ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » كۆڭۈللەردە ۋە ئەمەللەردە بىز

كۆڭۈللەردە ۋە ئەمەللەردە بىز

 

BowingToPray

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

مىسىردا ئۇچراتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىمدا دائىم «بىز» دەپ سۆزلەشلىرى مەستلىكىمنى كەلتۈردى. ئۇلارنىڭ بىلىپ بىلمەي مېنى «بىز» نىڭ قارشىسىدىكى «خەق »كە  چىقىرىپ سۇئال سوراشلىرىدىن مەلۇم بىر مۇداپىيە تېمىنى ھازىرلاپ، ياكى ئېنىق بىر مەيدان بېكىتىۋالغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مەنچە مۇستەبىت تۈزۈمدە ياشىغان ۋە ياشاۋاتقان كىشىلەر مۇشۇنداق تەپەككۇر قىلاتتى. چۈنكى ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزى بىر  قۇتۇپ بولۇپ ئۆزىگە يانتاياق بولمىسىلا قارىشى قۇتۇپقا تەۋە قىلىپ دۈشمەن سانايتتى. جىم تۇرغان، سۈكۈت قىلغانلار گۇمانلىق قارىلاتتى. مۇستەبىت ئەلدە يانتاياقلارنىڭ كۈنى توختىماي ساداقىتىنى ئىسپاتلاش بىلەن ئۆتەتتى. ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئۆزىنى دائىم بىر دۈشمەنگە قارشى قويمىسا ئارام تاپمايتتى. مۇستەبىتلىكتە ياشىغان كىشىلەر ئىككى قۇتۇپلۇق تەپەككۇر قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن،  توختىماي قارشى قۇتۇپتىكىنى ئىزدەپ دۈشمەنلىك قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قۇتۇبىدا قانچىلىك قەتئىي ئىكەنلىكىنى كۆرگەزمە قىلاتتى. بۇ يولدا دائىم بەسلىشەتتى، دائىم سېلىشتۇراتتى، ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى بىلدۈرگىسى كېلەتتى. ئۇلار ئۆزىنىڭ قىممىتىنى قارىش تەرەپنىڭ قىممەتسىزلىكىنى جاكارلىماي تۇرۇپ، ياكى قارىشى تەرەپنىڭ بىر تىيىنغا ئەرزىمەي قالغىنىنى خالايىققا سازايى قىلماي تۇرۇپ ھىس قىلالمايتتى. مىسىردىكى بەزى تالىپلار بىلەن ئارامدىكى خەق-بىز پاسىلى باھار ئايلىرىدا يېزىلغان «مىسىرغىمۇ تۈركىيەگىمۇ» ماۋزۇلۇق يازمام سەۋەپلىك ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئۇيغۇرنىڭ بىرەر پىكىر ئەتراپىغا ئۇيۇشمىقى بەكمۇ تەرس دەۋىردە بۇنداق ھەمدەملىكتىن سۆيۈنگەنمۇ بولدۈم.

مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن يۈز تۇرانە، توردا ۋە ئايرىم پاراڭلىشىش جەريانىدا ئىككى قۇتۇپلۇق تەپەككۇرنىڭ مېنى ۋە ئۇلارنى نەقەدەر زەھەرلىگەنلىكىنى ھىس قىلدىم ۋە بۇنڭ مەنبەسى ھەققىدە ئويلاندىم. كىچىكىمدە ناخشىلار «سېرىق ناخشا ۋە قىزىل ناخشا» دەپ ئىككىگە ئايرىلاتتى. كىشىلەر ئىنقىلاپچى بولۇشى، سۆزلەر ئىنقىلابى بولۇشى، مەقسەد ئىنقىلاپ ئۈچۈن بولۇشى كېرەك ئىدى. بۇنداق بولمىغانلار ئەكىسل ئىنقىلابچى بولاتتى، ئۇنداقلارنىڭ سۆز، قىلىق ۋە مۇددىئالىرى ئەلۋەتتە ئەكسىل ئىنىقىلابىيلىققا تەۋە بولاتتى. جەمئىيەتتىكى زىددىيەت ئەزگۈچى سىنىپ بىلەن ئېزىلگۈچى سىنىپ ئوتتۇرىسىدىكى بولۇپ ئەزگۈچىلەر يوقالمىغۇچە سىنىپى كۆرەش ئاياقلاشمايتتى. قىزىل ئارمىيەنىڭ ماشرەڭ شەپكىسىنى كىيىپ، مازىدوڭ ئۈزۈندىلىرىنى يادىلاپ يۈرگەنلەر ئىلغارلار سانىلىپ، بېشىغا دوپپا كىيىپ، ياغلىق ئارتقانلار كونىلىق تەرەپتارلىرى دېيىلەتتى. كاللىمىز ئازراق تەپەككۇرغا ئۇلاشقانداق دۇنيانى ماددىمۇ ياكى ئاڭمۇ، دەپ سورايدىغان بولدۇق. دۆلەتلەر چوقۇم سوتسىيالىستىك بولمىسىلا كاپىتالىستىك بولاتتى. دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئىدولوگىيە سېپىگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىشنى ئۆگەندۇق بىر مەزگىل. ئەدەبىيات دەرسلىكىمىزدە «لىبىرالىزىمغا قارشى تۇرايلى» دېگەن تېكىستنى ئوقۇپ لىبىرالىزىمغا ئۆچ قىلىندۇق، چۈنكى لىبىرال دېمەك ئەركىن دېمەكتى. دېمەك ئەركىنلىك مۇستەبىتنىڭ قارشىسىدا بولغاچقا، ھازىرغىچە ئۆچلىكىمىزنى داۋام قىلىۋاتىمىز. شۇنداق تەربىيەدە، تەشۋىقاتتا يېتىشكەن كىشىلەر تۇرساق مائارىپنىڭ دىنى ۋە پەننى دەپ ئايرىلمايدىغانلىقىنى، ئىلىمنىڭ پەننى ۋە دىنى دەپ بۆلۈنمەيدىغانلىقىنى، زىيالى دېگەنلىك نۇر ئىگىسى- نۇر ئاشىقى دېگەن بولىدىغانلىقىنى، ئىنسان قەلبىنى زۇلمەتتىن قۇتۇلدۇرغۇچى نۇرنىڭ ئىمان ئىكەنلىكىنى، قۇرئاننىڭ نۇر دېيىلىدىغانلىقىنى قانداقمۇ قوبۇل قىلالايمىز؟ دېمەك، مەيلى مەكتەپتە ئوقۇغان، مەيلى موللامدا ئوقۇغان بولايلى، قەلبىمىز نۇرغا ھەقىقى ئېرىشمىگەچكە، نۇرلانمىغاچقا دۇنيانى ماددىي ياكى مەنىۋىي،  مىللەتنى مۇسۇلمان ياكى ئۇيغۇر. ئىلىمنى دىنىي ۋە پەننى دەپ ئايرىپ، بىرىنى دوست يەنە بىرىنى دۈشمەن كۆرىدىغان ئىككى قۇتۇپلۇق تەپەككۇردىن قۇتۇلالماپتىمىز.

مىسىردىكى لېكسىيەگە قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ چاقىرىلمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندىم. ئەزھەرگە كېتىۋېتىپ يولدا ئۇيغۇر قىزلارنى كۆرگەنتىم. ئەزھەرنىڭ قىزلار بۆلۈمى ئەتراپىدىمۇ قىزلىرىمىز ئۇچرىغان ئىدى. مەن تونۇيدىغان بۇرادەرلەرنىڭمۇ قىزلىرى سىڭىللىرى بارئىدى. ئەمما ئۇ كۈنى بىرسىمۇ يوق. بىر ھەپتە جەريانىدا ئىزدىگەن ئوغۇللارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى، بىراق قىزلار يوق. سۈرۈشتۈرسەم قىزلارنى تونىمايدىغاندەك، تىلغا ئېلىشنى خالىمىغاندەك، چەكلەنگەن تېمىدەك بىر ھال كۆرۈلدى. مىسىردا بىخەتەرلىك بولۇپمۇ قىزلارنىڭ ئامانلىقى ئاسان دەخلىگە ئۇچرايدىغان بولغاچقا ھىندونۇزىيەلىك ئوغۇللار نۆۋەتلىشىپ قىزلارنى قوغداپ مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىپ قويىدىكەن. ئۇيغۇر ئوغۇللار بۇنى قىلالمىدۇق دەپ ھەسرەتلىنىشتى، ئۇنداق قىلسا پىتنىگە قېلىشتىن ئىھتىيات قىلىدىكەن. قىزلار ئاپتۇبۇستا ئەرەب ئەرلەرنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇشقا رازىكەنكى ئۇيغۇر ئوغۇللارغا يېقىن يولىمايدىكەن، چۈنكى پىتنە بولغىدەك. شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىققا تەگكەن بىر قىز ئوقۇغۇچۇم ئېسىمگە كېلىپ قالدى. كېتىدىغان كۈنى كەچتە يولدا ئۇيغۇر قىزلارنى نەچچە قېتىم ئۇچراتتىم، يىراقتىن مېنى كۆرۈپلا يولنىڭ باشقا تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتىشتى. يېقىندا بىر ئىجارە بىنادا قىزلار پاراكەندىچىلىككە ئۇچراپتۇ. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن بىر بالا ماڭا «تۈركىيەدە بىخەتەرلىك ئەھۋالى قانداق، قىزلار مەكتەپنىڭ ياتىقىغا ئورۇنلىشىپ ئوقىيالامدۇ؟» دەپ سوراپتۇ. بۇ سۇئاللاردىن تۈركىيەدىكى قىزلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيدىغانلىقى مەلۇم ئىدى. مەلۇماتسىزلىق خەتەرلىك، پىتنىدىن قورقۇپ ھەمشىرىلەرگە ئىگە بولماسلىق تېخىمۇ خەتەرلىك ئىدى. قىزلارنى يەكلەپ پىتنىنىڭ مەنبەسى دەپ قاراش، قىزلارنى قارىش سەپكە ئايرىپ بىز ۋە بىزنىڭ دېيەلمەسلىكمۇ قەلبنىڭ قاراڭغۇلىقى، خۇنۇكلىقى ۋە نۇرسىزلىقىنىڭ ئىسپاتى خالاس.

