سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئۇيغۇر دېيەلمەسلىك

ئۇيغۇر دېيەلمەسلىك

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

Brophy_Fig06_01_final-002

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

كىچىكىمدە ھېيتگاھنىڭ ئالدىدا مەدداھلار بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەزرەت ئەلى شاھىمەردان، روستەم پالۋان ھەققىدە ئاجايىپ تەسىرلىك رىۋايەتلىرى كىشىلەرنى سائەتلەپ بەنت قىلاتتى. مەھەللىمىزدىكى قىماۋازلارنىڭ ئاغزىدىن جەمشىت ھەققىدىكى قىسسىلەر سۆزلىنەتتى. ئەقلىمنى بىلگەندە جەمشىتنىڭ ئىران شاھى ئىكەنلىكىنى، رۇستەمنىڭ تۈركلەرگە قارشى جەڭ قىلغان فارىسلارنىڭ قەھرىمانى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. كىشىلەرنىڭ ئىران قەھرىمانلىرىغا چوقۇنۇشلىرى، بىلىمسىز، نادانلارنى تۈرك دېيىشلىرىدىن ئەسلى كىملىكىمىزدىن قانچىلىك ياتلاشقىنىمىزنى ھىس قىلغانىدىم. كۆزىمىزدە ۋەتىنىمىزگە قەدەم بېسىپ باقمىغان شەخسلەرنىڭ جەلىپكار مازارلىرى بار، ئېسىمىزدە تارىخىمىز بىلەن ھىچ ئالاقىسى بولمىغان قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى بار ئىدى. مەسىلەن، خوتەندە ئۇيغۇر بىلەن ھىچ ئالاقىسى يوق ئىرانلىق شەمسى تەبرىزىنىڭ مازىرى مەشھۇر، ئەمما قاراخانلار خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە خوتەندە ئىمانىنى قوغۇداش ئۈچۈن قارا قىتانلارغا باش ئەگمەي تىك تۇرۇپ شەھىد بولغان ئالاھىددىن مۇھەممەد خوتەنىنىڭ مەقبەرىسى نائىنىق. ئوپالدا بىزنىڭ توپراقلارنى قوغداپ جان بەرگەن قىلىچ بۇغراخاننىڭ قەبرىسى ۋەيرانە، ئەمما كەربالادا قەستكە ئۇچىرغان ئىماملارنىڭ رىۋايەتلىك ۋارىسلىرى مازارلىرىدا تاۋاپقا سازاۋەر. نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرنىڭ تىلىدا ياتلارنىڭ قەھرىمانلىرى قەدىرلىك، ئۇيغۇرنىڭ توپراقلىرىدا خەقنىڭ مازارلىرى ھۆرمەتلىك بولىدۇ؟ ؟ نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىسىدىن ئاپاقخوجا مەقبەرىسى ھەيۋەت، مۇھاپىزەتلىك، خېرىدارلىق؟

مەھمۇد قەشقەرنىڭ مەقبەرىسى جايلاشقان ئوپالئارت تېغىنىڭ چوقىسىدا ئوقۇرغا ئوخشاش بىر يەر بار. كىشىلەر دۇلدۇل ئوقۇرى دېيىشىدۇ. ھەزرەتى ئەلىنىڭ ئېتى باغلانغانمىش. كىچىكىمدىن شۇ رىۋايەتكە ئىشىنىپ، شۇ ئوقۇرنى يىراقتىن ئۇلۇغلاپ چوڭ بولغانمەن. ھەتتا شۇ ئوقۇرنىڭ ئەتراپىدىن ئانچە مۇنچە مەردەكلەرنىڭ قالدۇقلىرى ئۇچراپ ئېسىمدىكى ھەزرەتى ئەلى ئوبرازىنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ كۆرسىتەتتى. ئەقلىمنى تېپىپ ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا سوراشتۇرسام، ئەسلى ئەنجانباي سەبداشلىرى بىلەن گومىنداڭ ئارمىيىسى بىلەن ئېتىشقاندا شۇ «ئوقۇر» ئەتراپىنى ئىستىھكام قىلىپ ئىشلەتكەنىكەن. بۇنداق ھەقىقى ئۇيغۇر قەھرىمانلىرىنى ئۇنتۇپ يالغان رىۋايەتلەرگە چىنپۈتۈشنىڭ سەۋەپلىرى نېمە؟ مېنىڭ چۈشىنەلمەيدىغېنىم خەلقىمىز قاراخانلار خانلىقى دەۋرىدىكى تاجاۋۇزچىلارغا قارشى كۆرەش قىلغان ئاللاھىددىن مۇھەمەد خوتەنىنىغۇ ئۇنتۇپ قالسۇن، ۋەتىنىنى ياتلاردىن مۇداپىئە قىلغان قىلىچ بۇغراخانمۇ ئېسىدىن چىقىپ كەتسۇن، نېمە دەپ تېخى نەۋرىلىرى ھايات بولغان ئەنجانباي ئات باغلىغان يەرنى ھەزرىتى ئەلىنىڭ رىۋايىتى بىلەن چۈشەندۈرىدۇ؟ نېمىشقا دىيارىمىزدا تاقىغا ئوخشايدىغان يەرلەر ھەزرەتى ئەلىنىڭ دۇلدۇلىغا باغلىنىدۇ؟ نېمىشقا خەلقىمىزدە يالغان دۇلدۇل ھەققىدە نۇرغۇن رىۋايەت بارۇ نېمىشقا راست سۇتۇق بۇغراخان ھەققىدە ئۇنچە رىۋايەت يوق.

قاماقتا سۈرىيە، سومالى ۋە ئافغانىستانغا ھەۋەس قىلىدىغان، كاللىسىغا ھىجرەتتىن باشقا گەپلەر تەسىر قىلمايدىغان بىر ئىنىمىز بىلەن بىللە بولدۇق. ئادەتتە ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش ئىمكانىمىز يېتەرلىك بولمىغاچقا مۇڭدىشالمايتتۇق. كامىردا مەندىن بۆلەك ئەرزنامە يازغىدەك ئادەم بولمىغاچقا ساقچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن يارىدەملەشكەن بولدۇم. پاراڭلىرىمىز كۆرۈنىشتە ئەرز ھەققىدە بولغان بىلەن كۆپىنچە دەرت، ئەلەملەرگە ئۆتۈپ كېتەتتى. ئۇ مېنىڭ ھىجرەتكە شۇنچە پۇرسەتلىك بارماي، قايتىپ كەلگىنىمنى چۈشىنەلمەيتتى. ئۆزىنىڭ كالاشىنكونى ئېسىپ ئافرىقا چۆللىرىدە ياكى ئافغاننىستان تاغلىرىدا يۈرەلمىگىنىدىن ھەسرەتلىنەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن ئافغانىستانغا قانداق چىقماقچى بولغانلىقىنى سورۇغىنىمدا «ئۇچتۇرپاندىن،» دەپ جاۋاپ بەردى. ئەزر يازىدىغان قەغەزگە خەرىتىمىزنى سىزىپ ئۇچتۇرپاننىڭ ئافغانىستان بىلەن چىگىرلانمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈدۈم. ئەمما تۆرت ئايدا شۇ ھەقىقەتكە ئىشەندۈرەلمىدىم، چۈنكى بىر ئىلىملىك كىشى شۇنداق دېگەنىكەن. ئۇنىڭغا قايتىپ كېلىش سەۋەبىمنى چۈشەندۈرەلمەيدىغانلىقىمغا كۆزۈم يېتىپ « سەندەك پەندىن بىخەۋەر بالىلارنى ئوقۇتاي دەپ قايتىپ كەلدىم،» دەپلا قويدۇم. ئۇ، «بىز سىزدەك ناسارالاردا تەربىيەلەنگەن كىشىلەردىن ئالتە كۈنلۈك دۇنيادا ئەسقاتىدىغان مادداپەرەسلەرنىڭ ئىلىمىنى ئۆگەنمەيمىز، بىز ئىككىلا دۇنيادا ئىنساننى سائادەتمەن قىلىدىغان ئاللاھنىڭ ئىلىملىرىنى ئۆگىنىمىز،» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ پەن ۋە دىننى قوشۇپ ئوقۇتقان مائارىپ بەرپا قىلغانلىقىنى، ماتېماتىكا دەرسلىكى تۈزگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپتىمەن. كۆزۈمگە بىر قارىۋېتىپ «كىمۇ ئابدۇقاردىر داموللا دېگەن؟» دەپ سورىدى. بۇ قېتىم تېخىمۇ ھەيران قالدىم. «سەن ئۇيغۇر تارىخىنى بىلمەمسەن؟» دېسەم، «بىز دېگەن ئىسلام تارىخى ئۆگىنىمىز، ئىسلام! سىلەردەك تاغۇتلارنىڭ قولىدا ئىشلەيدىغانلار يازغان، تاغۇتلارنىڭ نەشرىياتى چىقارغان كىتابلارنى ئوقۇپ مىللەتچىلىككە پاتمايمىز» دېدى. تالاشقىم كەلمىدى، ئۆزىنى ئۇيغۇر ئەمەس دېسىمۇ ئەرزىنى ئۇيغۇرچە يېزىپ بەردىم.

ئىستانبۇلدا بىر يىغىن ئېچىلىپتۇ. يىغىندا ئۆلىملارنىڭ بىر جەمئىيىتى قۇرۇلماقچى بوپتۇ. جەمئىيەتنىڭ ئىسمىنى بېكىتىدىغاندا ئۇيغۇر سۆزىنى ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە تارتىشما بوپتۇ. ئاخىرى 12 گە قارشى 18 ئاۋاز بىلەن ئۇيغۇر كەلىمىسىنى ئىشلەتمەيدىغانلار ئۇتۇپ چىقىپتۇ. ئۇلارنىڭ زاكۇنىچە ئۇيغۇر دېگەن نامنى روسلار قويۇپ بەرگەنمىش. ئۇنداقتا «ئەلىشىر نەۋايى ئۇيغۇر باقشى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان» دېگەن تارىخنىمۇ مىرزا ھەيدەر كوراگان ئەمەس روسلار يازغانمۇ؟ 1911-يىلىدىن كېيىن نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت «تەرجۇمان»، «ۋاقىت» گېزىتلىرىدە «ئۇيغۇر بالاسى» دېگەن تەخەللۇستا ماقالە يازغاندا، بۇنىمۇ روسلار يازدۇرغانمۇ؟ ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تەخەللۇسىنى روسلار قويۇپ بەرگەنمۇ؟ شۇندىن كېيىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلارغا دىققەت قىلدىم. كۆپىنچە ۋەتىمىزگە دائىر خەۋەرلەردە ئاتامانلار مىللىتمىزنىڭ نامى ئورنىغا ئېكىس، ئېكىس مۇسۇلمانلىرى دەيدىكەن. ئويلاپ باقسام ئۇيغۇر دېيەلمەسلىك ، ئۇيغۇرلۇقتىن كەمسىنىش، ئۇيغۇرلۇقنى يوشۇرۇشمۇ يېڭىلىق ئەمەسكەن. ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ئۇيغۇر دېيەلمەيۋاتقانلار چەتئەلدىلا ئەمەسكەن، ۋەتەندىمۇ پارتىيە ئەزالىرى ئۆزىنى ئۇيغۇر دېمەي مىللىي كادىر دەيدىكەن. يۈرتىمىزنى مىللىي رايۇن دەپ ئاتايدىكەن. پارتىيىلىك ئۇيغۇر رەھبەرلەر مىللەتچى ئاتىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇيغۇر جامائەتنى «ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى» دەپ تىلغا ئالىدىكەن. بولۇپمۇ بىر رەھبەرنىڭ «تىل يوقالسا نېمە بوپتۇ، تۇڭگانلارنىڭمۇ تىلى يوققۇ؟» دېگەن سۆزى ھازىرغىچە يايغىن. ئۇيغۇرلۇقنى ئىنكار قىلىپ مۇسۇلمانلىقنى تەرغىپ قىلىۋاتقانلارنىمۇ توغرا چۈشىنىمەن، بەلكىم ئۇلار تۇڭگانلارنىڭ شۇنچە، ئىناق، تىنچ، ئازادە ياشاۋاتقانلىقىغىدىن ئىلھام ئالغان بولۇشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئىنكاسلار (1)

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش