ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » دىن ۋە ئەخلاق — دىن ۋە دىندارلىق

دىن ۋە ئەخلاق — دىن ۋە دىندارلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى:
دىن، ئىتائەت قىلىنىدىغان يول، دېگەنلىك بولىدۇ. ھەمدە ئۆزىگە خاس قائىدە-قانۇنىيەتلىرى بار بولغان بىر ھايات پەلسەپىسى دېگەنلىكمۇ بولىدۇ. دىن، ئىنسانلار ئۈچۈن بار بولغان ۋە ئىنسانلارنى خاتىرجەم شەكىلدە ياشاشقا يېتەكلەيدىغان ۋە رىغبەتلەندۈرىدىغان بىر يولدۇر. دىننىڭ ئوخشاش بولمىغان تەرىپلىرىگە كۆرە دىن، ئىنساننىڭ ئىلاھ بىلەن بولغان رىشتىسىدۇر. ئۇ يەنە، ئىنساننىڭ، ئاللاھ ئۈچۈن، ئىنسانلار ئۈچۈن ۋە ئۆزى ئۈچۈن قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلارغا دائىر ۋەز-نەسىھەت ۋە ئەقىدىلەرنىڭ جۇغلانمىسىدۇر. دىن، ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ۋە ئىنسانلارنى ئاللاھقا يەتكۈزۈدىغان يولدۇر.
دىن، ئىمان كەلتۈرگەن كىشى ئۈچۈن ھاياتنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئىنساننىڭ ئۆز نەپسى بىلەن، باشقا مەۋجۇداتلار بىلەن ۋە جانابى ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى روياپقا چىقارغان مەنبەدۇر. ئىنساننىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى، نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكى ۋە قەيەرگە كېتىدىغانلىقىغا دائىر سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ. بۇ سوئاللار، ئىنساننىڭ مەنىۋىي ئىزدىنىشلىرى پەيدا قىلغان سوئاللاردۇر. ئىنسان مەنىۋىي ئىزدىنىش جەريانىدا ۋە ئۆزىنى تونۇپ يېتىش مەسىلىسىدە دىندىن ياردەم ئالىدۇ. ئۆزىنى تونىغان كىشى ئاللاھنىمۇ تونۇيدۇ. چۈنكى ئۇنى ياراتقان زات ئاللاھتۇر. ئۆزىنى ۋە ياراتقۇچىسىنى تونىغان كىشى، يەنە بىر تەرەپتىن بىرلىكتە ياشاۋاتقان خەلقنى ۋە ئۆزىگە ئامانەت قىلىنغان باشقا مەۋجۇداتلارنىمۇ تونۇيدۇ. ئىنسان، دىن كۆرسىتىپ بەرگەن ئەخلاقىي ۋە قانۇنى ئىنتىزاملار ئارقىلىق قانداق ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۆگىنىدۇ. دىن، بىر تەرەپتىن قارىغاندا، ئاللاھ بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدا ئىتائەت، ھۆرمەت ۋە سۆيگۈنى چىقىش قىلىدىغان بىر خىل ئىختىيارى رىشتە بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا، نېگىزى ئەخلاقنى چىقىش قىلىدىغان ۋە ئىنسانلار ئارا مۇناسىۋەتلەرنى ئەخلاقىي ئاساسقا كۆرە تەرتىپكە سالىدىغان ئىجتىمائىي ھايات نىزامىدۇر. دىن ئىنسانغا كەمتەرلىك ۋە گۈزەللىكنى ئۆگىتىدۇ. مۇناسىۋەتلەردە مۇئەييەن قائىدىلەرگە بوي سۇنۇش ۋە ئەستايىدىل ئويلاش ئارقىلىق ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ. دىن، ئىنسانغا نەسىھەت قىلىدۇ. بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ھىكمەت ۋە ئەڭ گۈزەل ئۇسلۇبتا يەتكۈزۈش ۋەزىپىلىرى بېرىلگەن. ئىبرەت ئېلىش ياكى ئالماسلىق ئىنساننىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق بىر ئىش. «دىندا زورلاش يوقتۇر» ئىسلام ئالىملىرى، «قۇرئانى كەرىم» ۋە ئىسلام ئەقىدىلىرى دائىرىسىدە دىننى «ئەقىل ئىگىلىرىنى پەيغەمبەرلەر خەۋەر قىلغان ھەقىقەتلەرنى قۇبۇل قىلىشقا چاقىرىدىغان ئىلاھىي قانۇن» دەپ تەرىپلىشىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن دىننىڭ بىر چاقىرىق، بىر دەۋەت ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. دەۋەتكە جاۋاب بېرىش مەسىلىسىدە مەجبۇرلاش يوقتۇر. ئاللاھ بارلىق پەيغەمبەرلىرىگە مەزكۇر چاقىرىش، دەۋەت قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغىنىدا، ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەركىن ئىرادىلىرى بىلەن بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇشلىرىنى كۈتكەن ۋە بۇ سەۋەبلىك پەيغەمبەرلىرىنى «پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر» دېگەن سۆزى ئارقىلىق تەربىيلىگەن.
………………………………………………….
ئىسلامغا كۆرە دىننىڭ مەنبەسى ئاللاھتۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن، تۇنجى ئىنسان ئەينى ۋاقىتتا تۇنجى پەيغەمبەردۇر ۋە ئۇنىڭغا بىلدۈرۈلگەن دىنمۇ تەۋھىد دىنىدۇر. بۇ سەۋەبلىك ئىسلام ئېتىقادىغا كۆرە، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تاكى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان بارلىق پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن ھەق دىنلارنىڭ ئورتاق نامى «ئىسلام» دۇر.
دىننى قۇبۇل قىلغان ۋە ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئىتائەت قىلغان كىشىلەر، يېپ-يېڭى بىر كىملىككە ئىگە بولغان بولىدۇ. بۇ ئۇلارنى مەلۇم ئۆلچەمدە تۇتۇپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. يەنى، دىننى قۇبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر كىشىنىڭ گەپ-سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىدە ئىسلامنى قۇبۇل قىلغانلىقىنىڭ ئىز-ئەسەرلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. مەزكۇر ئىنسان، پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئەينى ۋاقىتتا دىننى ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان زاتنىڭ ئالدىدىمۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. ئىسلام دىنى نۇقتىسىدىن تەپەككۇر قىلىنىدىغان بولسا، «مۇسۇلمان» بولۇشنى قۇبۇل قىلغان ۋە بۇنى تىلى بىلەن ئىپادىلەپ، قەلبى ئارقىلىق تەستىقلىغان بىر كىشى، ھەر جەھەتتىن ئۆزىنى تونىغان ۋە مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ئىنسان ئاللاھنىڭ بارلىقى، بىرلىكىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرىگە، پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، ئاخىرەت كۈنىگە ۋە تەقدىرگە شەكسىز ھالدا ئىمان كەلتۈرگەن كىشىدۇر. يەنە بۇ كىشى ئاللاھنىڭ، ئىنسانلارغا ياخشى بولسۇن ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان ھەر خىل ئەخلاقىي، قانۇنى ۋە ئىجتىمائىي بەلگۈلىمىلىرىمىنىمۇ قۇبۇل قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت مەزكۇر ئىنسان، دۇنيادا مەۋجۇت بولۇش مەقسىتىنىڭ «ئاللاھقا قۇللۇق قىلىش» ۋە ئاللاھنىڭ باشقا بارلىق بەندىلىرى بىلەن بىرلىكتە «ياخشى ئىشلاردا بەيگىگە چۈشۈش» ئىكەنلىكىنى قۇبۇل قىلغان ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھقا قۇللۇق قىلىش، جانابى ئاللاھنىڭ ئىنسان ئۈچۈن كۆرسىتىپ بەرگەن بارلىق كۆرسەتمىلىرىنى تونۇپ يېتىش بىلەن باشلانغان ناھايىتى ئۇزۇن بىر سەپەردۇر. ئىنساننىڭ، تەبىئىتىدە ئەسلىدىلا بار بولغان بۇ تەرىپلەرنىڭ ياخشىلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىلەرگە كۆتۈرۈش، يامانلىرىنى ياخشى شەكىلدە تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتى باردۇر. بۇ مەسئۇلىيەتلەرنىڭ ھەر بىرى «قۇرئانى كەرىم» دە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندۇر. جانابى ئاللاھ تىن سۈرىسىنىڭ 4- ۋە 5- ئايەتلىرىدە «بىز ئىنساننى شەك ـ شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق. ئاندىن ئۇنى (چىرايلىق ياراتقانلىق نېمىتىمىزگە شۈكۈر قىلماي ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن) دوزاخقا قايتۇردۇق.» دېيىش ئارقىلىق ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدىكى قوش قۇتۇپلۇق ھالەتنى تەكىتلىگەن بولسا، مەزكۇر سۈرىنىڭ 6- ئايىتىدە «پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇلارغا ئۈزۈلمەس ساۋاب بېرىلىدۇ.» دېيىش ئارقىلىق ئىنساننىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىش يولىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنە شەمس سۈرىسىنىڭ 7- ئايىتىدىن 10- ئايىتىگىچە بولغان ئارىلىقتا «روھ بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى، روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ. نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى ـ فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ.» دېگەن جانابى ئاللاھ، ئىنساننىڭ ھەم ياخشىلىق قىلالايدىغان ھەم يامانلىق سادىر قىلالايدىغان بىر مەۋجۇتلۇق قىلىپ يارىتىلغانلىقىنى، بىراق ئۆزلىرىنىڭ تاللىغان يولى ئارقىلىق نىجاتلىققا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ياكى نادامەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
ئىنسان ئەقىل ئىگىسى بىر مەۋجۇتلۇقتۇر. دىن ئىنساننىڭ ئەقلىگە خىتاب قىلىدۇ. ئىنساننىڭ ئەقلى دىنىي خىتابنى ھەزىم قىلالايدىغان شەكىلدە يارىتىلغاندۇر. ئەقلىنى ئىشلەتكەن ھالدا ھەرىكەت قىلغان ئىنسان، ئەركىن ئىرادىسى بىلەن يولىنى تاللىغان ھالدا ھايات كەچۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىدۇ ۋە نەتىجىسىگە كۆرە مۇكاپاتلىنىدۇ ياكى جازالىنىدۇ. دىن ئەينى ۋاقىتتا ھېس-تۇيغۇغىمۇ خىتاب قىلىدۇ. ئىنسان، ئىچكى دۇنياسىنى بېيىتماق ئۈچۈنمۇ دىنغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. يالغۇزلۇق تۇيغۇسى ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە بولغان ئىشەنچ ۋە ئۈمىدلىرىنى دىنىي يول بىلەن ھەل قىلىدۇ.
ئىنسان يارىتىلىپ، مۇنداقلا قويۇۋېتىلگەن ئەمەس، ئۇنىڭ قىلغان ھەر بىر ئىشى كۆزىتىلىپ تۇرماقتا ۋە خاتىرىلىنىپ تۇرماقتا. بۇ ئاڭنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىدىغان ئىنسان دىننىڭ سايىسىدا ، ئۆزىنى تەربىيىلەشنى ۋە ھاياتىنى مۇئەييەن بىر تەرتىپ-ئىنتىزام ئىچىدە ئۆتكۈزۈشنى ئۆگىنىدۇ. دىندار كىشى، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. ھاياتىنىڭ ھەر بىر لەھزىسىدە ئاللاھنى ئىزدەيدۇ، ئاللاھنى زىكىر قىلغىنىدا سۆيگۈ بىلەن قەلبى تىترەيدۇ. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە ھەر دائىم شۈكۈر قىلىپ تۇرىدۇ. بىلمەي قىلىپ سالغان يامان ئىشلىرىدىن پۇشايمان قىلىپ، تەۋبە قىلىدۇ. ياردەمنى، كەچۈرۈم ۋە مەغپىرەتنى يالغۇز ئاللاھتىنلا تىلەيدۇ. ئۇنىڭغا تايىنىدۇ، ئۇنىڭغا سېغىنىدۇ. گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە دۇرۇس بولىدۇ. ئادالەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ياخشىلىق قىلىدۇ. ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىلەردىن نەپىقە قىلىدۇ. سەۋرچان بولىدۇ. بېشىغا كەلگەن ئىشلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. كۆپلەپ تەپەككۇر قىلىدۇ. ئىپپەتلىك بولىدۇ. ئامانەتنى چىڭ ساقلايدۇ ۋە ۋەدىسىدە تۇرىدۇ. دىندار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ تۇرۇپ، يۇقىرىقىلارنى ئىشقا ئاشۇرمىغان ئىنسانلار، خەلقنىڭ كۆزىدە ئىشەنچلىك بولۇش دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىدۇ. شۇڭا، دىندار كىشى ئىزچىل ھالدا ئۆز-ئۆزىنى سوراپ تۇرىدۇ. ئۆزىنى كونترول قىلىش ۋە تېخىمۇ ياخشى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. چۈنكى ئۇ، ئۆز ئىختىيارى بىلەن بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان ۋە ئاللاھقا قۇللۇق قىلىش مەسىلىسىدە ئاللاھقا ۋەدە بەرگەن كىشىدۇر. يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەر، ئىنسانلارنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىنى سىناش ئۈچۈن گۈزەل ۋە جەزبدار شەكىلدە يارىتىلغاندۇر. بۇ جەزبدارلىقنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىپ قېلىشنىڭ ئورنىغا، گۈزەللىكلەرنى تونۇپ يېتىپ، شۈكۈر قىلىش بۇيرۇلغاندۇر. دىندار كىشى ۋەز-نەسىھەتنى قۇبۇل قىلىدىغان ۋە بۇ ئارقىلىق دۇنيا ۋە ئاخىرەت بەخت-سائادىتىگە ئېرىشكەن ئىنساندۇر.
ئىسلام، ئىنساننىڭ ئاللاھقا ھەقىقىي رەۋىشتە ئىتائەت قىلىشى دېمەكتۇر. جانى كۆڭۈلدىن ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ئىنساننى كۈچلەندۈرىدۇ، ئىرادىسىنى تاۋلايدۇ ۋە خاراكتېرىنى ساغلاملاشتۇرىدۇ. ئەخلاقىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ، شەخسىيەتچىلىك تۇيغۇلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئاللاھ ياراتقان باشقا بارلىق مەۋجۇداتلار ئالەمى ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئورنى ۋە ۋەزىپىلىرىنى تونۇپ يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش