ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » مۇساپىرەتتە ئۇيغۇر دىندارلار

مۇساپىرەتتە ئۇيغۇر دىندارلار

Dindar Uygurlarئابدۇۋەلى ئايۇپ

مەتبۇئاتلارنىڭ مەلۇماتىچە مىلادى 2014-يىلدىن كېيىن تايلاندتىن مىللىي كىملىكى بىلەن دىنىي كىملىكىنى زىتلەشتۈرۈپ چۈشىنىدىغان بەزى كىشىلەر ئۇيغۇرچە سۆزلەشكەن پېتى تۈركىيە توپراقلىرىغا قەدەم قويۇپتۇ. تۈرك مىللىيەتچىلىرى ئۇلارنى «ئۇيغۇر تۈركلىرى كەپتۇ!» دەپ باغرىغا بېسىپتۇ. ئۆزلىرىنى تۈرك دەپ تۇرۇۋالغان ۋە شۇ داۋاسى سەۋەپتىن قوبۇل قىلىنغان بۇ كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى تۈركلەر ۋە تۈركىيەنى پەقەتلا چۈشەنمەيدىكەن، سۆيمەيدىكەن. غەلىتە يېرى ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قىسمىنىڭ سۈرىيە ئىشتىياقى ئالاھىدە كۈچلۈك ئىكەن. ئۆزىگە قۇچاق ئاچقان تۈركىيەنى مۇسۇلمان دۆلىتى دەپ قارىمايدىكەن. ئاياللىرى بېشى ئوچۇق تۈرك خانىملىرىغا سالام قىلمايدىكەن، يارىدەم قىلغان پۇلىنى ئالىدىكەنۇ سۇنغان تامىقىنى يىمەيدىكەن. ئەرلىرى تۈركلەرنى سوپىلاركەن دەپ ئىتىراپ قىلماي ئىلاج بولسا نامازنى ئۆيدە ئوقۇيدىكەن، مەسجىدىدە ئوقۇشقا توغرا كەلگەندە جامائەتتىن ئايرىم ئوقۇيدىكەن.

مۇساپىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى تۈرك مۇسۇلمانلارنى تۈركچە كىتاب ئوقۇيدىغان مۇسۇلمانلار دەپ ياراتمايدىكەن. بالىلارنى تۈركىيەدىكى مائارىپتا ئېزىپ كېتىدۇ دەپ قارايدىكەن. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە تۈركىيەدىكى دىنى تەربىيە ئەرەبچە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەقىقى ئەمەسكەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرچە ئوقۇپ يېزىشنى بىلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ قېرىنداشلىقى ھەققىدىكى پاكىتنى بىلمەيدىكەن، بىلىشنى ۋە ئاڭلاشنىمۇ خالىمايدىكەن، ئىتىراپمۇ قىلمايدىكەن، بۇنداق چۈشەنچىنى مىللەتچىلىك دەپ قاراپ ئۆچ كۆرىدىكەن. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە تارىخ ئىسلام تارىخى ئىكەن. ئۇلار ئۆزى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بىلەن ئەرەبىستانلىق، يەمەنلىك، سۈرىيەلىك، ئافغانىستانلىق، پاكىستانلىق پىكىرداشلىرىنى ئۆز كۆرىدىكەن. بۇنداق قاراشتىكىلەر بىر قەدەر مەركەزلەشكەن بىر لاگىردا مەكتەپكە بارمايۋاتقان ئىككى يۈزدىن ئارتۇق بالا بار ئىكەن. بۇلارغىمۇ تۈركچە تىل، پەننىي مائارىپ ۋە ئۇيغۇرچە ئەدەبىيات موھىم ئەمەسكەن. ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىغا مەشھۇر، قابىلىيەتلىك، ناتىق ۋە ئىجتىھادلىق بىر ئۆلىمانىڭ ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شىئېرلىرى چاپلانغان سىنىپلاردا ئىككى يىلغا يېقىن ئىشلەپ تۇرۇغلۇق، بىر سورۇندا «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر دېگەن كىم ئۇ؟» دەپ سوراپتۇ. قارىغاندا ئەجداتلارنىڭ «كۆز كۆرمەيدۇ، كۆڭۈل كۆرىدۇ» دېگىنى بىكارغا ئېيتىلمىغان بولسا كېرەك.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئۆلىمالارنىڭ كۆپىنچىسىدە پاكىستان كەچۈرمىشى بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ يول خەرتىسى ئاۋۋال پاكىستان، ئاندىن يەمەن-مىسىر ئاخىرىدا تۈركىيە، ياكى پاكىستان-ئەرەبىستان-تۈركىيە، ۋە ياكى پاكىستان-سۈرىيە-تۈركىيە ئىكەن. شۇڭا ئۇيغۇر ئۆلىمالارنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىددىيەسىنى تەشكىل قىلغان پاكىستان ئىلمىنتى ھەققىدە ئىزدىنىش موھىم بولسا كېرەك. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىن پاكىستانغا چىقىپ تەدىرىجى توپلىنىپ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ تۈركىيەگە كەلگەن بىرىنجى ئەۋلاد ئۆلىمالار ھازىر ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مۆتىۋەرلىرى سانىلىدىكەن.  بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئۆلىمالارنىڭ ناھايىتى چوڭ سالمىقىنى ئەزھەردە ئوقۇغان ۋە ئوقۇۋاتقانلار تەشكىل قىلىدىكەن. بۇلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەزھەرنىڭ مائارىپ شەكلىنى، غايىسىنى، ئىددىيەسىنى چۈشىنىش موھىم بولسا كېرەك. ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇلار ئوقۇغان مەدىرىس، ئالغان مائارىپ، ياشىغان دۆلەتلەرنى چۈشىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ تەبلىقلىرىنى ئاڭلاش ۋە كىتابلىرىنى ئوقۇشمۇ موھىم. ئۇلار قىلغان تەبلىغ، يازغان كىتاپ ماقالىلىرىگە دىققەت قىلىپ باققانلار تەكرارلىقتىن، ئوخشاشلىقتىن، تىيىزلىكتىن، كونىلىقتىن قاقشايدىكەن. مەنچە يېزىلغانلار بەك ئاز، تەرجىمە قىلىنغانلىرى  ئاساسلىق بولغاچقا باھا بېرىشكە سەل بالدۇر.  يېزىلغانلارنىڭ بەزىلىرى دىننى ئومۇملاشتۇرۇش تىپىدىكى ئاددى مەزمۇنلاردەك تۇيۇلسىمۇ شەرتسىز قوللاش ئەقىلگە مۇۋاپىق. قىلىنىشقا تىگىشلىكى، بۇنداق كىتابلارغا ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا خاس بىر مىسال، ئۇيغۇر دىيارىغا خاس بىر ئوخشتىش، ئۇيغۇر تارىخىغا خاس بىر ۋەقە، ئۇيغۇر كىرزىسىغا خاس بىر تەھلىلنىڭ قوشۇلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر. كۆزىتىشلەرچە ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىدا كىرزىس ئىچىگە بارغانچە چۆكۈپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قانداق كىتابلارنىڭ يېزىلىشى، قانداق يوللارنىڭ كۆرسىتىلىشى، قانداق خىزمەتلەرنىڭ سۇنىلىشى ھەققىدە تەخىرسىز ئويلىنىش ۋە تەدبىر كەم ئىكەن.

بۇ مەسىلىلەرنى بايقىغاندىن كېيىن ئەندىشىلىرىم ۋە ئىزتىراپلىرىمغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن ئەرەبىستان، مىسىر ۋە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۆلىملار بىلەن ئىزدىشىپ ئۆتتۈم. چىگرا ئاتلاپ بېرىپ مۇڭداشتىم. پۇرسەت چىقسىلا ھوزۇرىغا يولۇقۇپ ئايرىم سۆھبەتلىشىشنى قولدىن بەرمىدىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىبادەتلىك مۇسۇلمانلار، كۆپىنچىسى ياخشى نىيەتلىك ئېسىل كىشىلەر.  بىر قىسمى ئۆلىمالىق سۈپىتىدە شۇنچە بىلىملىك، مەسىلىلىرىمىزدىكى قاراشلىرى شۇ قەدەر ئاقىل، تەرەققىياتقا شۇ قەدەر مايىل، كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئىزدەشكە شۇ قەدەر ماھىر، جامائەتچىلىككە شۇ قەدەر چىۋەر ئەمما ئومۇمغا خاس پىلانى يېتەرسىز، ئورتاق ئىجراغا قېرىق، ئاممىۋىيى ئىنكاس سۇس، بىرلىشىشكە گېپىگە بار ئېپى يوق، سورۇندا ئۆز كۆرۈنگەن بىلەن ئەمىلىيەت ۋە ھەرىكەتكە كەلگەندە ئەمەسلا بىر ئادەم ئىكەن. سۆھبەتداشلىرىم ئىچىدە ئۇيغۇرچە يېزىقچىلىق سەۋىيەسى بىر قەدەر ياخشى، ئۇيغۇرلۇق تۇيغۇلىرىدىن ۋاز كەچمىگەن، زىيالىلارنىڭ پىكىرلىرىدىن مەنپەئەتلىنىشنى قولدىن بەرمىگەن بىر تۈركۈممۇ بار. بۇنداقلاردىن پەننىي مەكتەپتە ئوقۇپ باققانلار، ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىدىكى ئىسلام مەكتەپلىرىدە ئوقۇغانلار، ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغانلار، سابىق قەشقەر تىل ۋە تېخنىكا مەكتىپىدە ئوقۇغانلار، ئابدۇقادىر داموللاملار ئىزىدىن ماڭغان يەرلىك ئۆلىملارنىڭ ۋەتەنپەرۋەر شاگىرتلىرى، قارىقاشتا 1930-يىللاردا تەربىيەلەنگەن مىللىيەتچى ئۆلىمالارنىڭ ۋارىسلىرىدىن ساۋاق ئالغانلار، تۈركىيەدە ئىلاھىيەت كەسپىدە ئوقۇغانلار ۋە تۈركچە دىنىي كىتاپلاردىن بەھىرلىنەلەيدىغانلار بىر قەدەر كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ. تەجرىبەمدىن قارىغاندا مەن ئۆلىمالار ئىچىدىكى ئۇيغۇرچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ياقتۇرىدىغان، ئۇيغۇرچە بىلەن شۇغۇللىنىپ باققان كىشىلەر بىلەن ئەڭ ئاسان ۋە ياخشى پاراڭلىشالايدىكەنمەن.

ئەلنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئۆلىمالارنىڭ 2006-يىلى بىرەر پىكىر ئەتراپىغا ئۇيۇشماق  ھەققىدە ئىزەنگەنلىكىمۇ مەلۇم. بەزىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى جامائەتلەشتۈرەلەيدىغان بىر ياكى بىر يۈرۈش كىتاپنى ئاساس قىلىپ، ياكى ئابدۇقادىر داموللامدەك بىرەر ئۆلىمانىڭ ئەسەرلىرىنى ئاساس قىلىپ بىر سۆھبەت ھالقىسى تەشكىل قىلماقچى بولۇشقانىدى. ئەمما بۇمۇ داستىخان ئۈستىدە دېيىلگەن گەپ بولغاچقا ئىجراسىغا تىرىشىدىغان ئادەم بولمىغان بولسا كېرەك. ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ 2016-يىلى بەزىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ قالىدىغان پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىۋاتىدۇ. ئۆلىمالار ئارىسىدا بولغان يەنە بىر پىكىر سۈرىيەگە كېتىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلارنى توسۇپ قېلىش مەسىلىسى. بۇ مەسىلىمۇ داستىخاندا تىلغا ئېلىنغان ۋە بۇ ھەقتە بىر تەدبىر تۈزۈپ چىقىشنىڭ موھىملىقى تەكىتلەنگەن بولسىمۇ مۇشۇ كۈنگىچە قانداق بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات يوق. ھازىرقى ئۇيغۇر ئۆلىمالار ۋۇجۇدقا چىقارغان موھىم ئىشلارنىڭ بىرى قۇرئان كۇرۇسلىرىنى ئېچىش، يېزىقچىلىق، ئاۋازلىق كىتاپ ۋە تەرجىمە فىلىملىرى، تەبلىغ ۋە تەرجىمىچىلىك. بۇ ساھەدە خىزمەتنىڭمۇ نېمە پىلانلار بىلەن، قانداق ئىھتىياجلارغا قاراپ، قانداق نىشان ئۈچۈن يولغا چىققانلىقى ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقى ئۈچۈن مۇكەممەلرەك باھا بېرىش قىيىن. ئەمما ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئىھتىاجىنى پەرقلىق مەنبەلەردىن، ئوخشىمىغان قاناللار بىلەن قامدىغانلىقى تەقدىرلەشكە لايىق. تەرجىمىگە مەشغۇللارنىڭ مەبلەغ ھەل قىلالىغانلىكى كىتاب-رىسالىلەرنى ئۇتتۇرلۇق تەرجىمە قىلىپ ماڭغانلىقى پاكىت. ھالبۇكى بۇ تەبلىقلەر، كىتابلار ۋە تەرجىمىلەرنىڭ ھىچ بىرى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى بىر جامائەت شەكلىگە ئېلىپ كېلەلمىگەنلىكى ھەممەيلەنگە ئايدىڭ. بەلكى مەقسەد ئۇنداق بولمىغان بولسا كېرەك.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە يەرلىك سايلامغا تەسىر كۆرسىتىپ، ياكى يەرلىك سىياسىيۇنلارنىڭ دىققىتىگە نائىل بولغىدەك بىر كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئۇيغۇر جامائىتى يوق. ئۇيغۇرلار تەشكىللىگەن دىنىي سۆھبەتلەرنىڭ بولۇۋاتقى ۋە يىللاردىن بېرى داۋام قىلىۋاتقى سۆزلەنمەكتە. ئەمما تەسىرى ھەققىدە سۆز ئېچىشقا پۇرسەت يوق. چۈنكى بۇنداق سۆھبەتلەر بۈگۈنگىچە بەك كۆپ كىشىنىڭ دىققىتىنى چەككەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقمىدى. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆز ئىچىدە جامائەتلىشىش ئىھتىياجىنى قاندۇرىدىغان بىر شەكىل بەرپا بولمىغانلىقى، بۇنى ھەل قىلىدىغان قايىل قىلارلىق بىر پىلان ئوتتۇرىغا چىقمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ چېچىلاڭغۇلىقى ئۈمىدسىزلىككە سەۋەپ بولماقتا. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىن تەشكىللەنگە ئۆلىمالار بىرلىكى 2016-يىلنىڭ بېشىدا قۇرۇلغان بولسىمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا زادى قانداق يېڭى ئۇسۇلدا خىزمەت قىلىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. قىلىدىغان خىزمەتلىرى تېخىچە ئوتتۇرىغا چىقمىدى. ھازىرقى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئىشلەش رۇخسىتى، ئىقامەت، ئوقۇش ۋە داۋالىنىش قاتارلىقلاردىكى قىيىنچىلىقلىرى ھەل قىلىنمىغاچقا كېلىپ چىقىۋاتقان ساختىپەزلىك، سۈرىيەگە قېچىش، ياۋرۇپاغا قېچىشقا ئوخشاش مەسىلىلەرنى كىشىلەرنى قوينىغا ئالىدىغان ئىشەنچلىك بىر قۇرۇمنىڭ بولمىغانلىقىدىن دەپ قارايدىغانلار بار. بەزى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار يەرلىك جامائەتلەرنىڭ ئىچىدە ئېرىپ كېتىش يولىنى تاللىماقتا. تۈركىيەدىكى جامائەتلەر ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ ھەر خىل باھالىنىشى، يەنە بەزىلىرىنىڭ ھاكىمىيەتكە خىرىس قىلغۇدەك ھالغا كېلىشى جامائەتلەرگە ئارىلىشىپ ياشاۋاتقان ۋە شۇ ئىستەكتە بولۇۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشەلەندۈرمەكتە.

ئىنكاسلار (2)

  • دوستۇم

    بىر قەۋىم بىر مىللەتنى ئىپتاقلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپىقيەتلىك يولى ئۇلارنىڭ قىممەت قارشىنى غەيە نىشانلىرنى ئەقىيدىسىنى بىرلىككە كەلتۇرش. بىز شىمالى كورىيە بىلە جەنۇبى كورىيەنىڭ تا ھازىرغىچە بىرلىككە كىلەممىگىننى كۆردۇق ،ئۇلارنىڭ قايسى ئۆزىنىڭ مىللىيلىكىنى رەت قىلغۇچىلار؟؟؟ ئۇلارنىڭ بىر بىرنى رەت قىلىشى ئۇلاردىكى قىممەت قارشىنىڭ ئەقىيدىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن ،ھاكىميەت بىشىدىكى كىشلەر تەرپىدىن بەلگىلەنگەن ، ،
    بۇگۇنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتپاقلىششىمۇ ،ئۇلارنىڭ قىممەت قارشى ۋە ئەقىيدىسنى بىرلىككە كەلتۇرۇشكە مۇھتاج . ئۇنداق بولمىغاندا ،ئۇيغۇرلىقى ئۈچۇن ھەممىسى ئوخشىمغان نوقتىلادىن خىزمەت قىلىدۇ ئەمما ئىتىپاقلىق بولمايدۇ .

  • دوستۇم

    سىزنى بۇنچە يۇزەكى پىكىر قىلىدۇ دەپ ئويلىمغان ئىدىم . ئادەمدە بىر تۇرگە تەۋە كىملىكتىن پەقەت بىرسى بولىدۇ ئىككىسى بولمايدۇ .ئۇيغۇر كىملىكىگە ئىگە ئادەمنىڭ يەنە بىر مىللى كىملىككە ئىگە بولىشى مومكىن ئەمەس ،مۇسۇلمانلىق كىملىكىگە ئىگە كىشىنىڭمۇ ،يەنە بىر دىينى كىملىككە ئىرشىشى مومكىن ئەمەس . ئەمما ئادەمدە بىرلا ۋاقىتتا ئوخشىمغان تۇردىكى بىر قانچىلغان كىملىك تىپلىدۇ ،ئۇيغۇ لۇق ،مۇسۇلمانلىق دىگەندەك . بۇ ئىككىسى بىر بىرگە قەتتى زىت ئەمەس .سىز يازمىڭىزدا مىللى كىملىكى بىلەن دىينى كىملىكىنى زىت چۇشەنگۇچىلەر دىگەن گەپنى قىپسىز…… ئۆزى تۇركىيەدە تۇرۇپ تۇرۇكنى ياقتۇرمايدىغانلارنى كۆردۇم دەپسىز…… قاراڭ بىز ئۇيغۇر ئۇيغۇرلىقىمىزنى ياخشى كۆرىمىز ئەمما خائىن بولسا ئۇيغۇر بولسىمۇ ياقتۇرمايمىز .يۇقارقى ئۆزى تۇركىيەدە بولسىمۇ پاكىستانلىق ياكى باشقا يۇتلۇق مەسلەكداشلىرى بىلەن ياشايدىكىن دىگەن گەپلەنى ئەقىيدىنى چۇشەنسىڭىز دىمەس ئىدىڭىز ،ئەقىيدە مىللىيلىكتىن ھالقىپ كەتكەن ئۇقۇم . ئادەم ھەمىيشە ئۆزى بىلەن ئوخشاش قىممەت قاراش دۇنيا قاراشقا ئىگە ،ئورتاق غايە ۋە مەقسەتكە ئىگە كىشلەر بىلەن ياشايدۇ .ئەگەردە يۇقارقى ئورتاقلىقى بولمىسا قاندا يىقىن ئادىمى بولسىمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىدۇ .بىر مىللەت ئىچىدە ئوخشىمغان قىممەت قارشىغا دۇنيا قارشىغا ،ئوخشىمغان غايە مەقسەتكە ئەقىيدىگە ئىگە كىشلەر بولىدۇ تەبىيكى پەرىقلەر ئۇلارنى ئايرىۋىتدۇ . ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە خىرىستىيانلار مەۋجۇت ،دىنسىزلار ھەم مەجۇت . ئۇنداقتا بىز بۇ كىشلەرنى رەت قىلمىز ،بۇلار بىلەن مىللىتىمىز بىر بولسىمۇ ئايرىلىمىز ، سىز شۇنى بىلۋىلشىڭىز كىرەككى بىزنىڭ رەت قىلغىنمىز ئۇيغۇرلۇق ئەمەس . ئادەم ئۇزى بىلەن ئوخشىمايدىغان ئەقىيدىگە ،ئوخشىمايدىغان قىممەت قاراشقا ئىگە كىشلە تۇپىنى رەت قىلشى ،ئۇنىڭ مىللىي كىملىكىنى رەت قىلغانلىق بولمايدۇ .

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش