ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئۇقتۇرۇش » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 7- قېتىملىق ئۇيغۇر پەن – تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسىسلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرىشى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 7- قېتىملىق ئۇيغۇر پەن – تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسىسلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرىشى

image

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستازلار، ئېزىز قېرىنداشلار ۋە بارلىق ئىلىم سۆيەر دوستلار،
خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار ئىلمى جەمئىيىتى، ”ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى“ نىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم، ياۋرو-ئاسىيا قىتئەسىنىڭ كۆۋرۈكى، دۇنيانىڭ مەدەنىيەت پايتەختى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ”ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى“ تېمىسىدىكى خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان پائالىيەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە ئەڭ تەسىرلىك پائالىيەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 7-قېتىملىقى، 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 10-14 كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلمەكچى.
خەۋىرىڭلاردا بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، مىللىتىمىزنىڭ پەن-مائارىپ سەۋىيىسىنىڭ ۋە بۇ ئارقىلىق ئومۇمى مىللى كۈچ-قۇدرىتىنىڭ يوقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۆھپە قوشۇش مەقسىتىدە، 2009-يىلى 9-ئايدا ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بىر ئىلمى جەمئيەتتۇر. جەمئىيىتىمىز بەش يېرىم يىلدىن بېرى، ۋەتەن سۆيەر فىزىكا ئالىمىمىز سابىق پەخرى رەئىسىمىز ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ يېتەكلىشى ۋە دۇنياغا داڭلىق بىئولوگىيە ئالىمىمىز، پەخرى رەئىسىمىز دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ كۈچ ئاتا قىلىشى بىلەن، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ماددى ۋە مەنىۋى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يىللاردىن بېرى ھەرخىل  ئەھمىيەتلىك ئىلمى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ  خىل ئىلمى پائالىيەتلەر، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىلىم-مەرىپەت ئىشقىدا كۆيۈپ، جاپالىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىم-تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ، ۋەتەن-ئىچى سىرتىدىكى خەلقىمىزگە زور  ئۈمىت ۋە ئىلھام بېرىپ كەلمەكتە… ياش ئەۋلادلارنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان ئىشتىياقنىڭ كۈچىيىشىگە، ئومۇمى خەلق  پەن-مائارىپقا يۈزلىنىشتەك بىر ئىلمى كەيپىياتنىڭ بىخ سۈرۈشىگە تۈرتكە بولماقتا… ئەلۋەتتە، بۇنەتىجىلەر مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇپ ئولتۇرغان ھەربىر ئېزىز قېرىندىشىمىزنىڭ پىداكارلىقى، ئۆز مىللىتىگە بولغان مۇھەببىتى ۋە مەسئۇليەتچانلىغىنىڭ نەتىجىسىدۇر. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەممىڭلارنىڭ ئۈن-تىنسىز ياردىمى ۋە پىداكارلىغىڭلار ئۈچۈن چەكسىز مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.
بۇ يىلقى يىغىنغا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئالىملىرىدىن، دوكتۇر ئەركىن سىدىق، دوكتۇر رېشات ئابباس، شۆھرەت مۇتەللىپلەر بىرلا ۋاقىتتا قاتنىشىدىغان بولۇپ،  بۇ يىغىن، ئۇلارنىڭ ئىلمى دوكلاتىنى بىۋاستە ئاڭلاش، ئۇلار بىلەن سۆھبەتتە بولۇش ئۈچۈن تېپىلغۇسىز ھەتتا، بىردىنبىر پۇرسەت بولۇپلا قالماستىن، ئىستانبۇل، ئۆزىنىڭ تەبىئي گۈزەللىكى، ھەيۋەتلىك تارىخى ئەسەرلىرى، ئۆز خەلقىمىزگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇچۇق-يۇرۇق، قىزغىن ئىنسانلىرى، تىلى، تۇرمۇش پۇرىقى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلۈكى بىلەن سىزدە ئىسسىق ۋەتەن تۇيغۇسىنى ئويغىتىدۇ، كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ…

بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ يوقىرى سۈپەتتە، پىلانلىق، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، يىغىن ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش قىلىمىز.
1. يىغىن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 10-ئاينىڭ 10-11-كۈنى  ئىككى كۈن ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ۋە  10-ئاينىڭ 12-13-كۈنى سەيلە-ساياھەت بولۇپ،  جەمئى تۆت كۈن بولىدۇ.
2. ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكلات بەرگۈچىلەرنىڭ ياتاق، تاماق راسخۇتلىرىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى يەنە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقە قىلىپ ئايرۇپىلان بېلىتىنىمۇ ھەل قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر ھەل بولمىسا، ئايرۇپىلان بېلىتىنى يىغىنغا قاتناشقۇچى ئۆزى كۆتۈرىدۇ. يىللاردىكى ئەھۋالغا ئاساسەن، قاتناشقۇچىلارنىڭ يول كىراسىنى ئۆزى كۆتۈرۈش چۈشەنچىسى بويىچە تەييارلىق كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
3. مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا پىلان سۇنۇپ، ياردەملىرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشىمىز ئۈچۈن، دوكلات بەرگۈچىلەرنىڭ 5-ئاينىڭ 25  -كۈنىگىچە دوكلات تېمىسى، قىسقىچە مەزمۇنى (abstract)ۋەئۆز تەرجىمىھالنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەسمى ئېلخەت ئادرېسىuyghuracademy@gmail.com   غا ئەۋەتىپ بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىجا قىلىمىز.
4. بۇ قېتىملىق يىغىندا، ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 كىشى دوكلات سۇنىدىغان بولۇپ، تېمىلار بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئىلتىماس قىلغان قىلىنغان تېمىلار ئىچىدىن تاللىنىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، دوكلات سۇنماقچى بولغانلارنىڭ، مۆھلەتكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ۋاقتىدا ئىلتىماس قىلىشلىرىنى ئۈمىت قىلىمىز.
5.  تۈركىيىگە ۋىزا ئېلىش زۆرۈرىيىتى بارلار ئادرېسىدىن ئېلېكترونلۇق ۋىزا ئالالايدۇ.
http://www.evisa.gov.trhttp:// http://www.evisa.gov.tr
ۋىزا ئېلىشىدا قىيىنچىلىق كۆرۈلگەنلەرگە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلىدۇ.
6. بەزى ئالاھىدە ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دوكلات بەرگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشى شەرت بولۇپ، دوكلاتنىمۇ چوقۇم ئۇيغۇر كونا يېزىقى بىلەن تەييارلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ ( ئالدىراشچىلىق ۋە باشقا سەۋەبلەردىن ئىمكانى يار بەرمىگەنلەر ئۆلچەملىك ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىقى بىلەن تەييارلىسىمۇ بولىدۇ).
7 . ھەر بىر كىشىگە بېرىلگەن سۆزلەش ۋاقتى 20 مىنۇت، سوئاللارغا جاۋاپ بېرىش ۋاقتى 10 مىنۇت، جەمئى 30 مىنۇت بولۇپ، يىغىننىڭ پىلانلانغان كۈنتەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، قاتناشقۇچىلارنىڭ دوكلات سۇنۇش ۋاقتىغا ئاڭلىق ھالدا رىئايە قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ ۋە قەتئىي ئىجرا قىلىنىدۇ.
8. يىراق- يېقىندىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن پېشقەدەم ئۇستاز، زىيالىيلارنىڭ ئۆز-ئارا تونۇشۇپ، كەڭ كۇشادە ھال-مۇڭ بۇلىۋېلىشلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە سورۇن ھازىرلىنىدۇ.
9. بۇ قېتىملىق يىغىننى بۇرۇنقى يىغىنلارغا ئوخشىمايدىغان، ئۆزگىچە بىر شەكىلدە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتىمىز. پېشقەدەم ئۇستاز ۋە ھەرقانداق بىر  شەخسنىڭ   uyghuracademy@gmail.com ئارقىلىق بىزگە قىممەتلىك تەكلىپ ۋە تەنقىدنى پىكىرلىرىنى بېرىشلىرىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىت قىلىمىز.

تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ يىغىنىمىزنىڭ رەڭدار تېما، مول مەزمۇنلار بىلەن غەلبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئالىم، تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ۋە بارلىق سۆيۈملۈك ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ يېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن                                       تىلەيمىز.
ئەڭ ئاخىردا، بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىشلىرىغا ئاسانلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەپ
ھۆرمەت بىلەن
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
پەخرى رەئىسى   دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ
رەئىسى              دوكتۇر ئابلەت تۇران

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش