• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » خوجا ئەھمەد يەسەۋى

خوجا ئەھمەد يەسەۋى

ahmetyesevi

ھەبىبۇللا ئابلىمىت (گىرمانىيە)

ﺋﯚﺗﻤﯜﺵ ﺋﺎﺩﯨﻠﻠﯩﻖ نۇﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﺪﺍ، نۇﺭﺍﻧﻪ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ.

– ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯘﻛﯘﺭ مۇھەممەتئىمىن
ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ، ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻥ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ (UNESCO) 2016 – يىلىنى  ئەﮪﻤﻪد  ﻳﻪﺳﻪﯞﻯ ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﭖ ئەھمەد ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﺍﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﺍ ئاﺭﺍ ﭼﯘﺷﯘﻧﯘﺵ، ﺋﯚﺯئاﺭﺍ ﻳﯩﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ تىنىچلىقىغا ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ سىمۋۇللۇق ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﯩﺲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ئەھمەد ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﯨﻠﯩﮕﻰ ﺋﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﺪﯗﺭ. ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ  (UNESCO) ﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﯕﯘﻝ ﺑﯚﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﮓ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ئەﮪﻤﻪد  ﻳﻪﺳﻪﯞﻯ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯜﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ شەخىستۇر.
ئەﮪﻤﻪد ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺴﻤﻰ ئەﮪﻤﻪﺩ ﺑﯩﻦ ﺋﯩﺒﺮﺍﮪﯩﻢ ﺑﯩﻦ ﺋﯩﻠﻴﺎﺱ ﻳﻪﺳﻪﯞﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻠﯩﻚ تەخەللۇسى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺳﺎﯞﯞﯗﻑ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﻟﮕﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ بىرى بولغان «ھەزرەتى تۈركىستان» نامى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان.
غوجا ئەﮪﻤﻪد ﻳﻪﺳﻪﯞﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ مەنىۋى ﺗﯜﯞﺭىكى ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﺷﻪﺧﯩﺲ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﻣﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺳﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺪﯗﺭ.
ﺋﯚﺯ ﺯﺍمانىدا ئەﮪﻤﻪد ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ مەﻧﺴﯘﺭ ﺋﺎﺗﺎ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﮪﺎﺯﯨﻨﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﭗ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻠﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﺳﻰ ﻣﯘﺭﺍﺕ ﺧﺎﻧﻐﺎ (1574-1595) ﺗﻪﻏﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ “ﺟﻪﯞﺍﮪﯩﺮﯗﻝ-ﺋﻪﺑﺮﺍﺭ ﻣﯩﻦ ﺋﻪﻣﯟﺍﺟﯩﻞ-ﺑﯩﮭﺎﺭ” ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﮪﻤﻪﺩ   ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ 176 كىلومېتىر ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﻳﺮﺍﻡ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﺎﻍ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺟﯩﻠﻐﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ، ﺑﯘ ﺟﯩﻠﻐﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺷﺎﮪﻴﺎﺭ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ، ﺑﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺷﻪﺭققە ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﻘﯩﭗ ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ ﻛﯚﻟﯩﮕﻪ ﻗﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻏﻮﻟﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﮪﻤﻪﺩ ﻳﻪﺳﻪﯞﻯ 1093-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻠﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﺎﻱ ﻧﺎﮪﯩﻴﻪﺳﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻳﺮﺍﻡ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﻠﯩﻢ ئۆگۈنۈش ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻛﯩﺘﯩﭗ، ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﺎﺯﺍقىستاﻧﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﯩﻤﻜﻪﻧﺘﻨﯩﯔ ﻳﻪنى (ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ) ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ 1166-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﮪﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺧﭙﯩﺮﻩﺳﻰ ﺑﺎﺭ.

yesevi  ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺧﻪﻟﻘﻰ  ﺋﻪﮪﻤﻪﺩ  ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﭖ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ.  ﺋﻪﮪﻤﻪﺩ  ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﯩﯔ ﺭﯗﮪﯩﻨﻰ قازاق  ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻳﺎﺷﻨﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺷﻪﺭﯨﮕﻪ ئوتتۇراﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ “ﺋﺎﮪﻤﻪﺩ ﻳﻪﺳﻪﯞﻯ ﺋﯘﻧﯟﯨﺮﺳﯩﺘﻰ” ﻧﻰ 1991-ﻳﯩﻠﻰ 6-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﮪﯚﻛﯘﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ.
ﺋﻪﮪﻤﻪﺩ  ﻳﻪﺳﻪﯞﻯ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﯨﻠﻪﺭ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﺧﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﮪﯚﻛﯘﻡ ﺳﯘﺭﮔﻪﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ،
ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﻰ    “ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ” ﺩﻩﭘﻼ ﺋﺎﺗﺎﻳﺘﻰ.  ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﮪﻤﻪﺩ  ﻳﻪﺳﻪﯞﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ “ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﻮﻝ ﻣﯜﺑﺎﺭﻩﻙ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ” ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﯩﺴﺮﺍﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻨﺒﯩﺮﻯ “ﻳﻪﺳﻰ” ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﮪﺎﺯﯨﺮ “ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ” ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﭖ، ئەھمەد ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﻗﺎﺯﺍﻏﯩﺰﺗﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯘﻙ ﻣﯘﻗﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮪﯘﻝ ﺳﺎﻟﺪﻯ.
ﺋﯚﺯﺑﻪﻙ ﺧﻪﻟﻘﻰ ئەھمەد  ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﺩﺍ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﯞﻩ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﭼﻮﯓ ﻣﻪدرﯨﺴﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﻠﯩﻢ-تەھسىل ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﻪﭖ ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﭼﯩﻤﻜﻪﻧﺖ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻨﻼ ﺋﯚﺯﺑﻪﻙ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺯﯨﻤﯩﻨﻼﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭗ، ئەھمەد  ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﺑﻪﻙ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ئەھمەد  ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﺑﻪﻙ ﺩﻭﺑﭙﯩﺴﻰ، ﺋﯚﺯبەﻙﭼﻪﻛﻤﻪﻥ ﭼﺎﭘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﻴﮕﻪﻥ ﭘﻮﺭﺗﺮﺍﺋﯩﺖ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﺰﺍﭖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ، ئەھمەد  ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﯩﯔ ﺭﯗﮪﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﺑﻪﻙ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﻨﯩﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ئەھمەد  ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺗﯜﯞﺭۈﻛﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻣﯩﯖﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯟﯨﺮﺳﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﮪﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﮪﻪﻳﻜﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ، ﻣﻪﻗﺒﻪﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺭﯨﻤﯘﺗﻼﺗﻘﯘﺯﯗﭖ، ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺴﯩﭗ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ئەھمەد  ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻜﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔۈﺯۈﭖ، ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﻮﯞىت ئىتتىپاقى ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻏﺠﯩﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺭﯗﮪﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﻛﻪﺭﺗﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ئەھمەد ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻏﻠﯩﻘﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﻨﻰ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳۈﻛﺴﻪﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.
ﺑﯘ ﮪﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﯚﻳﯘﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎر ﺗﯘﻳﻐﯘﻣﯩﺰﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ.


   ئەھمەد  ﻳﻪﺳﻪﯞئﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﻯ “ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ ﮪﯩﻜﻤﻪﺕ” ﺗﻪ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭖ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. ﻣﻪﻥ“ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ ﮪﯩﻜﻤﻪﺕ” ﺗﯩﻦ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺷﯩﺌﯧﺮﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭘﻼ، 80% ﭼﯘﺷﻪﻧﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻜﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﭼﯘﺷﯩﻨﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﮕﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯩﺰﺍﮪﺎﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.
«دىۋانە ھىكمەت»تە ئىشلەتكەن  ﺗﯩﻞ يېزىق ﮪﺎﺯﯨﺮﯨﻘﻰ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯﺑﻪﻙ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎﮪﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ.

ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯘﻙ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﺯ ﯞﺍﺧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻮﺩﺍ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ئەﺭﻩﭖ ﺗﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﭘﺎﺭﺱ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ئەﮪﻤﻪد ﻳﻪﺳﻪﯞﻯ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ (ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ) ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﺎﮪﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﺩﻩﺭﮔﺎﮪﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯩﯖﻠﻪﺭﭼﻪ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﺘﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺗﺎ ﻳﯧﺰﺍ-ﻗﯩﺸﻼﻗﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﺍ، ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺸﯩﺸﯩﮕﻪ ﺯﻭﺭ ﺗﯚﮪﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ.ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ دىۋانە ھىكمەت ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﯞﻯ ﺗﯜﺭﻙ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﯘﺗﺴﺎﻝ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.
ئەﮪﻤﻪﺩ ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺷﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪيىخ ﺋﯩﺒﺮﺍﮪﯩﻤﺪﯗﺭ. ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻗﺎﺭﺍﭼﺎﭺ ﺋﺎﻳﺸﻪ ﺧﺎﻧﯩﻤﺪﯗﺭ. ئەﮪﻤﻪﺩ ﻳﻪﺳﻪﯞﻯ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﯩﺒﺮﺍﮪﯩﻢ ﺷﻪﻳﯩﻖ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻳﺸﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﮪﻤﻪﺩ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺵ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮪﻪﺩﯨﺴﻰ ﮔﯚﮪﻪﺭ ﺷﻪﮪﻨﺎﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﺘﯩﻢ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.

ﮔﯚﮪﻪﺭ ﺷﻪﮪﻨﺎﺯ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ئەﮪﻤﻪﺩكە ﮪﻪﻡ ﺋﺎﻧﺎ ﮪﻪﻡ ﺩﺍﺩﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮔﯚﮪﻪﺭ ﺷﻪﮪﻨﺎﺯ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ئەﮪﻤﻪﺩنى ﺋﯩﻠﯩﭗ، ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﺎﺯﺍقىستاننىڭ ﭼﯩﻤﻜﻪﻧﺖ ﻳﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺳﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺋﺎﺗﺎ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ، ئەﮪﻤﻪﺩ  ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ.

ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺋﺎﮪﻤﻪﺩ ﻳﻪﺳﻪﯞﻯ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ “ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ ﮪﯩﻜﻤﻪﺕ” ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﯨﻨﯩﯔ 16-ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ 6-ﻛﯚﺑﻠﯩﺘﻨﯩﯔ 1- ﻣﯩﺴﺮﺍﺳﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ.

“ﻏﺎﺭﯨﺒﻠﯩﻐﺪﻩ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺑﺎﺑﺎﻡ ﺋﯩﺰﻟﻪﭖ ﺗﺎﭘﺘﻰ” ﺩﻩﭖ ﻳﯩﺰﯨﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﻪﺳﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺑﺎﺑﺎﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯗﺷﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ئەﮪﻤﻪﺩ  ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯩﻐﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ مۇھەببىتىنى 16-ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ 5-ﻛۇﺑﻠﯩﺘﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺰﮪﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﻏﺎﺭﯨﺒﻠﯩﻐﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﻳﯩﻞ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﺋﻪﺭﯛﺭ ﻣﯩﮭﻤﺎﻥ
ﺗﺎﺧﺖ ﺋﯘ ﺑﺎﺧﺖ ﺋﯘ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻼﺭﻯ ﺋﻪﺭﯛﺭ ﺯﯨﻨﺪﺍﻥ
ﻏﺎﺭﯨﺒﻠﯩﻐﺪﺍ ﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻣﺎﮪﻤﯘﺩ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ
ﺋﻪﻱ ﻳﺎﺭﻩﻧﻠﻪﺭ ﻏﯘﺭﺑﻪﺕ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﻛﯚﻳﺪﯗﻡ ﻣﻪﻧﺎ
    ئەھمەد يەسەۋى ﺗﺎ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺑﺎﺑﺎ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﯩﭽﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﯜﮔﯜﻧﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺑﺎﺑﺎﺩﯨﻦ „ﺋﻪﮪﻠﻰ ﺑﻪﻳﯩﺖ“ ﺳﯚﻳﮕﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺳﺎﯞﯞﯗﻑ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ئۆگەنگەن. ﺋﯘ 24 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺑﺎﺑﺎ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ.
ﺋﻪﮪﻤﻪﺕ ﻳﻪﺳﻪﯞﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﻪيلاﺳﻮﭘﻰ، ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﻪﺑﯘ ﻧﺎﺳﯩﺮ ﻓﺎﺭاﺑﻰ (870-950) ﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﺎﻏﺪﺍﺗﺘﺎ ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﯩﭗ ﻣﻮﻟﻠﯩﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﯩﺴﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺗﺎﺳﺎﯞﯞﯗﻑ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ مەﻧﺴﯘﺭ ﮪﺎﻟﻼﭼﻨﯩﯔ ﻧﺎﮪﻪﻕ ﺋﯚﻟﯘﻣﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ. (99-ﺷﯧﺌﯩﺮ 3-4-5-ﻣﯩﺴﺮﺍﻻﺭ)
ﻣﺎﻧﺴﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﻳﯩﻐﻼﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﻧﻠﻪﺭ ﺭﺍﮪﻢ ﺋﻪﻳﻠﻪﺩﻯ
ﭼﯩﻠﺘﻪﻥ ﺷﻪﺭﺑﻪﺕ ﺋﯩﭽﯘﺭﺩﻯ ﻣﺎﻧﺴﯘﺭﻏﺎ ﻣﯧﮭﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻟﯩﭗ

ﻣﺎﻧﺴﯘﺭ ﺋﺎﻳﺘﯘﺭ „ﺋﻪﻧﻪﻝ ﮪﺎﻗﻖ“ ﺋﻪﺭﻩﻧﻠﻪﺭ ﺋﯩﺸﻰ ﺑﻪﺭﮪﺎﻕ
ﻣﻮﻟﻠﯩﻼﺭ ﺋﺎﻳﺘﯘﺭ ﻧﻪﮪﺎﻕ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﭗ

ﺋﺎﻳﺘﻤﺎﮔﯩﻞ „ﺋﻪﻧﻪﻝ ﮪﺎﻗﻖ „ ﺩﻩﭖ “ﻛﺎﻓﯩﺮ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻣﺎﻧﺴﯘﺭ“  ﺩﻩﭖ
ﻛﯘﺭﺍﻥ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﺑﯘﻟﺪﯗﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﺩﯨﻠﻪﺭ ﺗﺎﺵ ﺋﺎﺗﯩﭗ.

ئەﮪﻤﻪﺩ  ﻳﻪﺳﻪﯞﻯ 27 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ئوتتۇرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ،ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑۇﺧﺎﺭﺍﻏﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﯜﮔﯜﻧﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻛﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﺯﺍﻣﯩﻨﯩﺪﺍ ﺑﯜﺧﺎﺭﺍ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﺕ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯚﺷﯩﮕﻰ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﺩﺍ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﯜﮔﯜﻧﯘﭖ ﺗﺎ 34 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﮪﻪﺭ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﯩﺘﯩﺸﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. 34 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﮪﯩﻜﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئەﮪﻤﻪﺩ ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ئوتتۇرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﯖﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﯞﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ئەﮪﻤﻪﺩ ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﭼﯘﺷﻪﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﻨﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ (s.a.v) ﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﻳﮕﯩﺴﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭼﯩﻨﺪﯨﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻣﺎﻧﺎﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﮪﯩﺮﻟﻪﭖ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ.
  ئۆزىنىڭ «دىۋانى ھىكمەت»ئەسىرىدە ئىسلامنى «تۆت ئىشىك» نەزەرىيەسى بىلەن شەھىرلەيدۇ يەنە شەرىيەت ، تەرىقەت، ﻣﻪﺭﯨﻔﻪﺕ ۋە ۋە ھەقىقەت . ھەربىر «ئىشىك» نى يەنە 10 پىرىنسىپ بويىچە ئىزاھلاپ ئۆتىدۇ.
ئەھمەد يەسەۋىنىڭ «تۆت ئىشىك» نەزەرىيىسىگە ئوخشايدىغان ئۇقۇملار ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﻮﺭﺗﺎ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ  ﻳﯩﻴﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯩﭽﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﺰﻟﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻙ ﻣﯩﻠﻠﻪتلىرى ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺕ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﯞﻩ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﻪﺯﻯ ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎ بۈگۈنگىچە ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺩﻩﻝ ﺋﺎﺷﯘ ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﺰﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﯩﺪﯗﺭ. ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ  ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﯨﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﻘﺎﻧﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.
ﺷﺎﻣﺎﻧﯩﺰﯨﻤﺪﺍ ﺷﻪﺭﻕ، ﻏﻪﺭﯨﭗ، ﺷﯩﻤﺎﻝ ﯞﻩ ﺟﻪﻧﯘﭘﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺗﯚﺕ ﻳﯚﻧﯘﻟﯩﺸﻨﻰ ﻗﯘﺗﺴﺎﻝ ﺗﯚﺕ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭗ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺗﯚﺕ ﻳﯚﻧﯘﻟﯩﺸﻨﻰ ﺗﯚﺕ ﺭﻩﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ ﻳﻪﻧﻰ ﻛﯚﻙ، ﺋﺎﻕ، ﻗﺎﺭﺍ ﯞﻩ ﻗﯩﺰﯨﻞ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺩﻩﺭﻩﺥ، ﺗﯚﻣﯘﺭ، ﺳﯘ ﯞﻩ ﺋﻮﺕ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺳﯩﻤﺒﻮﻟﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ، ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ، ﺋﺎﻗﯩﻞ ﯞﻩ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ.
ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ “ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ ﮪﯩﻜﻤﻪﺕ” ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 19-ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ 9-ﻣﯩﺴﺮﺍﺳﯩﺪﺍ „ﺗﯚﺕ ﺋﯩﺸﯩﻚ“ ﻧﻪﺯﯨﺮﻳﻪﺳﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ:



ﺷﻪﺭﯨﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﯩﺪﺍ ﺟﻪﯞﻻﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ
ﺗﻪﺭﯨﻘﻪﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﺰﺍﺭﯨﺪﺍ ﺳﻪﻳﺮﺍﻱ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ
ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﺎﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ
ﻣﻪﺭﯨﻔﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﺘﯩﻢ ﺩﻭﺳﻼﺭ
ئەﮪﻤﻪﺩ  ﻳﻪﺳﻪﯞﻯ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺸﺘﺎ ﺋﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻪﯓ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻜﻨﻰ ﺗﻪﻏﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻣﻪﺩﯨﺮﯨﺴﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺯﯨﻜﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻳﯘﺭﮔﯘﺯﮔﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﯩﺲ ﯞﻩ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﮪﻪﻡ ﺋﯚﺯ ﮪﯩﻜﻤﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺪﯗﺭ.
ﺋﯘ ﺋﯚﺯ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﻣﯩﯖﻠﻪﺭﭼﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﺘﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺗﯜﺭﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﯩﻨﻰ تارقاتقۇزغان. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻯ ﮪﯩﻜﻤﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﮪﻪﺭﺧﯩﻞ ﺳﺎﺯﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﺎﻕ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﯜﺭﻙ ﻗﻪﯞﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﻣﯘﺭﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﯩﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮪﺎﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯗﭖ، ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﺋﻮﯕﺎﻳﻼ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺭﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻼ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﮪﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮﯨﭗ، ﺳﯘ ﺋﯩﻨﺸﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺩﯨﺨﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﺳﺎ، ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﯨﭗ، ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﻪﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﮪﻪﻗﯩﻘﻰ ﻳﻮﺭﯗﻕ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﻣﺎﮪﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
ئەﮪﻤﻪﺩ  ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﻪﭖ ﻳﯩﺘﯩﺸﺘﯘﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﯗﮪﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺳﯩﯖﺪﯗﺭﮔﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺋﺎﻧﺎﺩﻭﻟﯘﻧﻰ ﺋﯩﮕﻪﻧﻠﻪﭖ بۈيۈك ﺳﻪﻟﺠﯘﻗﻼﺭ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﺴﺘﯩﻼﭼﯩﻠﯩﺮﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﺩﻩ، ﺋﻪﮪﻤﻪﺕ ﻳﻪﺳﻪﯞﻯ ﺭﯗﮪﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺋﺎﻟﯩﭙﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪﻧﻪﯞﻯ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺭ-ﻳﯚﻟﻪﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﻳﻪﺳﻪﯞﻯ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﯩﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﺭﻯ ﺳﺎﻟﺘﯘﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻟﺘﯩﻦ ﺋﻮﺭﺩﯗ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﺑﻪﺭﻛﻪﻳﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ ﻧﻮﮔﺎﻳﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯚﺯﺑﻪﻙ ﺧﺎﻧﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯜﻛﻠﯜ ﺑﺎﺑﺎﻣﯘ ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﯩﯔ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﯚﺯ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻟﯘﻕ ﭘﻪﻳﻠﻪﺳﯘﭖ، ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ، ﺷﺎﺋﯩﺮ ، ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﺩﯨﻦ ﮪﺎﺟﻰ ﺑﻪﻛﺘﺎﺵ ﯞﻩﻟﻰ، ﻳﯘﻧﯘﺱ ﺋﻪﻣﺮﻯ، ﻣﻪﯞﻻﻧﻪ ﺟﻪﻻﻟﯩﺪﯨﻦ ﺭﯗﻣﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻣﯘ ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﺑﺎﺳﺎﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ئەھمەد ﻳﻪﺳﻪﯞﻯ ﺋﻮﺭﺗﺎ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺗﺎ ﺋﺎﻧﺎﺩﻭﻟﯩﻐﯩﭽﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﻳﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻏﺎﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﯩﻦ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﻪﺩﻩ ﺑﺎﻟﯩﻤﯘ ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎﺩﻭﻟﯩﻨﻰ ﻣﻪﻧﻪﯞﻯ ﻓﻪﺗﯩﮭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﻣﯘﺭﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯖﺎ ﺋﻮﺳﻤﺎﻟﻰ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﺪﺍ ﺋﺎﮪﻤﻪﺕ ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﯩﯔ ﻧﯜﺭﻟﯘﻕ ﺋﯩﺰﺑﺎﺳﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ.
ﺋﻪﮪﻤﻪﺩ ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﻟﯩﺮﻯ ﺗﯜﺭﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﻪﯞﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﯩﮕﻪ ﺋﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﻣﻐﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﯘﺯﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯚﭼﻤﻪﻱ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﯘﻛﺴﯩﻠﯩﭗ، ﺗﯜﺭﻙ –ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ.
*  
تۆۋەندە مەن ئوقۇرمەن قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن ئەھمەت يەسەۋىنىڭ« دىۋانى ھىكمەت» ناملىق كىتابىدىكى بىر قىسىم شىئېرلارنى ئەسلى نۇسخىسى بويىچە ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن:(92-ﺷﯧﺌﯩﺮ 3-4-5-6-ﻣﯩﺴﺮﺍﻻﺭ):

مۇسۇلمان مۇسۇلماننى ﻗﯩﻠﺪﻯ ﻗﺎﺗﯩﻞ
ﻧﺎﮪﻪﻕ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﮪﻪﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺑﺎﺗﯩﻞ
ﻣﯜﺭﺩ ﭘﯩﺮﮔﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻼﺭ ﻳﯜﺯ ﺋﯘ ﺧﺎﺗﯩﺮ
ﺋﺎﺟﻪﭖ ﺷﯘﻣﻠﯘﻕ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ

ﺋﻪﮪﻠﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺳﺎﮪﺎﯞﻩﺕ ﻳﻮﻕ
ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪﻼﺭ ﯞﻩﺯﯨﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﻳﻮﻕ
ﺩﻩﺭﯞﯨﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯗﺋﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﯩﺠﺎﺑﻪﺕ ﻳﻮﻕ
ﺗﯜﺭﻟﯘﻙ ﺑﻪﻻ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﻳﺎﻏﺪﻯ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ

ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﻪﺭﻯ ﺯﺍﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﺪﻯ
ﺧﻮﺷﺎﻣﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﻳﺘﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﺪﻯ
ﮪﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﻳﺘﻘﺎﻥ ﺩﻩﺭﯞﯨﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﻏﺎﻧﯩﻢ ﺑﻮﻟﺪﻯ
ﺋﺎﺟﻪﺏ ﺷﯘﻣﻠﯘﻕ ﺯﺍﻣﺎﻧﻪﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺩﻭﺳﻼﺭ

(102-ﺷﯧﺌﯩﺮ 5-10 ﻣﯩﺴﺮﺍﻻﺭ):
ﺩﯛﻧﻴﺎ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺟﺎﮪﺎﻥ ﻣﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭ
ﻛﻪﺭﻛﻪﺱ ﻗﯘﺷﺘﻪﻙ ﺑﻮﻟﯘﺑﺎﻥ ﺋﻮﻝ ﮪﺎﺭﺍﻣﻐﺎ ﺑﺎﺗﻤﯩﺸﻼﺭ

ﻣﻮﻟﻼ ﻣﯜﻓﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻓﻪﺭﯞﺍ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭ
ﺋﺎﻗﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﻮﻝ ﺗﺎﻣﯘﻏﺎ ﻛﯩﺮﻣﯩﺸﻠﻪﺭ

ﻗﺎﺩﻯ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﻧﺎﮪﻪﻕ ﺩﺍﯞﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ
ﺋﻮﻝ ﮪﯩﻤﺎﺭﺩﻩﻙ ﺋﻮﻟﯘﺑﺎﻥ ﻳﯜﻙ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻤﯩﺸﻼﺭ

ﮪﺎﺭﺍﻡ ﻳﯩﮕﻪﻥ ﮪﺎﻛﯩﻤﻠﻪﺭ ﺭﯛﺷﯟﻩﺕ ﺋﺎﻟﯩﭗ ﻳﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭ
ﺋﯚﺯ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﯩﻨﻰ ﺗﯩﺸﻠﻪﺑﻪﻥ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﺸﻼﺭ

ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺗﯜﺭﻟﯘﻙ ﺗﯜﺭﻟﯘﻙ ﻛﯩﻴﮕﻪﻧﻠﻪﺭ
ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺗﺎﺧﺖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺗﻮﻓﺮﺍﻕ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻤﯩﺸﻼﺭ

ﻣﯜﻣﯩﻦ ﻗﯘﻟﻼﺭ ﺳﺎﺩﯨﻘﻼﺭ ﺳﯩﺪﻗﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻼﺭ
ﺩﯛﻧﻴﺎﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﺳﻪﺭﯨﭗ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯘﭼﻤﺎﻍ ﮪﯜﺭﯨﻦ ﻗﯘﭼﻤﯩﺸﻼﺭ

ﻗﯘﻝ ﮪﺎﺟﻰ ﺋﻪﮪﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻤﯩﺸﺴﻪﻥ ﮪﺎﻗﻘﻰ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﻣﯩﺸﺴﻪﻥ
ﮪﺎﻗﻘﻰ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﮪﺎﻗﻘﻰ ﺩﯨﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺸﻠﻪﺭ

(148-ﺷﯧﺌﯩﺮ 69-ﻛﻮﺑﻠﯩﺖ)

ﻣﻪﻧﯩﯔ ﮪﯩﻜﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺩﻩﺭﺗﺴﯩﺰﮔﻪ ﺋﯧﻴﺘﻤﺎ
ﺑﺎﮪﺎﺳﯩﺰ ﮔﯚﮪﻪﺭﯨﻤﻨﻰ ﻧﺎﺩﺍﻧﻐﺎ ﺳﺎﺗﻤﺎ !

ئەھمەد ﻳﻪﺳﯩﯟﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ  ئوتتۇرا  ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﺩﻩ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭼﻮﯓ ﮪﯚﺭﻣﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﻳﯘﻛﺴﻪﻙ ﻗﻪﺩﯨﺮ –ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﯩﻤﺎﺭﻯ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ، ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﻢ. ﮪﻪﺗﺘﺎ ئەﮪﻤﻪﺕ ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﻨﻪﯞﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﺴﺮﺍﺳﯩﻨﻰ، سەنئەت ﺧﯘﻣﺎﺭ ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻩﺳﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺯﻩﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻢ.
مەن قەلەمگە ئالغان ئۇيغۇر ئالىمى ئەھمەت يەسىۋى ناملىق ئاددىي ماقالە ئارقىلىق، ﻛﻪﯓ ﺳﯚﻳﯘﻣﻠﯘﻙ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ئەھمەد ﻳﻪﺳﻪﯞﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ يۈﺯﻩﻛﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯘﻳﯘﺷﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺭﯗﮪﻰ-ﮪﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻏﯩﺪﯨﻐﻼﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ،

ئەھمەد ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﭖ، ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ئەھمەد ﻳﻪﺳﻪﯞﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﮪﻪﺗﺘﺎ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ، ﺑﯩﺮﻩ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻳﯧﺰﯨﺸﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ئەﮪﻤﻪد ﻳﻪﺳﻪﯞﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﭼﯩﻦ ﺩﯨﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.
ﺑﯩﺮ ﺗﯘﭖ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﺩﻩﺭﯨﺨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻘﺎ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻛﯚﻣﯘﻟﮕﻪﻥ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﻭﮪﯩﻤﯩﺰ ﺩۈﻣﻠﻪنگەن ﺋﺎﺷﯘ ﺋﯚﺗﻤﯘﺷﻤﯘ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﮪﯩﻤﺪﯗﺭ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻗﯘﻳﺎﺷﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﮪﻪﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺑﯘﮔﯘﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺷﻪﮪﯩﺮﻟﻪﭖ ﺑﯩﺮﯨﺶ، ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ  ﺑﯘﺭﭼﯩﺪﯗﺭ.
ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺭﻭﮪﯩﻲ ﻣﺎﮪﯩﻴﻪﺕ ﺑﯘﮔﯘﻧﻜﻰ ﺋﻪﯞﻻﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﺪﺍ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﻤﯩﺴﻪ، ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ قورشاپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯘ ﺭﻩﯕﮕﺎﺭﻩﯓ ﻣﺎﺩﺩﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ، ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﺯﻩﻳﯩﭙﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﻤﯩﺰ. ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺯﻩﻳﯩﭙﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﻗﻪﯞﯨﻤﺪﻩ ﺟﻪﯕﻘﯩﯟﺍﺭ ﺭﯗﮪﻘﺎ، ﻳﯘﻛﺴﻪﻙ ﺋﻪﺧﻼﻗﻘﺎ، ﭼﯩﻦ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺗﻘﺎ، ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺑﯩﻠﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺷﻪﻳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﺭﯨﻖ ﺋﯧﺘﯩﺶ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﯞﻻﺗﻼﺭ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﻪﻟﮕﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ﺳﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﺸﻤﯘ ﺋﻪﺳﻼ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ.

05.03.2016
ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنىڭ تېمىسى ئۇيغۇر ئالىمى ئەھمەد يەسەۋى بولۇپ، خوجا ئەھمەد يەسەۋى تۈرك قەۋىملىرى ئىچىدە تالاش تارتىشتا قالغان بىر شەخسىيەت بولغاچقا، بۇ تور بەتتە تېمىسىنى پەقەتلا كىشى ئىسمى بىلەن ئېلىش مۇۋاپىق كۆرۈلدى. ئەمما ئاپتۇر خوجا ئەھمەد يەسەۋىنىڭ تەۋەلىكىنى ئوچۇق ئىپادىلەپ بەرگەن…
مەنبە: باغداش تورى
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top