كېرەكلىك ئۇچۇر ۋە بىلىملەرگە ئىگە بولدى
بىز توردا نىمە ئىشلار قىلدۇق ؟
ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئۈمىدجان ۋە باشقا كېسەل كارۋىتىدا ئاغرىقنىڭ ئازابىنى تارتىپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلارغا تۇشمۇ-تۇشتىن ئىئانە توپلاپ ئۇلارغا ئازراق بولسىمۇ جەمئىيەتنىڭ ئىللىقىقىنى يەتكۈزدۇق ! خەيرلىك ، خوشاللىق ئىشلار باغداشتا كۆپلەپ بولدى .
بىزنىڭ ۋە تورداشلارنىڭ باغداشتا ئۈچ يىللىق تاتىلىق ۋە ئاچچىق ئەسلىمىلىرى قالدى ، بىز گاھى بوزقىر بىلەن خېشى كارىدورىنى بويلاپ داڭلىق ئوبزورچىلارنىڭ تۈرلۈك ئەسەرلىرى ھەققىدە بەس -مۇنازىرە قىلغان بولساق ،گاھىدا ئۇيغۇرزادە بىلەن ھاۋاينىڭ دېڭىز شامىلىدا سالقىندىغاچ نىيورىكتىكى قەشقەر توپىسى توغۇرلۇق مۇڭداشتۇق . ئاتىللا بىلەن ئاقچۇق سېيىدا بەزىدە ئۆتمۈشتىكى قاراخانىلار دەۋرىگە قايتىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا خىياللارغا غەرق بولدۇق .بىلمخۇمار بىلەن بىللە ناسانىڭ ئالەم كېمىلىرىدە دۇنيانى كەزدۇق . توخوتورنىڭ تاققۇ -تۇققا ، ئامما لوگىكىلىق پاراڭلىرىنى باراڭ ئاستىدا قانغۇچە كۈلۈشۈپ ئاڭلىدۇق . دولان بىلەن مۇستەقىل ئىدىيگە ئىگە بولۇش توغرىسىدا كېلىشىپ بولالماي جۇڭگو مائارىپىنىڭ چېچىنى چۈشىرىۋەتتۇق . قەيسەر مىجىت بىلەن شۇڭقار كەبى چاڭلارنى ئەسلىشىپ يۈرۈكلىرىمىز ئىسسىق بولدى . رەنا قىزچاقنىڭ ئەبجەش پاراڭلىرىنى ھېلى قەشقەر ھېيتگاھ كوچىلىرىدا ، ھېلى ئۈرۈمچى دۆڭكۈۋرۈك بويلىرىدا كېزىپ يۈرۈپ ئاڭلاپ تۈگەتتۇق. ئەسلىمە بەك كۆپ ، بۇلارنى ئېيتىپ تۈگىتىشكە خېلى ئاخشاملار كېتىدۇ ،.قالغىنىنى يۈرىكىمىزدە ، كۆڭلىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ساقلاپ ھەممىنى دەپ يۈرۈشنىڭ بەكمۇ زۆرۈرى يوق دەپ ئويلايمەن .

ئۇچۇر-تېخنىكا ، تور -ئاخباراتنىڭ تېز تەرەققىياتى بىزنى تەمتىرىتىپ قويدى ، بىز گاڭگىراپ قالدۇق ، قانداق قىلىش كېرەك ؟
بىز تۆنۈگۈننى ئۆزگەرتەلمەيمىز ، لېكىن بىز ئەتىنى ئۆزگەرتەلەيمىز . شۇڭلاشقا كۆپچىلىك ھەممىڭلەر باغداشقا كېلىڭلەر ! بۇ يەر سىلەرگە بەكمۇ ماس كېلىدۇ .بىز تۈرلۈك تۈمەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەركىن پىكىر ئالماشتۇرالايمىز ، چوقۇم كېلىڭلەر ، ھەمدە يالغۇز كەلمەڭلەر . بىز ئەڭ ياخشىسى قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز . بىزنىڭ تېىخىمۇ ياخشى قىىلىشقا ئىشەنچىمىز بار .ھەممە ئادەم كەلگۈسىگە گۇمان بىلەن قارايدىغان پەيتلەردە بىز ئىشەنچنى تاللىدۇق ، بىز بېكىتىمىزنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرىمىز ، بۇ پەقەت مۇقەددىمە ، تورداشلار ئۆيىدە ئولتۇرۇپ باغداش ئارقىلىق نەرسە – كېرەك سېتىۋالالايدىغان سۇپا ھازىرلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز ،ئۇزۇن ئۆتمەي سىز باغداش تورىدا ئۆزىڭىز ياقتۇرغان نەرسە -كېرەكلەرنى ، كىيىم -كېچەكلەرنى ھېچبىر قىينالمايلا سېتىۋالالايسىز . ئەگەر ئۇزۇن ئۆتمەي راستىنلا شۇنداق بولۇپ قالسا بىزگە رەھمەت ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ئەگەر سىزنىڭمۇ بۇ خىل ئويلىرىڭىز بولسا بۇ يەرگە كېلىڭ ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ ياخشى قىلايلى .
ئۇنداق بولسا تورداشلار بۇ يەردە ۋاقتىڭلارنى ئالمايلى ، بىرلىكتە نادىر تېمىلارنى كۆرەيلى . ئېسىڭىزدە بولسۇن ، باغداشنى ئاسراڭ ، سىزنىڭ بىر تال ئىنكاسىڭىز باغداش ئۈچۈن گۈل بولىدۇ ياكى تىكەن بولىدۇ ، تورداشلارنىڭ باغداشقا گۈلدەستىلەرنى تىزىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز . ئامان بولۇڭلار تورداشلار ، پات -پات مۇڭدىشىپ تۇرايلى ، بارلىق تورداشلارغا سالام يوللاڭلار !!!!!!!!!!!!!!!!!!

ھۆرمەت بىلەن :؛ باغداش تورىنىڭ مەسئولى : ئەكبەرجان ئەسەت باغداش

مەنبە: باغداش مۇنبىرى  http://bbs.bagdax.cn/thread-19617-1-1.html

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top