You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئۇيغۇر تىلىدىكى تىل تاۋۇشلىرىنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش توغرىسىدا ئىزدىنىش

ئۇيغۇر تىلىدىكى تىل تاۋۇشلىرىنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش توغرىسىدا ئىزدىنىش

Şükrü Haluk AKALIN

تۈرك تىلى ئىدارىسى (Türk Dil Kurumu) نىڭ سابىق باشلىقى پروفىسور شۈكرۈ خالۇك ئاكالىننى ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى توغرىسىدا زىيارەت قىلغان مەخسۇس فىلىم

※     ※     ※

ئۇيغۇر تىلىدىكى تىل تاۋۇشلىرىنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش توغرىسىدا ئىزدىنىش

تۇرسۇنجان سۇلتان

كىرىش سۆز

     مەزكۇر ماقالىنى يېزىشتىكى ئاساسلىق مۇددىئا ۋە بۇ ماقالىدە يېتىش مەقسەت قىلىنغان نىشان، ئۇيغۇر تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىش ئىشلىرىدا لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە زۆرۈر بولۇشىدىكى دەلىللىرىنى كۆپ تەرەپتىن تەھلىل قىلىپ، خەلقىمىزدە يېقىندىن بۇيان شەكىللىنىپ قالغان «لاتىن يېزىقى» توغرىسىدا سۆز بولۇنسىلا، بۇ «يېزىق ئۆزگەرتىش» نىڭ بىشارىتى ياكى ئالامەتلىرى دەيدىغان كۆز قاراشلارغا توغرا جاۋاب تېپىپ بېرىشنى ئويلاشتىم.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىمىز (ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى كونا يېزىقىمىز) نىڭ پەن-تېخنىكا، مائارىپ، نەشرىياتچىلىق، كومپيۇتېر-ئۇچۇر قاتارلىق ساھەلەردە ئۆزىنىڭ رولىنى ناھايىتى ياخشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، رايونىمىزدا كومپيۇتېر ۋە تور يېڭىدىن قوللىنىلىۋاتقان چاغلاردا، يېزىقىمىزنى كومپيۇتېردا ۋە تور تېخنىكىسىدا بىرتەرەپ قىلىش ئىشلىرىنىڭ بىر قسىم قۇلايسىزلىقلارغا يولۇقىشى سەۋەبلىك، بىر مەزگىل لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادە قىلىنغان ئۇيغۇر يېزىقلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا سەۋەب بولغانلىقى، بۇ لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھەلىرىنىڭمۇ نىشانى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىنى ئېلىش بولماستىن، بەلكى يېزىقىمىزنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرلىكتە. گەرچە، ھازىر يېزىقىمىز ھەممە ساھەلەردە توسالغۇسىز ئىشلىتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم ساھەلەردە ئۇيغۇر تىلىنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەپ كۆرسىتىشكە مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق بايان قىلمىغاندا، يەنىلا «يېزىق ئۆزگەرتىش» ياكى «يېزىق ئىسلاھ قىلىش» دېگەن يامان قالپاقنىڭ كېيىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار.
بۇ ماقالىدە، مەن ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان يېزىقنىڭ قايسى كەسىپلەر بويىچە، قايسى دائىرە ئىچىدە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تىرىشتىم. مەسىلىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىن سۆزلەشكە توغرا كەلدى، چۈنكى مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ھەل قىلىنىشىنى كونكرېت دەلىل ۋە مىساللار بىلەن ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمىگىنىمدە، ماقالە يەنىلا بىر قىسىم مۇھىم ۋە ئىنچىكە مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرەلمەي قېلىشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم.
ماقالىدە، ئۇيغۇر خەلقى تارىختا ئىشلەتكەن ئۈچ چوڭ يېزىقنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈش، ئەڭ مۇھىمى بۇ ئۈچ چوڭ يېزىقنىڭ ئوخشاشلىق تەرەپلىرىنىڭ كۆپلىكىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق، يەنى قەدىمكى تۈرك يېزىقىنىڭ ئوڭدىن-سولغا يېزىلىدىغان بۇغۇم ۋە تاۋۇشلار بىرىكمىسىدىن ئىبارەت ئېلىپبەلىك يېزىق ئىكەنلىكى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى گەرچە ئۈستىدىن-ئاستىغا تىك قىلىپ يېزىلسىمۇ، بۇ يېزىقتا ھەرپلەرنىڭ باش، ئوتتۇرا، ئاياغ شەكلىدە كېلىپ، بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ يېزىلىشىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىختىن بۇيان ئومۇمەن ئوڭدىن-سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلارنى قوللىنىپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى گەرچە ئەرەب يېزىقىدىن ئىسلاھ قىلىنىپ كېلىنگەن يېزىق بولسىمۇ، خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇن تارىخلاردىن بۇيانقى يېزىق ئىشلىتىش ئەنئەنىسىگە بەكمۇ يېقىن بولغانلىقتىن، مىڭ يىللاردىن بۇيان بىزگە ئانا يېزىقىمىزدەكلا ئۆزلۈشۈپ، خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تونۇتۇش بىلەن بىرگە، ھازىرقى يېزىقىمىزدا ھەل قىلىپ كېتەلمەيدىغان يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى پاكىتلارلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈپ، بۇلارنى ھەل قىلىش چارىسىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئاساسى نىشان قىلىندى.
يەنە، مەزكۇر ماقالىنى يېزىشقا سەۋەب بولغان مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى، يېقىندىن بۇيان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدا ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى توغرىسىدا توردا ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم ماقالىلەرنى كۆرۈپ ئوقۇپ قالدىم. بىر قىسىم كىشىلەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «ئا»، «ئە»، «ئې»، «ئى»، «ئو»، «ئۇ»، «ئۆ»، «ئۈ» لاردىن ئىبارەت سەككىز سوزۇق تاۋۇش ھەرىپى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئ» (ھەمزە) نى قالدۇرۇۋېتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، يۇقىرىدىكى سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى كومپيۇتېردا كىرگىزگەندە «ئ» (ھەمزە) بىلەن «ا»، «ە»، «ې»، «ى»، «و»، «ۇ»، «ۆ»، «ۈ» ھەرپلىرىنى بىرىكتۈرۈپ كىرگۈزۈلىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە ئىككى كۇنۇپكا بېسىلىدىغانلىقى، شۇڭا، «ئ» (ھەمزە) قالدۇرۇۋېتىلسە، سەككىز سوزۇق تاۋۇشنىڭ ھەربىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەرپلەرنى بىرلا كۇنۇپكا بىلەن كىرگۈزگىلى بولارمىش، بۇ ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن. يەنە بىرسى، ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىنچىلاشتۇرۇش تەرەپدارلىرىنىڭمۇ بىر قىسىم ماقالىلىرى ۋە مۇنازىرىلىرىمۇ ماڭا تەسىر قىلدى، ئەڭ ئېچىنارلىقى لاتىن ھەرپلىرى، سىرىل ھەرپلىرى، خەلقئارا فونېتىك ئېلىپبەسىدىكى ھەرپلەردىن خالىغانچە ئېلىپ بىرىكتۈرۈپ چىقىلغان لايىھەلەرنىڭ ھازىرقى كۈنىمىزدىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە بۇ توغرىسىدا يېزىلغان ماقالىلەرمۇ كىشىنى ئويغا سالماي قالمايدۇ.
گەرچە مەن كەسپىي تىلشۇناس بولمىساممۇ، ئۇزۇن يىللىق كومپيۇتېر كەسپى ھاياتىمدا ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپيۇتېردا بىرتەرەپ قىلىش ئىشلىرى ئۈستىدە ئىزدەندىم، ھەمدە بىر تۈركۈم خەت نۇسخىلىرىنى ياساپ چىقىپتىمەن، بۇ جەرياندىمۇ ھەر قايسى دەۋرلەردىكى يېزىقلىرىمىزنى تىلشۇناسلىق، تارىخ نۇقتىسىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىشىمگە ۋە تەتقىق قىلىشىمغا توغرا كەلدى، ھەم بىر قىسىم تەجرىبىلەرنى توپلىدىم. شۇنىڭ بىلەن، ئۆزۈمنىڭ توپلىغان تەجرىبىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ «ئۇيغۇر تىلىدىكى تىل تاۋۇشلىرىنى لاتىنچە ئىپادىلەش توغرىسىدا ئىزدىنىش» دېگەن بۇ ماقالىنى يېزىپ چىقىشىمنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇ خىل زۆرۈرلۈكنى خېلى بۇرۇنلا تونۇپ يەتكەن بولساممۇ، بىر قىسىم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، مۇھىمى تەتقىقات ۋە تەجرىبىمىز پۈتمەي تۇرۇپ، ئالدىراقسانلىق قىلغاندا، خەلق ئارىسىدا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويماسلىقنى ئويلاپ بۇ توغرىسىدا يەككە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان بولسام، ئەمدى بۇ ماقالىنى يېزىش ئۈچۈن، بۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقان يولداشلارنىڭمۇ مەلۇم جەھەتلەردىن پايدىلىنىشىغا كېرەك بولۇر دېگەن ئۈمىدتە ماقالىگە تۇتۇش قىلدىم.
ماقالىدە بايان قىلىنماقچى بولغان ئۇيغۇر تىلىدىكى تىل تاۋۇشلىرىنى لاتىنچە ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا، مەن ئاساسلىقى 1991- يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى» ۋە 2000- يىلى ئوتتۇرىغا چىققان «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» ۋە 2008- يىلى ئوتتۇرىغا چىققان «ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھەسى» قاتارلىقلار ئوتتۇرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئورتاقلىق بارلىقىنى، بۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ تەدبىقلىغاندا، ئاخىرقى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. شۇڭا، ماقالىنىڭ كونكرېت قىسىملىرىغا، بۇ ئۈچ خىل يېزىق ۋە لايىھەلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىش بىلەن بىرگە، يەنە كەمچىللىك تەرەپلىرىدىنمۇ ئەپچىللىك بىلەن پايدىلانغاندا، بۇلاردىكى كەمچىللىك دەپ قارالغان تەرەپلەرنى ئاكتىپ ئارتۇقچىلىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىرقانچە تەرتىپ ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق بايان قىلدىم.
كۆپ تەرەپلىمىلىك تەتقىق قىلىش ۋە سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىشنىڭ ئەھمىيىتىمۇ كۆپ، مەسىلىلەرگە كۆپ نۇقتىدىن نەزەر سالغىلى ۋە پىكىر يۈرگۈزگىلى بولىدۇ. شۇڭا، ماقالىنىمۇ مەن كۆپ نۇقتىلاردىن يېزىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ماقالىدە، قەدىمكى يېزىقلار، دىئالىكىت ۋە شىۋىلەر توغرىسىدىكى بايانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كەتتى. بۇ بەلكىم پىكىرنى تارقاقلاشتۇرۇپ، بىزنى ئەسلى مەزمۇندىن چەتنەتكۈزۈپ، يەتمەكچى بولغان نىشاندىن يىراقلاشتۇرۇۋەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق مەن ئويلايمەنكى، ھازىرقى ۋاقىتتا، بولۇپمۇ يېزىق تەتقىقات خىزمىتىمىزدە تالاش-تارتىش بولىۋاتقان مەسىلىلەرگە نىسبەتەن، تەخىرسىز ھالەتتە ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلمىغاندا، ئوقۇرمەننىڭ كاللىسىدا ئالغان جاۋابىدىن، قويغان سوئالى كۆپ بولۇپ كەتسە، بۇنىڭ كۆپ ئەھمىيىتى بولمايدۇ، شۇڭا قانچىكى كەڭرەك ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ يازالىسام، شۇنچە كېڭەيتىپ ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ يېزىشقا تىرىشتىم.
ماقالىنىڭ ھەجىمى چوڭ بولغانلىقى، ماقالە كۆپلىگەن جەدۋەل ۋە رەسىملىك چۈشەندۈرۈشلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، ماقالىدىكى بارلىق مەزمۇنلارنى تور بەتكە تولۇق يوللىغىلى بولمىدى. شۇڭا، يۇقىرىدىكى «كىرىش» سۆز قىسمى بېرىلىپ، قالغان مەزمۇنلار PDF شەكلىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، بۇنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن تەمىنلەندى:

ماقالىنىڭ PDF ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش

(دىققەت: يۇقىرىدىكى ئۇلانمىدىن بىۋاستە بېسىپ چۈشۈرگىلى بولمىسا، مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، تۆتىنچى قۇردىكى «ئۇلانمىنى باشقىچە ساقلاش (K)…» دېگەن تاللاشنى بېسىپ، كومپيۇتېرغا چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ)

ماقالىنىڭ PDF ھۆججىتىنى بىۋاستە ئېچىپ كۆرۈش ۋە ساقلىۋېلىش ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ

(ئەسكەرتىش: ماقالە بىلەن قوشۇپ پىرىسلانغان يۇمشاق دېتاللارنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن يەنىلا، يۇقىرىدا دېيىلگەن ئۇسۇل بىلەن چۈشۈرۈپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ).

يۈك بولىقىنى كومپيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، yeziq-maqale.rar ناملىق پىرىسلانغان ھۆججەتنى، rar ياكى zip فورماتلىق پىرىس ھۆججەتلىرىنى يېزىش يۇمشاق ماتېرىيالى ئارقىلىق پىرىستىن يەشكەندىن كېيىن، يېشىلگەن مۇندەرىجە ئىچىدە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ ھۆججەت چىقىدۇ:

yeziq-heqqide.pdf — مەزكۇر ماقالىنىڭ PDF نۇسخىسى.
editor — كۆپ ئىقتىدارلىق يېزىق تەھرىرلىگۈچ.
input — ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان لايىھە بويىچە يېزىق كىرگۈزۈش يۇمشاق ماتېرىيالى (سىناق نۇسخا).
يۇقىرىدىكى ئىككى يۇمشاق ماتېرىيالنىڭ قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈلىشى ماقالىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا تونۇشتۇرۇلغان، شۇڭا ماقالىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ماقالىدە بېرىلگەن چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئىشلىتىڭ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

Comments (24)

  • تارىم سەرگارى

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇرسۇنجان ئەپەندىم!
    مەن ماقالىڭىزنى ماختىماقچى ياكى تەنقىتلىمەكچى ۋە ياكى ئۇنىڭغا ئىنكاس يازماقچى ئەمەسمەن. ھەر ئادەم ئۆزىچە ساراڭ بولىدۇ.
    مىنىڭ سىزگە ئەيتىدىغىنىم- ئىلمى تالانتىڭىزنى، مۇستافا كامالغا ۋە ماۋزېدۇڭغا ئەگېشىپ، «ئۇيغۇر تىلىنى لاتىنچە ئىپادېلەيمەن» – دەپ توزۇتماي، ئۇنى (ئۇيغۇر تىلىنى) ئۇيغۇر يېزىقىدا ساقلاپ قېلىشقا ۋە راۋاجلاندۇرىشقا ئىشلەتكەن بولسىڭىز ئاللاھ ۋە خەلقىڭىز ئالدىدا ساۋاپلىق ئىش قىلغان بولاتدىڭىز.

  • ئابدۇلقۇددۇس

    مانا ھازىر كومپيوتېرلاردا ، يانفۇنلاردا ئۆز يېزىغىمىز بىمالال رولىنى جارى قىلدۇرىۋاتمامدۇ؟

  • ئابدۇلقۇددۇس

    ئايانىكى، بىردەم «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى» دېيىلىپ، بىردەم «ئۇيغۇر لاتىن يېزىغى » دېيىلىپ ئۆز يېزىغىمىز بىر ئىشقا يارىمايدىغاندەك ، «بەد-بەشىرە يېزىق ئاپىتى» پەيدا بولىۋاتىدۇ!
    ئويلاپ كۆرەيلى، بىر ئوبدان يېزىغىمىز تۇرسا ، زادى يات – ياۋا يېزىق پەيدا قىلىشنىڭ زادى نىمە زۆرۈرىيىتى بار؟

  • ئابدۇلقۇددۇس

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
    ھۆرمەتلىك ئەپەندىم!
    مۇشۇ ماقالىنى دەرھال ئۆچۈرگۈزۈشكە ئىلتىماس سۇنۇڭ ، بۇ يازما تېزدىن ئۆچۈرۈلسۇن!!!
    بىز لاتىن يېزىغىنى قوللانمىساقمۇ قوللىنىۋاتقان گۈلدەك يېزىغىمىز بار. يېزىقنىڭ كۆپ خىللىغى مەركەزدىن قاچۇرۇش، بىلىپ-بىلمەي تارىخىي ئىزچىللىقنى يوقۇتۇپ قويۇش خەۋپى يۈز بېرىدۇ، ھۇشيار بولۇڭ ئەپەندىم! مۇنداق يازمىلارنى يازغاننىڭ ئورنىغا ئۆز يېزىغىمىزنى بىجانىدىل قوللۇنۇشقا ئەھمىيەت بىرىشنى تەشەببۇس قىلىپ ماقالە يازغىنىڭىز مىڭ ياخشى!

  • Abdukerim

    Essilamu`eleykum: mining oylaydighinim yiziqimiz balduraq birlikke kelse dep oylaymen hem shundaqla kompitorlarda ,yanfonlarda bimalal yazalsaqken deymen,,,silerdin umud kutiighinim 《Latinche,erebchey yzish usuli》qataliq yanfun yumshaq ditallar barliqqa kelse dep oylaymen。。。Allah ishliringlarni asan qilsun

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، بۇ جەھەتتە مەيلى بىلكان ۋە قارلۇق شىركىتى بولسۇن تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ.
      كۆڭەل يېرىم بولغۇدەك ئىش يوق، ھامان بىركۈنى بىرلىككە كېلىمىز، ھازىرچە ئالىپ تورىدىكى قېرىنداشلار بۇ ئىشقا خېلى كۈچەۋاتقاندەكلام تۇرۇدۇ.
      http://alip.biz/portal.php تور بېتىنى زىيارەت قىپ تۇرسىڭىز كۆڭلىڭىز خېلى كۆتەلىپ قالدىۇ.
      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام.

  • مۇساپىر

    يۇقارقى پىكىر ياخشى بوپتۇ. لىكىن مەن مۇشۇنداق «تەتقىقات خارىكتىرلىك يازمىلار»نىڭ بىر كۈنلەردە « يېزىق ئەنقىلابى»غا سەۋەبكار بولۇپ قېلىپ، بىز يازغان خەتلەرنى، خاتېرىلەرنى ئەۋلاتلىرىمىز «تىل تەتقىقاتچىلىرى«غا تەرجىمە قىلدۇرۇپ يۇرىشىدىن ئەندىشە قىلىمەن…….

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇ مەقسەتتە ئورتىغا چىققان فىكىر ئەمەس، خاتىرجەم بۇلۇڭ.

  • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

    بۇ ماقالىدە سۆزلەنگەن مەزمۇنلاردىن قانداقتۇر بىر يېڭى يېزىق پەيدا قىلىش ئەمەس، بەلكى ھازىر بار بولغان يېزىقلاردىن پايدىلىنىش مەسىلىسى سۆزلەنگەن. قانداقتۇر، ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى يېزىقى، تىل-يېزىق كومىتېتى يېزىقى ياكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى يېزىقى دەيدىغان يېزىقلارمۇ يوق. شۇڭا، بۇ مەسىلىنى يېزىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشكە بولمايدۇ. پەقەت بۇنى ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلەش لايىھەسى دەپ چۈشىنىش لازىم. ‹يېزىق› بىلەن ‹لايىھە› ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بار. ئاخىرىغا ‹يېزىقى› دەپ قوشۇلىدىغان ئۇيغۇر يېزىقىدىن پەقەتلا بىرسىلا بار، ئۇ بولسىمۇ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى يېزىقى. ‹لايىھە› دېگەنلەر بولسا، پەقەت ھازىرقى يېزىقىمىزنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن قانداق ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى كۆرسىتىلىپ بېرىلگەن سېلىشتۇرما جەدۋەل خالاس، يەنى، ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى لاتىنچە يازغاندا، مۇشۇ جەدۋەلدىكى لاتىنچە ئىپادىلىنىشى بويىچە ئۆرۈپ يېزىشقا بولىدۇ دېگەنلىك. شۇڭا، ‹لايىھە› لايىھە پېتى بويىچە قالسۇن، بۇنى ‹يېزىق› دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ تەھلىل قىلمايلى.

  • تۇرسۇنجان سۇلتان

    ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش ئاساسەن بىر شەكىلگە كېلىپ بولدى. بىراق خەلق ئىچىدە ئىشلىتىلىشى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، بۇ جەريانغا 10 يىلدەك بولدى، بىراق ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن لايىھەلەرمۇ تولۇق قوللىنىلىپ كېتىلمەيۋاتىدۇ، شۇنىڭدەك ئاساسى ئاجىز، چۈنكى خەلق يەنىلا ھازىرقى يېزىقنى ئاساس دەپ بېلىدۇ. لاتىنچە ئىشلىتىشنى پەقەت بىرخىل ۋاقىتلىق ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسىنىڭ رولىنى ئۆتۈيدۇ دەپ قارىغاچقا. ئۆزىنىڭ ئۆزلەشتۈرگىنى ياكى باشقىلاردىن ئالغان ئادىتى ئارقىلىق ئىشلىتىپ كەلمەكتە. مېنىڭچىمۇ لاتىن يېزىقىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدا خېلى ۋاقىتلارغىچە ئېتىبارغا ئېلىنماسلىقى ئېنىق، چۈنكى بىزنىڭ قانۇنلۇق يېزىقىمىز بار. بۇ يېزىق ھەممە جەھەتلەردىن ھاجىتىمىزدىن چىقىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىر يېزىقنى ياردەمچى قىلىشنىڭ ھېچ زۆرۈرىيىتى يوق. ئەگەر زۆرۈرىيەت بار دېيىلسىمۇ، ئايرىم ساھەلەردە، پەنلەردە ئېھتىياج ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، ياكى بىر قىسىم ئالاقە ئىشلىرىدا ۋاستىچىلىق رولى بار.
    ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتى بېكىتكەن ئۆلچەمگىمۇ بىر قانچە يىللار بولۇپ قالدى، بۇ لايىھەنىڭ ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى ئوتتۇرىغا قويغان لايىھە بىلەن ئوخشاشمايدىغان بىرلا يېرى بار. يەنى، ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى ئۇيغۇرچىدىكى ‹ئې› ھەرىپىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن é بەلگىسىنى ئىشلەتكەن بولسا، تىلكوم ‹ئې› ھەرىپىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ë بەلگىسىنى ئالغان. باشقا ھەرپلەرنىڭ تاللىنىشى قوشما ھەرپلىك بىرىكتۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش. ئەگەر قىسمەن ئەھۋاللاردا ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، يەنىلا تىلكوم ئوتتۇرىغا قويغان لايىھەنى ئىشلىتىش لازىم، چۈنكى بۇ يەنىلا قانۇنلۇق ھۆججەت چۈشۈرۈپ بېكىتىلگەن لايىھە، بۇ لايىھەنى بېكىتىشكە قاتناشقان مۇتەخەسىسلەرمۇ ئاخىرقى ھېسابتا مۇشۇ لايىھەنى مۇۋاپىق كۆرگەن.
    ئەمدى، بۇ ماقالىدە پەقەتلا يەنە بىر لايىھەدىكى يېزىقنىڭمۇ قېرىنداش تۈركى مىللەتلەردە ئۆزىنىڭ يېزىقىنى بەرپا قىلىش ياكى يېڭىدىن قوللىنىش جەريانلىرىدا بارلىققا كەلگەنلىكى بايان قىلىنىپ، ئەگەر ئۇيغۇرلاردا لاتىن يېزىقىغا ئېھتىياج بار دەپ قارالسا، يەنىلا ئورتاق بىر تىل ئائىلىسىدە سۆزلىشىدىغان قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن ئوخشاش يېزىق شەكلىنى ئىشلىتىشنىڭ ئەۋزەللىكى بايان قىلىنغان خالاس. بۇ لايىھە مەن تۈزىۋالغان لايىھە ئەمەس، ماقالىنى يېزىش داۋامىدىمۇ مەن چوقۇملا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇنى باشقا بىر ياققا بۇراپ بۇنى يەنە ‹شەخسنىڭ لايىھەسى› دەپ قارىۋالىدىغانلىقىنى ئويلىغان ئىدىم. دەرۋەقە شۇنداق بولدى. ئەگەر، ماڭا لايىھە تۈزۈش ھوقۇقى بېرىلگەن بولسا، مەن قەتئىيلا رەت قىلغان بولاتتىم. بىر مىللەتنىڭ يېزىقى بىر شەخس ئوينىشىدىغان نەرسە ئەمەس. بىز لاتىنچە تالاش-تارتىشنىڭ 10 يىل تالاش-تارتىش قىلىنىپ بىرلىككە ھېچ كېلىپ بولالمايۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بىرلىككە كېلەلمىگەنسېرى تېخىمۇ تۇترۇقسىز لايىھەلەر چىقىۋەردى. ئۆزۈم لاتىنچە ئىشلىتىشنى پەقەتلا قۇۋۋەتلىمىسەممۇ، بىراق بۇ توغرىسىدا بىر ئىزدىنىپ بېقىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، ئەگەر بۇ توغرىسىدا پايدىلانغۇدەك بىرەر ياخشى ئۆرنەك بولسا ئەجەپ ئەمەس ئىدى. ئەلۋەتتە، 1992- يىلىلا بارلىققا كېلىشكە باشلىغان تۈركى تىللارغا مۇۋاپىق كەلتۈرۈلگەن لاتىنچە ئىپادىلەش لايىھەسى بار بولسىمۇ، بىراق بىز 2000- يىلىدىن باشلاپلا ھازىرقى يېزىقىمىزدىن زارلىنىپ، زادى لاتىنچە قىلىشقا كۈچىدۇق. بىراق بۇنىڭ نەتىجىسىنى كىم كۆردى، ئۇنىڭ قانچىلىق پايدىلىنىش قىممىتى بولغانلىقىغا ھېچكىم بىر نېمە دەپ بېرەلمەيدۇ. بەلكىم يەنىلا ھەركىم ئۆز ئالدىغا پايدا تارتىشىدۇ. بۇ يەردە بىر ئومۇمىلىققا ئىگە بولالمىغان يېزىق توغرىسىدا ھېچ بىز تالاش-تارتىش قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت، بىرلىككە كېلەلمىگەن ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ لايىھەلەر ئوتتۇرىسىدا ئايلىنىپ يۈرىۋەرگەندىن كۆرە، بۇ لاتىنچە يېزىقمۇ ھەم بىزگە ئاساسلىق يېزىق ئورنىدا ئاش بولالمىغاندىن كېيىن، باشقا قېرىنداش مىللەتلەر كۆپرەك قوللىنىۋاتقان شەكىلدىن پايدىلىنىپ تۇرساقلا بولمىدىمۇ، دەپ ئويلىدىم. يەنە بىر تەرەپتىن ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ قوشما ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىشى ئىنتېرنېت ئالاقىشى ياكى ئۇچۇر ئالاقىسىدا بەلگىلىك قۇلايلىق ئېلىپ كەلگىنى بىلەن، رەسمى باسما بويۇملاردا، تىل تەتقىقاتى، تىل ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا قېيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر، شۇ ۋاقىتلاردا ئۈزۈك تاۋۇشلارنى قوشما ھەرپ بىلەن ئىپادىلىگەندە يەنە مۇشۇ قوشما ھەرپنى تاق ھەرپ بىلەن ئىپادىلەش پرىنسىپىنى بېكىتىۋەتكەن بولسا، ھەر تەرەپلىمىدىن ياخشى بولاتتى دەپ قارايمەن. يەنى، قوشما ھەرپكە بىرمۇ-بىر توغرا كېلىدىغان تاق ھەرپلىك شەكلى كۆرسىتىلىشى كېرەك ئىدى. بىراق، شۇ يىللاردا لاتىن ھەرپىنى ئىشلىتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەندە تۈزۈلگەن لايىھەدە سوزۇق تاۋۇشلاردا ئالاھىدە ھەرپلەر بار، ئۈزۈك تاۋۇشلاردا قوشما ھەرپلەر بار قىلىپ بېكىتىلدى. مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىپ كەتسە ياخشى بولاتتى، بىراق كېيىن قوش ھەرپ – تاق ھەرپ تاللاش توقۇنۇشى، ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ ئورۇن، تەلەپپۇز مەسىلىرى توختاپ قالغىنى يوق. يېڭى-يېڭى ئۆزگىچە لايىھەلەرمۇ يەنىلا كۆرۈلۈپ تۇردى، بۇمۇ كىشىنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىدىغان ئەھۋال. زادى لاتىنچە ئىپادىلەشكە كەلگەندە، مەيلى تاق ھەرپلىك بولسۇن، مەيلى قوش ھەرپ ياكى مىڭ ھەرپلىك بولسۇن بىر نۇقتىدا توختىغان ئىش بولمىدى.
    شۇڭا، مېنىڭ بۇ ماقالىدە ئاساسلىق تەكىتلىگەن نۇقتام شۇكى، ئەگەر ئىنتېرنېت ئالاقىسىدە ياكى ئۇچۇر ئالاقىسى ياكى رەسمى-غەيرى ئالاقىلەردە ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، يەنىلا تىلكوم ئوتتۇرىغا قويغان لايىھەنى ئىشلىتىش ئاقىلانىلىك ھېسابلىنىدۇ. ئاندىن ئايرىم ئەھۋاللاردا مەسىلەن تىل-يېزىق تەتقىقات ئىشلىتىدا، چەتئەللىكلەرنىڭ تىل ئۆگىنىشى قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللاردا قوشما ھەرپلەرنى تاق ھەرپ بىلەن ئىپادىلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتىمۇ بەلگىلىك ئاساسلىنىدىغان مەنبە بولۇشى كېرەك. بۇ مەنبە دەل ھازىر قازاقلار، تاتارلار، سالارلار، باشقۇرتلار ئىشلىتىۋاتقان لاتىنچە ئىلىپبە جەدۋىلى، بۇ جەدۋەل ئومۇمى جەھەتتىن تىلكوم ئوتتۇرىغا قويغان لايىھە بىلەن ئوخشاش يۈزدە 80 پىرسەنتتىن يۇقىرىراق ئوخشاشلىقى بار. پەقەتلا ئوخشىمايدىغان تەرىپى ئۈزۈك تاۋۇشلار ئومۇمەن تاق ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. پەقەت 10-20 پىرسەنتلىك ئوخشاشماسلىقنى چىقىرىۋەتكەندە، چوڭ ئوخشىماسلىق يوق. ھەمدە تىلكوم ئوتتۇرىغا قويغان لايىھە بىلەن قېرىنداش مىللەتلەر ئىشلىتىۋاتقان ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسىدىكى پەرقنى كېچىكلىتىش ئۈچۈن، تىل-يېزىق خىزمەتلىرىدە يەنىلا تاق ھەرپلىك ئىپادىلەشكە ئېھتىياجىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسىدىن پايدىلىنىلسىمۇ بولىدۇ دەپ قارىدىم. چۈنكى، يېزىق پەقەتلا تىلنى ئىپادىلەپ بېرىشتىكى بىر ۋاسىتە، يېزىقنىڭ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلىشى ئۈچۈن، ھازىرقى يېزىقىمىزدەك قانۇنلۇق ئورنى ۋە ئۇزۇن يىللىق تارىخى بولۇشى كېرەك. بىر قانچە 10 يىل ئىشلىتىلگەن ياكى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئاندا-ساندە ئۇ يەر، بۇ يەردە، بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردا قوشۇمچە ئىشلىتىدىغان بىر يېزىق ئۈچۈن ئەندىشەلىشىشنىڭ ھېچ زۆرۈرىيىتى يوق، يەنە كېلىپ بۇنىڭغا بۇنچىلىك كۆپ زېھىننى ئىسراپ قىلىشنىڭ تېخىمۇ زۆرۈرىيىتى يوق.
    ئاخىرىدا تەكىتلەپ قويىدىغان نۇقتا شۇكى، ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويغان لايىھە ‹مېنىڭ› ئوتتۇرىغا قويۇۋالغان لايىھەم ئەمەس، بۇ 1992- يىلدىن باشلاپلا تۈركىيە، ئازاربەيجان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تۈركشۇناشلار، تىلشۇناسلار ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھازىرقى ھالىتىدە بىرلىككە كەلتۈرگەن بىر يېزىق خالاس. ماقالىدە، پەقەت بۇ نۇقتا كۆرسىتىپ بېرىلدى. ماقالىدە، ‹ئە› ھەرىپىگە ‹e› بەلگىسى، ‹ئې› ھەرىپىگە ‹é› بەلگىسى كۆرسىتىلگەن. بۇ ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نۇسخىسى ھەمدە ھازىر يەنىلا بىر قىسىم تۈركى تىللار تەرىپىدىن قوللىنىۋاتقان بىر ئۇسۇل. بۇ ئىككى ھەرپنىڭ كېيىنچە a ۋە ä شەكلىدىكى ئېلىپبە جەدۋەللىرىنىڭمۇ كۆرۈلگەنلىكى سۆزلەنگەن، بىراق بۇمۇ يەنىلا ئايرىم تىللاردا ئوخشاشمىغان شەكىلدە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىمۇ كۆرسىتىلدى، ئومۇمەن مۇشۇ ئىككى تاۋۇشقا بېرىلگەن ھەرپنىڭ ئىككى خىل بولۇشىدىن باشقا، بارلىق ھەرپ-بەلگىلەر ئوخشاش، تەلەپپۇزىمۇ بىردەك. بۇ نۇقتىنى چۈشۈنەلمىگىگەنلەرمۇ بەلكىم مېنى بىر يېڭى لايىھە كۆتۈرۈپ چىقتى دەپ ئېيتىۋالغىنىغا ئوخشاش، بۇ ئىشلارنىڭ باشتىن-ئاخىرىغا قەدەر ئەھۋالاتلىرىنى ياخشى ئىگىلىشىمىز كېرەك. بولمىسا خاتا پىكىر چىقىپ قالىدۇ. ئەگەر، مېنى يېڭى لايىھە كۆتۈرۈپ چىقتى، ياكى شەخس لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ دېگۈچىلەر بولسا، ماقالىنى ئوقۇشنىڭ ھېچ بىر زۆرۈرىيىتى يوق، چۈنكى پۈتۈن ئوقۇپ چىقىلمىغان ياكى ئوقۇپ چۈشىنىش ھاسىل قىلىنمىغان. ئۇنداقتا، يەنە داۋاملىق ئوقۇشنىڭ ياكى چۈشىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. بۇنى ئەڭ ياخشىشى Wikipedia دىكى ياكى تۈركىيە، قازاقىستانلاردىكى تۈركىي تىللار تەتقىقاتىغا ئائىت ماتېرىيال، ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسىگە ئائىت ماتېرىياللارنى كۆرۈپ تولۇقلىما چۈشىنىشكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. مېنىڭچە يەنىلا، ئۆز ئىچىمىزدىكى چۈشەندۈرۈشلەردىن كۆرە، كۆپرەك باشقا مەنبەلەردىنمۇ ئىزدەپ ئۆگۈنۈپ ئۆز چۈشەندۈرۈشلىرىمىز ۋە چۈشەنچىلىرىمىز بىلەن بىرلەشتۈرەيلى. ئاندىن قايىل قىلارلىق بىر يەكۈننىڭ باشلىنىش نۇقتىسىغا كېلەلەيمىز. ئۇنداق قىلمىغاندا بۇ لاتىن لايىھەلىرى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلەرنىڭ ھېچ بىر ئاخىرى چىقمايدۇ.

  • شامال

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندىم.
    قايتۇرغان ئىنكاسىمغا ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاب قايتۇرغانلىقىڭىزدىن مەن ئىنتايىن خۇش بولدۇم. سىزنىڭ بۇ تەتقىقات تېمىڭىزغا مەن ھەقىقەتەن قىزىقىمەن. سىزنىڭ تەتقىقات تېمىڭىزنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئارتۇقچىلىقلىرى بار دەپ قارايمەن (ئەلۋەتتە مەن ھېس قىلمىغان نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلار بار):
    1. تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بىر يېزىققا يۈزلىنىشىدە (ئەلۋەتتە ئۆز يېزىقىنىڭ ئورنىغا دەسسەتمىگەن ئاساستا) بەلگىلىك ھەسسە قوشۇلغان.
    2. تۈركىي تىللار تەتىقاتىدا شۇنداقلا كىلاسسىك ئەسەرلەرنى، يەرلىك شىۋە تەتقىقاتى ئەسەرلىرىنى خاتىرىلەشتە بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتى بار.
    3. باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش كىتابلىردا تەلەپپۇز ئىپادىلەشتە قوللانسا بولىدۇ.
    4. ئېنگلىزچە، فرانسۇزچە، گېرمانچە قاتارلىق ماقالىلەردە ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى، يەر ناملىرى قاتارلىقلارنى مۇشۇ يېزىقتا ئىپادىلىسە ئۇلارنىڭ چۈشىنىشىگىمۇ قولايلىق بولغىدەك.
    5. سىزنىڭ ماقالىڭىزدە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ يېزىق ئۆزگەرتىش مەقسەت قىلىنمىغانلىقى تەكىتلەنگەن. بۇ پىكرىڭىز ناھايىتى ياخشى بولغان. لېكىن بۇ سۆزنى چۈشەنمەيۋاتقانلار باركەن.
    6. بىر تاۋۇش بىر ھەرپ بىلەن ئىپادىلەش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. قوشما ھەرپ يوق (ئالاھىدە ئەھۋالدا خاتىرلەشتىن باشقا). قوشما ھەرپنىڭ يوق بولۇشى يېزىقتىكى ناھايىتى غەلبىلىك بولغان يارقىن نۇقتا. قوشما ھەرپ كۆپ بولسا ئۆگىنىشكە، يېزىشقا، كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىش، ھەرپ ئىستاتىستىكىسىنى ئېلىپ بېرىش، بوغۇم ئايرىش بەلگىسىنى بوغۇم ئايرىشتىن باشقا ئەھۋاللاردىمۇ ئىشلىتىش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
    7. تاللىغان ھەرپلىرىڭىز لاتىن ھەرپى بىرىنچى، ئىككىنچى رايوندا بار. شۇڭا لاتىن ھەرپلىرىنى قوللايدىغان ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلاردا بىمالال ئىپادىلەشكە بولىدۇ.
    سىزنىڭ بۇ لايىھەيىڭىزنى شەخسەن مەن قوللايمەن.
    تەكلىپ:
    ئالدىنقى تەكلىپىمدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «مەنئى»، «مەنى» دېگەندەك سۆزلەرگە بۇ يېزىقتا ئىپادىلىگەندە بوغۇم ئايرىش بەلگىسىنى قويۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا دېگەن سۆزۈمنى يەنە تەكىتلەيمەن. بۇ ئىككى سوزدە بوغۇم ئايرىش بەلگىسى يېزىلمىسا بولمايدۇ، بۇ ئىككى سۆزنىڭ مەنىسى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، بۇ لايىھەيىڭىز بويىچە بوغۇم ئايرىش بەلگىسى قويۇلماي يېزىلسا، ئىككى سۆز پەرقلەنمەي قالىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن كومپيۇتېردا سۆزلەرنى ئاپتوماتىك بوغۇم ئايرىپ قۇر ئاخىرىدا كەلگەندە بوغۇم بويىچە سىزىق تارتىپ قۇر ئايرىشقا نىسبەتەن مۇھىم رولى بار. بولمىسا كومپيۇتېردا بۇنداق سۆزلەرنى ئاپتوماتىك بوغۇم ئايرىش تەس بولىدۇ.

  • بىر ئۇيغۇر

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

    تۇرسۇنجان سۇلتاننىڭ بۇرۇنقى ئىزدىنىشلەرگە يانداشتۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قارىشىنى ئوقۇپ بېقىش ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ئەمەس. ئەمما ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدەك بىر ئورۇننىڭ بىر كىشىنىڭ پىكىرى بىلەن ئالدىراقسانلىق قىلىپ، مەسلىھەت ۋە تەستىقسىزلا تور بېكىتىگە خالىغان كىشىنىنىڭ پىكىرىنى «ئۆلچەم» تەرىقىسىدە چىقىرىۋالغىنى كىشىنى ئويلاندۇرۇدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك بوپتۇ. بېكەت باشقۇرغۇچىنىڭ دەسلەپتە بۇ ئاكادېمىيەنى قۇرغۇچىلارنىڭ پىكىرىنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  • ئىسىمسىز

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،مىنىڭ سۇئالىمغا نىمىشقا جاۋاپ بېرىلمەيدۇ؟TRT UYGHUR,RFA UYGHURۋە باشقا نۇرغۇن رەسمى تور بەتلەردە ئۇيغۇر كومپىيوتور ئىلمى جەمئىيىتىنڭ بىرلىككە كەلتۈرگەن لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتۋاتىدۇ.پەقەت سىلەرنىڭلا ئوخشىمايدۇ.

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم،
      ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسىنى كېڭەيتىش خىزمتىگە بىراز تۆھپىمىز بولسۇن دېگەن مەقسەتتە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قارارى بىلەن توربېتىمىزدە بۇ يېزىقنى قوللانغان.
      بىزگە كۆڭۈل بۆلگىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەخمەت.

    • ئىسىمسىز

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،مەقسىتىڭلار شۇنداقكەن،چۈشەندۇق،ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ئۇيغۇر كومىپىيوتور جەمئىيىتىنىڭ يېزىقىنى قانداق قىلىمىز؟شەخسەن مەن بۇنداق قىلىشىڭلارنى توغرا دەپ قارىمايمەن،ئاۋۋال خەلق جامائەتتىن،ھىچ بولمىسا توردا پىكىر توپلاش ئېلىپ بېرىپ ئاندىن كېيىن قارار بەرسەڭلار ياخشى بولاتتى،ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى تۈركىيەدە ياخشى ئىش قىلىۋاتىسىلەر،بۇنىڭغا كۆز يۇممايمىز،لېكىن نەچچە مىليون ئۇيغۇر ۋەتەندە ،ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى ئەمدى تېخى ئومومىيلاشتۇرۇشنى ئۆگىنىۋاتسا سىلەر تۈرك دۇنياسى ئېلىپبەسى دەپ بۇنى چىقىرىپ قويۇپسىلەر بۇ ئاخىرقى ئىنكاسىم،ئەمدى ئىنكاس يازمايمەن،ياخشىراق ئويلىنىپ باققايسىلەر….

  • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

    قۇملۇق، ياخشىمۇسىز!
    لاتىنچىگە ئايلاندۇرغاندا، جۇملە بېشىدىكى سۆزنىڭ باش ھەرىپىنى چوڭ ھەرپلىپ قىلىش مەسىلىسىنى ئايلاندۇرۇش كودىدا تەڭشەپ تۈزىتىپ قويايلى، يېقىندا بۇ ئايلاندۇرۇش كودىغا تۈزىتىش كىرگۈزمەكچى، بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ بەرگەن قىممەتلىك تەكلىپىڭىزنى ئالدىن ئويلىشىمىز. سىزگە كۆپ رەھمەت! سالامەت بولۇڭ!

  • تۇرسۇنجان سۇلتان

    ياخشىمۇسىز شامال، بۇ ماقالىنى ئالدىراشچىلىق ئىچىدە يۈزەكىرەك يېزىپ قالدىم، مەزمۇن كۆپرەك، ئىنچىكىلىك بىلەن چۈشەندۈرۈپ بولالمىدىم، ئەسلىدە ماقالىدە سۆزلىنىدىغان بىر قانچە نۇقتىنى بىر قانچە پارچىگە ئايرىپ تەپسىلىيرەك چۈشەندۈرۈش ياكى ئىزاھلاشنى ئويلىغان، بىراق شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋال بۇنىڭغا يار بەرمىدى، بىرەر ھەپتىدەك ئولتۇرۇپ بۇنى جىددىي تەييارلاشقا توغرا كېلىپ قالدى. شۇڭا، بۇ ماقالىنى ياخشى چىقمىدى دەپ قارايمەن، يەنىلا تۈزىتىدىغان ۋە ئىزاھاتنى كۈچەيتىدىغان يەرلىرى بەك كۆپ. يەنە كېلىپ، بۇ ماقالە لاتىن يېزىقى ئۈستىدە كېتىپ بېرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئارىسىدا باشقا يېزىقلار توغرىسىدا كۆپ توختالماسلىقىم كېرەك ئىدى. بىراق، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ مەزمۇنلاردىنمۇ پايدىلىنىپ قالارمۇ دېگەن ئوي بىلەن بۇ ماقالىگە قىستۇرۇۋېتىپتىمەن. كېيىن، بۇ ماقالىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىمۇ ئويلىغان ئىدىم، يەنى ھازىرقى يېزىقلار ۋە قەدىمكى يېزىقلارنى ئايرىم-ئايرىم قىلىپ، لاتىن يېزىقى توغرىسىدا مەخسۇس بىر ماقالىگە ئايلاندۇرۇشنى پىلانلىغان، بىراق تۇرمۇش ۋە خىزمەت مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بۇنىڭغا ۋاقىت يەتكۈزەلمىدىم.
    ئەلۋەتتە، يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك ماقالىدە ھەقىقەتەن كەتتۈرۈپ قويغان يەرلىرىم كۆپ، سىزنىڭ قىممەتلىك پىكىرلەرنى بەگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت. تۆۋەندە، سىزنىڭ بىر قانچە تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزگە ئۆزۈمنىڭ قارىشىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.
    1. پىكىرىڭىزدە ئېيتقىنىڭىزدەك، ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى بىلەن بىر ھەرپ پەرق قىلىدۇ، بۇ ھەرپ ‹ئە› نى ئىپادىلىگەن e بىلەن ‹ئې› نى ئىپادىلىگەن é ھەرىپى، بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق ئىككى جەھەتتىن كۆرۈلدى. بىرىنچىسى 1991- يىلى ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسىنىڭ تۇنجى لايىھەسىدە مۇشۇنداق ئېلىنغان ئىكەن، شۇ چاغدىكى ماتېرىيالنىڭ تورغا يوللانغان نۇسخىسى ۋە شۇ ۋاقىتلاردىكى مۇنازىرە خاتىرىلىرىدە بۇ ھەرپ شۇنداق ئېلىنغان، بۇنداق بۇلۇشىنىڭ سەۋەبى، ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى ئېلان قىلىنىشتىن ئاۋۋالمۇ تۈرك ئېلىپبەسىدە ‹é› ھەرپ شەكلى بار بولۇپ، بۇ دىئاكرىتىك ھەرپ قاتارىدا كۆپىنچە فرانسۇز تىلىدىن كىرگەن سۆزلەردە ئىشلىتىلگەن ئىكەن، ۋىندوۋستىكى تۈركچە كۇنۇپكا تاختىسىدىكى 1 دېگەن كۇنۇپكىنىڭ سول يېنىدىكى ‹~› نى باسسا شۇ ھەرپ چىقىدۇ. يەنە، تۈرك ئېلىپبەسىنى تۈركىيەدىكى كوردلارمۇ ئازراق كېڭەيتىپ ئۆزىنىڭ تىلىنى ئىپادىلەشكە ئىشلەتكەن، يەنى كوردلار تۈرك ئېلىپبەسىدىكى ‹e› ئارقىلىق ‹ئە› تاۋۇشىنى، ‹é› ئارقىلىق ‹ئې› تاۋۇشىنى پەرقلەندۈرۈپ ئىشلەتكەن، شۇڭا تۈركلەرمۇ بۇنى ئىككى تاۋۇشنى ئايرىشنىڭ بىر بەلگىسى دەپ قارىغان ئىكەن. كېيىن، 1993- ۋە 1994- يىللىرى ئازاربەيجاننىڭ باشكەنتى باكۇدا ئېچىلغان مۇزاكىرىدە، ئازارىلەر بۇ ئىككى ھەرپنىڭ ئورۇن مەسىلى توغرىسىدا باشقىچە پىكىر بەرگەن، يەنى تۈركى تىللاردىكى ‹ئە› تاۋۇشىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ‹Ə› (يەنى تەتۇر ئې، ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىدىكى ‹ئە› ھەرىپىگە ئوخشاش) ھەرىپىنى، ‹ئې› تاۋۇشىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ‹e› نى ئىشلىتىش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقارغان ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ، ئازاربەيجان ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى ئاساسىدا تۈزگەن ئېلىپبەسىگە مۇشۇنداق كىرگۈزگەن، بەزىلەر بۇنىڭغا قارشى تۇرغان، قارشى تۇرغۇچىلار ئومۇمەن ‹ئە› ھەرىپىنىڭ شەكلىنى تەتۈر ئې شەكلىدە ئالماي، ‹ä› شەكلىدە ئېلىش كېرەكلىكىدە چىڭ تۇرغان، سەۋەبى تەتۈر ‹ئې› شەكلىدىكى ھەرپ ئىشلىتىلسە ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسىنى كودلاشتۇرۇشتا بەلگىلىك قېيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، ئومۇمەن تۈرك ئېلىپبەسى بىلەن بولغان پەرقنىڭ ھازىرقىدىن چوڭ بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن، 1998- يىلى ئازاربەيجان ئېلىپبەگە قىسمەن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، بۇ ھەرپنى ‹ä› بىلەن ئىپادىلىسىمۇ بولىدۇ دەپ ئىزاھات بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن 2000- يىلىدىن كېيىن، تۈركىيەدىمۇ بۇ پىكىرنى قوللىغان، ھەم ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسىدە ‹ئە› نى ‹ä› بىلەن، ‹ئې› نى ‹e› بىلەن ئىپادە قىلغان. دەسلەپتە بۇ ئىككى تاۋۇشنىڭ ھەرپ شەكلىدە ئوخشاشمىغان پىكىرلەر بولغانلىقتىن، كېيىنكى ۋاقىتلاردا تاتارلار، باشقۇرتلار، كۆكئوغۇزلار، ئاخسكالار، سالارلار ۋە باشقىلاردا بۇ ئىككى تاۋۇشنىڭ ئورنى بىر خىل بولۇپ كېتەلمىگەن، بولۇپمۇ بەزى تۈركى تىللاردا ‹ئە› تاۋۇشىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى تۆۋەن بولغانلىقتىن، بۇ تىللاردا ‹ئې› نى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئومۇمەن ‹e› نى ئىشلەتكەن، پەقەت تۈرك تىلىدا ‹ئە› تاۋۇشىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى كۆپ، شۇڭا ئۇلار ئومۇمەن ‹e› شەكلىدە ئىشلىتىشنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئۇيغۇر تىلى بولسا ئەڭ قەدىمكى تىللارنىڭ بىرى، ئۇيغۇر تىلىدا ساقلىنىپ قالغان قەدىمكى سۆزلەرمۇ كۆپ، گەرچە باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرمۇ خېلىلا كۆپ بولسىمۇ، ‹ئە› تاۋۇشىنىڭ ئىشلىتىلىش قېتىم سانى ‹ئې› دىن خېلىلا يوقۇرى، بۇ جەھەتتىن بىر قىسىم تۈركى تىللارغا ئوخشىمايدۇ. شۇ ۋەجىدىنمۇ، لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹ئە› ۋە ‹ئې› نى ئىپادىلەشتە، دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ULY دىكى لايىھە ناھايىتى ياخشى ئېلىنغان ئىدى. شۇڭا، بۇمۇ ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسىنىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىغا زىت ئەمەس، چۈنكى، نۆۋەتتە ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسىدىن پايدىلىنىۋاتقان تۈركى مىللەتلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئېلىپبەسىدە ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسىگە ئوخشىمايدىغان بىر ياكى بىر قانچە نۇقتىلار بار. بۇلار ئاساسەن، ‹ئە› ۋە ‹ئې› ھەرپلىرىنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ئىككى خىل شەكىلدە بولۇپ ئايرىلىشى، ھەمدە 34 ھەرپلىك ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسىدە بولمىغان بىر قىسىم ئايرىم ئالاھىدە تاۋۇشلارنى ئىپادىلەش ئۈچۈنمۇ يەنە بىر قانچە ھەرپ-بەلگىلەرنى قوشقان ئەھۋاللار بار. ئومۇمەن ئېيتقاندا، بارلىق تۈركى خەلقلەرنىڭ ئوپمۇ-ئوخشاش بولغان بىر خىللا ئېلىپبە ئىشلىتىشى بەك تەس ئىش، چۈنكى تۈركى تىللاردىمۇ پەرق خېلى بار، بەزى تىللاردىكى تاۋۇشلار 34 دىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ، بەزىلىدە بۇنىڭغىمۇ يەتمەيدۇ، بەزى تاۋۇشلارنىڭ ئوقۇلىشىدىمۇ مەلۇم پەرق بار، ماقالىدە ئېيتقاندەك قىپچاق گۇرۇپپىسىدىكى تىللاردا كۆپ ئىشلىتىدىغان ‹w› تاۋۇشى بىلەن ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىدىكى ‹V› نىڭ تەلەپپۇزىدا پەرق بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇر تىلىدىمۇ ‹w› ھەرىپى ئارقىلىق ‹ۋ› نى ئىپادىلەش خاتا دەپ كۆرسىتىلگەندەك، ھەربىر ئىنچىگە نۇقتىنى كۆزدىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. دېمەك، 100 پىرسەنت ئوخشاشلىقنى ساقلاپ قالالمىغاندىمۇ 90 پىرسەنتتىن يۇقىرى بولغان ئۇيغۇنلۇق بولۇش، ئورتاق ئېلىپبەسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن ۋە ئالدىنقى يىلى قازاقىستاننىڭ باشكەنتى ئاستانەگە جايلاشقان تۈرك ئاكادېمىيىسىدە، قازاق تىلىنى لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلەشنىڭ باشلانغۇچ ۋە كېيىنكى خىزمەتلىرى داۋام قىلىۋاتقىنىدا، قازاق تىلىدىكى تاۋۇشلارنىڭ يېڭى ئېلىپبەدە ئىپادىلەنگەن ھەرپ شەكلى 36 گە تاقاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ‹é›، ‹ï› ھەرپ شەكىللىرىنىمۇ ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا، ھەر بىر تۈركى تىلدىكى تاۋۇشلارنى 34 ھەرپ بىلەن ئىپادىلەپ كەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، ھەمدە ھەربىر تىلنىڭ ئوپمۇ-ئوخشاش بولغان يېزىق ئىشلىتىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس دېگەنلىك، چوڭ جەھەتتىن ئوخشاشلىق، كىچىك جەھەتتىن ئۆزگىلىك بولۇپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ.
    2. كود ئايلاندۇرغۇچنىمۇ شۇ ماقالىنى تەييارلاش جەريانىدا، قىسمەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلى تەييارلاپ چىققان، كۆپ سىناپ كەتمىگەچكە، سەھۋەنلىكلەر خېلى بار، ئارىلىقتا بۇلارنى تۈزىتىپ چىقىپ بولالمىدىم. ۋاقىت چىقىرىپ سىز دېگەن مەسىلىلەرنى سىناپ ئوڭشاپ چىقىشقا تىرىشىمەن.
    4. ‹C› ھەرىپىنى ھەقىقەتەن خاتا ئىزاھلاپ قويۇپتىمەن، بۇ سىز دېگەندەك ‹تس› دەپ تەلەپپۇز قىلىنىشى كېرەك ئىدى.
    5. ‹قېلىن ئى› نى ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىدا قانداق ئىپادىلەش توغرىسىدا كۆپ ماتېرىيال كۆردۈم، بەزى ماتېرىياللاردا ‹ئي› ياكى ‹قاتتىق ئى› دەپ ئېلىپتۇ، شۇڭا، ئېلىپبە جەدۋىلىگە مەنمۇ ‹ئې› دەپ ئېلىپ، ئىزاھات بېرىلگەندە ‹قېلىن ئى› دەپ ئېلىپتىمەن.
    6 ۋە 7. مەسىلىدە، تىل تەتقىقات خادىملىرىنىڭ قارىشى بىردەك ئەمەس، بۇرۇنراق نەشر قىلىنغان تۈركى تىللار تەتقىقاتى دېگەندەك كىتابلاردا بولسا ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەبچىدىن ۋە پارسچىدىن كىرگەن بىر قىسىم سۆزلەردە ‹ي› ھەرىپىنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى سۆزلەنگەن، كېيىنرەك نەشر قىلىنغان كىتابلاردا بۇ مەسىلىدە يەنىلا ئېنىق بىر يەكۈن يوق، زادى ‹ي› نى قايسى سۆزلەردە قانداق ھالەتتە ئىشلىتىش ھەققىدە پىكىر بىرلىكى يوقتەك قىلىدۇ. تۈركلەر بۇ خىلدىكى سۆزلەردە كۆرۈلىدىغان ‹ي› ھالەتنى يېزىقتا كۆپىنچە ‹î› بىلەن بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىن ھەرىپلىرى بىلەن ئىپادىلەش توغرىسىدىكى بەزى پىكىرلەردە ‹قەتئى› دېگەن سۆزدىكى ‹ئى› ئايرىم بىر بوغۇم بولغاچقا بۇنى بوغۇم ئايرىش بەلگىسى بىلەن ئايرىمىسىمۇ بولىدۇ، يەنى ‹qeti› دەپ يېزىشقا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇنى ئوقۇغاندا ئەلۋەتتە ‹qet-i› دەپ ئىككى بوغۇمغا ئايرىپ ئوقۇلىدۇ دەيدۇ. مەنچە، ئۇيغۇر تىلىدا بۇ خىلدىكى سۆزلەر كۆپ ئەمەس، بۇ خىلدىكى سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدا كېلىدىغان ‹ئى› چىڭقىلىپراق تەلەپپۇز قىلىنىدىغان سوزۇلما سوزۇق دەپ قارايمەن، شۇڭا بۇلارنى ‹î› بىلەن ئىپادىلىگەن مۇۋاپىق بولامدىكىن دەپ، ماقالىدە شۇنداق ئىزاھات بەرگەن ئىدىم. بۇ توغرىسىدا يەنە كۆپرەك ئىزدىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
    كۆپ جەھەتلەردىن بىلىم قۇرۇلمام تۆۋەن بولغانلىقتىن ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسىنى بۇ ماقالىدە ئىزاھلاپ كۆرسىتىش ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تىل تاۋۇشلىرىنى مۇشۇ ئېلىپبە بويىچە ئىپادىلەش توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ-پىكىرلىرىمدە نۇقسانلار ۋە خاتالىقلارنىڭ كۆرۈلۈشى تۇرغانلا گەپ، ماقالىنى ئوقۇپ چىققۇچىلارنىڭ تەكلىپ-پىكىر ۋە تەنقىد بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    بۇ ماقالىدە سۆزلەنگەن ‹ئۇيغۇر تىلىدىكى تىل تاۋۇشلىرىنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش توغرىسىدا› دېگەن تېما ئاستىدا بولۇنغان بايانلاردىن قانداقتۇر، مەن بىر يېڭى ئېلىپبەنى كۆتۈرۈپ چىققانلىق بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. پەقەت بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىۋاتقان تەتقىقاتچىلار، تىلشۇناسلارنىڭ نۇقتىسىدىن تۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى تىل تاۋۇشلىرىنى تاق ھەرپ بىلەن ئىپادىلىگەندە، ئۇيغۇر تىلىدىكى تىل تاۋۇشلىرىنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلىگىلى بولىدىغانلىقىنى ئىزاھلاپ چىققان ئىدىم. بۇ پىكىر ئاستىدىكى ئېلىپبە جەدۋىلىدە كۆرۈلگەن ‹ئە› تاۋۇشىنىڭ ‹e› بىلەن، ‹ئې› تاۋۇشىنىڭ ‹é› بىلەن ئىپادىلىنىشى بىلەن قارىماققا ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسىدىن سەل چەتنەپ كەتكەندەك، ھەمدە يېڭى بىر ئېلىپبە تۈزۈلۈپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىلگەندەك قىلىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس، يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك، مەن بۇنىڭدا 1991- يىلىدىكى بىرىنچى قېتىملىق لايىھە بويىچىلا ئالدىم، كېيىنكى لايىھە بولسا يەنى ‹ئە› نى ‹ä› بىلەن، ‹ئې› نى ‹e› بىلەن ئىپادىلەش، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئازارەبەيجان ۋە تۈركمەن ئېلىپبەلىرىنى ئىشلەش داۋامىدا ئۆزگەرتىلگەن، ھەم مۇشۇنداق ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ دەپ قارالغان. شۇڭا، بۇ مەسىلىدە تېخى ئېنىق تونۇش يوق. ‹ئە› ھەرىپىنىڭ ياكى ‹ئې› ھەرىپىنىڭ قېتىم سانىنىڭ ئاز كۆپلۈكى سەۋەبلىك بىر قىسىم تىللاردا، بۇ نۇقتىدا ئىختىلاپ بار. تاتارلار ياكى سالارلار تۈزگەن كونا ياكى يېڭى ئېلىپبەلىرىدە بولسۇن، يەنىلا مۇشۇ مەسىلىدە تالاش-تارتىش بار. ئاخىرقى ھېسابتا بىر قىسىم مۇنازىرە نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، بارلىق تۈركى خەلقلەرنىڭ ئېلىپبەسى ئوخشاش بولۇپ كېتەلمەيدىكەن. تۈركلەر، تاتارلار، باشقۇرتلار، سالارلار يەنىلا ‹ئە› نى ‹e› دەپ ئىشلىتىشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ تىللاردا ‹ئە› تاۋۇشىنىڭ سۆزلەردىكى ئىشلىتىلىش چاستوتىسى ھەقىقەتەن كۆپ، ئۇيغۇر تىلىمۇ شۇ تىللارغا ئوخشاش مەسىلىدە، شۇڭا ئەڭ دەسلەپكى لايىھە ماقالىگە قىستۇرۇلغان ئىدى. شۇڭلاشقا، بۇنى ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى بىلەن ئوخشاش دەپ قاراشقا بولىدۇ.

  • ئىسىمسىز

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،تور بېتىڭلاردىكى ULYبىلەن ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ تور بېتىدە ئشلىتىلگەنULYنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار بوپتىكەن.MISRANIMتورىدىمۇ مۇشۇ توغرۇلۇق بىر مۇنازىرە بولۇپتۇ،لېكىن سىلەردىن بىرسى ئۇ كۇلۇبقاUyghur Academyدىگەن ئسىم بىلەن ئەزا بولۇپ چۈشەندۈرۈپ قويماپسىلەرتالاش تارتىش قىلغانULYنىڭ بىرسى ئۇ ك ج نىڭ،يەنە بىرسى بولسا سىلەرنىڭ،خەلقىمىز قايسى ULYنى ئىشلەتسۇن؟قايسى ULYنى ئوموملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلسۇن؟

  • قۇملۇق

    مەزكۇر بەتتىكى ULY گە ئايلاندۇرغۇچ بەك ياخشى ئىشلىنىپتۇ، ئىمكان بولسا بۇ ئايلاندۇرغۇچنى باشقا توربەتلەرگىمۇ تەۋسىيە قىلىپ، تور بەتلەرنى كونا يېزىقنى بىلمەيدىغانلارنىڭ كۆرەلىشىگە قولايلىق يارتىب بەرسەك.
    تەكلىپ: ULY گە ئايلاندۇرغاندا ھەربىر جۈملىنىڭ باش ھەرپى چوڭ يېزىلىشى كېرەك ئىدى، بۇنى ئوڭشاپ قويساڭلار، كۆپ تەشەككۈرلەر!

  • شامال

    7. ماقالىڭىزدە يەنە
    مەسىلەن: مەنئى، قەتئى، سۈنئى دېگەن سۆزلەردە «ئى» تاۋۇشى سوزۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىندۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا بۇلارنى «مەنئىي»، «قەتئىي»، «سۈنئىي» دېگەندەك بىر دانە «ي» ھەرپىنى قوشۇۋېلىش ئارقىلىق يېزىش مېنىڭچە توغرا ئەمەس، … ھەمزە بەلگىسىنىڭ ئۆزىلا بۇ سۆزلەردىكى ئى نى سوزۇپراق تەلەپپۇز قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا بۇنداق سۆزلەرنى «مەنئى» (menî)، «قەتئى» (qetî)، «سۈنئى» (sünî) قىلىپ يېزىش كېرەك …
    دەپسىز، يۇقىرىدا كۆرسەتكەن ھەمزە بەلگىسى ئى ھەرىپىنى سوزۇش ئەمەس، بوغۇم ئايرىش رولىنى ئوينايدۇ. بوغۇم ئايرىلىپ ئوقۇمىسا تەلەپپۇز توغرا چىقمايدۇ. شۇڭا بۇ سۆزلەرنى «مەنئى» (men’î)، «قەتئى» (qet’î)، «سۈنئى» (sün’î) قىلىپ يېزىش كېرەك.

  • شامال

    سالام سىزگە، بۇ ماقالە تەتقىقات خاراكتېرىنى ئالغان ياخشى ماقالىكەن. كۆپ ئىزدىنىپسىز ۋە ئەجر سىڭدۈرۈپسىز. قولۇڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. ماقالىدىكى «ئۇيغۇر تىلىدىكى تىل تاۋۇشلىرىنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش توغرىسىدا ئىزدىنىش» خېلى چوڭقۇر بوپتۇ. كۆپ ماختاپ ئولتۇرمىدىم، تۆۋەندىكىدەك تەكلىپ پىكىرلىرىمنى بېرىپ ئۆتەي:
    1. ئورتاق تۈرۈك ئېلىپبەسى بىلەن بىر ھەرپ پەرقلىنىدىكەن. مېنڭنەچە بىرلىككە كەلگىنى ياخشىراقمىكىن.
    2. ماقالە بىلەن بىرلىكتە تەمىنلىگەن كود ئالماشتۇرغۇچتا يېتەرسىزلىك باركەن. تۈزۈتۈپ قويسىڭىز بولغىدەك. يەنى سۈرئەت، سۈرەت؛ مەنئى، مەنى دېگەن سۆزلەرنى كود ئالماشتۇرسا ئوخشاش بىر سۆز بولۇپ قالىدىكەن، مۇشۇنىڭغا ئوڭشاش يۈەن، مائارىپ، سەنئەت … دېگەندەك سۆزلەرنى ئايلاندۇرۇشى توغرا ئەمەسكەن، ئايلاندۇرۇپ بولۇپ ئەسلىگە كەلتۈرسە يەنە چاتاق چىقىدىكەن. سولدىن ئوڭغا يېزىىدىغان خەتلەردە، ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان خەتلەردە ئاپتوماتىك توغرىلانمايدىكەن. لاتىن ھەرپلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەندە ئاپتوماتىك ھالدا سولدىن ئوڭغا توغرىلانغان بولسا ياخشى بولاتتى.
    3. ئېلىپبە جەدۋىلىڭىزگە بوغۇم ئايرىش بەلگىسىنى كىرگۈزۈپ قويسىڭىز بولغىدەك.
    4. 60-70- يىللاردىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى ئېلىپبە جەدۋىلىڭىزدە Cc ھەرىپىنىڭ ئوقۇلۇشى خاتا بېرىلىپ قاپتۇ، توغرا ئوقۇلۇشى «تس» بولۇپ خەنزۇچە پىنيىندىكى ئوقۇلۇشۇ بىلەن ئوخشاش.
    5. ماقالىدە يەنە «قېلىن ئى» ھەرىپىنى ئىپادىلەيدىغان ئوقۇلۇشنى «ئي» قىلىپ ئىپادىلەپسىز، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ھەمزە كىرتىك بىلەن ي ھەرىپى ئۇلىنىدىغان ئۇنداق ھەرپ يوق.
    6. ماقالىڭىزدە يەنە «قەتئىي»، «ئالىي» دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ئاخىرىغا زورمۇ زور «ي» ھەرىپىنى قوشۇپ قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق دەپسىز، ئۇنداق ئەمەس، بۇ سۆزلەر جۈملىدە سۈپەت بولۇپ كەلگەندە شۇنداق قىلمىساق بولمايدۇ.

  • ئوغۇز

    مەنمۇ مۇشۇ ULY ۋە USY غا ئايلاندۇرۇش كودىنى توربەتكە قوشاي دەپ ئويلىغان ئىدىم.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top