مىسىرغا بارماستىلا بۇ يەردىكى ئۇستازلار ئارىسىدىكى كۆڭۈلسزىلىكلەرنىڭ پۇرىقىنى ئالغانتىم. بارغان كۈنىمدىن باشلاپ بۇ پۇراق بارغانچە ئچىمنى ئىچىشتۇرغىلى تۇردى. نوپۇزلۇق بىرەيلەنگە بۇ ھەقتە مەسلەھەت سالدىم. ئۇنىڭ «سىز ئەمەس، خېلى خېلى ئادەملەر چىقىپ بىر سورۇنغا جۇغلىيالمىغان، ئەپلەشتۈرەلمىگەن، سىزمۇ قىلالمايسىز. ئەپلەشمەسلىكنىڭ ھەدىسكە ئۇيغۇنلۇقى ھەققىدە باياناتى تۇرسا» دەپ قاقشاپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ قويدۇم، ئەمما ئىشەنمىدىم. ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپ يەنە بىرەيلەن بۇ يەردىكى باشلارنى بىر يەرگە يىغىشنى تەكلىپ قىلىپ چىڭ تۇرىۋالدى. ئۇستازلارنىڭ چوڭلىرى بىلەن ئاساسەن مۇڭدىشىپ چىققىنىم ئۈچۈن يىغالماسلىقىمغا ئىشەنمىدىم.  نەزىرىمدە ئۇلار بىلىملىك، ئىبادەتلىك، قەدىردان كىشىلەر ئىدى. ھەممىسى بىلەن دىننىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىدىن باشقا غەملەرنى قىلىشمىغان ئىدۇق. بىر بىرلەپ تېلىفون قىلدىم. بىرەيلەن تېلىفوننى قەتئى ئالمىدى. قالغانلاردىن كۆپىنچىسى سورۇندا كىمنىڭ بولىدىغانلىقىنى سورىدى. بىر قىسمى ئەھۋالغا قارايدىغان بولدى. كەچتە ساقلىغېنىمىزدا پەقەت كېلىدۇ-دەپ ئويلىغان بىر ئۇستازدىن باشقىسى كەلمەپتۇ. شۇئان ئېسىمگە مەن بىلەن قانچە كۈندىن بېرى بىللە يۈرگەن بىر گورۇپپىنىڭ لېكسىيەمگە مېنى يالغۇز ئۇزۇتىپ قويغىنى كەلدى. چۈنكى لېكسىيەنى ئۇلارنىڭ ئۇستازى ئۆچ كىشىلەر ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. ئۇستازلارنى ساقلاپ ساقلاپ تارقاپ كەتتۇق. ھەتتا لېكسىيە ئورنىنى تاپالمايدىغانلىقىمنى باھانە قىلىپ بىللە ئېلىۋالغان ئىنىمىزمۇ گەپكە قېلىشتىن قورقۇپ كېتىپ قالدى. چىگرا بۇ قەدەر مۇستەھكەم.

سورۇندىن ئۈمىدسىز، ئۈنسىز، ھالسىز ياندىم. لېكسىيەمدە «بىز» دەپ تۇرۇپ سۇئال سورىغان، تورلاردا مەن بىلەن «بىز» دەپ تۇرۇپ مۇنازىرىلەشكەن بىغۇبار كۆزلەر، قىزغىن يۈزلەر كۆزۈمگە شۇنچىلىك بىچارە كۆرۈندى. ئايرىم كۆرۈشكەن چاغدا سۆزلىرىدىن مىللەت، ئۈممەت، ئىلىم، ئىمان ئىبارىلىرى تۆكۈلۈپ تۇرغان ئۇستازلارنىڭ ئەمەلدىكى باشقىچە ئوبرازىدىن ئۈمىدسىزلەندىم. قۇتۇپلۇق تەپەككۇر ئۇلارنىڭ تىلىنى ئايەتكە كەلتۈرگەن بىلەن قەلبىگە قۇرئاننىڭ نۇرىنى يەتتكۈزمىگەن ئىدى. ھەممىنى ئاڭلىغانىدىم. مىسىر ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدىكى ئۇستازلار باش بولغان بۇ ئىختىلاپ، يەكلەش، چەكلەشلەرگە سەۋەپ بولغان زىددىيەتلىك پىكىر ئامىلى يوق، يۇرتۋازلىق ئامىلى يوق، پەقەت تالىشىدىغان شۆھرەتتىن، قۇتراۋاتقان ھەسەتتىن، كۇشكۇرتىۋاتقان خۇنۇكلۇقتىن باشقا ھىچ سەۋەپ مەۋجۇد ئەمەس ئىدى. ئېزىتقۇ ئافرىقا چۆلىدە سەرسان بۇ جامائەتنىڭ بىز دېيەلەيدىغان ئىماملىرى يوق ئىدى، ۋەتەنسىز بۇ مەسۇملارنىڭ بىزنى ئۆگىتىدىغان ئۇستازلىرى يوق ئىدى، ئۈمىدۋار بۇ كارىۋاننىڭ يولباشچىلىرىنى مۈگىدەك باسقان ئىدى.

 

ئىنكاسلار (2)

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش